قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1911|ئىنكاس: 8

ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

290

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   96.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29662
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 16:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ
مەھبۇبە مۇنىردىن

           كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يەتتە ياشلىق قىزىم ماڭا بىللە رەسىملىك كىتاب كۆرەيلى، دەپ تۇرۇۋالدى. مەن بولىدۇ، دېدىم-يۇ، ئۈندىداردىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي، يانفۇنۇمغا قاراپ ئولتۇرۇۋەردىم.
  -ئانا قاراڭ، ماۋۇ رەسىمدىكى ئاسلانچاق بەك ئوماقكەن-ھە، بۇ خەتنى نېمە دەپ ئوقۇيمىز؟ ئوقۇپ بېرىڭا،- دېدى قىزىم تاقەت قىلىپ بولالماي.
  -ھە مانا، ھازىر ئوقۇپ بېرەي، سىز ئاۋۋال تونۇيدىغان خەتلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇڭە قىزىم،- دېدىم يانفۇندىن بېشىمنى كۆتۈرمەيلا. قىزىم رەسىملىك كىتابىدىكى خەتلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، يەنە تونۇمايدىغان خەت ئۇچرىغاندا مېنى چاقىراتتى. مەن شۇ خەتنى ئوقۇپ بېرىپلا يەنە يانفۇنۇمدىكى مەزمۇنلارغا قارىۋالاتتىم.
  -ئانا، تېلېفوننى ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟! –دېدى قىزىم تويۇقسىز ئۈنلۈك ئاۋازدا. قىزىمنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. قىزىمنىڭ جىددىي تۈس ئالغان چىرايى، ماڭا نەشتەردەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ، يۈزۈم خىجىللىقتىن ئوت ئالدى.
  شۇ ئاخشىمى بىر ۋاققىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلەتكەندىن بۇيان بىلىپ-بىلمەيلا ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالدىم. ئەتىگەندە كۆزۈمنى ئاچقاندىن تارتىپ كەچ بېشىم ياستۇققا يەتكۈچە ئۈندىداردىكى «پەيلاسوپ»،«دوختۇر»،«شائىر»، «يازغۇچى» دوستلىرىم  ئەۋەتكەن ئېسىل مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، «قوللاش»نى بېسىپ ئۈلگۈرىمەن. بەزى كۈنلىرى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مۇشۇنداق ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا يانفۇنغا دۈم چۈشۈپ، قىزىمنى رەنجىتىپ قويىمەن.
  بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. يانفۇن ئوينىغاچ بالىڭىزغا ھەمراھ بولغىنىڭز، لاياقەتسىزلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. كومپيۇتېرئوينىغاچ بالىڭىزغا ئاغىزىڭىزنىڭ ئۇچىدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ قويغىنىڭىز، ھەرگىزمۇئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئەمەس! بەلكىم سىز كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمسىز، بىراق بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئائىلە تەربىيىسىدىكى كەمچىلىكلىرىڭىزنى ھەرگىز تولوقلىيالمايدۇ، ئەۋەتتە.
  تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا قاراپ پىچىرلىدىم: مېنى كەچۈرگىن قىزىم!بۈگۈندىن باشلاپ يانفۇن ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىمنى سىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىش،بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىشكە ئاتايمەن، ھەقىقىي لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن! شۇ بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن زايا قىلىۋەتكەن كۈنلىرىمنى قايتۇرۇپ بېرەلمىسەممۇ، كېيىنكى كۈنلەرنى زايا قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.

مەنبە:«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»،2014-يىلى 28-مارت

0

تېما

0

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29811
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 12:42:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايــتى ياخشى تېمىكەن.ئاتا-ئانا بولغۇچى كەسىپـتە قانچىلىك مۇۋاپىقيەت قازىنىشدىن  قەتتىنەزەزر پەرزەنتلىرنى ياخشى تەربىيەگە ئېگە قىلالمىسا ئۇ مەڭگۈ بىر مەغلۇپ بولغۇچىدۇر !!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

3

دوست

2241

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 13:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىفون ئويناش ئومۇمىي يۈزلۈك ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى ھازىر....

تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە يازمىكەن....

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 14:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتىن باشقا يەنە نىمە ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىمىز باردۇ؟

0

تېما

0

دوست

197

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29189
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 18:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز .دىمىسىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار ھەممىمىزدە بار،باللىرىمىزنى ياخشى تەربىلەشنىلا ئويلايمىز گاھىدا بىلىپ -بىلمەي كۆڭۈل بۆلەلمەي قالىمىز.تېمىڭىزغا رەھمەت.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3237
توردىكى ۋاقتى: 834
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 13:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خوتەندە ئۈندىدار تورغا ئۇلىنامدۇ؟

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29889
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 17:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىددىيە ھەقىقەتەن ياخشىكەن.كۆپلىگەن تېلىفۇنخۇمار،مەسئۇلىيەتسىز ئانىلارنىڭ موشۇ ماقالىنى كۆرۈپ قويۇشىنى ئۆمۈت قىلىمەن

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4406
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 17:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىلفوننى ئىلىۋالسا ئەتىسىگىچە ئۇيقۇسى قانماي قارىداپ كەتسە يەنە دۇختۇرغا قاترىغان...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )