مەنىسى ئوخشاشمايدىغان”يىپەك يوللىرى “
كونيۇكسىيە ئۇيۇشمىسى ئۇچرىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى،ئۇچرىشىشتا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىندىغىنى ۋە ئەڭ ئاسان ئەسكە ئېلىندىغىنى”يىپەك يولى “دىگەن قەدىمىي ئۇقۇم.كونيۇكسىيە ئيۇيۇشمىسىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى،كۆزەتكۈچى دۆلەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ يىپەك يولىغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تىزىق مارجان،جۇڭگو يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى،ئۆزبىكىستان بىلەن قازاقىستان ئۆز-ئارا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇپ شىمال ئىككى يولىدىكى ئۆتەڭ،روسىيە ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەت ئىران بولسا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ نىشانى.ھەتتا كۆزەتكۈچى دۆلەت بۇلۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زوڭتوڭنى ئەۋەتكەن ئەرەب دۆلىتىمۇ، ئىلگىرى جاڭچىيەن دەۋرىدىلا جۇڭگو-چەتئەل مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى تۇتاشتۇرىدىغان تونىلغا ئايلانغان،يىپەك يولىنىڭ بىر ھالقىسى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. " يىپەك يولى "نى تىلغا ئالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپ. جۇڭگو دەيدۇ :خۇجىنتاۋ جۇشى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى،ھەر قايسى كونيۇكسىيە ئەزا دۆلەتلىرى تۈمۈر يول،تاشيول،ئاۋىئاتسىيە،تېلېگىراف،ئېلىكتىر تورى ،ئىنىرگىيە يولى ئۆز-ئارا تۇتىشىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار قەدىمىي يىپەك يولىنى تېخىمۇ يېڭى مەزمۇنغا ئىگە قىلىدۇ. روسىيە دەيدۇ:روسىيە كۆپ قېتىم قۇرۇلۇش جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيەدىن گىرمانىيەنىڭ دۇيىسبورگ غا ئۇدۇل يىتىپ بارىدىغان ،ھەمدە ياۋروپا تۈمۈر يول تورى ۋە پورتلىرىغا تۇتىشىدىغان”ئوتتۇرا ياۋروپا تىرانسىپورت كارىدورى “نى “يېڭى يىپەك يولى “دەپ ئاتىدى،ھەمدە روسىيە”يېڭى يىپەك يولى “دا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دەيدۇ:قازاقىستان ئۆتكەن يىلى جۇڭگو-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە”يېڭى يىپەك يولى “ئوبورت سېستىمىسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يۈگلەك ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈزۈپلا قالماي يەنە بىر قاتار تەسىرى چوڭقۇر يىپەك يولى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلگەن،ئۆزبىكىستان يېقىندا شاڭخەيدە”يېڭى يىپەك يولى “فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن.6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە يىپەك يولى تىنچلىق سەپىرى يىغىنىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر دەيدۇ:ئۇلارنىڭ سىياسىي ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىمۇ كونا يېڭى يىپەك يولىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ھەتتا ئامېركىمۇ مۇنداق دەيدۇ:ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئامېركا ھۆكۈمىتى”يېڭى يىپەك يولى “پىلانىنى رەسمىي ئوتتۇرغا قويدى،دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون تاجىكىستان،ئۆزبىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە”يېڭى يىپەك يولى “پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سەييارە زىيارەت ئېلىپ باردى. ھەممىسى”يېڭى يىپەك يولى ، “بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا قانداق ئوخشىماسلىق بار. "ئوخشاش"تەرىپىنى چۈشىنىش ئاسان:يىپەك يولى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئقتىساد،مەدەنيەت تۇتاشتۇرىدىغان،ھەتتا سىياسىيەت ئالماشتۇرىدىغان ئالاقىلىشىش تونىلى.ھەممىسىنىڭ مەقسىدى ئورتاق،مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى”يىپەك يولى “دىگەن بۇ ۋاستە ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ،ئورتاق كۈچنى راۋاجلاندۇرۇش،شۇنىڭ ئۈچۈن قايسى نۇسخىدىكى يىپەك يولى بولسۇن”تۇتاشتۇرۇش “دىگەن گەپنى تەكىتلەيدۇ ۋە كۈچ چىقىردىقان نۇقتسىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە. “ پەرىقلىق " دىگەن تەرىپىمۇ پەقەتلا”قانداق تۇتاشتۇرۇش “دىگەن مەسىلىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ئۈمۈت قىلغان”يېڭى يىپەك يولى “كونيۇنسىيە ئۇيۇلمىسىنىڭ قاتناش،تېلېگىراف،ئېلېكتېر تورى،ئىنىرگىيە يولى ئۆز-ئارا تۇتىشىش،بانكا ئېچىش،ئاشلىق بىخەتەرلىك ھەمكارلىشىش مېخانىزىمى،ئۇرۇق ئىسكىلاتى ۋە دېھقانچىلىقنى كېڭەيتىش بازىسى،ئىنىرگىيە كۇلۇبى،سودا مدبلەغ قۇلايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىساد ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇش مېخانىزىمى،پەن-تېخنىكا،مەدەنىيەت،مائارىپ،سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ بىرلىشىپ،كونيۇكسىيە قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ۋە تېخىمۇ راۋان ئالماشتۇرۇشنى ھاسىل قىلىش.ياۋروپا-ئاسىيا ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ يېقىن ،ئەڭ قولايلىق يول تۇتاشتۇرۇش ۋە تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ چىگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش. روسىيەنىڭ”يېڭى يىپەك يولى “توغرىسىدىكى مەقسىدى يۇقارقىدىن باشقا يەنە”يېڭى يىپەك يولى “ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش.شۇڭا روسىيە كونيۇكسىيە سۇپىسىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماي يەنە”ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى “نى ئاكتىپلىق بىلەن قوللايدۇ،نەچچە قېتىم كونيۇكسىيەگە”ئورتاق مۇداپىيە “نى قوشقان. ئوتتۇرا ئاسىيەدىكى بىرقانچە دۆلەتلەر بولسا ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى،تۇتاشتۇرۇش ئۇلارغا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار ئۈمۈت قىلغان”يېڭى يىپەك يولى “بولسا تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان تۇتىشىش تونىلى،شەرىق ۋە غەرىپكە تۇتاشقان،يەنى جۇڭگو-روسىيە ۋە ياۋرو ئامېركىغا تۇتاشقان بۇلۇش،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسا بۇ ئارقىلىق ئۇتتۇردىكى”ساھىبخان “ لىق پايدىسىغا ئىرىشىدۇ.بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدىمۇ،يېڭى يىپەك يولى ئۇقۇمىدا ئازراق پەرىق بار.قازاقىستاننىڭ ئارمىيە ئىدارىسى ئېنىقلا غەرب ھەم ياۋرو ئاسىيا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسىگە بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى،ئۆزبىكىستاننىڭ بولسا مۇستەققىللىق ئىدىيىسى تېخىمۇ كۈچلۈك،ھەمدە روسىيە ئامېركا ھەربىي ئىشلار بازىسى مەۋجۈت،مەسىلەن ئۆزبىكىستان،ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئادەمنى تېخىمۇ ئويلاندۇرىدۇ. ئىران دىن ۋە يادرو مەسىلىسى سەۋەبىدىن يالغۇز ھالەتتە تۇرىدۇ،ھەمدە ئۆزىدە بىخەتەرلىك كىرزىس تۇيغۇسى بار،”يېڭى يىپەك يولى “ ئۇقۇمىغا تاينىپ بۇ خىل ياغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.ئافغانىستان كابۇل مەمۇرى ئىچى ئەنسىز تېشى پاراكەندە، شىمالى ئىتتىپاقداش ئارمىيەمۇ ئەسكەر چىكىندۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا،”يېڭى يىپەك يولى” ئارقىلىق رايۇن ھەمكارلىقىغا قىستۇرلۇپ كىرىۋىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئامېركىغا كەلسەك،ئۇنىڭ “يېڭى يىپەك يولى”پىلانى ئۈستىدىكى مۇلاھىزىسى بولسا ئافغانىستاننى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ،جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي بىرلىككە كىلىش ۋە رايۇن ئاتلىغان سودىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش.بۇ خىل "يېڭى يىپەك يولى" يا ياۋروپاغا تۇتاشمايدۇ يا جۇڭگوغا بىرلەشمەيدۇ،لىكىن ئامېركىنىڭ جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى،دۆلەت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئچكىرى رايۇنلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش يولىنى تۇتاشتۇرۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبى ئاسىيانى بىرلەشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلايدۇ،ئۇنىڭ سىتراتېگىيە مەقسىدى ناھايىتىمۇ ئېنىق. ھەرخىل نۇسخىدىكى "يېڭى يىپەك يولى"نىڭ ئۆز ئالدىغا مەقسىدى بار،ئەمەلىيەتتە ھەممىسى يىتەكچىلىك ھوقۇقىنى تالىشىدۇ،ھەممىسى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىتراتېگىيە پايدىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.بەزى دۆلەتلەر ھەتتا رىقابەتچى دۆلەتلەرنى سىقىپ چىقىرۋىتىشنى ،ھېچ بولمىغاندا چەتكە چىقىرىپ قۇيۇشنى ئويلايدۇ. كونيۇكسىيە ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇچرىشىشنىڭ تەسىرى ئەسلى تەڭپۇڭ بۇلىشى”،يىپەك يولى”غا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مەپەئەتىنى ۋە ئاساسلىق نۇقتىسىنى تەڭشىشى،ئوخشاشمايدىغان"يېڭى يىپەك يوللىرى"نىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق سانىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك . قەدىمىي يىپەك يولى ئەگرى توقايلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرغىچە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولدى،بۇ جەرياندا تۇتىشىشمۇ ئۈزۈلۈشمۇ بار،ئېسىل تاۋار-دۇردۇنلار ۋە ئۇرۇشلارمۇ بار.تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە راۋان ،تىنىچ ،گۈللەنگەن،ئۇزۇن مۇددەتلىك "يىپەك يولى"نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چۇقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ،ھەمدە ئوخشاشمايدىغان نۇسخىدىكى،ئوخشاشمايدىغان مۇھىم نۇقتىدىكى،ئوخشىشمايدىغان مەنپەئەت چىقىش نۇقتىسىدىكى “يېڭى يىپەك يوللىرى”نىڭ ماس ھالدا بىللە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى. باغداش تورىغا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
مەنبە:http://taoduanfang.blog.163.com/ ... 132012527112028296/
|