بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-23 11:00
دىيارىمىز ئالىي-ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئىككى تەكلىپ
ئاپتور: بىلگەجان
ئامېرىكا ئالىي مائارىپىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم. مەن ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجىرىبىلىرىم ئاساسىدا، دىيارىمىزدا قوللىنىشقا تامامەن ماس كىلىدىغان ئىككى مۇھىم تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
1-تەكلىپ: ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ «بايقاش كۈنى» پائالىيتى يولغا قويۇش
مەسىلە: نۆۋەتتە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 9.4 مىليون ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋەللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تەققازالىق بىلەن كۈتمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگەتكۈچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلىرى ئويلاپ يەتكۈسىز زور بېسىملارنى باشتىن كەچۈرىدۇ ۋە بۇ ئەمەلىيەت ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ جىددىيلىكى يەنىلا پەسەيمەيدۇ، ئەكسىچە ئارزۇ توشقۇزۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر مۈشكۈل ۋەزىپە ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. بىلىشىمچە، كۆپ سانلىق تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقوغۇچىلارغا قانداق ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاش ۋە ئالىي مەكتەپتە قانداق كەسىپنى تاللاش توغرىسىدا تەپسىلي چۈشەنچە بېرىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ، ئىمتىھان تۈگىگەندىن كىيىن ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا تۇنجى قېتىم تاشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار 1-تۈركۈم، 2-تۈركۈمدىكى مەكتەپ دېگەندەك ئالدىن بېرىلگەن كاتاگورىيىلەر بولغاچقا، ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ياخشى-يامانلىقىغا قارىتا مەلۇم دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كەسىپ تاللاشتا زور قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرى ھەققىدە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ زادى قانداق كەسىپ ئىكەنلىكى ۋە بىر-بىردىن بولغان پەرقى ئۈستىدە ئوقوغۇچىلارنى تەپسىلىي، سىستىمىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇنلىغان ئوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشىنىڭ بىلەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە كەسىپلەرنىڭ زادى قانداق كەسىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ مەسلىھەتى ياكى ساۋاقداشلىرىدىن ئاڭلىۋالغان توغرا ۋە نوپۇزلۇق بولمىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا تايىنىپ كەسىپ تاللايدۇ. كۆپىنچىلىرى ھەتتا مەكتەپنى تاللاشقىلا ئىتىبار بېرىپ، كەسىپ تاللاشقا دېگەندەك ئىتىبار بەرمەيدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئاخىرىدا ئوتتۇر مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان مەكتەپ ۋە كەسىپتىن مەھرۇم قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئوقوغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۆزى تاللىغان كەسىپنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئارزۇ تولدۇرغاندا ئويلىغان كەسىپ ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسىپ ئالمىشىشنىڭ بىر قەدەر تەسلىكى بىلەن ئۆزى قىزىقمىغان ۋە خالىمىغان بىر كەسىپتە ياشلىق ۋاقتىنى، زېھنىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى سەرىپ قىلىپ تۇرۇقلۇق، قىزىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بىر مەسىلىدۇر.
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىدىن بىر ئۈلگە:
گەرچە ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى نۇرغۇن جەھەتلەردىن جۇڭگو ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە كەسىپ تاللاشقا ياردەم قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى جۇڭگودا ۋە دىيارىمىزدا قوللىنىشقا تامامەن بولىدۇ. ھېچبولمىغاندا، ئۇنىۋېرستېتلار جايلاشقان شەھەرلەردە ئالدىن سىناق قىلىپ كېڭەيتىشكە تامامەن ماس كىلىدۇ. مەن ئامېرىكىدا بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، 2011-يىلى 3-ئايلاردا فاكۇلتىتىمىزنىڭ مۇدىرىدىن تۇنجى قېتىم بىر پارچە ئۆتۈنۈش خېتى تاپشۇرۋالدىم. بۇ خەتتە فاكۇلتېت مۇدىرى مېنى بىر شەنبە كۈنى فاكۇلتىتىمىزدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا تەجرىبىخانىمىزنىڭ ئەھۋالىنى 20 مېنۇتتا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىشىمنى ۋە بىر چۈشتىن بۇرۇن جەمئىي 5 گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار زىيارەتكە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ يىتەكچى پىروفىسورۇمنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى يېرىم ئوقۇغۇچىلارغا پىروفىسورۇم، يەنە قالغان يېرىمىغا تەجرىبخانىمىزدىكى بىر ئامېرىكىلىق دوكتور ئوقۇغۇچى سۆزلىگەن بولۇپ، زىيارەتكە كەلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىردەك ھالدا ياش دوكتور ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى بەكرەك ياقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلىدىن باشلاپ فاكۇلتىتىمىز پىروفىسورلارنى ئەمەس، دوكتور ياكى ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەتتە بولغان ئاتا-ئانىلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇ تەجىرىبىخانا ۋە كەسپىمىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بوپتۇ. مەن شۇنداق قىلىپ 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئۇدا 3 يىل شۇ شىتاتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز كەسپىم، قىلىدىغان تەتقىقاتلار ئۈستىدە سۆزلىگەچ فاكۇلتىتىمىزدىكى كەسىپلەرنى بىر قۇر قىسقا تونۇشتۇرۇپ چىقتىم ۋە ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم. بۇ خىل پائالىيەت ئادەتتە «بايقاش كۈنى، Discovery Day» پائالىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قىزىققان كەسىپلەر بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە بىرىپ بىۋاستە كۆرۈپ ۋە شۇ يەردىكى پىروفىسورلار ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە توغرا بولغان چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى كەسىپلەر توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ.
تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى «بايقاش كۈنى» پائالىيىتىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر:
تەكلىپ: ئۈرۈمچىنى مىسال قىلسام، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بىر يىل بۇرۇن ياكى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ مەلۇم شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر ياكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالدىنئالا دېيىشىپ قويۇپ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش «بايقاش كۈنى» پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرسا تامامەن بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرمۇ ھەقىقىي قىزىقىشى كۈچلۈك، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئىكىسكۇرسىيە پائالىيىتىنى قوللىشى ئەقىلغا سېغىدۇ. بۇ پائالىيەت ھەقسىز بولۇشى، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئۇستازلار ۋاقىت چىقىرىشى، ماشىنا ئاجرىتىلىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ماسلىشىپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى لازىم بولىدۇ. مەن بۇ خىل پائالىيەت ئوتتۇر مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقوغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرىنى بىرىنچى قول، نەق مەيداندا كۆرۈپ چۈشىنىشىگە زور ياردىمى بولىدۇ ۋە تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش دەپ قارايمەن.
بۇ تەكلىپىم مائارىپ تارماقلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغامدۇ-يوق، بىلمەيمەن. ئەمما سىز بىر ئاتا-ئانا بولسىڭىز ياكى تولۇق ئوتتۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز، بۇ تەكلىپ چوقۇم دېققىتىڭىزنى ۋە مەيلىڭىزنى تارتىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن مۇشۇ خىل پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىپ كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى ئازايتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ھەقىقىي قىزىققان كەسىپنى بايقىشىغا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ياخشى كۆرىدىغان كەسىپكە كىرىپ ياخشى ئوقۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
2-تەكلىپ: ئالىي مەكتەپلەر «تەتقىقات كۇرسى» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇش
مەسىلە: ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاسپىرانتىلىق مائارىپى تەتقىقاتنى ئاساس قىلىدىغان، مائارىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مائارىپ بولۇپ، ئىلمىي ساھەلەردىكى يېتىشكەن ئىقتىساس ئىگىلىرى، مەخسۇس خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئاسپىرانتلارنىڭ سانى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆپ بولۇپ، ئاللىقاچان داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق مائارىپ شەكلى بولۇپ قالغان. جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدە، جۈملىدىن دىيارىمىزدا ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم تەتقىقات ساھەسىدىكى دۇنياۋى يېڭى بىلىملەرنى چۈشىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن.
ئامېرىكىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان «تەتقىقات كۇرسى»دىن بىر ئۈلگە:
مەن يېقىندا بىر قىسقا مۇددەتلىك «تەتقىقات كۇرسى ، Workshop» قا قاتنىشىپ قالدىم ۋە بۇ بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىشتىن نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىتىم. مەن تۆۋەندە بۇ پائالىيەتنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ بۇ خىل پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن:
بۇ پائالىيەت مەن دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا تېكسا ئۇنىۋېرستېتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سان ئانتونىيو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى (بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى ئىكەن). بۇ بىر ھەپتىلىك قىسقا تەتقىقات كۇرسىنىڭ نامى «ھامىلە بىئولوگىيىسى تەتقىقاتىدىكى ئىلگىرىلەشلەر» بولۇپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە، بىرازىلىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، ھېندىستان، گوللاندىيە... قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 30 غا يېقىن ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانىت ئوقوغۇچىلار ۋە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلار ۋە بىر نەپەر كانادىن كەلگەن ياش ياردەمچى پروفىسور قاتناشتى. بۇ قىسقا كۇرس شۇ ساھەدىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، باشلامچى ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە سۆزلىتىش، شۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى فاكۇلتىتتىكى پىشقەدەم پىروفىسورلار ئۆز تەتقىقاتىدىن لىكسىيە سۆزلەش، تەجىرىبخانىدا نەق مەيداندا تېخنىكىلارنى كۆرسىتىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش، تەتقىقات تۈرى پىلانى يېزىش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلار بويىچە بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىش ۋە قىسقا تەتقىقات پىلانى يېزىپ چىقىش، كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش ھەققىدە مۇتەخەسىسلەر لىكسىيە سۆزلەش ۋە يۈز-تۇرانە ئىمتىھان تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش، تەرجىمىھالنى قانداق يېزىشنى ئۆگىتىش ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى باھالاش، ئىلمىي ئەخلاق تەربىيىسى لىكسىيەلىرى، شۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ مەسلىلەر ۋە تېخنىكىلىق قېيىنچىلىقلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بېرىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، شۇ ساھەگە چېتىشلىق ئاساسىي تەتقىقاتلارنى قانداق قىلىپ كېسەل كارۋىتىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تېخنىكىلارغا ئايلاندۇرۇش، تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىغان ئوخشىمىغان ھايۋانات مودىللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىكلىرىن تەھلىل قىلىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا شۇ شەھەرگە جايلاشقان «دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنلار) تەتقىقات مەزكىزى»دە مەخسۇس زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇش …. قاتارلىق ئىنتايىن مول مەزمۇنلاردا ئىلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتكە ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستېتى، ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردىكى دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە ئالىملار تەكلىپ قىلىنىپ لىكسىيە بەردى. بۇ شەنبە-يەكشەنبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كۈن جەريانىدا ئەتىگەن سائەت 7:30 دىن كەچ سائەت 9:30 غىچە لىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۇرس تۈگىگەندە قاتناشقۇچىلارغا تەربىيىلىنىش شاھادەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا ئۈچ ۋاق تاماق، ياتاق قاتارلىقلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەكتەپلىرى تەرىپىدىن تۆلەپ بېرىلىدىغان 500 دوللار پۇلدىن چىقىم قىلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۆزىمىز ھەق تۆلىمەيلا بىر ھەپتە جەريانىدا ئۆز ساھەيىمىزدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەسىپداشلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش، يېڭى تېخنىكىلارنى قول تىقىپ ئىشلەش قاتارلىق تىپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشتۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك، مول بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق.
تۆۋەندىكىسى مېنىڭ بۇ پائالىيەت جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلىرىم:
بۇ بىر ھەپتىلىك قىسقا كۇرستىن يەنە بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر:
تەكلىپ: گەرچە شارائىت چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدا مۇشۇنىڭغا دەل ئوخشايدىغان پائالىيەتلەرنى دائىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسانغا توختىمىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ ھەر قايسى كەسىپ ساھەلىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلىنىۋاتقان ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىنى، بىلىمىنى ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بەرسە بۇنىڭ ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا، مائارىپنىڭ مۇھىملىقى تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان بىر دەۋىردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن مۇشۇ تېما ئاستىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىدىكى تەكلىپلەرنى ۋە رايونىمىز مائارىپ سۈپىتنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ۋە قوللىنىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغان باشقا پىكىر-تەكلىپلەرنى مۇنازىرە قىلىپ باقساق دەيمەن.
بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، ھېچقانداق رۇخسەتسىز ھالدا مۇناسىپ كىلىدىغان بارلىق ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. رەھمەت!
|