قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7447|ئىنكاس: 40

يىڭى بايقاش:40 مىڭ يىل بۇرۇنقى قەبىلىلەرنىڭ DNAسى ئۇيغۇردىن تىپىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

25

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 14:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 08:56  

نۆۋەتتە ھۆرمەتلىك تورداشلارنى ، پۇتۇن ئۇيغۇرلارنى، ھەم ئىلىم پەن ئەھلىنى تاڭ قالدۇرغىدەك يىڭى بايقىلىش بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقماقچىمەن

    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ پەلسەپىۋى نەزىريەسى بويۇنچە دۇنيادىكى تۇنجى ئىنسانلارنىڭ مايمۇندىن<تەدرىجى تەرەققى>قىلىپ دۇنياغا تارقالغانلىقى ، تۇنجى ئىنسانلارنىڭ جۇملىدىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئەسلى ئافرىقىدىن قاراتەنلىك سۈپتىدە تارالغانلىقى داۋراڭ قىلىنغان ئىدى.كىيىن يارىتىلىش ھەقىقىتى ئىلىم پەن ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ماتىريالىستىك نەزىريە چۆكۈشكە باشلىغاندىن كىيىن يىڭى تەتقىقاتلار نەتىجسىدە ياۋرۇپالقىلار ، ئامىركىلىقلار ۋە روسيەلىكلەرنىڭ ئەجدادىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيەدىن تارقىغانلىقى نەزىريەسى بۇنىڭدىن خىلى يىللار بۇرۇن ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.ئەمدىلىكتە بۇ نەزىريە قەغەز يۇزىدىكى قۇرۇق گەپلا بولۇپ قالمىدى.بۈگنكى كۇندە ئۇنىڭ پەن تىخنىكىلىق ئىسپاتى ئوتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ.
تارىخچىلىرىمىز ۋە چوڭلار ئارىسىدا <ياۋرۇپالىقلار ۋە  تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرلارغا بىرىپ توختايدۇ>دىگەندەك ئاغزاكى پاراڭلار بولىدىغان.ئەلۋەتتە بىزدە بۇنى ئىسپاتلىيالىغىدەك ئىلىم پەن تەتقىقاتى بولمىغاچقا بۇ پاراڭلار قۇرۇق سەپسەتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ھەرقانداق نەزىريەنىڭ ياكى ئەپسانىنىڭ بىر ئىلمىي ئاساسىي بولۇدۇ ئەلۋەتتە.
images (2).jpg

     ئامىركىنىڭ نوپوزلۇق ئىلىم پەن تەتقىقات جەمىيتى ناتىئونال گىئوگراپىك (national geographic)ئۇزۇن يىل ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ئامىركىلىقلارنىڭ،(ئىندىئانلار،پورتۇگاليەلىكلەر،ئىسپانيەلىكلەر ۋە ئىنگىلىسلار) ياۋرۇپالىقلارنىڭ (گىرمانلار،ئىتاليەلىكلەر،فرانسوزلار قاتارلىق )ۋە روسيەلىكلەر (روسلار،كافكازلىقلار،سىبىرلىقلار) قاتارلىق 1 مىليارتتىن كۆپ غەرىپلىكلەر بۇنىڭدىن 40 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيەدىن تەدرىجى ياۋرۇپاغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە يىڭى بايقاشلارغا ئىرىشكەن. ئامىركا ،ياۋرۇپا ۋە روسيە مىللەتلىرى ئېرقىنىڭ گېنىتىك
   قۇرۇلمىسىDNAسىدىكى E شەكىللىك ھۈجەيرە تەگلىكى پەقەت كىشىنىڭ ئېرقى تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان DNA تۈرى بولۇپ بىر مىللەتتىكى ھۈجەيرە تەگلىكىنىڭ DNA شەكلى يەنە بىر مىللەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ۋە شۇ مىللەت باشقا مىللەت بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتمىغان (چاڭلاشمىغان)ئەھۋال ئاستىدا تەۋە بولغان DNA شەكلىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ.
   ناتىئونال  گئوگراپىك تەتقىقات مەركىزى قىدىمقى قەبرىلەردىن ۋە يەرلىكلەردىن ياۋرۇپا ۋە ئامىركا ئېرقىنىڭ DNA شەكلىنى بىكىتكەندىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كىلىپ ئىران،ئافغان،قىرغىزستان،ئۆزبىكىستان،قازاقىستان،ئچكىرى ئۆلكىلەر ،مۇڭغۇللار، تۈرۈكلەر ،ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىكى مىللەتلەردىن 2000 مىڭغا يىقىن كىشىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىلىپ بارغاندا بۇ قىدىمقى DNA شەكلى قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇردا تىپىلىدۇ.

journey-2.jpg

   تىپىك ئۇيغۇر سىماسىنى ۋە ئۆرپ ئادىتىنى ساقلاپ قالغان قازاقىستان پۇخراسى نىيازۇپ فامىلىلىك بۇ يىگىت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پروپپىسور سپېنسېر ۋېللىس ( Prof: Spencer Wells)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.  تەتقىقات جەمىيتى ناتىئونال گئوگراپىك بۇ توغرۇلۇق ھۆجەتلىك فىلىم ئىشلەپ ئۆزنڭ خەلقارالىق مەشھۇر تىلۋىزيە قانىلىدا ئىلان قىلدى
.قىسقىچە تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن كۆرۇڭ:
http://www.dailymotion.com/video/x203jkb_en-eski-dna-uygur-turk-te-bulundu_webcam

http://vimeo.com/98980817
ھۆججەتلىك فىلمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى:
   ئىنسانىيەتنىڭ مەلۇم بولغان ئەڭ قىدىمقى يىلتىزى ئوتتۇرا ئاسيەدە ھازىرغىچە ياشاۋىتىپتۇ. بۇ مۆجىزە ئەمدى دۇنيا تارىخىنى قايتىدىن يىزىشقا يول ئاچىدىغان بولدى. بىز ھازىرغىچە ياۋرۇپا ئېرقىنىڭ يىلتىزى يوقالغان، ئۇنى تىپىش مۇمكىن ئەمەس دەپ يۈرۈپتۇق.ئوتتۇرا ئاسيالىق بۇ ھەيۋەتلىك قەبىلەلەر زادى قەيەرلەرگە كۆچكەندۇ؟ تەتقىقات نەتىجىمىز ئاجايىپ كەشپىياتلارنى قولغا كەلتۇرۇشكە مۇۋەپپەق بولدى. ھەممىلا يەردە بىر يىپ ئۇچى باردەكلا تۇيۇلۇدۇ. ياۋرۇپادىن ئاسىياغىچە ، جەنۇبى ۋە شىمالى ئامىركىدىن باشلاپ مىللەتلەر ئېرقىنى تىزىملاپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە يىڭى بىر سىر يىشىلدى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيا مەدىنىيتىنىڭ بۆشىگى ئىدى.
    ئادەمنىڭ چىراي شەكلىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولۇدۇ. سىز بىلەلەمسىز؟ مىنىڭ ھازىر نەدىلىكىمنى بىلەمسىز؟ ياۋرۇ ئاسيىا قىتئەسىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپتىمەن. جۇڭگۇ بولسا نەچچە يۈز كىلومىتىر شەرىقتە.غەرىپ تەرىپىمدە ئاۋغانىستان بار.مەن بۇيەرگە ئالاھىدە بىر ئىش بىلەن كەلدىم.2000 ئاسىيالىقنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ئارىسىدا ئالاھىدە بىر ئېرق بار ئىدى. ئىسمى: نىيازۇپ.
   تەخمىنەن 40 مىڭ يىل بۇرۇن مۇشۇ يەردە ياشىغان قەبىلىلەرنىڭ DNA قان ئەۋرىشكىسى نىيازۇپتا تىخىچە مەۋجۇت ئىدى نىيازۇپنىڭ ئاتا بوۋسى بىرنەچچە يۆلنىش بويۇنچە ئاز بىر قىسمى ھىندىستانغا، روسيەگە ئاندىن ياۋرۇپا ۋە ئامىركىغا ئاستا ئاستا كۆچۈپ بۈگۈنكى كۈندە 1 مىليارت كىشىگە كۆپەيگەن ئىدى..بۇيەردە قالغانلىرى تەدرىجى ئوتتۇرا ئاسيا خەلىقلىرنى  شەكىللەندۇردى. نىيازۇپ بولسا 40 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاشۇ ساپ قاننى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدى.بۇ مۆجزىۋى بىر ئىش.بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن. چۇنكى مەن قىدىمقى بىر خەلقنىڭ ھازىرقى بالىسى بىلەن كۆرۈشمەكچىمەن. ئۇنىڭ قىنىدا يوشۇرۇنغان تارىخ ماڭا ئايان بولدى. ئامىركىلىقلار، گىرمانلار، شەرقلىقلەر،روسلار تىگى تەكتىنى ئىزدىمەكچى بولسا ئەمدى ھىچقانچە قىينالمايلا تاپالايدۇ. قىرغىزستاندىن يولغا چىقىپ سائەت 9 بولغاندا ھاياجان ئىچىدە مەن ئىزدىگەن ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئۆيگە يىتىپ كەلدىم.
بۇلارنىڭ ئۆرپ ئادىتى ئۆزگىچە ئىكەن. مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ باشقىچە.
   سىز 40 مىڭ يىل بۇرۇنقى قاننى ھازىرغىچە ساقلاپ كەپسىز بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ئېرقى،پامىرلىقلاردىنمۇ، تاجىكلاردىنمۇ بۇرۇنقى ئېرق سىزدە بار ئىكەن.
-تۈرۈكلەرمۇ؟
DNA نىڭ نىمىلىقىنى بىلەمسىز؟
-ئازراق بىلىمەن.
DNA بىر يول كۆرسەتكۈچى كىتاپ مىسالى نەرسە.ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى ،يىشىنى،جىنسىنى،مىللىتىنى ئىنىقلايدىغان قۇرال.سىزنىڭ ھۈجەيرىڭىزدىكى E شەكىللىك تەگلىك سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بەلگىلەپ بىرەلەيدۇ. سىز بۇ E تەگلىكىنى دادىڭىزدىن ئالغان.دادىڭىز دادىسىدىن ئالغان.
-دىمەك مىنىڭ قېنىم ساپمۇ؟ ئۇلار مىنىڭ دادام بىلەن بوۋام.
نىمدىگەن  قالتىس. ئۇلار پەخرلەنگىدەك كىشىلەر. ئۇلار نەچچە مىڭ يىل بويۇنچە E شەكىللىك تەگلىكىنى ساپ ھالەتتە ساقلاپ كەلگەن. بىز مۇشۇنداق تەتقىقات ئارقىلىق  قىدىمقى قەبىلىلەرنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرنى تىپىپ چىقىمىز. سىزنىڭ ئاتا بوۋلىرڭىز قىدىمدىن مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئىكەن.
-شۇنداقمۇ، مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان.بۇيەر ئاسيانىڭ مەركىزى.
تەخمىنەن 40 مىڭ يىل بولدى. ئىندىيانلارنىڭ، ئامىرلىكىقلارنىڭ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئاتا بوۋسى تۇنجى مۇشۇيەردىن تارالغان.ھازىر سىزنى بوۋا دىسىمۇ خاتالاشمايدۇ.مەن ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلدىم ۋە بۇ توغرۇلۇق كەسكىن ئوتتۇرغا قويالايمەن. سىزنىڭ E تەگلىكىڭىز ،ئاتا بوۋڭىزنىڭ E تەگلىكى 40 مىڭ يىلدىن بىرى مۇشۇ يەردە.
-رەخمەت مەن بەك ھەيران قالدىم. بىزنىڭ قىنىمىز ساپكەن.
سىزنى تەبرىكلەيمەن. بەك قىزقارلىق بىر ئىش.
- مەن سىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۇرمەن شۇنچە ئۇزاقتىن كەپسلەر.مەن تىخى ئامىركىلىق دوكتۇر كەلدى دىسە، نىمىگە كەلگەندۇ،ھەقسىز تەكشۇرۇپ قويدىغان دوختۇرمىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.
     نىيازوپنىڭ ئاتا بوۋىسى تەدرىجى غەرىپكە قاراپ سىلجىپ يەرلىك ئۇششاق قەبىلىلەر بىلەن ئارلىشىش نەتىجىسىدە ھەرخىل چىراي شەكىلگە ئۆزگىرشىگە باشلىغان.ئارلاشمىغانلىرى بۇگنكى ياۋرۇپالىقلار چىرايىدا قالغان.يەنە بىر قىسمى ئامىركا قىتئەسىگە بىرىپ توختىغان. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بىز ئىندىئان دەيدىغان ئايرىم قەبىلىنى شەكىللەندۇرگەن.بۇ بەك ئۇزۇن مۇساپىلىق يول بولدى.ئەتراپى مۇز بىلەن قاپلانغان يوللارنى بىسىپ ئۆتكەن. ماڭالمىغانلىرى ھازىر تىخىچە روسيەدە ياشايدۇ.ئۇلارنى چۇكچى دەپ ئاتايدۇ.ئۇلار قارىماققا پەقەت سېرىق ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغاندەكلا.ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشايدۇ. نىيازۇپنىڭ ئاتا بوۋسى باسقان يولنى بىسىپ بىقىش نىيتىدە يولغا چىققان ئىدىم.يول بويى ھەرخىل قەبىللەر بىلەن ئۇچراشتىم.ئۇلار بۇ مۇشەققەتلىك يولنى قانداق ماڭغان بولغىيدى؟ تىخىمۇ ھەيران قالارلىقى ئامرىكا بىلەن روسيە ئوتتۇرسىدىكى ئالاسكا بوغزىنى قانداق تاپقاندۇ؟ 6 ئاي بويۇنچە مۇز پىتى تۇردىغان يولنى قانداق ماڭغاندۇ؟ 15 مىڭ يىل بۇرۇن تۇنجى ئامىركالىقلارنىڭ مۇشۇ يەردىن ئۆتكىنىنى بىلدۇق.لىكىن زادى قانداق ئۆتكەندۇ؟
    ئۇ چاغدا ئىسسىقلىق ئاز ، سۇمۇ ئاز، ئىككى قىرغاق بىر بىرگە تۇتاشقان قۇرۇقلۇق ئىدى.يەنى روسيە زىمىنى بىلەن ئامىركا زىمىنى تۇتاش ئىدى.لىكىن سوغۇق تىمپراتۇر دەھشەتلىك يۇقرى ئىدى. ئۇلار داۋاملىق سوغۇق ھاۋادىن ئۇزاقلىشىش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپلا ماڭغان. ماڭغانسىرى سوغۇقتىن ئۇزاقلاشقان.نۇرمال تىمپۇراتۇردىكى كارىدوردىن ئۆتۈپ شىمالى ئامىركىغا كەلگەن.كىيىن بارا بارا ئۆز يۇرتىنىڭ ھاۋاسىغا ئوخشايدىغان ھاۋالىق يەرگە كەلدى. مەن يول بويىلاپ ئاخىرى ئۇلارنىڭ ماڭغان ئىزلىرىنى تاپتىم.ۋە ھازىرقى بىردىن بىر ئەۋلاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۇم.
بۇ ئادەمنى تونۇدۇڭلارمۇ؟ بۇ سىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەجدادىڭلار.ئۇنىڭ ئاتا بوۋسى ياۋرۇپالىقلار ۋە ئامىركىلىقلارنىڭ ئاتىسى.ئۇنىڭ ئىسمى نىيازوپ.قازاقىستاندا تۇردۇ.

- شۇنداق مەن بۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغان.بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسيالىق بىر مىللەت توغرۇلۇق توردىن ماتىريال كۆرگەنتىم.قارىسام چىرايى ئاپامغا،ئۇكامغا ئوخشايدىكەن. ئاھ تەڭرىم، ئوتتۇرا ئاسيادا قىرىنداشلىرىم باركەن ئەمەسمۇ. ئەڭ موھىم بولغىنى بىز بىر قېرىنداش.روھىيىتىمىز ۋە ئىلىم پەن بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز ۋە سۆيىمىز.

1

تېما

1

دوست

983

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28154
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 16:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملىگىمىزنى تونۇتوشنىڭ ھاجىتى قالمىدىمۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29871
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 17:10:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل   ھاياجانلاندىم  ۋە  بەكمۇ  ھەيران  قالدىم  .....

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 18:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ئاجايىپ زور بايقاشكەن...

5

تېما

11

دوست

3920

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1236
توردىكى ۋاقتى: 486
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 18:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇر!!!!
       مەن مەيلى قانداقلا ئاتالماي مەڭگۇ مىللىتىمدىن پەخىرلىنمەن.

13

تېما

4

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 675
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 19:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ئالەمشۇمۇل بايقاشنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم ھەم سەل ئىزتىراپقا چۈشتۈم، سەۋەبى بۇنى ئامېرىكا ئالىملىرى بايقىغانلىقىدا، بۇنى باشقا ئەل (جۈملىدىن مەملىكىتىمىز) ئالىم-مۇتەخەسىسلىرىگە چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يەنە قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ كېتەر؟

4

تېما

0

دوست

2114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 20:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز بىزگە نۇرغۇن ماددى مەنىۋى بايلىقلار قالدۇرغان،بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز،لىكىن ئۇلارنى ياستۇق قىلىپ يىتىۋەرمەيلى!ھازىرقى ئۇيغۇرنىڭ ھالىغا قاراپ قويايلى!نىمە كۈندە ياشاۋاتىدۇ!
مەن ئۇيغۇرنى ھەقىقىي سۆيىدىغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىنى قۇرۇق شۇئار بىلەن ئەمەس ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،
ھەر ئۇيغۇر كەمچىللىك شەخستە بولسا ئۆزىنى تۈزىتىپ باشقىلاردا بولسا كۆرسىتىپ بىرىپ ،توپتا بولسا ئورتاق كىڭىشىپ تۈزىتىپ ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۈغ تارىخىغا ماس ئەۋلاد بولۇپ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى!
ئۇيغۇرنى سۆيۈش ھەربىر ئۇيغۇردىن باشلانسۇن!

4

تېما

1

دوست

652

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29784
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 21:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتكەندە بىرسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بۇلۇپ شەكىللەنگەنلىكگە 10 مىڭ بۇلدى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ئەمدى 40 مىڭ يىل بۇپ چىقتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )