شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئانىسى يغلاپ تۇرۇپ ئۇ ئىككىسى يەنە ئۇرۇشاي دەپ تۇرغان يېرىدىن ئۇلارنى ئايرىۋەتتى .
ئۇ ئىككىنجى كۈنى شەھەرگە كىرىپ كەتتى ،ئەتىسى بىر رەسىمگە تارتىدىغان كىشىنى ئېلىپ كەلدى .ئۇنىڭ نىمە قىلىشىنى پەقەت ئۆزى بىلەتتى . كىشىلەر پەقەت ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى بولغىنىنى بىلەلمىدى .ئۇ رەسىمگە تارتىدىغان كىشى ئەخمەتنىڭ مەھەللىسى شۇنداقلا ئەتراپتا نىمىنى كۆرسە شۇنى رەسىمگە تارتىۋاتاتتى .
مەخسۇم باي يولغا چىقىپ بولۇپ ئىككى ھەپتە بولغاندا ئۇ بىرمۇنچە رەسىملەرنى قولىغا ئېلىپ شەھەردىن چىقتى . ئاندىن خۇمدانغا پات ئارىدا ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ،خۇمدانغا ئىشلىگەن كىشىنىڭ ئەمگىكىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پۈتۈن كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كىرەكلىكىنى تارقاتتى .
ئىككى كۈندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ماشىنىلار بۇ مەھەللىگە كىلىپ ئۇنى ئىزدىدى . ئۇ كۆز ئەينەكلىك باشلىقلارنى ئەگەشتۈرۈپ خۇمدانلارنى ، نامرات دىھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇلار توغۇرلۇق ئەمەلىي ئىسپاتى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى توغۇرلۇق دوكىلات قىلدى ، بۇ چاغدا كەنت باشلىقىمۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي ئارقىدا قاراپ قالغان ئىدى .
بىر ھەپتىدىن كىيىن يۇقرىدىن بۇيرۇق كىلىپ ئۇنى كەنىت شۇجىلىقىغا سايلاشتى . كىشىلەر بۇ ئۆزگىرىشلەردىن تېخىمۇ ھەيران قېلىشقان ئىدى .
ئۇ ئالدى بىلەن پۈتۈن كەنتكە چوڭ يىغىن ئېچىپ خۇمدانغا ئادەم قوبۇل قىلدى . ئۇنىڭ خۇددى بىر ئىشنى پىلانلاۋاتقاندەك قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرى ھېچكىشى بىلمەيتى . كىيىنچە ھەممىسى ئايدىڭ بولدى .
ئۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى مەخسۇم بايغا ئىشلەپ توپلىغان تەجىربىسى بويىچە خۇمداننى ناھايتى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى.
كەنىتتە ئۇ ئەڭ ياش شۇجى ئىدى . شۇڭلاشقىمىكىن كەنتتە كىشىلەرمۇ ئۇنى كۆزگە ئىلىپ كىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . بۇنىڭغا قارىتا ئۇ كەنىتتە چوڭ يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھىينىڭ بىر كادىرىنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىپ كەلدى ،يىغىندا ئۇ كادىر دوكىلات بېرىپ مۇنداق دېدى :
__ سىلەر ئەخمەت شۇجىنى ھەرگىز كىچىك چاغلىماڭلار ، ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا . ئەسلىدە ناھىيمىز يىللاردىن باي ناھىيە بولۇپ باھالىناتتى ،لىكىن يەنە بۇ كەنتتەك نامرات كەنت بارلىقىنى بىلمەپتىمىز . ئەخمەت شۇجى بىزگە نامرات دىھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ رەسىملىرىنى بەردى ، ھەم ناھىيلىك يىغىندا دىھقانلارغا ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ رەھبەرلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ بۇ يېزىدىكى پۈتۈن ئۆيلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن پىششىق كىسەكلىك ئۆي ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى . ئۇنىڭ بۇ شۇجىلىق ئورنىمۇ ئۇنىڭغا لايىق ،بۇ ياش كادىرىمىزنىڭ كىيىنچە ناھىيگە يۆتكىلىپ بېرىشىدىن
ئۈمىد بار .
بۇ قېتىمقى يىغىندىن كىيىن ئۇنىڭ يۈزى ئالاھىدە كۆتۈرۈلدى . ھەتتا ئۇنىڭغا بەزى دىھقانلار چىرايلىق قىزلىرىنى تويلۇقنى ئاز ئېلىپ بېرىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سالدى . لىكىن ئۇنىڭ گېپى ئىزچىل «خاپا بولمىسىلا ،مەن ھازىر توي قىلىشقا قىزىقمايمەن ، ئاۋال ئىشلار جايىغا چۈشسۇن » ئىدى .
بىر ياش بالا ئۈچۈن بۇنداق دىيىش كەم ئۇچىرايتتى . لىكىن ئۇ باشقا ئىش بىلەن كارى بولماي ئۆيىنى چوڭ قىلىپ سېلىپ ، ئىشەك فىرمىسى قۇردى ، ئۇ فىرمىنىڭ قېشىغا كىچىك بىر ئۆينى سېلىپ ، كىچىدە ئۆزىنىڭ راھەت ئۆيىدە ياتماي ، شۇ كىچىك ئۆيدا ياتاتتى ، ھەر كۈنى كىچىدە ئىشەك فىرمىسىغا كىرىپ كىچىدىن كىچىگە پاراڭلىشىپ كىتەتتى ، ئىشەكلەرگە دەيتتى ئۇ «مەن مەخسۇم بايدەك باي بولماي تۇرۇپ ئۆيلەنمەيمەن ، ئۈگەي دادامغا مىنىڭ قانداقلىقىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن »
گەپنى رەسمىي ئىشتىن ئاڭلىساق ، ئۇ شۇنداق يۈزى بار بولغاندىن كىيىن ، كىشىلەر ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراشتىمۇ ياكى كەلگۈسىدە باشلىق بولسا ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلىدىمۇ ، ئىشقىلىپ ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ سالام قلىدىغان ، ماختايدىغان بولۇپ كەتتى .
شۇ ئىشتىن كىيىن راسىت دىگەندەك باينىڭ قولىدىكى بىر نەچچە خۇمدان بىلەن بۇ ئەخمەتنىڭ قولىدىكى خۇمداننىڭ سودىسى شۇنداق ئېقىپ كەتتى . ئەخمەت ھەر قېتىپ ئىشلەمچىلەرگە قاتتىق قول ئىدى ، سېتىۋالغان بىر كىسەكنىڭ ناچار چىقىپ قالغىنىنى كۆرسە باشقىلارغا ئىككىنى ئالماشتۇرۇپ بېرەتتى . شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ خېرىدارلىرى ئۆچىرەت بولۇپ كېتەتتى . شۇنداق قىىلىپ مەخسۇم باي ئىككى يىلغىچە ساياھەت قىلىپ ئاندىن كەنتكە كەلدى .
ئۇنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تىلفۇندا ئاڭلىغان گەپلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلدى ، خۇمداننىڭ كىرىمى ئەسلىدىكىدىن تۆت ھەسسە ئاشقان ئىدى .
ئەخمەت ئۇ يىغقان پۇللىرىنى بانكىغا سېلىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ پۈتۈن پۇلنىڭ سانىنى ، كىرىمىنى ئۆز پېتى بويىچە دىمەستىن يېرىم قىلىپ دىدى ، لىكىن پۇل كۆپ بولغاچقا ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى مەخسۇم باي ئېلىپ قالدى ، ئاز قىسمى ئەخمەتكە قالدى ، لىكىن ئۇ «قەرىز ئالدىم » دەپ ئۆزى ئىككى خۇمدان قۇردى ، ئاندى كىشىلەرنى قوبۇل قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرى ئەسلىدە تىكلىۋالغان ئاساسى بىلەن تىزلا يۈرۈشۈپ كەتتى .
ئۇ كۆڭلىدە پۈتۈن يېزىدىكى خۇمدانلارنى ئىشەككە ئوخشىتاتتى .بىردىن بىردىن ئېغلىغا يۇتىۋېشقا پىلان تۈزۈپ ، بىر نەچچە خۇمدانلارنى يۇتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخمۇ باي بولدى . ئۇنىڭ بەزى ئىشلىرى ئارقا ئىشىك بىلەن پۈتكەن ئىدى __ ئەلۋەتتە . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ قولى تەرپىدىن مەغلۇپ بولغان كىشىلەر ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا «كىسەكچى ئىشەك »دەپ لەقەم قويىۋالدى ، بۇ لەقەم بىردەمدە پۈتۈن كەنىتتە تارقىلىپ ،ئۇنىڭ كەينىدە بەزى كىشىلەر ئىسمىنى دىمەستىن بىۋاستە «كىسەكچى ئىشەك » دەيدىغان بولدى .
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەلكىم مال دۇنياسىغا ئىشەندى ، بۇرۇنقى ئارزۇلىرىنى ئۇنۇتتى ، ئاچكۆزلۈككە يول ئالدى بولغاي . ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن ئىشەكلەر ،يەنى پۇلغا يارايدىغان ئىشەكلەر ... ئۇ شەھەردە بىرنەچچە يەرگە دۇكان ئاچتى ،ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پۇلى بىلەن دۇكانمۇ ياخشى يۈرۈشۈپ كەتتى ، ئۇ نىمشقىكىن ئۆزىدىن باشقىلارغا پەقەتلا ئىشەنمەيتتى،ھەممىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇراتتى ،ئۇ كۆڭلىدە ھەممىسىنى ئالدامچىدەك ھىس قىلاتتى .
گەرچە ئەخمەت ھازىر مەخسۇم بايدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆزىنى نۇرغۇن ئىشەكلەرنى يۇتالمىغاچقا نامرات دەپ قارايتتى . ئىچى سىقىلاتتى .لىكىن ئىزچىل خۇمدانلىرىنى تاشلىمىغان ئىدى .
بۈگۈنمۇ ئۇ ياردەمچىسىنى تىللاپ چىقىرۋەتكەندىن كىيىن پىلان سوقۇۋاتاتتى . ئۇنىڭ يەنە بىر ئىشەكنى يۇتىۋەتكۈسى كەلدى بولغاي .