بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-23 18:52
‹‹ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر››دېگەندەك ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى سىرنى پەقەت شۇ ئەر –خوتۇن بولغۇچىلار چۈشەنمىسە، باشقا كىشىلەر چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ ،ئەلۋەتتە ‹‹چۈشەندىم ››دېگۈچىلەرمۇ مېۋىنىڭ سىرتقى پوستىنى كۆرگەندەك غۇۋالىق ئىچىدە ھېس قىلالايدۇ، مېۋىنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى يېرىپ تەكشۈرۈپ باقمىغىچە سېسىغان –سېسىمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغاندەك ،بىر ئۆيدە بىرگە ياشاۋاتقان ئەر –ئاياللارنىڭ ئىچكى سىرىنى ،بىر –بىرىنىڭ مىجەز –خارەكتىرىنى تولۇقى بىلەن بىلىشىدىغانلار يەنىلا شۇ بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان ئەر –خوتۇنلار.
مۇكەررەم بىلەن ئېھسان‹‹ ئېلىشمىغىچە تېپىشماس››دېگەندەك ئەنە شۇنداق تېپىشىپ ئەر –خوتۇن بولۇشۇپ بىر ئۆيدە يەتتە يىل بىرگە ياشاپ بىر –بىرىنىڭ ئىچكى پوستىغىچە تولۇق چۈشىنىشىپ،يەتتە يىل جەريانىدا ئېھساننىڭ مەس يۈرۈشلىرى،ساق ۋاقىتلىرىدا بولسا ماجاڭخانىدىن چىقمايدىغانلىقى، مەس بولۇپ قالسىلا مۇكەررەمنى قورادا قوغلاپ –سۈرۈپ يۈرىيدىغانلىقى ،ئۆزىنىڭمۇ يۈز –كۆزلىرى مۈشۈك تاتلىغاندەك تىرناق يارىلىرى بىلەن تولغانلىقى، مۇكەررەمنىڭ يۈز –كۆزلىرى بولسا بوكسىيورچىنىڭ يۈزىدەك كۆكەرگەن ھالەتتە يۈرگەنلىكى نەچچە قېتىملاپ خىزمەتداشلىرىنىڭ،خۇلۇم –خوشنىلىرىنىڭ كۆزلىرىگە چېلىقىشىپ، بۇ ھەقتە ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا بىر –بىرىنى راسا سۆككەن ھالدا تەبىرلەرنى بېرىشىپ ياشاپ كېلىشتى.ئاخىرى ھەر ئىككىلىسى بۇنداق بىر –بىرى بىلەن رەقىپلەرچە ئېلىشىدىغان بوكسىيورچىلاردەك تۇرمۇشتىن بەزدىمۇ قانداق قىزى بەش ياشقا كىرگەن يىلى سوت ئارقىلىق ئاجراشتى.( ئاجرىشىش جەريانىدىكى بولۇپ ئۆتكەن ئېرى خوتۇنىنى ‹‹بۇ دېگەن جالاپ ....›› دېيىشلىرى، خوتۇنىنىڭ بولسا ئېرىنى ‹‹ بۇ دېگەن شوۋىچى،ھاراقكەش.....››دېيىشلىرىدەك رەسۋا گەپلەرنى، تالاش –تارتىشلارنى،نومۇس قىلىشماي بىر –بىرىنىڭ ئەيىبىنى سۆرەپ چىقىشىپ يېغىرىنى تاتلاشلىرىنى يېزىپ ئولتۇرمىساممۇ ئوقۇرمەنلەر پەرەز قىلىپ بىلىۋالايدۇ ئەلۋەتتە)
ئۇلار ئاجراشقاندىن ئۈچ –تۆت يىلغىچە ھەر ئىككىلىسى ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ ئېھسان ھاراق ئىچىپ،ماجاڭ ئويناپ ،پۇلى تۈگىگەندە مۇكەررەمنىڭ ئىدارىسىغا ، ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىۋېلىپ مۇكەررەمدىن پۇل سوراپ دېگەندەك، مۇكەررەم بولسا قىزىنى (سوتتا قىزىنى مۇكەررەمگە بۇيرۇپ بەرگەن ئىدى)ئاپىسى- دادىسىغا تاشلاپلا بېرىپ نەدە ئويۇن بولسا ئىزدەپ –سوراپ ئويناپ دېگەندەك ئۆتتى.
ئۇلار ئاجرىشىپ بىرەر يىلغىچە ئېھسان ماجاڭ بىلەن ھاراقتىن مەرىنى ئۈزەلمەي، مۇكەررەم بولسا ئويۇن –تاماشىلاردىن قولىنى ئۈزەلمەي يۈرىشتى،( ئۇنىڭ بۇ خىل ناچار قىلىقلىرىنى ئىشخانىدا ئۆز ئاغزى بىلەن ‹‹ ئاخشام پالانى مېھمان قىلغان، پۇستانى يەرگە بارغان ....›› دېيىشلىرىنى ›› ياكى بىر –بىرىگە ئوخشىمايدىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئىدارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇكەررەمنى ئېلىپ كېتىشلىرىنى.....كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ‹‹ توۋا ›› دېيىشكەنلىرىمىز ياكى ئۇنىڭغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ دەككىمىزنى يېگەنلىكىمىز ياكى ‹‹ ماقۇل ›› دەپ قويۇپ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرىشلىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولاتتى ) بۇ جەرياندا ئېھسان ئۆينى باھالاپ مۇكەررەمگە بۇيرۇپ بەرگەن بېرىشكە تېگىشلىك پۇل بىلەن قىزىغا بۇيرۇپ بەرگەن پۇلنى بەرمەي تۇرىۋېلىپ خېلى زىددىيەتلەر كېلىپ چىقتى. ئارىدىن ئۈچ يىل چامىسىدا ئۆتۈپ ھەر ئىككىلىسى بۇنداق تۇرمۇشتىن بەزدىمۇ ۋە ياكى بالىسىنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق بېقىشنى ئويلاشتىمۇ قانداق قايتا توي قىلپ يارىشىۋېلىشتى،بۇلارنىڭ يارىشىۋالغانلىقىدىن ئىدارىدىكى ھەممىمىز بەكلا خۇشال بولۇشتۇق.
ئۇلارنىڭ قايتا يارىشىۋالغان خۇشال تۇرمۇشىغا جۆر بولۇپ ،كىچىك قىزى دۇنياغا كۆز ئاچتى،قىزىنىڭ تۇغۇلغانلىقى ئەر –ئايال ئىككىسىنى بەكلا خۇشال قىلغان ئىدى،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى ئىزىغا چۈشۈپ خاتىرجەم كېتىۋاتقان ئىدى، بۇ خاتىرجەملىك ئېھساننىڭ يەنە قايتا ھاراققا ۋە ماجاڭغا ئۆزىنى ئۇرىشى، ئۆي ۋە بالا دېگەنلەرنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىشى،ئەر –ئايال ئىككىسىنىڭ بوكسىيورچىلىق تۇرمۇشىنىڭ يەنە قايتا باشلىنىشى بىلەن بۇزۇلدى، مۇكەررەم بۇ تۇرمۇشقا چىداپ بېقىپ بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي كىچىك قىزى ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى قايتا سوتقا ئەرز سۇندى ۋە سوتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئاجراشتۇرىشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق بەختسىز نىكاھى ئاخىرلاشتۇرۇلدى.بۇ قېتىم ئاجراشقاندا مۇكەررەمنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن ئىككىلا قىزى ۋە ئۆي مۇكەررەمگە بۇيرۇپ بېرىلدى، ئۆينىڭ باھالاپ بېكىتىپ بەرگەن بېرىشكە تېگىشلىك پۇلى ئېھساننىڭ قولىغا تەككۈزۈلدى، ئۇلار ئاجراشقاندىن كېيىن بىر قېتىملىق پۇرسەتتە ئېھسان ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتتى، ئەمدى مۇكەررەمدىن پۇل سوراپ ئاۋارە قىلىدىغان ،ئاجرىشىپ كەتسىمۇ ماڭغان –تۇرغان جايلىرىنىڭ ئىزدەك –سورىقىنى قىلىپ كۆزىگە كىرىۋالىدىغان ئېھسانمۇ يوق بولدى.
كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ ،ئۆزى خان ئۆزى بەگ بولۇپ قالغان مۇكەررەم ئېھسان بىلەن يېنىشىشتىن ئىلگىرىكى مەشىئەتلىك تۇرمۇش قوينىغا يەنە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى،ئىككى قىزىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايتتى،مۇكەررەم توغرۇلۇق جەمىيەتتە ئېقىپ كېلىۋاتقان ‹‹پالانى بىلەن ئارىلىشىۋېتىپتۇ››‹‹پۇستانى بىلەن مېھمانخانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپتۇ...››دېگەن گەپ –سۆزلەرنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ناتونۇش –ناتونۇش كىشىلەر ئىدارە ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ ياكى تېلىفون قىلىپ مۇكەررەمنى خىلمۇ –خىل سورۇنلارغا چىللاۋاتقانلىقىنى مۇكەررەمنىڭ قېشىدا ئادەم بار –يوقلىقى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي، ھاياسىزلارچە ئېيتقان سۆزلىرىدىن كۆرۈپ ،ئاڭلاپ تۇراتتۇق .ۋىجدانىمىز قايناپ كېتىپ بەزىلىرىمىز ھەر خىل ياپتا گەپلەر بىلەن چېقىۋالاتتۇق، يەنە بەزىلىرىمىز ئىككى قىزىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا چىرايلىق نەسىھەتلەرنى قىلاتۇق،بىراق ئۇ نەسىھەتلىرىمىز ‹‹كالىنىڭ قۇلىقىقىغا ساتار چالغان››بىلەن باراۋەر بولۇپ،ئۇ ئاغزىدا ‹‹ھە ››دەپ قويغان بىلەن ئەمىلىيەتتە بىزنى ‹‹نىيىتى يامان، كۆرەلمەس››كە چىقىرىپ يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرەتتى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەرقايسى ئىدارىلەردىن ئاھالىلەر كومېتىتلىرىغا ياردەمگە ئادەم ئاجرىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشتى، ئىدارە رەھبەرلىكلىرى ئويلۇشۇپ مۇكەررەمنى ئاھالىلار كومېتىتىغا ياردەمگە بېرىش ئۈچۈن ئاجراتتى.ئىدارىدىكى ‹‹كۆرەلمەس››لەرنىڭ كۆزىدىن نېرى بولغىنىغا خۇشال بولغان مۇكەررەم ئاھالىلار كومېتىغا ياردەم ئۈچۈن كېتىپ قالدى.
‹‹ مۇكەررەم ئاھالىلار كومېتىتىدا ئۆزىگە ئوخشاش ياردەمگە چۈشكەن خوتۇنى بار بىرسى بىلەن تېپىشىپ قاپتۇ››دەپ ئاڭلىدۇق باشقىلاردىن ۋە ‹‹شۇ يەردىمۇ جىم يۈرمەپتۇ –دە بۇ، نومۇس قىلمايدىغان...››دەپ ئىچىمىزدە تىللاشتۇق.بىر يىلدىن كېيىن ئاھالىلار كومېتىتىغا ياردەمگە بارغانلارنى ئۆز ئىدارىلىرىگە قايتۇرۇشقاندا مۇكەررەممۇ يېنىپ كەلدى. ئۇ ئىدارىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ھېلىقى تېپىشىپ قالغان ‹‹يىگىتى››نىڭ ئىدارىگە ،مۇكەررەمنىڭ ئىشخانىسىغا ئۇنى بىمالال ئىزدەپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ،مۇكەررەمنىڭمۇ قىلچە خىجىل بولماستىن ئۇ ‹‹يىگىتى›› بىلەن ئىشخانىسىدا چاپلىشىپ ئولتۇرۇشلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىپ ‹‹توۋا››دېيىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەشتۇق.يەنە نەچچىلىرىمىز ئىلگىرىكى ئاتكاچىلىقلىرىمىز بويىچە ئائىلسى ،خوتۇن –بالىلىرى بار بۇ ئەردىن ئۆزىنى تارتىش،ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا ياخشى كۆڭلىمىز بىلەن نەسىھەتلەرنى قىلىشىپ ،‹‹تۇرسۇن بىلەن ئايالىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسكەن،ئۇ خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ مەن بىلەن توي قىلماقچى،ئۇ كۈندە كەينىمگە كىرىۋالسا ماڭا نېمە ئامال...››دېگەن سۆزلەرگە نائىل بولۇشتۇق.
‹‹جاھان دېگەن قۇلاقلىق››‹‹تۆمۈر ئىشتان ئىچىدە ئوسۇرسىمۇ بۇخاراغا ئاڭلىنىدۇ››دېگەندەك مۇكەررەمنىڭ تۇرسۇن دېگەن بىلەن بولغان بىنورمال مۇناسىۋىتى كىملەر ئارقىلىق تۇرسۇننىڭ خوتۇنىنىڭ قۇلىقىقىغا يەتكىنى نامەلۇم ، يولدىشى بىلەن مۇكەررەمنىڭ بىنورمال مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئىدارە رەھبەرلىكىگە دەرد تۆكۈپ،‹‹سىز رەھبەر تۇرۇپ قول ئاستىڭىزدىكى كىشىلەرنى باشقۇرمامسىز؟...لاپ تەربىيلەيدىغان يەرمۇ بۇ؟ مۇكەررەم دېگەن ...لاپنىڭ ئېرىم بىلەن ئۇنداق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن،مۇنداق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن ...››دەپ بىرمۇنچە سېسىق سۆزلەپتۇ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدارە باشلىقى مۇكەررەمنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ياخشى –يامان سۆزلەر بىلەن بىرمۇنچە تەربىيە قىپتۇ،مۇكەررەممۇ باشلىقنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ،بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەر بىلەن ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا بىر تالاي ۋەدىلەرنى بېرىپتۇ.
مۇكەررەم بىلەن ھېلىقى ئەر توغرۇلۇق كوچا پاراڭلىرى بېسىقىپ قالغىلى خېلى بولغان ئىدى،بىزمۇ ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالغىلى تۇرغان ئىدۇق،بىر كۈنى ئىشخانىمىزدا ئۆز ئىشىمىز بىلەن يۈرسەك ، مۇكەررەمنىڭ ئىشخانىسىدىن ‹‹ۋايجان –ۋاييەي ››دەپ قىيا –چىيا قىلىشقان ، يىغلىغان ئاۋازلار چىقىپ كەتتى،نېمە بولغاندۇ دەپ بىرنەچچىمىز ئىشخانىسىغا كىرسەك ھېلىقى تۇرسۇن دېگەننىڭ ئايالى بىلەن 16-17 لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوغلى مۇكەررەمنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ كالتەك بىلەن ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ،مۇكەررەم قولى بىلەن يۈز –كۆزلىرىنى توسىۋېلىپ ۋارقىراپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ.بىز ئۇلارنى ئاجرىتىپ بولغاندىن كېيىن،تەرەپ –تەرەپتىن ئۇ ئايالنىڭ ئىدارىغا باستۇرۇپ كىرىپ مۇكەررەمنى ئۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدۇق،ئۇ ئايال ئېرىنىڭ نەچچە كۈنلەردىن بۇيان خالىسا ئۆيگە كىرىپ .بولمىسا مۇكەررەم بىلەن سىرتلاردا قونۇپ يۈرىيدىغانلىقىنى ئېيتتى ،شۇ گەپلەر ئۈستىدە ئوغلى بايام بىز كىرىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇكەررەمنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان تېلىفوندىكى مۇككەررەم بىلەن تۇرسۇن دېگەننىڭ يېزىشقان ئۇچۇرلىرىنى بىزگە كۆرسەتتى .
-تۇرسۇن ئۆزى ماڭا تېلىفون قىلىپ ،ئۇچۇر يېزىپ يۈرسە،مەندە نېمە ئامال؟مەن ئۇنى تىللاپمۇ تەزدۈرەلمىدىم، ئۇ‹‹ مەن سەن بىلەن توي قىلىمەن›› دەپ كەينىمگە كىرىۋالسا،- دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى مۇكەررەم يىغلاپ تۇرۇپ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇيقا چېچى تىك تۇرغان تۇرسۇننىڭ ئايالى دەرھاللا:
-ئەي ماز ،ماۋۇ ...لىپىڭ ‹‹تۇرسۇن مەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ كەينىمگە كىرىۋالدى ››دەيدىغۇ؟مەن بىلەن ئاجرىشىپ ما بۇزۇق بىلەن توي قىلامىسىنا؟ھازىرلا كېلە،سوتقا بېرىپ ئاجرىشىلى...،-دېدى تۇرسۇنغا تېلىفون قىلىپ،بۇ ئايالنىڭ تېلىفوندا ئوغلى ئالدىدىمۇ نومۇس قىلماي، ئېيتقان بەزىبىر رەسۋا گەپلەرنى ئېغىزغا ئالغىلىمۇ بولمايتتى.
-كىم ئۇ قېرى ..لاپ بىلەن توي قىلىمەن دەپتۇ،نېمىشقا باردىڭ ئۇ يەرگە ؟تولا رەسۋالاشماي ئۆيگە يېنىپ كەل....،-تېلىفوندىن تۇرسۇن دېگەننىڭ ئايالىغا ئېيتقان سۆزلىرى ئاڭلىنپ تۇراتتى.شۇنداق قىلىپ ھەممىمىزنىڭ ئۇ ئايالنىڭ ئىدارىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئادەم ئۇرغانلىقىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇ ئايالنى ئەيىپلىشىمىز ۋە مۇكەررەمگە نەسىھەت قىلىشىمىز بىلەن بۇ رەسۋاچىلىققا تولغان بىر مەيدان جەڭ ئاياقلاشتى.
كېيىنكى كۈنلەردە مۇكەررەمنىڭ تۇرسۇن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ ،ھەممىمىز :
-ئەمدى ئەقلىڭىزنى تېپىپىسىز،خوتۇنى ،بالا –ۋاقىسى بار ئادەم سىزگە ئاش –نان بولالمايدۇ،ئۇ ئادەم خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتەكن تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن سىزنىڭ ئىككى قىزىڭىزنى بىللە قوشۇپ بېقىپ بولالمايدۇ...،-دېگەندەك بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلىشتۇق.ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ مۇكەررەم تۇرسۇننىڭ ئايالى ئۈستىدىن ئۆزىنى ئىدارىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇرغانلىقى ئۈستىدە سوتقا ئەرز قىپتۇ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدۇق.
شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن مۇكەررەمنىڭ باشقا بىر گەپ –سۆزلىرىنى ئاڭلاپمۇ كەتمىدۇق،ئۇمۇ ئىدارىگە كېلىپ –كېتىپ نورمالنى ئىشلەپ يۈرەتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ئىدارىگە كەلسەك ئىدارە ئالدىدا تەلەتى بىر –بىرىدىن يامان تۆت ئايال ئىدارە باشلىقىنى ئورىۋېلىپ ،خۇددى ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قوللىرىنى شىتىپ ئىدارە باشلىقىغا بىرنىمىلەرنى دەۋېتىپتۇ، بىز ‹‹بۇلار كىملەردۇ؟ئىدارە باشلىقى بۇلارنىڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولغىيتتى؟...››دېگەنلەرنى ئويلۇشۇپ،ئىشخانىمىزغا كىرىپ كېتىشتۇق،مۇكەررەممۇ ئىشقا كەلمىدى،چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ،چۈشتىن كېيىن ئىشقا كەلسەك ئەتىگەنكى ئاياللار ئىدارە ئالدىدا يەنە تۇرۇپتۇ،ئىدارىگە كىرىپلا ‹‹ مۇكەررەمنى ما تۆت ئايال يەر ئاستى سودا سارىيىدا ،ئۇرىۋېتىپتۇ،كىيىملىرىنى يىرتىۋېتىپتۇ،قوغلاپ ئىدارە ئالدىغا كەپتىكەن،مۇكەررەم ئىشخانىسىغا كىرىۋاپتۇ،ئۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى كۆكەرتىش ئىدارىسىدىكىمۇكەررەم تېپىشىپ قالغان مۇختەرنىڭ ئايالى،بىرسى ئاچىسى، ئىككىسى مۇختەرنىڭ ئاچىلىرى ئىكەن...››دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدۇق،دېگەندەك مۇكەررەم ئىشخانىسىدا يوغان بىر ئەرەنچە چاپاننى كىيىپ دۈگدىيىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.
-‹‹قان يالىغان ئىت گوداڭدىن قالماپتۇ››‹‹ ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە ››دېگەن شۇ ئوخشايدۇ،نېمانداق بۇرنىغا يىمەيدىغاندۇ،نېمانداق تويمىغۇر چوكاندۇ بۇ››‹‹ئېرى يوق بويتاقلارنى تاپسا بولمامدىغاندۇ مۇشۇنداق ھە دېگەندە تاياق يەپ ،يۈز –كۆزلىرىنى كۆكەرتىپ يۈرگىچە››‹‹نېمە دېگەن نومۇس قىلماسلىق،نېمە دېگەن رەسۋالىق بۇ››‹‹ھېلىمۇ نومۇس قىلماي يۈزىنى داپتەك قىلىپ يۈرىيدىكەن››‹‹ بىز نومۇس قىپ كېتىۋاتىمىز ،بىزنىڭمۇ يۈزىمىزنى قويمىدىغۇ..››،-دەپ غۇدىراشتۇق ئاچچىقىمىزدا،يەنە بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا ئىچ ئاغرىتىشتۇق،بىر خىزمەتدىشىمىز ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئەچىقىپ بەردى.
-مۇختەر ماڭا ‹‹خوتۇنۇم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم،مەن سىز بىلەن چوقۇم توي قىلىمەن تۇرىۋالدى، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ قاپتىمەن...›› دېگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن بولدى مۇكەررەم.
ئىدارە باشلىقى چۈشتىن كېيىن يىغىنغا كەتكەن ئىدى ، ياچېيكا سېكىرتارى ئۇ ئاياللارغا نېمىلەرنى دېدىكىن،ئاخىرى ئىدارە ئالدىدىن يوقالدى. شۇ ئىش بولۇپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى مۇكەررەمنىڭ چوڭ قىزى يۈز –كۆزلىرى تاتلانغان ،چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە (تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيتتى) سىرتتىن يىغلىغان پېتى ئىدارىگە كىرىپ كەلدى،كىمدۇر بىرىدىن قىزىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقام مۇكەررەم ،ئىشخانىسىدىن چىقىپ قىزى تەرەپكە كېلىپ،قولىنى تۇتۇپ ‹‹نېمە بولدىڭىز قىزىم؟..››دېگەن سوئالنى سوراپ بولغۇچە،قىزى ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى ،بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن مۇكەررەمنى قولىنى سىلكىپ ،نېرى ئىتتىرگەچ ۋارقىراپ تۇرۇپ :
-سەنمۇ بىر ئانا بولدۇڭمۇ؟نەرىڭ ئانىغا ئوخشايدۇ سېنىڭ،سېنىڭ مېنىڭ ئانام بولۇپ قالغانلىقىڭدىن بەكمۇ نومۇس قىلىپ كېتىۋاتىمەن؟مەكتەپتە يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرگىچىلىكىم قالمىدى،ئەركىشىگە تويمايدىغان سەندەك خوتۇننى نېمىشقا مېنىڭ ئاپام قىلىپ قويغان بولغىيتتى،ۋاي ئېسىت،ۋاي يۈرىكىم، سەندەك نومۇسنى بىلمەيدىغان،ھاياسىز خوتۇننىڭ كاساپىتىدىن ئۆلۈۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ مېنىڭ ......،-دېگەن سۆزلىرىنى ھەممىمىز دېگۈدەك ئاڭلىدۇق.قىزنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىغا قاراپ ئىچىمىز سېيرىلدى،بىرنەچچىمىز ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ،تەسەللىي بەرگەچ ئىشخانىغا ئەكىردۇق،يۈزىنى توسۇۋېلىپ ئېسەدەپ –ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان قىز بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىگە سۇنۇلغان چاينى ئوتلاپ ئىچتى ۋە سەل پەسكويغا چۈشتى،ئەتراپىغا قاراپ مۇكەررەمنى كۆرۈپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرغان پېتى ،ئۇنىڭغا ئېسىلىپ :
-ئەركىشىگە تويمايدىغان،كۆڭلى پەس نومۇسسىز،رەسۋالىقىڭ ئۆزۈڭ بىلەن كەتمەي ماڭىمۇ يۇققىلى تۇردى،ئەمدى مەكتەپكە قانداق بارىمەن؟مەكتەپتە يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىيمەن؟ئۆزۈڭ ئەسلى تاياق يە خەقتىن،ئەمدى بېرىپ سېنىڭ كاساپىتىڭدىن مەنمۇ بىكاردىن –بىكار ھارام تاياق يەۋالدىمما ئاشناڭدىڭ قىزىدىن...-دەپ ،يىغلىغان پېتى ئاپىسىنىڭ ياقىسىدىن سىلكىگىلى تۇردى،بىز دەرھال ئۇنىڭ قولىنى ئاجرىتىپ بەزلىدۇق.
يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالغان قىز بىزگە ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى.چۈشتىن كېيىن مەكتەپ ئالدىغا كېلىشىگە ،ھېلىقى مۇختەر دېگەننىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىزى بىرنەچچە بىرنەچچە قىزلار بىلەن بىرگە مۇكەررەمنىڭ قىزىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ‹‹ئاپاڭ دېگەن رەسۋا ...لاپ دادامنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ،نېمە قىلماقچى ئىكەن،ئاپىسى ...لاپنىڭ قىزىمۇ ..لاپ بولىدۇ،ۋۇي كىچىك بۇزۇق،رەسۋا.ئۇنداقچىنىڭ قىزى،بۇنداقچىنىڭ قىزى،ئاپاڭ دېگەن قېرى رەسۋا بۇزۇققا دادامدىن باشقا ئادەم چىقماپتىمۇ....››دەپ شۇنداق سەت ،رەسۋا سۆزلەر بىلەن تىللاپ،چاچلىرى يۇلۇپ ،يۈز –كۆزلىرىنى تاتلاپ كۆرگۈسىز قىلىۋېتىپتۇ،بىچارە قىز بى تەرەپتىن تاياقنىڭ دەردى،بىر تەرەپتىن ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىلكى قاراشلىرىنىڭ دەردى بىلەن ،ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي ،مەكتەپكىمۇ كىرمەي ئۇدۇل ئىدارىگە كېلىپ ،بار ئاچچىقىنى ئاپىسىدىن چىقىرىپتۇ.بىز ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ مۇكەررەمنى ئەيىپلىدۇق.
-قاراڭ قىزىڭىزنىڭ بىچارە تۇرقىنى،ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىمىسىڭىزمۇ قىزلىرىڭىزنى ئويلىسىڭىز بولمامدۇ؟مۇشىنىڭ بىلەن بىر ئەمەس بىرنەچچە قېتىم بولدى،سىز يا ياش – گۆدەك قىز بولمىسىڭىز،ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى سېپىلگەن كۆۋرۈككە ئىككىنچى دەسسىمەيدۇ،سىزنىڭ ئېشەكچىلىك ئەقلىڭىز يوقمۇ؟ئۆزىڭىز بىلەنلا كەتمەي ،قىزىڭىزمۇ بىرمۇنچە ئىزا –ئاھانەتكە قاپتۇ،تاياقمۇ يەپتۇ بىكاردىن –بىكار،كىچىككىنە قىزغا نېمە دېگەن ئەلەم،مۇشۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز..-دېدى بىر خىزمەتدىشىمىز ئاچچىقى بىلەن.
-دېمىسىمۇ سىز ئەر كۆرمىگەن ئايال بولمىسىڭىز،ئارىلاشسىڭىزمۇ ،تېگى –تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ،ئايالى ئاجرىشىپ كەتكەنراق بىرنىسى تېپىپ چىرايلىق توي قىلىۋالسىڭىز بولمامدۇ؟كوچا –كويلاردا خەق بىلەن سۆرىشىپ يۈرسىڭىز ،خەقنىڭ خوتۇنلىرىدىن تاياق يەپ يۈرسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشىمۇ؟ كوچا خوتۇنلىرىدىن پەرقىىڭز قالمايدۇ مۇشۇنداق قىىلۋەرسىىڭز -دېدى يەنە بىر خىزمەتدىشىم.
-باشقىلارنىڭ ...لاپ ،بۇزۇق،رەسۋا دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاش سىزدەك ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان ئايالغا ماس كېلەمدۇ ئويلاپ بېقىڭ،شەرمىي –ھايانى ئۇنۇتقان ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزى بولمايدۇ ،خەقمۇ ئۇنداق ئاياللارنى كۆزگە ئىلمايدۇ،ئەمدى ئۆزىڭىزنى تارتىڭ بۇنداق ئايىقى چىقماس،ئۆزىڭىزنى پەسلەشتۈرىدىغان ناشايان يوللاردىن،بۇ خوتۇن كىشى ئۈچۈن پەقەت ياخشى ئىش ئەمەس بۇ...،-دېدى يەنە بىر خىزمەتدىشىمىز،بىرسىمىز ئۇنى ،بىرسىمىز بۇنى دېيىشىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشتۇق.
-مەنمۇ مۇشۇ نەچچە كۈننىڭ ياقى ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالمايۋاتىمەن،سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىمۇ يۈزۈم قالمىدى،ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ كاساپىتى،بۇرنۇمغا يېمەي ،ئۆزۈمنى پەسلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ،خەقنىڭ خوتۇنلىرىدىن تاياق يەپ ،كۆرگەن كۈنۈم مانا.‹‹بۇزۇق،..لاپ...رەسۋا..››نامنىمۇ ئېپ قالدىم،بۇمۇ ئۆزۈمگە ئاز،قىلغان ئىشلىرىم ئۆزۈم بىلەنلا كەتمەي ،بىچارە قىزىمغىمۇ تېگىپتۇ كاساپىتى.ئاتا –ئانامنىڭ،ئىنى –سىڭىللىرىمنىڭ،قىزلىرىمنىڭ ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىمۇ يۈزۈم قالمىدى،مۇشۇ تاپتا ئاسمانغا چىقاي دېسەم ئاسمان يىراق،يەرگە كىرەي دېسەم يەر قاتتىق بولىۋاتىدۇ،ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندىكەن،بىلىپ –بىلمەي شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئېزىپ كېتىدىكەن،مەنمۇ شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئېزىپ كېتىپتىمەن،ئەمدى ئىككىنچى بۇنداق كوچىغا قەدەم باسمايمەن،خۇدايىم بۇيرىسا قىلغانلىرىمغا توۋا قىلىپ، ئىككى قىزىمغا ياخشى ئانا بولۇپ،بار كۈچۈمنى ئۇلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن سەرپ قىلىمەن،مۇشۇ يەردە تۇرغان ھەممىڭلار مۇشۇ سۆزۈمگە گۇۋاھ بولۇڭلار،ئەمدى يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق پەس ئىشنى قىلىپ سالسام،مەن ئادەم ئەمەس ئېشەك بولۇپ كېتەي ...،-دېدى مۇەكەررەم ئۆزىنى كاچاتلاپ ئۇرۇپ تۇرۇپ،بىرنەچچىمىز ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدۇق.
ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ مۇكەررەمنىڭ قىزىنىڭ ئانىسىنى ئەيىپلەپ ئېيتقان سۆزلىرى،مۇكەررەمنىڭ پۇشايمان ئىچىدە ئېيتقان سۆزلىرى قۇلۇقۇمنىڭ تۈۋىدىن كەتمىدى. كۆڭلۈمدە‹‹ ئىنسان دېگەن شۇنداق بولىدىكەنمىز، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ‹ ئىنسان دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندىكەن،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ مۇشۇنداق قىپ ساپتۇق،ئېزىپتىمىز....› دەيدىكەنمىز،قىلغانلىرىمىزغا پۇشايمان قىلىپ ياش تۆكىدىكەنمىز،بىراق ئورنىغا كەلمەيدىكەن››دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم ، يۇقارقىلارنى ئويلاۋېتىپ ئېھسان، تۇرسۇن،مۇختەر، مۇكەررەملەرگە ئوخشاش بىلىپ- بىلمەي شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن ‹‹خام سۈت ئەمگەن بەندە››لەربولغان نەپرىتىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئۇلارنىڭ
كۆڭلىگە ئۇلۇغ اللاھتىن ئىنساپ –دىيانەت تىلىدىم .ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىگىمۇ ئىنساپ تىلىگەچ ‹‹اللاھ خالىسا چوقۇم تېخىمۇ پاك –دىيانەتلىك،ھەقىقىي مۇسۇلمان ئايالى بولۇپ ياشايمەن››دېگەن ۋەدىنى بەردىم.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم.
|