قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1916|ئىنكاس: 18

موغۇلىستان خانلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29880
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 00:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HITMAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 21:27  

    بۇ مىلادىيە 1348- يىلى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن ئۇيغۇرلاشقان تۇغلۇق تۆمۈرخان تەرپىدىن قۇرۇلغان خانلىق بولۇپ ،ھازىرقى قورغاسقا تەۋە ئالمالىق شەھىرىنى پايتەخىت قىلغان ھالدا شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن بالقاش كۆلىگىچە ، غەرىپتە فەرغانە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى ، جەنۇپتا قاراقۇرۇم ، شەرىقتە قۇمۇلنىڭ شەرقىغىچە بولغان جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ مىلادىيە 1514 - يىلىغىچە دەۋىر سۈرگەن ۋە  1570- يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان . كىيىنكى چاغلاردا بۈيۈك سەئىدىيە خانلىقى ئورنىنى ئالغان .
1- تۇغلۇق تېمۇرخان
   تۇغلۇق تېمۇرخان چاغاتاي خانلىرىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىمىل غوجىنىڭ ئوغلى بولۇپ .  مىلادىيە 1348- يىلىدىن 1363- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . چاغاتاي خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ، دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر بولاجى جەنۇبى تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى چاغاتاي ۋە دوغلات ئەمىرلىرىنى كىڭەشكە چاقىرىپ چاغاتاي ئەۋلادىدىن بىرەركىشىنى خانلىق تەختىگە چىقىرىشنى قارار قىلغان . دەرۋەقە ئەمىر بولاجىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ، مىلادىيە 1348- يىلى تۇغلۇق تېمۇرخان ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە چىققان . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن چاغاتاي خانلىقى « موغۇلىستان خانلىقى » دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان . تۇغلۇق تېمۇرخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى خانلىق تەختىگە چىقارغان دوغلات جەمەتىگە چەكسىز ھوقوق ئىمتىيازلارنى بىرىپ ، .ھەربى ، مەمۇرى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمىر بولاجىنىڭ مۇدداسى بويىنچە بىر تەرەپ قىلغان ، شۇڭا تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ تەخىتكە چىقىشى بىلەن ، دوغلات قەبىلىسىنىڭ تەسىر كۈچى مىسلىسىز دەرەجىدە زورايغان . لىكىن كىيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە تۇغلۇق تېمۇرخان دوغلات جەمەتىنىڭ قولىدا قورچاق خان بولۇپ تۇرىۋىرىشنى خالىماي ، دوغلات قەبىلىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ھالدا تۆۋەندىكىدەك چارە تەدبىرلەرنى يولغا قويغان :
     بىرىنجى،ئەينى چاغدا ئىسلام دىنى ماڭلاي سۆيەر رايونىدىكى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دىن ئىدى. شۇڭا، تۇغلۇق تېمۇرخان بۇ رايۇندىكى ئاھالىلەرنىڭ(جۈملىدىن ،دىنى ساھەنىڭ)قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 24 يېشىدا مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان. ھەمدە ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى ئاشكارا ھالدا ئومۇملاشتۇرغان. بۇنداق ئەھۋالدا ، دوغلات جەمەتى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ ،ئۆزلىرىنىڭ خېلى بۇرۇندىنلا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان. شۇنداق قىلىپ ، دوغلات جەمەتى موغۇلىستان خانلىقىدا ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن جەمەت بولۇپ قالغان ھەمدە تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئىسلامىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللىغان. بۇنىڭ بىلەن ،ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 160مىڭ كىشى ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىۋېتىپ ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئىسلام دىنى موغۇلىستان خانلىقى تېرىتورىيەسىدە ئومۇم يۈزلۈك تارقىلىشقا باشلىغان.
   ئىككىنجى، تۇغلۇق تېمۇرخان ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە موغۇلىستان خانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ،1360-يىلىدىن باشلاپ ماۋرائۇننەھر رايونىغا قارتا بىر قاتار ھەربىي يۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇرۇش 1362-يىلىغىچە داۋاملىشىپ ، ئاخىر ماۋرائۇننەھر رايۇنىنىڭ تولۇق بويسۇندۇۇرلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. تۇغلۇق تېمۇرخان ماۋرائۇننەھر ئۇرشىدىن كېيىن بۇ رايۇن ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجىنى بۇ رايۇننىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەپ سەمەرقەندتە تۇرغان ھەمدە بارلاس قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر تېمۇرنى ئۇنىڭغا ئاتابەگ قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئەمرى شەرقتە قارا شەھەردىن غەرپتە بۇخاراغىچە ، شىمالدا بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن جەنۇپتا تا ھېندىقۇش تاغلىرىغىچە يېتىدىغان بولغان.1363-يىلى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ،موغۇلىستان خانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىشكە باشلىغان .
2- ئىلياس خوجىخان
  ئىلياس خوجىخان تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇرخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايۇنىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ  كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .ئۇ 1363-يىلىدىن 1365- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. لېكىن، ئىلياس خوجىخاننىڭ قايتىپ كېتىشى بىلەن ،  ماۋرائۇننەھردىكى ئەمىرلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، ئىلياس خوجىخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان .ئىلياس خوجىخان بۇ توپىلاڭنى باستۇرغان بولسىمۇ ، بىراق ئەسكەرلەر ئارسىغا ئېغىر كېزىك كېسىلى تارقالغاچقا، ئىلاجىسىز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.1365- يىلىغا كەلگەندە، ئىلياس خوجىخان قەشقەردە توپىلاڭ قوزغاپ ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان قەمەرىددىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .مۇشۇ قېتىملىق پاجىئەدە قەمەرىددىن تۇغلۇق    تېمۇرخان جەمەتىدىن جەمئي 18 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.
3- خىزىر خوجىخان
    خىزىر خوجىخان تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، 1387- يىلىدىن 1405- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ 1365- يىلىدىكى قەمەرىددىننىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئاتا بەگ خۇدايداتنىڭ ئانىسى تەرپىدىن يۇشۇرنۇپ ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قالغان . شۇۋەقەدىن كىيىن ، موغۇلىستان خانلىقى تا 1379- يىلىغىچە قەمەرىددىننىڭ نىسپى ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان . قەمەرىددىن ئۆلگەندىن كىيىن ، ئاتابەگ خۇدايدات موغۇلىستان خانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، نەچچە رەت ئادەم ئەۋەتىپ خىزىر خوجىخاننى مىڭ تەسلىكتە تىپىپ كەلگەن ھەمدە 1387- يىلى ئۇنى ئالمالىق شەھىرىدە تەخـىتكە چىقارغان . خىزىر خوجىخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەخىتكە چىقارغان خۇدايداتقا 12 خىل ھوقوق ۋە ئىمتىياز بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خۇدايداتنىڭ كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك چارە-تەدبىرلەرنى يولغا قويغان :
    بىرىنجى خىزىر خوجىخان چەتتىن كىلىدىغان تەھتىتنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، تىېمۇرىلەر خانى ئەمىر تېمۇر بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، 1389- يىلى ئۆز قىزى تەۋەككۇل خىنىمنى ئۇنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان . 1391- يىلىدىن باشلاپ شەرىقتىكى مىڭ سۇلالىسى بىلەن دوسلۇق ئورناتقان . بۇنىڭ بىلەن ،  خىزىرخوجىخان غەرىپب ۋە شەرىقتىن كىلىدىغان تەھتىدنىڭ  ئادىنى ئالغان .
   ئىككىنجى، خىزىرخوجىخان ئۆز زىمىنى تەۋەسىدىكى رەقىپلىرىنى تازلاش ئۈچۈن ، 1393- يىلى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئىدىقۇت خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە قارا قۇچۇ شەھىرىگە بىسىپ كىرىپ ئىدىقۇتنى ئۆلتۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەش ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بىرىلگەن .
   ئۈچىنجى خىزىرخوجىخان ئىسلامدىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۇرپان ۋە قۇمۇل رايۇنلىرىغا قارتا كەڭ كۆلەملىك غازات ئۇرىشى ئېلىپ بېرىپ ، بۇ جايلارنى ئىسلاملاشتۇرغان ھەمدە بۇ رايۇنلارنى ئۈنۈملۇك باشقۇرۇش ئۈچۈن بىشبالىق ۋە قارا قۇچۇ شەھىرىنى خانلىقنىڭ قوشۇمچە پايىتەختى قىلىپ بىكىتكەن .
   دىمەك ، خىزىرخوجىخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە يۇقىرقىدەك چارە- تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويلىلىشى بىلەن ، خانلىقتا بىرمەزگىل تىنىچ - خاتىرجەم ۋەزىيەت شەكىللىنگەن . بۇ ھال ئىجتىمائىي ئىقتىساتنىڭ يۈكسىلىشىنى پايدىلىق ئامىللار بىلەن تەمىنلىگەن . 1405- يىلى خىزىرخوجىخان كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .
4- شەمسىي جاھان
    شەمسىي جان خىزىرخوجىخاننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405- يىلىدىن 1408- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . شەمسىي جاھان ئۆز ھۆكۈرانلىقى دەۋرىدە مىڭ سۇلالىسىگە كۆپ قىتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ، ھەرخىل ئېسىل بويۇملارنى ھەدىيە قىلغان . مىڭ سۇلالىسىمۇ بۇننىڭغا مۇناسىپ جاۋاپلارنى قايتۇغان . شەمسىي جاھان 1408- يىلى ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان .
5- مۇھەممەدخان
   مۇھەممەدخان شەمسىي جاھاننىڭ ئىنىسى بولۇپ . ئۇ 1408- يىلىدىن 1415- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . مۇھەممەدخان تەقۋادار ئىسلام مۇرتى بولغاچقا ، تەختكە چىقىشى بىلەنلا ئىسلامدىنىنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۇلغا قويغان . بۇ ھال ئىسلام دىنىنىڭ يەنىمۇ ئوموملىشىشى ئۈچۈن بەزى شەرىت - شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەن . 1415- يىلى مۇھەممەدخان ئۆز ئەجىلى بىلەن چاپات بولغان .
6- شىر مۇھەممەدخان
  شىر مۇھەممەدخان مۇھەممەدخاننىڭ ئىنىسى بولۇپ . 1415- يىلدىن 1418-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . لىكىن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن خىزىرخوجىخاننىڭ نەۋرىسى مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى ئۇۋەيسخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .
7- ئۇۋەيسخان
     ئۇۋەيسخان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ . ئۇ 1418- يىلىدىن 1429-يىلىغىچە تەخىتتە ئوتۇرغان ئۇۋەيسخان ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى نۇرىددىننىڭ ياردىمى بىلەن شىر مۇھەممەدخاننى ئۆلتۈرۈپ موغۇلىستان تەختىگە چىققان . ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان :
    بىرىنجى ، ئۇۋەيسخان يىغىلىق تۈپەيلىدىن خاراپ بولغان ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەتۈرۈش ئۈچۈن ، شۇ ئىشائات قۇرلۇشىنى ئىلىپ بىرىپ دىھقانچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان . مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇۋەيسخان تۇرپاندا قۇدۇق قازدۇرۇپ تىرىقچىلىق قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر يىللىق ئوزىقىنىمۇ شۇيول ئارقىلىق ھەل قىلغان .
   ئىككىنجى ، ئۇۋەيسخان ئسلام دىنىنى تىخىمۇ ئومۇم لاشتۇرۇش ئۈچۈن ، يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ غەرىپكە كىڭەيگەن ئويرات مۇڭغۇلىرىغا قارتا نۇرغۇن قىتىم غازات ئۇرشى ئىلىپ بارغان . لىكىن ، ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى ئاساسەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ  تەسىرنى كىڭەيتىشتە خىلى كۈچ سەرىپ قىلغان .
   ئومومەن ، ئۇۋەيسخان يۇقىرقى سىياسەتلىرى ئارقىلىق ، خانلىقتا بىرمەزگىل تىنىچ ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈگەن . بىراق بۇخىل ۋەزىيەت ئۇزۇن داۋاملاشمىغان . 1429- يىلىغا كەلگەندە ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەۋلادى مىرزا ئۇلۇغ بەگ تەرپىدىن قوغلانغان ساتۇق سەمەرقەندتىن قوشۇن باشلاپ كىلىپ ، ئۇۋەيسخانغا قارشى ئۇرۇش قىلغان . ئۇرۇشتا ئۇۋەيسخان قول ئاستىدىكىلەر تەرپىدىن خاتا ھاقدا ئۆتۈرۈلگەن ھەمدە ئىلىغا ئىلىپ كىلىنىپ دەپنە قىلىنغان .
8 - ئېسان بۇغاخان
    ئېسانبۇغاخان ئۇۋەيسخاننىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ . بەزى مەنبەلەردە « ئېىسەن بۇقا سالىس » [ ئېىسەن بۇقاخان ئۈچىنجى ] دىگەن نام بىلەن ئاتالغان . ئىسانبۇغاخان 1429- يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇت شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان . ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئاكىسى يۈنۈسخاننى ئاستانىدىن قوغلاپ چىقارغان . مۇشۇ ئىشتىن كىيىن موغۇلىستان خانلىقى يەنە پارچىلىنىش كىرزىسىغا دۇچ كەلگەن . ئىسانبۇغاخان چىكىدىن ئاشقان زالىم ۋە مۇتەئەسسىپ خان بولغاچقا ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالغان . ھەتتا ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان ئەمىرلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشە توپىلاڭ كۆتۈرگەن . بۇنداق ئەھۋالدا ، يۇنۇسخان سەمەرقەند ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن موغۇلىستان خانلىقىنىڭ غەرىبى قىسىم رايۇنلىرىنى ئىگىلىۋاالغان ھەمدە بۇ جايلاردا ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان . دەرۋەقە ، ئېسانبۇغاخان ئاقسۇنىڭ شەرىقىدىكى رايۇنلاردىلا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالالىغان . ئۇ 1462- يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ۋاپات بولغان .
9- دوست مۇھەممەدخان
     دوست مۇھەمەدخان ئېسانبۇغاخاننىڭ ئۇغلى . ئېسانبۇغاخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان پولۇپ . 1462- يىلىدىن 1469- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ تەخىتكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، دوغلات جەمەتىدىن سانىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرى قەشقەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۆزىنى خان دەپ ئىلان قىلغان . بۇنىڭ بىلەن ، دوست مۇھەممەدخان ۋە تاشكەنتنى پايتەخىت قىلىپ تۇرىۋاتقان يۈنۈسخان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىن خەۋىپسىرەپ ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى نەچچە رەت ئۇرۇش ئىلىپ بارغان . لىكىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ كۈچى كۈندىن - كۈنگە زورىيىپ ، شەرىقتە ئاقسۇدىن غەرىپتە بەدەخشانغىچە ، شىمالدا فەرغانىدىن جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان رايۇنلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان . دەل مۇشۇنداق پەيىتتە ، دوست مۇھەممەدخان تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ ، ئۇنىڭ باشقۇرشىدىكى رايۇنلار مىزا ئابابەكرىنىڭ ئىغىر تەھتىدىگە ئۇچىرغان .
10 - كىپەك سۇلتان
     كىپەك سۇلتان دوست مۇھەممەدخاننىڭ ئۇغلى بولۇپ ، 1469- يىلىدىن 1472- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . لىكىن ئۇ تولىمۇ كىچىك بولغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈرانلىقى رايۇنىدىكى جايلارنى تۇتۇپ تۇرالمىغان . ئەمەلىيەتتە پەقەت تۇرپان رايۇنى بىلەنلا چىكلىنىپ قالغان . 1472- يىلى يۈنۈسخان ئىككىنجى ئوغلى ئەھمەدخاننى ئەۋەتىپ ، كىپەك سۇلتاننى تەخىتتىن چۈشۇرگەن .
11 - ئەھمەدخان
    ئەھمەدخان يۈنۈسخانىڭ ئىككىنجى ئوغلى ، 1487- يىلى يۈنۈسخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنى سۇلتانى دەپ ئاتىغان . ئۇ تۇرپاننى پايتەخىت قىلىپ ، بىر تەرەپتىن خانلىق تەۋەسىرىكى بۆلۈنمە كۈچلەرنى قاتتىق بىسىقتۇرۇپ ، ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن . يەنە بىر تەرەپتىن ، خانلىققا كىلىدىغان تاشقى تەھتىدنى يوقىتىش ئۈچۈن ، ئويراتلارغا ئىككى قىتىم جازا يۈرۈش قىلىپ ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان . 1502- يىلى ئۇ ئاكىسى مەھمۇدخاننىڭ تەكلىبىگە ئاساسەن سەئىد باشلىق ئوغۇللىرى ۋە نۇرغۇن قوشۇنغا ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىپ ماۋرائۇننەھرىگە ۈۇرۈش قىلغان ھەمدە ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ فەرغانىگە يىقىن ئەخشى دىگەن جايدا ئۆزبىك خانى مۇھەممەدشەيبانىخاننىڭ 30 مىڭ كىشلىك قوشۇنى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان . جەڭدە ئاكا - ئۇكا ئىككىسى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ ، شەيبانىخان تەرپىدىن ئەسىر ئىلىنغان . كىيىن ئۇلار شەيبانىخانغا زىمىن بۆلۈپ بىرىش بەدىلىگە ، ئەسىرلىكتىن ئازاد قىلىنغان . مۇشۇ ئىش يۈز بىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ،1504- يىلى ئەھمەدخان مەغلۇبىيەت دەردىگە چىدىماي ئاقسۇ شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئاكىسى مەھمۇدخان كىيىنچە جىيەنى سەئىد بىلەن زىتلىشىپ قىلىپ مەغلۇپ بولغان . ۋە 1508 - يىلى مۇھەممەدشەيبانىخاننىڭ قىشىغا قىچىپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلگەن .
12 - مەنسۇرخان
   مەنسۇرخان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئەھمەدخان ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارتقاندا ، ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق خان قىلىپ  تەيىنلىگەن . ئەھمەدخان ۋە مەھمۇدخان ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، پۈتكۇل خانلىقنىڭ ئەڭ ئالى ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان . 1514 - يىلى مەنسۇرخاننىڭ ئىنىسى سەئىدنىڭ مىرزا ئابا بەكرىنى يوقىتىپ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىشى بىلەن ، موغۇلىستان زىمىنىدا ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى مەيدەنغا كەلگەن . 1516 - يىلىغا كەلگەندە ، بۇ ئىككى خان ئەينى چاغدىكى مەشھۇر سوپى ئۆلىما خوجا تاجىددىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ،ئاقسۇنىڭ جام دىگەن يىزىسى ئارلىقىدىكى ئارابات دىگەن تۈزلەڭلىكتە كۆرۈشكەن . كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە ، ئىككى تەرەپنىڭ تىنىچ - ئىتىپاق ئۆتۈش ، بىر - بىرىگە يردەم بىرىش ، ئۆزئارا ئىقدىسادى مۇناسىۋەتلەردە بولۇش ، بىر - بىرىنى ئىتراپ قىلىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ، جەمىيەتتە بىر مەزگىل ئەمىنلىك ھۆكۈم سۈرگەن ، لىكىن سۇلتان ئابدۇرىشىدخاننىڭ [ 1533- يىلى ] تەخىتكە چىقىشى بىلەن ، مەنسۇرخان ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغان . سۇلتان ئابدۇرىشىدخان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، تاغىسىنىڭ بۇقىتىملىق ھۇجىمىنى چىكىندۈرگەن . 1538 - يىلى مەنسۇخان قايتا ئۇرۇش باشلىغاندا سۇلتان ئابدۇرىشىدخان تەرپىدىن يەنە بىر قىتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان . 1543 - يىلى مەنسۇرخان ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن .
13 - شاھ سۇلتان
   شاھ سۇلتان مەنسۇرخاننىڭ چوڭ ئوغلى ، 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ غەرىپتە باي نايىسىدىن شەرىقتە چىيايۈگۈەن قوۋۇقىغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان . 1556 - يىلى ئويراتلارنىڭ بىرقىتىملىق ھۇجۇمىدا ئوق تىگىپ ئۆلگەن .
14 - مەسئۇدخان
   مەسئۇدخان شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . لىكىن ، مەسئۇدخانىنڭ شاھ سۇلتان بىلەن بولغان نەسەبىي مۇناسىۋىتى ئىنىق ئەمەس . مەسئۇدخان ئاساسلىقى تۇرپان رايۇنىغىلا ھۆكۈمرانلىق قىلغان . 1570 - يىلى سەئىدىيە خانى ئابدۇلكەرىمخان قوشۇن ئەۋەتىپ ، تۇرپاننى ئىشخال قىلغان ھەمدە مەسئۇدخا ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ئالىپ باتۇرنى يەكەنگە باغلاپ ئىلىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن ئتىبارەن ، شەرقى قىسىمدىكى رايۇنلار ئابدۇلكەرىمخاننىڭ باشقۇرشىغا ئۆتۈپ ، پۈتكۈل  ئۇيغۇرلار رايۇنى سەئىدىيە خانلىقى تەسەررۇپىغا ئۆتكەن .
    ئومومەن قىلىپ ئېيىتقاندا ، موغۇلىستان خانلىقىدا جەمىي 14 خان تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ ، بۇ خانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە خانلىقتا نۇرغۇن چوڭ - كىچىك تارىخى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن . شۇڭا بۇ خانلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ۋە نەسەپنامىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ، [ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رايۇنىنىڭ ] بىر پۈتۈن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە . تامام .
مەنبە . غەربىي يۇرت تارىخىمىزدىكى خاقانلار ۋە باشقىلار .....   

0

تېما

1

دوست

868

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15120
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 18:20:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلار تارىخىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2352
توردىكى ۋاقتى: 583
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 19:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ كۈنى ئىككى موڭغۇل ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇلارمۇ ئۇيغۇر موڭغۇلنى بىر تۇققان دەپ قارايدىكەن .

0

تېما

2

دوست

1668

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26721
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 20:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ناھايىتى زوق بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم،ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ئىلگىرى توردىن «تارىخى رەشىدىيە»ناملىق كىتاپنى ئۇقىغانتىم،بۇ تارىخلار شۇ كىتاپتا بولسىمۇ ئۇقۇپ كىتىۋېتىپ ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش بولىدىكەن،بۇنى ئىخچاملاپ سۇنۇپسىز،يەنە بولسا ئايىمىغايسىز....

1

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 20:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى ماتىريالكەن. رەھمەت سىزگە!!

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29895
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 20:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلار تارىخىنى ناھايىتى ياخشى ئىخچاملاپ بىرىپسىز،ساقلاپ قويۇشقا لايىق ماتىريال ئىكەن.لىكىن بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر «باھادىرنامە»دىكى ۋەقەلىكلەر بىلەن ئوخشىمايدىكەن.بولسا كىيىنكى تارىخلارنىمۇ مۇشۇنداق ئىخچاملاپ يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.

4

تېما

1

دوست

621

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29784
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 22:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4- شەمسىي جاھان
    شەمسىي جان خىزىرخوجىخاننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405- يىلىدىن 1048- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .

يىلنامىدە  خاتالىق باركەن  قايتا تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭز.

ئەجرىڭىزگە كوپ تەشەككۇر  ناھايتى ياخشى ماتىريال يۇللاپسىز.
مۇنبەردە مۇشۇنداق تارىغى تىمىلار كوپرەك يۇللانسكەن دەيمەن.

2

تېما

2

دوست

2168

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5492
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 00:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر يوققۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )