قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1460|ئىنكاس: 8

قەدىمىي مۇمىيادىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق ئىرىمچىك بايقالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قۇياش يېيىشكە بو

18

تېما

9

دوست

3813

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10892
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 590
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 650
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 16:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   قەدىمىي مۇمىيادىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق ئىرىمچىك بايقالدى


  كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق مۇمىيادىكى نائېنىق ماددىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك ئىكەنلىكى يېقىندا گېرمانىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن.

    بۇ بايقاش گېرمانىيەنىڭ دىرېسدېن شەھىرىگە جايلاشقان ماكس-پلانىك ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ۋە گېنېتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن بۇ يىل مارتتا ئىلىم ساھەسىگە ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تارىخى، بولۇپمۇ پىشلاق ۋە ئىرىمچىك ياساش تېخنىكىسىنىڭ تارىخى يەنىمۇ ئالدىغا سۈرۈلگەن.

   ئىلگىرى پىشلاق ياكى ئىرىمچىك تۈرىدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىپ كەلگەن. ھالبۇكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن قېزىۋېلىنغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قۇرۇغان جەسەتلەر بىلەن بىللە ئىرىمچىكنىڭ بايقىلىشى ئىنسانىيەت يېمەكلىك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا سوئال قويماقتا.

   ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن بايقالغان بۇ ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك قانداق جەريانلار بىلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى؟

گېرمانىيە گۆتتىنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى چەككەن بۇ ئىرىمچىكنىڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن بايقالغان كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

   ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن جەنۇبقا بۆلۈنۈپ ئاققان كىچىك دەريا بويىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق تۇنجى قېتىم 1934-يىلى بايقالغان. بۇنى لوپنۇرلۇق يول باشلىغۇچى ئۆردەكنىڭ مەلۇماتى بويىچە شىۋېت ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىدىن سۋېن ھېدىن ۋە بېرگمان قاتارلىقلار تاپقان. 2002-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بېرگماننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىسىگە ئاساسەن كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا باشلىغان. نەتىجىدە 2004-يىلىغا بارغاندا مەزكۇر قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان مۇكەممەل شەكىلدە ساقلانغان بىر ئايالنىڭ قۇرىغان جەسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى چەككەن. 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتى تارىم ئارخېئولوگىيەسىدىكى زور بايقاش ھېسابلانغان.

   تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، دوكتور ئابلەت سەمەت كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «كىچىك دەريا گۈزىلى» دەپ ئاتالغان بۇ قەدىمىي جەسەتنىڭ بوينىدىكى بىزەكنىڭ ئىچىدە ساقلانغان ئىرىمچىكنىڭ گېرمانىيە ماكس-پلانىك ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ۋە گېنىتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

   ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك ۋە ئەڭ قەدىمىي ئىشتاننىڭ يىراق تارىختا تارىم ئويمانلىقىدا يۇقىرى دەرىجىدە گۈللەنگەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابلەت سەمەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىرىمچىكنىڭ ئىنسانىيەت يېمەك-ئىچمەك تارىخىدا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي سۈت مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا تارىملىقلارنىڭ تۇتقان مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 21:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرىمچىك تەملىك راسلام.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

14

تېما

0

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11822
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 761
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 1034
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 02:55:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئەن چىڭلىڭشەن دىگەن يەردە ، ئويغۇر پىرامىدا بار ئۇنىڭ تارىخى 15000 يىللىق تارىققا ئىگە . (مەن بىر ماتىرىيالدا كورگەندەك ئىسىمدە بار)

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 09:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن جەنۇبقا بۆلۈنۈپ ئاققان كىچىك دەريا بويىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق تۇنجى قېتىم 1934-يىلى بايقالغان.
____________-
كىچىك دەريا ئەمەس، كىچىك مىرەن بولىشى كىرەكمۇ قانداق؟

2

تېما

3

دوست

4712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 468
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 11:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3

تېما

0

دوست

4638

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1139
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
./thread-21288-1-2.html
« مۇ قۇرۇغلۇقى

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 16:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anwarili يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 02:55
شىئەن چىڭلىڭشەن دىگەن يەردە ، ئويغۇر پىرامىدا بار ئۇنى ...

مېنىڭ كۆرگۈنۈمدە 4000 يىلغا يېقىن يەنى مېسىردىكى ئەل ئېھرامدىن 500 يىلدىن 1000 يىلغىچە بۇرۇن دەپ كۈرگەن

0

تېما

3

دوست

1471

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17973
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 20:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سوراپ قالدىم دوسلار ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر،‹ماسسون تەشكىلاتى›توغرىسىدا بىرە نەرسە بىلىدىغانلار بولسا تەلىم بەرگەن بولساڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )