- تىزىملاتقان
- 2012-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1105
- نادىر
- 1
- يازما
- 40
ئۆسۈش
10.5%
|
چىملىقتىكى ئېلىشىش : بىرازىلىيىدىكى " دۇنيا لوڭقىسى " نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا - 3 ( 1 - باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ 2 - ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە )
2014 – يىللىق " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسى 18 – ئىيۇن سەھەردىن 23 – ئىيۇن ( دۈشەنبە ) سەھەرگىچە 1 – باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ 2 – ئايلانمىسىنى تاماملىدى. بىر قىسىم دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ تەقدىرى موشۇ ئايلانمىدىلا ( گۇرۇپپىۋى مۇسابىقە ئاخىرلاشمايلا ) ئېنىق بەلگىلەندى. يەتتە دۆلەت كوماندىسى – گوللاندىيە، چىلى، كۇلۇمبىيە، كوستارىكا، فرانسىيە، ئارگىنتىنا، ۋە بىلگىيىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقىپ، 2 – باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. 3 – ئايلانمىدىكى مۇسابىقىسى پەقەت ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئورۇن رېتىغىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەش دۆلەت كوماندىسى ـ كامىرۇن، ئىسپانىيە، ئاۋستىرالىيە، ئېنگلاند، ۋە بوسنىيىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كېتىپ، ئۇھسىنغان ھالدا يۇرتىغا قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويدى. 3 – ئايلانمىدىكى مۇسابىقىسى پەقەت ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ياكى تەسەللىي خاراكتىرىدىلا بولىدۇ، خالاس. قالغان دۆلەت كوماندىلىرى گۇرۇپپىۋى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا داۋاملىق « قان كېچىپ جەڭ قىلىدۇ ». ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش – چىقالماسلىقى ۋە چىققاندىن كېيىنكى ئورۇن رېتى ( دەرىجىسى ) نى 3 – ئايلانما مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندە، 2 – ئايلانما مۇسابىقە نەتىجىسىدىن ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە نەزەر سېلىپ باقايلى :
خىسلەتلىك - ئوۋچياۋيا
A گۇرۇپپىدىكى برازىلىيە بىلەن مىكسىكىنىڭ مۇسابىقىسىدە، مىكسىكا ۋارتارى – ئوۋچياۋيا كارامىتىنى كۆرسەتتى. ئۇ، برازىلىيىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى، قاپقىغا ئۇرۇلغان، كىرىش ئېھتىمالى ھەقىقەتەن چوڭ توپلارنى ئويلىمىغان يەردىن بىرمۇ – بىر توسۇۋېلىپ، نىيمار باشچىلىقىدىكى برازىلىيە توپ چولپانلىرىغا باشتىن ـ ئاخىر نومۇر ئېلىش پۇرسىتى بەرمەي، ئۇلارنى ئامالسىز قويۇپ، بىر كېچىدىلا دۇنياغا تونۇلدى. ئۇنىڭ باتۇرانە روھى ۋە دۇنياۋى سەۋىيىدىكى توپ توسۇشلىرى پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى ھەم بىرازىلىيە توپچىلىرىنى مىكسىكا كوماندىسىنىڭ قاپقىسى خۇددى تام بىلەن قوپۇرۇلۇپ، توسۇپ قويۇلغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. نەتىجە 0:0 بىلەن تەڭلىشىپ، ھەر ئىككى كوماندا بىردىن نومۇرغا ئېرىشتى. كرودىيە بىلەن كامىرۇننىڭ مۇسابىقىسىدە، كرودىيە كوماندىسى 1- ئايلانما مۇسابىقىدىكى پۈتۈن « دەرد »ىنى كامىرۇندىن ئالدى. ئۇلار 4:0 نەتىجە بىلەن تۇلۇق غەلبە قىلىپ، 3- ئايلانمىدىكى رەقىبى مىكسىكىغا زور خرىس قىلدى. كامىرۇن كوماندىسى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىنىڭ ھەر ئىككىسىدە مەغلۇپ بولۇپ، دۇنيا مۇسابىقىسى بىلەن بالدۇرلا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولدى. نۆۋەتتە، بۇ گۇرۇپپىدا ئەڭ ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىۋاتقىنى بىرازىلىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر تۆت نومۇرى بولۇپلا قالماي، 3- ئايلانمىدا ئاللىقاچان شاللىنىپ كەتكەن كامىرۇن كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ناۋادا، بىرازىلىيە كوماندىسى كامىرۇندىن ئىبارەت بۇ « شىر » نىڭ « جان ئاچچىقى »دىكى قاتتىق تىركىشىشىدىن سەل پەخەس بولسىلا، گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىۋېرىدۇ. لېكىن، 3- ئايلانمىدا ئۇچرىشىدىغان مىكسىكا بىلەن كرودىيە بۇلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. سەۋىيىسى، جەڭگىۋارلىقى ۋە پۇرسىتى ئاساسەن تەڭ بولغان بۇ ئىككى كوماندا بىر- بىرىنى « يەۋىتىش » مەقسىتى ( مىكسىكا كوماندىسى ئەڭ بولمىغاندا تەڭ بولۇشنى كۆزلەيدۇ ) دە ئالامەت ئېلىشىدۇ.
« خەير-خوش، ئىسپانىيە »
B گۇرۇپپىدا، قارىغاندا ئىسپانىيە كوماندىسى 1-ئايلانمىدا گوللاندىيە كوماندىسىدىن يىگەن « ئېغىر مۇشت »نىڭ زەربىسىدىن تېخى ھوشىغا كېلەلمىگەندەك قىلىدۇ، ئۇلار 2:0 نەتىجە بىلەن چىلى كوماندىسىغا ئۇتتىرىۋەتتى . بۇنىڭ بىلەن يېققىنقى ئالتە يىلدىن بېرى جاھاننى بويسۇندۇرىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ كوماندا گۇرۇپپىۋى مۇسابىقە ئاخىرلاشمايلا شاللىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ شاللىنىپ كېتىش سەۋەبىنى ھەر تەرەپتىن كۆرۈش مۇمكىن. لېكىن، شۇبھىسىزكى، ئۇنىڭ شاللىنىپ كېتىشى ھېچبىر ئويلىمىغان يەردىن چىققان بولۇپ، بىر پۈتۈن مۇسابىقىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرىشىنى تۈپتىن قالايماقانلاشتۇرىۋەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. گوللاندىيە بىلەن ئاۋستىرالىيىنىڭ مۇسابىقىسىدا، ئاۋستىرالىيە كوماندىسى خېلى تىرىشقان، ھەتتا گوللاندىيە كوماندىسىنى بىرمەھەل گاڭگىرىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە، يەنىلا قۇدرەتلىك رەقىبىگە 2:3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئەمدى، بۇ گۇرۇپپىدا گوللاندىيە ۋە چىلىغا نىسپەتەن A گۇرۇپپىدىكى برازىلىيە بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇچرىشىپ قالماسلىقتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇ قالدى. ئىسپانىيە بىلەن ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنىڭ 3- ئايلانمىدىكى ئۇچرىشىشى « جان چىققاندا ‹ياسىن›نىڭ نىمە كىرىكى »دىگەندەك ئەھمىيەتسىز بولغاچقا، مۇسابىقىگە سەپلىمە ئەزالىرىنى چۈشۈرۈپ، « مەيدان كۆرسىتىش »ى مۇمكىن.
كولۇمبىيە ۋە بىلگىيىنىڭ غەلبىسى
C ۋە H گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھېلىھەم مۆلچەردىكىدەك كېتىپ بارماقتا. خوشاللىق يېرى، ئىككى گۇرۇپپىدىكى « ئۇرۇق » كوماندىلار – كولۇمبىيە بىلەن بىلگىيىلەر ھەر ئىككى جەڭدە غەلىبە قىلىپ، گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىش ئارزۇسىغا چاققانلا يىتىۋالدى. ئۇلار، 3- ئايلانمىدا موشۇ جەڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىسىلا بولدى. ئەمما، گۇرۇپپىدىكى باشقىلار ھازىرچە بۇلاردەك ئەركىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كەلگۈسى مۇسابىقىدىن ئۇنچە ئاسان « ۋاز كەچكۈسى » يوق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرىگە يەنە بىر پۇرسەت بار.
« كوستارىكا، كوستارىكا !... »
D يەنى، ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلغان « ھالاكەت گۇرۇپپىسى »دا، كوستارىكا كوماندىسى ئۆزىنىڭ مۆجىزىگە تولغان « ئەپسانە »سىنى داۋاملاشتۇرۇپ، « ئالەمنى مالەم » قىلماقتا. ئۇ، بۇ ئايلانمىدا 1:0 نەتىجە بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى رەقىبى، تۆت نۆۋەتلىك دۇنيا چىمپىيونى – ئىتالىيىنى ئۇتۇپ، ئۇنى داغدا قويدى ۋە گۇرۇپپىدىن غالىب قەدەم ئېلىپ، گىگانتلارچە چىقىپ كەلدى. پۈتۈن دۇنيا كوستارىكا كوماندىسىغا قاراپ، « ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ » قالدى، « قارا تۇلپار » دەسلەپكى قەدەمدە پەيدا بولدى.
1- ئايلانمىدا كوستارىكادىن ئۇشتۇمتۇت « تاياق » يەۋالغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسى تىزلا ئىسىنى يىغىپ، يادرولۇق ماھىرى – سۇئالىس كىرگۈزگەن ئىككى توپ بىلەن رەقىبى – ئېنگلاندنى ئۇتىۋالدى. ئېنگلاندنىڭ كوزىر ماھىرى – رۇنىي ئۈچ قېتىم دۇنيا مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندىن بۇيانقى تۇنجى توپىنى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۆز كوماندىسىنى شاللىنىپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. ئېنگلاند كوماندىسى 3-ئايلانمىدا ئاللىقاچان گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان كوستارىكا كوماندىسى بىلەن « يۈز- ئابروي » مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. قالغان ئىككى كوماندا يەنەبىر « بىلە »نى تالىشىپ، ئۆزئارا « قان » بولىشىدۇ.
E، F لاردىكى ئەھۋالچۇ ؟
بۇ گۇرۇپپىلاردا، فرانسىيە بىلەن ئارگىنتىنالار مۆلچەردىكىگە ئوخشاش، گۇرۇپپىلىرىدىن ئۇتۇقلۇق چىقتى. ھەر ئىككىسىنىڭ دۇنياۋى چولپانلىرى- بېنزىما ۋە مىسسىلارنىڭ ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماقتا. بولۇپمۇ، فرانسىيە ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى « سۈرۈپ- توقاي » قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ خىيالىدا ھازىر، 2- باسقۇچتا كىم بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىق ئويىلا بار. سەۋىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار، ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ 1- لىك ئورنىنى ساقلىسىلا، ھەرگىز 2- باسقۇچتا تۇتىشىپ قالمايدۇ، قالغانلىرىنىڭ كارى چاغلىق. يەنە بىر سالاھىيەتكە نىسپەتەن E گۇرۇپپىدا شىۋېتسارىيە، F گۇرۇپپىدا نىگىرىيىنىڭ « نەپسى » چوڭراق. ئىككى گۇرۇپپىدىكى ھۇندۇراس بىلەن ئىراننىڭ پەقەت نەزىرىيە جەھەتتىنلا گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىمالى بار.
پورتۇگالىيىنىڭ تەلىيى
G گۇرۇپپىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا، بەختكە قارشى ئامىرىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان گانا كوماندىسى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن 2:2 بولۇپ تەڭلىشىپ،قىممەتلىك بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر، ئۇ بۇ مەيداندىكى ئىپادىسىنى 3- ئايلانمىدىمۇ ئىزچىللاشتۇرسا، روھى- ھالىتى تۇراقسىز پورتۇگالىيە كوماندىسىنى ئۇتۇش ئېھتىمالى بار. ئەمما، بۇ ئېھتىماللىق گىرمانىيە بىلەن ئامىرىكىنىڭ بىر-بىرىنى ئۇتىشىنى شەرت قىلىدۇ. موشۇ يەردە چاقچاق قىلىپ باقاي - ناۋادا، نىسپەتەن كۈچلۈك ھېساپلانغان گىرمانىيە كوماندىسى سابىق تېرىنىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيىنىڭ داڭلىق توپ چولپىنى، ھازىرقى ئامىرىكا كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى- كېلىنسىماننىڭ « يۈزى »نى قىلىپ، ئامىرىكا كوماندىسىنى ئاياپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىچكى جەھەتتىن « تىل بىرىكتۈرۈپ »، « تەڭ » چىقىپ قالسا ئىش چاتاق. ھەممە ئىش يوققا چىقىپ، گۇرۇپپىدىن چىقىش خام خىيالدىن ئىبارەتلا بولۇپ قالىدۇ ( ئەمما، گىرمانىيە بىلەن ئامىرىكا كوماندىسىنىڭ بىرلىشىۋېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. تەڭ نەتىجە كېلىپ چىققان تەقدىردىمۇ، بۇ تەبىئىي ھادىسىلا، خالاس ). 2- ئايلانمىدا ئامىرىكا كوماندىسى بىلەن تۇتىشىپ، شاللىنىپ كېتىدىغان بولدى، دىگەندە - مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى نەچچە سىكونتىدا نەتىجىنى ئاران 2:2 قىلىپ تەڭلەشتۈرۈپ، گۇرۇپپىدىن چىقىشنىڭ ئاجىز ھالقىسىغا « ئىنجىقلاپ » يۈرۈپ ئېسىلىۋالالىغان
پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ پۇرسىتىمۇ خۇددى گانانىڭكى بىلەن ئوخشاش. 1- شەرت، ئىككىسى 3- ئايلانمىدا تۈزۈك ئېلىشىشى كېرەك. |
|