ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، باپلايدۇ ھەر باپ بىلەن
بۆگۈن ھەقىقەتەن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم. ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئۆيگە كىلىپلا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ بۆگۈنكى بۇ ئاچچىق ساۋاقنى كۆپچىلىككە سۇنۇپ ئازراق بولسىمۇ روھى جەھەتتە يىنىكلەپ قالاي دىگەن ئۈمىتتە بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتىمەن. مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ مەن خالىمىغان ئىشنى قىلىشنى بۇيرىغانلىقى، مىنىڭ رەت قىلغانلىق بىلەن قايناۋاتقان قازانغا سوغاق سۇ قۇيغاندەكلا جىمىجىت ئاخىرلاشتى.دىمىسىمۇ مەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسام ماۋسۇملۇق، باسقۇچلۇق ئىنتاھان مەزگىلىدە باشقا بىر ئوقۇتۇش گورۇپپىسىغا(سىياسى-تارىخ جوغراپىيە ئوقۇتۇش گوروپپىسىغا) چىقىپ ئىنتاھان قەغىزى تەكشۈرۈش زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى. ئۇنىڭسىزمۇ ماۋسۇم ئاخىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرس نەتىجە جەدۋىلىنى ئىشلىمەكمۇ ئاسان ئەمەستە. ھەر بىر سىنىپنىڭ ماۋسۇملۇق ئىنتاھان نەتىجە جەدۋىلى، دۆلەتلىك چېنىقىش ئۆلچىمى ۋە يىللىق تەنتەربىيە نەتىجە جەدۋىلى بۇلۇپ ئۈچ جەدۋەل جەمى ئون ئىككى جەدۋەلنى(مەن جەمى تۆت سىنىپقا دەرس بىرىمەن)ئىشلەش ئۆچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى مەكتەپ مۇدىرى بىلمىسە كېرەك. ئاخىرى مەن ھەر بىر ئوقۇتۇش گوروپپىسىكى خىزمەتنى شۇ گورۇپپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىشى كېرەكلىكىنى، مەنمۇ ئەتىگەنلىك چۈشلۈك گىمناستىكا ئوينىتىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك يىغىنلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش، يىغىن ئىنتىزامىنى ساقلاشتەك ئىشلارنى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گوروپپىسى قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ بۇ ئىشنى قىلماسلىق توغرىسىدا مۇدىرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندا مۇدىرنىڭ: سىز مىنىڭ ئالدىمغا ھاجەتمەن بۇلۇپ كەلمەمسىز دىگەن كىنايىلىق گەپلىرىگەجاۋابەن، چۈشتىن كىيىنلا ئالدىڭىزغا كىرىپ ئەتىكى باجامنىڭ ئوغلىنىڭ تۇيىغا رۇخسەت سوراش ئۆچۈن ئالدىغا كىلىدىغانلىقىمنى دەپ چىقىپ كەتتىم. ئىشتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى رۇخسەت سوراش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئالدىغا ئەكىرەي دەپ تۇرسام مۇدىر ئىشتىن چۈشۈپ كىتىپ قالدى. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئىلمى مۇدىرىمىزمۇ ھازىرقى ئىنتاھان مەزگىلدىكى بارلىق رۇخسەتنى مۇدىرنىڭ بىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇدىرغا تېلىفۇن قىلىپ رۇخسەت سورىشىمنى ئەسكەرتتى. مەن ئامالسىز مۇدىرغا تېلىفۇن قىلسام ئالمىدى.(بەلكىم ئاڭلىمىغان بۇلۇشى مۇمكىن).دەل شۇ چاغدا ئىلمى مۇدىرنىڭ ئىش ئۈستىلىدىكى باشقا بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئەتىكى بىر كۈنلۈك رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىنى كۆرۈپ قۇلۇمغا ئېلىپ قارىسام مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرنىڭ رۇخسەت بەرگەنلىك ئىمزاسى بار ئىكەن. مەن يەنە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرغا باشقىلارغا پۈتۈن كۈن رۇخسەت بىرىپسىز ئەجىبا ماڭا ئەتە چۈشتىن بۇرۇن يېرىم كۈنلۈك رۇخسەتمۇ بەرمەمسىز دەپ سورىسام، بۇ خىزمەتداش مەكتەپ مۇدىرغا ھازىر تېلىفۇن قىلىپ رۇخسەت ئالدى سۇڭا مەن ئىمزا قويۇپ بەردىم دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئامالسىز يەنە بىر قېتىم مۇدىرغا تېلىفۇن قىلدىم. تەلىيىمگە مۇدىرنىڭ ئاچچىقى ياندىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ تېلىفۇننى ئالدى. مەن رۇخسەت سوراش ئىشىنى ئېيتسام ماڭا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى،مۇدىرنىڭ ئىككى ئېغىز گىپىنى ئالماسلىق سەۋەبىدىن مىنىڭمۇ گىپىمنى ئالمايدىغانلىقىنى رۇخسەت بەرسە باشقىلارنىڭ ئالدىدا لەت بۇلۇدىغانلىقىنى، كىيىنكى قېتىملىق رۇخسەتلەردە ئويلىنىپ باقىدىغانلىقىنى شۇڭلاشقا تويغا ئەتە چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بارسام بۇلۇدىغانلىقىمنى ئېيتتى. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىلمى مۇدىرمۇ ئامال قىلالمىدى.مەن ئاخىرى ئەتە مەكتەپكە بېرىپ سائەت 8:30 دا قايتىدىن مۇدىردىن رۇخسەت ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئىدىيەسىدىكى شەخسى خاپىلىقنى خىزمەتكە ياڭزاپ ئالمىسىمۇ بۇلاتتى. ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، باپلايدۇ ھەر باپ بىلەن دىگەن گەپنى كۆپ ئاڭلىغان، لېكىن بۇ كۈنلەردە مىنىڭ بېشىمغا كەلگەندىلا ئاندىن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. كىم بىلسۇن ئەتىمۇ رۇخسەت ئالالمامدىن تېخى.ناۋادا رۇخسەت بەرمىسە يېرىم كۈن خىزمەت تاشلاپ ئايالىمنىڭ ۋە مىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئالدىدا ئايالىمنىڭ ئابرويىنى قىلماقتىن باشقا چارە قالمىدى.
رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر (ساتىرا) تۆتتاش
ئەتە تويغا بارمىسام زادى بولماس پەقەتلا، ئەگەر رۇخسەت بەرسىڭىز خۇش بۇلىمەن قەۋەتلا، ئەمدى رۇخسەت ئالمايمەن پەقەت مۇشۇ نۆۋەتلا، بۇيۇنتاۋلىق قىلمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
بولسا قانداق ئىشىڭىز،دەرھال بەجا كەلتۈرەي، مېھمان قىلىپ دائىما خوراز، پاخلان ئۆلتۈرەي، ھەييار بۇلۇپ گەپ سۆزدە كۈندە سىزنى كۈلدۈرەي، سۆزىڭىدىن چىقمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
ماس كەلمىگەن خىزمەتنى گۆدەكلىكتە ياق دىدىم، تەپەككۈرلۈك كاللام بار مەن ھەممىڭدىن ساق دىدىم، تۈمۈر تاۋاق بار مەندە مۇئاشىم بار باق دىدىم، ئەمدى سىزنى ئىشتمايمەن رۇخسەت بىرىڭ خان مۇدىر.
خاتالىقىم بولغاچقا ئالدىڭىزدا ناماقۇل، كۆپ پۇشايمان قىلدىممەن دەيمەن ئەمدى ھەماقۇل، ئەمدى سىزنى قوغدايمەن بۇلۇپ مەڭگۈ باقاۋۇل، نادانلىقنى قىلمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
ئەلگە ئىجاد بېغىدىن گۈل دەستىلەر تۇتايلى! بۇلىقىدىن ھاياتنىڭ شىرىن شەربەت يۇتايلى! مىھىر بىرىپ دوستلۇققا كۈڭلىمىزنى ئۇتايلى! تۇيۇق يولغا ماڭمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى
|