بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ayguzal2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-28 15:03
ھىلارى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بۇلالامدۇ ئايگۈزەل تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە”كۈندىلىك پوچتا گېزىتى “خەۋەر قىلىشىچە، سابىق ئامېركا زوڭتوڭى كىلىنتون بىلەن ئۆسەك خەۋەر تارقاتقان ئاق ساراي پىراكتىكانتى لەۋىنسىكى، يېقىندا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەتچىلىكلىرىنى قايتىدىن تارقاتقان .خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ،كىلىنتون مەقسەتلىك ھالدا لەۋىنسىكى ۋە ئايالى ھىلارىدىن ئاشكارە كەچۈرۈم سورىغان.بۇ ئارقىلىق ئۇ سىرتقى تەنقىدلەرنى توسۇپ ھىلارىنى قوغدىيالايدۇ،ئايالىنىڭ 2016-يىلى زوڭتوڭ ئۇرۇشىغا قوراللىق قاتنىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرەلەيدۇ. قارىغاندا ھىلارى بۇ قېتىم بەكلا كۆرەڭلەپ كىتىپتۇ،ئامېركا يۇنجى ئايال زوڭتوڭلۇق ئورنىغا قاراپلا ئېتىلىپتۇ. بۇ قېتىم ۋەتەنگە كوماندىروپكىغا چىقىش ئالدىدا،ئامېركىلىق يەھۇدى رەھبەر جېك.روسېن مىنى ئۇلارنىڭ ھىلارى توغرىلىق ئۆتكۈزگەن يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلدى.بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولسا ئامېركا يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى ھىلارى.كىلىنتونغا”ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى “بىرىش،ھەمدە ئامېركا يەھۇدىلىرىنىڭ ھىلارىغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلەش.ھىلارى سۆز قىلغاندىمۇ ئوتتۇرا شەرىق ئىشلىرىنى ئاساس قىلىپ ،ئامېركىنىڭ ئىسرالىيەگە بولغان بىخەتەرلىك مۇداپىيەسى توغرىسىدىكى ئىزچىل مەيدانىنى تەكىتلىدى. ئامېركىنىڭ بۇ خىل سىياسىي تۈس ئالغان يىغىلىشلىرىنىڭ باشلىنىشى سەل ئۇزاقراق بولىدۇ،باشلىنىشىدا سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەر خىل كىشىلەر ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ كەيپىيات تەڭشەيدۇ. ئۇ كۈنى ھىلارى ئۈچۈن كەلگەن سىياسىئون ۋە پۇلدارلار بەكمۇ كۆپ،مېكسىكا سابىق زوڭتوڭى فوكىس بىلەن رەپىقىسى، جۇڭگونىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا باش كونسۇلى سۈن گوشىياڭ مۇ تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرلۈپتۇ.كۆپچىلىك رومكىنى كۆتۇرۇپ ئارلاپ يۇرۇشمەكتە،ئىزدەيدىغان ئادەملىرىنى ئىزدەپ،رەسىملەرگە چۈشۈپ ،سورۇننىڭ رەسمىي باشلىنىشىنى كۈتمەكتە. نيۇيورك شەھەر باشلىقى بىلەن دىپلوماتىيە ئەلچىسى،ۋە جۇڭگو،ئىسرالىيە ،لاتىن ئامېركىسى،ياۋروپا،ئافرىقا،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسەت،ئىقتىساد،مەدەنىيەت ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە مېكسىكا سابىق زوڭتوڭى فوكىس ۋە ئارگېنتىنانىڭ زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان بۇيرىس ئايرىس شەھەر باشلىقىمۇ بار.بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم داڭلىق شەخىسلەرمۇ بار،مەسىلەن ئالدىنقى يىللىق دۇنيا گۈزىلى،رىياسەتچىلىك ساھەسىدىكى كاتتا شەخىس باربارا.ۋولتىس،ۋە بەزى كىنو چولپانلىرى قاتارلىقلار. يەھۇدى كوللىكتىپىنىڭ قوللىشى زوڭتوڭ سالىمىدا بەكمۇ مۇھىم،كىلىنتون سايلامغا قاتغاشقان ۋە ھاكىمىيەت باشقۇرغان چاغدىمۇ يەھۇدى كوللىكتىپىنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن.بۇ قېتىملىق يىغىنمۇ ھىلارى دۆلەت كاتىپى بولمىغاندىن بېرى تۇنجق قېتىم ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىگەن يەھۇدى تەشكىلاتى.ئامېركا ۋاستىلىرى ھىلارىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتنىشىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ،شۇڭا ئۇلا بۇ قېتىمق پائالىيەتكە بەكلا چوڭ ئۈمۇت باغلىىدى.ABC،CNN،نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى،رېيتېر ئاگېنتلىقى،ۋال سىترېت گېزىتى،ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ۋە باشقا ۋاستىلەر ھەممىسى نەق مەيداندىن خەۋەر بەردى.
ئىلگىرى ھىلارىنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم،بولۇپمۇ ئاسىيا-ئامېركا سودا تەرەققىيات مەركىزىنىڭ باشلىقى جوننى كۆپرەك ئۇچرىتىمەن،ئۇ ھىلارى سايلام رىقابەتكومتېتىنىڭ باشلىقى ۋە شۇنداقلا ھىلارى بىلەن ئاسىيادىكى چەت دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈك.ئلگىرى بۇنداق سىياسىي يىغىلىشلارغا قاتناشسام ھەممىسى خىزمەت سەۋەبىدىن ئىدى ،ھىلارىنىڭ نۇتۇقىنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە دوسلۇرۇم ئۈچۈن ھىلارى بىلەن رەسىمگە چۈشىۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدىم.بۇ قېتىم شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزۈم ئۈچۈن بىر پارچە رەسىمگە چۈشىۋلدىم. ھىلارى بەلكىم ئامېركا زوڭتوڭ سايلام رىقابىتىدە ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىن،ئەگەر شۇنداق بولسا مەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن بۇ ئايال ئامېركىنىڭ سابىق بىرىنچى ئايالى ياكى دۆلەت كاتىپى بولۇپلا قالماي يەنە ئامېركىنىڭ تۇنجى ئايال زوڭتوڭى بۇلۇپ قالامدۇ تېخى. 2013-يىلى10-ئاينىڭ 31-كۈنى،ئەنگىلىيە”كۈندىلىك پوچتا گېزىتى “مۇنداق خەۋەر بەرگەن،ئامېركىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى.كىلىنتون 2016-يىللىق زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتنىشامدۇ دىگەن مەسىلىگە ناھايىتى ئېنىق بىشارەت بىرىپ مۇنداق دىدى”:مىنىڭ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئويۇم بار “. ئامېركا ۋاستىلىرى ئىچىدىمۇ .كۆپۈنچە چوڭ ۋاستىلەر ھىلارىنىڭ 2016-يىللىق زوڭتوڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ،CNNھەتتا ھىلارى ئۈچۈن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ ،ئۇنىڭ 2016-يىللىق زوڭتوڭ سايلام رىقابىتى ئۈچۈن دوست تارتىىشىپ بېرىۋاتىدۇ.ئامېركا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى (NBC)مۇ ھىلارىنى تېما قىلغان تۆت سائەتلىك فىلىم ئىشلەپ 2016-يىلى زوڭتوڭ تاللاش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا قۇيۇپ تارقاتماقچى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ،ھىلارى يېڭىدىن ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقىپ،ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى بارلىق سەتچىلىكلىرىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئېچىپ تاشلىماقچىكەن،بۇنداق قىلغاندا ئۇ -2016يىللىق زوڭتوڭ سايلام يولىنى پاكپاكىز تازلاپ،ھېچقانداق شەخسىي سەتچىلىك رىقابەتچىسىنىڭ ئۇنى قورقىتىدىغان قورالى بولۇپ قالالمايدىكەن. يەنە بىر ”ئەھۋال بىلگۈچى “مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى :تەرجىمھالدا ھىلارى ئۆزىنىڭ قوش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارلاپلا قالماي يەنە ،لەۋىنسىكىنىڭ ئىلگىرى كىلىنتونغا بالا تۇغۇپ بېرىپ كىلىنتوننى تارتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارلىماقچى.بۇنىڭدىن باشقا تەرجىمھالدا ئۇ يەنە ئوۋباما ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئۆزىدىن كۆپ قېتم يۈز ئۆرۈگەنلىكى ۋە ھاقارەت قىلغانلىقى،ھەمدە”ھىرىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئىتغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئېيتماقچى.ئىچكى ئەرباپ يەنە مۇنداق دېدى”:بۇ كىتاب ئوۋباما ئەر-ئايالنى چۇقۇم تىرىكتۈرۈپ قويىدۇ.لىكىن ھىلارى ئۆزىنىڭ -2016يىللىق سايلامدا بەكلا قارشى ئېلىندىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،ئوۋبامانىڭ قوللىشى بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ “.كىلىنتون ھىلارىغا مۇنداق دەيدۇ”:ئامېركىلىقلار بۇ ئشلارنى بىلىشى كېرەك “.كىلىنتون يەنە بىر دوستىغا ھىلارىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ”:مىنىڭ ئايالىم ھازىرقى زوڭتوڭدىنمۇ بەكراق كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى “.ھىلارى 25مىليۇن ئامېركا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا قەلەم ھەققىگە ئېرىشىدۇ،گەرچە ئۇ تېخى قەلەم تەۋرەتمىگەن بولسىمۇ ،ئۇ ئاللىبۇرۇن 14مىليۇن ئامېركا دوللىرى ئالدىن تۆلەنگەن قەلەم ھەققىگە ئېرىشتى.
مەنبە: http://gaoweiweiusa.blog.163.com ... 953201441412815182/ |