قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1113|ئىنكاس: 30

نۇزۇگۇم روھى ۋە قىزلاردىكى ئىپپەت قارىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

307

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27340
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 00:10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
نۇزۇگۇم  روھى ۋە قىزلاردىكى ئىپپەت قارىشى

(تۇرمۇش تەسىراتلىرى)

تۇرادىن ئابدۇرېھىم


     ئىپپەت مۇھىممۇ،ھاياتمۇ؟دىگەن سوئال قويۇلسا بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز:ئەلۋەتتە ھەر ئىككىلىسى مۇھىم،دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز مۈمكىن.توغرا،ئادەم ئۈچۈن،بولۇپمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى ھىساپلىنىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئۈچۈن ئىپپەتمۇ،ھاياتمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.
     بىراق،پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا،مۇشۇ ئىككىسىدىن بىرسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىپپىتىنى تاللايدىغان قىز-ئاياللىرىمىز زادى قانچىلىكتۇ؟بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋال بىز تارىخنى ۋاراقلاپ باقايلى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر قىزى،دىيارىمىز قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن باتۇر ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم(چولپانگۈل)نىڭ باتۇرانە خىسلىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلمايدىغان قىزلىرىمىز بولمىسا كېرەك. نۇزۇگۇم ياشىغان دەۋردە ھازىرقىدەك ئىلغار تارقىتىش ۋاستىلىرىمۇ يوق،بىر ئامال قىلىپ ساۋادىنى چىقىرۋالغانلار ئانچە-مۇنچە دىنىي كىتاپلارنى ئوقۇغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، نامراتلارنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش نىسىپ بولمىغان. ئەمىسە نۇزۇگۇم ئۇقۇيالمىغان ئىكەن،قىزلار ئەمەس،ئەرلەردىمۇ كەم تېپىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلەرنى نەدىن ئۈگەنگەندۇ؟ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى مۇقەددەس بىلىش، ئۇنى جان تىكىپ قوغداشتىن ئىبارەت بىر ئاڭ ئۇنىڭ ئىددىيىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.ئۇنداق بولمىسا،شۇنچىۋالا دەردۇ-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ نىمە كەپتۇ؟توي بوپ بولدى،ئەلھۆكمىلىللا،بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي،دىگەن بولسا،ئالتۇن-كۈمۈش،تاۋار-دۇردۇن دىگەنگە كۆمۈلۈپ ياشايتتى.سۆيگىنى باقىمۇ ئىزلەپ تاپالماي،باشقا قىزغا ئۆيلىنەر ئىدى،نۇزۇگۇممۇ ياش جېنىدىن ئايرىلماس ئىدى.
      يەنە قاراپ باقايلى،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەھنە ئەسەر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندە خاراكتىرلىك ئەسەر"غۇنچەم"دىرامىسىغا.سىيىت گەرچە بىر ماڭقا،دەلدۈش بولسىمۇ،باينىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى.بايلىق دىگەن يېتىپ ئاشقۇدەك بار.ئاتا-ئانىسىدىن قالسا غۇنچەم ئىككىسىگە قالىدۇ.تۇرمۇشى باياشات ئۆتىدۇ.لېكىن غۇنچەم بۇ باياشاتچىلىقتىن كېچىپ نۇرۇمنى دەپ ياش جېنىنى دوغا تىكتى.يەنە قارايلى.يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ"لېيىغان بۇلاق"رومانىغا.خالىقتىن ئىبارەت شۇ دەۋرنىڭ نوچىسى،بايۋەتچىسى نىمە ئۈچۈن نەفىسەدىن ئىبارەت بىر ئاددى ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرالمايدۇ؟ نىمىشقا نەفىسە ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللايدۇ؟
بۇ سوئالغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بىرنەچچە قىسقا ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.
1-ھېكايە.
     مەلۇم بىر كۈنى تاكسىدا ئۆيگە قايتىش يولىدا،تاكسىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان بىر قىزنىڭ تېلفۇندا دەۋاتقان سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتتى.ئۇ قىز كۆپ بولسا 15-16 ياشلاردا بولۇپ،،قولىدىكى كىتاپنىڭ يان تەرىپىگە يېزىلغان خەتتىن ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىگنى بىلدىم.لېكىن ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپ-سۆزلەر بىر-ئىككى قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان بەزىبىر بىزەڭ ئاياللاردىنمۇ بەتەر ئىدى:<ھە، نىمە بولاۋاتىسە؟ھەجەپ تېلفۇننى ئالالمايسەنغۇ؟قارا مەدەك خوتۇنۇڭ ئوغۇل تۇغۇپ بەرسە بەك خوش بوپ كەتكەن ئوخشىمامسەن؟ئاڭلاپ قوي،مەن دوختۇرخانىغا بارماسلىق قارارىغا كەلدىم.يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن ئوقۇش پۈتسە مەن بۇ ھالىتىم بىلەن ئۆيگە نىمە دەپ بارىمەن؟مېنىڭ دىگىنىمنى قىلساڭ مەيلى، ئىككى-تۆت تال پۇل بىلەن قۇتۇلامەنمىكى دەپ ئويلىغان بولساڭ،خام خىيال قىلما، شۇ چىدىمىغانئايالىڭنى تۇل، ئىككى بالاڭنى يىتىم قىلىپ توختايمەن.نىمە كۆرسەم كۆردۈم،ياشقىمۇ بار بۇ ئۆلۈم،قېرىغىمۇ بار. سەندەك قاسماق شوپۇرغا بوزەك بولىدىغان...گۈل تېخى ئانىسىدىن تۇغۇلمىدى جۇما!>
    يائاللا،ئەگەر سىرتتىن ئاڭلىغان بولسام،بۇ گەپلەرنىڭ كىچىككىنە قىزنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىغا ئىشەنمەس ئىدىم.شوپۇر بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق.ئۇ قىز گويا ماشىنىدا ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوقتەك بىخىرامان سۆزلەۋاتاتتى.قاراڭ،بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟ساۋاقداشلىرىنىڭ،مەكتەپنىڭ پارىڭى چىقىشقا تېگىشلىك ئېغىزدىن ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدىغان گەپ-سۆزلەر چىقىۋاتسا.ئانا سۈتى پۇراشقا تېگىشلىك ئېغىزدىن نىمە-نىمىلەر ئېقىۋاتسا؟ئەگەر قىز ئۆزى دىگەندەك ئىشلارنى قىلسا،بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى،ساۋاقداش،ئۇستازلىرى نىمە بوپ كېتەر؟
2-ھېكايە.
    خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل ساقچىخانىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا كىملىك تارقىتىش،ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم.بىر كۈنى مەلۇم بىر ئىدارىكى يېڭى خىزمەتكە چىققان، كەسپتە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىزنىڭ كىملىگى قولۇمغا چىقىپ قالدى.جامائەت خەۋپسىزلىگى ئىچكى تورى ئوچۇق بولغاچقا  كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈپ باقتىم.نىمە دىگەن سەتچىلىك،يېقىنقى يېرىم يىل ئىچىدە 6 ناھىيە-شەھەردە جەمى 19 قېتىم ياتاق ئېچىپتۇ.ھەممىسىدە ئاشۇ كىملىكنىڭ ئۇچۇرى.بىللە ياتاق ئاچقانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىدىن كىچىك بالىلارمۇ،دادىسىدەك ،ئاكىسىدەك ئادەملەرمۇ بار ئىكەن. قىزىقچىلىقتا مۇنداقلا قىلغان ئىشىمنىڭ ئاخىرى ئىچىم ئاچچىققا تولۇش بىلەن ئاخىرلاشتى. نىمىشقا تەكشۈرگەندىمەن؟شۇ قىز كېيىنچە توي قىلماسمۇ؟بالىلىق بولماسمۇ؟ھالال نىكاھلاپ ئالغان ئېرىگە نىمە دەپ جاۋاپ بېرەر؟شۇنچىلىك ئىشنى ئويلىيالمىغان قىزنىڭ تەربىيلىگەن باللىرى قانداق چوڭ بولار؟
3-ھېكايە.
     تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەپلىك،بىر مەزگىل ساماۋەر شورپىخانىسىدا مۇلازىملىق قىلدىم.ئىشىم ئانچە ئېغىرمۇ ئەمەس،مائاشىم يۇقىرى ئىدى.لېكىن شۇ يۇقىرى مائاشىمنى تاشلاپ خىزمەتتىن ئىستىپا بەردىم.بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق :ياشلىرىمىز تەبرىكلىمىسە تۇرالمايدىغان ئاتالمىش"ئاشىق-مەشۇق بايرىمى"كۈنى ئىدى.ئالدىن ئورۇن زاكاز قىلغانلار بىر-بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى.بىر چاغدا مەن تونۇيدىغان،خېلى ئېسىل بىر ئادەم كېلىپ ئۆزى زاكاز قىلغان ئىككى كىشىلىك ئايرىمخانىنى سورىدى ۋە مۇلازىم قىزغا:بىردەمدىن كېيىن بىرەيلەن كېلىپ مەن ئولتۇرغان ئايرىمخانىنىڭ ئىسمىنى دەيدۇ،باشلاپ ئەكىرىپ قويۇڭ،دىدى.دىگەندەك يېرىم سائەتلەردىن كېيىن يەنە مەن تونۇيدىغان ھەمدە ئەخلاق-پەزىلەتلىك دەپ قارايدىغان بىر قىز(توي قىلغىنىغا 2 يىلچە بولغان ياش ئايال) كېلىپ شۇ ئايرىمخانىنى سورىدى.ۋاي توۋا،بۇ جەمىيەت نىمە بوپ كېتىۋاتىدۇ؟ئاۋۇ ئادەمنىڭ چوڭ بالىسى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدۇ. ئايالىمۇ شۇنچىلىك پاكىز،رەتلىك يۈرىدىغان پەرىشتە سۈپەت بىر ئايال.ئاۋۇ قىزنىڭمۇ بىر ئوبدان يولدىشى،بىر ياشلارغا كىرگەن ئوغلى بار تۇرۇپ نىمە قىلغىنى بۇ؟ھەي، بولدىلا،ئىككىلىسى بىر سېستىمىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن خىزمەت توغىرلىق پارىڭى باردۇ دەپ ئويلىدىم.
    ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كېيىن ھېلىقى ئەر ئالدىدا چىقىپ ئۇدۇل ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى مېھمانخانىغا چىقىپ كەتتى.ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ھېلىقى قىزمۇ ئاستا چىقىپ تۆت تەرەپكە قارىۋېتىپ غىپپىدە ياتاققا چىقىپ كەتتى.ھەي ئېسىت،بىچارە ئەر،شۇ تاپتا سەن <چاي>غا كەتكەن ئايالىڭنى ساقلاپ ئۆيدە بالاڭغا قاراۋاتقانسەن.شۇ جاپاكەش ئايالمۇ باللىلىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ ئىدارىدە<نۆۋەتچىلىك>قىلىۋاتقان ئېرىگە سىقىنىپ گېلىدىن تاماق ئۆتمەي ئولتۇرغاندۇ،ياكى تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندۇ؟
     ئەمدى ماۋۇ ئىپلاسلارچۇ؟مېنىڭ نەزىرىمدىكى <ئېسىل>ئادەم بىلەن<ئەخلاقلىق>ئايال كىچىككىنە كۆڭۈل خوشلىغىنى دەپ نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ،ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلىشقان ھالال جۈپتىلىرى بىلەن نارىسىدە باللىرىنىڭ بىغۇبار يۈزلىرىگە قىلچە  ئەيمەنمەستىن ئاياق باستى! ئەي خۇدا!كۆرۈۋاتامدىغانسەن بۇ مەينەتچىلىكلەرنى؟...............
    ھېكايىمىز تېخى تۈگىمىگەن،لېكىن سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن بۇ ھېكايىلەرنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ ،ئەسلى تېمىدىكى ھېكايىمىزگە قايتىپ كېلەيلى.
شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىدا ھەر پەيشەنبە كۈنى كۆرسىتىلىدىغان <قانۇن ۋە پۇقرا> پىروگراممىسىنى كۆرۈۋاتىمەن.دېلو مىسالىدىكى ۋەقەنى ئاڭلاپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى.مەرھۇمە قىزغا شۇنچىلىك ئېچىنىش بىلەن بىللە،ئۇ قىزنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغانلىغىدەك قەيسىرانە روھىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان ئىكەن:مەلۇم ناھىيىلىك بىر قىز ۋىلايەت مەركىزىدە داۋالىنىۋاتقان ئاچىسىنى يوقلىغىلى مېڭىپ يولدا بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ.كەچتە ئۇ قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە قىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى باھانە قىلىپ ياتاقتا قىزغا زورلۇق قىلماقچى بولغان.قىز قېچىپ چىققاندا كارىدورغا قوغلاپ چىققان مەلئۇن قىزنى ئۇرۇپ،سۆرەپ يەنە ياتاققا قايتۇرۇپ كىرگەن.ئاخىرى قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن قىز دېرىزە ئەينىكىنى چېقىپ 6-قەۋەتتىن سەكرىگەن.
نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال.ئەمدىلا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان  ناتىۋان قىز بىر نائەھلى ئادىمى ھايۋاننىڭ سەۋەبىدىن ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان.
    يەنە ئويلاپ باقايلى،بىرىنچى ھېكايىدىكى ئوقۇغۇچى قىز،ئىككىنچى ھېكايىدىكى تېخى توي قىلمىغان قىز،ئۈچىنچى ھېكايىدىكى ئەرلىك ئايال،بۇ ھېكايىدىكى ئىپپەت قۇربانى بولغان قىز -ھەممىسى ئايال جىنىستىن،مىللىتى ئۇيغۇر بولسىمۇ لېكىن بۇ تۆتەيلەننىڭ نەزىرىدىكى ئىپپەت قارىشى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.بىرىنچىسى گويا ئىپپەتنى قاچان لازىم بولۇپ چىقسىلا تېپىلىدىغان مەھەللىسىدىكى تاللا بازىرىدا ساتىدىغان مالغا ئوخشاش پەرەز قىلىدۇ.ئىككىنچىسى باشقىلارغا لازىم بولغاندا بېرىپ تۇرسا ئىشلىتىپ بولۇپ قايتۇرۇپ ئالىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمىدەك پەرەز قىلىدۇ.ئۈچىنچىسى ئەتىگىنى ئۆي سۈپۈرگەندە چىقىدىغان ئەخلەتتەك پەرەز قىلىدۇ.چۈنكى ئەخلەت دىگەن بۈگۈن سۈپۈرسەڭ ئەتە يەنە چىقىدۇ.گويا ئەرلىك ئايالدا ئىپپەت بولمىسىمۇ بولىدىغاندەك.ئەمدى تۆتىنچى قىزچۇ؟ئۇ ئۆز ئىپپىتىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز  بىلگەن،ئەجداتلاردىن قالغان تەۋەرۈك ئەخلاقىمىزنى مۇقەددەس بىلگەن.ئۇ قىزنىڭ نەزىرىدە ئىپپىتىنى يوقىتىش ماھىيەتتە ئۆزىنى يوقىتىش،ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.
    ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق يۇقارقى 3 پارچە ھېكايىدىكىدەك ۋەقەلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.لېكىن تۆتىنچى ھېكايىدىكى قىزدەكلەردىن زادى قانچىسى باردۇ؟ بەزىلەر ،قىزلارنىڭ شۇنداق يوللارغا مېڭىشىدا ئەرلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟دىيىشى مۈمكىن.ئەلۋەتتە بار.يۇقىرقى ھېكايىلىرىمىزدىكى قىز-ئاياللارنىڭ بۇلغىنىشىدا ئەرلەر ئاساسلىق سەۋەپچى دىيىشكە بولىدۇ.چۈنكى گۆدەك ئوقۇغۇچى قىزنى ئالداپ شۇ كۈنلەرگە قويغان،شۇنداق ئىپلاس گەپ-سۆزنى قىلغۇزغانمۇ،تېخى توي قىلمىغان قىزنى بۇزۇپ يولدىن چىقارغانمۇ،ئەرلىك ئايالغا قانات سۆرەپ ،ئۆزىگە ئوخشاش ئەركەكلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرغانمۇ دەل،ئائىلىنىڭ تۈۋرۈگى ،بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ شەخس سانىلىدىغان <ۋىجدانلىق>ئەرلىرىمىزدۇر .ئەجىبا سەن ئايالىڭنى كوچىدا كېتىپ بېرىپ تاسادىپى سوقۇلۇپ كەتكەن نامەلۇم بىر ئەردىن،ئاخشىمى  مەھەللەڭدىن ئالا-تاغىل ناخشا توۋلاپ ماڭغان ساراڭ مەستلەردىن كۈنلەپ تاياققا باسىسەنۇ،سەن ئارىلاشقان شۇ ئەقىلسىز ئايالنىڭ بىچارە ئېرىنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش كۆڭلى بارلىغىنى ئويلاپمۇ قويمايسەن؟
      ماقالىمىزنىڭ تېمىسىغا قايتىپ كەلسەك،شۇ رەھمەتلىك قىز دەرىزىدىن سەكرىگىچە قىلىدىغان ئىشنى قىلىپ،توي قىلىدىغان چاغدا رايونىمىزدىكى ئىلغار تېخنىكىلىق ئاتالمىش<قىزلىق پەردە>سالىدىغان دوختۇرخانىلارغا بېرىپلا ئىشنى پۈتتۈرسە بولمامدۇ؟تامامەن بولىدۇ،چۈنكى ئۇ ئىشلارنى كىم كۆرەتتى؟يېپىق قازان يېپىق پېتى قالاتتى.ھەممە ئىش ئۆز يولىدا مېڭىۋىرەتتى ئەمەسمۇ؟لېكىن ئۇ قىزنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى قانداقتۇر ھەر خىل بۇلغىمىلار بىلەن بۇلغانغان ئەۋرەز يۇندىسىدەك مەينەت قان ئەمەس،بەلكى مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان قەھرىمان قىز نۇزۇگۇمنىڭ قېنى،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى غۇنچەم ۋە نەفىسەلەرنىڭ قېنى.نۇزۇگۇمنىڭ بۇ قەھرىمانلارچە روھى بىزنىڭ يۇقۇرقى ھېكايىمىزدىكى  قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ نومۇسسىز،پۈچەك روھى ئالدىدا گويا تاڭ شەپىقىدەك جۇلالاپ،ئەسىرلەر ئۆتكەنسېرى  قىممىتى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.
ياشىسۇن نۇزۇگۇم روھى!!!

2014-يىلى 20-ئىيۇن. ئۈرۈمچى

0

تېما

1

دوست

632

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:32:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلارنىڭ قولىدا،قىزلانىڭ كەلگۈسى ئوغۇللارنىڭ قولىدا،قىزلار كەلگۈسىدە ئانا بولغۇچى،2يىل بۇرۇن ھېيتگاھ ئالدىدىن باغچىغا پىيادە مىڭىپ كېتىپ بارساق ئالدە تەرەپتىىن بىر قانچە قىز ياغلىق ئارتقان ھالدا ۋېلسىپىتلىك ھالدا كېلىۋاتاتتى،تۇيۇقىز ئۇلار ۋىناس(قەشقەردىكى داڭلىق دىبا)نىڭ ئالدىغا كىلىپ ياغلىقنى ئېلىۋىتىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى،توۋا دەپ قالدىم ،گەرچە بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بوسمۇ بۇ يەردە تىلغا ئىپ قالدىم،نۇزۇگۇمدەك قىزلار تۈپ مىللىي خاسلىققا ئىگە چەت يەرلەردىن چىقىدۇ،بەلكىم بۇنداقلار بار-بارا ئۆتمۈشكە ئايلنىپ قېلىشى مومكىن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

6061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 498
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 13:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازۇگۇم ھەققىدە يېزىلمىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى--موللا بىلال نازىمىنىڭ‹‹نازۇگۇم››داستا نىدىن ھېساپلىغاندا 100 يىلدىن ئاشتى.ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار،تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆزىمىزنىڭ شائىر-يازغۇچىلىرىمىز ئۇنىڭ ئاجايىپ جاسارىتىنى مەدھىيىلەپ نۇرغۇن داستان،رومان،شېئىر...لار يازدى.تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلدى.ئۆزبېكىستان كىنۇ ئىشلىدى. بۇ يىل ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى كارا ئابرامسۇن خانىم بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

1

تېما

2

دوست

6061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 498
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 14:02:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارا خانىم ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا پىششىق بولغاچقا،نازۇگۇم ھەققىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە يېزىلما-ماتېرىياللارنى تەپسىلى كۆرۈپ،سېلىشتۇرۇپ- تەتقىق قىلغان ۋە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردىن  بىرى‹‹ئاسىيا تەتقىقات ژورنىلى››دا  ‹‹جىنىسىيەت،ئۇيغۇر كىملىكى،نازۇگۇم›› تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

1

تېما

2

دوست

6061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 498
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 14:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور ماقالىسىدا:ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىزچىل مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ ئورنى،رولىغا ئەھمىيەت بەرگەن...دېگەن كۆز قاراشنى دەلىللىگەن.
  بۇ ماقالە--سېستىمىلىق،ئاكادېمىيىلىك ئىلمىي تەتقىقات بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
نازۇگۇم تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدۇ.

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 15:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن  تۈزۈلىشىگە بىركىشلىك ھەسسە قوشىشىمىز كېرەك  
        
   يوقالسۇن  بۇزۇقلار ،
   
  ياشىسۇن نۇزۇگۇم روھى  !!!  !!!

0

تېما

0

دوست

207

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24941
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 15:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي  جاھان نېمە بۇلۇپ كەتتڭ...

0

تېما

1

دوست

971

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 17:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپەت بىلەن ھەققىقى قىزلىق بىر ئۇقۇم بۇلۇپ ،بۇنى ئەخلاقلىق ،شەرمى -ھايالىق ،ئىمانلىق بىر قىزغا نىسبەتەن بۇ بەك مويىم ئەلۋەتتە ،تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپەتلىك قىزلىرى قىزلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىنى قۇربان قىلغان !دىمەك بىر قىز ئۈچۈن قىزلىق (ئىپەت )بەك مويىم !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )