- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 108
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
36%
|
ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز
پىغانى
...
«قۇربان ھېيت يېقىنلاپ قالدى.
كىيىم-كىچەك زاۋۇتى كېرەكسىز دۆۋە-دۆۋە رەختلەرنى 300يۈەن بىلەنلا چىرايلىق يۈز قۇر لىباس قىلىپ,بازارغا سالدى.ئۇلارنى بىر يايمىچىغا 1500يۈەنگە توپ سېتىپ بەرگەنىدى,يايمىچىنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.زاۋۇت ئىشچىلېرىمۇ چاندۇرماي قاقاھلاشتى.يايمىچى ھەر بىر لىباسنىڭ باھاسىنى 49يۈەن بېكىتتى.خېرىدارلار شۇ ياققا يولىدى.يايمىچى ئۆزىنىڭ ئۇستا سۆزمەنلىكى بىلەن يايمىلېرىنى بىردەمدىلا سېتىپ تۈگەتتى.باجچىلار كەلدى.يايمىچىدىن 100يۈەن سورىدى.يايمىچى خۇشامەت قىلىپ 150يۈەن تۆلىۋەتتى-دە,ئۆيىگە راۋان بولدى.شۇ سەۋەب,باجچىلار كېيىنكىسىنىڭ قېشىغا "200يۈەن!" دەپ باردى.يايمىچى ئۆيىگە كېلىپ,دارامەتلېرىنى قانماي-قانماي سۆيۈشكە باشلىدى.دەرۋازا قېقىلدى.بىر ھاسىلىق دىۋانە.ئۇنىڭغا بىر يۈەن بېرىۋەتسىلا,دۇئاسىغا نائىل بولالايتتى.ئەمما تىللاقلىق ھەيدىۋەتتى.شۇ چاغدا,يىرتىق كىيىملېرى مەينەت,ئوماق يۈزلېرى توپا ئىككى قىز يايمىچىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:
---دادا,ئۈچ كۈن ئۆتسە قۇربان ھېيت!بىزگە ئاياغ-ئېگىن ئېلىپ بەرمەمسەن؟---دېدى.
---پۇل بولسا ئان ئالغىلى بولىدۇ ئېگىن دېگەننى.
---سەندە بۇ يىل پۇل جىققۇ,دادا!ئۆتكەن يىلى يېنىڭدا پۇل شۇقەدەر ئاز تۇرسىمۇ,بىزگە,ئانامغا يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەنتىڭ!ئاداشلېرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا شۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ.سەنمۇ ئېلىپ بەرگىنچۇ,دادا!
---ۋايجان...تولا كاپشىماي يوقىلىشە ماڭ!يا شۇلارغا بالا بولۇۋېلىش بېرىپ.جايى بار پۇللار ئۇ مەندىكى.
بالىلار خاپا بولۇشۇپ ئانىسىنىڭ باغرىغا يىقىلدى.ئانا ئۇلارغا:
---يىغلىماڭلار,مەلىكىلېرىم!سېلەر يىغلىساڭلار,مېنىڭ يۈرىكىممۇ ياش تۆكىدىكەن.مەن ئەتە مۇشۇ كىيىمىڭلارنى پاك-پاكىز يۇيۇپ,تىكىپ بېرەي,بولامدۇ-ھە؟---دەپ تەسەللى بەردى.
دادا كەچتە ئۆيدىن چىقتى.بىر ئۆينىڭ تۈڭلىكىدىن ئولجىنى مارىدى.ئاندىن قىچقاردى.
---تېز كەت!---دېدى چوكان ئاياللارغا خاس ناز بىلەن يايمىچىنى ھەيدەپ.
---نەگە كېتىمەنۇي,يۈزسىز خېنىم؟
---نەگە كەتسەڭ شۇ يەرگە كەت!باشقىلار كۆرۈپ قالسا...
---مەيلى ئەمەسمۇ!---
يايمىچى يانچۇقىدىن بەش تال قىزىل پۇلنى چىقىرىپ,چوكاننىڭ ئالدىدا گىچىڭلاتقىلى تۇردى.ئولجا ئېرىدى.چوكاننىڭ ئۇزۇندىن بېرى جىمىپ قالغان ناز-كەرەشمىسى پۇلنى كۆرۈپ بىردىنلا خۇيلىنىپ كەتتى.توغرا,ئۇ ئەركەككە تويۇپ كەتكەن بىلەن,پۇلغا تېخى تويمىغان...
يايمىچى ئۆيىگە تاڭ سەھەردە كەلدى.كېلىپلا خورەككە چۈشتى.بۇ ھالنى كۆرگەن ئانا ئېغىر خورسىندى.يايمىچى گۇگۇم پەيتىدە ئويغىنىپ,قاۋاقخانىغا كەلدى.بىر مۇنچە بوتۇلكىلارنى بوشلىدى.بوغالتىر ھېسابنى ئىككى ھەسسە قىلىپ بوغدى.يايمىچىنىڭ «مەرد» قوللېرى ئىككىلەنمەستىن تاۋكاغا پۇل تاشلىدى.
يولدا بىر ئوغرى يايمىچىنىڭ چۆنتىكىنى نىشان قىلدى.ئوغرى ئىشنى پۈتتۈردى.مەست-ئەلەس يايمىچى بۇنى تۇيمىدى.قىسقىسى,ئۆزىنىڭ قاق-سەنەم بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيالمىدى.يايمىچى يولنىڭ ھېلى ئۇ چېتىدە,ھېلى بۇ چېتىدە دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتاتتى,ھەمساتتا بىر ماشىنا ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇنى سوقىۋەتتى.شوپۇر ئاقىۋەتتىن قورقتى.ئەتراپقا باقتى.ئىنسى-جىن يوق ئىدى.ھاپىلا-شاپىلا قاچتى.
كېتىۋاتقان بىر كىشى يايمىچىنى كۆرۈپ,ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.ئاۋۋال يانجۇقىنى ئاختۇردى.ئاندىن غەزەپتىن:"ھۇ قەلەندەر!" دەپ قارغىۋەتتى.ئۇنىڭغا نەدىن كەلگەن ئىنسابكىن,120گە تېلىفۇن ئۇرۇپ,ئەھۋالنى بايان قىلدى.كېيىنلا «بىكاردىن-بىكار» سەرپ بولغان توققۇز پۇڭىغا ئىچى قەۋەت كۆۋرىدى.قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دورا يەۋالغان بېلىقتەك ئالدىرماي نەق مەيداندا ھازىر بولدى.دۇختۇرلار يايمىچىنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ,يارىلانغان يەرلېرىنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ چىقتى.
ئەتىسى يايمىچى مەستلىكتىن يېرىم يېشىلگەن ھالەتتە ھوشىغا كەلدى.ھوشىغا كېلىپلا يانجۇقىنى مالتىلاپ,خۇددى چار يىلان چېقىۋالغاندەك چىرقىراپ كەتتى:"ۋاي پۇلۇم!".ياتاققا بىر دۇختۇر كىردى.ھەمدە بىر قەغەزنى يايمىچىنىڭ ئالدىغا چىرايلىققىنە قۇيۇپ,كۈلۈمسىرەپ بىر ياققا ئۆتتى.يايمىچى ئاغرىۋاتقان قوللېرى بىلەن قەغەزنى ئالدى ۋە يوغانغىنە يېزىلغان سانلارغا كۆزى چۈشتى:3000يۈەن.
يايمىچىنىڭ بېشىنى بۇس ئورىدى.ئۇنىڭ سۆڭەكلېرىن تۆت-بەشى خېلى قاتتىق سۇنغان,شۇ تاپ ئۇ چىدىغۇسىز ئاغرىقنىڭ چاڭگىلىدا ئېچىنىشلىق ئىڭراۋاتىدۇ. دۇختۇرلارئالدىن پۇل تۆلەنمىسە,داۋالاشنى باشلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.رېئاللىق رەزىل!ئۇلارغا يايمىچىنىڭ جېنىدىن كۆرە پۇلى بەكرەك لازىم.
يايمىچىنىڭ كۆيۈمچان,بىچارە خوتۇنى يېقىن-يورۇقلارنىڭكىگە قەرز سوراپ باردى.ئۇنىڭ چىرايىغا ھېچكىم قارىمىدى.قارىسىمۇ ھېيتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى,ھېيتتا ھەممە ئادەمگە پۇل كېرەك بولىدىغانلىقىنى باھانە ئەيلىدى.بىر قەدىناسى بار ئىدى.ئۇ بەجايىكى جېنى تېنىدىن جۇدا بولغاندەك,تەستە مىڭ يۈەننى سۇندى.داۋالاش ئىككى كۈنلا داۋام ئەتتى.
ئايالنىڭ قەدىناسى دەرۋازىنى قاقتى."پۇل!" دېدى.ئايال تىرنىقىنى كوچىلىدى...»
--- --- ---
جاھاننامە كۆزنىكىدىن 21-ئەسىرنىڭ ئۇشبۇ كارتېنلېرىنى كۆرگەن دانىشمەن جاھان,زامان,ئىنسان...ھەممىسىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە ئۆكۈنمەي,ئېچىنماي تۇرالمىدى. ئۇ كۆككە قاراپ نالە قىلدى:
---ئېھ بارچە قىسمەتنىڭ شاھىتى پەلەك,قېنى دەپ باققىنە!بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى؟زاۋۇت,يايمىچى,باجچى,چوكان,بوغالتىر,ئوغرى,شوپۇر,ئىنسابلىق,دۇختۇر,تۇغقان,قەدىناس...ھەممىسىلا پۇل دەيدىكەنغۇ؟!ئۇلار نېمىشقا پۇلنى دەپلا سەمىمىيلىكتىن, ئىپپىتىدىن,ۋىجدانىدىن,ئىنسابىدىن,بۇرچىدىن,قېرىنداشلىقتىن تانىدۇ؟ياكى پۇل شۇقەدەر قۇدرەتلىك نېمىمۇ؟بۇلار زادى نېمىشقا؟
---ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز پۇلغىمۇ تويمايدۇ-دە!---دەپ گەپنى خۇلاسىلىدى پەلەك.
2014-يىل 18-سەپەر,يۇرۇڭقاش
جامى جاھاننامە
پىغانى
...
ئوغۇل-قىز بىر-بىرىنى كۆردى,يۈردى,لەۋلېرى كۆيدى,ئوغۇل قىزنى سۆيدى,قىز لەززەتتىن كۈلدى,تۆت كۈن ئۆتتى,بىر-بىرىدىن زېرىكتى,قىزىقىش ئۆلدى,ھەممىسى تۈگىدى!
چەتئەلخۇمار ئادەم پاسپورت بىجىرگىلى باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.45يۈەن بىلەنلا پۈتىدىغان ۋىزا 45000يۈەن بىلەن ئاران بىجىرىلدى.تارتما جازانىگە تولدى,بىراق بانكا كارتىسى تېخى قۇرۇق.شۇڭىمۇ,باشلىق يەنىمۇ تېرىشىشى كېرەك.
قارا سانتانادىن سەت بىر ئادەم چۈشتى.قولى بىلەن يەتتە ياشلىق نارەسىدىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ,دەس كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سالدى.ئۇ___ئادەم سودىگىرى ئىدى.
ئىشرەتخانلارغا قەدەم باسسا سەت تۇردى.پاھىشەنى ئۆيگە چىللىدى.
بىلىكى چوڭ بىلىكى كىچىكنى ئانىي تاپتى,ئۇ___مۇتتەھەم!بىلىمى بار بىلىمى يوقنى ياراتمىدى,ئۇ___تەكەببۇر!ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچى بىلەن تاكاللاشتى,ئۇ___ئەخلاقسىز!باققال بىر پۇل ئۈچۈن نەچچە يالغان سۆزلىدى,ئۇ___نەپسىخور!كوچىدا قەلەندەرلەر ئەۋج ئالدى,ئۇلار___تېرىكتاپ!پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنى تاشلىدى,ئۇلار___دوزىخى...!
"ئېھ,21-ئەسىر!" دەپ ئاھ ئۇردى خىزىر.
2014-يىل23-سەپەر,يۇرۇڭقاش
|
|