قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1715|ئىنكاس: 9

ئەلكۈن: قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

13

دوست

2736

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 08:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي -  سەنۇبەر تۇرسۇن (2)

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن



   ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارلىق سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2014- يىلى 11-مايدىن 19- مايغىچە غەربىي ياۋروپانىڭ لوندون، پارىس ۋە ۋېنىس قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان سەنئەت سەپىرى ھەققىدە

"مۇزىكا بارلىق ئەقىل ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ"

-لۇدۋىگ ۋەن بېتخوۋىن  (گېرمان كومپوزىتور ۋە مۇزىكانت)

    تىلىگەن بەندىسىنى ئاللاھ قۇرۇق قول قويمايدۇ. مەن 2009- يىلى ۋەتەنگە بارغاندا سەنۇبەر تۇرسۇن 2008- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان "قاناتلانغان كۈي – سەنۇبەر تۇرسۇن" ناملىق ناخشا-مۇزىكا نوتا كىتابىنى ئۆز قولى بىلەن ئىمزا يېزىپ ماڭا تەقدىم قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ قاناتلىنىۋاتقان كۈيچىسى مېنىڭ ھەر ۋاقىت دىققىتىمنى تارتىپ كەلدى. 2013- يىلى يانۋاردا سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرى ئاساسىدا ئىتالىيەدە “ئارزۇ” ناملىق بىر CD پلاستىنكىسى نەشر قىلىنىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى تۈركىيەنىڭ كونىيا شەھىرىگە سەنئەت سەپىرىگە ئاتلاندى. شۇنىڭدىن كىيىن مەن خەلقىمىز سۆيگەن سەنئەتكار، قاناتلانغان كۈيچىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا "قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي- سەنۇبەر تۇرسۇن" ( ./thread-20139-1-1.html ) ناملىق ماقالىنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان ئىدىم. "خۇدابەردى تىلىسە خۇدا ياق دېمەس" دېگەندەك قاناتلانغان كۈيچى قىتئەلەر ئارا كېزىشكە باشلىدى.... سەنۇبەر تۇرسۇن ياۋروپانىڭ كلاسسىك شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر كۈيلىرىدىن قانات ياساپ پەرۋاز قىلدى!

دەقىقە مىنوتلارنى، كۈنلەر ھەپتىلەرنى قوغلىشىپ دېگەندەك بۇ ئالدىراش كۈنلەر ئۆز يولى بويىچە ئۆتۈۋۋەردى. مەن بىر ئايلار ئىلگىرى "سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ياۋروپا سەنئەت سەپىرى"  ( ./thread-24953-1-1.html ) ناملىق يازمىنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئەھمىيەتلىك سەپەردىن ئاز-تولا خەۋەردار قىلغان ئىدىم. كېيىنچە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدىمۇ قىلغان. مانا بۈگۈن ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. ئالدىراڭغۇ ۋاقىتتا ھېچ گۇناھ يوق، بۇ ۋاقىت ئوغرىسىنى ئەيىبلىسەكمۇ ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىپ كەلمەيدۇ- دە!

شۇنداق قىلىپ مەن لوندوننىڭ ھاياتنى ئالدىغا سېلىۋالىدىغان بۇ ئاي، بۇ كۈنلىرىدە جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە تىرمىشىۋاتقان پەيتلىرىمدىن بىر ھەپتە ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئەزىزانە ۋەتەندىن كەلگەن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مۇۋەققەت بولدۇم. بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەردە خەلقىمىز سۆيگەن سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىرگە بولۇپ، ھال-مۇڭداشتىم، لوندون ۋە پارژنىڭ تار كوچىلىرىنى، ھەشەمەتلىك خان سارايلىرىنى بىللە كەزدىم .... يات ئەللەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىگە، ئىنسان قەلبىنى مەھلىيا قىلالايدىغان سېھىرلىك كۈچىگە مەدھىيە ئوقۇلۇپ ئۇرۇلغان ئالقىش چاۋاكلىرىغا گۇۋاھچى بولدۇم. مەنمۇ قوشۇلۇپ قولۇم تالغۇچە چاۋاكلىرىمنى ئۈزۈلدۈرمىدىم...... ئىشقىلىپ ئۆز چامىمنىڭ يېتىشىچە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە ياردەمدە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇردۇم.

نەچچە سائەتلەپ كەچتە تېلېۋىزور كۆرۈپ، راھەتلىنىپ، سۇنايلىنىپ يېتىشتىن ۋاز كېچىپ، ۋاقتىمنى سەرپ ئېتىپ يېزىۋاتقان بۇ يازماممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ رەڭگارەڭ ھايات كەچمىشلىرى قاتارىدا بىر پارچە ئوقۇشلۇق بولۇپ قالغۇسى. توغرا، ئىنسان تارىخى بۇرۇندىن تارتىپلا قەلەم تۇتقانلار تەرىپىدىن يېزىلىپ كىلىنگەن بىر ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بىر خەلق قەلەم تۇتۇپ ئۆز تارىخىنىڭ ھەر بىر بېتىنى يېزىپ قالدۇرالمايدىكەن، شۇ خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىنكى زامانلاردا باشقىلار يېزىپ بەرگەن چىنلىق ۋە ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئازغۇن تارىخنى ئۆگىنىدۇ، ئاددىيسى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىي چىنلىقىنى، ئەينى بىر دەۋرنىڭ رېئاللىقىنى تېپىش ئۈچۈنمۇ نەچچە يۈز يىللاپ ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.... يەنە كېلىپ يېزىلىدىغان تارىخنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى، باتۇرلۇق ياكى ئىشق-مۇھەببەت توغرىسىدا بولۇشى ياكى قانلىق ئۇرۇشلار، بالايى ئاپەتلەر توغرىسىدا بولۇشى ۋەياكى مەزمۇنىنىڭ مول بولۇش – بولماسلىقى تارىخنىڭ ئۈزىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چۈنكى تارىخنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن يېزىلغان قىسمى ناھايتى ئاز بۇلىدۇ، ئېچىلمىغان، بىلىنمىگەن تەرەپلىرى كۆپ بۇلىدۇ. يەنە كىلىپ تارىخنى قەلەم بىلەن يېزىپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەسلىي قىياپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تارىخ – سوبېكتىپ خاھىش ۋە تەسىردىن خالى چىنلىق ئاساسىدا يېزىلسا، ئۇنىڭ رولى بىر خەلقنىڭ مۇئەييەن بىر شارائىتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ھايات كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىڭىزدا ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بېرەلىگەن بولىدۇ...تۈنۈگۈنىنىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى تارىخ، ئۇ سىز ئارقىڭىزدا قالدۇرغان بارلىق ۋاقىتلارنىڭ ئومۇمىي ئاتلىشى. ئۇنىڭ ئىسىمنى بىز شەخس نوقتىسىدىن سىلىقلاشتۇرۇپ "ئۆتكەن كۈنلەر" دەپمۇ ئاتايمىز.

ئۇنداقتا ئۆز گېپىمىزدىن سۆز باشلايلى. سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى "سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى" پائالىيىتى 2014- يىلى 11- ماي لوندوندىن باشلىنىپ، پارىژدا داۋاملىشىپ، ئىتالىيەنىڭ سۇ ئۇستى شەھىرى ۋېنىستا 19- ماي زور ئۇتۇقلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. سۆيۈملۈك سەنئەتكارىمىز، قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈيچى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم، غېجەك ئۇستازى ئابدۇكېرىم ئوسمان، تەمبۇر ئۇستازى مىجىت يۇنۇس ئاكىلاردىن تەشكىل قىلىنغان بۇ ئۈچ كىشىلىك سەنئەت توپى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا-مۇزىكا سەنئەت دۇردانىلىرىنى ياۋروپانىڭ سەھنە ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر خەلقىگە زور دەرىجىدە شان-شەرەپلەر كەلتۈردى.

ئايرودرومدا مېھمانلارنى كۈتۈش

    بۈگۈنكى دۇنيادا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرالارنى باشقۇرۇش شۇنداق قاتتىقكى، چېگرالاردىن ئىناۋەتلىك پاسپورت ۋە ۋىزا رەسمىيىتى بولمىسا ئادەملەرلا ئەمەس، ھەتتا يۈك –تاقلارمۇ ئۆتەلمەيدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ دۇنيادىكى جانلىقلار ئىچىدە ئادەملەر ئەڭ بىچارە بولسا كېرەك. چۈنكى بىر چۆل تورغىيى چېغىدىمۇ ئۇ دۆلەت چېگراسىدىن بۇ دۆلەت چېگراسىغا پەرۋاسىزلا ئۇچۇپ كېتىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟!

بىر يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان، سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر سەنئەتكارنى "سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى" پائالىيىتى نامىدا غەربىي ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىش خىزمىتى ئاگاخان فوندى بىلەن لوندۇن ئۇنىۋېرسىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە باش قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياغلاشتى. مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب لوندون دۇنيا سەنئەتنى ئەڭ كۆپ نامايان قىلىدىغان، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ سەنئەت قىممىتىگە ئۆزگىچە ئېتىبار ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان، كوپ مەدەنىيەتلىك دۇنيا سەنئىتىنىڭ يۇلتۇزلىرى ھەر ۋاقىت پارلاپ تۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئافېرىقانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى فىرانسۇزچە سۆزلەيدىغان، ئىپتىدائىي قەبىلىدىن كىلىپ چىققان قارا تەنلىك بىر توپ سەنئەتكارلارنىڭ لوندونغا كىلىپ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى، بۇ خىلدىكى سەنئەت پائالىيتىنىڭ يىلدا بىر ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىشى نورمال بىر ئىش ھىسابلانسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا نورمال ھىسابلانغان ئويۇن قويۇش پۇرسەتلىرى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىغا ئانچە ئاسان نېسىپ بولمايدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبلىرى نۇرغۇن، يۈزەكى سەۋەبلىرى بولسا رايون ۋە دۆلەت ئالاھىدىلىكى، رەسمىيەت بېجىرىشنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى ۋە قىيىنلىقى، خەلقئارالىق تىل بىلمەسلىك، ئورۇنلاشتۇرغۇچى يەنى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقلىشالماسلىق، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە باشقىلار. ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق باركى، ئالدىنقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2003-يىلى "شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى" دىن تەشكىللەنگەن 15 كىشىلىك ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى ئەنگلىيەگە كېلىپ بىر ئايغا يېقىن ئەنگلىيەنىڭ ئون نەچچە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ئۇنتۇلغۇسىز بىر مەدەنىيەت خاتىرىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى، بۇنىڭغا دەل 11 يىل بوپتۇ. بۇ قېتىمقى پۇرسەت ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ لوندۇنغا كىلىشىدىكى يەنە بىر قىېتىملىق پۇرسەتتۇر. سەنۇبەر تۇرسۇن باشلىچىلىقىدىكى سەنئەتكارلار 2014-يىلى ئاران دىگەندەك لوندۇنغا كەلدى ۋە ئويۇن قۇيۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى، ھېلىمۇ ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ پۇرسەتكە مىڭ شۈكۈرلەر!

گەرچە بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى تەپسىلىي پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر خىل تەشۋىشلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەگە بىخەتەر كېلىشىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتتۇق. بۇ شەيتان قۇلاق ئۇندىدراغا بارىكاللا، مەن بۈگۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنى 5- ئاينىڭ 10-كۈن كەچ سەنۇبەردىن ئۇندىدار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا يەرلىك ۋاقىت 22:50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچىدىغان - CZ679 قېتىملىق ئايروپىلانغا ساق سالامەت چىققانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ھۇررا! خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئورنۇمدىن سەكرەپ كەتتىم. دېمەك ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئۇلار ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىغا يەرلىك ۋاقىت 00:20 دە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇ ئايرودرومنىڭ ئىچىدىلا ئىستانبۇلدىن لوندونغا سەھەر يەرلىك ۋاقىت سائەت 07:00 دە ئۇچىدىغان TK1981- قېتىملىق ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقىدۇ ۋە ئەتە ئەتىگەن لوندون ۋاقتى سائەت 9:05 لوندون Gatwick ئايرودرومىنىڭ شىمالىي ئۇچۇش سۇپىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەمدى مېنىڭ ئەتە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىم لوندون ۋاقتى سەھەر سائەت 6 بىلەن ماشىنا ھەيدەپ لوندون Gatwick ئايرودرومىغا يولغا چىقىش ۋە ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن بۇرۇن ئايرودرومغا بېرىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارنى ساق – سالامەت لوندون شەھەر مەركىزىدىكى ئالدىدىن زاكاز قىلىنغان مېھمانخانىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى.

لوندون شەھىرى ئۆزنىڭ قەدىمىيلىكى، ھازىرقى زامان پەن-مەدەنىيەت ۋە سانائىتىنىڭ بۆشىكى، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىنىڭ مەركىزى بولۇشى بىلەنلا تونۇلۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە ئاسىيا، ياۋروپا، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەلىرى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان سۇ ۋە ھاۋا يول قاتنىشى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلىرى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. مانا مۇشۇ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا قاتناش سانائەت، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئالاھىدە تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

پەقەت لوندون شەھىرى ۋە لوندون شەھەر رايونى ئەتراپىدىلا 6 ئايرودروم بار. ئۇلار: Heathrow, Luton, Stansted, Southend, Gatwick، City Airport. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايروپىلان قوبۇل قىلىش ۋە ئادەم توشۇش بويىچە لوندون Heathrow ئايرودرومى دۇنيا بويىچە 5- ئورۇندىكى ئەڭ ئالدىراش ئايرودروم ھېسابلىنىدۇ. لوندون Heathrow ئايرودرومى 1946- يىلى قۇرۇلغان، لوندون Heathrow ئايرودرومىنىڭ 5 ئۇچۇش سۇپىسى (تېرمىنالى) بار.

بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى سەھەر بولغاچقىمۇ لوندون شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان 25 Mنومۇرلۇق يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يول خېلىلا بوش ئىدى. مەن بىر سائەتتىن ئارتۇقراق سائەتلىك سۈرەت تېزلىكى mile80) km128) ئاشۇرۇپ مېڭىپ ئاخىر لوندوننىڭ Gatwick ئايرودرومىغا پىلان قىلغان ۋاقىتتىن 20 مىنۇت بۇرۇن يېتىپ كەلدىم.

ئايرودرومنىڭ يولۇچىلار كېلىش ئېغىزىدا كۈزلىرىم تەقەززالىق بىلەن ئۈچ ئۇيغۇرنى كۈتەتتى.... سائەت 9 يېرىم بولدى. مەن كۈتكەن ئايروپىلانمۇ كېلىپ بولدى، ئەمما مەن كۈتۈۋاتقان بۇ ئەزىز مېھمانلىرىم چىقمىدى. سائەت 10 يېرىم بولدى...11 يېرىم بولدى.... ئەمما مېھمانلارنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. مەن مېھمانلاردىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم ۋە ئايرودرومدىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى ئارقىلىق ئەنگلىيە چېگرادىن كىرىپ –چىققۇچىلارنى باشقۇرۇش ئورنىدىكى خادىملار بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلساممۇ، ئۇلار مۇنداق بىر ئادەملەرنى ئايرودرومدا تۇتۇپ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن ئەنسىرىشىم كۈچەيدى ۋە بۇ پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگۈچى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمغا ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا تېلېفوندا پاراڭلاشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىز جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دىققىتىمىزنى ئىستانبۇلدىن لوندونغا ئۇچىدىغان تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ TK1981- قېتىملىق ئايروپىلانغا مەركەزلەشتۈردۇق. بىر سائەتلەرچە تېلېفون ئارقىلىق قىزىق لىنىيەلىك ئالاقىلىشىشلاردىن كېيىن تۈرك ھاۋا يوللىرى بىزگە مېھمانلىرىمىز توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بەردى.

بۇ ئىش ئەسلى مۇنداق بولغان ئىكەن: ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان CZ679- قېتىملىق ئايروپىلان ئاتا تۈرك ئايرودرومىغا يەرلىك ۋاقىت كېچە 12 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يىتىپ كەلگەن. سەنئەتكارلىرىمىز يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن سائەت 7 دە ئايروپىلان ئالمىشىپ لوندونغا ئۇچىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئولار لوندۇنغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈك – تاقلىرىنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تەرىپىدىن لوندونغا ئەمەس بەلكى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا ماڭدۇرۇلغان ئىكەن. سەۋەبى تۈرك ھاۋا يوللىرى بىلەن جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۈك-تاق يەتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مېھمانلارنىڭ يۈك تاقلىرى ئىستانبۇل ئايرودرومىدا لوندونغا ماڭىدىغان ئايروپىلان ئالمىشىش چېگراسىغا كىرەلمىگەن ئىكەن...... ئاخىر ئۇلار مىڭ تەسلىكتە يۈك – تاقلىرىنى ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئورۇندا تۈركىيەگە كىرىش ۋىزىسى ئېلىپ تۈركىيە چېگراسىدىن چىققان ۋە يۈك تاقلىرىنى تېپىۋالغاندىن كېيىن لوندونغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىنى ئىزدىگەن، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئايروپىلانغا كېچىكىپ قالغان... ئايرودرومدىكىلەر ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەقسىتىنى ناھايىتى تەستە چۈشىنىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ يېڭىدىن ئىستانبۇلدىن لوندونغا ئۇچىدىغان يەككە يۆلۇنىشلىك ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەن ئىكەن. ئۇلار ئىستانبۇلدىن TK 1997- قېتىملىق ئايروپىلان بىلەن لوندون ۋاقتى سائەت 16:05 مىنۇت ئۆتكەندە لوندون Gatwick ئايرودرومىغا كېلىدىكەن. بۇ ھېكايە خېلى مۇرەككەپلەشتى.....ئەمما چۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنىلا ئەڭ مۇھىمى ئۇلار 8 سائەت كېچىكسىمۇ بەرىبىر كېلىدىكەن. دېمەك بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ زور خۇشاللىق ئىدى!

مەن بۇرۇن باشقىلارنىڭ "ئادەم كۈتۈش ئەڭ زېرىكىشلىك ئىش" دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئەمما مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. ئادەم كۈتۈشنىڭ زېرىكىشلىك ياكى كۈڭۈللۈك بولۇشى دەل شۇ كىشىنىڭ ئادەم كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشىغا باغلىق. ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر بىر دەقىقە ۋاقىت ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىكتۇر. ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى، ھاياتنىڭ قىممەتلىكىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بوش ۋاقىت بولسا ئەھمىيەتسىز ۋە زېرىكىشلىكتۇر. ھەر كىشى قولىدىن بوش ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتقا ئۆز خاھىشى بىلەن چۈشەنچە بەرسىمۇ، ئەمما قولدىن كەتكەن شۇ ۋاقىتنىڭ قايتا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ.

مەن iPad (قول كومپيۇتېرى) نى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىۋاپتىكەنمەن. شۇڭا مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈشمۇ ماڭا ئانچە زېرىكىشلىك تۇيۇلۇپ كەتمىدى. مەن iPad تىن پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋەر - يېڭىلىقلىرىنى كۆرۈپ بولدۇم، ھەتتا كەلگەن ئېلخەتلىرىمنىمۇ تەكشۈرۈپ بولدۇم... كېيىن بۇرۇن باشلاپ قويغان بىر تەرجىمە ئەسىرىمنىڭ داۋامىنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر قانچە سائەت ئىشلىدىم... ۋاقىتنىڭ قانداق تىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەپتىمەن. بىر چاغلاردا قارىسام سائەت چۇشتىن كېيىن 3 بولۇپ ئېشىپتۇ. مانا ئاخىر مەن بۈگۈن سەھەردىن تارتىپ كۈن بويى كۈتكەن بۇ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يېقىنلاپ قاپتۇ. مەن ماشىنىنى تاقاپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئايرودروم ئىچىگە قاراپ يول ئالدىم.

ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشلەردىن كېيىن لوندون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:30 دا رەڭگا رەڭ ئادەملەر ئارىسىدىن قوللىرىدا دۇتار- تەمبۇرلار كۆتۈرۈۋالغان 3 ئۇيغۇرنىڭ قارىسى ئاخىر كۆرۈندى. ئۇلار ساق-سالامەت كەلگەن ئىدى. بىز قىزغىن دىدارلاشتۇق. بىز پاراڭلاشقاچ مەن ئۇلارنى ماشىنىنى توختاتقان ئورنىغا باشلاپ كەتتىم.

لوندون شەھىرىگەقاراپ يولغا چىقىش

     بىز تۆتەيلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ Gatwick ئايرودرومىدىن لوندون شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق. بۈگۈن لوندوننىڭ ھاۋاسى باشقا كۈندىكىدىنمۇ خېلىلا ئىللىق ئىدى. گاھى-گاھىدا پەيدا بولۇپ قالىدىغان بۇلۇتلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاسمان كۆپكۆك. ئىككى قاسنىقى ياپيېشىل ئورمان بىلەن قاپلانغان يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولدا ماشىنا چاپماقتا.... ماشىنا ئىچى ئۈرۈمچىنىڭ ۋە ئىستانبۇلنىڭ پاراڭلىرى بىلەن لىق تولدى. دىدار غەنىمىتىدىن تۇغۇلغان خۇشاللىق باشقا ھېچ قانداق خۇشاللىققا ئوخشىمايدىكەن، بىز ھەممىمىز سۆزلەپ توختىمىدۇق. چىرايلىرىمىزدىن خۇشاللىق جىلۋىلىرى توختىماي تۆكۈلەتتى...

بىز Gatwick ئايرودرومىدىن ئايرىلىپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن، لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى Surry, Croydon, Mitcham, Brixton, Lambeth قاتارلىق شەھەر بۆلەكلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ لوندون شەھەر مەركىزىگە (River Thames)تايمىس دەرياسىنىڭ ۋوتېرلو (Waterloo) كۆۋرۈكى ئارقىلىق كىرىپ كەلدۇق. لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 7 يېرىم بولغاندا مېھمانلار ئۈچۈن زاكاز قىلىنغان Bedford مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مېھمانخانا شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان، ئورنى قۇلايلىق بولۇپ، شىمال تەرەپتە 200 مېتىر يىراقلىقتا
((Russell Square رەسسېل مەيدانى باغچىسى بىلەن رەسسېل يەر ئاستى تومۇر يولى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. غەرب تەرىپى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى رەسسېل باغچىسى ئارىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ھەيۋەتلىك بىرىتانىيە مۇزېيىمۇ مېھمانخانىغا دېرىزىدىن كۆرۈنىدۇ.


    مېھمانلارنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تەلەپ بويىچە مېنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشىم ئۇلارنىڭ يانفون ۋە قول كومپيۇتېرلىرىنى مېھمانخانىنىڭ Wi-Fi ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاپ بېرىش بولدى. مېھمانلار يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇندىدار ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئائىلىلەر ۋە دوست بۇرادەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ لوندونغا سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىز ھەممىمىز مېھمانخانىدىن كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق. تەلىيىمىزگە مېھمانخانىغا تام قوشنا بىر “ئاناتولىيە” ئىسىملىك تۈرك رېستورانى بار بولۇپ، بىز قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن رەسسېل مەيدانى باغچىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى (SOAS)، مائارىپ ئىنستىتۇتى، بېرىكبەك ئىنستىتۇتلىرىنى ئايلاندۇق. ئاخىرىدا بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ شىمالى تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ھېلىقى تۈرك رېستورانىغا قايتىپ كېلىپ تاماقلاندۇق. مېھمانلار شۇ قەدەر ئاۋارىچىلىكلەرنى تارتىپ ئۇيقۇسىز بىر سوتكا سەپەر قىلغىنىغا قارىماي روھلۇق ئىدى.

بىزگە ھەممىدىن زور خۇشاللىق ئۇلار بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ پىلان بويىچە لوندونغا ساق-سالامەت ئۈلگۈرۈپ كېلەلىگىنى ئىدى. يېڭى بىر مۇھىت ۋە مەدەنىيەتنى كۆرگەنلىكىدىن پەيدا بولغان جۇشقۇنلۇقىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ نۇرلۇق چىرايلاردىكى روھلۇق كەيپىياتلار ئۇلارنىڭ سەپەر ھاردۇقلىرىنى يوشۇرۇپ قالغان ئىدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەمىگە ئاز تولا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈرك سۇيۇق ئاشلىرى، تۈرك پولۇسى ۋە كاۋاپلار بىلەن راھەتلىنىپ غىزالانغاچ بىر مەھەل قىزغىن پاراڭلارغا پاتتۇق. بىز مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 11 لەردىن ئاشقان ئىدى. مەن مېھمانلارنىڭ بۈگۈن ياخشى ئارام ئېلىشىنى تىلەپ، ئۇلار بىلەن مېھمانخانىنىڭ كۈتۈۋېلىش خانىسىدە خوشلىشىپ قايتتىم.

شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق

بۈگۈن 19- ماي. سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى بۇ ئۈچ كىشىلىك ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مېھمانلارنىڭ سەپەردە كوپ چارچىغالىغىنى نەزەردە تۇتۇپ چۈشتىن بۇرۇن ئارام ئېلىش. چۈشكە يېقىن مېھمانخانىدا دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن ئۇچرىشىش ۋە چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېيىش، ئاندىن كېيىن كەچتە كونسېرت بولىدىغان بىرۇنېي تىياتىر خانىسىنى كۆرۈش، كېيىنكى سائەتلەردە "سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەپىرى" نىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇت مۇزىكا فاكۇلتېتىدا داۋام قىلىدىغان تۆت كۈنلۈك پائالىيەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن باشلاپ كەچ سائەت 7 دە باشلىنىدىغان سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كەچلىكىگە تەييارلىق قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن سەھنە مۇھىتى بىلەن تونۇشۇش، ئاۋاز تەڭشەش ۋە مەشىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى ئاگاخان فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، لوندون، پارىس ۋە ۋېنىس قاتارلىق شەھەرلەردە سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، تىياتىرخانىلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا، چالغۇلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇقامىدىن جانلىق مەشىقلەر كۆرسىتىپ دەرس بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

مانا بۇ مەقسەتلەرنىڭ تۇنجى پروگراممىسى بۈگۈن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس دوكتور رەيچېل تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى.

ئۇنداقتا بىز بۇرۇن ئاز-تولا ئاڭلىغان، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بۈيۈك بىرىتانىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى بۇ يېتۈك شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى قانداق ئورۇن؟


بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي: لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 1836- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ تارمىقىدا 18 ئىنستىتۇت، 10 تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بار. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئىنستىتۇتلار ئىچىدە توققۇز ئىنستىتۇت ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر بولۇپ ئۇلار: پادىشاھلىق ئىنىستىتۇت (King's College London)، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىنىستىتۇتى (University College London)، شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى (SOAS)، ئالتۇنچىلار ئىنستىتۇتى (Goldsmiths)، بېرىكبەك ئىنستىتۇتى (Birkbeck)، لوندون سودا-تىجارەت ئىنستىتۇتى (London Business School)، ئايال پادىشا مەرىيەم ئىنستىتۇتى (Queen Mary)، خان جەمەتى ھوللوۋەي ئىنستىتۇتى (Royal Holloway)، لوندون ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى (London School of Economics and Political Science) .

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور سەھىپىسىدە  http://www.lon.ac.uk  كۆرسىتىلىشىچە 2005 - 2006 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدە دۆلەت ئىچىدىن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 135،090 ، دۆلەت سىرتىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 000،50 دىن ئارتۇق دەپ بايان قىلىنغان.

“SOAS” - بۇ سۆز ئىنگلىزچە “School of Oriental and African Studies”   دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق تەرجىمىسى: شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىنستىتۇت 1916- يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ياۋروپادىكى بىردىن بىر ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق ساھەلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىدىغان ۋە بۇ ساھەلەر بويىچە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى بېرىدىغان ئىنستىتۇت بولۇپ، ئۇنىڭ تارمىقىدا 60 تىن ئارتۇق فاكۇلتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى بار.

http://www.soas.ac.uk

گەرچە بۈيۈك بىرىتانىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى قېدرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى 1860- يىللىرىدىكى بىرىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زېمىن ئىشغال قىلىش ۋە تەسىر دائىرىلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە "ئوتتۇرا ئاسىيا كاتتا ئويۇنى" نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ باشلانغان بولسىمۇ، ياقۇپ بەگ دەۋرىدە بۇ قىزىقىشلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ تاكى 1949- يىللىرىغىچە داۋام قىلغان ئىدى. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا ۋېنگىرىيە – بىرىتانىيە ۋەتەندىشى بولغان، 1862- يىلى بۇداپېشتتا بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان مەشھۇر ئارخېئولوگ سىر مارك ئاۇرېل ستېىين (Sir Marc Aurel Stein) ئەپەندىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئارخېئولوگ ئاۇرېل ستېىين ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم بېرىپ ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئېرىشكەن قەدىمىي قول يازمىلار، تارىخىي بۇيۇملار قاتارلىق ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بىرىتانىيە مۇزېيى ۋە بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا جەمئىيەتكە ئوچۇق كۆرسىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى ئالىملارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىلمى ئەمگەكلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، تارىخىي، ئارخېئولوگىيىلىك كىتابلار يېزىلىپ نەشر قىلىنىدۇ.

دېمەك بۈيۈك بىرىتانىيەدە يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ يىرىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن دەۋرىمىزدە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن ئالىملاردىن دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارىخشۇناس دوكتور مايكېل دىللون (Michael Dillon, Durham University)، شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن مىللىي مۇزىكىشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور رەيچېل ھاررىس (Rachel Harri, SOAS)، نىۋكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (Joanne Smith Finley, Newcastle University) تىل ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتور جوئاننې سىمىس فىنلەي قاتارلىق ئاكادېمىكلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.


جۈملىدىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى 1990- يىللىرىدىن باشلانغان. بولۇپمۇ مىللىي مۇزىكىشۇناسلىق، ئۇيغۇر مۇزىكاسۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىم شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىگە، ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىغا بولغان قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ بايانلىرىمنىڭ دەلىلى سۇپتىدە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تەتقىقاتىغا ئائىت بىزگە مەلۇم بولغان ئەمگەكلىرىدىن بىر قانچىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن.

- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2000- يىلى پاشا ئىشان يېتەكچىلىكىدىكى "شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى" نامىدا كەلگەن مۇساجان روزى، غىياسىدىن بارات، ھوسەنجان جامى، ياسىن مۇخپىل، تۇرسۇن ئىسمايىل، ئېزىز نىياز قاتارلىق پىشقەدىم سەنئەتكارلىرىمىز ئەنگلىيەنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بەردى. بۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنڭ مەخسۇس BBC رادىئو- تېلېۋىزىيىسىدە ئىجىرا قىلغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرى ئاۋازغا ئېلىنىپ، 2000- يىلى ئەنگىلىيەنىڭ "دۇنيا ئوسۇلۇبى" (Globestyle) ئۇن-سىن نەشىرىياتى شىركىتىدە "ئۇيغۇر مۇزىكانتلار: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بوستانلىق شەھەر مۇزىكىسى (شىنجاڭ)"
"Uyghr musicians: Music from the Oasisi Towns of Central Asia Xinjiang"
ناملىق CD پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىندى.

- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2003- يىلى “شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى” نىڭ 15 نەپەر سەنئەتچىلىرى ئەنگلىيەدە بىر ئاي ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بەردى.

- 2004 يىلى "ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو ئارسىدا قالغان ئۇيغۇرلار" ناملىق خەلقارالىق ئىلمىي يىغىن شەرىقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېي يىغىن زالىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن يىتىلىپ چىققان ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ياش ئاكادېمىكلاردىن دوكتور راھىلە داۋۇت ۋە دوكتور ئەسەت سۇلايمانلار قاتناشتى. مەزكۇر يىغىندا ئوقۇلغان 10 نەچچە پارچە ماقالىلەردىن توپلانغان كىتاب دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ تەھرىرلىكىدە ئىنگلىز تىلىدا
“Situating the Uyghurs Between China and Central Asia” (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو ئارىسىدا قالغان ئۇيغۇرلار) نەشردىن چىقتى. ( http://www.amazon.co.uk/Situatin ... cific/dp/0754670414 )

- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ 2008- يىلى “The Making of a Musical Canon in Chinese Central Asia: The Uyghur Twelve Muqam” (جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قېلىپلىشىشى) ناملىق كىتاب ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى.

- 2014 يىل 10- يانۋاردا “جۇڭگودىكى ئىسلامىي ئاۋازغا نەزەر” (Islamic Soundscapes of China) ناملىق ئىلمىي –مۇھاكىمە يىغىنى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدا دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۆت نەپەر ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر مازارلىرى رەسىم كۆرگەزمىسى

ھەممىمىز يۇقىرىدا تونۇشۇپ چىققان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولغان شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە بۈگۈن 12- ماي مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېى تىياتىرخانىسىدا ئۇيغۇر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى چوڭ پائالىيەت داۋام قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ بىرى ئامېركىلىق تونۇلغان رەسسام لىسا روسس (Lisa Ross) خانىمنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى – ئۇيغۇر مازار رەسىم كۆرگەزمىسى  ( http://www.studiolisaross.com ) . ئىككىنچىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيگەن تالانتلىق سەنئەتكارى ناخشىچى، كومپوزىتورى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكىدۇر.

مەن بۈگۈن بىر ئاماللارنى قىلىپ خىزمىتىمنى بالدۇر تۈگىتىپ كەچ سائەت 5 دە باشلىنىدىغان لىسا روسس خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم. مەن رەسسېل مەيدانى يەر ئاستى تومۇر يولىدىن يەر ئۈستىگە چىقىشتا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن توك پەلەمپىيىنى كۈتۈپ تۇرمايلا پەلەمپەيلەرنى تاقلاپ، سەكرەپ يۈرۈپ دېگەندەك نەپسىمنى ئاران ئېلىپ يۇقىرىغا چىقتىم. بۇ يەر ئاستى پويىز بېكىتىدىن چىقىپ تۇرۇشۇمغا لوندوننىڭ تەلۋە يامغۇرلىرى ئۇستى – بېشىمغا قۇيۇلۇشقا باشلىدى. لوندوندا ئون نەچچە يىل ياشاش جەريانىدا لوندوننىڭ يامغۇرلۇق ھاۋاسى مېنى يېنىمدىن كۈنلۈكنى ئايرىمايدىغان قىلىپ ئۆگەتكەن ئىدى. مەن سومكامدىن كۈنلۈكنى ئېلىپ ئۆزۈمنى دالدا قىلدىم – دە بىرۇنېي تىياتىرى تەرەپكە قاراپ تىز يول ئالدىم.

بىرۇنېي تىياتىرى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ قارشىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. مەن بىرۇنېي تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تىياتىرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۆۋرۈككە چاپلانغان چوڭ خەتلىك ئېلان دىققىتىمنى تارتتى ۋە خاتىرە ئۈچۈن ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم - دە كۈنلۈكۈم ئۇستىدىكى يامغۇر سۇلىرىنى چۈشۈرگەچ كۆرگەزمە زالى ئىچىگە كىرىپ كەلدىم. كۆرگەزمە زالى ئىچىدە مەن تونۇيدىغان بىر خانىم ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇ دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇر مازارلىرى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ساھىبى لىسا روسس خانىم ئىدى. مەن لىسا روسس خانىم بىلەن 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئارا خەت ئالاقە قىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق.


بىز قىزغىن سالاملىشىشتىن كېيىن، لىسا مېنى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. كۆرگەزمە زالى ئىچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بولۇپمۇ مازارلىرى تەسۋىرلەنگەن 20 نەچچە پارچە، كەڭلىكى تەخمىنەن 2 كۋادرات مېتىرچە چوڭلۇقتىكى فوتو رەسىملەر تاملاردا ئالاھىدە بىر گۈزەل-سەنئەت پۇراقلىرى بىلەن ئەينەك رامكىلار ئارقىلىق ئېسىقلىق تۇراتتى. فوتو سۈرەتلەر سولدىن ئوڭغا قاراپ رەتلىك ئېسىلغان بولۇپ، بىرىنچى سۈرەت ئۈستىگە چوڭ خەتلىك قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: “Living Shrines: Uyghur Manifestations of Faith, Saints and Islam in Western China” (داۋام قىلىۋاتقان مۇقەددەس جايلار: ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى نامايان قىلىشى؛ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئىسلام ئەۋلىيالىرى)؛ ( http://www.soas.ac.uk/gallery/living-shrines )



Youku:
http://v.youku.com/v_show/id_XNzI4ODg5MTk2.html

بۇ باش تېمىنىڭ ئاستىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تۇرمۇش، جەمئىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا لىسا روسس خانىمنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن:

“فوتوگراف لىسا روسس ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئەڭ چەت رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئۆزگىچە تاۋاپ جايلىرى - ئۇيغۇر مازارلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىملاپ سەپەر قىلدى. يېقىندا نىيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر گۈزەل سەنئەت نەشرىيات ئورنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلدى. بۇ قېتىم فوتوگراف لىسا روسس خانىمنىڭ “جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى” نامدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى لوندوندىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانا كۆرگەزمىخانىسىدا 2014- يىلى 4- ئاپرېلدىن 21- ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ “


كۆرگەزمىخانا ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. مەن “ئۇيغۇر مازارلىرى” نامدىكى بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن لىسا روسس خانىمنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بىز بۇ پۇرسەتتە بىر ئاز پاراڭلاشتۇق ۋە خاتىرە ئۈچۈن بىللە سۈرەتكىمۇ چۈشىۋالدۇق. ئاخىردا لىسا بىلەن خوشلىشىپ، كۆرگەزمىخانىنىڭ يان ئىشىكىدىن چوڭ بىر يىغىن زالىغا كىردىم.


بۇ يەردە كۆرگەزمىگە كەلگەن يۈزلەرچە ئادەملەرگە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى، ئۇيغۇر مۇقام ۋە داستانچىلار قاتارلىق تېمىلاردا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇن-سىن فىلىملىرى ئارقىلىق ئۆرنەكلەر كۆرسىتىۋاتاتتى. كۆرگەزمە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەتتە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مۇزىكانتلىرىدىن رەيچېل ھاررىس ئۆزى دۇتاردا، نىزامىدىن سەمەتوۋ تەمبۇردا، ئىئان پىرايس (Ian Price) داپ بىلەن، رەھىمە مەخمۇت ناخشىدا ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىدىن بىر قانچە ئارىيىلەر ئورۇنداپ كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

لوندون سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كېچىلىكى

“مۇزىكا كائىناتقا قەلب، شاماللارغا قانات ئاتا قىلىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋە پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ يولباشچىسىدۇر”

- پلاتو (گىرېك ماتېماتىكاشۇناس ۋە پەيلاسوپ)

بۈگۈن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدا لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكار قىزى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى باشلىنىدۇ.

بىز ئۇزاق كۈتكەن كۈنلەر يىتىپ كەلدى. مەن بۈگۈن خېلىلا ئالدىراش بولدۇم. مېنىڭ بۈگۈنكى خالىس ۋەزىپەم بۇ كەمدىن كەم كېلىدىغان پۇرسەتنىڭ سۈرەت ۋە سىن خاتىرىسىنى نەق مەيداندىن تولۇق ئېلىش ئىدى. بىرۇنېي تىياتىرخانىسى ماڭا ۋە لوندوندىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە ناھايىتى تونۇشلۇق بىر ئورۇن ئىدى. بۇ تىياتىرخانىدا تالاي قېتىملاپ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇر سەنئىتىنى نورۇز ۋە باشقا سەنئەت پائالىيەتلىرىدە يىللاردىن بۇيان كۆرسىتىپ كەلگەن بولسا، خەلقئارالىق ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىمۇ مۇشۇ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. مەن ئالدىنقى قېتىم بۇ تىياتىرخانىغا بۇ يىل 10- يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن “جۇڭگودىكى ئىسلامىي ئاۋازغا نەزەر” ( http://www.soundislamchina.org  - Islamic Soundscapes of China ) ناملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم.

بۈگۈنكى كونسېرت ھەقسىز ئىدى، ئەمما تىياتىرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن تاماشىبىنلار ھەقسىز تارقىتىلغان بېلەتلەرنى تىياتىرخانا مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن ئېلىپ، تىياتىرخانىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان كۆزەتچى خادىمگە كۆرسىتىپ كىرىشى كېرەك ئىدى. بۇ 300 كىشىلىك ئوتتۇرا تىپتىكى تىياتىرخانا بولۇپ، سائەت 6 يېرىم بولا- بولمايلا تىياتىرخانا تاماشىبىنلار بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلەرنىڭ ئىشتىكتىن كىرىشى رەت قىلىندى. مەن بۈگۈنكى ۋەزىپەمنى تولۇق ۋە نەتىجىلىك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن Propeller، BBC، EBC  قاتارلىق چوڭ –كىچىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىلگەن يەردىن ئۆز ئورنۇمنى تېپىپ رەسىم ۋە سىن ئېلىش ئۈچۈن ئاپاراتلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتىم...


بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكى جەمئىيەتكە ئوچۇق بولۇپ، كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئاساسلىقى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا لوندوندا ياشايدىغان كوپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ باشقا يىراق-يېقىن شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا بېلگىيە، گوللاندىيەلەردىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كەلگەن بولۇپ، سىز بىر قاراپلا بېشىغا كىيگەن يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىن، رەڭدار ئەتلەس كۆينەكلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشىڭىز ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلار سەھنىگە يېقىن تەرەپتە بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ، بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە قۇچىقىدىكى بالىلىرىدىن تارتىپ بىللە ئېلىپ كەلگەن، گاھى-گاھىدا چۈچۈك ئۇيغۇر تىلىدا ئۈنلۈك سۆزلەۋاتقان، چىرماشلىق قىلىپ يىغلاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاۋازى ئەتراپتا جىمجىت ئولتۇرۇپ كونسېرتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇراتتى...

سائەت ئىسترېلكىسى لوندون ۋاقتى دەل 7 گە ئۇلاشقاندا سەھنىگە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم چىقىپ كەلدى. ئۇ مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ تەمكىنلىك بىلەن بۈگۈنكى كونسېرتنىڭ باشلىنىش سۆزنى قىلدى:


"بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تونۇلغان، ئەڭ كۆپ ھۆرمىتىگە ئىگە مۇزىكانتى، ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۈچ نەپەر مۇزىكانتلار سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ ۋە يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي بوستانلىق يۇرتلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقاملىرى ۋە ھازىرقى خەلق ناخشىلىرىنى سىلەرگە تەقدىم ئېتىدۇ. ئەلۋەتتە سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ بۈگۈن سەھنىگە چىقىشى ئاسان قولغا كەلمىدى. سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى مۇزىكا سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئوسۇلۇبى بىلەن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن 10 نەچچە يىللاردىن بۇيان سەنۇبەر بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۈرۈمچىدە كۆرۈشتۈم. سەنۇبەرنىڭ ناخشىسى مېنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىرقانچە ناخشىلىرىنى VCD پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق دۇتار بىلەن چېلىشنى ئۆگەندىم. سەنۇبەرنىڭ ناخشىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ھازىرقى زامان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق سەنئەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مېنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان سەنۇبەر تۇرسۇننى غەرب سەھنىلىرىگە ئېلىپ چىقىش ئارزۇيۇم بۈگۈن ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم لوندوندا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن پارىس ۋە ۋېنىس شەھەرلىرىگە بارىدۇ. مەن سەنۇبەر تۇرسۇن يېتەكچىلىكىدىكى مۇزىكانتلىرىمىزنىڭ لوندوندىكى كۈنلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك، ياۋروپا سەنئەت سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن. قېنى ئۇنداقتا بىز سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكىدىن بىرلىكتە ھۇزۇر ئالايلى!"

تىياتىرخانىنى لەۋزىگە سالغان گۈلدۈر-قاراس ئالقىش چاۋاكلار بىلەن تەڭ قولىدا دۇتار تۇتقان، بېشىغا چىرايلىق چىمەن دوپپا، ئۈستىگە يارىشىملىق كۆكۈش ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن، زىلۋا بوي بىر ئۇيغۇر قىزى ئىككى ئۇيغۇر مۇزىكانتنىڭ ھەمرالىغىدا سەھنىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ قىز ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم ئىدى. بىر – بىرلىرىگە ئوخشاش قىلىپ يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىلىرى بىلەن ئاق رەڭلىك كانىۋاي كوينەك ۋە ئىشتان كىيگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئىككى ئۇيغۇر مۇزىكانتلاردىن قولىدا تەمبۈر تۇتقىنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن پېشقەدەم ئۇستاز مىجىت يونۇس ئاكا، ئۇنىڭ يېنىدا قولىدا غېجەك تۇتقىنى، بويى سەل ئېگىزرەك كۆرۈنىدىغان، يۈزى يۇملىقاراق كىشى بولسا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكا ئىدى.



http://v.youku.com/v_show/id_XNzI4ODY5MzI4.html

چەبىيات مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن باشلانغان كونسېرت تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى دەرھال ئۆزىگە تارتىپ، تىياتىرخانا ئىچىنى تىمتاسلىققا چۆمدۈردى. كىشىنى ئاڭلىغانسېرى مەھلىيا قىلىدىغان سەنۇبەرنىڭ يېقىملىق، خۇش ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىنىپ زەخمەكنىڭ سىمغا رىتىملىق، يېنىك ئۇرلىشى بىلەن ياڭراق چىقىۋاتقان تەمبۇر ئاۋازى خۇددى يامغۇردىن كېيىن تاغ بۇلاقلىردىن توختاۋسىز ئېتىلىپ چىققان شوخ سۇلاردەك ئۆزگىچە مۇڭ قوشقان دۇتار ۋە غېجەكنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، سەھەردە دېڭىز ئۇستىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرىنىڭ قويۇق ئورمانلار ئۈستىگە تۆكۈلۈپ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، تاماشىبىنلارنىڭ ئاڭلاش سېزىملىرى، قەلب تۇيغۇلىرى بىلەن ئاستا بىرلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇقاملىرى سېھرىي كۈچىنى، ئۆز خاسىيىتىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى ...


ھاياتىدا مۇنداق كۈيلەرنى تۇنجى ئاڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ مۇڭغا تولغان كۆزلىردىن ھەيرانلىق ئالامەتلىرى روشەن كۆرۈلۈپ تۇراتتى. بەلكىم بۈگۈنكى بۇ كونسېرتقا كەلگەنلەرنىڭ كوپ ساندىكىسى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر قايسى ئىنستىتۇتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىدۇر، ۋەياكى ئۇيغۇرلارنى جۇڭگونىڭ غەربى رايونى “شىنجاڭ” دا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق ئاڭلاپ، تۇنجى قېتىم “ئۇيغۇرلار زادى قانداق مىللەت؟ بىر كۆرۈپ باقايلىچۇ.... “ دېگەن ئويلار بىلەن ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەندۇ. كىم بىلىدۇ، ھەر كاللىدا ھەر خىل خىياللار باردۇ ئەمما تاماشىبىنلارنىڭ بۇ سۈكۈتكە پاتقان، ئويچان كەيپىياتىدىن بىز ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە تەڭ تەۋە بولىدىغان ئورتاق تۇيغۇسىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس. ئۇ تۇيغۇ بولسا ھەممە تىل، ھەممە دىللاردا تەڭلا تەرجىمانسىز چۈشىنىلىدىغان ئىنسان قەلبىنىڭ مەنىۋى روھىيىتى - مۇزىكىدۇر.

مۇزىكا تىلسىز ئاھاڭدۇر. ھەرىكەت ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مەڭگۈ ئۆز مۇزىكا رىتىمىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ مۇزىكا رىتىملىرىدىن ئادەملەر پەقەت ناھايىتى ئاز بىر ئاھاڭلارنىلا سېزەلەيدۇ، ئاڭلىيالايدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ... مۇزىكىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇملۇققا ئىگە تىلىنى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئادەم چۈشىنىدۇ. چۈنكى مۇزىكا ئىنسان قەلبىنى ساپلىققا، ئەقلىنى ئىنسانلىق تەپەككۇر ئالىمىگە باشلايدىغان، ئىنسان ئەقلىنىڭ يېتۈك بىر جەۋھىرىدۇر. مۇزىكىنى ئاڭلاپ چۈشىنىشكىمۇ بىر ساپ بولغان ئەقىل تەلەپ قىلىنىدۇ ئەمما مۇزىكانت بولماق ئاساس ئىش ئەمەس. دېمەك سەنئەتكار دېگەنلىك باشقىلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان تالانت ئىگىسى دېگەنلىكتۇر.

"مۇزىكا كائىناتقا قەلب، شاماللارغا قانات ئاتا قىلىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋە پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ يولباشچىسىدۇر" - بەرھەق، گىرېك پەيلاسوپى سوقراتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ماتېماتىكا ئالىمى ۋە پەيلاسوپ پلاتو يۇقىرىدىكى ئەقىل سۆزنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە ئېيتىپتىكەن. بۈگۈنكى ئىنسانلار ئالىمىدە پلاتونىڭ بۇ سۆزى سەنئەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئادەملەرنىڭ قەلب سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكىلى بىر قانچە ئەسىر بولدى....


تاماشىبىنلار ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىماقتا....بۈگۈن كەچتىكى سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كېچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن چەبىيات مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن باشلىنىپ تەز، جۇلا، سەنەم، داستان قىسىملىرىدىن رەت تەرتىپى بويىچە ئۆرنەكلەر ئورۇنلىنىپ ئۈزۈلمەي 40 مىنۇت ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. ئارىدا ئون بەش مىنۇتلۇق ئارام ئېلىش ۋاقتى بىرىلدى. ئالقىش سادالىرىغا ئۇلىنىپلا بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەس كۆڭلەكلەر كىيگەن لوندوندا ياشايدىغان بىر قانچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى، ياش ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دەستە – دەستە گۈللەرنى كۆتۈرۈشۈپ سەھنىدە پەيدا بولدى – دە سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن قۇچاقلىشىپ دىدارلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىغا گۈللەرنى تۇتقۇزدى...

ئارام ئېلىشتىن كېيىن كونسېرتنىڭ يېرىمى باشلاندى. مىجىت يۈنۈس ئاكىمىز يالغۇز تەمبۈر بىلەن ئۇششاق مۇقامدىن ساز ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىمىز غېجەك بىلەن مۇشاۋىرەك مۇقامىدىن بىر پارچە، ئاندىن ساتار بىلەن چارگاھ مۇقامىدىن بىر پارچە سازلار ئورۇنلىدى. ئەمدىكى نۆۋەت سەنۇبەرنىڭ ئىدى....


"ئاق بوز ئاتىم، ئاق بوز ئاتىم،
يالىڭنى ئۇزات.
بۈگۈن كېچە يار قاشىگە،
يەتكۈزگىن، تىزىراق.

بۈگۈن كېچە يار قاشىگە
يەتكۈزسەڭ، بوز ئات.
باشىڭدىكى يۇگنىڭدىن
قىلۇرمەن ئازاد.

ئاق بوز ئاتنى باغدا دېسەم
يۈرۈپتۇ سايدا.
ئايرىلماسقا ۋەدىلەشكەن
قايسىمىز قايدا ....."

كەيپىياتلا يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىمەكتە.... ھەر بىر ناخشا تۈگىگەندە تاماشىبىنلارنىڭ چاۋاكلىرى ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا توختىماي چېلىنماقتا. سەنۇبەر تاكى كونسېرت ئاياغلاشقىچە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئىلى ئۇسلۇبى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ "يارۇ"، "دەردىڭ يامان"، "مۇدەنخان"، "ئاق بېلىق"، "تالى دەيدۇ"، "مەن كېتەر بولدۇم" قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇندىدى. سەنۇبەر ناخشىلارنى بەزىدە ئۆزى يالغۇز دۇتار چېلىپ ئېيتسا بەزىدە تەمبۈر، غېجەكنىڭ تەڭكىشىدە ئېيتتى .....


شۇ تەرىقىدە كونسېرت ئىككى سائەتكە يېقىن داۋام قىلغاندىن كېيىن، بىر ناخشا تۈگەپ چاۋاكلار چېلىنىپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىزلا سەھنىدە سەنۇبەر قاتارلىق مۇزىكانتلارغا دوكتور رەيچېل ھاررىس قولىدا دۇتار تۇتقان ھالدا بىر قانچە مۇزىكانت ۋە ناخشىچىلار بىلەن بىللە قوشۇلدى. ئۇلار لوندوندا 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ كەسپىي يېتەكلىشىدە قۇرۇلغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئاكتىپ شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيەدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى تونۇشلۇق بولۇپ قالغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نىڭ ئەزالىرى ئىدى. مۇزىكانتلار ئۇيغۇرنىڭ مەشھۇر ئۇسسۇللۇق ناخشىسى "ئاتۇش" پەدىسىنى باشلىۋەتتى .


لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ  ( http://uyghurensemble.co.uk/uy ؛ http://uyghurensemble.co.uk ) ناخشىچىسى رەھىمە سەنۇبەرگە جور بولۇپ ئاتۇش پەدىسىنىڭ ناخشىلىرىنى ياڭراتماقتا...سەھنىگە بىردىن، ئىككىدىن بولۇپ بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەن ئۇيغۇرلار تاماشىبىنلار ئارىسىدىن سەھنىگە چىتى – دە ئاتۇش پەدىسىگە ئۇسۇل ئويناپ پىرقىراشقا باشلىدى. تاماشىبىنلارنىڭ ئىسقىرتىش- ھۇقۇيتىشلىرى بىلەن بىرگە ئاتۇش ئۇسۇلىنىڭ رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىپ ئۇرۇلۇۋاتقان چاۋاكلار تىياتىرخانىنى تىترەتمەكتە.... شۇنداق يۇقىرى كەيپىياتلار بىلەن سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بۈگۈنكى لوندون كونسېرتى توختاۋسىز چاۋاكلار، ئالقىشلار سادالىرى ئىچىدە بىز كۈتكەندىنمۇ يۇقىرى نەتىجىلەر بىلەن يەرلىك ۋاقىت سائەت 21 دە ئاياغلاشتى.





(داۋامى بار)

5

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9151
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 103
تۆھپە : 135
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك سەنئەتكارلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22421
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 14:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپكىتىڭ سەنۇبەرخان-ياشاپ كىتىڭ.ئەجەپ ئىش--سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزنى ھەرقانچە ئاڭلىساممۇ زىرىكمەيمەن دىسە.

7

تېما

3

دوست

6178

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1176
توردىكى ۋاقتى: 378
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 22:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىدىن ئىنتايىن سۈيۈندۈم ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يەنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. بىزنى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2014- يىللىق ياۋرۇپا سەپىرىدىن ئۇچۇر بەرگىنىڭدىن خوشال بولدۇم، ھاياجىنىمنى مىڭ تەستە بېسىپ ئوقۇپ چىقتىم، قەلەم تۇلپارىڭ ھارمىغاي، تېنىڭگە سالامەتلىك ئائىلەڭگە بەخت تىلەيمەن، باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭدىن گۈل ئۈنسۇن!!! يېقىندىن بۇيان ئۈندىداردا پاراڭدىشىپ بولالماي قالدۇق، توغرا چۈشەنگىن

16

تېما

13

دوست

2736

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 03:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت دوستۇم! بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭدىن سۆيۇندۇم. مەن چۇشنىمەن ..... بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتەر. سالامەت بولغىن!

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 4180
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 13:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىچىنىڭ  چىراي ئىپادىسى بىلەن ناخشا ماسلاشمىسا ھوزۇرى بولمايدىكەن.


تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3824
توردىكى ۋاقتى: 703
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 19:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئۇيغۇرلىرىمىزدىن پەخىرلەندىم .ياشا ئۇيغۇرۇم !!!بارىكاللا...

1

تېما

0

دوست

227

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23142
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 00:43:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 00:48  

ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى تىرىشچانلىق ئارىسىدىن بۇ  پىشكەنچلىكلەرنى يېڭىپ دۇنيادا ئۇيغۇر  ساداسى ياڭرىشنى رەببىمدىن  تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )