- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2722
- نادىر
- 1
- يازما
- 137
ئۆسۈش
  24.07%
|

قاتناش ۋەقەسىنى تىز بىر تەرەپ قىلىش تەرتىۋى
بىر تەرەپ قىلىش تەرتىۋى تۆۋەندىكىدەك:
1.دىلو قوبۇل قىلىش.ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەنپەئەتدارلارنىڭ مەلۇم قىلغان دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ،باشقۇرۇش تەۋەلىگى بويىچە دىلو تۇرغۇزىدۇ.
2.نەق مەيدان بىرتەرەپ قىلىش.قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ،دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ،يارىدارلارنى ۋە مال -مۈلۈكنى قۇتقۇزۇش،نەق مەيداننى تەكشۈرۈش،دەلىل ئىسپات توپلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.
3.مەسئۇلىيەت بىكىتىش.قاتناش ۋەقەسىدىكى پاكىتلارنى بىكىتكەندىن كىيىن ،قاتناش ۋەقەسىدىكى سەۋەپ- نەتىجىلىك مۇناسىۋەتكە ،ۋەقەدە ئوينىغان رولىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى قاتارلىقلارغا ئاساسەن،ۋەقەگە ئىتىراپنامە چىقىرىدۇ.
4.كىسىم قىلىپ جازا بىرىدۇ.قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن،ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۈرۈش 、جەرىمانە قويۇش、 كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قىلىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.
5.زىياننى مۇرەسسە قىلىش.ۋەقەدىكى زىيانلانغۇچى ۋە مال مۈلۈككە قارىتا ،بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەت نىسپىتى بويىچە ،ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىدۇ،ئىككى تەرەپ مۇرەسسەگە قوشۇلسا ،تۆلەم بىرىش توغرىسدا كىسىمنامە چىقىرىپ بىرىدۇ.
6. سوتقا ئەرز قىلىش.تەرەپلەرنى قانۇنى سۈرۈك ئىچىدە مۇرەسسە قىلىش ئۈنۈملىك بولمىسا ،مۇرەسسە قىلىشنى توختىتىپ،مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇش خېتى چىقىرىپ ،تەرەپلەرنىڭ سوتقا بىرىشىنى ئۇختۇرىشى كىرەك. ۋەقەدىكىلەرنىڭ ماشىنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بارمۇ؟
ماشىنىنىنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى پەقەت ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىلا بولىدۇ،باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ۋەقەدىكى ئاپتوموبىل 、نۇمۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىلەرنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ،ھەمدە شۇپۇر بىلەن مال مۈلۈكنى تۇتۇپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. جىنايەت سادىر قىلىشقا توشقانلىرىنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. شوپۇر ياكى ئاپتۇمۇبىل 、مال-مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
|
|