- تىزىملاتقان
- 2014-6-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 171
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
57%
|
مەن بالىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى ئىچكىردە ئوقۇشىغا قارشى پىكىردىمەن،تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى بالىنىڭ مەيلى دۇنيا قاراش بولسۇن ۋە ياكى فېزولوگىيىك يېتىلىش بولسۇن ۋە ياكى تولۇق ئوتتۇرا بىلىمنىڭ مۇھىملىقى تەرەپتىن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ،مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالا ئەركىن مۇھىتقا،ياخشى بولغان ئاتا ئانا تەربىيىسىگە،مىللىي ئاڭنىڭ شۇنداقلا ئىمانىي روھنىڭ ياردىمىگە ئەڭ موھتاج بولىدىغان ئاسانلا ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچراپ كېتىدىغان بولغاچقا مۇشۇنداق دەۋىردە بالىنىڭ ئۆز دىيارىمىزدا ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئوقىغىنى ئەڭ ياخشى.
ھەممە ئاتا ئانا ئۆز پەرزەتلىرىنىڭ بەختىنى ئويلايدىغىنى مۇقەررەر،بىراق بەزىدە مۇشۇ ئالى نىشان بىلەن خاتالىشىپمۇ قالىدۇ،دىيارىمىزدا ئوقىسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى نەتىجخلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ،تولۇقنى ئىچكىردە ئوقۇسا مېنىڭچە كۆپىنچە بالىلارنىڭ ئېرىشكىنى يوقاتقىنىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ،بىلىمنى دىيارىمىزدىمۇ ئالغىلى بولىدۇ بىراق يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دىيارىمىزدىن باشقا يەردە ئالغىلى بولمايدۇ. |
|