قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 11

ئوغلۇمغا يېزىلغان خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 14:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يۈرەك پارىمىز ،سۆيۈملۈك ئوغلۇم ،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟ئالتۇن بويىڭىز ئامانمۇ؟چوڭ دادىڭىز،ئىككى چوڭ ئانىڭىز،ئۇكىڭىز،دادىڭىز ،مەن ۋە باشقا بارلىق ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم –خوشنىلار،تونۇش –بىلىشلەر سالامەت،ياخشى تۇرىۋاتىدۇ.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك:
         سىز تۇغۇلغان 19 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ دەقىقىدە دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ چېھرىنى ئالەمچە خوشاللىق قاپلىغان ئىدى،تۇنجى پەرزەنتىمىز بولغاچقىمىكىن  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز  سىزنى تالىشىپ كۆتىرەتتۇق، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان ۋاقىتلىرىڭىزدىكى يېقىملىق گۇڭراشلىرىڭىز، تاتلىق كۈلۈشلىرىڭىز دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ جىسمىنى شامدەك ئېرىتىۋەتكەن ئىدى،  تاتلىق قىلىقلىرىڭىز بىزدىكى بارلىق غەم -ئەندىشىلەرنى خوشاللىققا ئايلاندۇرغان ئىدى.   دادىڭىز  بىلەن ئىككىمىزنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشچىقىمىزنىڭ ھارغىنلىقىنى يىراقلارغا چۆرىۋەتكەن،تالاي كېچىلەردىكى كۆزلىرىمىزنى قىزارتىپ ئولتۇرۇپ بۆشۈكىڭىزنى تەۋرىتىپ، قېپ قالغان  ئۇيقۇسىزلىقلارنىڭ ئازابىنى قايەرلەرگىدۇ تاشلىۋەتكەن ئىدى.
      بىلسىڭىز ئوغلۇم ،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور  خوشاللىقى بوۋا –مومىڭىلىرىڭىزدىن قالسا، دەل ئۇكىڭىز بىلەن ئىككىڭلار،ئىككىڭلار بولغاچقىلا دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز خوشال،ئائىلىمىز خوشال. ئىككىڭلار بىلەن  چېھرىمىزدىن خوشاللىق نۇرلىرى ئۆچمەيدۇ،سىلەر دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ  
مېھرىنى بىر - بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغۇچى رىشتە،سىلەر بولغاچقىلا ئىككىمىزنىڭ مېھرى بۇ ئائىلىگە باغلانغان.
    ئاكا –ئىنى  ئىككىڭلار  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزگە بالا مېھرىنىڭ ئالەمچە چەكسىز سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردۇڭلار ،شۇنداقلا ئىككىمىزنىڭ مېھرى -مۇھاببىتىنى تېخىمۇ چىڭىتتىڭلار،ئائىلىمىزگە ئىناقلىق ،خوشاللىق،بەخت ئاتا قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئالەمچە تەشەككۈر ئوغلۇم......!
  شۇنى بىلىڭكى،سىلەر  ئۇيغۇر ئەجدادى ،مۇسۇلمان ئەۋلادى ،ئۇكىڭىز تېخى كىچىك ،بۇ گەپلەرنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ،سىز چوڭ بولۇپ يىگتلىك قورامىغا يەتتىڭىز،ئادەمنىڭ ئەڭ پەخرلىك،گۈزەل چېغى  ياشلىق دەۋرىدۇر،مانا سىزنىڭ ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان گۈزەل پەيت 18 ياشتىن ھالقىپ 19 ياشقا قەدەم قويۇشىڭىزغا بىر ھەپتىدىن ئاتۇقراقلا ۋاقىت قالدى .ھازىر سىزئۇيغۇرلار  ئىنتايىن ئاز بولغان شۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە  تۆت يىللىق ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى جاپالق ئۆگىنىش مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ  ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز.دېمەك سىز ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى مۇنتىزىم ھەربىي ھالەتتىكى، قاتتىق بولغان مەكتەپ تۈزىمىدىن چىقىپ ،ئىختىيارى ھەركەت ھالىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇش ئالدىدا ،ئاللاھ خالاپ ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن تېنچ –ئامانلا ئۆتۈپلا كەتسىڭىز،شۇ تاپتا دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ پۈتكۈل ئېسىيادى سىزدىلا،ئوغلىمىز‹‹ تېنچ –ئامان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتسە›› دېگەن ئويدا.يەنە ‹‹چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ ››دېگەن ئىشەنچمۇ بار  بىزدە،ئاللاھ خالسا ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەرسىز.بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.ھېرىپ –چارچاشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسى چىققان شۇ كۈنى بارلىق ھاردۇقىڭىز چىقىپ،ھاياجانلىق مىنۇتلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ ئوغلۇم.
    سىز بۇ دۇنياغا بىر يىگىت ،ئەركەك بولۇپ تۆرەلدىڭىز ، سىز ۋاپادار،كۆيۈمچان،مىجەزى ئېسىل  پەرزەنتسىز،بۇنى خۇلۇم –خوشنىلار،ئۇرۇق –تۇققانلارنىڭ ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماختاش سۆزلىرىدىن  ھەمدە ئائىلىدىكى يۈرۈش –تۇرۇشلىرىڭىزدىن مەلۇملۇق ئوغلۇم،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۈمىدى شۇكى،بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش يولىڭىزدا  ئۆزىڭىزدە  ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس بولغان غەيرەت –جاسارەتنى،مېھرى –ۋاپانى ،كۆيۈمچانلىقنى،ئىمان –ئىنساپنى  ھازىرلاڭ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن،باشقىلار بىلەن  كىيىش،يېيىش –ئىچىش،ئويۇن –تاماشىدا بەسلىشىش ئەمەس ،بەلكىم ياخشى ئوقۇپ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز ، بىزگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلالىسىڭىز  ،ئۆزىڭىزدىن ئاجىز دەپ ھېسابلىنىدىغان  قىزلارنى قوغدىيالىسىڭىز، يىگىتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلالىسىڭىز ،يۇرتىمىزدىن يىراق بولغان ئىچكىرى ئۆلكىدە ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى نامايەن قىلىپ،ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ ياشىسىڭىز، ،ئاندىن  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالىغان بولىسىز،بىزمۇ ھەم سىزدىن پەخىرلىنەلەيمىز ئوغلۇم....
         سىزمۇ بىلىسىز ،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ھوقۇقىمىز بار ئەمەلدارلاردىن ئەمەسمىز،كۆپ پۇلى بار ،قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان بايلاردىنمۇ ئەمەسمىز،بىز پەقەت شۇنداق ئەمەلدارلارنى،بايلارنى تەربىيلەيدىغان،بىراق جەمىيەتتە ئورنىمىز يۇقۇرى ئەمەس،ئېغىزدا ھۆرمەتكە سازاۋەر،جاپاكەش، ئاددىي ئوقۇتقۇچىلارمىز،ئەگەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالسىڭىز،  سىزگە بايۋەتچىلەردەك خەجلەيدىغانغا نەچچە مىڭلاپ ئۇنچە كۆپ پۇل ئەۋەتىپ بېرىشكە قۇربىمىز يەتمەيدۇ،چۈنكى بىز  باي ئەمەس،بىراق سىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىڭىزغا يەتكۈدەك،سىزنى  بويۇن قىستۇرۇپ قويمىغىدەك تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز چوقۇم،شۇڭا بەدخەجىلكتىن ساقلىنىڭ،بەدخەجلىك،بەسخورلۇق ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار ،يامان ئادەتلەردۇر،بۇنداق ناچارلىق سىزدىن مەڭگۈ يىراقتا تۇرسۇن.
     دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى،زېھنىمىزنى،پۈتۈن مېھرىمىزنى ئىككىڭلار ئۈچۈن سەرپ قىلدۇق،بۇسەرپ قىلىشلار  پەقەت سىلەرنىڭ مېھرىڭنىڭلارنىڭ ئۇلۇقلىقى، سىلەرنىڭ ساغلام،ئەقىللىق ،تېتىك،ياراملىق،ۋاپادار،ئىمان –ئىنساپلىق  چوڭ بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر،بۇلارنى ئېغىزغا ئېلىشىم ھەرگىزمۇ سىلەرنى باققىنىمز ئۈچۈن قىلنغان مىننەت ئەمەس ،پەقەت ئۈمىدىمىزنى بىلدۈرۈشتۇر.
          دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۈمىدى ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ،  بىزنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىمىزنى ئاقلاپ، ھەقىقى ياراملىق ئوغلان بولۇپ، كەلگۈسىدە خەلق قەلبىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىشىڭىزدۇر، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا بىزنىڭ پۈتۈن ھاردۇقىمىز چىقىپ ،يېنىكلەپ كېتىمىز ئوغلۇم......!
    ‹‹ئاپام نېمىشقا بۇ سۆزلەرنى تەتىلدە ماڭا بىۋاستە دېمەي خەت يېزىپ يۈرىيدىغاندۇ ؟››دەپ ئويلاپ قالماڭ،تەتىلدە سىز كەلگەندە بۇنچە سۆزلەرنى سىزگە خەتتىكىدەك تەرتىپلىك دېيەلمەسلىكىم ھەم ئېيتقانلىرىم بۇنچلىك  ئېدىتلىق،تەسىرلىك چىقماسلىقى مۈمكىن ھەم گەپلىرىم خەتتە يازغاندەك جەلپ قىلارلىق بولماسلىقى مۈمكىن،شۇڭا كېلىش ئالدىدا تۇرغان تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئاتاپ بۇ خەتنى يازدىم،بولسا خېتىمنى ساۋاقداشلىرىڭزغىمۇ ئوقۇپ بېرىڭ،خەتتىكى ئېيتقانلىرىم نۇرغۇن ئاتا –ئانىلارنىڭ پەرزەنتىلرىگە ئېيتماقچى بولغان يۈرەك سۆزلىرى بولىشى مۈمكىن،ساۋاقداشلىرىڭىز خېتىم ئارقىلىق،ئاتا –ئانىسىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەسكە ئېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، خېتىمنى ئوقۇپ  ئىچىڭىزدە مەسخىرلىك تەرىزدە كۈلۈپ سالماڭ،بۇنداق قىلسىڭىز ماڭا،دادىڭىزغا ،بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزغا ھاقارەت قىلغان بولۇپ قالسىز،سىز ئەمدى چوڭ بولدىڭىز ،ئاق –قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدىڭىز ،سىز بىزنىڭ ئەقىللىق ئوغلىمىز،بىزنىڭ پەخرىمىز،خەتنى ئوقۇپ بىزنىڭ مەقسىدىمىزنى چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭزغا ۋە كەلگۈسىدە شۇنداق يول تۇتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز...
        ئۇشبۇ خەتنى يېزىۋاتقان شۇ دەقىقىدە كۆزلىرىمدىن ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا سىزنى سېغىنىش ياشلىرى سىرغىپ چۈشۈپ،كۆزۈم غۇۋالىشىپ قالدى،مەيلى سىز قايەردە ئوقۇماڭ، يەنىلا بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ئۇكىڭىز بىلەن سىزنى جېنىمىزدىنمۇ ئەزىز كۆرىمىز ئوغلۇم...
    خەير ئوغلۇم،خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي،بولمىسا يازىدىغان گەپلىرىم ئۇزۇراپ داستان بولۇپ كېتدىغان ئوخشايدۇ،قالغان گەپ –سۆزلەرنى تېلىفوندا،تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا يەنە دېيىشىۋالارمىز اللاھ ئۆمرىمىزنى بەرسە...
    تىرىشىڭ،غەلىبە سىزگە مەنسۇپ،ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشىكى سىزگە داغدام ئېچىقلىق...
ئامان بولۇڭ،اللاھ ھەر ۋاقىت سىزگە يار –يۆلەك بولسۇن،دىلىڭىزدا اللاھنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرۇڭ...

   سىزگە ئۇتۇق تىلەپ :دادىڭىز،ئاپىڭىز،ئىنىڭىز ۋە باشقا ئۇرۇق –تۇققانلار....

   مەنبە : ئۆز قەلىمىم

0

تېما

5

دوست

2584

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 20:30:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تەرەپتە ئوغۇللارنى سىز دىمەيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27304
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 20:48:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   خەتنى  ئۇقۋېتىپ  مېنى  ئۈزلۇكسىز  قوللاپ  ،مەدەت   بېرىپ  كېلۋاتقان  ئانامغا   بولغان   سېغىنشىم   ھەسسلەپ  ئاشتى  ،ئاشۇنداق   ئادىي   كىشلەرنىڭ   ئۇلۇغ  ۋە  چوڭقۇر  مۇھەببىتى   بولغاچقىلا  بۇ  دۇنيا  شۇنچىلىك گۈزەل   ۋە   مەنلىك ،
ئەگەر  بۇلارمۇ   بولمىغان   بولسا   ھاياتىمىز  قانچىلىك  قۇرغاقلىشىپ ،مۇڭسىراپ سوغوقلىشىپ    كېتەتتى  -ھە !
   ئامان  بولۇڭ  ئانا !!!

10

تېما

1

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 21:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdunyaz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 20:48
بۇ   خەتنى  ئۇقۋېتىپ  مېنى  ئۈزلۇكسىز  قوللاپ  ،مەدەت   بې ...

بۇ ئۆتكەن يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلۇمغا يازغان خەت ئىدى..

خەت يېزىۋېتىپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىزلا ياشلار قۇيۇلغان ئىدى....

دۇنيادا ياراتقۇچىمىزغا بولغان مۇھاببەتتىن باشقا،ئاتا -ئانىنىڭ مۇھاببىتىدىن ئۇلۇغ مۇھاببەت بولمىسا كېرەك...

0

تېما

1

دوست

272

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27707
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 21:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ يولنى بېسىپ كەلگەن مەن . ئىككى يىل بوپتۇ ئىچكىرى تولۇق دىگەن يەردىن قۇتۇلغىنى
   مانا ئەمدى ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچغا قەدەم قويۇش ئالدىدا

0

تېما

1

دوست

272

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27707
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 21:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يىل بولۇپتۇ مىنىڭ ئىچكىرى تولۇقتىن ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمگە

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 23:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىرىمىز ئوقۇپ ئىلھام ئالسا بولغىدەك يازما ئىكەن. بۇنى بالىلىرىمىزغا ئوقۇپ بەرسەك ئۈنىمى خېلى ياخشى بولغىدەك .

ئەلنەپەس تورى سىزنى قارشى ئالى

1

تېما

0

دوست

241

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29926
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 10:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇللىرىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىمىز .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )