قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4552|ئىنكاس: 10

[قانۇن]ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشىنىڭ يوللۇقلىغىنى كىم تەكشۈرىدۇ؟

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

1

دوست

2722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 10:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ساقچى ئوق چىقىرىشنىڭ يوللۇقلىغىنى كىم تەكشۈرىدۇ؟
《مالىيە ئىقتىساد》يېڭى مېدىيە خۇاڭجاڭۋېن 、شۇ مىڭجىې



e11c093db6056e2478471248fd4b8440.jpg

پاڭ!
پاڭ!
پاڭ!
پاڭ!
     توت پاي ئوق ئاۋازى ياڭراپ،6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە،خۇبېي ئۆلكىسى چىيەنجاڭ شەھرى خاۋكۇ بازىرى 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە،ياۋۇز قەبىھلەر ئېتىۋىتىلدى،50دىن ئارتۇق بالا قۇتقۇزىۋېلىندى،ئۆزىدىن كىچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى、 “مەرگەنلەر” تەغدىرلەندى،قۇياش بۇرۇنقىدەكلا نۇر چېچىپ تۇراتتى،مەكتەپ قوروسى يەنىلا تىپ-تىنىچ بولۇپ،ھەققەنىيەت ياۋۇزلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئىدى.
    بىز بۇ جىددى مەردانىلىققا تولغان、 ھەققانى قەھرىمانلىق ھىكايىسىنى ئىنكار قىماقچى ئەمەس، ئۆزىدىن كىچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئاساسى قاتلام ساقچى- ئوفىتسىرلىرىنىڭ خەيىم-خەتەرگە كۆكرەك كىرىپ چىققانلىغى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
ئەمما مېدىيەدە تۈزۈلگەن ھىكايىلەردىكى لوگىكىغا، مىردىئان سىزىغى بويىچە تەپەككۇر قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە توغرىسىدا چوقۇم  ئىزدىنىش زۆرۈردۇر.
مىدىيەلەردە جاڭ پەمىلىلىك توغرىسىدا مۇنداق پارچە-پۇرات ئۇچۇرلار بار:
   1.مىدىيەدە خەۋەر قىلىشىچە ،ئەسكەرلىكتىن چىكىنگەن جىنايەت گۇماندارى جاڭ تەكرار جىنايەتچى بولۇپ،1985-يىلى ئوغۇرلۇق بىلەن 5 يىل كىسىلگەن،كىيىن يەنە قۇرال ياساپ 5يىل كىسىلگەن.ئۆتكەن يىلى چىققاندىن كىيىن ئەرز- شىكايەتنى توختاتمىغان،سەۋەپ ئىككىنجى قېتىملىق ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان.
   2.جاڭ يەر تۆلەم مەسىلىسى ۋە قورو يېرىنى كىسىپ بىرىش مەسلىسى توغرىلىق ،كەنت سىكرىتارى شۈ بىلەن ئېغىر زىددىيەتلىشىپ قالغان،سىكرىتانىڭ نەۋرىسى شۇ مەكتەپنىڭ 6-سىنىپىدا ئوقۇيدىكەن.
  3.بالا گۆرۆگە ئېلىنغان ۋاقىتتا،جاڭنىڭ بىلىدا ئۆزى ياسىۋالغان تاپانچا  、پارتىلاتقۇچ دورا 6、 بوتۇلكا بىنزىن 、بىر سۇڭ كەڭلىكتە بىر چى ئۇزۇنلۇقتا پىچاق قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ پارتلاتقۇچنىڭ يىپىنى ساڭگىلىتىۋالغان تەلەتى قەبىھ بولسىمۇ،لىكىن ئۇ ھىچقانداق زىيانكەشلىك قىلمىشى سادىر قىلمىغان ،پەقەت ۋاقىراپ دەردىنى تۆككەن خالاس.
  4.ئىككى سائەتلىك تىركىشىش جەيانىدا ،جاڭ “ئارقىغا يىنىش”نى ھەتتا “ھەمكارلىشىش” ئىستىگىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار مەيداندىن ئايرىلسۇن دىسە،ئۇ قوشۇلغان؛ھۆكۈمەت خادىملىرى يىتىپ كىلىپ، ئۇقۇتقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشنى ئۆزلىرىگە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندىمۇ ،ئۇ يەنىلا قوشۇلغان.

   بۇنداق بىر جىنايەت گۇماندارىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاشقا تىگىشلىكمۇ زادى؟ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان باشقا يول يوقمۇ؟بۇ سۇئالغا  قانۇن-ئەدلىيە ئورگانلىرىدىن باشقىلار ھۆكۈم قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە.
     ئىلگىرى،2014-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ،يۇننەن  جىڭشۇڭ دە،ئەرز-شىكايەتچىلەر يۈك ماشىنىسى بىلەن ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنى توسىۋالغانغا،ساقچى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئوق چىقارغان ساقچىنى يەرلىك ساقچى تەرەپ، “كەسكىنلىك بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن”سەۋەپلىك  تەغدىرلىگەن.
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ،گۇيجۇ سەنخۇي ناھىيەسىدىكى بىر دىھقان پىچاق ئېلىپ ئايالىغا زوراۋانلىق قىلماقچى بولغاندا،ساقچى ئۈچ پاي ئوق بىلەن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.
....
    “نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش”ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ،بۇ يىل كىرگەندىن بىرى،ھەرقايسى جايلاردا كۆپلىگەن تىرورلۇق- زوراۋانلىق ھەركەتلىرى يۈز بىرىپ،“قاتتىق زەربە بىرىش”ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى “مۇھىمنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئىش”بولۇپ قالدى،“زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش” “كەسكىن ئوق چىقىرىش”پۈتۈن جەمىيەت دائىرسىدە قوللاش ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى،ئاۋام رايى ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ كېڭىيىشىگە قانۇن ئاساس ئاتا قىلدى،شۇنداقلا ئۇنى  قانۇن چىقىرىش 、 ئەدلىيەنىڭ مۇرەككەپ جەريانلىرىدىن خالاس قىلدى.
بىراق ساقچىنى‘كەسكىن ئوق چىقىرىش’قا رىغبەتلەندۈرۈش، ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا جەمىيەتنىڭ خەتەر ئېڭىنى ئۆرلىتىۋەتتى.يېقىندىن بىرى ساقچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ،تالاش -تاتىش  پەيدا قىلماقتا: ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشىنىڭ ھەق-ناھەقلىق چەك چىگرىسى قەيەردە؟ساقچىلىق ھوقۇقى، كىڭىيىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتامدۇ- قانداق؟
    ساقچى خەتەرلىك ئەھۋالغا تاقابىل تۇرغاندىكى ،ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى نامۇۋاپىقلىق تالاش- تارتىش پەيدا قىلىش نۇرمال ئىش ئەلۋەتتە.نۇرمال بولمىغان يېرى ،ئوق چىقارغاندىن كىيىنكى مۇۋاپىق  ياكى ئەمەسلىگىنى تەكشۈرۈشتە قاتتىق قول تەرتىپ يىتەرسىز بولىۋاتىدۇ.ئوقنىڭ جايىدا تەككەن-تەگمىگەنلىگىنى تەكشۈردىغان كىم بار؟بۇ ئارقىلىق نامۇۋاپىق ئوق چىقىرىشنى ئازايتىشقا ئامال بارمۇ-يوق!
“ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىش ” توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگۈلىمىسى ئېنىقمۇ ئەمەسمۇ؟
دۆلەت دىكتاتۇر ھوقۇقىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولغان ساقچىنىڭ قانۇنلۇق قۇرال ئىشلىتىش ھوقۇقى،“جامائەت مەنپەتى ۋە جەمىيەت تەرتىۋىنى قوغداش،پۇقرالارنىڭ جىسمانى ۋە قانۇنى مۈل-مۈلكىنى كاپالەتلەندۈرۈش” تىكى ساقچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ھەم مەسئۇلىيىتىدۇر.
《ساقچى قۇراللىرى نىزامى》دا:

    “ساقچى  زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش دەپ قارىغان 16خىل جىددى پەيىتتە،ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈم بەرمىسە،قۇرال ئىشلەتسە بولىدۇ” دەپ بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە ،بۇ بەلگۈلىمە بەك ئاددى بولۇپ قالغان.مەسىلەن:“بولىدۇ” بىلەن “كىرەك”نىڭ مەنىسى بەك يېقىن بولۇپ قالغان.قانداق ئەھۋالدا ئاسمانغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقىرىدۇ،قانداق ۋاقىتتا گۇماندارغا ھۇجۇم قىلىدۇ،قانداق ۋاقىتتا گۇماندارنىڭ جان چىقمايدىغان يېرىگە ئوت ئاتىدۇ،قانداق ۋاقىتتا جان چىقىدىغان يېرىگە ئوق چىقىرىدۇ دىگەن توغرىلىق ھىچقانداق مەزمۇن تىلغا ئېلىنمىغان.“جىددى ئەھۋال” نى تامامەن ساقچى ئۆزى ھۆكۈم قىلغان.
    قانۇن-بەلگۈلىمىنىڭ ئېنىقسىزلىغى سەۋەپلىك،جۇڭگۇ ساقچىللىرىنىڭ ئوق چىقىرىش ئىشى توغرىلىق دەتالاش تۈزگىمەۋاتىدۇ.ساقچى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلاندىمۇ-يوق ،بۇنىڭغا ساقچىنىڭ ئۆزىمۇ بىرنىمە دەپ بىرەلمەيدۇ.
   2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى،جاڭشى پەنياڭ ناھىيىسىدە ساقچى ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان دىلو يۈز بەرگەن.ساقچى تەرەپنىڭ دىيىشىچە،بىر قىمارۋازلىق دىلوسىنى تەكشۈرىۋاتقاندا،“بىر قىمارۋاز قېچىۋاتقاندا ساقچى بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان جەرياندا ئوق بىلەن زەخمىلەنگەن،قىمارۋاز دوختۇرغا قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆلىدۇ”.بۇنىڭغا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەباتى گۇمانى كۆز قاراپ:“ئۇ قانداقسىگە قۇراللىق ساقچى بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ؟”دەيدۇ.
    2009-يىلى ئوغۇرلۇق گۇماندارلىرى خېنەن شابا ناھىيىسى تەيپىڭ يېزىسىدىكى بىر قوروغا قامىلىپ قېلىپ،ئۆگزىدىن قىش ئېتىپ ساقچى ۋە ئاممىغا ھۆجۇم قىلغان،ناھىيىلىك ج خ ئالاھىدە چارلاش ئەترەت باشلىغى شوتىدىن چىقىۋاتقاندا،قىش تىگىپ كىتىپ ھۇشىدىن كەتكەننى كۆرگەن ساقچىلار ئاگالاندۈرۈش بىرىپ قويۇپ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈگەن.
قىمار بىلەن ئوغۇرلۇق “ئېغىر جازا ”بىرىشكە لايىق ئەمەس،ھەتتا جىنايى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولماسلىغىمۇ مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر جەمىيەتكە ئېغىر خەۋپ كەلتۈرگەن  شۇنداقلا يۈرگۈزۈلۈش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان جىنايەتمۇ ئەمەس،ئىككى نەپەر ئۆلگۈچى  ساقچى قۇرالى جان تەسلىم قىلغاچقا“دەرت”دىنى سۆزلىيەلمەيدۇ،ھەتتا بۇجىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى “جىنەيەت بىلەن جازا مۇناسىپ كىلىش ”پىرىنسىپىغىمۇ  مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
چەتئەلدە ساقچىنىڭ قۇرال ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە ، قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان.
     گىرمانىيەدە،ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشىغا  “قۇرالنى ئەڭ ئاز ئىشلىتىش” پىرىنسىپى يۈرگۈزگەن.ساقچى قۇرال ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ،ئاۋال سالاھىتىنى ئاشكارىلايدۇ.تۇتۇق بەرمىسە ياكى ساقچىنىڭ ھاياتى تەھدىتتە قالسا قۇرال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئېتىش كىرەك.قارشى تەرەپنىڭ قۇرالى بولمىسا ياكى قۇرال تاپشۇرغان بولسا ،ئوق چىقىرىشقا قەتئى بولمايدۇ.
    ياپۇنىيىدە،قۇرال ئارقىلىق جىنايەتچىلارنى جىددىلەشتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن،قانۇندا جىنايەتچىگە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈم بەرمىسە ،ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈش كىرەك،ھەمدە يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش كىرەك.
ئوق ئۈزۈشنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىغىنى كىم تەكشۈرىشى كىرەك؟
    ئەلۋەتتە ،ئوق چىقىرىش توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگۈلىمىلەر قانچىلىك مۇكەممەل بولۇپ كەتمسۇن،ساقچىنىڭ نەق مەيداندىكى ھەممە ئەھۋالىنى ئالدىن بىكىتىپ بولالمايدۇ،بىكىتىپ بەردى دىگەندىمۇ ساقچىنىڭ شۇ بەلگۈلىمە بويىچە بىرمۇ بىرئەمەل قىلىپ كىتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوق چىقىرىش جىددى ئەھۋال ئاستىدا يۈز بىرىدۇ،شۇڭا ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بىرىلمىسە بولمايدۇ.شۇنداقتىمۇ ساقچىمۇ ئادەم ،ئۇمۇ خاتالىق سادىر قىلىشتىن كىلىپ چىققان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك.
   ئوق چىقىرىش كىرەكمۇ- يوق؟ دىگەن سۇئالغا ئۆلگەن جىنايەت گۇماندارى جاۋاپ قىلالمايدۇ،يەككە ھالدا ساقچى تەرەپ بىرتەرەپنىڭ گىپىنى تەنھا ئاڭلىسىمۇ بولمايدۇ.شۇڭا،بۇنىڭغا ئۈچىنجى بىر تەرەپنىڭ،  كىيىنكى تەكشۈرۈشى بەكمۇ مۇھىم.
   گىرمانىيەدە ساقچى ئوق چىقارغان قىلمىشنى،مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ “ئېغىزدا ئاگاھلاندۈرغانمۇ-يوق、ئوق چىقىرىش سەۋەبى、نىشان、 ئارلىق ”قاتارلىقلارنى تەپسىلى بىكىتپ تەھلىل قىلغاندىن كىيىن، يازما دوكلات شەكىللەندۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدىكەن.
    شاڭگاڭدا ساقچى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويسا،ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىشى زۆرۈر تەرتىپ ئىكەن.بۇ تەكشۈرۈش سوت ئاچقانغا ئوخشاش بولۇپ،ساقچى سوتچىغا تەپسىلى ئىسپات  كۆرسىتىشى كىرەك،قانۇن دوختۇرى、 ماددى ئىسپات مۇتەخەسىسلىرى سوتقا كىلىپ گۇۋالىقتىن ئۆتىشى كىرەك.تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەقلىدى نەق مەيدان ياساپ تەجىربە ئېلىپ بىرىپ ،قۇرال ئىشلىتىشنىڭ جايىدا بولغان- بولمىغانلىغىنى ئەستايىدىل تەكشۈرىدۇ.ھەتتا ئوق چىقىرىشقا جىددى ئىھتىياجلىقمۇ؟ دىگەندەك كىچىك ھالقىلارغىچە ئىرىنمەي تەكشۈرۈش قىلىدۇ.
    بۇ تەكشۈرۈشلەر پەقەت سوتچىنىڭلا ، جىنايەت  گۇماندارىنىڭ ھايات- ماماتىغا ھۆكۈم قىلالايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ.ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى دەسلەپكى قەدەمدە سوتچى رولىنى ئۆتىگەن بولسا، ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى قانۇنلۇقمۇ- ئەمەسمۇ دىگەندەك مەسىلىلەردە ساقچى ئوق چىقىرىش قىلمىشى چوقۇم ئەدلىيە تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىشى كىرەك.

      جۇڭگۇ قانۇنىدىمۇ “ساقچىنىڭ قۇرال ئىشلىتىشى، جىنايى جاۋاپكارلىق ياكى مەمۇرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ” دەپ ئېنىق بەلگۈلىگەن بولسىمۇ،تەرتىپ جەھەتتىن قاتتىق بولۇشتىن خېلىلا يىراقتا.
《ساقچى قۇرال نىزامى》دا :

   ساقچى ئوق چىقارغاندىن كىيىن،ساقچى تەۋە ئورگانغا دەرھال يازما دوكلات بىرىشى كىرەك” دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ،ئەمىلىيەتتە زەخمىلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇش、نەق مەيداننى قوغداش、دەرھال يەرلىك ج خ ئورگان ياكى ساقچى تەۋە ئورگانغا دوكلات قىلىش、تەكشۈرۈش ھەمدە يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇختۇرۇش دىگەندەك تەرتىپلەر ئورۇنلىنىپ كەتمەيدۇ.ئوق ئۈزگەن ساقچىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى دىلو سادىر بولغان جايدىكى ج خ ئورگىنى تەكشۈردىغان بولغاچقا، ساقچى ساقچىغا يان باسقاندەك گۇمان پەيدا قىلىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈشنىڭ ئوبىكتىپ、 ئادىللىغىغا گۇمان تۇغۇلىدۇ.
     2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى يۇننەن چۇچىڭ لوپىڭ ناھىيەسىدىكى ساقچى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ۋەقەدە،كەنت ئەزاسى چىنشۈې لى پىچاق ئېلىپ كەنتتە ئىش تېرىغان،ساقچى ئاسمانغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغانلىقتىن ئوق چىقىرىپ ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.ئائىلە تاۋاباتلىرى ساقچى ھاراق ئىچىپ ئوق چىقىرىپ زەخمىلەندۈرۈپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىگەن بولسىمۇ،ئەمما ساقچى تەرەپ قۇرالدىن ئوق چىقىپ كىتىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىدى.
    يەنە بىر ۋەقە بۇ مەسىلىنى يورۇتۇپ بىرەلەيدۇ.2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى لىياۋنىڭ پەنجىن شەھرى شىن لوڭتەي رايۇنى ئېرشىلى كەنتىدە بىر دىھقان، ھۆكۈمەت يول ياساپ يەر ئىگەللىگەن ماجرانى بىرتەرەپ قىلىشقا كەلگەن ساقچى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ،كەنت ئەزاسى ۋاڭ شۇ جيې ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ پۇتى زەخمىلەنگەن.تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانىغا ساقچى تەرەپ چۇشەنچە بىرىپ،بۇ ئەھۋال ساقچى قۇرال ئېلىپ يۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلمىگە ئۇيغۇن دەپ جاۋاپ بەرگەن.
مانا بۇ بىزدىكى مەسىلە ، تەنھەركەتچى بىلەن رىپىر بىر ئادەم بولۇپ قالسا، ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولغىنىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
       خەلق -ئاممىسى ياخشى تەرەپتىن پىكىر قىلىپ،ساقچىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگى、 ھەرگىزمۇ قەستەن ئۆلتۈرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى  ئۆلتۈرمەيدىغانلىغىغا ئىشەنگەن تەغدىردىمۇ،ساقچى يەنىلا  ئادەم بولغاچقا خاتالاشماي قالمايدۇ،بولۇپمۇ جىددى ئەھۋالدا خاتالىشىپ قالىدىغان ئەھۋال بولىدۇ.ئۇنداقتا،خاتا ئېتىۋىتىلىپ دەردىنى ئېيتالماس بولغان “ئوق يەپ ناھەق كەتكەن روھ”لارغا، ھازىرقى يۈرگۈزىلىۋاتقان ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش تۈزىمى ئادىللىق بىرەلەمدۇ؟
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... b6959cfa&scene=1#rd

0

تېما

6

دوست

2903

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 898
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 12:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۆپ دېلو مىسالى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28388
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 14:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يۇرتتا تەربىيەلەنگەن تەنتەربىيەچىمۇ،رىپىرمۇ يۇق بولغاچقا  داۋاملىق ئىككى ياكى ئۇنىڭدى ئارتۇق خىزمەتنى پەقەت سىكىلتارلا قىلىدۇ.تەنھەركەتچى بىلەن رىپىر بىر ئادەم بولۇپ قالسا، ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولغىنىغا كىم كاپالەتلىك

0

تېما

5

دوست

2584

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 14:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلار سەل ھاياجانلىنىپ قالدىمۇ قانداق؟

3

تېما

0

دوست

1848

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 22:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنلاردا ساقچىلار بىر پاي ئوقنىمۇ يۇقۇرنىڭ تەستىقىنى
ئىلىپ ئاتىدىكەنتۇق، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن،

ھازىر كوچىدىكى ئادەتتىكى مىنبىڭلارغا تىكلىپمۇ قارىغىلى
بولمايدۇ، بولمىسا ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبىكتى بولۇپ
قالىسىز!!!!!

0

تېما

0

دوست

374

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28403
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 22:56:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپلا بولدى قىلاي ،ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەيمەن دەپ قىلدىن قېيىق كەتسە  ،،،،،،،،،،،،،

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29966
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 00:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇننى چۈشەنسەك چوقۇم قانۇنىي كاپالەتكە ئېرىشىشىمىز ناتايىن،بىراق قانۇننى چۈشەنمىسەك ئاچچىق ساۋاق بىزنى قانۇن ئالدىغا ئاپىرىدۇ.
شۇڭا ئاساسى بىلىملەرنى بولسىمۇ بىلىپ قويغۇلۇق

0

تېما

0

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14263
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 01:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hazer ki waziyathuddi dokwazir liuyong neng kinosidikidak buliwatidu 明digan sozni diganlarni jazaliganga ohxax xung laxka gapkip osapkatmayli yana
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )