قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2300|ئىنكاس: 25

‹مەن كادىر›دىن تۇغۇلغان ئاچچىق ھېسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29955
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 15:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
توردا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم چ چ رىمغا دوستقا قوشۇش ئۇچۇرى كەلدى ،قارىسام مېنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن ئىكەن قۇشۇلدۇم ،بىردەمدىن كېيىن بىزنىڭ سۆھبىتىمىز باشلاندى :
-ياخشىمۇسىز ،ئىسمىڭىز نېمە ؟
-نۇربىيە،سىزنىڭچۇ؟
-ھە،سىزبىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇشھالمەن،نۇربىيە سىزقەيەردىن ؟
-ئا ناھىيىدىن ،سىزچۇ؟
-ئا ناھىيىدىن ؟!،مەنمۇ شۇ ئا  ناھىيىسىدە چوڭ بولغان ،سىز ئا ناھىيىنىڭ قەيىرىدىن ؟
-ب يېزىسىدا ئىشلەيمەن ،سىزچۇ قەيىرىدىن؟.
-ۋوي ماۋۇ ئىشنى ،مەن شۇ ب يېزىنىڭ س كەنتىدە تۇغۇلغان .
-سىز ب يېزىدا نېمە خىزمەت قىلىسىز ؟مۇئەللىممۇ؟
-ياق،مەن دېگەن كادىر.
-كادىر؟!!! بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئەترەت باشلىقى(شۆدۈيجاڭ)نىمۇ كادىر دەيدۇ، سىزقانداق كادىر؟ .
-دىدىمغۇ مەن دېگەن كادىر،گوڭ ۋۇ يۈەن(دۆلەت مەمۇرى).
-ھە،دۆلەت خىزمەتچىسى دەڭ ،دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭمۇ ئىشلەيدىغان خىزمىتى ئوخشاش بولمايدۇ سىز نېمە خىزمەت قىلىسىز ؟
-مەن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە كادىر،
-يېزا باشلىقىمۇ ياكى كاتىپمۇ؟
-ۋاي نىمانداق گېپىڭىز جىق،دىدىمغۇ مەن دۆلەت كادىرى دەپ .
-ھە بىلدىم ،سىز قايسى مەكتەپنى پۈتۈرگەن ؟
-شىدا (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى)نى .
-ئاتا –ئانىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟ئۇلارمۇ كادىرمۇ؟
-ياق،ئۇلار دېگەن يەر تېرىيدىغان دېھقان .
……….
سۆھبەت مانا شۇتەرىقىدە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى،ئەسلىدە كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، بالىلىق ناخشىلىرىم ياڭرىغان يۇرتۇمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىش ئىستىكىدە، بۇ توردىشىم بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىريەرلىرىدىكى غەشلىك مېنىڭ رايىمنى قايتۇردى .ئۇنىڭ ھە دىگەندە <مەن دېگەن كادىر>،<ئۇلار دېگەن دېھقان> دىگەندەك سۆزلەر بىلەن گەپ باشلىشى ۋە دېھقانلار ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تەلەپپۇزدىكى ھاكاۋۇرلۇق،مەنمەنچىلىك ئارلاشقان سۆزلىرى مېنى سۆھبەتنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى .راستىنى ئېيتقاندا ،مەن يۇرتۇمدىكى ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىم ئارقىلىق شۇنداق بىر«كادىر»نىڭ بارلىقىنى، قىلىپ بەرگەن بىرەر ئىشىنىڭ تايىنى يوق، چوڭنى چوڭ،كىچىكنى كىچىك دىمەي ھەدىسىلا كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىم . بۈگۈنكى قىسقىغىنە سۆھبەتتىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قايتىدىن چۈشەنگەندەك بولدۇم .
   دەر ھەقىقەت،يېقىنقى يىللاردىكى دۆلەت مەمۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلەرنىڭ تۈرىتكىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلىرىمىزدا <كادىر>لىققا تەلپۈنۈشتەك بىرخىل قىزغىنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .بۇنىڭ بىلەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش نىسبىتى ۋە بېسىمىمۇ خۇددى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش كۈنسېرى ئېغىرلاپ باردى .شۇڭا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ مەمۇر بولغانلار ئەلۋەتتە ئۆزىدىن پەخىرلەنسە بولىدۇ .ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە بۇخىلدىكى پەخىرلىنىش پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتەلىگەنلىكى بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك .چۈنكى مەيلى <دۆلەت مەمۇرى>بولسۇن ياكى ئالاھىدە شىتات ئوقۇتقۇچىلىرى بولسۇن ۋە ياكى باشقا ساھەدىكى خىزمەت بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ ،ئوخشاشلا سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ئاستىدا خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ دۆلەتكە تۆھپە قۇشۇشتىن ئىبارەت .مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا مەيلى شەپكە كەيگەن <كادىر>بۇلۇڭ ياكى بور تۇتقان مۇئەللىم بۇلۇڭ ،سۈپۈرگە تۇتقان تازلىق ئىشچىسى بۇلۇڭ ياكى رول تۇتقان شوپۇر بۇلۇڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۆز نەپسىڭىز ئۈچۈن باشقىلارغا مالايسىز .جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىك كېمىسىدە سىزنىڭ پەقەت ئوينىغان رولىڭىزلا ئوخشىمايدۇ،ئەمما بارىدىغان يېرىڭىز،قىلىدىغان ئىشىڭىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئوخشاش.شۇڭا مېنىڭچە ھەرقانداق ئادەم (مەيلى ئۇ قانچىلىك ھوقۇقدار ياكى نامدار كىشى بولسۇن)ئۆزىنى جامائەتتىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇۋالماسلىقى كېرەك .جامائەت توپى ئىچىدىكى ھەرقانداق بىرسىنى كۆزگە ئىلماسلىق ياكى مەسخىرىلىك كۆزدە قاراش ھاكاۋۇرلۇق سانىلىدۇ. كىشىگە ئىككى دۇنيالىقتا ئوخشاشلا ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ .
  ئەسلى گەپكە كەلسەك ،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت يېزىلارنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ،دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىلغار ياشلارنى كەنىت كادىرى قىلىپ يېزىلارغا ئەۋەتىۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزىنىڭ مول بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە تېخنىكىسى بىلەن يېزىلاردا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يۇقارقىغا ئوخشاش ئاز بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز دۇنيا قارىشىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى باشقا ئوبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېزىدىكى قويغا ئوخشاش ياۋاش ۋە ساددا دېھقانلارنى كۆرۈپ شىر يولۋاس بولۇپ باققۇسى كېلىۋاتىدۇ،ھەتتا ھوقۇققا ئېرىشكىنى قاناتقا ئېرىشكىنىدەك بىلىنىپ ئۆزىنىڭ تېگى –تەكتى ۋە ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.بۇ بىزگە بىر پاجىئەنىڭ بىشارىتىدۇر.
يېقىن تونۇشۇمنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىش دائىم ئېسىمدىن كەتمەيدۇ:
ئاغىنىمىز ناھيىمىزنىڭ مەلۇم يېزىسىدا كەنت باشلىقى بولۇپ بىر يىلى يېزا بويىچە ئەترەت باشلىقىدىن تارتىپ يېزا باشلىقىغىچە بولغان يىگىرمە نەچچە ئادەمنى غۇلجىغا ساياھەتكە ئاپىرىپتۇ،ئۇيەردە ئاغىنىمىزنىڭ ئەل ئىچىدە ھۆرمىتى بىر يېقىن تۇققىنى بولۇپ ، يۇرتىمىزدىن بارغان ھەربىر كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ چىرايلىق ئالدىغا چىقىپتۇ ۋە كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزۇن بولغان تۇققىنى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، سورۇنغا شۇيەردىكى ئەل سۆيگەن سەنئەتكار،چاقچاقچى ۋە ئىلگىرى ناھيىمىزدىن چىقىپ شۇيەردە ئىشلەۋاتقان ۋالىي،ھاكىم قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنى تەكلىپ قىپتۇ . سورۇن باشلىنىپ ئالدى بىلەن سايىپخان تەرەپ تەكلىپ قىلىنغانلارنى بۇكىشى پالانى ئاكام ،بۇكىشى پالانى بولىدۇ دەپ بىر بىرلەپ تونۇشتۇرۇپتۇ،تونۇشتۇرۇش نۆۋىتى مېھمانلارغا كەلگەندە ئۇلارنى ساياھەتكە تەشكىللەپ ئېلىپ چىققان يېزىنىڭ كاتىپى <بۇكىشى يېزىمىزنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى پالانى بولىدۇ،مانچىنچى يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، مانداق نەتىجىلەرنى ياراتقان، بۇكىشى پالانى كەنىتنىڭ سېكىرتارى بولىدۇ ،قولىدا مانچە دېھقان بار ،بۇكىشى پالانى كەنىت پۇستانى ئەترەتنىڭ ئەترەت باشلىقى بولىدۇ ئىشلەۋاتقىلى مانچە يىل بولدى دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تونۇشتۇرۇپتۇ .سايىپخانلار بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ .ئەمما داۋاملىشىپ چاقچاققا نۆۋەت كەلگەندە ،بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ <بۈگۈن سورۇنىمىزغا ناھايىتى كاتتا باشلىق ۋە كادىرلار جەم بولۇپتۇ شۇڭا بۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە بىرقانچە لەتىپە سۆزلەپ بېرەي دەپ دەسلەپ بىر ئىككى يۇمۇر سۆزلەپتۇ كېيىن بارغان كىشىلىرىمىزنى ئەمەل-مەنسىپى بىلەن قوشۇپ شۇقەدەر مەسخىرىلىك كىنايە ئاستىغا ئاپتۇكى  بارغانلار ئىزادىن ئۆلگۈدەك ھالەتكە يىتىپتۇ .شۇنداقلا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېرىمىدىن كۆپرەكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپتۇ.
بۇ ھېكايە بىزگە يەنە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى:خەلقىمىزگە كېرەك بولغىنى نامدىكى <كادىر>لىق بولماستىن ئەل قەلبىنى مايىل قىلالىغان ھەقىيقى يولباشچى،يىتەكچىدۇر. شۇندىلا<كادىر>لىق ۋە ئەمەلدارلىق تاجىنى خەلق بېرىدۇ ،خەلق ئېتراپ قىلمىغان ،خەلقتىن ئايرىلىپ قالغان ئەمەلدارلىق ئۇزاققا بارمايدۇ .مەن ئېسىمنى بىلسەم كەنتىمىزنىڭ سېكىرتارى  ئى  تاز دەيدىغان بىرى ئىدى ،مانا ئارىدىن 20 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا سېكىرتارلىقتىن يۇقىرىسىغا ئۆتەلىگىنى يوق، شۇنداقلا كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى ۋە دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغىنىمۇ يوق،ھەممە ئۆز پېتى.ئەمما قوشنا كەنىتتىكى سېكىرتارلاردىن ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملار يىتىشىپ چىقتى،  كەنىتتىكى دېھقانلارنىڭ ھال كۈنى بىزنىڭ كەنىتتىكىدىن كۆپ ياخشى . بۇلارنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە يەنىلا شۇ كىشىنىڭ <كادىر>لىقنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يىتەلمەسلىكىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.چۈنكى ئۆزىنى ئەل ئارىسىغا قويۇپ ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەركەكنى ئەل ھامان يۆلەيدۇ.
ئاخىردا قەدىرلىك ئىنى-سىڭىللىرىم ۋەئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان «كادىر »لارغا دەيدىغىنىم، مەيلى سىز يېڭىدىن ئىش ئورنىغا بارغان بۇلۇڭ ياكى ئەترەت باشلىقى ،سېكىرتارلىقتىن ئۆسۈپ چىققان پېشقەدەم كادىر بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك كۆز قارىشىنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ .يىغىن زالىدىكى ئورنىڭىزنىڭ يۇقىرى بولۇشنى ئەمەس كىشىلەرنىڭ قەلب تۆرىدىكى ئورنىڭىزنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى قوغلىشىڭ ،ئەل قەلبىنى قوپاللىقىڭىز،  سۈر-ھەيۋىڭىز ،تىل -ئاھانىتىڭىز بىلەن ئەمەس ئەمەلىي ھەركىتىڭىز ۋە بىلىم ساپايىڭىز بىلەن مايىل قىلىڭ .ئۆز ئەسلىڭىزنى ،كىملىكىڭىزنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ ،ھاكاۋۇرلۇق،مەنمەنچىلىك،چوڭچىلىق قىلماڭ .كەمتەرلىك  مۇلايىملىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىڭ . باشلىقىڭىزنىڭ ياخشى كادىرى ئەمەس ئەلنىڭ ياخشى پەرزەنتى ۋە يىتەكچىسى بولۇشقا تىرىشىڭ،شۇندىلا باشلىقىڭىز سىزنى قوغلىۋەتسىمۇ ئەل جامائەت تاشلىۋەتمەيدۇ .تۆمۈر دەپتەردىن ئىسمىڭىز ئۆچۈرۈلسىمۇ نامىڭىز تارىخ ۋە ئەل ئېغىزىدا مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ .

                                                  ئا.ئابدۇرېھىم قەلىمىدە يېزىلدى

0

تېما

1

دوست

632

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 17:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر يىزىدا چوڭ بولغان بالا،كەلگۈسىدە مەنمۇ مۇئەللىم بولىمەن،بىزنىڭ كەنتتتمۇ كەنىت باشلىقىنڭ ھۆرمىتى يىزا باشلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ؟نىمە ئۈچۈن......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

4260

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 19:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ بىر تاغلىق يېزىدا چوڭ بولغان لېكىن ،مەن كادىر ئەمەس بىر ئوقۇتقۇچى..

4

تېما

0

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 20:16:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ دۇكىنىمدىكى نىسى مال ئالغانلارنىڭ تىزىملىكىدە تامام ئاشۇ ‹‹ ئايۋىنى يوغان بىر نېنى يوق ، سەللىسى يوغان ئىمانى يوق ›› مەنمەنچى جانابى كادىرلارنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. گاھىدا بۇنىڭغا قاراپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپمۇ قالىدۇ . ‹‹ دۇمباق ئۆزى يوغان ، ئاۋازى ياڭراق بولغىنى بىلەن، بىراق ئىچى كاۋاك ›› دىگەن گەپنى كىم قىپتىكىن - تاڭ......   

10

تېما

1

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 22:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىلاردىكى شۇ ‹‹كادىر››لارنىڭ ئەھۋالى ئۇنچىۋا ياخشىمۇ ئەمەس بىلىشىمچە،ئاي -ئايلاپ شەنبە،يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشى يوق ،‹‹يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى››دەپ ئىشلەپلا كېتىدىكەن....


مەيلى كىم بولىلى كەمتەر بولايلى...

3

تېما

0

دوست

1848

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 22:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يىزىدا كادىرلار ئەڭ باي ئادەملەر ھىساپلىنىدۇ،
ئۇلار خالىغانچە بوز يەر ئاچىدۇ، تاۋار يەرگە پۇل تۆلىمەيدۇ، جەددى جەمەتى تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالىدۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، خالىغان ئادەمنى
تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئىلىش ھوقۇقىنى ئىلىپ تاشلايدۇ،
لىكىن يۇقۇردىن پۇل كىلىۋىرىدۇ، ئۇ پۇلنى دەل كادىر
غوجاملار جۆندەيدۇ، قىسقىسى، مەھەللىدىكى قۇدۇقلار
شودۈيجاڭ غوجامنىڭ قولىدا، سۇ چىقارغۇزۇش ئۈچۈن
موتسىكىلىتىغا ماي ياكى قورساققا ئاش گۆش ئىلىپ
بەرمىسىڭىز، يىرىڭىز ئاق قالغىنى قالغان.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بۇ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىمەن دىگۈچىلەر ئۆز پۇتىغا پالتا چاپقۇچىلار بولۇپ قالدى.

يۇقارقى ئىشلار بىزنىڭ يىزىدا ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت،

تۇغۇلۇپ ئەقلىمگە كەلسەم، بىزنىڭ كەنىتكە سىكىرتار
بولغانلار 5 نەپەر،  بەش يىلدىن ۋەزىپە ئۆتىگەن بولسا
25 يىل.
ئۇلاردىن بىرەسىمۇ كەنتىمىزدىن  چوڭ نەپ ئالماي كىتىپ
باقمىدى. لىكىن دىھقانلارنىڭ ھالى يەنىلا ئوخشاش
كالىدەك ئىشلەيدۇ، قويدەك مىجەزى بار، قويلار قانداقمۇ
تۈلكىلەرگە تەڭ بولالىسۇن.................

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3824
توردىكى ۋاقتى: 703
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 12:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدىكى ئىشلار بەلكىم 90.يىللاردا ياكى 2000.يىللارنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن .ھازىرقى ئەھۋالدا كادىر يەنى دۆلەتتىن مائاش ئالىدىغان خىزمەتچىلەردىن يايمىچى ،كىچىك دۇكانچىلارنىڭ كىرىمى نەچچە ھەسسە كۆپ بولماقتا .شۇڭا شۇ كادىرلار( ئادەتتىكى پۇقرا  ) ھازىر بۇرۇنقىدەك غادىيىۋالمايدۇ .ئۇنداق ھاكاۋۇرلىرى باشقا ....

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3824
توردىكى ۋاقتى: 703
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 12:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كادىر›› دىگەن كەڭ مەنىدىكى ئاتالغۇ .يەنى دۆلەتتىن مائاش ئالىدىغان بارلىق خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ .
بۇ تىمىدىكى ئاتالغۇ بولسا تارراق دائىردىكى -‹‹يىزا كادىرى››كەن .مۇنبەرداشلار ئارىلاشتۇرۇۋەتمىگەيسىلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )