قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1968|ئىنكاس: 10

تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

3

دوست

1457

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11132
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 18:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
تۇرسۇن مەخمۇت
ياش تارىخچى، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى غالىب بارات ئەرك بىلەن سۆھبەت

      غالىب بارات ئەركنىڭ تەرجىمىھالى:غالىب بارات ئەرك 1968 – يىلى 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزا تۇرپان مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1984 – يىلى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ پوچتا تېلېگراف مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ، 1989 – يىلى شىنجاڭ پوچتا -تېلېگراف مەكتىپىنىڭ يۈكلىمە  دولقۇن كەسپىنى تاماملاپ، چاقىلىق ناھىيىلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئاپىرات ئاسراش پونكىتىغا  تەقسىم قىلىنغان ، شۇندىن بېرى ئىزچىل مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلمەكتە ، ھازىر جۇڭگو تېلېگراف چەكلىك شىركىتى چاقىلىق شۆبە شىركىتىنىڭ ئاسراش پونكىتىدا خىزمەت قىلماقتا .
     غالىب بارات ئەركنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا كىرىشىشىنى 1985 – يىللىرىدىن باشلاشقا بولىدۇ . ئۇ شىنجاڭ پوچتا - تېلېگراف مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، بوش ۋاقىتلىرىدا مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ۋە قىرائەتخانىسىدىكى كىتاب ماتېرىياللارنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن مۇشۇ ساھەگە قەدەم باسقان . دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئىلىمگە ئوتتەك ئىشتىياقى بار غالىب، شۇندىن باشلاپ مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى ئىككىنچى دەرسخانا قىلىپ ماتېرىيال كۆرۈشكە باشلىغان . بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەتقىقاتتا ماتېرىيالنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە  تاماق ۋە باشقا جەھەتتىكى خىراجەتلىرىنى ئىقتىساد قىلىپ كىتاب - ماتېرىيال يىغىپ ، ھەر تەتىلدە نەچچە سومكىدىن كىتابنى يۇرتىغا توشۇيدىغان بولغان . تەدرىجىي ھالدا مەنمۇ يېزىپ باقمايمەنمۇ دېگەن ئىستەك پەيدا بولۇپ، تۇنجى ماقالىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى» نى قايتا – قايتا يېزىپ ، تۈزىتىپ ئوبلاستىمىزدا چىقىۋاتقان «بوستان» ژۇرنىلىغا ئىبەرتكەن ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۇنجى ماقالىسى «بوستان» ژۇرنىلىنىڭ 1989 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان . 1989 – يىلى 7 – ئايدا پوچتا- تېلېگراف مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئىزدىنىپ ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان . ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان 1989 – يىلىدىن ھېسابلىغاندا بۇلتۇر تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىل تولدى . بۇ جەريان نۇرغۇن مەشىق سۈپەتلىك ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلغان بولسا، مانا ھازىرقى كۈنلۈكتە ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئۆسۈپ قالدى ، بۇ 20 يىل جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ، «كروران» ، «بۇلاق» ، «مىراس» ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ... قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 130 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى . 2004 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ «كروراننىڭ سىرى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى . بۇ كىتاب ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان، بىر ناھىيىنىڭ تارىخىنى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بەرگەن تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ كىتابنىڭ ھەجىمى ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن كىرگۈزۈلمەي قالغان قىسىملىرىنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «چاقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 3 - ، 4 – توپلاملىرىدا ئېلان قىلىپ چاقىلىق ۋە كروراننىڭ تارىخ ، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇردى.
     غالىب بارات ئەركنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :
     1- تارىخ تەتقىقاتى

غالىب بارات ئەرك ئۆزىنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا تەتقىقاتى جەريانىدا «كروراننىڭ سىرى» ناملىق مەخسۇس ئەسىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ ، تارىخىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى . بۇنىڭغا ۋەكىل خاراكتېرلىك ماقالىلىرىدىن «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى سىر» ، «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر كىتىك» ، «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر لوپ» ، « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تە تىلغا ئېلىنغان چىن ، ماچىن ھەققىدە» ، « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يېزىقى ھەققىدە» ، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تېررىتورىيىسى توغرىسىدا» ، «قاراشەھەر ۋە كورلا ۋىلايەتلىرى ھەققىدە» ، «چىن - ماچىن ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» ، «لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش»... قاتارلىق ماقالىلىرىنى تىلغا قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
       2- يەر ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات
      غالىب بارات ئەرك يۇرتىمىزنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئاجىز ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شۇ يۇرتلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ، تىل ماتېرىياللىرى بىلەن تارىخىي پاكىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقات يۈرگۈزۈپ چاقىلىق ، چەرچەن ، كورلا ، قاراشەھەر ، لوپنۇر ، خوشۇت، خوتۇنسومۇل قاتارلىق جاي ناملىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە يۇرتىمىزدىكى تارىم ، كۆنچى ، تەكلىماكان قاتارلىق ناملار ھەققىدىمۇ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى . بۇلاردىن باشقا يەنە  بايىنغولىن ئوبلاستىنى ئاساس قىلغان ھالدا كىچىكرەك جايلارنىڭ ناملىرىدىن 80 نىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاپ ، بىر قىسمىنى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «كروران »  قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ كىتابخانلارنىڭ دىققىتىنى يەر ناملىرىغا جەلپ قىلىپ ، يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆرسەتتى.
       3- مەدەنىيەت تەتقىقاتى
      غالىب بارات ئەرك مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئاز، ئەمما ساز ماقالىلىرى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخىي سەۋەبلەر» ، «خاسىيەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز ياشىسۇن » ... قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەت كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى. بۇنىڭدىن باشقا  «ئۇيغۇرلاردا دىداكتىكا» ، «نەۋائىي ۋە نەۋا مۇقامى»... قاتارلىق ماقالىلىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن .
       4- ئىجتىمائىي ئەھۋاللار ھەققىدىكى ماقالىلىرى
       غالىب بارات ئەرك ھازىرقى ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە يېزىپ، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي، رېئال مەسىلىلەرنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بۇ جەھەتتىن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ ، باياشات ، ئاسايىشلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىردى . بۇ تۈردىكى ماقالىلىرىگە «ئۆلۈۋاتقانلار بىلەن سۆھبەت» ، «ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى» ، «كرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە» ، «تارىمنىڭ كۆز يېشى ۋە تەبەسسۇمى » ... قاتارلىق ماقالىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .

كروران ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2 – ساندىن

تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم(2)

       1.سىزنىڭ ئەسلى ئۆگەنگەن ھەم ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىڭىزنىڭ تېلېگراف خەۋەرلىشىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، مەلۇم جەھەتتىن  تېلېگراف كەسپى بىلەن  تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئورتاقلىقى يوق ، سىز قانداق بىر سەۋەب بىلەن تارىخ ئىلمىگە قىزىقىپ قالدىڭىز؟
مەن يېزىدا چوڭ بولغان ، 1984 – يىلى شىنجاڭ پوچتا- تېلېگراف مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندىم ۋە بەش يىل ئوقۇدۇم . ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ئاتام ماڭا ،”ھازىر ھەممە ئادەم ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ كەتتى ، سەنمۇ ئىچسەڭ مەيلى ، لېكىن مەس بولىدىغان ، ئۇرۇش – جېدەل قىلىدىغان ئىشنى قىلما ، تاماكا چەكمە“، دەپ تەربىيە قىلغان ئىدى . مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئاتامنىڭ نەسىھىتىنى ئەستە ساقلىدىم ، ھاراق ئىچمەسلىك ئۈچۈن باشقا مەكتەپتىكى يۇرتداشلارنىمۇ ئىزدىمىدىم . يېزىدا چوڭ بولغاچقا ئائىلىمىزدە كىتاب يوق ئىدى ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ «ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى» ، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»، «قاينام ئۆركىشى» ، «سۇ بويىدا» (5 – قىسىم) ، «نىسبىيلىك نەزەرىيىسى»، «ئىزدىنىش» (رادىئودىن ئاڭلىدىم) قاتارلىق كىتابلارنىلا ئوقۇغانمەن. شىنجاڭ پوچتا – تېلېگراف مەكتىپىنىڭ قىرائەتخانىسى خېلى كۆپ گېزىت – ژۇرنالغا يېزىلغاندىن سىرت ، كۇتۇپخانىسىدىمۇ كۆپ كىتاب بار ئىكەن . ھەر يەكشەنبە قىرائەتخانە ، كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرۈپ مەنىۋى دۇنيايىمنى بېيىتىپ باردىم . دەسلەپ ئەدەبىياتقا قىزىقىپ مەشىق ھېكايە ، نەسر يازغان . 1985 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك ، نېمە سەۋەبتىندۇر مەندە مۇنداق خىيال پەيدا بولۇپ قالدى :”ئەجەبا دۇنيادا ھەر قانداق مىللەتنىڭ ، يۇرتنىڭ تارىخى بولىدىكەن ، مېنىڭ مىللىتىمنىڭ ، يۇرتۇمنىڭ تارىخى يوقمىدۇ؟“. شۇندىن كېيىن ، تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت كىتاب - ماتېرىياللارنى ئىزدەشكە باشلىدىم . ئۇ چاغدا پەقەت «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» نىڭ ئۇيغۇرچە 1 – قىسمى ۋە «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن بىر قانچىلا كىتاب بار ئىدى. گەرچە كىچىكىمدىن چۆچەك ، رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتىم . ئۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ چاغلىق ئىدى. دەرسلىكتىكى «قاشتېشىغا مەدھىيە»نىڭ ئاپتورى ئا . ت . ئۆتكۈرنى قايسى مىللەتتۇر ؟ ئۈچ ئىسمى بار ئىكەن ، دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بەلكىم ئوقۇتقۇچىمۇ بىلمەسلىكى ، ئېيتىپ بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن . «قاينام ئۆركىشى» رومانى ئارقىلىق ئۆتمۈش تارىخىمىز ھەققىدە چاقماقتەك چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكىنىم ھەقىقەت . «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى ناھايىتى تەس ئوقۇدۇم ، نۇرغۇن يەرلىرىنى چۈشەنمىدىم . ئىلگىرى مۇنداق كىتابلارنى نەزەرىيە كىتابى دەپ قاراپ ئوقۇش قەتئىي خۇش ياقمايتتى . تارىخ ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىشقى چۈشكەندىن كېيىن ، ئەنە شۇنداق نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى ئوقۇغانسېرى ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئۇقۇمايدىغان بولۇپ قالدىم . شۇندىن كېيىن كۈندىلىك يول مۇساپەم سىنىپ ، ياتاق ، كۇتۇپخانا ئارىلىقىدىلا بولدى. ھەر يەكشەنبە يەنە كىتابخانىلارنى ئارىلاپ كىتاب، ماتېرىيال يىغىشقا باشلىدىم ، ھەتتا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ماتېرىيال يىغىپ نەچچە رەت بارغانلىقىم ئېسىمدە. شۇ ۋاقىتلاردا يەرلىك ژۇرناللاردا، «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىمۇ ياخشى ماقالىلەر ، ئەسلىمىلەر چىقاتتى. شۇنداق قىلىپ تاماق يەيدىغان ، كىنو كۆرۈدىغان پۇللارنى تېجەپ ، ھەر تەتىلدە 1 ~ 2 سومكا ماتېرىيالنى يۇرتقا توشۇيدىغان بولدۇم . 1988- يىلىغا كەلگەندە مەنمۇ يېزىپ باقمايمەنمۇ دەپ قاراپ ، تۇنجى ماقالەم «ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى»نى قايتا – قايتا يېزىپ «بوستان» ژۇرنىلىغا ئىبەرتتىم ، شۇ ژۇرنالنىڭ 1989 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىندى . 1989 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتۇمغا قايتىپ، چاقىلىق پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئاپپارات ئاسراش پونكىتىغا خىزمەتكە چۈشتۈم . ئۇ ۋاقىتتا بىر كېچە ئىشلىسەك ئىككى كۈن دەم ئالاتتۇق . كېچىسى ئىشخانىنى تاقاپ قويۇپ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش ھەققىدە بىر كىتاب ، يەنە «كېلەچەك ۋە تەرەققىيات» دېگەن ژۇرنالدىن ناھايىتى ئۇزۇن بىر پارچە كېلەچەك ھەققىدىكى ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم . راستىنى ئېيتقاندا شۇ تەرجىمىلەر ناھايىتى ناچار بولۇشى مۇمكىن ، ئېلان قىلىنىمىدى . ئۇندىن ئىلگىرى بەزى تەرجىمىلىرىم (ساۋاقدىشىم مەرھۇم مۇھەممەد قاھار بىلەن ھەمكارلىقتا)نى ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلاتقان ئىدى. ئاخىرى تارىخ – مەدەنىيىتىمىز ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىپ داۋاملىق ئۆگىنىپ ، يېزىپ تۇردۇم . شۇ ۋاقىتلاردا «بايىنغولىن گېزىتى» ، «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ... قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، شۇ ئورۇنلاردىكى مۇھەررىرلەرنىڭمۇ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتىم . تەدرىجىي ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تارىخ ، مەدەنىيەت ۋە يەر ناملىرىنى ئۆزۈمنىڭ نىشانى قىلىپ تاللىۋالدىم . مانا مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ يۈرگىنىمگە 24 يىل ، تۇنجى ماقالەم ئېلان قىلىنغىلى 20 يىل بوپتۇ . ئۆمرۈم بولسا ، سالامەتلىكىم يار بەرسە يەنە 10 ~ 20 يىل تەۋرەنمەي ئىزدەنگىم بار ، قانچىلىك مەسىلىنى ھەل قىلالىسام شۇنچىگە ھېساب .  

          2. سىز بىر ھوسۇللۇق تارىخ تەتقىقاتچىسى ، ھازىرغا قەدەر  نەچچە پارچە ماقالىڭىز ئېلان قىلىندى، نەچچە كىتابىڭىز نەشىر قىلىندى؟
ناۋادا سان بىلەن ھوسۇل ئېلىشنى ھېسابقا ئالغاندا مول ھوسۇللۇق دېيىش مۇمكىن ، ئەمما سان سۈپەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . راستىنى ئېيتقاندا 130 پارچىدىن ئارتۇق ماقالەم ئېلان قىلىندى. بىر مۇنچە ئۆگەنچە ماقالىلىرىممۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ماقالىلىرىمنىڭ سۈپىتىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى، دەپ قارايمەن .  «كروراننىڭ سىرى» ناملىق كىتابىم 2004 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى . بىر قىسىم ماقالىلىرىم «چاقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 3 –، 4- توپلامى سۈپىتىدە چاقىلىق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا بېسىپ تارقىتىلدى ، يازغانلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى ئېلان قىلىندى . ئومۇمەن ، يۇرتۇم چاقىلىق توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازدىم ، ئاساسىي قىسمىنى يۇقىرىقى ئۈچ كىتابتا ئېلان قىلىپ ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى ، مۇشۇلارنى ئوقۇغۇچىلار يۇرتۇمنىڭ تارىخ – مەدەنىيىتى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل . بۇلاردىن باشقا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ، «لوپنۇر ۋادىسىنىڭ سىرى» (ئىككى توم)، «تارىمنىڭ سىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشىرگە تاپشۇردۇم ، نەشردىن چىقىپ قالسا كىتابخانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ ، دەپ قارايمەن.

        3. بايا دېگەن ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە  باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغانلىرى بارمۇ؟ يازغان ماقالىلىرىڭىزنىڭ قايسىلىرىنى تارىخ تەتقىقاتىدىكى  مەلۇم ئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇردى دەپ قارايسىز؟
ماقالىلىرىم ئىچىدە بىلگەنلىرىمدىن بىر پارچىسى قازاقىستاندا ئۇيغۇرچە گېزىتتە ئېلان قىلىندى . ئۆزۈم خەنزۇچە يازغان ئىككى پارچە ماقالە «چاقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 2 – توپلامىدا ئېلان قىلىندى . «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى خەۋەر ئالاقە ئىشلىرى ھەققىدە» دېگەن ماقالەم خەنزۇچە ئىچكى ماتېرىيالدا باشقىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. ھازىر «چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى»نىڭ چاقىلىق تېلېگرافىغا ئائىت  قىسمىنى يېزىپ تاپشۇردۇم . ماقالىلىرىم ئىچىدە مەلۇم ئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇردى ، دېيىش بىر قەدەر قىيىن . شۇنداقتىمۇ، بەزى مەسىلىلەرنى يورۇتتۇم ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدىم دېسەم بولىدۇ . مەسىلەن : بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ماقالىلىرىمدە لوپ نامىنى قوللانسام مۇھەررىرلەر لوپنۇر دەپ ئۆزگەرتىپ قوياتتى . مانا ئەمدىلىكتە ، خېلى كۆپ كىشىلەر بىلىدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندۇرىۋەتتىم . قەدىمكى شەھەر لوپ ۋە كىتىك ھەققىدە بىر كىمنىڭ ئىزدىنىپ مەخسۇس ماقالە يازغىنىنى بىلمەيمەن ، ئەمما بۇ ھەقتە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان كىشى پەقەت مەنلا . كروران توغرىلىق ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق كىتاب يېزىشىم ، چاقىلىق تارىخىنى ئۇلاپ كۆرسىتىشىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخشۇناسلىقىدىكى باشلانما دېيىشكە بولسا كېرەك ، مەن بۇ كىتابىنى يېزىۋاتقاندا، كىتاب نەشىر قىلىنغاندا تېخى بىرەر ناھىيىنىڭ تارىخى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلىپ باقمىغان ئىدى. كېيىن تارىخشۇناس ئادىل مۇھەممەد تۇران ئەپەندىنىڭ «مەكىتنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابى نەشىر قىلىنىپ ، بۇ جەھەتتە ئۈلگە ياراتتى ھەمدە قۇرۇلما تۇرغۇزدى . يەر ناملىرى ھەققىدە نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . چاقىلىق ، كۆنچى ، قاراشەھەر، مىرەن ناملىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى قوبۇل قىلىنىدۇ ، دېگەن ئىشەنچتىمەن ، لېكىن بۇ يەشمىلىرىم تارىخنىڭ سىنىقىغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرىدۇ ؟ بۇنى پەقەت كەلگۈسى ئىسپاتلايدۇ ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك پاكىتلار چىقسا بۇ قاراشلىرىممۇ ئاغدۇرۇلۇشى مۇمكىن . ئىجتىمائىي پەن ساھەسى تەبىئىي پەنگە ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا ھېچكىم ئالدىراپ  مۇنداق ئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇردۇم، دېيەلمەيدۇ .

          4. تارىخ تەتقىقاتى جەريانىدا ئاساسلىق نىشانىڭىزنى قەدىمكى كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا قاراتتىڭىز ، سىزنىڭچە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە باشقا بەزى تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ  قەدىمكى كروران گۈللەنگەن دەۋردە كورلا، لوپنۇر، چاقىلىق ، چەرچەن قاتارلىق جايلار تىل، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت بەلبېغى ھاسىل قىلغان دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ بۇنى كروران مەدەنىيەت چەمبىرىكى دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟
ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغا (گۇموگۇ) ۋە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى بىر ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت سۈپىتىدە تونۇلىۋاتىدۇ . بۇ ئىككى قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى مۇندىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ . سارمادان (ھازىرقى چەرچەن) ، نىران بىر ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت چەمبىرىكى قىلىنىدۇ ، بۇنىڭ يىل دەۋرى چەرچەن زاغۇنلۇقنى بەلگە قىلغان ھالدا مۇندىن ئۈچ مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ . كورلا ۋە لوپنۇر ناھىيىسى مەمۇرىي بىرلىكىدىن ئېيتقاندا يۇقىرىقى مەدەنىيەتلەردىن كېيىن تۇرىدۇ ، جۈملىدىن ھازىرقى بايقاشلاردىن ئالغاندا مىلادىيەنىڭ ھارپىسىدىن باشلىنىدۇ . لوپنۇر تەۋەسىدىكى قاقشاللىق (يىڭپەن) بالدۇر بولۇپ بۇنى مەدەنىيەت تىپى جەھەتتىن كروران مەدەنىيىتى دائىرىسىگە قويۇش مۇمكىن . كروران خانىدانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىن بۇرۇن) بۇ رايوننىڭ تارىخ دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى . خەنزۇچە يازمىلاردا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 176 – يىلىغا تالىق ۋەقەلەردە كروراننىڭ خەنزۇچە خاتىرىسى لولەن نامىدا خاتىرىلەندى . كروران ئېلىنىڭ مەدەنىيىتى مىلادىيە 3 – ئەسىردىن باشلاپ ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ، نىيە ناھىيىلىرىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى . مانا بۇلارنى كروران مەدەنىيىتى چەمبىرى دەپ ئاتاشقا بولامدۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك ، مېنىڭچە بولمايدۇ . كروران خانىدانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيەتلىرىنى شۇ خاندانلىقنىڭ نامى بىلەن ئورتاق بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكى دېيىش مۇمكىن ، ئۇندىن بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت گەرچە كروراننى بەلگە قىلسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋرى بار بولغاچقا ، ئۇنى كروران مەدەنىيىتى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ.
        
           5.سىز چەرچەن نامى ھەققىدە ئىزدەنگەن ساناقلىق تارىخچىلىرىمىزنىڭ بىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرسۇن بەكرى ئەپەندى، مۇھەممەد ئوسمان ئەپەندى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ئەپەندى  قاتارلىقلار بىلەن چەرچەن نامى ھەققىدە نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ، قىممەتلىك ئەمگەك مېۋىلىرىنى روياپقا چىقاردىڭلار ، ئەمما چەرچەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى كۆز قاراشتا ماھىيەتلىك پەرق بار، ئىلىم ساھەسىدە پىكىر ئوخشىماسلىقى نورمال ئىش. سىز مۇشۇ نەچچە پارچە ماقالىنىڭ تۈپ ماھىيىتىدە قانداق پەرقلەر بار دەپ قارايسىز؟
چەرچەن نامى ھەققىدە قۇربان ۋەلى ،ئىبراھىم مۇتئى، خۇدابەردى سېلىم ، خۇاڭ شېڭجاڭ ، تۇرسۇن بەكرى ، يۈ ۋېيچىڭ ، مۇھەممەد ئوسمان ۋە مەن ماقالە ئېلان قىلدۇق . بۇ قاراشلارنى يىغىنچاقلىغاندا ، چەرچەن نامى 鄯善، جورجان ، 且末 نامىدىن كېلىپ چىققان دېگەندىن ئىبارەت. 且末 نامىغا كەلسەك «خەننامە»دە (مىلادىيەنىڭ بېشىدا) خاتىرىلەنگەن . بۇ نام بۇددىزم دەۋرىدە سانسىكىرىت تىلىنىڭ تەسىرىدە 折摩驮那 («بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت») دەپ يېزىلغان ، بۇ نامنى سانسىكىرىتچە سالمادانا دېگەن سۆزنىڭ ترانسىكرىپىسىيىسى دەپ قارايدىغان ئەھۋال ئومۇمىي . 10 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئالىمى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا، يۇقىرىقى نامنى «سارمادان» دەپ تەرجىمە قىلغان . ھازىرقى قاراشلار بىلەن ئالغاندا يۇقىرىقى نام 且末 نىڭ بۇددىستلار تەرىپىدىن سانسىكىرتچىلاشتۇرغان شەكلىدىن ئىبارەت . قۇربان ۋەلى يۇقىرىقى سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى چام ، چالما بىلەن مەنبەداشلىقنى بايقىغان ھەمدە تۇپراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان . مەيلى قانداق بولمىسۇن مۇشۇ جاينىڭ نامى يەرلىكلەرنىڭ تىلىدىن تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنىپ 且末 دەپ ئېلىنغان ، لېكىن بۇنى ئەينەن تەلەپپۇز تەرجىمىسى دېيىشكە پاكىت ئازلىق قىلىدۇ . جورجان نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراشقا كەلسەك ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىكى «جرجان» دېگەن خاتىرىسىنى «جورجان» دەپ ئوقۇش ۋە بۇنى تارىختىكى قوۋم «روران»لارغا باغلاشتىن كېلىپ چىققان. مەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇر، خەنزۇ ، ئىنگلىز ، تۈرك تىللىرىدىكى  ترانسىكرىپىسىيىسىنى كۆرۈپ چىقتىم ، ھېچ بىرىدە بۇ نامنى «جورجان» دەپ ئوقۇماپتۇ ( قاراڭ : شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى كۆپ خىل تىل يېزىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپ تارقاتقان ئېلېكترونلۇق ئىندىكىس). تۈركچە  نەشرىدە   çئۇرçئان(چۇرچان)  دېيىلگەن  ھەمدە  شەرھىيسىنى çئىن يولۇ ئۈزەرىندە، مۈسلۈمان سıنıرلارıندان بىرى. دەپ تەرجىمە قىلىغان، ئىنگلىزچە نەشرىدىمۇ ئوخشاشلا   çئۇرçئان دەپ ترانسىكرىپىسىيە قىلىنغان . ئەلۋەتتە ، «تارىخىي رەشىدىي»نىڭ 1898 – يىلىدىكى لوندون ئىنگلىزچە نەشرىدە چەرچەن نامىنىڭ چۇرچەن ۋە جورجان (جورجان)  شەكلىدە يېزىلغانلىقى ئىزاھلانغان ، بۇ بەلكىم پارسچە نۇسخىدا كۆرۈلگەن سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن . «تارىخىي رەشىدىي»نى تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر ئاپتورلار ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ نامنى «چۇرچەن» دەپ يازغانكى «جورجان» دەپ ئالمىغان. يۇقىرىقىلاردىن مۇستەسنا ھالدا، ھېچ بىر مەنبەدە (يازما ياكى ئېغىزچە) جورجان دېيىلگەن ئەمەس. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 车尔臣، 卡墙دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىنكى ، خەنزۇچە مەنبەلەردە رورەن دەپ ئاتالغان قوۋمنىڭ ئۇيغۇرچىغا قانداقچە جورجان دەپ ئېلىنغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى، بۇ يەردە راست گەپنى ئېيتماي مۇمكىن ئەمەسكى ، ئۆزبېك ۋە تۈرك يېزىقلىرىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ «جورجان» دەپ ئېلىنغان. تەتقىقاتچىلار روران نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلىيالمىغان ، ئەمما ئەينى زاماندىكى ئوقۇلۇشىنىڭ ھازىرقى ئوقۇلۇشى بىلەن يېقىن ئىكەنلىكى ، روران نامىنىڭ ھاكىمىيەت نامى ئىكەنلىكى مەلۇم . بۇ نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى توغرىسىدا بەزىلەر موڭغۇل تىلىدىكى چېچەن (تىلىمىزدىكى چېچەن ، ئەقىللىق سۆزى بىلەن ئوخشاش) ، جوسۇن (يوسۇن ، تىلىمىزدىكى قائىدە – يوسۇن بىلەن ئوخشاش) ، جوجىن (يات) سۆزلىرى بىلەن تەڭلەشتۈرگەن بولسىمۇ ، پاكىت يېتەرسىز بولغانلىقتىن كەڭرەك قوبۇل قىلىنمىغان ، مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بۇ  نامدا ئاتالغانلارنىڭ تارىم ۋادىسىغا مەلۇم ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىغا قاراپ، رورانلارگە باغلاش ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك (رورانلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن جورجان ئاتالغانلىقى مەۋھۇم ھالدا تېخىمۇ شۇنداق) . 鄯善نى چەرچەن نامىغا توغرىلاش مەن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىلىق ئەمەس . بۇ ھەقتە خۇدابەردى سېلىم ، ئىبراھىم مۇتئى، قۇربان ۋەلى ، خۇاڭ شېڭجاڭ ۋە ئە.گ.پۇئۇللەيبلانك لار بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خۇاڭ شېڭجاڭ 鄯善 نىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزى ئارقىلىق بۇ تەڭداشلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ، يەنە بەزىلەر ئاھالىنىڭ كۆچۈشى مەسىلىسى ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇپ كەلگەن. مەن پەقەت يۇقىرىقى قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى قوشۇپ ئېلان قىلدىم خالاس. مەيلى قانداق بولمىسۇن 7 – ئەسىرگە تېئۇللۇق مىرەندىن تېپىلغان تۈبۈتچە يازمىلاردا سەرسەن نامى مەۋجۇت. خەنزۇچىدىكى 鄯善 نامى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى كروران خانىدانلىقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خانلىقنىڭ نامى بولغان ، لېكىن مۇشۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق يېزىقى - قارۇشتىچە پۈتۈكلەردە كۆرۈلمەيدۇ . بۇ نام ئەمەلىيەتتە ئانچە ئومۇملىشىپ كەتمىگەن ، شۇڭىمۇ كۆپلىگەن خەنزۇچە ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ كەينىدىن بۇرۇنقى كروراندۇر ، دەپ ئىزاھلاشقا مەجبۇر بولغان . قارىشىمچە، بۇ نام كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 大鄯善، 小鄯善 دەپ يېزىلغان ھەمدە ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقى ۋە مىرەن بوستانلىقلىرىنى كۆرسەتكەن . 442 - يىلى 4000 ئائىلە ئاھالىنىڭ خاقان بەگروڭ باشچىلىقىدا سارمادانغا كۆچۈشىنى تۇتقا قىلىپ ، نامنىڭ ئاھالە بىلەن بىرگە كۆچۈشى دەپ تونۇپ تۇردۇم ، پاكىت كۆپىيىپ مەنتىقىغە بۇنىڭدىنمۇ ئۇيغۇن قاراش ئوتتۇرىغا چۈشسە دەرھال قوبۇل قىلىمەن .   

          6.تورلاردا ئېلان قىلىنغان قىسمەن  ماقالىلاردا لوپنۇرلۇقلارنىڭ  ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغان بەزى كۆز قاراشلار مەۋجۇت، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز ؟
لوپلۇقلار (مەن بۇ ئاتالغۇنى ئەسلىسى بويىچە لوپلۇق دەپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن)نى قىرغىز ياكى موڭغۇل دېگۈچىلەر بار ، بۇ قاراشلار توردىلا ئەمەس بەزى نەشىر بۇيۇملىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ . مەن كۆرگەن «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەنزۇچە بىر سانىدا لوپلۇقلارنىڭ قالپىقىنىڭ قىرغىزلارنىڭ قالپىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىرغىزلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس س . ي. مالوف لوپلۇقلار تىلىدا ج لىشىش ھادىسىسى بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىز دەپ قارىغان . بۇ مەسىلىگە ، جاۋاب ھازىرلانغان. لوپلۇقلاردىن بىر قىسمى مالغاي كېيىدۇ ، مالغىيى ھەقىقەتەن قىرغىزلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ ، ئەمما ماھىيەتلىك پەرقى بار ، بۇنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ . كەيگەن كىيىمىگە ئاساسەن مىللەت ئايرىش ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ كۈلكىلىك ئۇسۇل بولسا كېرەك ، مىسالغا ئالساق ھازىر ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرى ئىچىدە شىلەپە كېيىدىغانلار خېلى كۆپ ، ئۇلارنى پەرەڭ دەمدۇق ، ئىنگلىز ياكى نېمىس؟ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تۇرپانلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان مامۇت ئاۋۇت ، ھامۇت ئاۋۇت قاتارلىق ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىمنىڭمۇ مالغاي كېيىپ يۈرگەنلىكى كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە، ئۇنى يەنە كېرىيە ئاھالىلىرى ئىچىدە كىيىدىغانلارمۇ بار. ئېكىسپىدىتىسىيەچىلەرنىڭ كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن 100 يىللار بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق ۋاقىتتا تارتىلغان رەسىملەردە مالغاينىڭ كۆرۈلمەسلىكى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ ، بولۇپمۇ لوپلۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان قاراقوشۇنلۇقلاردا. تىلشۇناسلاردىن ھاشىم تۇردى ، مېھراي ياقۇپلار يېرىم يىلغا يېقىن لوپلۇقلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ، ئۇلار كىتابىدا قىرغىززار ، جوداقتار ، يانلار دېيىلىۋاتقان لوپلۇقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1980 – يىللاردا 500 دىن ئاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف 1960 – يىلى يېرىم يىل لوپلۇقلاردا تىل تەكشۈرگەن ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، مالوف ئېيتقان  ج لىشىش ھادىسىسى پەقەت جوسون ، چىرايىڭ بۆلەك جوسون دېگەن بىرلا سۆزدە كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . دېمەك مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا ، لوپلۇقلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئالغاندا، قىرغىزلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىدا شۈبھە يوق . ئەمدى موڭغۇللار يەنى ئۆزلىرىنى قالماقلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قاراش مەسىلىسىدە، بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنى قالماقلارنىڭ ئەۋلادى ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ . بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە 14 – ئەسىردە تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلەرنى لوپ رايونىغا پالىغان دەپ قارىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇددىست ئىكەنلىكى تارىخ يازمىلىرىدىن مەلۇم . قالماق ئېتنونىمى يېقىنقى زامانلاردا موڭغۇللارنى كۆرسەتسىمۇ، ئەينى ۋاقىتلاردا «ئۆز دىنى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان»لار ئىكەنلىكى قەيت قىلىشقا بولىدۇ . ھازىر لوپلۇقلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشىدىن موڭغۇللارغا ئوخشىشىدىغانلارنىڭ خېلى بارلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ، بۇ پەقەت ئىرقىي ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت، بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلار بولسا ئەتراپىغا باقسا ھەر جايدا موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن ئۇيغۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تىلشۇناسلارنىڭ تىل تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا موڭغۇل تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتىغا بولغان تەسىرى لېكسىكا جەھەتتىن ئازراق ساقلانغان ، باشقا جەھەتلەردىن تەسىرى يوق . دوكتور سېۋىن ھېدىن يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى يەر ناملىرىدا موڭغۇل تىلىدىكى بەزى ئىسىملار ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، دېمەككىم ئۇيغرۇ تىلى موڭغۇل تىلىدىن بالدۇر بولىدۇ. مەيلى قانداق بولمىسۇن ، مەيلى قىرغىززار بولسۇن ، قالماقتار، جوداقتار ، يانلار بولسۇن، لوپلۇقلار ئومۇمىي ئاھالىسىدە ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. لوپلۇقلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي تەركىبىنى قاراقوشۇنلۇقلار تەشكىل قىلىدۇ . قاراقوشۇنلۇقلار ئەسلىدىن تۈركىي خەلق بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل بېكىك ياشىغانلىقى ، سىرتقى ئالاقىنىڭ كەملىكىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قالغان . بېكىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ، ئۆزگىچە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ، ئۇزۇن مەزگىل ئالتەشەھەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ ياشىشى ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە سەۋەب بولغان ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ تۈركىي ئېتنىكىسىنى رەت قىلالمايمىز ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت مىللەت نامىنىڭ سىرتىغا قويۇشىغا پاكىتلار يول بەرمەيدۇ . مۇشۇ كەمگىچە ئۇيغۇر ئېتنوگىرافلاردىن مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا ئاددىيلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن باشقا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولمىدى. مانا ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات گەۋدىسىگە قوشۇلۇپ كەتتى ، مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خىيالىي ھۆكۈم قىلىپ مىللەت تەركىبى ئايرىش مۇۋاپىق ئەمەس. بەزى كىشىلەر يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك مالغىيىغا، چىراي تۇرقىغا ، تىل پەرقىگە (بىر خەنزۇ تەتقىقاتچى ئۆزىنى باشلاپ بارغان تەرجىماننىڭ لوپلۇقلارنىڭ تىلىنى تازا چۈشۈنۈپ كەتمىگەنلىكىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى يازغان، ئەگەر دىيالېكىتلىق پەرقلەر مىللەت ئايرىشنىڭ بەلگىسى بولىدىغان بولسا خەنزۇ قېرىنداشلار قانچە مىللەت بولۇپ كېتەر ، ھە . 1876 – يىللىرى ئەتراپىدا رۇسىيىلىك ئېكىسپىدىتىسىيىچى پېرژىۋالىسكى غۇلجىدىن ئېلىپ كەلگەن  تارانچى تەرجىمان ئابدۇللا يۈسۈپ لوپلۇقلارنىڭ يۇرتلىرىدا بىمالال ئالاقە قىلغانلىقىنى يازغان . چىڭ سۇلالىسى يازمىلىرىدىمۇ لوپلۇقلار تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشىشىدىغانلىقى، لېكىن بەزى پەرقلىرى بارلىقى يېزىلغان)، مانا مۇشۇنداق پاكىتلار ئالدىدا ئۇلارنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئايرىپ چىقىپ باشقا بىرەر مىللەت نامىنى ئاتا قىلىپ ، ئايرىم ئېتنىك توپ قىلىش ئىلمىيلىققا يات قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.   
  
           7.سىز تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنشىتىن ئىلگىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانمۇ؟
ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدىم دېسەم يالغان ئېيتقان بولىمەن ، بىر – ئىككى پارچە ھېكايە يېزىپ كۆرگەن . ئۇندىن باشقا باتۇر تەڭرىقۇتقا بېغىشلاپ ، «ئاتائوغۇز» دېگەن تېمىدا بىر پوۋستنى بىر مەزگىل يېزىپ ۋاز كەچكەن ، مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئېيتقاندا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مەغلۇب بولغان .
تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم(3)

        8. سىزنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىدا  ئاجىز  بولۇۋاتقان نۇقتا  قايسى؟ سىزنىڭ بۇ ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش ۋە تۈزىتىشتە قانداق قاراشلىرىڭىز بار ؟
بۇ ناھايىتى مۇھىم سۆئال بولدى ، ئېلىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئېلىمىزدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز ، بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققانلار تېخىمۇ ئاز بولۇپلا قالماستىن ، تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ، مۇكەممەل ياكى كەڭ دائىرىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە تەتقىقاتچىلار بەكمۇ كەمچىل . جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەردىن بىر قانچىلا كىشى بار . شۇڭا ئېيتىش مۇمكىنكى ، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بەك كەمچىل . ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر تارىخ كەسپى بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز بولماقتا ، ئاسپىرانتلىق مائارىپ تەربىيىسىدە بىلىم ئالىدىغانلار تېخىمۇ ئاز . ئېلىمىزدە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇماقچى بولسا چەتئەل تىلى ۋە باشقا ئۆتكەللەردىن ئۆتكەندىن سىرت، يەنە قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىنىدۇ . ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بىر ئىلىم ، يېزىق نۇقتىسىدىن ئالساقمۇ تۈرك رونىك يېزىقى، سوغداق يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمان يېزىقى ... قاتارلىق كۆپ يېزىقلاردا ئۇيغۇر تىلى خاتىرىلەنگەن ، شۇڭا بۇ يېزىقلارنى  ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى بار. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار قەدىمكى خەنزۇ يازمىلىرىدا كۆرۈلگەندىن سىرت تۈبۈت ، تاڭغۇت ، موڭغۇل ، ئەرەب ، پارس ، گرىك ، ھىندى تىللىرىدا خاتىرىلەر بار. ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن تۈرك ، خەنزۇ ، رۇس ، ياپون ، ئىنگلىز ، نېمىس ، فرانسۇز تىللىرىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ ، شۇڭا ھەمكارلىق ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلاش ، ئەستايىدىللىق ، ئىنچىكىلىك، ماتېرىيال جۇغلاش ۋە مەنبەشۇناسلىق ناھايىتى مۇھىم نۇقتىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ تولىمۇ مۇرەككەپ ، قىيىن ئىشلار بولۇپ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ھەمكارلىشىدىغان ، كارخانا ۋە باشقا ساھەدىكىلەر ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان ، ئۇستاز – شاگىرت ئىز بېسىپ ، كۈچ ئۇلاپ ئىزدىنىدىغان ساھەدۇر. يەككىلىكتىن كۆرە ھەمكارلىق تولىمۇ ئەۋزەل ، مانا ئەمدىلىكتە جۇڭگو ئۇيغۇر تارىم مەدەنىيىتى ئىلمىي جەمئىيىتى رە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا بەزى ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئاكادىمىيىسى تەسىس قىلىش ، ماتېرىيال مەركىزى ، نەشىرىيات ۋە ئىلمىي ژۇرنال تەسىس قىلىش زۈرۈريىتى بار. ئېلىمىز مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا بۇ خىل ئىلىمگاھلار قېرىنداش مىللەتلەر – موڭغۇل ۋە زاڭزۇلاردا خېلى بۇرۇن ئەمەلگە ئاشقان ، بىزگە تەييار تەجرىبىلەر بار. مۇشۇ تەتقىقات مۈئەسسەسى بارلىققا كەلسە ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە بولسا نۇرغۇن ئىشلار تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشىدۇ.

          9. ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ تىكلىنىشى ئۇيغۇر تارىخىچىلىقىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئۈلگىسى دېيىشكە بولامدۇ؟ ھازىرغا قەدەر بايقالغان  مەڭگۈ تاشلار قانچىلىك،  بۇنىڭ ئىچىدە ئېلان قىلىنغانلىرىچۇ؟
مەڭگۈ تاشلارنى يازما تارىخچىلىقىمىزنىڭ باشلانمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئېيتماي مۇمكىن ئەمەسكى، قىياتاشلاردىكى ئويمىلار رەسىم سۈپىتىدە تونۇلۇپ يېزىق بولۇش ئېھتىماللىقى بىلەن تەتقىق قىلىنمىدى ، بىر كۈنلەردە ئەنە شۇ قىياتاش رەسىملىرى تەسۋىرىي يېزىق بولۇپ چىقىپ تارىخ تېخىمۇ بالدۇر خاتىرەلەنمىگەن بولسىلا يۇقارقى قاراش قوللاشقا ئېرىشىدۇ. تۈرك رونىك يېزىقىدا يېزىلغان تاش ئابىدىلەر ناھايىتى كۆپ ، ئۇنىڭ چوڭ- كىچىكلىرى بولۇپ نەچچە يۈز پارچىگە يېتىدۇ . مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە ياشىغان يەرلىرى ھەققىدە مەۋھۇم نۇقتىلار كۆپ بولغانلىقتىن خېلى بىر قىسمىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى تېخى ئېنىق ئەمەس. چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغانلىرى ئاز ئەمەس ، لېكىن ئېلىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىرى بەكلا ئاز. دولقۇن قەمبىرى ، ئىسراپىل يۈسۈپ ، ئابدۇقەييۇم خوجا قاتارلىقلار تەييارلىغان «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ، گېڭ شىمىن تەييارلىغان «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر ئۈستىدە تەتقىقات» ، لىن گەن ۋە گاۋ زىخۇلارنىڭ «تۈرك تارىخى» ، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» قاتارلىق كىتابلاردا بىر قىسمى ئېلان قىلىندى . ئابدۇبەسىر شۈكۈر بىلەن ئەركىن ئارىزلار تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان ئەڭ يېڭى نۇسخا- تۈركىيە ئالىمى تالات تەكىننىڭ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى . بۇلاردىن باشقا «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق كىتاب ۋە ژۇرناللاردا بەزى ئابىدىلەر ئېلان قىلىندى . ئومۇمەن  ئالغاندا، چوڭراق ھەجىمدىكى ئورخۇن ئابىدىلىرى ئېلىمىزدە ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە ئېلان قىلىندى ، قالغانلىرىنى كۆرۈشكىمۇ يەنە نېسىپ بولۇپ قالار. ئورخۇن ئابىدىلىرى تۈرك خانلىقى ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىرىنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتىلا ئەمەس ، مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش ۋە باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ . ئېلىمىزدە تېخى تەتقىقات تېخى ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرىۋاتسىمۇ، چەت ئەللەردە بۇنى تەتقىق قىلىپ دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيىسى ياقلىغانلار، ئۆمۈر بويى ئابىدە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملار بار . مىسال قىلساق، فرانسىيەلىك ئالىم رېنې گرائۇدنىڭ «شەرقىي تۈرك خانلىقى ئابىدىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ، رۇسىيەلىك كىلياشتۇرنىينىڭ «قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ۋە بېرنىشتامنىڭ كىتابىنى كۆرسىتىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە .  
      
          10.مەڭگۈ تاشلاردا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي قەبىلىلەر قانچە؟ شۇ چاغدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى بىلەن بۈگۈنكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نامى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش  بار، ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغانلىرى قانچە؟ ئۆزگەرگىنى ھەم بۈگۈنكى كۈندە  پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتكىنى قانچە
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا غەربىي تۈرك خانلىقى (603 – 658) دىكى قەبىلىلەر  مۇنۇلاردىن ئىبارەت: دولو  ، سۇنىش ، مۇڭدەن ، تۈرگىش،
شېشىت ، جۇلۇگۇ ، چىگىل ، چۇمۇل ، شاتۇ، كاپىش ، كاسۇ ، قارلۇق ، گوشو ، ئاسكىل ، بارسىغان ، ياغما، ئوغۇز ، ھازار ...
840- يىلىدىن بۇرۇنقى خانلىقلارغا تەۋە قەبىلىلەر (ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش غەربكە كۆچۈشىدىن بۇرۇنقى قەبىلىلەر) : ئاپار ( ئاۋار ، روران ؟) ،ئاز ، ئادىز، باسمىل، بارچىك (بارچۇق؟)، بارسىل، بۇزۇق ، بۈكلى، چىك، ئىزگىل، كۆكتۈرك، ئوغۇز،  قارلۇق ، قاسار، قىرقىز، قىتان ، ساكا، سىر، سوغداق، تاڭۇت ، تاردۇش، تات، تاتابى، تاتار ، تاجىك ، توڭرا، توقار، تۆلەس، ئۇيغۇر، ياغلاقار، بايىرقۇ، سەككىز ئوغۇز، قاراتۈركەش، توققۇز تاتار، توققۇز ئوغۇز، ئوتتۇز تاتار ، ئۈچ ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر، سىرتاردۇش، چۆبە (قابىش)، تۇۋا ، قۇرىقان ، دولانغىت، بۆگۆ، قۇن (ھۇن؟) ، قۇشۇ (قۇچۇ؟)، قۇمۇق (چىگىل) ، ئاقشىد، ئوتۇرقار ، كۈرەبىر ، بۇقاسقىر، ئابدال، قوغۇرسۇ، ئاۋچاگ، ئاياۋىر شىدلار، چەبنى ،  سۇنىش (يۇقىرىقىلار شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇرۇق ئايماقلاردىن ئىبارەت)
840 – يىلىدىن كېيىنكى خانلىقلاردىكى قەبىلىلەر (ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش غەربكە كۆچۈشىدىن كېيىنكى كەڭ مەنىدىكى غەربىي يۇرتتىكى قەبىلىلەر)
: كۆك تۈركلەر ، شىمالىي تۈركلەر ، چوڭ چىگىللەر  ، كىچىك چېگىللەر ، ياغما، قارلۇق ، بارمان  ، گېدوزۇ، ئۈرۈڭزۇ، تۈركەش ،  غوز، سوغداق، پەچەنەك ، قىفچاق ، ئوغۇز ، يەمەك ، باشغىرىت ، باسمىل ، قاي ، ياباقۇ ،    قىرقىز ، چىگىل  ، توخسى  ، ئۇغراق، چارۇق  ، چومۇل ، ئۇيغۇر ، تاڭۇت ،
كەنچەك ، ئارغۇ  ، ئۈدۈن ، تۈبۈت ، ئۆدگىش ، ئەلكە ، ئارامۇت ، كۆچەت  ، بۇلاق، تاژىك ، تاربىن  ، بۇلغار، ئىتلىق ، سۇۋار، ياۋا ، قۇمۇق ، تۈركمەن، خالاچ، ئون ئۇيغۇر ، قىنىق ، قايىغ ، بايۇندۇر ، ئىۋا، سالغۇر ، ئافشار ، بەكتىلى ، بۈگدۈز ، بايات ، يازغىر ، ئەيمۈر ، قارا بۆلۈك ، ئالقا
بۆلۈك ،ئىگدىر ، ئۈرەگىر ، تۇتىرقا ، ئۇلايۇندلۇغ ، تۈگەر ، چۇۋۇلدار ، چەبنى ، چارۇقلۇغ، تۈرك  (بۇلار خاقانىيە ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ۋە غەربتىكى  قەبىلىلەرنىڭ ناملىرىدىن ئىبارەت). مەڭگۈ تاشلاردا بىر قىسىم قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ ئەينى ئەھۋالنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ، شۇڭا مەن ماتېرىياللاردىن ئېنىقلاپ چىققان قەبىلىلەرنىڭ ناملىرىنى « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› تىكى ئۇچۇرلاردىن تارىخىمىزغا نەزەر» ناملىق ئېلان قىلىنمىغان ماقالەمدىن ئېلىپلا چاپلىدىم . شۇنىمۇ ئەستە ساقلاش ھاجەتكى ، مەھمۇد كاشغەرىي زامانىغا كەلگەندە خېلى كۆپ قەبىلىلەر ئۆز ناملىرىنى ساقلاپ قالماي ئۇيغۇر ياكى تۈرك دېگەن ئېتنو ناملارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن خاقانىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر ئىچىدە (مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ۋاڭ يەندې خاتىرىلىرىنى كۆرگىنىمىزدە) ناھايىتى ئازلا قەبىلە ناملىرى ساقلىنىپ قالغان، شۇ زاماندا چوڭ بىر يۇغۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغان. يۇقىرىقى قەبىلە ناملىرىدىن قايسىلىرى زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان دېگەن مەسىلە
ئاددىيلا پىكىر بايان قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس . ھازىر دۇنيادا تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ، ئەزەربەيجان،  قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ... قاتارلىق تۈركىي مىللىي دۆلەتلەر بولغاندىن سىرت جۇڭگو ، ئافغانىستان، ئىران ، موڭغۇلىيە... قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ نۇرغۇن تۈركىي مىللەتلەر ياشىماقتا ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قەبىلىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان ناملىرىنى ئېنىقلاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ھازىر قوللىنىۋاتقان قەبىلە ناملىرىنى
كۆرسىتىپ بېرىشكە قۇدرىتىم يەتمەيدۇ، ئەمما ئىشىنىش مۇمكىن ، خېلى بىر قىسمى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇشىدا شەك يوق . مەسىلەن :
ھازىر بىلىدىغانلىرىمىز ئۇيغۇر ، تۈرك ، قىفچاق ، تۈركمەن، سالغۇر، قىرغىز، ئابدال...دېگەنگە ئوخشاش . ھازىر يۇغۇر (يۇگۇ) مىللىتى دەپ ئاتىلىۋاتقان ، ئەمما ئۆزلىرى ئۆزلىرىنى «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدىغان قېرىنداشلىرىمىزدا قەبىلە ناملىرى جەمەت نامى سۈپىتىدە خېلى كۆپ ساقلىنىپ قالغان ، بۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن شۇ مىللەتتىن بولغان تارىخچى تۆمۈرنىڭ «يۇغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ناملىق كىتابىغا مۇراجەت قىلىش مۇمكىن . تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بالدۇر شەھەرلەشكەنلىرى ئۆزلىرىنى قەبىلە ناملىرىدا ئەمەس يۇرت نامىدا ئاتاپ كەلگەن ، دېمەككىم قەبىلە ناملىرىنى ئۇنتۇغان . تاكى يېقىنغىچە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان قازاق ، قىرغىز ، سېرىق ئۇيغۇر كەبى قوۋملەردە قەبىلە ناملىرى ساقلىنىپ قالغان.
         11. دۇنيادىكى ھەرقايسى  مىللەت  كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆز تارىخىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇل ھەم شەكىل بىلەن قالدۇرىدۇ،  سىزنىڭچە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىخ قالدۇرۇش ئۇسۇلى قانداق، باشقا مىللەتلەردىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ قالدۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئالغاندا ئىككى خىل بولغان ، بىرى ئېغىز ئىجادىي، يەنە بىرى يېزىق بىلەن خاتىرىلەش. ئېغىز ئىجادىيىتى ھەققىدە ئالساق ئەپسانە ، رىۋايەت ، داستان شەكلىدە داۋام قىلىپ كەلگەن . «شىراق رىۋايىتى» ، «تۇمارىس رىۋايىتى»، ئوغۇزخان رىۋايەتلىرى (دەدە قورقۇت چۆچەكلىرىمۇ بار) ، ئىسكەندەر بىلەن باغلانغان رىۋايەتلەر ، بۇغراخانلار ۋە ھەزرىتى موللام ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ، «نۇزۇگۇم» داستانى ، «ئابدۇراھمان خانپاشا» داستانى ، سادىر پالۋان قوشاقلىرى .... قاتارلىق نۇرغۇن نەمۇنىلىرى بار. ئېغىزچە تارىخلار ئېغىزدىن تارقىلىش ، تولۇقلىنىش ، ئۇنتۇلۇش ، دەۋر تامغىسى بېسىلىش جەريانلىرىنى كەچۈرگەنلىكتىن تەدرىجىي بېيىغان ، ئۆزگەرگەن ، بەزىلىرى ئەسلى تارىختىن كۆرە ئەپسانە رىۋايەتلەرگە كۆپرەك ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولغان. «ئوغۇزنامە» داستانىنى ئالساق، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن قەلەمگە ئېلىنىش بىلەن بىرگە مۇسا سايرامىغىچە بولغان تارىخشۇناسلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇرغان . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئوغۇزنامە» ، ئەبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ كىتابلىرى («شەجەرېئىي تۈرك» ، «شەجەرېئىي تەرەكىمە») ، موللا مىر سالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن «كاشغەر تارىخى (چىڭگىزنامە)» ، رەشىدىنىڭ «جامىئۇت تەۋارىخ» ، جۇۋەينىنىڭ «تارىخى جاھان كۇشاي»، مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدىي» قاتارلىق مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. ھازىرچە تارىخىي خاتىرىلىرىمىزنىڭ باشلانمىسى بولغان تۈرك رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەرگە كەلسەك تۈرك - ئۇيغۇر تىلى ، خەنزۇ تىلى ، سوغداق تىللىرىدا تاشلارغا ئويۇلۇپ ، خەلقنىڭ ئەسلىشى، ئۆگىنىشى ھەم مەڭگۈلۈك ئەستىلىك قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى يول بويلىرىغا تىكلەنگەن . تاش ئابىدە تىكلەش ئەنئەنىسى 14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋام قىلدى . ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ئاخىرقى دەۋرلىرىدە گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي دېگەن يېرىدە «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى»نى قەدىمكى ئۇيغۇر تىل يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقىدا ئويۇپ قالدۇردى . خاقانىيە سۇلالىسى زامانلىرىدىن باشلاپ ، تارىخ كىتاب ھالىتىدە خاتىرىلەنگەن . خاقانىيە دەۋرلىرىنىڭ ئالدى كەينىدە  كۆپ تارىخىي  يازمىلارنىڭ بولغانلىقى ، ئۇلاردىن پايدىلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر پېرىسيەلىك مۇسۇلمان جوھود تارىخچى رەئىشىددىن پەيزۇللاھنىڭ «جەمىئۇت تەۋارىخ» كىتابىدا قەيت قىلىنغان. خاقانىيە زامانىدا ئەلمائىي، جامال قارشىغا ئوخشاش  ئاتاقلىق تارىخچىلارنىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم . موڭغۇللار ئىستىلاسىدىن كېيىن بىر تۈركۈم ئالىم ئەدىبلەر (بەزى ئۇچۇرلاردا يۈئەن سۇلالىسى زامانىدا ئالىي ئىلىمگاھلاردا ئىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ 460 تىن ئاشىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ) ئېلىمىزنىڭ تارىخچىلىقىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى ، بۇلارغا سارابان ... قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن . دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئاتالغان ئەسەرلىرىمىز بىر قەدەر كەمچىل ، شۇڭا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ، مەھمۇد  فازىل جوراسنىڭ «تارىخى رەشىدىي (زەيلى)» ، نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئىسمى ئوخشاش ئەسەرلەر «كاشغەر تارىخى» ... قاتارلىقلار ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى تېخىمۇ ئاشقان . گەرچە تارىخىمىز ھەققىدە كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ كۆپ قېتىملىق يېزىق ئالماشتۇرۇش ، دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشلەر تۈپەيلىدىن خېلى نۇرغۇن تارىخ ئەسەرلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق . يەنە ئېيتىش مۇمكىنكى، سوپىزمنىڭ «قۇرئان»دىن باشقا بارلىق يازما ئەسەرلەرنى چەكلىشى ، تەقىب قىلىشى بىلەن بىر قىسىم ئەسەرلىرىمىز يوقالغان بولسا ، شېڭ شىسەينىڭ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشى ، تۆت كىشىلىك گۇروھ گۇماشتىلىرىنىڭ ماڭقۇرتلارچە ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى ئېشىپ قالغان ئەسەرلىرىمىزمۇ يوق بولدى . ئاز بىر قىسىم ئەسەرلىرىمىز چەتئەل ئېكىسپىدىتىسىيەچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ تەتقىق قىلىندى ياكى نەشىر قىلىندى ، بىر قىسمى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىمىزدە نەشىر قىلىندى. ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى يېقىنقى دەۋردە يەنى 18 - ، 19 – ئەسىرلەردە گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، بۇرۇنقى مۇھەببەت داستانلىرى ئارقىلىق دۇنيانى بەدىئىي تەسۋىر قىلىشتىن كۆرە رېئال دۇنياغا ، ئۆز ۋەتىنىدىكى ئىشلارغا نەزەر ئاغدۇردى . بۇ دەۋرنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىگە موللا بىلالنىڭ «غازات دەر مۈلۈكى چىن» ، سىيىد مۇھەممەد قاشىنىڭ «شەرھىي شىكەستىنامە» ، موللا شاكىرنىڭ «زەفەرنامە» ، داۋۇد كورلاۋىينىڭ «تەزكىرەتۇن نىجاد» ، مۇھەممەد ئەلەمنىڭ «تارىخى ۋەتەن ۋاقىئاتى خوتەن» ، مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسقىييۇن»، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ «تەزكىرېئىي ئەزىزان» ، قۇتلۇق شەۋقىينىڭ «تارىخىي ئەسەر ۋاقىئاتى كاشغەر» ، ئاشۇراخۇن غەربىينىڭ «ئەمىر ئالىي»، ئىمىنجان باھاۋۇددىننىڭ «ئىلى تارىخى»، مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتنىڭ «تارانچى تارىخى»، ئوغۇز ھەمرانىڭ «شىنجاڭ تارىخى» ... قاتارلىق كىتابلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن . 1800- يىللىرىدىن 1949 – يىلىغىچە يېزىلغان تارىخ ئەسەرلىرى يۈز پارچىدىن ئېشىشى مۇمكىن . ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان تارىخشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، سوغداق ، ئەرەب ، پارس تىللىرىدا يېزىلىپ كەلگەن . بۇلارنى يىغىپ ، رەتلەش، نەشىر قىلىش ، تەتقىقاتتا ئاساسىي مەنبە قىلىپ پايدىلىنىش ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلانغۇسى.
تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم(4)

        12. ئالاقىدار تارىخىي ئۇچۇرلاردىن قەدىمكى زاماندا  لوپنۇر كۆلىنى مەركەز قىلغان ھالدا گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز، بۈگۈنكى كۈندە  ئاشۇ نامدار شەھەرلەرنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ پەقەت خارابىسىلا قالغان. سىزنىڭچە بۇ يۇرت، دۆلەتلەرنىڭ يوقلىشىغا سەۋەب بولغان تۈپ ئامىل نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
بۇ مەسىلە كۆپ مۇنازىرە ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ ، گەپ ئاساسلىقى مۇشۇ شەھەرلەر نېمە سەۋەبتىن ۋەيران بولدى، دېگەن نۇقتىدا كېتىۋاتىدۇ . بۇرۇنقىلار ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى ، يىپەك يولىنىڭ يۆتكىلىشى ... دېگەندەك كۆپ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى . مەن تەبىئەتنىڭ تەھلىكىسى ۋەيران قىلدى، دېگەن قاراشتا. چۈنكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ مەقسىتى زېمىن ئىگىلەشلا بولۇپ قالماستىن ئۆزلىرى ئۈچۈن بايلىق يارىتىشنى ئاساسىي مۇددىئا قىلغان بولىدۇ . ئۇلار زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەردىكى خەلقنى بويسۇندۇرىدۇ ، قىرغىن قىلىپ تۆگىتىۋەتمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بايلىق ياراتقۇچىلارغا موھتاج . بىر بۆلۈك ئاھالىلەر مۇساپىر بولۇپ كۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ ، شىنجاڭدەك مۇنداق تارقاق بوستانلىقتا يىراققا كەتمەيدۇ . مەسىلەن ، «ماركوپولو ساياھەتنامىسى»دە چەرچەنلىكلەر  تاتارلار (موڭغۇللار) نىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىسىغا جاڭگاللىقلارغا كىرىپ كېتىدىغانلىقى ، لوپلۇقلارنىڭ ئادەملەرنى كۆرسە مال چارۋىسىنىمۇ تاشلاپ ئادەم تاپالمايدىغان يەرلەرگە كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار، شۇڭا ئېيتىش مۇمكىنكى تاجاۋۇزچىلىق يۇرتلارنىڭ ۋەيران بولىشىدىكى ئاساسىي ئامىل ئەمەس. يىپەك يولىنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ ئەمەس ، تارىم ۋادىسىدىكى شەھەرلەر ناتۇرال (ئۆز – ئۆزىنى قامداش) ئىگىلىك ھالىتىدە بولغان ، شەھەرلەر  ھەرگىزمۇ يىپەك يولىدىن ئۆتكەن كارۋانلارغا تايىنىپ ھايات كەچۈرمىگەن ، شۇڭا يىپەك يولىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەرگىزمۇ شەھەرلەرنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىدىكى ئامىل بولالمايدۇ . ئۇنداقتا تارىم ۋادىسىدەك ئىقلىمى قۇرغاق ، ھۆل يېغىن مىقدارى ئاز ماكاندا، نېمە سەۋەب شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ ؟ بىردىن بىر جاۋاب ، ھاياتلىق مەنبېئىي بولغان سۇ ، سۇدىن ئايرىلسا ھاياتلىق مەۋجۇت بولمايدۇ . قەدىمكى خارابىلەر بىلەن ھازىرقى بوستانلىقلارنىڭ باغلىنىشىنى كۆزىتىدىغان بولساق ، بوستانلىقلارنىڭ دەريانىڭ (سۇ مەنبېئىنىڭ) يۇقىرى تەرىپىگە قاراپ سۈرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز. كونا شەھەر خارابىلىرىدە دەريالارنىڭ قۇرۇق ئېقىنلىرى بار ،ھازىرقى دەريا  ئېقىنى ئاساسەن قەدىمكى خارابىلەردە ئەمەس . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، شەھەرلەرگە كەلگەن سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى (ئېقىن يۆتكىشى ياكى قىسقىرىشى) سەۋەبىدىن شەھەرلەر ۋەيران بولغان . باشقىدىن يۇرت بەرپا قىلىنغان ياكى باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كېتىپ ، كېيىنكىلەر يەنە باشقىدىن يۇرت بەرپا قىلغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ، مەسىلەن ، چاقىلىق ناھىيە بوستانلىقى ۋە مىرەن بوستانلىقى. كروران شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، ئەينى ۋاقىتتا سۇنىڭ قىسلاشقانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بولغاندىن سىرت قارۇشتى يېزىقىدىكى يازمىلاردا سۇنىڭ نۆۋەت بىلەن ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار. جۇغراپىيە تارىخىمىزدىن خەۋىرى بارلارغا مەلۇمكى تارىم (خوتەن، ياركەنت، كاشغەر، ئاقسۇ دەريالىرى ئاساسىي مەنبە بولۇپ تارىم دەرياسىنىڭ سۇ رايىنى بەلگىلەيدۇ)  ۋە كۆنچى دەريالىرى قوشۇلۇپ لوپ كۆلىگە قويۇلغان ياكى ئايرىلىپ ئېقىپ كۆنچى دەرياسىلا قويۇلغان دەۋرلەر بولغان. شۇڭا ئېيتقاندا قۇرغاق رايونلاردا سۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ، ئەلۋەتتە . سۇدىن ئايرىلغان بوستانلىقنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى ھەممە كىشى چۈشىنىدۇ . كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ، تەبىئىي ئاپەت  ۋە باشقا سەۋەبلەر دەريالارنىڭ ئېقىنىنىڭ قىسقىرىشىنى ، ئېقىن يۆتكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . تارىم ۋادىسىنىڭ كۆپ يەرلىرى تۈزلەڭلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن دەريالارنىڭ ئېقىن يۆتكىشىمۇ دائىم يۈز بېرىدىغان ھادىسە  . مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنى ئويلاشقان ھالدا، دەريالارنىڭ ئېقىن يۆتكىشى ياكى دەريا ئېقىنىنىڭ قىسقىرىشى، قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ يەكۈن چىقىرىمەن . ئەلۋەتتە ، دەريا ئېقىن مىقدارى ، ئېقىن ئۇزۇنلۇقى ، يۆنىلىشى قاتارلىقلارغا  ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ۋە ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشى (بوران ، كەلكۈن) سەۋەب بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم ، بۇ خىل زەنجىرسىمان مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك.
       13. تارىخ تەتقىقاتى جەريانىدا سىز ئەڭ تەس ھەل قىلغان مەسىلە قايسى؟
      بۇ مەسىلىگە  مەن ئەڭ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان مەسىلە دەپ چۈشىنىپ جاۋاب بېرىشنى لايىق، دەپ قارايمەن . مەن تارىخىي ئەسەرلەردە كۆرۈلىدىغان چىن ، ماچىن ناملىرى ھەققىدە بەك كۆپ ھەم ئۇزۇن ئىزدەندىم ، دېسەم بولىدۇ . 1991 – يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيال
توپلاپ ئۆگىنىپ كەلمەكتىمەن ، بىر پارچە كىتابمۇ يازغان بولدۇم . شۇنداقتىمۇ ، داۋاملىق ماتېرىيال توپلاپ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىمەن .
مانا بۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ ، يەنە قانچە يىل ئىزدىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بۇ مەسىلىنى تېخىچە ئايدىڭلاشتى دەپ تونۇمايمەن . پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن . مەرھۇم تارىخشۇناس قاسىم ئارىشمۇ ئىزدەنگەن ، مانا ئەمدى مەن داۋام قىلماقتىمەن . يەنە خوتەنلىك مەتھېلىم ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزمۇ تەتقىق قىلماقتا . مانا مۇشۇنداق كۈچ
ئۇلاش نەتىجىسىدە مەن 10 يىلدىن ئىزدىنىپ تولۇق ھەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بۇ تېمىنىڭ ھامان ئايدىڭلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

        14 .تارىخىي ئەسەر يېزىقچىلىقىدا تارىخىي ئەسەر تىلى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.بەك مۇرەككەپ، قوپال بولۇش كىتابخانلارنى زېرىكتۈرىدۇ، بەك ئەدەبىي بولۇپ كەتسە چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ، سىزنىڭ تارىخىي ئەسەر تىلىغا قويىدىغان تەلىپىڭىز قانداق ؟     تارىخىي رومان ، تارىخىي قىسسەگە ئوخشاش تارىخىي ئەسەرلەردە ، تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر . ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان رومانلار ئىچىدە ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم» رومانى بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان» رومانىنى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان رومانلار قاتارىدىن سانايمەن . بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ تىلى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن ، تىلنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىلغان . تارىخىي ئەسەر بولغان ئىكەن پېرسۇناژلارنىڭ تىلىنى دەۋر تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇش ، ئەمما بەك كەڭ تۈردە قەدىمكى تېرمىنلارنى قوللىنىپ چۈشىنىكسىز جۈملىلەر دۆۋىسىگە ، ئىزاھاتلار ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم . ئادەم  ئىسىملىرى، يەر ناملىرى ، دائىمىي قوراللار ، ئادەت سۆزلىرىنى ئىمكان بار ئەينى دەۋر تىلىدىن ئېلىش كېرەك. ئەدەبىيات يەنە تىل سەنئىتى ، ئاپتور تارىخىي ۋەقەلەرگە ئاتالغان ئەدەبىي ئەسىرىدە، كۆپرەك چىنلىققا ئېتىبار بېرىشى زۆرۈر . مەن «سادىر پالۋان»، «شاۋقۇن»، «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» قاتارلىق رومانلارنى ئۇتۇق قازىنالمىغان ئەسەر سۈپىتىدە تونۇيمەن . شۇڭا ئەدەبىيلەشتۈرۈلگەن تارىخىي ئەسەرلەردە، ۋەقەلىك چىنلىق ئاساسىغا قۇرۇلغاندىن باشقا ، تىل ئارقىلىق قانات چىقىرىلىشى كېرەك ، تىلنىڭ دەۋرىيلىك ئالاھىدىلىكىدىن مۇۋاپىق تۈردە پايدىلىنىش لازىم . تارىخىي رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كلاسسىك ئەسەرلەردىن تىل ۋە مەجازىي ۋاسىتىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە مەڭگۈ تاشلار ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ، «قۇتادغۇبىلىك» ، «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلىكى» ، «مۇسۇلمانلار مەھكىمىسى سۆزلىكى»، «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» ، «بەش تىللىق مانجۇچە  لۇغەت» ... قاتارلىق تىل كىتابلىرىدىن تىل ئۆگىنىپ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ . مەڭگۈ تاشلار ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ، «قۇتادغۇبىلىك» ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»، «ئەدەب ئەس سالىھىن» ، «ماقالات»، «مەسنەۋى خەراباتى»، «ئەخلاقۇل مۇھسىنىن» ، «سىددىقنامە» ، «نەسىھەتى ئاممە»، «كىتابى ئابدۇللاھ»...گە ئوخشاش دىداكتىك ئەسەرلەردىن  شۇ دەۋر يوسۇنلىرى ، ئەدەبلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە دەۋر تارىخى ۋە كۈلتۈرى (مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن يېقىندىن تونۇشۇشى لازىم . يازماقچى بولغان دەۋرنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ياخشى تونۇشقاندىلا ئاندىن ياخشى ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ ، دېگەن قاراشتىمەن.
   
          15. ھازىرقى كۈندە ئىلمىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇش بەكلا تەسلىشىپ كەتتى، «كروراننىڭ سىرى» دېگەن ئەسىرىڭىزنىڭ نەشىر قىلىنىش جەريانىنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
«كروراننىڭ سىرى» ناملىق كىتابىمنىڭ نامى ئەسلىدە «كروران ئېلىدە ئىجتىمائىي ھايات» ئىدى ، كىتابخانلارنى قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۆزگەرتىلگەن . كىتابنىڭ يېزىشقا باشلايدىغاندا كۆپ ئىدىيىۋى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنمەن . شۇ ۋاقىتتىن ئېيتقاندا نەشىر قىلىنماسلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى ، كلاسسىكلارنى (جۈملىدىن مەھمۇد كاشغەرىينى) ئويلىدىم ، ئۇلار قەلەم ھەققى ئالماي ، ئەسەرلىرىنى جاپا چېكىپ كۆچۈرۈپ ھەقسىز تارقاتقان. مەن كومپىيوتېردا يېزىپ بىر بۇيرۇق بىلەن بېسىپ چىقىراتتىم ، شۇڭا يۇرتۇمدا قەلەم تۇتۇپ ئەسەر يازالايدىغانلارنى بارمىقىمنى پۈكۈپ ساناپ چىقتىم ، يېقىنقى 20 ~ 30 يىلدا مەنچىلىك يېزىپ چىقالايدىغان بېرەيلەننىڭ بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ، يۇرتۇم ئالدىدىكى قەرزىم ، پەرزىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كىتاب دۆۋىسىگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپ ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ھەرپلەرنى بىر بىرلەپ بېسىشقا باشلىدىم . كىتاب پۈتكەندىن كېيىن مەرھۇم ئاكا بۇرادىرىم سۇلايمان ئابدۇرەھىمغا ، ئابلىمىت ئاقيولى ۋە باشقىلارغا پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى بەردىم . بەزىلەر پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشتىمۇ قانۇن ئورگانلىرىغا كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىشتى ، ئەمما مەن ئەسەردە قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇنداق پىكىرلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلدىم . ناھىيە رەھبەرلىرىنى ۋە چاقىلىقتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇقىرى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان رەھبەرلەرنى ئىزدىگەن بولساممۇ مەبلەغ ياردىمىدىن ئۈمىد بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەشىر قىلغۇچى ئىزدىدىم ، بۇ جەرياندا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرمۇ ئالاقىلەشتى ، ئېرىشكەن جاۋابىمىز «ئىلمىي ئەسەركەن ، ھەجىمى چوڭ ئىكەن ، كىچىككىنە چاقىلىقنىڭ تارىخىغا قىزىقىپ ئالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ» ، دېگەندىن ئىبارەت بولدى . ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تارىخىمىزغا ئائىت كىتابلارنى نەشىرگە تەييارلاپ چىقىرىۋاتقان ئاتاقلىق ئوبزورچى ، مائارىپشۇناس يالقۇن روزىغا تېلېفون قىلىپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى . كۆرۈپ باقاي ، دېگەن جاۋابىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىبەرتىپ بەردىم . شۇنداق قىلىپ ، 2 ~ 3 يىللىق تىرىشچانلىقى بىلەن كىتاب نەشردىن چىقتى، بۇ جەرياندا  مۇھەررىرى زۈلەيخا ئەزىز ھەم كۆپ رىيازەت چەكتى. كىتاب تارقىتىلغاندىن كېيىن ئالەمچە خۇشھال بولدۇم . كىتابنى نەشىر قىلىشتا زىيان تارتىشتىن قورقماي مەردانىلىك كۆرسەتكەن يالقۇن روزىغا ، كىتابنى تارقىتىشتا ياردەمدە بولغان ئەخمەتجان ئېزىز ، تۇرسۇن مامۇت ، ئەنۋەر ھوشۇر، قۇربان قاسىم ، تۇرسۇن مەھمۇد ، ئىلھام مۇھەممەد ، تۇرسۇن ئابدۇرەھىم، يۇنۇس ھاجى قاتارلىق دوستلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

          16.يېڭىدىن يازغان، نەشىرگە تەييارلىغان قانداق ئەمگەكلىرىڭىز بار؟
ھازىرچە تىلغا ئالسام «لوپنۇر ۋادىسىنىڭ سىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابىمنى پۈتتۈرۈپ نەشرگە يوللىدىم. بۇ كىتابنىڭ 1- تومىدا («يۇرتۇم شەجەرىسى:قاراشەھەر ئويمانلىقىدىن لوپ كۆلىگىچە») قاراشەھەر ، كورلا رايونىنىڭ تەخمىنەن 2000 يىللىق تارىخى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى . ئىككىنچى تومى «يۇرتۇم ناملىرى ۋە مەدەنىيىتىگە شەرھىي» دېگەن نامدا بولۇپ قاراشەھەر، كورلا ، چەرچەن ، چاقىلىق ، لوپ ، تارىم ، تەكلىماكان قاتارلىق چوڭراق ناملىرى ۋە كىچىكرەك يەر ناملىرىدىن 80 دەك يەر نامىغا شەرھىي يېزىلدى . مۇشۇ نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر قوشۇمچە قىلىندى . تەلەپ ، تەكلىپلەرگە ئاساسەن «كروراننىڭ سىرى» ناملىق كىتابىمنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈپ (ئەينى تارىخىي دەۋردە كرورانغا تەۋە بولغان سارمادان، ۋە نىران بەگلىكلىرىنىڭ تارىخىنىمۇ كىرگۈزۈپ)  يېزىپ قويۇش نىيىتىم بار ، بىر قانچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۇ پىلانىمنى ئورۇنلىشىم مۇمكىن. تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا ياشىغان لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ، تارىخى ۋە كۈلتۈرىگە ئاتالغان «تارىمنىڭ سىرى» ناملىق كىتابىمنى ھەم پۈتتۈردۈم ، ئومۇمەن ۋاقتىمنى بىكار ئۆتكۈزمەي تىرىشماقتىمەن.
      
          17. تارىخ تەتقىقاتى جەريانىدا  ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار سەۋەبىدىن  كىملەر بىلەن قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە  بەس مۇنازىرە قىلىشتىڭىز، نەتىجىسى قانداق بولدى؟
   ئۇيغۇرلار ئارسىدا تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز بولغانلىقتىن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بەس مۇنازىرىلەر بولمايدۇ ، شۇ سەۋەبلىك مەنمۇ بىرەر تېمىدا ئوخشاشمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلىپ مۇنازىرە قىلىپ باقمىدىم . ئەلۋەتتە ، باشقىلار يېزىپ چىققان تېمىلاردا بولۇپمۇ يەر ناملىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ماقالە يازدىم ، لېكىن بەس مۇنازىرىلەر بولغىنى يوق .
      
          18 سىز تارىخ تەتقىقاتىغا كىرىشكىلى 20 يىل بولۇپ قاپتۇ، مۇشۇ جەرياندا سىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنشىلىرىڭىزگە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىلھام، مەدەت بەرگەن ئىلىم ساھىبلىرىدىن كىملەر بار؟
      ماڭا خېلى كۆپ كىشىلەر ياردەمدە بولدى ، بۇلاردىن يالقۇن روزىنىڭ مەردانە ياردىمىنى ، پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرنىڭ سەمىمىي  ياردەملىرىنى ، ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىن ئەخمەت ھىمىت ئەپەندىنىڭ شەخسىيەتسىز پەزىلىتىنى ھەر دائىم ئەسلەيمەن.  ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ، مەنىۋى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ كەلگەن، لېكىن نام شەرىپى تىلغا ئېلىنمىغان  قېرىنداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
     
          19. تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىگە قەدەم قويغانلىقىڭىزدىن پۇشايمان قىلغان چاغلىرىڭزمۇ بولغانمۇ؟
ھازىرغىچە پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئالدىن ئويلاشقان ئىدىم . مەسىلەن ، قەلەم ھەققىنىڭ سېتىۋالىدىغان ماتېرىيالغا دال بولمايدىغانلىقى ، بۇ ئىشنىڭ ھالاۋىتىدىن كۆرە مۇشەققىتىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش ، شۇڭا ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنمىسا  مەيۈسلىنىپ كەتمەيمەن ، ئاساسلىقى ماقالىلەرگە بەت ھەققى ئالمىسا دېگەن ئۈمىدتىمەن . چۈنكى ، ھەر قانچە كۆپ ماقالە ئېلان قىلساممۇ ئۇنۋان بېرىلمەيدۇ ، ماقالىلىرىمگە ئۈستەك بېرىپ ئېلان قىلىشنى خالىمايمەن.

         20. سىز ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈم، نۇقتىنەزەرلەر  ئىنكار قىلىۋېتىلگەن ئەھۋالمۇ بولغانمۇ؟
ئۆزۈمنىڭ خاتا بايانلىرىمنى ئۆزۈم ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتىمەن . مەسىلەن : 1992 – يىلى كۆنچى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغىدىكى نۇر چېچىۋاتقان قۇياشنىڭ شەكلى چىقىرىلغان قەبرىلەرگە قاراپ ، كۈنگە ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئولتۇراقلاشقان بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتالغان دەپ ئېلان قىلغان ئىدىم ، كېيىن مۇشۇ خىل قاراش «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»دىمۇ ئېلان قىلىندى . «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 2 – سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇنى ئىنكار قىلدىم ۋە 18 – ئەسىرلەردە دەريا بويىدا كۆنچىلەر ئولتۇراقلاشقانلىقتىن «كۆنچى» دەپ ئاتالغان ، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردۈم . 1992 – يىلى بولسا كېرەك ، كورلا نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «گۈزەل ، چىرايلىق» مەنىسىدىكى كۆرتلە سۈپىتىدىن ت تاۋۇشى چۈشۈپ كۆرلە ~ كۆرلا بولغان، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم . كېيىن تارىخشۇناس ، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاكا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «كۆركلە» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى . كېيىن ئويلانسام «كۆرتلە» سۆزلىمىدىن ت تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ كۆرلە ~ كورلا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى تونۇپ يەتتىم ، ئەمما ئابسىتىراكىت ئۇقۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ، كورلا نامىنىڭ بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى يوق، دەپ قارىدىم . 2005 – يىلى «كروران » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «كورلا نامى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالەمدە  بارلىق قاراش ، پاكىت ۋە مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساممۇ ، يەشمە بېرىشكە پاكىت يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ، يەكۈن چىقارمىدىم . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى «بايىنغولىن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سانى قانچە؟» ناملىق ماقالەمدىكى كۆز قاراشلارنى قوللىغانلارمۇ ، قارشى چىققانلارمۇ بولدى . شۇ يىللاردا يۇقىرىقى گېزىتتە ئېلان قىلىنغان «تاھىر – زوھرە داستانى ھەققىدە» دېگەن ماقالەم ھەققىدە ئەينى چاغدا خېلى مۇنازىرىلەر بولغان بولسىمۇ مەتبۈئاتتا پىكىر بايان قىلىدىغانلار بولمىدى . مەن ئوتتۇرىغا قويغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئېغىز بايانلىرى بولغان بولسىمۇ پاكىت كۆرسىتىپ ، قاراشلىرىمنى ئاغدۇرىدىغانلار كۆرۈلمىدى . ئەلۋەتتە ، بەزى مەسىلەردە ئۆزگىچە قاراشتىكىلەرنىڭ بولىدىغانلىقى تەبىئىي ، لېكىن مەتبۈئاتتا ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن كوچا پاراڭلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىش مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارايمەن.      

        24. بالىلىق ۋاقىتلىرىڭىزدىكى قىزىقىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا ئالاھىدە بىرەر قىزىقىشىم يوق ئىدى ، پەقەت دارىلمۈئەللىمىننى ئوقۇپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، ئەمما تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تېخنىكومغا ئىمتىھان بېرىپ ، پوچتا – تېلېگراف مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىستەك بىلەن خوشلاشتىم . كىچىك ۋاقىتلاردا يازغۇچى ، شائىر ياكى تارىخچى ياكى ئالىم بولىمەن دەيدىغان ئارزۇ غايىلىرىممۇ يوق ئىدى . كىچىك چاغلاردا كىتاب ئوقۇشقا قىزىقساممۇ ئائىلىمىزدە كىتاب  يوق ئىدى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە تەسىرى بولسا كېرەك ، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم.

        25. كىتاب ئادەمنىڭ غايە، نىشانلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش يولىنىڭ بەلگىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. سىزنىڭ  تۇرمۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىڭىزغا، ھايات يۆنىلىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتكەن  كىتاب بولغانمۇ؟
       ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بىر كىتاب بار ، ئۇ بولسىمۇ مەرھۇم ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» رومانىدۇر. مەن گەرچە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بولساممۇ جەمئىيەت ۋە تارىخىتىن قىلچە ساۋاتىم يوق ئىدى. باشلانغۇچتا ئۇقۇغان كىتابلىرىمىز جاڭ بوۋاي ، ۋاڭ بوۋاي بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى . تولۇقسىزنىڭ دەرسلىك كىتابىمىزدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ياشلىق ئۆگەن» ، ئا . ت . ئۆتكۈرنىڭ «باشئەگىم» ، «قاشتېشىغا مەدھىيە» ؛ ئەخمەت ئىمىننىڭ «قەلب تەمەچلىرى»، دائۇدىتنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ... دېگەن ئەسەرلىرى مېنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان ئىدى ، ئەمما ئەسەرلەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرىنىشى ، ئاپتورى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتتىم . جاھان ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىدى ، دەپ چۈشىنەتتىم . بىر كۈنىسى تاغام رىجەپ توختى(ئوقۇتقۇچى ئىدى)دىن «قاينام ئۆركىشى» رومانىنى ئەكىلىپ ئوقۇپ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم ھەمدە تارىخ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .شۇندىن بۇرۇنمۇ ، كېيىنمۇ ئىشقىلىپ ساۋاقدىشىمدىن (ئاتىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى) «ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى»نى ئارىيەتكە ئېلىپ ئۇقۇپ چاقناپ تۇرغان ئەقىل دۇردانىلىرىدىن ھەيرەتتە قالغان ئىدىم . «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»نى ئارىيەتكە ئېلىپ كۆرۈپ «نۇزۇگۇم»،«چىن تۆمۈر باتۇر»،«سىيىت نوچى» ۋە «ئابدۇراھمان خانپاشا»  داستانلىرى ئەقلىمنى لال قىلغان ئىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقى كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى دەسلەپ ئوقۇغان ئىدىم ، بۇلارنى ئەقىل ئاتا قىلغان كىتابلار سۈپىتىدە تونۇيمەن.
(سۆھبەتنىڭ داۋامى كېيىنكى ساندا)
كروران يۇرنىلى 2010 - يىلى 2 – سان
مەنبە:http://blog.sina.com.cn/s/blog_66eaba810100kbm8.html  

ئەلنەپەس تورى سىزنى قارشى ئالى

1

تېما

0

دوست

241

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29926
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 20:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە توختىماي تىرىشقانلارغا مەنسۇب  غالىپ ئاكىمىزنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ

توختاپ قالماسلىقىنى تارىخىمىزنى تېخىمۇ توغرا يۇرۇتۇپ بېرىشىنى تىننىڭ سالامەت

بۇلۇشىنى تىلەيمەن ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

2965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 20:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غالىپ بارات تارىخ كەسپىدە ئوقۇمىغان بىلەن تارىختا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانلاردىن قېلىشماي ھەم ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ يېزىۋاتقان تارىخچىلىرىمىزنىڭ بىرى.
نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەمگەكلەرنى قىلدى. ئىشلىرىغا ئۇتۇق تۇرمۇشىغا خۇشاللىق يار بولغاي.

0

تېما

1

دوست

368

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29864
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 13:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىجدىمائي پەن ساھەسىدە غالىب ئاكىمىزدەك كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.چۈنكى بۇ ساھەدە بىزنى كۈتۈپ تۇرغان سوئاللار بەك كۆپ.بەك كۆپ.

8

تېما

2

دوست

2380

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8497
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 455
تۆھپە : 407
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 23:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غالىپ بارات ئەرك ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە ، شۇنداقلا ئۆمرىگە بەرىكەت تىلەيمەن .  مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىخلاسمەن سادىق ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى . مۇشۇنداق بىر تارىخشۇناس ئوغلانىمىز بىلەن بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن .

6

تېما

0

دوست

1147

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 235
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 16:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى بىرسىنىڭ ھەرقانداق كىتابنى ساتىمەن دىگەن بىر تىمىسنى كۆرگەن لىكىن بۈگۈن تاپالمىدىم بىلدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن ، لازىملىق كىتاپتىن  بىر نەچچە پارچىنى ھېچيەردىن  تاپالمىدىم ؟چ چ281092595

3

تېما

3

دوست

1457

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11132
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 19:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە قايسى كىتاپلار لازىم ؟ دىيىشىپ باقايلى ،قۇشۇۋېلىڭ 92802125  چ چ

0

تېما

0

دوست

697

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25471
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 02:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن2004-يىللىرى«كىروراننىڭ سىرى»نى بىر نەچچە رەت ئوقۇپ بىزدىن مۇشۇنداق ئىلمى ئەسەر چىققانلىغىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەن پەخرى ھىس قىلغان ئىدىم.غالىپ بارات ئەرك دىگەن ئىسىم شۇندىن بۇيان قەلبىمدىكى تارىخچى ئالىملار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.ئەدەبى ئەسەرلەرنى بالا ۋاقىتلىرىمدا بەك ئوقۇيتتۇم ،كىيىنچە تارىخ-كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بەكلا ئوقۇغۇم كىلىدىغان بوپقالغان،يۇقىرىقى كىتاپنىمۇ ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم ،ۋاقتىم چىقسا يەنە ھەزىم قىلغۇدەك ئوقۇش خىيالىم بار .يۇقىرقى ئىككى كىتاپ نەشىردىن چىققۇچە تەقەززالىىق ئىچىدە كۈتىدىغان بولدۇم-دەم،.،،.،.،.،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )