قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4913|ئىنكاس: 48

داۋىد كامىروننىڭ 2014-يىللىدىكى رامىزانلىق تەبرىكنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5143
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 121
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 18:59:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەنگىليە باش مىنىستىرى داۋىد كامىروننىڭ 2014-يىللىدىكى رامىزانلىق تەبرىكنامىسى.

ئايشەمگۇل نۇرەمەت تەرجىمىسى


    مەن بۇ يىلقى رامىزاننى كۈتۈۋاتقان ھەر بىرىڭلارغا چىن كۈڭلۈمدىن ئالى تىلەكلەر تىلەيمەن. رامىزان ئىيى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك كۈنلەردۈر. بۇ ئاي مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈچۈن ئۆشرە-زاكات بىرىدىغان، ھاياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلىنىدىغان، ۋە قىرىنداشلىقنى چىڭىتىدىغان ۋاقىتتۇر. بىرىنجى قىلىپ ئۆشرە-زاكات بىرىشكە كەلسەك، بۇ ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى. بىرتانىيىدە، مۇسۇلمانلار ھەر سەۋەپ بىلەن يىغىلدىغان ئىئانىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ھەر قانداق بىر دىنىي-ئىتىقادقا تەۋە ئاممىدىن كۆپ ئۆشرې-زاكات، سىلە- رېھىم قىلىدۇ. (ئەسكەرتىش، ئەنگىلىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئاران 3-4 % نى، خىرىستىيانلار 50-55%، قالغىنى دىنسىزلار ۋە باشقا دىندىكىلەر ئىگەللەيدىكەن. 2011.يىللىق سىتاتىستىكىدىن ئىلىندى)
    بىز مۇسۇلمانلاردىكى بۇنداق ئۆزىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىشتەك ئىسىل روھنى مەسجىدلەر تەرپىدىن ھەر يىلى مۇسۇلمان بالىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆپ خىل تەنتەربىيە پالىيەتلىرىدىن، ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رامىزان كۇنلىرىدە، شۇنداقلا قىشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشلەرگە ياردەم قوللىرىنى سۇنغىنىدىن كۆرەلەيمىز.
    رامىزان، ئادەملەردىكى روھىي تەرەپ ئۈستۈنلۈككە ئىرىشكەن ۋاقىت بولۇپ، مەن ھەر يىلى مۇشۇ ئايلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ  مىلىيون فونىد-سىتىرلىڭلىق ئىئانا ياكى زاكات پۇللىرىنى ئۆزلىرىدىن يوقسۇللارغا بىرىدىغىننى ئاڭلىغاندا قەۋەت خوشال بوپ كىتىمەن. بۇ پۇللارنى بىرتانىيىلىك مۇسۇلمانلار دۆلتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھتاجلارغا ئۆزلىكىدىن بىرەلەيدۇ.
    رامىزان، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى كۈزۈتۈش، روزا تۈتۈش ۋە ناماز ئوقۇشتىن باشقا، ئۆزىدىن باشقىلار ئۈچۈنمۈ ئويلىشىدىغان بىر خاسىيەتلىك مەزگىلدۇر. بۇ قىتىملىق رامىزاندا، مەن خەلقىمىزدىن بىزنىڭ ئورتاق تارىخىمىزدىكى مۇنداق بىر ئىنتايىن مۇھىم ھەقىقەتنى ئەسلەپ ئۆتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ بۈگۈنكى ھۆرلىكىمىز ئۈچۈن 1ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىرتانىيىدىكى باشقىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، قەھرىمانلارچە ھايات-ماماتلىق جەڭلەرگە قاتناشقان پەخىرلىك ئەزىمەتلىرىمىز. كۆزنى-يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ 100 يىللىق خاتىرە كۈنلەرمۇ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىچىدە مىليونلارچە ھىندىستانلىق ئەرلەر ۋە يىگىتللەردىن تەشكىللەنگەن ئەسكەرلەر بار بولۇپ، شۇلار ئىچىدە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارمۇ بار ئىدى. ھۆرلۈك سۆيەر شۇ مەردانە ئەزىمەتلەر دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن كىلىپ، بىزنىڭ قۇشۇنىمىز بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىشى بەدىلىگە بىز بۈگۈنكىدەك ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتىمىز!
    شۇڭا بۇ رامىزان ئىيىدا، ۋە شۇ ھۆرلۈك كۆرشىنىڭ 100 يىللىق ھارپىسىدا، بىز ئاشۇ مەردانە قىرىنداشلىرىمىزنى، ۋە ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ئەسلەيمىز، ئەلۋەتتە!
    مەن دىمەكچى بولغان 3 ـ بىر نۇقتا، رامىزان ئۆز-ئارا قىرىنداشلىقنى كۈچەيتىدىغان بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ، ھىچقانداق نەرسە بۇ مىھىرنى ئاشۇ بىللە ئولتۇرۇپ قىلدىغان ئىپتاردىن بەكرەك كۈچەيتەلمەيدۇ.
   ئۆتكەن يىلى، مەن دۆلتىمىزنىڭ ھەممە يەرىدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ مەھەللە كومتىتلىرىدا، مەسجىدلەردە، باغچىلاردا، ھەتتا چىدىرلاردا بىللە ئىپتار قىلغىنىدىن خوشال بولدۇم. بۇ يىلدىمۇ، ھۆكۈمىتىمىز بۇنداق چوڭ ئىپتارلىق پائالىيەتلەر ۋە يىغىلىشلارنى قوللايدىغان پىروگىراممىلىرىمىز بار بولۇپ، لەئەدس تىن لۇتون غىچە، ماچەستەرلارغىچە بىرىپ، ئوخشىمىغان دىنىي-ئىتىقادتتىكى خەلىقلەرنىڭ بىللە يىغىلىشىنى، خوشنا-خۇلۇملارنىڭ ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشىنى قوللايمىز.
   ئەڭ ئاخىرىدا، مەيلى سىلەر قەيەردە بولۇڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى خوشال-خورام ئۆتكۇزۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، ۋە يەنە بىر قىتىم سىلەرگە <رامىزان مۇبارەك> دىگەن سالىمىمنى يوللايمەن!
**********************************************************************
ئەقەللى پىرىنسىپ: ئوخشاش ۋە ياكى ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى ئارسىدا ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت، ۋە ئىشەنىچ تۇرغۇزۇلمايدىكەن، خاتىرجەملىكنى تۆمۈر قالقانلار بىلەن قۇرۇپ چىقىمەن دىيىش بىھۇدە ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە بولمىسا كىرەك.

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29966
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 00:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALMEQI يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 00:25
ما بىزنىڭ رەئىسلەر مۇشۇنداق سۆزنى دىسە كۈن قايسى تەرەپ ...

كۈن شەرىقتىن چىقىۋېرىدۇ،گەپ ئېغىزدىن.
ھېلىمۇ بىز ئاڭلىغان گەپلەر ئازمۇ بىراق شۇ كۆرمەيۋاتىمىزدە پايدىسىنى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

333

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 00:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئەنگىليە باش مىنىستىرى داۋىد كامىروننىڭ 2014-يىللىدىكى رامىزانلىق تەبرىكنامىسى

0

تېما

0

دوست

276

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28024
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 10:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئېغىز رامزان مۇبارەك دىگەن سۆزىنىڭ تىگگە قانداق ‹‹ئارزۇ-ئارمان››لار يۇشۇرۇنغان بىر كامىرون ئۆزى بىلىدۇ...........

1

تېما

1

دوست

693

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27291
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 10:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sayyara2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-29 10:39  

http://www.tudou.com/programs/view/mvCFpzMuxzc/

0

تېما

6

دوست

2903

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 898
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 13:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KOBEjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-30 22:28  

نىمىلا دىگەن بىلەن دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەتنىڭ رەھبىرىدە. مۇسۇلمانلار بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك تۇرۇپمۇ يەنە رامىزاننى مۇبارەكلەپتۇ مانا. سېلىشتۇرساق دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئەنگىلىيەدىكىن نەچچە ھەسسە كۆپ. يەنە كىلىپ مۇسۇلمانلارمۇ جوڭگوغا بەك ئامراق. لېكىن...........

2

تېما

0

دوست

7158

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1678
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 13:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىرىس قىلىپ تۇرغان يولۋاستىن ھىجىيىپ تۇرغان تۈلكە يامان.

0

تېما

0

دوست

601

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27794
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 13:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 13:21
خىرىس قىلىپ تۇرغان يولۋاستىن ھىجىيىپ تۇرغان تۈلكە يام ...

ماۋۇ گەپ ئورۇنلۇق بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )