- تىزىملاتقان
- 2011-7-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6536
- نادىر
- 0
- يازما
- 292
ئۆسۈش
30.72%
|
لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ (قاتتىق ئاگاھلاندۇرش بىرىلدى ،ئەگەر سىناپ بىرەر مەسىلە چىقسا مەن ئىگە ئەمەس )
بىر كۈنى مەن بىر قەشقەرلىك بىر دوستۇم بىلەن ئۆيدە تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم ،ئۇ ماڭا ئالى مەكتەپ دەرسلىك كىتاپىدا لامپۇچكىنى ئاغزىغا سالسا كەپلىشىپ قىلىپ قانداق قىلسىمۇ چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى توغۇرلۇق مەزموننىڭ بارلىقىنى قەتئىي قىلىپ سۆزلەپ بەردى . لېكىن مەن :«لامپۇچكىنىڭ سىرتقى قىسىمى شۇنداق سىللىق تۇرسا ئېغىزغا سالغاندىكىن شۇنچە چوڭ بوشلۇقتا ئەلۋەتتە چىقارغىلى بولىىدۇ -دە ،نەزىرىيەدىمۇ شۇنداق بۇلۇشى كېرەك »دەپ گۇمان قىلدىم .لىكىن قەشقەلىك ئاغىنەم :«كىتاپتا شۇنداق يىزىلغاندىكىن چوقۇم توغرا »دەپ تۇرۋالدى.
- مەن ئۇنىڭ بىرنەرسىنى چوڭقۇر چۈشەنمەيدىغان پوزىتسىيىسىدىن قاتتىق غەزەبلىنىپ ئۇنى« دۆت »دەپ تىللىدىم ،ئۇ مىنى «سەن كىتاپ كۆرمەيسەن »دەپ ئۆز ئارا ۋاقىرىشىپ كەتتۇق .
شۇ قورساق كۆپىكىدە ئۆيگە كىلىپ ئادەتتكى بىر لامپۇچكىنى ئىلىپ كارۋاتتا ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئۆزەمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ گۇينىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن پەن تېخنىكىغا ئاساسلىنىپ -------- دادىل ھالدا پەرەز قىلىپ ،ئىنچىكە ھالدا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولدۇم ،ئەلۋەتتە مەنمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ بىر بوتولكا قىچا مىيى سىتىۋالدىم ,ھەممە نەرسە تەخ بولغاندا لامپۇچكىنى ئىككىلەنمەستىنلا ئاغزىمغا سالدىم ، سىلىشىمغىلا ئاغزىمغا سىللىقلا كىرىپ كەتتى ،مىدىرلىتىشمۇ ئاسان ئىدى ،مۇشۇنداق بولسا ئىلىپ چىقىشتا چاتاق يوق .
ئىچىمدە :«قاپاقباش مىنىڭ ئەقىل پاراسىتىم بىلەن جۇرئەتلىكىمنى كۆرۈپ قوي !ساڭا ئوخشاش كىتاپپەرەس ئەمەس .دەپ ئويلىدىمدە ئىچىمدە كۈلۈپ كەتتىم ,ھا ھا ھا ھا ھا !!!!!!!
شۇنىڭ بىلەن مەن لامپۇچكىنى ئاستا تارتتىم ،........ ياخشى ،سەل كۈچەپرەك تارتتىم ..........o.k ،مەن ئاغزىمنى يەنە يوغانراق ئاچتىم ،قورقما ،مەن يەنە ئاغزىمنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ يەنە كۈچەپ تارتتىم،(ئېھتىيات بىلەن تارتقاندا لامپۇچكىنىڭ چىقىلىپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى )، كاساپەت ،راستىنلا ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدىغۇ ،ھەنىم بولسا قىچا مىيى بار .
(يىرىم سائەتتىن كىيىن )
مەن 3-4بوتۇلكا قىچا مىيىنى تۆكۈپ بولدۇم ،يىرىمى دىگۇدەك قورسۇقۇمغا كىرىپ كەتتى ،مىدىرلاپمۇ قويمايدا ........... بۇ ۋاقىتتا مەن تېلغۇن بىرىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئويلىدىم .....نۇمۇرنىڭ يىرىمىنى بىسىپ بۇلۇپ :«ئاغزىمدا لامپۇچكا تۇرسا قانداق گەپ قىلىمەن»دىگەننى ئىسىمگە ئالدىم . شۇنىڭ بىلەن خوشنامدىن ياردەم تەلەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم ۋە باغاقچىگە خەت يىزىپ ياشانغان خوشنامنىڭ قىشىغا كىردىم . ئۇنىڭغا قاراپ قۇتقۇزۋىلىڭ دىدىم ۋە قۇلۇمدىكى باغاقچىگە يىزىلغان : ماڭا بىر تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ ،ئۇنىڭغا مىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېتىپ قۇيۇڭ )دىگەن خەتنى كۆرسەتتىم .
ئۇ مەن بەرگەن خەتنى بىر مىنىۇت ئەتىراپىدا كۆرۈپ بۇلۇپ ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .15مىنۇتتىن كىيىن تاكسى كەلدى ، شوپۇر مىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى (ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈلۈپ توختىمىدى). ماشىنىدا ئۇ مەندىن توختىماي :«نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن »دەپ سوراپلا كەتتى ،مەن قانداقمۇ جاۋاب بىرەلەي ؟
ئۇ يەنە تېخى توختىماي مىنىڭ ئاغزىمنىڭ كىچىكلىكىنى،ئەگەر ئۆزىنىڭ بولسا چاتاق يوقلىقىنى دەپ ئولتۇردى ،قارسام ئۇنىڭ ئاغزى شۇنداق چوڭ ئىكەن ،لىكىن مەن ئۇنىڭغا قانداقلا بولمىسۇن ھەرگىز سىناپ سالمىغىن دىگۈم كەلدىم .....لىكىن مەن گەپ قىلالمىسام !
مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە قارسام خۇددى ئاغزىمغا بىر ئالتۇن بىلىق سىلىۋالغاندەكلا .................
- دوختۇرخانىدا شۇنچە ئاغرىق دەستىدىن ئازاپ چىكىۋاتقان بىمارلار مىنى كۆرۈپلا ئاغرىقىنى ھېس قىلمىدى بولغاي ھەممىسى ئوغۇرلۇقچە كۈلىشەتتى . دوختۇر ئاغزىمنىڭ ئىككى تەرىپىگە پاختا تىقىپ ئاندىن لامپۇچكىنى چېقىپ پارچىلىرىنى ئاستا ئىلىپ چىقتى .....
- ئاغزىم شۇنداق ئىشىپ كەتكەن ئىدى ،ئۇ ئاخىرى ماڭا ئەمدى ھەرگىز بۇنداق قىلما ،باشقىلارغىمۇ بۇ تەجىربەڭنى سۆزلەپ ئەسكەرتىپ قوي دىدى ،مەن ئۇنىڭغا ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن دىدىم .دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىۋىتىپ :«دۇنيادا مەندەك ئەخمەقتىن ئىككىنچى بىرسى يوقتۇر »دەپ ئويلىدىم .ئىشىكىنى شۇنداق ئىچىپ تۇرىشىمغا بىرسى كىرىپ كەلدى ،قارسام ھېلىقى شوپۇر ............
ئاغزىدا لامپۇچكا تۇراتتى ...
|
|