«يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىكى رىياسەتچى ئىسراپچىلىقى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار ، سىلەر بىلەن بۇ يەردە مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن . دېسەم – دېمىسەم ماقالەمنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ ، مېنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىر بىلىپ باققۇڭلار كەلدىغۇ ، دەيمەن ؟ باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق ، يەنىلا شۇ ھەممىمىز ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا ئازراق تەكلىپ بەرگۈم كېلىپ قالدى . بۇنىڭ بەلكىم «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەقىقي قىلىشىغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ...
ھەممىمىزگە مەلۇم ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا مانا بىر يىلدىن ئاشتى . تېخى ئۆتكەن ساندا يىللىق چىمپىيونمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سايلىنىپ ، يىللىق چىمپىيون ئابدۇسالام ھۈسەن ماشىنىنىڭ ئاچىقۇچىنى قولىغا ئالدى . ماشىنىنىڭ زادى قانداق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالەمچە خوشال بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدۇق . (چاقچاق ) بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشال بولدۇق –ئەلۋەتتە !
ئۆزگېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى . بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش بىر تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسى ئۈچۈن ئاسان ئەمەس . لېكىن «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى تېخى يېڭى ئېچىلغان پىروگىرامما بولغاچقا ، ئۇنىڭدا يەنىلا بىر قىسىم يېتەرسىزىكلەر ساقلانماقتا . ئۆتكەن قېتىم يازغان «يېڭى ناۋا پىروگىراممىسىغا سەمىمىي تەكلىپ» ناملىق ماقالەمدە «يېڭى ناۋا»پىروگىراممىسىدا ساقلانغان بىر قانچە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسەتكەن ئىدىم . ئۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بىر قىسىمىلىرى ۋاقتىدا تۈزىتىلگەن بولسىمۇ ، يەنە بىرقىسىملىرى ھازىرغىچە يەنىلا ساقلانماقتا . مەسلەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ،«يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىكى ئىجادىيەتچىلەرنى ئەسكەرتمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش . بۇنى چوقۇم ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك !
بۈگۈن بەرمەكچى بولغان «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىكى رىياسەتچى ئىسراپچىلىقى ھەققىدىكى تەكلىپىمنى، شۇ پىروگىراممىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە باش رېژېسسورلىرى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن . ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى ئەڭ دەسلەپ 4 رىياسەتچى بىلەن مەيدانغا كەلگەن . بۇنىڭ بىرسى ھەممىىمزگە تونۇشلۇق بولغان ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2 – قانالنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا، يەنە بىرسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى، خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن داڭىلىق ئېتوت چولپىنى ئابدۇرېھىم راخمان، قالغان ئىككىسى يېتىشىۋاتقان ياش رىياسەتچىلەردىن رامىلە ھۈسەن ۋە تاھىر تۇرسۇن ئىدى . دەسلەپ بۇ تۆت رىياسەتچى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا چىقىپ رىياسەتچىلىك قىلغاندا ، بۇ بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بىلىنىپ، قىزغىن قارشى ئېلىنغانىدى . لېكىن بۇ خىل شەكىل كۆپ ئۆتمەي «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا ماس كەلمىگىلى تۇردى . قارايدىغان بولساقمۇ ، 4 رىياسەتچى سەھنىگە چىققان بىلەن ھەممە گەپنى رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا قىلدى، رامىلە ھۈسەن ھەر ھالدا ئاز-تولا گەپ قىستۇرالىدى، تاھىر تۇرسۇن «توغرا» ، «قېنى مەرھەمەت» ... دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىش بىلەن چەكلەندى . ئەڭ چاتاق بولغىنى ئابدۇرېھىم راخمان بولدى . ئۇنىڭغا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدا پەقەت گەپ قىلىش پۇرسىتى تەگمىدى ، ئۇنىڭغا پەقەت باش لىگىشتىش ۋە كۈلۈپ تۇرۇشتىن باشقا ئىمكان بولمىدى . ئۆزىگە پايدىسىز بولغان بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنى بايقىغان ئابدۇرېھىم راخمان دەرھال كاللىسىنى ئىشلىتىپ، «كىنو ئىشلەش ۋە خىزمەت بىلەن ئالدىراش...» دېگەن چىرايلىق باھانە بىلەن «يېڭى ناۋا» سەھنىسىدىن چېكىندى . بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنىنى يەنىلا ساقلاپ قالماقچى بولدى . ئەگەر يەنە داۋاملىق رىياسەتچلىك قىلىۋەرگەن بولسا، ئابدۇرېھىم راخماننىڭ ئىناۋىتىگە چوقۇم تەسىر يېتەتتى . مەن بۇنى شۇ چاغدىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش دەپ ئويلايمەن ...
شۇنداق قىلىپ «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى 3 رىياسەتچى بىلەن قالدى . گەرچە بىر رىياسەتچى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن 3 رىياسەتچى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا يەنىلا ئارتۇقچىلىق قىلدى . ياش رىياسەتچى تاھىر تۇرسۇنغا گەپ قىلىش پۇرسىتى ئانچە –مۇنچە تەگكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئاساسلىق گەپ يەنىلا رىياسەتچى شەمسىيەئەبەيدۇللانىڭ بولدى . رىياسەتچى رامىلە ھۈسەننىڭ ئېلان سۆزى ئوقۇشتىن باشقا چوڭ رولى بولمىدى . بۇ ھالەتنى مەن دېمىسەممۇ باشقا كۆرۈرمەنلەر چوقۇم ھېس قىلدىغۇ دەيمەن؟ مەن شۇ چاغدا ئەمدى چوقۇم يەنە بىر رىياسەتچى قىسقىرايدىغان بولدى دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئويلىغىنىمنىڭ دەل ئەكسىچە ئىش بولدى . رىياسەتچىلەر ئازايماستىن يەنە بىرسى كۆپەيدى . يەنى غۇلجىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ياش چاقچاقچى روزاخۇن تۇداخۇن «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا رىياسەتچى بولدى . بۇ خەۋەرنى مەن دەسلەپ ئاڭلاپ ئىنتايىن خوش بولدۇم. چۈنكى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىكى رىياسەتچىلەردەيۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئازلاپ كەتكەنىدى . پەقەت تاھىر تۇرسۇننىڭ ئانچە – مۇنچە كېلىپ قالدىغان بىر قىسىم تېتىمىلىق چاقچىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان رىياسەتچىلەرنىڭ سۆزلىرىدە تەبئىيلىككە قارغاندا سۈنئىيلىك كۆپرەك ھۆكۈم سۈرەتتى . مۇشۇنداق ھالەتتە ئەگەر روزاخۇن تۇداخۇن ئۆزىدىكى يۇمۇرىستىك ۋە ھازىر جاۋاپ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىسا ، «يېڭى ناۋا» سەھنىسىدىن ئوت چىكىتىشىدە چاتاق يوق ئىدى . لېكىن قاندىقى قانداق بولدى؟ غۇلجىدىكى مەشرەپ ۋە سورۇنلاردا ھېچكىمگە گەپ بەرمەي ، سورۇندىن قىقاس چىقىرىدىغان روزاخۇن تۇتاخۇننىڭمۇ زۇۋانى تۇتۇلدى . گەپنىڭ ھەممىسىنى يەنىلا رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا قىلدى . كېيىنچە ئېچىلىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە يەنە نەچچە ساننى كۆرگەن بولساقمۇ ، روزاخۇن تۇداخۇندا يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى . بۇ زادى نېمە گەپ ؟ بۇنىڭدا زادى نېمە سەۋەپ بار ؟ ياكى رېژىسسورلار ئاساسلىق گەپنى رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا قىلىدۇ ، قالغان رىياسەتچىلەر «راست دەيسىز»، «توغرا ، توغرا» ، «قېنى مەرھەمەت» دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ بېرىسىلەر دەپ بېكىتكەنمۇ ؟ بۇ مەسىلە كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ! ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا 4 رىياسەتچى ئىشلىتىش پەقەت ھاجەت ئەمەس !
مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم كۆڭۈل ئېچىش ۋە ياكى سەنئەت خاراكتېرىدىكى پىروگىراممىلىرىنى كۆرۈپ باققان بولۇشىڭلار مۇمكىن . ئۇ پىروگىراممىلاردىمۇ ئاساسەن بىر رىياسەتچى ، بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئىككى رىياسەتچى ئىشلىتىلىدۇ . ئالايلۇق «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى دورىغان مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پارلاق يول»پروگراممىسىنىمۇ رىياسەتچىسى بى فۇجيەن ئۆزى يالغۇز رىياسەتچىلىك قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل رىياسەتچىلىك شەكلىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى . يەنە ئالايلۇق، يۇرتىمىزدىن چىققان داڭلىق رىياسەتچى نېغمەتمۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدائۆز يالغۇز بىر قانچە پىروگىراممىنى باشقۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇنداق مىسال كەلتۈرگىلى تۇرساق مىساللارئىنتايىن كۆپ . شۇڭا ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا 4رىياسەتچى قىلىۋىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . مەنچە بولسا بىر رىياسەتچى ، بەك كۆپ بولغاندا ئىككى رىياسەتچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . شۇنداق بولغاندا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدا ساقلىنىۋاتقان رىياسەتچىلىك جەھەتتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
ئىقتىساد جەھەتتىمۇ 4 رىياسەتچىنى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ بېقىشىغا ئاز پۇل كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى بولسىغۇ مەيلى ، لېكىن پۇل خەجلىگەنگە چۇشلۇق پەقەت ئۈنۈمى بولمايۋاتقان گەپ . ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا سەرىپ بولىۋاتقان پۇلنى چوقۇم جايىغائىشلىتىش كېرەك . مەسلەن ، بىر رىياسەتچىگە ئەڭ ئاز دېگەندە 2~ 3 مىڭ يۈەن مۇئاش بەردى دەيلى، 4 رىياسەتچىگە 8000 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگىچە چىقىم كېتىدۇ دېگەن گەپ. ئەگەر بۇ پۇلنى بىرلا رىياسەتچى ئۈچۈن ئىشلەتسە ، شۇ رىياسەتچى مەنچە پىروگىرامما ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلىشى ۋە پىروگىراممىغا تېخىمۇ ياخشى رىياسەتچىلىك قىلىش ئىزدىنىشى مۇمكىن . ئۇ چاغدا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ كۆرۈش نىسپىتى ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قوللاش نىسپىتى تەبئىي ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپىسى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىكى رىياسەتچى ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! لېكىن رىياسەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى كىمنى تاللاپ، كىملەرنى شاللاش بەلىكم ئىنتايىن تەس مەسىلە بولۇشى مۇمكىن . بۇنىڭغا مەنمۇ پالانچىنى رىياسەتچى قىلىش كېرەك دەپ كەسكىن بىر نېمە دېيەلمەيمەن . ئەمما ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك، ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىلار يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسى . بۇنىڭغا يەنىلا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنى ھازىرغا قەدەر قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن ، قېنى ئەمىسە بۇ سىلەرگە قالدى ! ~ ( تامام )
مەنبە : ئۆزۈم