- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 67854
- نادىر
- 7
- يازما
- 3013
ئۆسۈش
0%
|
1.قومۇل چېلىش مەيدانى 300 يىلدىن بۇيان قومۇللۇقلارنىڭ خوشاللىقىىنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ھېيىت بايرام كۆڭۇل ئىېچىشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سورۇنلىرىدىن بىرىسى بولۇپ كىلۋاتقان ئىدى . قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاسىتىدا پىرامىدا شەكىلىك ھوقۇق تۇتقان ئەمەلدار ۋەزىر تۆرىلەر ھەر بىر ھېيىت بايراملاردا ، نورۇز يىل بېىشىدا يەنە شۇنداقلا ئۆز ئائىلسىدىكى توي تۆكۇن سۇننەت قاتارلىق خوشاللىق كۇنلىرىدە بەش شەھەرئون ئىككى تاققا جاكا چىقىرىپ پالۋانلارنى ۋە قومۇل خەلقىنى ياۋاغ كۆرۇكتىكى چېلىش مەيدانىغا چېلىشىشقا ۋە چېلىش كۆرۇشكە چىللايدىكەن ، بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئاغزاكى ۋە يازما ۋەسىقىلەردە كۆرسىتىلىشچە ھەتتا بەزەن يىللىرى ئەڭ قاينىغاندا قومۇلدا 20 نەچچە قېتىم چوڭ تىپتىكى چېلىش سورۇنلىرىنىڭ تۇزۇلگەنلىكى مەلۇم ، قېلىپلىىشىپ قالغان چوڭ چېلىشلار بولسا قۇربان ھېيىت روزى ھېيىت كۇنلىرى ، ئالتۇن كۇز ، ئاندىن نورۇز كۇنلىرى قومۇل ۋاڭ جەمەتىنىڭ ئوردىدىن مەخسۇس راسخوت چىقىرىشى بىلەن خەلققە چوڭ چېلىشلارنى ئۆتكۇزۇپ بىرەتتى . ئۇنىڭدىن باشقا بەش شەھەرئون ئىككى تاغدىكى چوڭ بايلارمۇ مۇھىم خاتىرە كۇنلەردە يەنە شۇ چېلىش مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى چېلىش ئۆتكۇزۇپ بىرەتتى . قومۇل خەلقى 300 يىلدىن بۇيان مانا موشۇ ياۋاغ كۆرۇك چېلىش مەيدانىدا چېلىش كۆرۇپ كىلۋاتقان ئىدى . ياۋاغ كۆرۇك چېلىش مەيدانىنىڭ تارىخى 300 يىلدىنمۇ كۆپ ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن ، قومۇلدىكى چېلىش تارىخىنى نەچچە مىڭ يىل ئالدىغاسۇرگىلى بولسىمۇ ئەمما قومۇل ۋاڭلىرنىڭ چېلىشنى مەخسۇس قېلىپلاشتۇرۇپ مەخسۇس سورۇن بەلگىلىگەن 300 يىلنىلا تىلغا ئالغان بولدۇق .
2. موشۇنداق بىر كاتتا چېلىش مەيدانمىز موللا تولا بولسا ئىشەك ھارام بولغاندەك باشقۇرۇدىغان ئىگىسى توللاپ ئاخىرى خەلق ئېھتىياجىغا كۆز يۇمۇپ قاتناش شېركىتىگە ئىجارىگە بىرۋېتىلدى . نىمە ئۇچۇن 300 يىلدىن بېرى يىلمۇ يىل داۋاملىشىپ كىلۋاتقان موشۇنداق كاتتا تەنتەربىيە مەيدانمىز ھەم پائاليىتىمىز بۇ خىل چۈپەي ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ ؟ قومۇل تەنتەربىيە ئىدارىسى ئون يىگىرمە يىلدىن بۇيان خەلقنىڭ ئۇسلىقىغا تەگگۇدەك چېلىش ئۇيۇشتۇرالمايلا قالماستىن ، بۇرۇندىن داۋملىشىپ كىلۋاتقان تەنتەربىيە پائالىيىتىمىزنى چەكلەپ قويىدۇ ? ئەسلىدە تەنتەربىيە ئىدارىسى ياۋاغ كۆرۇك چېلىش مەيدانىنى تېخىمۇ گۇللەندۇرىشى ھەمدە چېلىش پائاليىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى . ئەمما بۇلارنىڭ چېلىش مەيدانىنى ئىجارىگە بىرىپ كۆشەپ ياتقانلىقىنى قانداقلا ئويلىسام ئىديەمدىن ئۆتكۇزەلمىدىم .
3.مانا ماھى رامزانمۇ يىتىپ كەلدى ، ئاللاھ خالىسا 30 كۇندە ھېيىت بولىدۇ ، ئەمما قومۇلدا چېلىش بولمايدۇ . چېلىش بولمايدىغان ھېيىتنى ئويلىسام قومۇل تەنتەربىيە ئىدارىسغا تېخىمۇ خۇيۇم تۇتۇپ كىتىدۇ . تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى چوڭاملارغا شۇنداق دىگۇم كىلىدۇ ، يا قەدىم ئايەمدىن كىلىۋاتقان چېلىشنى يولغا قويۇپ جانلاندۇرۇڭلار يا بولمىسا چېلىش مەيدانىنى خەلققە ئۆتكۇزۇپ بىرىڭلار ، سىلەر يوق چاغلاردىمۇ قومۇل خەلقى يىلدا نەچچە نۆۋەت چېلىش ئوينايتتى ..................
4. ھازىر ھەممىلا يەردە ئەلىنىڭ رايى خەلقنىڭ ئىھتىياجى تەكىتلىنىۋاتىدۇ ، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىھتىياجلارنى ئالدىرماي داۋالارمىز ، ئەمما مونۇ 300 يىلىدىن بۇيان قېلىپلاشقان سورۇنلاشقان ، ئەل جامائەت يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقۇچە ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغان چېلىش پائاليىتىمىزنى نىمىشقا بۇنداق چۆلدەرىتىپ يوقۇلۇش گىردابىغا بىېرىپ قالىدۇ ،
5.مەن كۆپ جايلارنى ئايلاندىم ، كۆدۇم ، ئەمما بۇنداق نەچچە يۇز يىلدىن بۇيان ئۇدا بىر ئورۇندا يەرلىك خاقانلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىزچىل چېلىش ئۆتكۇزۇپ تۇرىدىغان مەيدانلارنى ئۇچراتمىدىم . بۇنداق ئىسىل خەلق ساغلاملىق پائاليىتىمىزنى ، ساغلام كۆڭۇل ئېچىش سورۇنلىرىمىزنى ئەسلى جۇلاسىنى تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئومۇمى خەلققە ساغلاملىق ۋە كۆڭۇل شاتلىقىغا بىېغىشلاش قومۇل تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ ئويلايمەن . |
|