قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4848|ئىنكاس: 101

زامانىمىزدىكى ‹‹خىزمەتكار›› قىزلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

1126

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26128
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 340
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 16:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
زامانىمىزدىكى ‹‹خىزمەتكار ›› قىزلار
   
  ھازىرقى دەۋىردە خىزمەتكار دېسە ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان،بالا باقىدىغان،خوجايىننى نېمە دېسە بىجاندىللق بىلەن شۇنى قىلىدىغان، چىرايىدىن قويۇق سەھرا پۇرىقى چىقىپ تۇردىغان يېشى ئانچە چوڭ بولمىغان قىزلار ياكى مومايلار كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ.
ئوقۇرمەنلەرگىمۇ  ئېنقكى خىزمەتكارلىق قىلىدىغانلار ئاساسەن دېگۈدەك ئائىلە شارائىتى دېگەندەك ياخشى بولمغانلىقتىن خىزمەتكارلىق قىلىپ ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قاندايدىغانلاردۇر.
    ئەزەلدىن ئاشۇنداق خىزمەتكار قىزلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىساملا ئۇلارغا ھېسداشلىقىم كېلىپ  ئۇلارنىڭ تېخى كېچىك تۇرۇپلا مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇيالماي ‹‹قۇللار›› دەك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىدىن  ئەپسۇسلىنىۋاتاتتىم،كىنولاردىن خىزمەتكار قىزلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تەسىرلىك ۋەقەلەرنى كۆرسەممۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتەتتىم.
    يېقىندا بىر نەچچە خىزمەتكار  قىزلارنىڭ تۇرمۇشىنى  ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىچارە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە  ھېس قىلدىم،دە ئېغىر ئۇھسىنىش ۋە قاتتىق ئېچىنىش ئېچىدە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ مۇنبەردىكى توداشلار بىلەن ئۆز پىكىم ھەققىدە ئورتاقلاشماقچى بولدۇم .
ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۇققانلارنىڭ تونۇشتۇرىشى  بىلەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق بولغان ئىككى ئائىلىگە  بېرىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم .بۇ ئىككى ئائىلە بىر –بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان ئىككى بىنادا بولۇپ ،ماڭا ئىنتايىن قۇلايلىق ئىدى ،تۆت سائەت ئېچدە ئىككلا ئائىلىدىكى بالىغا دەرىس ئۆتۈپ بولۇپ قايتىپ كېتەتتىم.
   يەكشەنبە كۈنلىرنىڭ بىرى ئىدى .مەن سائەت بەشلەر بىلەن  دەرس ئۆتمەكچى بولغان بىرىنجى بالىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم،ئىشك ئىچىلىدى ئالدىمدا قارامتۇل ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن14  ، 15 ياشلار چامىسىدىكى ،سۇلغۇن چىراي بىر قىز ،قاپقارا ھەم يوغان كۆزلىرى بىلەن گۆدەكلەرچە ماڭا قاراپ تۇراتتى،ئۇ ماڭا قاراپ سەل ھودۇقتى بولغاي ئازراق قورۇنغان تەلەپپۇزدا،،-ياخشىمۇ سىز ئاچا،،سىز.. ؟
-ياخشىمۇ ئۇكام مەن دەرس ئۆتكىلى كەلگەن..
-ھە ،مۇئەللىمكەنسىزدە ،كىرىڭ،كىرىڭ،دېدى ئۇ  گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغۇچە،قىزغىن كەيپىيات بىلەن، ئايقىمنى سالغۇچە  ئىشىك يىنىدىكى بىر نەچچە جۈپ ئىسل ماركىدىكى ئاياغلارنىڭ ئارسىدا بويۇن قىسىپ تۇرغان ،قىزىل رەڭلىك،كونىراپ ،چەمىمۇ سەل ئاجىراپ كەتكەن يالغۇز بىر جۈپ ئاياغقا كۆزۈم چۈشتى دە بۇ ئاياغنىڭ دەل ئالدىمدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ  ئۈلگۈردۈم .
-ھە كەلدىڭىزمۇ ،قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
-ھە ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟دېدىم مەن  بۇ ئائلىنىڭ ئائىلە خوجايىنىغا جاۋابەن.
-ئوغلۇم ئىچىدىكى ئۆيدە سىزنى ساقلاۋاتىدۇ ،ئەنە ئاۋۇ ئۆيدە ،ئۇ ئۇدۇلىدىكى ئۆينى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،-قىنى كىرىڭ.
مەن  ھەم چوڭ ھەم ئازادە ،كاتتا بىزەلگەن ئۆيلەرگە زوقلىنىش بىلەن قاراپ،ئۇلارنىڭ ئىقىتسادى ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشىلقىنى ھېس قىلغىنمچە ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
ئىچىدىكى ئۆيدە7،8 ياشلار چامىسىدىكى مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان بالا قەلمىنى چىشلىگىنىچە كىتابقا قاراپ ئولتۇراتتى.شۇنىڭ  بىلەن مەن ئۇنىڭغا دەرىس تەكرار قىلىشنى باشلىۋەتتىم،پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۇنىڭغا ماتىماتكىلىق بىر مەسلىنى چۈشەندۈرۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز ئاڭلانغان يۇقىرى ھەم قوپال ئاۋازدىن چۈچۈپ كەتتىم،قانداق سۈرىتتىڭىز بۇ يەرنى؟ بولماپتۇ!! قايتىدىن پاكىز سۈرتۈڭ!!،
   بۇ ئاۋز ياندىكى ئۆيدىن چىقىۋاتقان ئايال خوجايىننىڭ ئاۋازى ئىدى.خىيالىمغا بىردىنلا تېخى بايىلا ماڭا ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ھىلىقى قىز كەلدى.
- بىزنىڭ ئۆيدىكى خىزمەتكار قىز بەك دۆت بولغاچقا ئاپام داۋاملىق ئۇنىڭغا ئىش قىلشنى ئۆگتىدۇ، كارىڭىز بولمىسۇن ،تەكرار قىلىۋىرەيلى ،يىنمدىكى بالنىڭ  يۇقىرىقى گەپلىرى خىيالمنى بۆلىۋەتتى دە،ئارتۇق گەپ قىلمايلا دەرس چۈشەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم.
ئىككى سائەتلىك دەرىس تەكرارلاش ئاياغلاشتى،مەن سومكامنى كۆتۈرگنىمچە تېشىدىكى ئۆيگە چىقىپلا،ئوڭ تەرەپتىكى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پول سۈرتىۋاتقان ھىلىقى قىزنى كۆردۈم.
-ھە قايتامسىز ؟دەرىسلەر تۈگىگەن ئوخشىمامدۇ؟   
-ھە تۈگىدى .خوش ئەمسە ئالدىراپ چىقىشقا تەمشىلىۋىدىم،تېلىفۇنۇمنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغىنى ئېسىمگە كەلدى –تېلىفۇنۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىمە دېگىنمچە  كەينىمگە يېنىپ،ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ تېلىفۇنۇمنى ئىلىپ چىقىۋىدىم،- ھۇي ،خان،توڭلاتقۇدىكى بىر تىلىم تاۋۇزنى بىردەمدە يەپ بولدىڭىزما؟دېگەن ئاۋاز قۇلقىمغا كىردى.
- ياق مەن يىمىدىم،دېدى قىز ھۇدۇققىنىچە؟
-يالغان گەپ قىلماڭ!!،بىز يوق چاغدا ئۆيدە سىزدىن باشقا كىم بولاتتى؟سىز يىمىسىڭىز كىم يەيدۇ!!
-ئاپا ،مەكتەپتىن كىلىپ،ئۇسساپ كىتىپ،مەن يىگەنتىم ئۇ تاۋۇزنى.
ھە سەن يىگەنمىتىڭ بالام،،،،،ھە بولدى ،ئەمسە كىرىپ ئىشىڭزنى قىلىۋىرىڭ.دېدى ئۇ پوزىزسسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ.
    يۇقىرىقى دىئالۇگلارنى ئاڭلاپ چاندۇرماستىن ئۈنۈمنى چىقارماي بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. دەرىس ئۆتمەكچى بولغان يەنە بىر ئۆيگە قاراپ مېڭىۋاتاتتىم،كاللامدا ھىلىقى كونىراپ ،ئۆڭەپ كەتكەن ئاياغ ،قۇلاق تۈۋىمدە تېخى نەچچە مىنۇت ئالدىدا ئاڭلىغان ئاشۇ دىئالۇگلار،تەكرار-تەكرار ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى.ئېچىمدە ھىلىقى قىزغا شۇنچىلىك ھېسداشلىقىم كەلسىمۇ،ھازىرچە ئۇنىڭغا ھىچقانداق ياردەم قىلالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم راستىنلا بەك يېرىم بولدى.ھەش-پەش دېگۈچە كىرمەكچى بولغان   ئۆينىڭ ئىىشكىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بوپتىمەن.
    ئىشىكتىن كىرىپ يەنە بىر قىتىم ھەيران قالدىم،بۇ قېتىم ماڭا ئىشىك ئىچىپ بەرگىنى11، 12 ياشلار چامىسىدىكى چىرايىدىن سەبىيلىكى چىقىپ تۇردىغان ھىلىقى قىزغا سېلىشتۇرغاندا ئورۇق ،پاكارراق كەلگەن ئوماققىنە بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن ناھايىتى كەمسۆزلۈكى چىقىپ تۇراتتى.مەن بىلەن ئەھۋاللىشىپلا  ئارتۇق گەپمۇ قىلماستىن مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.-توۋا بۇ قورۇدا ھەممە ئۆيدە  خىزمەتكار بارمۇ نېمە؟
بۇ ئۆيدىكلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئالدىنقى قېتىم كىرگەن ئۆيدىكىلەردىن قىلشمۇغىدەك دەرىجىدە ياخشى ئىدى،لىكىن ئائىلە خوجايىننىڭ يېشى ئالدىنقىسىغا سېلىشتۇرغاندا چوڭراق ئىدى .مەن چوڭلار بىلەن بىرەر قۇر سالاملاشقاندىن كىيىن ،يەنىلا تەكرار قىلىدىغان ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچۇم 10،9 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىز ئىدى.بىز تەكرار قىلغۇچە ،،ھىلىقى ئوماق قىز ئىككى ئىستاكان چاينى كۆتۈرۈپ كىرىدى،-رەھمەت ئۇكام دېدىممەن،ئۇنىڭ ئاشۇ سەبىيلەرچە ماڭا تىكلگەن كۆزىگە قاراپ.
-كىم سىزگە ماڭا چاي ئەكىرىڭ دېدى،مېنىڭ دائىم سوغۇق ئىچىملىك ئىچىدىغىمنى بىلسىزغۇ،ئېلىپ چىقىپ كېتىپڭ بولدى.
بىلەتتىم،،شۇ ئاپىڭىز...
-نېمە ئاپامغا دۆڭگەۋاتامسىز تېخى،چىقىپ كېتىڭ بولدى، كىرمەڭ بۇ ئۆيگە!! قورقۇپ تىتىرەپ كەتكەن قىز گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى.
شۇ پەيتتە گەپ قىلاي دېدىميۇ،ئۆزۈمنىڭ گەپ قىلىش سالاھىتىم يوقلۇقى ھەم بۇ ئۆيگە تۇنجى قېتىم كىرگەنلىكىم ئۈچۈن ھىچنىمە دىيەلمىدىم.
ئويلىماپتىمەن بۇ قىز دەرىستە خىلىلا ئاجىز ئىكەن ئەمەسمۇ،،بىر مەزمۇننى قايتا –قايتا چۈشەندۈرۈپ ھارمايتىم،بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭ ئاپسى كىردى دە،تەكەللۇپ بىلەن،
-خىزمتىمىز ئالدىراش بولغاچقا قىزىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىدۇق،ياردەم قىلىپ ،بەكرەك كۈچسىڭىز .ئىنتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالسا بەك خۇش بولاتتۇق.
-خاتىرجەم بولۇڭ،كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن.دېدىم مەن مىيققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ .سەل چارچاپ قالغان بولساممۇ غەيرەتكە كېلىپ دەرسى تەكرار قىلشنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم .
توۋا شۇنچە چوڭ شەھەردە ياشاۋاتقان مەدەنىيەتلىك ئادەملەر تۇرۇپ،ئۆيدە بىر يات ئادەم ئولتۇرسا ھېيىقماي تۇرۇپ ۋارقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىكەن دېسە،
-قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى نىمانداق كۆپ ئىشلىتىسز؟قاراپ بىقىڭە يۇيغان قاچىلىرىڭىزغا،پاكىزمۇ يۇماپسىز،تاماقنى يەڭ دېسە بولۇشىغا يەيسىز،ئىش قىلىڭ دېسە قولىڭىزدىن پوق كەلمەيدۇ،،كىرىپ ھاجەتخانىنى پاكىز  سۈرتۈپ چىقىڭ.
    ‹‹ئىش قىلىشنى بىلمىسە ئالدىرماي ئۆگەتمەمدۇ،بەرگەن تامىقىنى ئىغزىغا ئېلىپ نېمە قىلىدۇ.››دېگەن خىياللارنى قىلىپ بۆلەكچىلا بولۇپ قالدىم.
تەكرار قىلىش ئاياغلاشتى ،نېمىشقىدۇر بۇ ئۆيدىن تېزراق چىقىپ كەتكۈم كەلدى،،شۇنچە ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئۆيلەرمۇ قانداقتۇر بىر خىل سوغۇق تەسىر بېرەتتى.
ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ھىلىقى ئوماق قىز كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ھاجەتخاننىڭ ئالدىنى سۈرتىۋىتىپتۇ.مەن بۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كىچىك بولسىمۇ ئىللىق  ئۆيۈمگە قاراپ يول ئالدىم.كوچا ئاپتۇزىدا ئولتۇرۇپ ئۆز كۆزۈم بىلەن  كۆرگەن(ئۆيىمىز يېزىدا بولغاچقا بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە خىزمەتكارلارنى  كۆرۈپ باقمىغاتىم)خىزمەتكار قىزلار ھەققىدە ئويغا پېتىپ كېتىپتىمەن،،
    ‹‹ئۇلار ئۇنداق جاپا تارتقۇچە چىقىپلا كەتسە بولمامدۇ ئۇ ئۆيدىن،،باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ ئىشمۇ،،نىمشقا ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇمايدىغاندۇ.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزلىرنى خىزمەتكار بولۇشقا ئەۋەتكۈدەك شۇنچىۋالا نامراتمىدۇ....شۇ خىياللار ئىلكىدە مەن چۈشىدىغان بىكەتكىمۇ كېلىپ قاپتىمەن.
ئاشۇ كۈنى كەچتە سائەت قانچىلەردە ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئىشقىلپ ،ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تۇنجى كۈنىلا ئۆزۈمنى شۇنداق ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.
    بىر كۈن ئۆتتى ،ئەتىسى يەنە يەنە ئىشتىن چۈشۈپ دېيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە مەن دەرىس ئۆتمەكچى بولغان بىرىنجى ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم،،ئۆيگە كىرپلا سەل ئەيمىنىپ قالدىم.ئۆيدە مېھمان بار بولۇپ،سالاملىشىپ قويۇپلا دەرىس تەكرارلايدىغان ئۆيگە كېرىپ كەتتىم.بىردەمدىن كېيىن خوجايىن ئايالنىڭ ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن ھىلىقى قىزنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-قىزىم ! ما ئۆيگە كىرىپ بىر نەرسە يەۋىلىپ ئاندىن قىلىڭ..
-بۇ قىزىمنىچۇ يول كىراسىنى ئەۋەتىپ بېرىپ   خوتەندىن كەلتۈردۇق دەڭلا .،ئىلىڭە ،،ھەممىنى يەڭ،قورسىقڭىز ئاچتى ھەقاچان.....يۇقىرىقى گەپلەر قۇلقىمغا كىرگەندىن كېيىن بىر كۈن ئاۋالقى ئۇ قىزغا ۋارقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلغان ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ ھاڭ-تاڭ قالدىم.ئادەملەر بار يەردە بىر خىل ،ئادەم يوق يەردە بىر خىل،توۋا...زېھنىمنى يېغىپ دەرىس تەكرارلاشقا كىرىىشپ كەتتتىم،،دەرۋەقە ئويلىغىنمدەك چىقتى،مېھمانلار كېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايالنىڭ يەنە ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-قانداق ھاڭۋاقتى قىز بالا سىز،ئاشخاننىڭ  چىرىغىنى ئۆچۈرمەپسىزغۇ،توك پۇلىنى سىز تۆلەمتىڭىز يە!!! ،،،،،،ئىچىمدە پەقەت ‹‹نىمدىگەن ئىككى يۈزلۈمچىلىك بۇ›› دېيەلىدىم،
    ئاڭلىمىغانغا سېلىپ دەرس تەكرارلاشنىمۇ تۈگەتتىم،،ئالدىراشچىلق ئىلكىدە يەنە بىر ئۆيگە كېردىم،،ھېلىقى ئوماق قىز ئېشىك ئالدىدىكى ئاياغلارنى سۈرتىۋاتاتتى.تېلىفۇن سايرىدى،خوجايىن ئايال تېلىفۇننى ئالغىنچە شۇنداق قىزغىن  پاراڭلاشتى،-ۋوي ياخشى ،شۇنداق تېز كۆنۈپ قالدى،خاتىرجەم بولۇڭلار،،،ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قىزىم! تامىقىڭىزنى قويۇپ ماۋۇ تېلىفۇننى ئېلىڭە ،ئاتا-ئانىڭىز تېلىفۇن قىپتۇ ،دەپ قىزنى چاقىردى.كۈلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم يۇ،ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم.ئۇ قىز شۇنچىلىك ئېغىر تەلەپپۇزدا ئاتا-ئانىسى بىلەن پاراڭلاشتى.
   ھەي! مەن نىمىمۇ دېيەلەيتىم،مەن پەقەت بۇ ئۆيگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىغىلى كەلدىم،،ئارتۇق ئىشلارغا ئەڭ ياخشىسى گەپ قىلمىىغم  تۈزۈك،ئادىتىم بويىچە دەرىس تەكرارلاپ قايىتتىم.
   ئىشلار شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ سالمەتلىك ئەھۋالمنىڭ ئۆزگىرىپ قىلىشى بىلەن تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دەرس ئۆتۈشتىن توختىدىم.بۇ خەريانغىچە ئاشۇ قىزلارنىڭ نەچچە قېتىم يغىلاپ، نەچچە قېتىم تىل ئاڭلىغىننى ساناپ بېرەلمەيمەن.ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دەپ كەلسەم گەپ جىق... ھەممىنى دەپ يۈرمىسەممۇ كىشنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.
    ئاشۇ بىچارە قىزلار كىچككىنە تۇرۇپ مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرسە ئاتا-ئانىسى بار تۇرۇپ باشقلارنىڭ خارلىشىغا بەرداشلىق بېرىپ ،ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىسە ،ئازغىنا پۇلنى دەپ ياشلىق باھارىنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزىۋەتسە بۇنىڭغا زادى ،كىملەر سەۋەپچى؟ئۇلار مۇشۇنداق  خىزمەتكار بولۇپلا كېتىۋەرسە ئاقىۋىتى قانداق بولا؟ئۇلار بىر ئۆمۈر قازان بېشىنڭ قۇلى بولۇپ ئۆتەمۇ؟ قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار  ،مىللەتنىڭ پەخرى ،ئۇلار بىلىم ئىگەللشى ،ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشى كېرەك،،ئەجىبا ئاشۇ قىزلاردا  بىلىم ئالغۇدەك ھوقۇق يوقمۇ ياكى شارائىت يوقمۇ؟ھازىر مائارىپىمىز ھەقسىزلىششكە قاراپ يۈزلىنىپ كەتتى.مۇشۇنداق زاماندا ئاتا-ئانىلار نىمىشقا بالىلىرنى  خىزمەتكار بولۇشقا ئەۋەتىدىغاندۇ؟بۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغۇدەك بىر مۇ ئادەم يوقمىدۇ؟ ھەي !چەت ئەللەردىمۇ شۇ ياشتىكى قىزلار مۇشۇنداق خىزمەتكار بولامدىغاندۇ؟
    بىزنىڭ مىللىتىمز ئىچىدىكى ‹‹ قورساق تويسىلا بولدى›› دەيدىغان قاراش بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەر قاچانمۇ تۈگە؟قاچانمۇ بىر ئويغۇنۇپ،بالىلارنىڭ تەقدىرىگە ھەقىقي كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭىلىققا ،ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە قاراپ قەدەم ئالا؟

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7328
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 19:26:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەنەت تەككۈرلەر، قىزلىرنى بالا باققىلى بەرگەن ھايۋانلارغىمۇ لەنەت ،،،، سىزمۇ بۇيەرگە تېما يوللاپ ئولتۇرغىچە قانۇن ئورۇنلىرىغا بالا ئىشلەمچى ئىشلەتكەنلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ قويسىڭز بولاتتىغۇ ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

4

دوست

1335

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28935
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 22:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بوسا ئىتوت قىلىپ ،تېلېۋۇزۇردا قۇيۇپ ئاشۇنداق ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىپ قويغان بولسا بولاتتى....بۇ يەرگە يازغا ئۇلار چۇقۇم كۆرمەيدۇ...

0

تېما

2

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 23:08:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر ئادەملەر باركى ئازىراقلا باشقىلارغا  نەپ بارسەشۇنچە قىلىپ كىتىدۇ  كىچىكنە بالا ئەمەسمۇ ،بىرە تىلىم قۇغۇن  قانچىلىك نىمتى  ئۇمۇ  باشقىلارنىڭ  شۇنداق كۇيۇملۇك بالسى ئەمەسمۇ. ئرشىپ بولغىچە قىلمىغىنى قالمايدۇ ،ئېرىشىپ بولدىمۇ  ئوزنىڭ بىلگىنى قىلدۇ

0

تېما

1

دوست

641

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19192
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 212
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 23:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىنساپ ئەقىل بەرسۇن شۇ قىزلارنى ئىشلەتكەنلەرگە!!
جىق گەپ قىلماي بولدى............................

0

تېما

2

دوست

828

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   65.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 167
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 01:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولماپتۇ.
بۇ جاھان ئۆتنە جاھان.
ياراتقان زات ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29966
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 06:04:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى ئاتا ئانا ئۆز بالىسىنىڭ جاپادا قېلىشىنى،ئۆزلىرىدىن ئايرىلىپ ياشىشىنى خالايدۇ.

نىجات

3

تېما

0

دوست

2587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 09:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىمىز مۇشۇ تېمىدا بىر ئېتوت ئوينىغان بولسا ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ چوڭ شەھەرلەردە خىزمەتكار بولۇپ تارتقان جاپاسىنى چۈشىنىپ قالسا، باشقا ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنى بۇنداق ئىشلارغا تۇتۇپ بەرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )