جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئۈچۈن قان تۆككەن
ئامېرىكا تارىخچىلىرى راۋى بىلەن مىلگان مەخسۇس جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ھەققىدكى ماقالىلار ئېلان قىلىنىدىغان « جەنۇب ۋە شىمال» دېگەن ژۇرنالدا، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىنكى مۇھىم بايقىشىنى، يەنى 47 نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار 1861-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مىلگان يەنە تۆت نەپەر جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان جۇڭگولۇقنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى 51 گە يەتتى.
راۋى بىلەن مىلگان قىسىملارنىڭ ئىسىملىكى، شۇ چاغدىكى گېزىتلەر ۋە جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر ئەسەرلەردىن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان 51 نەپەر جۇڭگولۇقنى تەكشۈرۈپ تاپقان ( بۇ جۇڭگولۇقلار ئەينى ۋاقىتتا ئېنگلىزچە ئىسىم قوللانغانلىقى ئۈچۈن، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىقى ئاشقان).
بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا بىلەن يىراق شەرق ئارىلىقىدا قاتنايدىغان سودا كېمىلىرىگە چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەن. 40 نەپەر جۇڭگولۇق جەنۇب، شىمال ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، جەڭ كېمىسىدە ئادەتتىكى ماتروس، ئاشپەز ياكى قارا خىزمەتچى بولغان. ئۇلار ئاۋمېن، نيۇيورك، سان-فىرانسىسكو، يېڭى ئورلېئان، ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ ۋېلىن پرتى ۋە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ مېل ئارىلى قاتارلىق جايلاردىن ھەربىيلىككە چاقىرتىلغان. قالغان 11 جۇڭگولۇق جەنۇب، شىمال ئىككى تەرەپنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدەئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، ھەر قايسى قىسىملارغا تارقىتىۋېتىلگەن.
بۇ جۇڭگولۇقلار ئىچىدە ئېدۋارد.دەي.گۋانخورتا دېگەن ئەسكەرنىڭ ماتېرىيالى ئەڭ تەپسىلىي. ئۇنى سانكت دەي ئىسىملىك ئامېرىكىلىق كاپىتان بېقىۋالغان بولۇپ، كاپىتان ئۇنى ئۆزىنىڭ «سانكت» ناملىق كېمىسى بىلەن ئېلىپ كەلگەن. ئۇ، 1864-يىلى 18 ياش ۋاقتىدا ماسساچۇسېتسشىتاتىدىكى 23-پىيادىلەر پولكىغا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يېڭى مېكسىكا شىتاتى ۋە نېبراسكا شىتاتىدا ، ئىندىئان جەڭچىسى سالاھىيىتى بىلەن قىسىمدا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ بىر نورۋىگىيىلىك سودىگەر ئايال بىلەن توي قىلغان بولۇپ، قىسىمدىن چىكىنگەندىن كېيىن بىر جۇڭگوچە تائاملەر ئاشخانىسى ئاچقان. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قانۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىزچىل ئامېرىكا پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋۇ .بانك دېگەن جۇڭگولۇق بار. ئۇ ئەسلى تۇتاش تەنلىك قوشكېزەكلەرنىڭ ئاكىسى بۇلۇپ،ئىنىسىنىڭ جون بانك ئىدى. ئۇلار سېرىك ئۇيۇنى ئويناشتىن ئىش باشلاپ، كېيىن شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى قۇللىرى بار باي دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان. ئاكا -ئۇكا ئىككىسى شۇ جايدىكى ئاق تەنلىك ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، جەمىئىي 22 پەرزەنت كۆرگەن. شىمال تەرەپنىڭ ئارمىيىسى شىمالىي كارولىنا شىتاتىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ۋۇ. بانك ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا چاقىرتىلغان. ئۇ قىسىمغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىنلا، ھەربىي تەرەپ ئاندىن ئۇنىڭ تۇتاش تەنلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەرھال ئۆيىگە قايتۇرىۋەتكەن. بىراق، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسىمىغا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان.
كىشىلەر ئىلگىرى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان چەتئەللىكلەردىن ئېرلاندىيىلىكلەر، گېرمانىيىلىكلەر، فرانسىيىلىكلەر بار دەپ بىلەتتى. راۋى بىلەن مىلگاننىڭ تەتقىقاتى جۇڭگولۇقلارنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
مەنبە: ئاسىيا كىندىكى گېزىتى
تەرجىمىدە: جۈرئەت ئابلىمىت
1999-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
|