قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 8

[قانۇن] قانۇنى ئىگە دىگەن نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

1

دوست

2722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 22:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
20121116020847985.jpg


    قانۇنىي ئىگە–ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھۇقۇق ۋە ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلاتتۇر
    قانۇنىي ئىگە– ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئادەملەشتۈرۈلۈشى بۇلۇپ،بارلىق ئىجتمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى قانۇنىي ئىگە بولماستىن، قانۇن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى بەرگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارلا قانۇنىي ئىگە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگىنىڭ خاراكتېر فۇنكىسيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، قانۇنىي ئىگە–كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئىجتىمائىي تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
     ‹‹ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسى››نىڭ 41–ماددىسىدا‹‹مەبلەغ مىقتارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشكىلى نىزامنامىسى، تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولغان، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا ۋە كوللىكتىپ كۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار مەسئۇل ئورگانغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ››دەپ بەلگىلەنگەن.
      كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك: (1) قانۇن بويىچە ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇشى كېرەك. (2) بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان مۇستەقىل ھېساباتىنى يولغا قويغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇشى كېرەك. (3) كارخانا بولغان قانۇنىي ئىگىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەمۇرىي بۇيرۇق ياكى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. (4) قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىلەرنى تىزىمغا ئېلىش ئورگىنىغا تىزىملىتىش لازىم. قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا خادىملار چۇقۇم قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى،تەستىقلىنىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسىدە قانۇنلۇق تىجارەت ئېلىپ بېرىشى لازىم،ئۇنداق بولمايدىكەن تېگىشلىك بولغان ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى ھەتتا قانۇن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
》ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسى 《نىڭ 49–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ،كارخانا تىپىدىكى قانۇن ئىگىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سادىر قىلسا، قانۇنىي ئىگە جاۋاپكارلىققا تارتىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە مەمۇرى جازا بېرىلسە،جەرىمانە قۇيۇلسا بولىدۇ.
1) تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئېلىپ بېكىتىپ بەرگەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ،قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛
2) ھەقىقىي ئەھۋالنى تىزىملاش ئوگىنى ۋە باج ئورگىنىدىن يۇشۇرۇپ ساختىپەزلىك قىلغان بولسا؛
3) مەبلەغنى تىقىپ قويۇپ،مال–مۈلۈكنى يۇشۇرۇپ قۇيۇپ،قەرز مەجبۇريىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا؛
4) تارقىتىلغان،ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن مال–مۈلۈكنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛
5) ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولغاندا،ئىشتىن توختىغاندا ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرماي ۋە ئېلان چىقارماي مەنپەئەتدار كىشىلەرنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
6) قانۇندا چەكلەنگەن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ،دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ياكى جامائەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛4 Q5 C9 M/
      ‹‹ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسى››نىڭ 49–ماددىسى،134–ماددا 3–تارمىقى ۋە ئالىي”خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى›،نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىر“نىڭ 61–62–63–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە بىۋاستە مەمۇرى جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بەرسىمۇ بۇلىدۇ؛ قانۇنىي ۋەكىلگە بىۋاستە قۇيۇلىدىغان جەرىمانىنىڭ سوممىسى ئادەتتە 2000يۈەندىن تۈۋەن بولىدۇ،(قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ مەمۇرى جازا بىرىشكە توغرا كەلگەندە،ئالاقىدار تارماقلارغا ئەدلىيىلىك تەكلىپ بەرسە بولىدۇ،ئۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قارار قىلىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلولارنى سوت قىلىش جەريانىدا كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە ياكى باشقا كىشىلەرگە جەرىمانە قۇيۇش،توختۇتۇپ قۇيۇشتەك جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى،ھەق تەلەپ جازاسى بېرىش ھەققىدە باشقىدىن قارار يېزىپ چىقىشى شەرت. جازالانغۇچى قارارغا قايىل بولمىسا،قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.قايتا قاراپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە قارار ۋاقتىنچە ئىجىرا قىلىنمايدۇ.

      قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا خادىملار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا،ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەت قىلىش،پارە ئېلىش،پارە بېرىش،مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش،مەبلەغنى بۆلۈشۋېلىشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2352
توردىكى ۋاقتى: 583
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 10:52:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇنى دىگىنىمىز ‹قانۇنى يول › دىگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان سۆز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

21

تېما

1

دوست

2722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 16:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
miskencn يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 13:57
بۇتىمىمۇ سېزنىڭمۇ ؟  http://misken.cn/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1073

شۇنداق مەن يازغان ماقالە ! پىكرىڭىز بارمۇ؟

0

تېما

2

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 20:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر  بۇ گەپنى كىم دىگەن  سوز  ئىدى
بەزىدە ئاڭلاپ قالىمەن ،دولتىمىز قانۇن تۇزۇم  بويچە باشقۇرۇلدىغان دولەت دەپ  قۇيدىكەن .قانۇن يوق دولەتلەرمۇ بارمىدۇ ئۇلار قانداق باشقۇرۇلدىغاندۇ ،ياكى بۇ دولەتنىڭ ئادەملىرى ئەدەپ قائىدىلىك بولسا قانۇنىڭ  ھاجىتى يوقمۇ ئۇلارغا

1

تېما

0

دوست

774

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28080
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 12:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى تېما ئورنىدا يوللاي دىگەن يوللىيالمىدىم قارىسام مەزمۇنى سەل يېقىنكەن شۇڭا ئىنكاس شەكلىدە يوللىدىم تېما ئىگىسى توغرا چۈشەنگەيسىز..
  قانۇنى ئىگە مەسىلىسىدە مۇنداق بىر ئىش بار ئىدى.
   2010-يىلى 10-ئايدا توقسۇن ناھىيەدىكى مەلۇم شىركەت دۆلەتنىڭ بەلگۈلىمىلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى يەرگە ئىشچى خىزمەتچىلەر مەبلەغ جۇغلاپ تۇرالغۇ سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىتىپ 金世房地产 دەيدىغان ئۆي مۈلۈك شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ 翠泉小区قۇرۇشنى كېلىشىپ جەمى يەتتە بىنا سېلىپ 3بىنا ئىشچى خىزمەتچىلەرگە 4بىنا تاۋار ئۆي قاتارىدا سىرىتغا سېتىلىش توغرىدا پۈتۈشۈپ ئىشچى خىزمەتچىلەر مەبلەغ جۇغلاپ ھەم تاۋار ئۆيلەر سېتىلىپ قۇرۇلۇش باشلانغان ئىدى.ئىككىنچى يىلى ئىچكى ئەھۋاللار نامەلۇم قۇرۇلۇش بەزىدە توختاپ بەزىدە قىلىنىپ ئەمگەك ماجرالىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ماسلاشتۇرۇپ قويغانمۇ بولدى .بىلىشىمىزچە مەبلەغ جۇغلاپ سېلىنىدىغان ئۆي بىلەن تاۋار ئۆيگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ خاراكتىرى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى يەنە بىرمۇنچە مەسىللەر كېلىپ چىقىپ رەسمىيەتلەر مۇرەككەپلىشىپ قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى،مەبلەغ سالغۇچى 金世房地产 ھەم قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ ناھىيلىك ھۆكۈمەت ،سوت مەھكىمىسى كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلىپ ماسلاشتۇرىشى بىلەن قۇرۇلۇش تاماملىنىىپ بولغان بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم مەسىلە رەسمىيەتلەر بىجىرىلىپ بولمىغانلىقتىن ئۆي ئىشچى خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرۇلمىدى نۆۋەتتە رەسمىيەتلەر قاچان پۈتىدۇ،قاچان ئۆي تاپشۇرىلىدۇ دىگەن مەسىلە ئېنىق ئەمەس يەنە كېلىپ بىنا تاپشۇرلمايلا تاشقى بىزەك سىرلىرى سويۇلۇپ سۈپەت مەسىللىرىمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ.ئۆي تاپشۇرۇش كەينىگىلا سۈرۈلىۋاتىدۇ .نۇرغۇن ئىشچى خىزمەتچى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشقا ئىگە بولىدىغان ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇن قېنى !ئازغىنە مۇئاش بىلەن تەستە سېتىۋالغا ئۆيگە كىرەلمىسە ئادىللىقمۇ؟مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ قۇرۇلۇشنى قانۇنى تەرتىپ بىلەن تەكشۈرۈپ جەمىيەتكە ئېنىق جاۋاپ بەرسە ئۆيلەرنىڭ قانۇنى ئىگىلىرى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشسە دىگەن ئۈمۈتتە ...
  -ئاۋامنىڭ ساداسى
مۇمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلار تېما شەكلىدە يوللاپ قويسا ياخشى بولاتتى

مۇھەببەت مۇھەببەتنى تۇغىدۇ

0

تېما

0

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30049
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 23:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قانۇن بىلىملىرىمىزنىڭ  ،چۇشەنچىمىزنىڭ ئىشىشىغا سېڭدۇرۋاتقان ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر ....بۇ تېمىدىن  نۇرغۇن نەرسىنى چۇشۇنۋالدىم

0

تېما

8

دوست

2104

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 00:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇنى دىگىنىمىز ‹قانۇنى يول › دىگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان سۆز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )