قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1423|ئىنكاس: 22

‏سەئىدىيە خانلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29880
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 18:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

   سەئىدىيە خانلىقى 16- ئەسىرنىڭ باشىلىرى ئۇيغۇرلار تەرپىدىن قۇرۇلغان ئەڭ ئاخىرقى خانلىق بولۇپ ، بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىمىزدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋىر ھىساپلىنىدۇ . مەزكۇر خانلىقنىڭ زىمىن دائىرىسى ، ئاساسەن موغۇلىستان زىمىنىنىڭ ئۆزى بولۇپ ، ئۇنىڭ دائىرىسى شەرىقتە چەرچەن-چاقىلىققا يىتىپ ئالتۇن تاغ تىزمىلىرىنى پاسىل قىلغان . جەنۇپتا قاراقۇرۇم تاغلىرىنى پاسىل قىلىپ ، شىزاڭ بىلەن چىگىرلانغان . غەرىپتە پامىر ئىگىزلىكىدىن ئۆتۈپ پەنجى دەرياسى بىلەن ئەنجاننى مەركەز قىلغان فەرغانە ئويمانلىقىغا يىتىپ بارغان . ئەمما فەرغانە رايۇنىنىڭ تەۋەلىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىشىغا قاراپ بەلگىلەنگەن بولۇپ ، پەقەت كۈچەيگەندىلا يىتىپ بارغان . شىمالدا تەڭرى تاغلىرىنى پاسىل قىلغان ، شۇ تەرىقىدە 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دەۋىر سۈرگەن . تۆۋەندە سەلتەنەتلىك ھەم قىسمەتلىك تارىخىمىز بىلەم تونۇشۇپ چىققايسىلەر .
‏1-سۇلتان سەئىدخان
‏   سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان موغۇلىستان خانى ئەھمەدخاننىڭ ئۈچۈنجى ئوغلى بولۇپ ، 1490-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاختىدا دادىسى بىلەن ئۆزبىك خانى شەيبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كىيىن شەيبانىخان ئۇنى قويۇپ بىرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار جەڭلەرگە قاتناشتۇرغان . كىيىن ئۇ شەيبانىخاننىڭ خارازىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يىنىغا قىچىپ بارغان . لىكىن ، تاغىسىنىڭ يىنىدا تۇرسا بىرەرئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايۇنىغا كىتىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ قىرغىزلارنىڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508- يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچىراتقان . دەل شۇ پەيىتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كىلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومومى يۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان .
‏   نەتىجىدە ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالماتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن مۇھەممەد بابۇر شاھنىڭ يىنىغا مىڭ تەسلىكتە قىچىپ كەلگەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت-ئىكراملار بىلەن كۈتىۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل تاغىسىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ قىلىپ ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئۆزبىكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەركەتلىرىگە قاتناشقان . كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبىكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ، ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئىلىپ بىرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن ئۈمۈد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئابابەكرىنى يوقىتىپ ، قەشقەر ، يەكەن ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زىمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان .
‏    دەرۋەقە ، 1514-يىلى 6-ئايدا سەئىدخان 4700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تۇرغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ قەشقەر ۋە يىڭساردا كۈچلۈك ئىسكىھكاملارنى ياساتقان . لىكىن سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈرانلىقىغا ئۇچىرغان كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەنلەرنى ئىشخال قىلغان . مىرزا ئابابەكرىنىڭ بۇ جاينى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئابابەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ كوئىنلون تىغى ئارقىلىق دالاق رايۇنىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئابابەكرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇپ ، دالاقتا قەتلى قىلغان .
‏    مىلادىيە 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ، سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختىگە چىققان .
‏سۇلتان سەئىدخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن خانلىقنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان : بىرىنجىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان ، شۇنۇڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى-بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەرخىل جىنايەتچىلەرنى تازلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنجىدىن ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربي-مەمۇرى ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىگە ئۆتگۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلىقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ-ياساق ئالمىغان . ئۈچىنجىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ئالىم سوپى خوجا تاجىددىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ، 1516-يىلى 2-ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچا ئارلىقىدىكى رابات دىگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خانلىق ئورنىنى ئىتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنجىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تىرتورىيىسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان . مەسلەن ، 1519-يىلى ۋە 1530-يىلى بەدەخشانغا ئىككى قىتىم ھۇجۇم قىلىپ ، بۇ رايۇننىڭ يىرىمىنى سەئىدىيە خانلىقى زىمىنىغا قوشىۋالغان ، 1522-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق ۋە قىرغىزلار رايۇنىغا قارتا نەچچە رەت ھەربىي يۈرۈش ئىلىپ بارغان . 1532-يىلى 7-ئايدا 5000 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن تىبەت ، دالاق ، بالىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان . نەتىجىدە ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىپ ،خانلىقنىڭ زىمىنى شەرىقتە جىيايىگۈەنگىچە ، غەرىبتە پامىر ، خىۋە ۋە ۋاخان رايۇنلىرىغىچە ، شىمالدا تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىغىچە ، جەنۇبتا كوېنلۇن ، ئالتۇن تاغلىرىغىچە يەتكەن .
‏    سۇلتان سەئىدخان يۇقىرقىدەك ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش-مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سۇلتان سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ مۆمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقىرسى بەگ-بىگات ئىسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى-پەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب- سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومومېلىقنى ئەلا بۈلۈپ ، خانلىقنى تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلىقنىڭ ئارام ئىلىپ دەرمان توپلىۋىلىشىغا پۇرسەت يارتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاركەندىچىلىكىنى تىنجىتىپ ، خاراپلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جاللىنىشىغا ئىمكانىيەت يارتىپ بەرگەن . سۇلتان سەئىدخان ئىسلام دىنىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان . كەشمىر ، دالاق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرغان . مىلادىيە 1533-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سۇلتان سەئىدخان 47 يىشىدا دالاققا قارشى ئىلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قىلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى ئاستانە يەكەنگە قايتۇرۇپ كىلىنگەن .
‏2-سۇلتان ئابدۇرەشىتخان
‏    سۇلتان ئابدۇرەشىتخان سۇلتان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ 1533-يىلىدىن 1559-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ كىچىكىدە سەرسان-سەرگەندارلىقتا كۆپ ئازاپ تارتقان . كىيىن دادىسىنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلگەن . سۇلتان سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋرلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرىس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سۇلتان سەئىدخان ئۇنى چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرىق ۋە غەرىبكە جازا يۈرۈش قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنجىتىش ئۇرشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتكەن . ئۇ 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، سەئىدىيە تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۇرنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسلىق تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :
‏   بىرىنجىدىن ، ھەربىي ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرى ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يىڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بىكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى موغۇلىستان خانلىقى ھەم سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋىردە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات جەمەتىنىڭ ھوقوقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تىخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيانلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لىكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل-كىسىل خاتىمە بىرىلگەن .
‏   ئىككىنجىدىن ، تىنىچلىق توختىمىنى بىكار قىلغان ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەرىبىگە ھۇجۇم قىلىپ ، تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن .
‏مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چىكىنگەن . لىكىن ، 1538-يىلى مەنسۇرخان سەئىدىيە خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرىقتە تاكى گەنسۇنىڭ جايۇگەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارىلىق زىمىنلارنى سەئىدىيە خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى شاھخاننى بۇجايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگىن .
‏   ئۈچىنجىدىن ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرشى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايۇنلاردا يۈز بەرگەن توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھامىسى بولغان قازاق خانلىقىنىڭ خانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنجى قىتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخان بۇ ھەركەتنىمۇ قاتتىق بىسىقتۇرغان.
‏   تۆتىنجىدىن ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلەردىمۇ بىرقانچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدىرسلەرنى كىڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىق تەۋەسىدە بىر مەھەل تىنىچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئالتۇن دەۋرى بارلىققا كەلگەن .
‏   بەشىنجىدىن ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بىرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئىلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچى ھەم شائىرلىرىنى        تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن ، بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخىسلەر توپلىنىپ ، خەلىق ئارسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن 12 مۇقام مۇشۇ كىشىلەر بىلەن ئوردىغا كىرگەن ، دەرۋەقە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زور شەرت-شارائىتلار ھازىرلانغان .
‏    ئومومەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىتخان يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن ئۇ دۆلەتنى ئۈنۋىرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھىچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلىق ئارسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يۇشۇرۇن ئىگەللىگەن . مىلادىيە 1559-1560-يىللىرى ، ھىجىرىيە كالىندارىدا 967-يىلى سۇلتان ئابدۇرەشىتخان خوتەننى يۇشۇرۇن تەشكۈرش سەپىرىدە بەخىتكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچىراپ ۋاپات بولغان .
‏3-سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان
‏    سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان ،سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى ، ئۇ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتان بولۇپ ، 1559-يىلىدىن 1591-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كىيىن ، بۇرۇنقى تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىپ ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى بولغان بەگلىك تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرگەن . خەلىق ئاممىسى ئۈستىدىكى باج-سىلىقنى كىمەيتكەن . شۇڭا ئۆز دەۋرىدە ئابدۇلكەرىمخان ئادىل دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان . بۇ ھال ئۇنىڭ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . 1570-يىلى غەرىبتە بايدىن شەرىقتە جايۈگەنگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەنسۇرخاننىڭ ئوغلى شاھ سۇلتاننىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ، 1516-يىلىدىن باشلاپ سەئىدىيە خانلىقنىڭ ھامىلىقىغا كىرگەن بۇ رايۇنلارنى خانلىقنىڭ بىۋاستە باشقۇرشىغا ئۆتكۈزۋالغان ھەمدە كەنجى ئىنىسى ئابدۇرەھىمخاننى بۇجايلارغا سۇلتان قىلىپ ئەۋەتكەن . 1591-يىلىغا كەلگەندە ، ئىنىسى قۇرەيىش سۇلتان ۋە ئوردا ۋەزىرلىرىدىن ئەبۇلمەئانى ، مۇھەممەد قاسىم قاتارلىقلارنىڭ ئوردا توپىلىڭى سەۋەبىدىن ، بارچۇقتا ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ( خان شەھىت ) دىگەن نام بىلەن ئاتالغان .
‏4-سۇلتان مۇھەممەدخان
‏    سۇلتان مۇھەممەدخان ، سۇلتان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى بولۇپ ، 1591-يىلىدىن 1609-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە خانلىق تازا قىرانىغا يەتكەن . يەكەن، خوتەن ، قەشقەر ، سىرىققۇل ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچا ، چالىش ( قارا شەھەر ) ، تۇرپان ، قۇمۇللاردا خۇتبە ئۇنىڭ نامىغا ئوقۇلغان ھەمدە بۇ جايلاردا ئۇنىڭ نامىدا پۇل قويدۇرغان . ئۇ ئاۋام پۇقرالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ، جازانىخورلارنى چەكلىگەن . خانلىق ئاستانە يەكەن راسا گۈللەنگەن . سۇلتان مۇھەممەدخان تەقۋادار مۇسۇلمان بولغاچقا ، ئسھاقىيە سۈلىكىنىڭ ھۆرمىتى ۋە مەدھىسىگە سازاۋەر بولغان . پورتىگالىيىلىك بىنتىگىتنىڭ ( ساياھەت خاتىرسى ) غا ئاساسلانغاندا ، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ئەمىر-پەرمانلار پۈتۈن ئەلدە يولغا قويۇلغان . جەمىيەت تەرتىپى ياخشى ، سەيلى-ساياھەت بىخەتەر بولغان . يەكەن شەھىرىدە سودا-سىتىق ئىشلىرى ناھايىتى جاللانغان .
‏لىكىن ، سۇلتان مۇھەممەدخان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىگە كەلگەندە ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر قاتار سىياسىي كۆرەشلەر يۈز بىرىپ ، بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن . جۈملىدىن ، ئۇنىڭ بىردىنبىر ھايات ئىنىسى ئابدۇرەھىم سۇلتان ئۆزىگە بىرىلگەن ھوقوق ئىمتىيازلارغا رازى بولماي ، كۇچا بىلەن باينى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان . بۇنىڭ بىلەن خانلىق ھەرخىل ئىچكى نىزالارغا دۇچ كىلىپ ، ئاستا-ئاستا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ، 1609-يىلىغا كەلگەندە ، سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن بۇخىل كىرزىس تىخىمۇ چۇڭقۇرلىشىپ ماڭغان .
‏5-سۇلتان ئەھمەدخان
‏     سۇلتان ئەھمەدخان ، سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى ، 1609-يىلىدىن 1618-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ ، شادى خوجا ، ۋەزىر خوجالىتىپ ، قوش بىگى مىرزا غىياس قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەخىتكە چىققان .سۇلتان ئەھمەدخان ئوردا ئىچى ۋە پۈتكۈل خانلىقنىڭ ۋەزىيىتىنى بىر مەھەل مۇقىملاش تۇرغان.
    لىكىن ، خانلىقتا تەخىت تالىشىش كۆرىشى ھىچبىر توختىماي ، جايلاردا سۇلتان ئەھمەدخانغا قارشى كۆتۈرۈلۈشلەر ئارقى-ئارقىدىن يۈز بىرىپ تۇرغان . بۇنىڭدىن سىرىت سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئۆلىمىنى ئاڭلىغان قىرغىزلار 5000 كىشلىك قوشۇن بىلەن ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بىسىپ كىرگەن . بۇنداق ئەھۋالدا ، سۇلتان ئەھمەدخان بىر قاتار كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانغان . ئۇ ئالدى بىلەن قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ۋە يەكەنلەردە ئۇلارغا قارشى ئومومىي يۈزلۈك ھەربى ھەركەت قوللانغان ھەمدە بۇ رايۇنلارغا بىسىپ كىرگەن قىرغىز قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، خانلىققا كەلگەن تاشقى تەھتىدنى تۈگەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سۇلتان ئەھمەدخان قەشقەردە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ نەۋرىسى شەرىفىددىننڭ ، يەنە تۇرپاننىڭ نائىبى ئابدۇرەھىم، ئاقسۇنىڭ نائىبى ئىسكەندەر قاتارلىق خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بىر قاتار توپىلاڭلىرىنى تىنجىتىپ ، خانلىقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بىر مەزگىل مۇقىملاشتۇرغان . لىكىن ، بۇخىل ۋەزىيەت ئۇزاق داۋاملاشمىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلتان ئەھمەدخان كىيىنكى مەزگىللەردە سەيلى-ساياھەت بىلەن بەنت بولۇپ كىتىپ ، ئوردا ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان . بۇنىڭ بىلەن خانلىقنىڭ ھوقۇقى ئاستا-ئاستا ئاجىزلىشىپ بارغان . 1618-يىلى ، سۇلتان ئەھمەدخان بارچۇقتا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا توپىلاڭچى ئەمىرلەر تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
‏6-سۇلتان ئابدۇللىتىپخان
‏    سۇلتان ئابدۇللىتىپخان سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى بولۇپ ، 1618-يىلىدىن 1630-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەر ئەمىرلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن سۇلتان بولغان ھەمدە يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچى ئەمىرلەر تەرپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان يۈنۈس سۇلتاننىڭ ئوغلى قۇرەيىشنى يوقاتقان . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ، ئۇ سەئىدىيە تەختىگە رەسمىي ۋارىسلىق قىلىپ ، خانلىقنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان .
‏    بىرىنجىدىن ، سۇلتان ئابدۇللىتىپخان ئالدى بىلەن ئۆز ھىمايىچىلىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ، ئالاھىدە مەنسەپ تەقسىماتى ئىلىپ بارغان . مەسىلەن ، مىرزا مۇھەممەد يۈسۈپ بايرىننى يەكەننىڭ ھاكىملىقىغا ، خوجا ئابدۇللىتىپنى ۋەزىرلىككە ، ئابدۇغاپپارنى قوشبىگىلىككە ، مىرزا ئابدۇساتتار ئاقباراقنى ئىشىك ئاغىلىقىغا ، مىرزا ھاجى بارلاسنى قەشقەرنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا قۇربان جوراسىنى سىرىققۇلنىڭ ھاكىملىقىغا ، ئەمىر خۇسراۋ بايرىننى قەشقەر تۆمەن دەرياسىنىڭ مىراپلىقىغا تەيىنلىگەن . ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز ھۆكۈرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلگە قويۇلغان ئەمەلدارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆز رەقىپلىرىنى كۆزدىن يىراق قىلغان .
‏    ئىككىنجىدىن ، خانلىقتىكى ئىچكى مالمانچىلىق ۋە تاشقى ئاپەتلەرنى بىر-بىرلەپ يوقاتقان . خانلىقنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ھۆكۈمران ئابدۇرەھىمخان سۇلتان بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئەسكەر چىقىرىپ ، كۇچا ۋە ئاقسۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە بۇ رايۇنلاردىكى خەلىقنى ئىغىر دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان . بۇنداق ۋەزىيەتتە سۇلتان ئابدۇللىتىپخان قوشۇن چىقىرىپ ، ئابدۇرەھىمخان سۇلتاننىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈرگەن . سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان قازاقلار خانى ئەسىمخانمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلپ ، تاشكەنتتىن لەشكەر باشلاپ كىلىپ ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان . بۇنى ئاڭلىغان سۇلتان ئابدۇللىتىپخان زور قوشۇن چىقىرىپ ، قازاقلارنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىمۇ چىكىندۈرگەن ھەمدە ئاقسۇدىكى پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەردىن ھال سوراپ ، مىرزا ئەلى مەردان بەگنى بۇ رايۇننىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن . ۋەھالەنكى ، ئابدۇرەھىمخان سۇلتان بىلەن قازاق خانى ئەسىمخان ۋە يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئويراتلار ئاقسۇ شەھىرىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان . بۇ ھال ئاقسۇ خەلقىگە ئىغىر بالايى-ئاپەتلارنى ئېلىپ كەلگەن.
‏    ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇللىتىپخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، خانلىقنىڭ بىر مەھەللىك گۈللۈنۈش مەنزىرسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . لىكىن ، كىيىنكى كۈنلەردە جەمەتىدىكىلەرنىڭ تۈگىمەس ئىچكى توقۇنىشلىرى تۈپەيلىدىن ، خانلىق ئاستا-ئاستا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن . سۇلتان ئابدۇللىتىپخان خانلىقنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالماي ، مىلادىيە 1630-يىلى 26 يىشىدا ۋاپات بولغان .
‏7-سۇلتان ئەھمەدخان 2
‏   سۇلتان ئەھمەدخان 2 بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ سۇلتان ئابدۇللىتىپخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەخىتكە چىققان ، كىيىن سۇلتان ئەھمەدخان 2 نى تەخىتكە چىقارغان ئەمىرلەر ئوتتۇرسىدا ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى يۈز بەرگەن . شۇ پەيىتتە ، سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ ئىنىسى سۇلتان مەھمۇدخان تەخىتنى تارتىۋىلىش ئۇرشىغا جىددى تەييارلىق قىلغان ھەمدە ئاقسۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، شۇ جايدىكى ئەمىرلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر يىلى يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان . سۇلتان ئەھمەدخان 2 بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، زور قوشۇن بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلانغان . نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلىغان ، سۇلتان ئەھمەدخان 2 ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ چىكىنىپ چىققان . دەرۋەقە سۇلتان مەھمۇدخان 1632-يىلى غالىپلارچە يەكەنگە كىرىپ تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇزاق ئۆتمەي ئاقسۇدا قىچىپ يۈرگەن سۇلتان ئەھمەدخان 2 ئابدۇرەھىمخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللانىڭ ئاقسۇغا بىسىپ كىرىشى بىلەن ، نائىلاج يەكەنگە قىچىپ كەلگەن . سۇلتان مەھمۇدخان ئۇنى سۈرگۈن قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەندە ، شادى خوجا بىلەن خان سانىيە ئۇنى تىلىۋالغانلىقتىن كەچۈرۈم قىلغان . 1635-يىلى سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ شادى خوجا تەرپىدن قەستلەپ ئۆلتۈرلىشى بىلەن سۇلتان ئەھمەدخان 2 يەنە بىر قىتىم خانلىق تەختىگە چىققان ھەمدە تاكى 1638-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ، ئاخىرى ئابدۇللانىڭ يەكەنگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن تەخىتنى تاشلاپ بەلىخكە قىچىپ كەتكەن .
‏8-سۇلتان مەھمۇدخان
‏    سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ ئىنىسى . ئۇ ئاكىسىدىن تەخىتنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن ، دىنى كۈچتىن مەدەت ئىلىش مەقسىتىدە خوجا لىتىپنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتكەن . لىكىن ، سۇلتان ئەھمەدخان 2 ئۇنىڭ غەرىزىنى بىلىپ قىلىپ ، خوجا لىتىپنىڭ قىزىنى ئۆز نىكاھىغا ئىلىۋالغان . بۇنداق ئەھۋالدا ، سۇلتان مەھمۇدخان يەكەندە تۇرۇشقا ئامال بولماي ئاقسۇغا قىچىپ كەتكەن ھەمدە بۇجايدىكى ئەمىرلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر يىلى دىگۈدەك يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان . 1632-يىلىدىكى بىر قىتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئاكىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان . 1635-يىلىغا كەلگەندە ، ئاكىسى سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ قوللىغۇچىسى شادى خوجا تەرپىدىن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن . بۇنىڭ بىلەن سەئىدىيە تەختى قايتىدىن سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ قولىغا ئۆتكەن .
‏9-سۇلتان ئابدۇللاخان
‏    سۇلتان ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدۇرەشىخاننىڭ نەۋرىسى ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئوغلى بولۇپ 1638-يىلىدىن 1667-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئاتىسى ئورۇندىيالمىغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ، يەكەندىكى خانلىق ئورۇننى تارتىۋىلىپ ، پۈتكۈل خانلىقنىڭ چوڭ خانى بولۇشقا جىددى تەييارلىق كۆرگەن . شۇ مەقسەتتە ئۇ 1635-يىلى قەشقەرگە بولغان تۇنجى ھۇجۇمنى باشلىغان . لىكىن ، بۇ قىتىملىق ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ ئاقسۇغا چىكىنگەن . 1638-يىلىغا كەلگەندە سۇلتان ئابدۇللاخان يەكەن ۋە خوتەندىكى ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قەشقەرگە ئىككىنجى قىتىم ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا زەپەر قۇچۇپ تاكى يەكەنگىچە ئوڭۇشلۇق يىتىپ بارغان . شۇ يىلى يەكەندىكى شادى خوجا ، خوجا ناسىر ، مەۋلانە سالىھ ۋە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەخىتكە چىققان .
‏سۇلتان ئابدۇللاخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كىيىنكى مەزگىللىرىدە تەخىتكە چىققان خانلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرغاچقا ، ئۇنى سەئىدىيە خانلىقىنى گۈللەندۈرگەن خاقان دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . چۈنكى ئۇ زۇر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلغان .
‏    بىرىجىدىن ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سىلىپ ، شاھ مەنسۇر بەگنى ئۆزىگە ئاتالىقا ، شاھ بەگنى ۋەزىرلىككە ، باباق بەگنى مىراپلىققا ، مىزا ئىسمائىل ئوردۇ بەگنى سول قانات قوشۇننىڭ ئۈچبىگىلىككە ، ئىنىسى ئەبۇل مۇھەممەدخاننى چالىش ۋە تۇرپاننىڭ نائىبلىقىغا ، يەنە بىر ئىنىسى ئىبراھىم سۇلتاننى قەشقەرنىڭ نائىبلىقىغا ، مىرزا شاھ بەگنى يىڭسارنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا ئابدۇساتتار بەگنى ئاقسۇنىڭ ئەمىرلىكىگە ، مىرزا كۈچەك جوراس ئۇچنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا ئەرەببەگنى قاراقاشنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا شاھباز جوراسنى سىرىققۇلنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن .
‏ئىككىنجىدىن ، ئويراتلارنىڭ قۇتۇرتىشى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرگەن كۇچا ئەمىرلىرىنى قاتتىق جازالىغان . ئاقىدىنلا يەنە بولور ۋە بەدەخشانغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ، ئۈچ ئاي جازا يۈرۈش قىلىش ئارقىسىدا ، بۇ ئىككى رايۇننى قايتىدىن بوي سۇندۇرغان .
‏   ئۈچىنجىدىن ، خانلىقنىڭ غەرىبى شىمالىدىكى زىمىنلارنى قايتۇرۋىلىش مەقسىتىدە ، فەرغانە رايۇنىغا ھۇجۇم قىلغان . لىكىن ، بۇ قىتىملىق ھەربىي ھەركەتتە قىرغىزلارنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىنى ئىشقا سىلىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن سەئىدىيە قوشۇنى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچىرىغان . كىيىن سۇلتان ئابدۇللاخان 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن فەرغانە رايۇنىغا قايتىدىن بىسىپ كىرىپ ، ئەنجان شەھىرىنى ئىشخال قىلغان .
‏تۆتىنجىدىن ، ئويراتلارغا قارشى ئىككى قىتىم ئۇرۇش قىلىپ ، ھەر ئىككى قىتىمدا مەغلۇپ بولغان . لىكىن ، ئويراتلارنىڭ خوتەن رايۇنىغا قىلغان ھۇجۇمىنى چىكىندۈرۈپ ، خانلىقنىڭ كۈچ-قۇدىرتىنى نامايەن قىلغان .
‏    ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇللاخان يۇقىرقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنىچلىق ۋە گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . كىيىنكى چاغلاردا ئاق تاغلىق غوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتتىق ئارلىشىۋىلىشى ۋە سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاسخاننى خۇپىيانە ھالدا يۆلەپ بۆلگنچىلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن ، سۇلتان ئابدۇللاخان ئامالسىز قىلىپ مىلادىيە 1667-يىلى خانلىق تەخىتنى تاشلاپ ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى كەتكەن .
‏10-سۇلتان يولۋاسخان
‏   سۇلتان يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن 1667-يىلى يەكەندە خانلىق تەخىتكە چىققان . ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قارا تاغلىق خوجىلارنى پاجىئەلىك ھالدا قىرغىن قىلغان . بۇنداق ئەھۋالدا قارا تاغلىق خوجىلاردىن مۇھەممەد ئابدۇللا كۆپ قىسىم ئەمىرلەر ۋە مۇرتلارنى باشلاپ يەكەندىن ئاقسۇغا بىرىپ ، شۇ جاينىڭ ئەمىرى بىلەن بىرلەشكەن ،كىيىن خوتەننىڭ ئەمىرىمۇ بۇ ئىتىپاققا قاتناشقان . قارا تاغلىقلار ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ، ئويراتلارنىڭ خانى ئاتۇن تەيجىگە ئادەم ئەۋەتىپ ، ئابدۇللىتىپنىڭ ئوغلى ، ئابدۇللانىڭ ئىنىسى ئىسمائىلنى سوراپ ئەكىلىپ ، ئۇنى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ تىكلىگەن ھەمدە ئاقسۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ يەكەنگە ھۇجۇم قىلغان . سۇلتان يولۋاسخان قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ يەكەن شەھىرىگە بىكىنىۋالغان . كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ، سۇلتان يولۋاسخان قارا تاغلىق غۇجىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭغارلارنىڭ يەنە بىر ھۆكۈمرانى زەنگى تەيجىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئسمائىلخاننى ئىغىر تالاپەت تارتقۇزغان . لىكىن ، قەشقەر شەھىرى زەڭگى تەيجىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىپ ، سۇلتان يولۋاسخان ئامالسىز يەكەنگە كىتىشكە مەجبۇر بولغان . زەڭگى تەيجى قەشقەردە سۇلتان يولۋاسخاننىڭ كىچىك ئوغلىنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقارغان . سۇلتان يولۋاسخان يەكەنگە بارغاندىن كىيىن ، زەڭگى تەيجىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك سەركەردىسى ئەرك بەگنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا 1670-يىلى كۆتۈرۈلگەن ئەمىرلەر توپىلىڭىدا ئۆلتۈرۈلگەن .
‏11-سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 2
‏    سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 2 سۇلتان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، 1670-يىلى خانلىق تەخىتكە يۆلەپ چىقىرىلغان . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئانىسى بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭچى ئەمىرلەرنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان .بۇ ئەھۋالنى ئۇققان زەڭگى تەيجىنىڭ سەركەردىسى ئەرىك بەگ ئۆزىدىن خەۋىپسىرەپ قەشقەرگە قىچىپ كەتكەن ھەمدە ئاقسۇدىكى ئىسمائىلخانغا خەت ئەۋەتىپ ، ئۇنى يەكەنگە قوشۇن تارتىشقا دەۋەت قىلغان . ئىسمائىلخان بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلىپ ، ئالتۇن تەيجىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن شەھىرىگە باستۇرۇپ كەلگەن . سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 2 قەشقەرگە قىچىپ كەتكەن . شۇنداق قىلىپ 1670-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسمائىلخان يەكەن شەھىرىگە كىرىپ ، خانلىق تەخىتكە چىققان .
‏12-سۇلتان ئىسمائىلخان
‏   سۇلتان ئىسمائىلخان 1670-يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا خانلىق تەختىگە چىققان . ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىرىنجى قەدەمدە ئادەم ئەۋەتىپ سۇلتان يولۋاسخاننىڭ قەشقەردىكى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگەن .
‏ئىككىنجى قەدەمدە ئاق تاغلىقلارنى قاتتىق باستۇرۇپ ، قارا تاغلىق خوجىلارنى خانلىقنىڭ مۇھىم مەنسەپلىرىگە قويغان . بۇ ئەھۋالدا ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى ئاپپاق خوجا قەشقەردىن قىچىپ ، كەشمىرگە ، ئاندىن كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئۆتۈپ كەتكەن . ئۇ ئاق تاغلىقلارنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، دالاي لاما 5 بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن . دالاي لاما 5 غالدانغا خەت يىزىپ سۇلتان ئىسمائىلخانغا قارشى ئاپپاق خوجا بىلەن بىرلىشىپ قوشۇن تارتىشقا دەۋەت قىلغان ، ھەمدە شۇ خەت بىلەن ئاپپاق خوجىنى جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان تەيجىنىڭ يىنىغا ئەۋەتكەن . ئۇزاقتىن بۇيان سەئىدىيە خانلىقىنى يوقىتىش ۋە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبىنى ئىگەللەشنى تاما قىلىپ كىلىۋاتقان غالدان قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي دەرھال بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ، مىلادىيە 1680-يىلى 120 مىڭ ئاتلىق قوشۇننى ئەۋەتىپ ، ئاپپاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن مۇزداۋان ئارقىلىق قەشقەر ۋە يەكەنگە قاراپ ئىلگىرلىگەن . ئۇنىڭ قوشۇنى ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ زۇر كۈچ بىلەن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ، شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ، ئاخىرى يەكەن شەھىرىنى ئشخال قىلغان ھەمدە شەھەردىكى سۇلتان ئىسمائىلخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئەسىرگە ئىلىپ ، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان .
شۇنداق قىلىپ 166 يىل دەۋىر سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى مۇشۇنداق پاجىئەلىك قىسمەتلەر بىلەن ئاخىرلاشقان . تامام
مەنبە كىتابلار .....
‏مەزكۇر تىما سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىغا ئاتالدى .

0

تېما

7

دوست

2201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 666
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 19:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خانلىق خۇسۇسىدا توختى مۇزئارتنىڭ «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى» دە تەپسىلىي توختىلىلغان ئىكەن، بۇمۇ ناھايىتى ياخشى ماتېرىيالكەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

7

دوست

2201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 666
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 19:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 19:13  

بەشىنچى باب
ياركەنت خانلىقى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادى
1514-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، سەئىدخان دوغلات قەبىلىسى ئەمىرلىرىنىڭ ھېمايىسىدە ياراكەنتنى پايتەخت قىلىپ يېڭى بىر ھاكىمىيەت بەرپا قىلدى، تارىختا بۇ ھاكىمىيەت «ياركەنت خانلىقى» دەپ ئاتالدى○1.
   
1. ياركەنت خانلىقى زېمىنى ۋە ئاھالىسى
تارىخىي ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ياركەنت خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋەكلىرىدىكى چەرچەن، چاقىلىق ۋە ئالتۇن تاغ تىزمىسىنى چېگرا قىلغان؛ جەنۇبتا قاراقۇرۇم تاغلىرى چېگرا بولۇپ، تىبەتنى خوشنا قىلغان؛ غەربىي جەنۇبتا كۆكئارت (پامىر ئېگىزلىكى) تىن ھالقىپ پەنج دەرياسى ۋە ئەندجان مەركەز قىلىنغان فەرغانە ئويمانلىقى (ئەمما بۇ رايونلارنىڭ تەۋەلىكى ياركەنت خانلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا باغلىق بولغان، كۈچەيگەن چاغلىرىدا بۇ رايونلار ياركەنت خانلىقىنىڭ تەسەررۇپىدا بولغان) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ شىمالدا تەڭرىتاغ چېگرا قىلىنغان، بۇ چېگرانىڭ شىمالىدا قازاق يەرلىرى بار ئىدى؛ شەرقتىكى پاسىلىدا باي بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىدىكى قۇملۇق بار ئىدى. تۇرپان رايونى كېيىن، يەنى ئابدۇلرەشىدخان بىلەن ئابدۇللاخان ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ياركەنت خانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ ياركەنت خانلىقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان○2. تۇرپان رايونى خانلىقنىڭ شەرقىي چېگراسى بولۇپ پايتەخت ياركەنتتىن يىراق ئىدى، شۇڭا تۇرپاننى مەركەز قىلغان بۇ شەرقىي رايون سەللا كۈچەيگەندە خانلىقتىن بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئەمما ئاجىزلىغان چاغلالاردا يەنە بويسۇندۇرۇلۇپ تۇرغان○3. ياركەنت خانلىقى ياركەنت شەھىرىنى سىياسىسي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى قىلغان، ئەتراپىدا كاشغەر، خوتەن، ئاقسۇ، يېڭىھىسسار، ئۇچتۇرپان، كۇچا، چالىش (قاراشەھەر) ۋە تۇرپان قاتارلىق مۇھىم شەھەر-قەسەبەلەر بولغان.
ياركەنت خانلىقى تەسەررۇپىدىكى ئاھالە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندىكى موڭغۇل، ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق، تاجىك، ئويرات موڭغۇللىرى ۋە سارئۇيغۇر قاتارلىقلارمۇ بولغان○4.
قىرغىزلار غەربىي تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ياشايتتى. قىرغىزلار ئەسلىدە ئاناساي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ياشايتتى. 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئويرات موڭغۇللىرى قىرغىزلارنىڭ ئاتا مىراس زېمىنى بولغان ئاناساي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىزلارنى مەغلۇب قىلىپ، قىرغىزلارنى تەرەپ-تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇرلىغان، قىرغىزلارنىڭ بىر قىسىمى كېيىن ئالتاي تاغلىرىدىن ھالقىپ تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا كۆچۈپ كېلىپ پادا باققان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ياركەنت خانلىقىنىڭ بۇزرۇگ خانى سەئىدخاننىڭ ئىنىسى خەلىل سۇلتان تەڭرىتاغ قىرغىزلىرى ئارىسىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىپ، قىرغىزلارنى ئۆزىنىڭ قوشۇنى قىلىپ، قىرغىزلارنىڭ ئاتامانى بولغان○5. كېيىنچەرەك سەئىدخانمۇ ئىنىسىنىڭ يېنىغا پاناھ تارتىپ بېرىپ تۆت يىل تۇرغان ھەم قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاتامان قىلىنغان.
ھىجىرىيە 914-يىلى (مىلادى 1508-يىلى) سەئىدخان بىلەن خەلىل سۇلتان ئاغا-ئىنى قىرغىزلارنى ۋە ئەتراپىدىكى موڭغۇل چېرىكلەرنى توپلاپ، ئالمائاتا دالالىرىدا تۇرپاندىن نەرە تارتىپ كەلگەن مەنسۇر بىلەن بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى قىلغان، نەتىجىدە سەئىدخان بىلەن خەلىل سۇلتان تەلتۆكۈس مەغلۇب بولغان، مەنسۇر قىرغىزلارنى چالىش (قاراشەھەر) ئەتراپىغا كۆچۈرگەن. سەئىدخاننىڭ ئىنىسى خەلىل سۇلتان ئۆزىنىڭ موغۇلىستاندىكى ئىستىقبالىدىن تەلتۆكۈس ئۈمىدسىزلىنىپ، شەئىبانىخان ھوزۇرىغا قېچىپ بېرىپ، ياخشىراق كۈن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما ئۇ ئاخسىغا كەلگەندە شەئىبانىخاننىڭ نەۋر ئىنىسى، فەرغانە رايونىنىڭ دارۇغاچى جانىبېك سۇلتان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. كېيىن، سەئىدخان كاشغەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، قىرغىز ئاقساقىلى مۇھەممەد قىرغىز قىرغىزلارنى باشلاپ ياردەملەشكەن ھەم شۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزلار ياركەنت خانلىقىنىڭ پۇقرالىرىدىن بولۇپ قالغان. قىرغىزلار قەدىمدىن تارتىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان خەلق بولۇپ، چارۋا-ئوتلاق ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يىلتىزى ئىدى، شۇڭا ئەتراپىدىكى قەبىلە-مىللەتلەر بىلەن يايلاق تالىشىپ قېلىش تەبىئىيلا بىر ئىش ئىدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ ياركەنت خانلىقى ھۆكۈمرانلىرى، پۇقرالىرى بىلەن بۇنداق زىددىيەت-توقۇنۇشتىن خاھلىي بولالماسلىقىمۇ ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى.
ياركەنت خانلىقىنىڭ غەربىدە يەنە تاجىكلار بار ئىدى. تاجىكلار ئاساسەن پامىرنىڭ شەرقىدىكى ئېگىزلىك سارقول (بۈگۈنكى تاشقورغان) رايونىدا تىرىكچىلىك قىلاتتى. بۇ رايون پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدە بولغاچقا، تاغلىرى ئېگىز، يوللىرى خەتەرلىك بولغىنىغا قارىماي تاجىكلار چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى، سىرتتىكىلەر بىلەن بەك ئاز مۇئامىلىدە بولاتتى، تۈزلەڭلىككە يېقىنراق جايلاردا ياشايدىغان تاجىكلار قوشۇمچە ئېكىنچىلىكمۇ قىلاتتى.
تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، تاجىكلار 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، 11-ئەسىردىن ئېتىبارەن ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىبىنىڭ ئىسمائىلىيە سۈلۈكىگە ئېتىقاد قىلغان. بۇ نۇقتىدىن تاجىكلارنىڭ ئېتىقادى ياركەنت خانلىقىدىكى باشقا مىللەت-قەبىلىلەرنىڭ سۈننىي مەزھىبى بىلەن پەرقلىق ئىدى. ئەمما، تاجىكلار ئەزەلدىن باشقا قەبىلە-مىللەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن دىنىي توقۇنۇشتا بولۇپ باقمىغان، ئەكسىچە ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن، بىللە ياشىغان، ياركەنت خانلىقى مەزگىلىدە تاجىكلار ياشايدىغان سارقول رايونى خانلىقنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ئوردا ئەمەلدار ئەۋەتىپ باشقۇرغان ۋە باج يىغقان.
ياركەنت خانلىقىنىڭ شىمالىدا، يەنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىن بالقاش كۆلىگىچە بولغان رايونلاردا ئاساسەن قازاقلار بىلەن ئويرات موڭغۇللىرى ياركەنت خانلىقىنىڭ قوشنىلىرى ئىدى. قازاقلار قازاق دالالىرىدا تەدرىجىي كۈچىيىپ ياركەنت خانلىقى بىلەن قويۇق ئالاقىدا بولغان.
ياركەنت خانلىقىنىڭ غەربىدە ئۆزبېكلەر بۇخارا خانلىقىنى قۇرغان. خوشنىدارچىلىق ۋە ئەنئەنە جەھەتتىن ياركەنت خانلىقى ئۆزبېكلەرنىڭ بۇخارا خانلىقى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىر يىپەك يولى سودىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى بەك جانلانغان. مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرىسىدە، ئۆزبېك سودىگەرلەر ياركەنتكە كېلىپ سودا قىلغان، ھەتتا بەزى بايلار، سودىگەرلەر ياركەنت، كاشغەر قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇزاققىچە تۇرۇپ كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالغان. ھالبۇكى ياركەنت خانلىقىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر، ئۇيغۇر كارۋانچىلار جۇڭگونىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ يىپەك، فار-فۇر بۇيۇملىرىنى بۇخاراغا، ھەتتا كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەپ سودىسىنى جانلاندۇرۇشتا ئۆزبېكلەر رايونىدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخىي ئەنئەن بويىچە بۇخارا، سەمەرقەند قاتارلىق جايلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغاچقا، بۇ جايلارغا نۇرغۇن ئالىم-ئۆلىمالار، ئىسلام مەدرىسلىرى، دىنىي ئالىم-ئۆلىمالار توپلانغان بولۇپ، ياركەنت خانلىقىدىكى ئىلىمگە قىزىقىدىغان ئۇۇيغۇر ياشلىرىنى جەلب قىلاتتى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خوجىلار جەمەتى، سوفىزم سۈلۈكى، دەرۋىش-قەلەندەرلەر بۇخارا بىلەن كاشغەر، ياركەنت ئارىلىقىدا قاتناپ ئۆز سۈلۈك-تەلىماتلىرىنى تەرغىب قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلام تەرەققىياتى، سوفىزمنىڭ تارقىلىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
2. ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى
ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۇرپاننى مەركەز قىلغان شەرقىي قىسىمىنىڭ ھۆكۈمرانى ئەھمەدخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئىدى، ئۇ ھىجىرىيە 892-يىلى (مىلادى 1487-يىلى، يەنە 1490-يىلى دېگۈچىلەرمۇ بار) تۇرپاندا تۇغۇلغان.
ھىجىرىيە 907-يىلى (مىلادى 1501~1502-يىللىرى) ئون تۆت ياشلىق سەئىد سۇلتان ئاتىسىغا ئەگىشىپ تاشكەنتكە بېرىپ، تاغىسى ماھمۇدخاننىڭ شەئىبانىخاننىڭ ئۆزبېك لەشكەرلىرىگە قارىشى تۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. تۇرپاندىن كەلگەن بۇ ياردەمچى لەشكەر شەئىبانىخان تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان. چېكىنىدىغان چاغدا سەئىد سۇلتاننىڭ يوتىسىغا يا ئوقى تېگىپ پۇتى سۇنغانغا، جەڭگاھقا تاشلىۋېتىلگەن. خېلى كۈنلەردىن كېيىن ئۇنىڭ جاراھىتى سەل ياخشىلانغاندا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى ئاخسى شەھىرىگە ئېلىپ بارغان. بۇ چاغدا ئاخسى ھاكىمى شەيىخ بەيياد شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىدى، شۇڭا سەئىدخاننى زىندانغا تاشلىغان○6.
بىر يىلدىن كېيىن، شەئىبانىخان يەنە بىر قېتىم سەمەرقاندكە ھۇجۇم قىلغاندا ئاخسى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، سەئىد سۇلتاننى زىنداندىن قويۇۋەتكەن. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، شەئىبانىخان بۇ بالا شاھزادىنىڭ قىسمەتلىرىگە ئېچىنغان ھەم ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى سەمەرقەندكە ئېلىپ كەتكەن. كېيىن يەنە ئۇرۇشقا چىققاندا ئۇنى ھىسسار بىلەن قۇندۇزغا ئېلىپ بارغان، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا يەنە سەمەرقەندكە قايتۇرۇپ كەلگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي شەئىبانىخان يەنە جەڭگە چىقىپ خارەزمگە ھۇجۇم قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئون ئالتە يېقىنىنى باشلاپ سەمەرقەندتىن قېچىپ چىقىپ سايرام ئارقىلىق تاغىسى ماھمۇدخان تۇرۇۋاتقان جەدكەنگە كەلگەن○7.
سەئىد سۇلتاننىڭ ئاتىسى ئەھمەدخان شەئىبانىخان بىلەن بولغان جەڭدە يېڭىلىپ ئاقسۇغا چېكىنگەن، ھىجىرىيە 909-يىلى (مىلادى 1503~1504-يىللىرى) ئاچچىق يۇتۇپ جان ئۈزگەندە ئاقسۇغا دەپنە قىلىنغان. ئەھمەدخان بىلەن بىللە ئاقسۇغا چېكىنگەن ماھمۇدخان ئاقسۇدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ جەدكەنگە كەتكەن. چۈنكى جەدكەن رايونىدا بىر قىسىم ئاھالە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىناتتى، شەھەر تۇرمۇشى جانلانغان بولۇپ، بازارلار ئاۋات ئىدى. ماھمۇدخان «شەھەرنىڭ راھەت ۋە قۇۋناق تۇرمۇشى» غا ئىنتىلەتتى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ماھمۇدخان «نادان، ئىقتىدارسىز، سەلتەنەت ئىشلىرىغا خام» ئادەم ئىدى، شۇڭا «راھەت، قۇۋناق» شەھەر تۇرمۇشىغا ھېرس بولۇشى تەبىئىي. سەئىد سۇلتان سەمەرقەندتىن قېچىپ كەلگەندىن كېيىن ماھمۇدخاننى پاناھ تارتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئوردىسىدا ئىشلىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردىكى خاتىرىگە قارىغاندا، سەئىد سۇلتان «دانا، ئىقتىدارلىق يىگىت ئىدى، شۇڭا تاغىسىنىڭ سەلتەنەتتىكى پالاكەتلىكى ۋە ھورۇنلىقى پەقەت كۆزىگە سىغمىدى، شۇنىڭ بىلەن تاغىسىنىڭ ھوزۇرىنى تەرك ئېتىپ كەتتى»○8. سەئىد سۇلتان قېچىش سەپىرىدە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى تۇتقىلى كېلىپ قوغلاۋاتقانلارنى چېكىندۈرسە، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ نەگە بېرىشىنى ئويلايتتى. ئاخىردا ئۇ يەنە موغۇلىستانغا قېچىپ كېلىپ ئىنىسى خەلىل سۇلتان ھوزۇرىغا پاناھ تىلەپ كەلدى. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ئىنىسى خەلىل سۇلتان قىرغىزلارنىڭ ئاتامانى ـــــ دارۇغاچ ئىدى. سەئىد سۇلتان كەلگەندىن كېيىن، ئىنىسى بىلەن بىللە قىرغىزلار ئارىسىدا تۆت يىل تۇرۇپ قالدى، قىرغىزلار ئۇنى ئۆزلىرىگە باش قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاغا-ئىنىگە تاغىسى ماھمۇدخان بىلەن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ ئاچچىقى بەكلا كەلدى، دائىم ئۇلارنىڭ ھۇجۇم-پاراكەندىلىكلىرىگە ئۇچراپ تۇردى، ئەمما قىرغىز قەبىلىلىرى «چەۋەنداز، مەرگەن» بولغاچقا ئۇلار ئاغا-ئىنى ئىككىسىگە قول سالالمىدى. ئاخىرى، يەنى ھىجىرىيە 914-يىلى (مىلادى 1508-يىلى) سەئىد سۇلتان بىلەن ئىنىسى خەلىل سۇلتان تاغىسى ماھمۇدخانغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ماھمۇدخان ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي شەئىبانىخاندىن پاناھلىق تىلەپ باردى. نەتىجىدە ئۇ شەئىبانىخان تەرىپىدىن خوجەندتە (بۈگۈنكى تاجىكىستاندا) سىر دەرياسىغا تاغارغا سولاپ تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلدى. بۇ چاغدا، ئاغا-ئىنى ئىككىسىنىڭ ئاكىسى مەنسۇر سۇلتان تۇرپاندىن لەشكەر باشلاپ نەرە تارتىپ كېلىپ، ئالمائاتا ئەتراپىدا قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلدى، بۇ ھۇجۇمنىڭ سەئىد سۇلتانغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇ چاغدا سەئىد سۇلتان بىلەن خەلىل سۇلتان بارلىق قىرغىزلارنى ۋە يايلاقتىكى موغۇل چېرىكلىرىنى توپلاپ ئالمائاتا يايلاقلىرىدا ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن قانلىق جەڭ قىلدى. قىسسە قىلغۇچىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن ھەم دەھشەتلىك بولغان. ئاقىۋەتتە، سەئىد سۇلتان بىلەن خەلىل سۇلتان تەلتۆكۈس تارمار قىلىنغان. مەنسۇرخان قىرغىزلارنى چالىش (قاراشەھەر) ئەتراپىغا كۆچۈرۈۋەتكەن. سەئىد سۇلتان ۋە خەلىل سۇلتاندىن ئىبارەت بۇ قىيامەتلىك قېرىنداش بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ئوخشاشمايدىغان مەنزىلگە يول ئالغان ھەم تەقدىر-قىسمىتىمۇ ئوخشاش بولمىغان.
مەغلۇب بولغاندىن كېيىنكى خەلىل سۇلتان غەربكە بېرىپ ياخشىراق كۈن كۆرەرمەنمىكىن، دەپ شەئىبانىخاندىن پاناھلىق تىلەپ بارغان. ئەمما، ئۇ ئاخسى شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن فەرغانەنىڭ دارۇغاچى، يەنى شەئىبانىخاننىڭ نەۋرە ئىنىسى جانىبېك سۇلتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، ئۇنىڭ قىسقىغىنە ھاياتى مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.
سەئىد سۇلتان جەڭگاھتىن قېچىپ چىققاندا ئەللىك نەچچە ئادىمى بىللە چىقتى، ئۇ دەرھال شەرقىي جەنۇب مەنزىلنى تاللاپ دولان، دەيدىغان بىر يەرگە ـــــ ئالمائاتانىڭ جەنۇبىغا ئوتتۇرا ھال سۈرئەتتە ئون بەش كۈنلۈك مەنزىلگە كەلدى. سەئىد سۇلتان ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن جەڭگاھتىن يىراقلاپ خېلىلا ئەسلىگە كېلىۋالدى. قېچىش داۋامىدا ئۇلار ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىدىكى ئۈرۈك○9، دېگەن يەردە بارىن قەبىلىسىنىڭ بىر بۆلۈك ئادەملىرى بارلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ خەۋەر سەئىد سۇلتاندا ئۈمىد چىرىقى ياندۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرى ئىچىدىكى بارىن قەبىلىسىدىن چىققان خوجا ئەلى باھادۇر ئىسىملىك بىرىنى بارىن قەبىلىسى تۇرۇۋاتقان يەرگە بۇ بارىنلارنى ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىشنى كۆندۈرۈشكە ئەۋەتتى. ئىش ئويلىغاندەك بولمىدى، بارىن قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا ئىتائەت بىلدۈرمەك تۇرماق ھەتتا سەئىد سۇلتاننى قوغلىدى ھەمدە خوجا ئەلى باھادۇرنى تۇتقۇن قىلىۋالدى. يەنە بىر قېتىم قېچىش قىسمىتى پېشانىسىگە پۈتۈلگەن سەئىد سۇلتان ئەمدى ئۆزى يالغۇز قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئەللىك نەچچە ئادەم ئۇنىڭ كەينىدە قېلىپ گەېپى بىر يەردىن چىقمىدى، شۇنىڭ بۆلۈنۈپ تەرەپ-تەرەپكە كېتىشتى. ئەمدىلەتىن يىگرىمە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سەئىد سۇلتان بىر تەرەپتىن قاچقاچ بىر تەرەپتىن باش تىققىدەك بىرەر ماكان تېپىشنى ئويلايتتى. كېيىن ئۇنىڭ خىيالىغا بۇ يىللاردىكى مەنزىرىلەر كەلدى، «ئويلىنىئويراتي... ئارغىمىقىمنى يۈرمەك قىيىن نارىن دەرياسىنىڭ توقايلىقلىرىدا توختىتىپ، بۇ يەردە بۆكتۈرمىدە يېتىپ ئارقار ئوۋلاي؛ ئارقارنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشلىرىنى ئوزۇق قىلاي، تېرىسىنى ئۈستىۋاش قىلاي؛ مۇشۇنداق قىلسام نەچچە يىللار ئۆتسە، جاھاننىڭ ئىشلىرى ئوڭشىلىپ قالغىچە تۇرسام، قالغىنى بىر گەپ بولار»○10 دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. يىگرىمە ياشلاردىكى بۇ يىگىتنىڭ بۇ خىيالى زامانىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىدىن چىققان باھادىرنىڭ تەپەككۇرىغا ئۇيغۇن ئىدى. ئەمما، ئەتىسى ھېلىقى خوجا ئەلى باھادۇر بىر ئاماللار بىلەن بارىن قەبىلىسىىدىكىلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، سەئىد سۇلتانغا يېتىشىۋالدى. يەنە بىر كۈن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ پىتراپ كەتكەن ئادەملىرىنىڭ بىر بۆلۈكى سەئىد سۇلتاننى تېپىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سەئىد سۇلتان تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ كېتكەن ئەگەشكۈچىلىرىنى تاپتى، يەنە خاتۇنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئادەملىرىنىمۇ تېپىۋالدى. ئىپتىدائىي توقايلىقتا ئۈمىدسىزلىكتە، قورقۇنچتا قېلىپ بۇ دۇنيادا تەنھا ياشاشقا بەل باغلىغان سەئىد سۇلتان مانا ئەمدى «يالغۇزسىرىمىدى»، «ھەممەيلەن قايتىدىن جەم بولۇپ خۇشال بولۇشتى»○11. ئەمما بۇ خۇشاللىق ئۇزاققا بارمىدى، دەل شۇ كېچىدە ئۇلار كاشغەر ئەمىرى مىرزا ئابابەكرى دوغلاتىينىڭ موغۇلىستانغا ئەۋەتكەن تالان-تاراجچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى ئەسىرگە چۈشتى، پەقەت ئازغىنە بىر قىسىمى سەئىدخانغا ئەگىشىپ قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سەئىد سۇلتان ۋە ئۇنىڭ خاتۇنى بىرنەچچە ئادىمى بىلەن ياراغسىز ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار بۇ ھالدا نە توقايلىقتا ئوۋ ئوۋلىيالمايتتى، نە بىرەر يايلاق قەبىلىلىرىدىن ئۆزلىرى ياشاشقا زۆرۈر يەر تارتىئويراتلمايتتى، كاشغەرگىمۇ بارالمايتتى، چۈنكى مىرزا ئابابەكرى دوغلاتىي ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بەرمەيتتى. نائىلاج قالغان ئەھۋالدا سەئىد سۇلتان ئەندجانغا كەلدى○12.
بۇ چاغدا شەئىبانىخان ئۆزبېكلەرنىڭ خانى بولۇپ فەرغانە رايونىنى ئىختىيارىغا ئېلىپ، نەۋرە ئىنىسى جانىبېك سۇلتاننى فەرغانە رايونىنىڭ دارۇغاچلىقىغا، يەنى ھۆكۈمرانلىقىغا قويغان. جانىبېك سۇلتان ئەندجان ھاكىملىقىنى خوجا ئەلى باتۇر ئىسىملىك بىر يېقىنىغا تاپشۇرغان بولۇپ، ئۆزى ئاخسىدا تۇرغان. سەئىد سۇلتان قېچىپ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، خوجا ئەلى باتۇر ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، بۇ ئىش خۇسۇسىدا جانىبېك سۇلتانغا خەۋەر ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا جانىبېك سۇلتان جاراھىتىنى داۋالىتىۋاتقان ئىدى، چۈنكى ئۇ يېقىندىلا ئاتتىن يىقىلىپ بېشى جاراھەتلەنگەن، ئەس-يادىمۇ جايىدا ئەمەس ئىدى، خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن خوجا ئەلى باتۇرغا «مېھىر-شەپقەت ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش»○13 نى بۇيرۇغان. دېمىسىمۇ سەئىد سۇلتانغا تەڭرى رەھمەت ئەيلەۋاتاتتى!
خوجا ئەلى باتۇر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سەئىد سۇلتانغا ئۇزىتىش زىياپىتى ھازىرلاپ يولغا سالدى ۋە سەئىد سۇلتانغا دەرھال يولغا چىقىشنى تاپىلىدى ھەم جانىبېك سۇللتاننىڭ تولا تۇترۇقسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى، بەرگەن بۇيرۇقىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. دېگەندەك، سەئىد سۇلتان تېخى زىياپەتنى تۈگەتمىگەن، قولىدىكى لوقمىنى يەپ بولالمىغان بىر چاغدا جانىبېك سۇلتاننىڭ  سەئىد سۇلتاننى ئۆلتۈرۈۋېتىش خۇسۇسىدىكى ئىككىنچى بۇيرۇقى كەلدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، خوجا ئەلى باتۇر لەۋزىدە تۇرۇپ مەردلىك قىلىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇ سەئىد سۇلتاننى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن بەلكى يېقىنلىرىدىن بىرنەچچەيلەننى ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشقا يولغا سالدى○14.
بۇ ئۇنىڭ تەقدىرى ئىدى. تالاي پېشكەلچىلىكتىن قېچىپ قۇتۇلۇش، ھالاكەت گۆرلىرىدىن قېچىپ چىقىش، ئەمدىلا بىر ئۈمىد نۇرى كۆرۈنۈپ تۇرۇشىغا يەنە بىر مەيدان قىيامەت قىسمەتلىرىگە دۇچار بولۇش ۋە يەنە يەنە بىر ھاياتلىق يۇلتۇزىغا بېقىش، ئەجەبا بۇ تەڭرىنىڭ بىر باھادىرغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتى ئەمەسمىدۇ؟! مانا مۇشۇنداق ئادەملەرلا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. شۇ تاپتا، بىر بۈيۈك ئىش ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۈتمەكتە ئىدى، پەقەت رىۋايەتلەردىكى ئەنقالاردەك قىيامەت قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئوت-سۇغا كىرىپ، قان كېچىپ چېنىققاندىلا ئاندىن ھاياتلىق كۈلۈپ باقىدۇ، تۈمەن گەز ئېگىزلىكتە قانات قاقالايدىغان ئىلاھىي قۇشقا ئايلىنالايدۇ!
ئېي سەئىد، كەلگىنچۇ، تەقدىر ئىلاھى كۈتمەكتە سېنى!
سەئىد سۇلتان ينە بىر مەرتە قېچىش سەپىرىگە ئاتلاندى.
ئاتىسىغا ئەگىشىپ جەڭگاھقا ئاتلانغاندا ئۇ ئون ئۈچ-تۆت ياشلاردىكى بىر گۆدەك، نېمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان بىر بالا ئىدى، تاتلىق جانلار، ئىسسىق قانلار ئاققان جەڭگاھنى باشتىن كەچۈرگەن، جان تىكىپ ئېلىشقان، جەڭگاھتا ئاتىسىنىڭ غەزەب ئوتلىرى چاچرىغان كۆزلىرىنى كۆرگەن، تالاي قېچىش ۋە قوغلاپ تۇتۇشتىن ئامان قالغان، ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈم تەھدىدىگە باش ئەگمىگەن، ئون يىللاپ چېنىققاندىن كېيىن قەتئىي ئىرادىلىك، ھەممىگە غالىب كېلەلەيدىغان نەۋقىران بولۇپ يېتىلدى. بۇ بىر ئۇلۇغۋار بۇرۇلۇش ئىدى. مانا مەن دېگەن خېلى-خېلى ئادەملەر بەلكىم بۇنداق بۇرۇلۇشنى بىر ئۆمۈر ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى بۇرۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى قەلبتە ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى!
نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قەلب تولىمۇ ئاجىز. چۈنكى ئۇ بەك ئاسان ئازار يەيدۇ، ئاشقنىڭ ساتقىنلىقى، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ سۇسلىشىپ يوقىلىشى، دوستلۇقنىڭ غايىب بولۇشى قەلب ئۈچۈن بەك ئېغىر زەربە. ئەمما، سەئىد سۇلتانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان يەنە نېمە بار؟ ئۇ ھەممىدىن مەھرۇم قالغان، ئۆز ئاتىسىنىڭ جەڭگاھتا چېپىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھېچنەرسە قىلالماسلىقتىن، قارايۈز، نامەرد ئاغىسىنىڭ تىغ كۆتۈرۈپ قوغلاشلىرى، ئۆلۈم گىردابىغا قىستاشلىرىدىن ئارتۇق يەنە قانداق ئازاب بولسۇن؟ شۇڭا، شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ھەقلىقمىزكى، ئۇ قېچىپ كېتىۋاتقان مەلۇم بىر كېچىدە، ئىنسان ئايىقى تەگمىگەن ئىپتىدائىي توقايلىقتا تۈنەۋېتىپ ئازابلىق خىياللارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز، خۇپىيانە سىرلىرى يوشۇرۇنغان قەلبىنى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ بۇلىقىغا ئايلاندۇرغان.
دۇرۇست! بىر ئادەم بارچە ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغىدەك گۈزەل رۇخسارغا ئىگە بولسىمۇ، قورسىقىدا تالاي كىتابلارنىڭ بىلىمى بولسىمۇ، سورۇپ تۈگەتكۈسىز بايلىقى بولسىمۇ، تەڭداشسىز ئالىي ھوقۇق-ئىمتىيازى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. چۈنكى «قەلبنىڭ قۇدرىتى» ھەقىقى قۇدرەتتۇر!
سەئىد سۇلتان ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن روھانىي، سودىگەر، قەلەندەرلەردەك ياسىنىپ خۇپىيە-ئايغاقچىلارنىڭ كۆزىدىن قۇتۇلۇپ قاچتى، ئاخىرى پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە 1508-يىلى قىشتا كابۇلغا يېتىپ باردى ھەم كابۇلنىڭ ھۆكۈمرانى بابۇرشاھنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى○15.
(بۇ يەرگە 15-رەسىم چۈشىدۇ، سۈرەتتە: بابۇر شاھ. كوماتسو خىسائو باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا قامۇسى» غا بېسىلغان، ياپونىيە خېيبونشا نەشرىياتى 2005-يىل نەشرى، 191-بەت)
بىز دەۋاتقان بۇ بابۇر دەل تارىختىكى موغۇل ئىمپېرىيەسىنى قۇرغۇچى بابۇر شاھنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇنىڭ ئەجدادى بارلاس ئەمىرلىرىدىن تۆمۈرلەڭگە (ئاقساق تۆمۈرگە) تۇتىشىدۇ. ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم تۇرپان رايونىنىڭ ھۆكۈمدارى يۇنۇسخاننىڭ قىزى ئىدى. مۇشۇنداق زىغىرلاپ سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، بۇ قاچاق سەئىد سۇلتان ئەسلىدە بابۇر بىلەن ئانا تەرەپتىن نەۋرە ئاغا-ئىنىلەردىن بولىدۇ. تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، سەئىد سۇلتان بابۇر ھوزۇرىدا «ئىززەت-ئېكراملار بىلەن كۈتۈۋېلىندى، بۇ يەردە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى»○16.
1510-يىلى قىشتا، ئۆزبېكلەرنىڭ مەشھۇر خانى شەئىبانىخان سەفەۋىيلەر خانىدانلىقىنىڭ پادشاھى ئىسمائىل لەشكەرلىرى بىلەن مەرۋدە تۇتۇشۇپ مەغلۇب بولۇپ ئۆلدى. ئىككىنچى يىلى ئەتيازدا بارلىق ئۆزبېك سۇلتانلىرى سەمەرقەندتە جەم بولۇپ مەجلىس ئۆتكۈزۈشتى. مەجلىستە ئۆزبېك سۇلتانلىرى بىردەك ماۋارائۇننەھردىكى بارلىق شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قالدۇق موغۇللىرىنى قىرىپ ئۇرۇقىنى تۈگىتىۋېتىشنى كېڭەش-قارار قىلىشتى. ئەمما، جانىبېك سۇلتان بۇ قارارغا قوشۇلمىدى ۋە سەئىد مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق موغۇللارنى قويۇۋەتتى. سەئىد مۇھەممەد جانىبېك سۇلتاننىڭ پۇشايمان قىلىپ بۇ قارارىدىن يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھال قاچتى. دېگەندەك، ئۇزاق ئۆتمەيلا جانىبېك سۇلتان ئكز قارارىدىن پۇشايمان قىلىپ قوغلاشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئەمما سەئىد مۇھەممەد ئاللاقاچان ئەندجانغا قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى. سەئىد مۇھەممەد ئەندجانغا كېلىپلا ئۆزبېك سۇلتانلىرىنىڭ موغۇللارنى قىرىپ تۈگىتىش خۇسۇسىدىكى مەخپىي قارارىنى شۇ جايدىكى موغۇللارغا جاكارلىدى ۋە ئەندجاندىكى بارلىق موغۇللارنى توپلاپ غەليان كۆتۈرۈپ، بارلىق ئۆزبېكلەرنى فەرغانە رايونىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ بابۇرشاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى ھەم ياردەم تىلىدى. بابۇرشاھ سەئىد سۇلتاننى ئەندجانغا ئەۋەتتى. تارىخ مەنبەلىرىدە بۇ ۋەقە «بېرىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەئىدخانغا ئەگىشىپ باردى»○17 دەپ خاتىرىلەندى.
1511-يىلى، بابۇرشاھ سەئىد سۇلتاننى بىرمۇنچە ئادەملىرى بىلەن ئەندجانغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئەندجاندا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىندى. سەئىد سۇلتان بىلەن ئىسىمداش سەئىد مۇھەممەد ئەمىرلىرىنى باشلاپ چىقىپ بۇ نەۋقىران سۇلتاننىڭ ئۆزەڭگىسىنى سۆيۈپ ئىتائەت بىلدۈردى. قىسسە قىلىنىشىچە، سەئىد مۇھەممەد «ئۆزى ئەمدىلا بويسۇندۇرغان زېمىننى سەئىد سۇلتاننىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان». سەئىد سۇلتانمۇ موغۇل ئەنئەنىسى بويىچە ئۇنىڭغا «ئۇلۇس بېگى»○18 دېگەن ئاتاقنى بەرگەن.
دەل شۇ چاغدا، سەمەرقەندتىكى ئۆزبېك سۇلتانلىرىمۇ سەئىد سۇلتاننىڭ ئەندجانغا يېتىپ كەلگەنلىك خەۋىرىگە ئېرىشتى. جانىبېك سۇلتان،كۇچۇمخان،سۈيۈنچ سۇلتان قاتارلىقلار بىرلىشىپ فەرغانىگە لەشكەر تارتتى. سەئىد سۇلتانمۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ  كاساندا ئۆزبېك لەشكەرلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭگە تەييارلاندى ۋە قول ئاستىدىكى سۇلتان ئەلى مىرزا قاتارلىق سەركەردىلىرىنى كاسانغا سېپىل مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە سەئىد سۇلتان يەنە قول ئاستىدىكى بارلىق سەركەردىلىرىنى كاساننىڭ تاغلىق رايونىغا توپلاپ، ئوڭ-سول قاناتتىن ياۋ لەشكەرلىرىنى قىسماققا ئېلىپ، ياۋ لەشكەرلىرىنى پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا پۇرسەت بەرمىدى.
ئىككى تەرەپ قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ قىر-چاپقا چۈشكەن بىر پەيتتە، فەرغانە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىكى ئۆزكەنت، ئوش قاتارلىق جايلارنى پوكۇنىغا بېسىپ ياتقان كاشغەر ھۆكۈمدارى مىرزا ئابابەكرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لەشكەر تارتىپ ئەندجانغا يېقىن بىر جايدا قوش تىكىپ، ئەندجان سېپىلىگە پالاخمانلارنى بەتلەپ تۇرغانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇ چاغدا سەئىد سۇلتان ئۆزبېكلەرنىڭ سېپىل قورشاش ھۇجۇمىنى بكسۈپ چىقىپ، تاغدىكى لەشكەرلىرىنى توپلاپ ئەندجانغا قايتتى. بۇ چاغدا سېپىلغا ھۇجۇم باشلاشقا تەييار تۇرغان مىرزا ئابابەكرى ھۇجۇمىنى ئەتىسى باشلاشقا ئۆزگەرتتى. ئەمما، بۇ خەۋەردىن ۋاقىبلانغان سەئىد سۇلتان شۇ كۈنى سۈبھىدىن بۇرۇن شەھەر قوۋۇقىنى ئېچىپ مىرزا ئابابەكرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى، ئەندجان شەھىرىگە ئىككى فەرساخ كېلىدىغان يەردىكى تۇتلۇق، دېگەن يەردە سەپ تۈزۈپ مىرزا ئابابەكرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا ھازىرلىنىپ تۇردى. سەئىد سۇلتان لەشكەرلىرىنىڭ يۇرتىنى قوغداش تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئىد سۇلتاندەك نۇرغۇن قىيامەت قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، تالاي جەڭگاھلارنى كۆرگەن قومانداننىڭ ئۆزى بىۋاسىتە جەڭگە قوماندانلىق قىلىشى لەشكەرلەرنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇۇردى، نەتىجىدە بىر مىڭ بەش يۈز چېرىكلىك لەشكىرى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئىككى تۈمەن چېرىكلىك لەشكىرىنى تېرە-پېرەن قىلىپ، مىرزا ئابابەكرىنى تەلتۆكۈس بىت-چىت قىلدى. سەئىد سۇلتان لەشكەرلىرى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۈچ مىڭدىن ئاررتۇق ئادىمىنى ئەسىر ئالدى. ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ جەڭ ئۇدۇمى بويىچە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئەسىرنى بىرنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتسە بولاتتى. ئەمما، سەئىد سۇلتاننىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن بىر دوغلات ئەمىرى ئۇنىڭغا «بۇ نۇسرەتنى بىز تەنتەنە قىلىشىمىز ۋە ئاللاھقا ھەمدۇسەنا ئوقۇشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ پۈتكۈل كاشغەرىيە ئېلىنىڭ قوۋۇقىنى ئېچىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى. بىز كاشغەرىيەنى كۆپ ھەرەج تارتمايلا ئىختىيارىمىزغا ئېلىشقا تەقەززا بولۇپ تۇرۇپتىمىز، بۇ ئەسىرلەرنى قەتلىئام قىلىش گەرچە مەزھەبى ئىنتىقامدا ئىجازەت بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاشغەردىكى دېھقان يىگىتلىرى. ناۋادا جانابلىرى بۇ يەردە ئۇلارغا ئەپۇ دەرۋازىسىنى ئاچمىسىلا، بۇ كاشغەردە بىر مەيدان قەتلىئام يۈرگۈزگەن بىلەن باراۋەر، بۇ ئىش ئاخىرقى ھېسابتا سىلىنى پۇشايمانغا قويىدۇ. ناۋادا جانابلىرى مېھر-شەپقەت دەرۋازىسىنى كەڭرى ئېچىپ بۇ يىگىتلەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىپ ماڭا ئولجا قىلىپ بېرىۋەتسىلە، ئۇنداقتا جانابلىرى مەيلى بۇ دۇنيالىقلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇ دۇنيالىقلىرىدا بولسۇن بۇ مېھرىبانلىقلىرى ئۈچۈن كاتتا ئىنئامغا ئېرىشەلەيدىلا»○19 دېدى. قىسسە قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، سەئىد سۇلتان بۇ دوغلات ئەمىرىنىڭ يىراقنى كۆرەر دانا تەۋسىيەسىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئۈچمىڭدىن ئارتۇق بۇ ئەسىرنى قويۇۋەتكەن. بۇ، سەئىد سۇلتاننىڭ كېيىنكى چاغدا كاشغەرگە ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم  چېرىك مەنبەسى بىلەن تەمىن قىلىپلا قالماي يەنە ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك ساھىبى، دېگەن گۈزەل نامغىمۇ نائىل قىلغان.
سەئىد سۇلتاننىڭ جەڭگاھتىكى كەچمىشلىرىدە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى غەلىبىسى ئىدى. ئۇ مىرزا ئابابەكرىنىڭ  لەشكىرىي مۇداخىلىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كاتتا زەپەر قۇچتى. بۇ زەپەر دەل شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يېقىن ئەتراپتىلا ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان ئۆزبېكلەرنى چۆچۈتۈۋەتتى. دەل شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يەنە بابۇرشاھنىڭ سەمەرقەندنى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك سۇلتانلىرى فەرغانەدىن چېكىنىپ غەربكتىكى تاشكەنتتە لەشكەر توپلاپ، بابۇرغا ھۇجۇم قوزغاشنى قارار قىلىشتى.
(بۇ يەرگە 16-رەسىم چۈشىدۇ، سۈرەتتە: بابۇرشاھ جەڭگاھتا. مانو ئېيجى قاتارلىقلار تۈزگەن «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىياسى» گە قىستۇرما. ياپونىيە ئاساخى شىمبۇن ئاخبارات ئاگېنتلىقى 1992-يىل نەشرى، 109-بەت)
1512-يىلى، بابۇرشاھ  بۇخارا ئەتراپىدا ئۆزبېك لەشكەرلىرى بىلەن زور كۆلەملىك ئۇرۇش قىلدى. ئۆزبېكلەرنىڭ سەردارى ئۇبەيدۇللاھ سۇلتان قولاي يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ بابۇرنى يېڭىۋالدى. بابۇر سەمەرقەندكە قېچىپ، لەشكىرىي تۈلۈك-ياراغلىرىنى يىغىشتۇرۇپ  تۇغقانلىرىنى، سەردارلىرىنى ئېلىپ ھىسسارغا چېكىندى. شۇنداق قىلىپ ئۆزبېكلەر بابۇرنىڭ  تەسىر كۈچىنى ماۋارائۇننەھردىن تازىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ماۋارائۇننەھردە بەرپا قىلغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەمما، بابۇر مەغلۇب بولغىنىغا شۈكرى-قانائەت قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. كۆكسى-قارنى كەڭ بۇ پادشاھ ئىران شاھى  ئىسمائىل شاھ ۋە ئەندجاندىكى سەئىد سۇلتاندىن ياردەم تىلىدى. شاھ ئىسمائىل مىر نازىمنى باشبۇغلۇققا تەيىنلەپ ئالتە تۈمەن چېرىكلىك لەشكەر تارتىپ بابۇرغا ياردەمگە كېلىپ، بابۇر بىلەن بىرلىكتە سەمەرقەندكە ھۇجۇم قىلدى. سەئىد سۇلتانمۇ بەش مىڭدىن ئارتۇق بابۇرغا ياردەمگە كەلدى. ئەمما، تاشكەنت ئەتراپىدا سۈيۈنچخاننىڭنىڭ يەتتە مىڭ لەشكىرىنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچرىدى. سەئىد سۇلتان گەرچە چېرىك بولۇپ باققان قارام، باتۇر يىگىت بولسىمۇ ئەمما يەنىلا لەشكىرىي كۈچ پەرقلىق بولغاچقا مەغلۇب بولۇپ ئەندجانغا قېچىپ كەتتى. بۇ چاغدا يەنە بابۇر بىلەن مىر نازىمنىڭ بىرلەشمە لەشكەرلىرىمۇ ئۆزبېكلەردىن مەغلۇب بولغان بوپتۇ، سۈيۈنچخان شۇ تاپتا ئەندجانغا نەرە تارتىپ كېلىۋېتىپتۇ، دېگەن شۇم خەۋەر كەلدى. جەڭگاھتىكى بۇنداق ئۆزگىرىش ئەھۋالىدا ئەندجان شەھىرى ياۋ لەشكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىش خەۋپى بار ئىدى، سەئىد سۇلتان ئەمىرلىرى بىلەن ئەستايىدىل كېڭىشىپ سەئىد مۇھەممەد دوغلاتىي ئەندجاننى ساقلايدىغان بولدى. ... سەئىد سۇلتان تۇغقانلىرى بىلەن بىر بۆلۈك لەشكەرنى باشلاپ ئەندجاننىڭ شىمالىدىكى تىك قىيالىق چوققىلارغا چېكىنىپ، لەشكەرلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ شۇ يەردە ئۆزبېك لەشكەرلىرىنىڭ  شەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇيدىغان بولدى. دېگەندەك، ئۆزبېكلەر ئەندجانغا يۈرۈش قىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن توختىدى؛ بۇ مەزگىلدە، سەئىد سۇلتان كىچىك دائىرىدە ھەرىكەت قىلىپ تاشكەنت رايونىدىكى قەسەبە-قورغانلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇردى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، سەئىد سۇلتان ھەر قېتىملىق جەڭدە «ئۆزى قىلىچ يالىڭاچلاپ جەڭگاھتا ئالدىدا يۈرۈپ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ»، «ياۋ چېرىكلىرىنى تەلتۆكۈس قىرىپ نۇسرەت بىلەن قايتقان»○20. بۇ خاتىرىلەر بىر تەرەپتىن سەئىد سۇلتاننىڭ تۇغما ئىقتىدارلىق لەشكىرىي قوماندان ھەم يىراقنى كۆرەلەيدىغان سىياسىيئون ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەغلۇب بولغىنىغا تەن بەرمەيدىغان، يىقىلغان يېرىدىن قوپالايدىغان، كۈرمىڭ قىيامەت قىسمەتلىرىنى كۆرگەن، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ لەشكىرىي ھەرىكەت قىلالايدىغان، مال-دۇنيا ئولجا قىلىپ جېنىنى ساقلىيالايدىغان باھادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
1514-يىلى كىرىشى بىلەنلا ماۋارائۇننەھردە ئۈچ باھادىرنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. شاھ ئىسمائىل، بابۇر بىرلىشىپ ئۆزبېك سۇلتانلىرى بىلەن تىركەشتى. ئۆزبېك سۇلتانلىرى بابۇرنىڭ ھەمجەھەت لەشكەرلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ماۋارائۇننەھر رايونىنى ئىختىيارىغا ئالغاندىن كېيىن، بابۇر بىلەن شاھ ئىسمائىلنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ شەھەر مۇداپىئەسىنى پۇختىلاشقا تۇتۇش قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزبېك سۇلتانلىرى سۈيۈنچخاننىڭ باشبۇغلىقىدا لەشكەر تارتىپ، شەرقتىكى فەرغانىگە ھۇجۇم قوزغاپ، سەئىد سۇلتاننى فەرغانە رايونىدىن كېتىشكە مەجبۇرلىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سەئىد سۇلتان ئەندجاندىن چېكىنىپ موغۇلىستانغا كېتىشكە قارار تاپتى. بۇ دەل 1514-يىلنىڭ ئەتياز پەسلى ئىدى. ئۇ جىددىي لەشكىرىي يۈرۈش قىلىپ جەتكەن (تالاس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا) گە كەلگەندە، سەئىد سۇلتان مۇشاۋىر، ئەمىر ۋە قارارگاھ سەردارلىرىنى يىغىپ تەدبىر-كېڭەش قىلىشتى.
جەتكەن كېڭىشىدە سەئىد سۇلتان «تەڭداشسىز مۇشاۋىر» دەپ نام بەرگەن دوغلات ئەمىرى سەئىد مۇھەممەد موغۇلىستانغا بېرىش رىجەسىدىن ۋاز كېچىپ كاشغەرىيەدىكى شەھەرلەرگە يۈرۈش قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «ناۋادا ھەرقايسىلىرى مۇۋاپىق، دەپ قاراشسىلىرى، شۇنداق ئاقىلانە بىر تەدبىر قىلايكى، ياۋ لەشكەرلىرى چېگراغا قەدەم باسماستىن بۇرۇن ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىش ئەڭ ئالىي تەدبىردۇر»○21 دېدى. سەئىد سۇلتان بۇ تەدبىرنى قوبۇل كۆرۈپ، كاشغەرگە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى.
تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، سەئىد مۇھەممەد جەتكەن كېڭىشىدە سەئىد سۇلتان ئۈچۈن قىلغان تەدبىرى سەئىد سۇلتاننى بىر قارارغا كېلىشكە دالالەت قىلدى. سەئىد مۇھەممەد ئۆز تەدبىرىدە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپ «كاشغەر ھۆكۈمرانى مىرزا ئابابەكرى دوغلاتىنىڭ ئىلگىرى سەئىد سۇلتان تەرىپىدىن قاتتىق يېڭىلگەنلىكى، شۇڭا قورققانغا قوش كۆرۈنەر، دېگەندەك ھېلىھەم قورقۇپ يۈرگەنلىكى، مۇشۇ پۇرسەت ئۇنى مەغلۇب قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ 40 نەچچە يىل سەلتەنەت يۈرگۈزۈپ يېشى ئاتمىشتىن ھالقىپ ماغدۇرىدىن كەتكەنلىكى، زالىملىقتا ئۇچىغا چىققانلىقى، ئاۋامنىڭ ئۇنىڭغا نەپرىتى تولۇپ-تاشقانلىقى، ئۇنى غۇلىتىشنىڭ قارارى يەتكەنلىكى» نى ئېزىپ ئىچۈردى○22. ئاخىردا سەئىد مۇھەممەد يۇقىرى ئاۋازدا «مىرزا ئابابەكرىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ساپلا مېنىڭ بۇرۇنقى بۇرادەرلىرىم، ئۇلار مېنىڭ سۇلتانىمغا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمنى كۆرگەن ھامان ھەممىسى مەن تەرەپكە كېلىدۇ ... مىرزا ئابابەكرىگە مەھشەر كۈنى يېتىپ سۇلتانىمغا خانلىق سەلتەنەتى كۈلۈپ قۇچاق ئاچىدۇ!» ○23دېدى.
كاشغەر يىپەك يولىىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىگە جايلاشقان، يەنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئېسىل تاۋارلىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قاتنايدىغان يىپەك يولى كاراۋانلىرى ئاخىرى كاشغەرگە جەم بولۇپ، ئاندىن تاۋارلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ھەتتا ياۋروپا ئەللىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. كاشغەرنىڭ ئىستېراتېگىيەلىك ئورنىمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئېيتقاندا شىمالى، غەربى، جەنۇبى ئېگىز چوققىلىق تاغلار بىلەن ئورىلىپ تەبىئىي توساق بولغان، ساقلىماق ئاسان ھۇجۇم قىلماق قىيىن جايدۇر، شەرقىدە ئويمانلىق گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىقلار بولۇپ، بىپايان يەرلىرى مۇنبەت، تېرىسىلا ھوسۇلى چىقىدۇ، بۇ زېمىنگە ئېرىشكەن ئادەم شەرق-غەربنىڭ قاتنىشى ۋە يىپەك يولىدىكى خەلقئارا سودىنىڭ جان تومۇرىنى ئىختىيارىغا ئالالايدۇ. بۇ يەرنى ئىختىيارىغا ئالغان ئادەم خانلار خانى بولالايدۇ. سەئىد مۇھەممەدنىڭ تەھلىلى ئارقىلىق «بارلىق ئەمىرلەر بىردەك قۇۋۋەتلەشتى»○24. شۇنىڭ بىلەن ھىجىرىيە 920-يىلى 3-ئايدا (مىلادى 1514-يىلى 4~5-ئايلاردا) سەئىد سۇلتان ئادەملىرىنى باشلاپ موغۇلىستان ئارقىلىق تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىپ كاشغەرگە يۈرۈش قىلدى.
سەئىد سۇلتان ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرىنى تۈزۈۋالغاندىن كېيىن دەرھال فەرغانىدىن ئايرىلىپ، شەرقىي جەنۇب تامان يول ئالدى. ئۇلار ئاتباشى، دېگەن يەرگە كەلگەندە، سەئىد سۇلتان قوشۇندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلار ۋە تۈلۈك، ئېغىر ياراغلارنى مۇشۇ يەرگە جايلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قالغانلار يۈرۈشنى داۋام قىلدى. سەئىد سۇلتان ئۆزى بولسا ھېماتچىلىرىنى باشلاپ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى.ئاتباشى موغۇلىستان بىلەن كاشغەرىيەگە ئەڭ يېقىن چېگرا قەسەبە ئىدى○25. ئېيتىلىشىچە «بۇ يەر كاشغەرگە يەتتە كۈنلۈك مۇساپە» ئىدى. يېنىك ياراغلار بىلەن تېز يۈرگەن سەئىد سۇلتان ۋە ئۇنىڭ سەردارلىرى بايانباش (بۈگۈنكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى چېگرا ئېغىزى بولغان تورغات) تىن ئۆتۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئاتۇشنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونى (بۈگۈنكى ئۈستىن ئاتۇش) غا كەلدى.
سەئىد سۇلتاننىڭ بۇ لەشكىرىي يۈرۈشى ئەلۋەتتە تېزلا كاشغەردىكى مىرزا ئابابەكرىنىڭ چېگرا چېرىكلىرى تەرىپىدىن بايقالدى ۋە دەرھال مىرزا ئابابەكرىگە خەۋەر بېرىشتى. مىرزا ئابابەكرى دەرھال تۈمەن دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا بىر قورغان ياساتتى. «تارىخىي رەشىدىي» دە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ قورغاننىڭ كۆلىمى تەخمىنەن ئەللىك جارىب، قورغان سېپىلىنىڭ ئېگىزلىكى يىگرىمە ماتاگەز○26 بولۇپ، سېپىل ئۈستىدە بىرلا ۋاقتتا تۆت چەۋەنداز تەڭ يۈرەلەيدىغان يول بار ئىدى. سېپىل ئىستېھكامىدا مىڭدىن ئارتۇق چېرىك بولۇپ، نەچچە يىل يەتكىدەك تۈلۈك غەملەگلىك ئىدى، مىرزا ئابابەكرى ئەمىرلىرىدىن 玉思番 نى لەشكىرىي ئىشلارنى بىرياقلىق قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ، ئەينى زامانغا نىسبەتەن ناھايىتى كاتتا قورغان ئىدى. مىرزا ئابابەكرى ئەندجاندىن مەغلۇب بولۇپ قايتقاندىن كېيىن، سەئىد سۇلتاننىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن كاشغەر كونا شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى ئىمارەتلەرنى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى چاقتۇرۇپ، ئاھالىنى ياركەنتكە كۆچۈرگەن، ئاندىن بۇ ئاھالىلەر رايونىنى تېرىلغۇغاا ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. مىرزا ئابابەكرى سەئىد سۇلتاننىڭ ھۇجۇمغا كېلىدىغانلىقى خۇسۇسىدىكى خەۋەرنى ئىشتكەندىن كېيىن، يېڭىھىسسارغا بېرىپ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۆزى ياركەنتكە كەتكەن.
تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، ئۈستىن ئاتۇشقا كەلگەن سەئىد سۇلتان بىر كېچە دەم ئېلىپلا ئەتىسى «كۈن بىلەن تەڭ» لەشكەرلىرىگە يولغا چىقىش بۇيرۇقى بەرگەن ھەم ئۇچبارخان○27 كەنتىگە كېلىپ، بۇ كەنتتە چاقماق دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېگىز يارداڭلىق بولغان دەريا قىرغىقىنى بويلاپ كاشغەرگە ئىچكىرىلەپ يۈرۈش قىلغان. جىلغا ئۇچىغا كەلگەندە، يارداڭلىقتىن كاشغەرنىڭ پۈتكۈل شەھەر قىياپىتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. سەئىد سۇلتان بۇ يەردە يۈرۈشتىن توختاپ بۇيرۇق كۈتۈشنى بۇيرۇغان ھەم ئەمىرلىرىگە چېرىكلىرىنىڭ سانىنى ئېلىشنى بۇيرۇغان. بۇ چېرىكلەر جەمئىي 4700 ئاتلىق بولۇپ سانى ئېلىنغان○28. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تىزىمغا ئېلىنغان چېرىكلەر ئىچىدە دوغلات، بارلاس قاتارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن باشقا يەنە قاراچ (卡剌赤)، قارلۇق قاتارلىق تۈركىي قەبىلە ئاتامانلىرى ھەمدە خۇراسان رايونىدىكى ئۇيغۇر بەگلىرىمۇ بولغان. ئۈستىن ئاتۇشتا لەشكىرىي ئىنتىزام تەرتىپكە سېلىنىپ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كاشغەرگە يۈرۈش قىلىنغان.
ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى كاشغەر شەھىرىنىڭ سىرتىغا توپلانغان ۋە دەرھال ئۇرۇش باشلانغان. بۇ چاغدا سەئىد سۇلتان قىلىچ يالىڭاچلاپ جەڭگاھقا كىرگەن، سەردار-چېرىكلىرى ئۇنىڭ قىر-چاپقا ئۆتكىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ غەيرەتكە كەلگەن ۋە باتۇرلۇق بىلەن قىر-چاپ قىلغان، كاشغەرنى ساقلاۋاتقان مىرزا ئابابەكرىنىڭ سەردار-چېرىكلىرى چېكىنىپ قورغانغا كىرىۋالغان. بۇ تۇرشاۋۇل قوشۇن قورغان قوۋۇقىنى مەھكەم تاقاپ قايتا جەڭگاھقا چىقمىغان. تۇنجى مەيدان جېڭىدە نۇسرەت قازانغان سەئىد سۇلتان چېرىكلىرى باتۇرلۇق بىلەن قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما كاشغەر شەھىرىنىڭ بۇ سېپىل قورغىنى بەك پۇختا بولغانلىقتىن ھۇجۇم بىلەن ئېلىش قىيىنلاشقان، سەئىد سۇلتان خېلى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپمۇ قورغاننى بۇزالمىغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، سەئىد سۇلتان يېڭىھىسسارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغان. يېڭىھىسسار شەھىرى كاشغەر بىلەن ياركەنت ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم جاي ئىدى. ناۋادا يېڭىھىسسارنى ئىشغال قىلسا، مىرزا ئابابەكرىنىڭ بوغۇزىدىن قاماللىۋالغاندەكلا بىر ئىش بولاتتى، نەتىجىدە ياركەنت پۈتۈنلەي ھېماتسىز قالاتتى ھەم كاشغەردىكى تۇرشاۋۇل لەشكەرنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولاتتى.
سەئىد سۇلتان يېڭىھىسسار يېنىغا كېلىپ قوش تىكىپ پۇرسەت كۈتتى. يېڭىھىسسارنى ساقلاۋاتقان تۇرشاۋۇل قوشۇن سېپىلنى ساقلاپ جەڭگە چىقماي تۇرۇۋالدى. سەئىد سۇلتان قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ باققان بولسىمۇ سېپىلنى بۇزالمىدى. شۇنداق قىلىپ سەئىد سۇلتان يېڭىھىسسار شەھەر سىرتىدا ئىككى ئايغىچە تۇرغان بولسىمۇ ھېچ نەتىجە چىقمىدى. دەل شۇنداق بىر چاغدا قىرغىزلارنىڭ ئاتامانى مەھەممەد قىرغىز سەئىد سۇلتاندىن پاناھلىق تىلەپ كېلىپ قالدى ۋە ياخشى قارىشى ئېلىندى. مۇھەممەد قىرغىز سەئىد سۇلتانغا ياركەنتكە  خۇپىيانە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشنى ئېيتتى. ياركەنتكە بېرىش سەپىرىدە (يېڭىھىسساردىن ئىككى فەرساخ يىراقلىقتا) ئارسلانباغ، دەيدىغان بىر جايدا كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭكىدەك چېرىكلەر بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتاتتى، مۇھەممەد قىرغىز بۇ يەردىن مىرزا ئابابەكرى لەشكەر تولۇقلاش ئۈچۈن دېھقان، ھۈنەرۋەن-كاسىپ، سودىگەر-ھۆپىگەرلەردىن زورلۇق بىلەن چېرىك توپلاپ ئۇلارغا ياراغ تارقىتىۋېتىپتۇ، دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ مەشق كۆرگەن چېرىكلىرى يوقلىقى مەلۇم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سەئىد سۇلتان قەتئىي نىيەتكە كېلىپ يېڭىھىسسار سېپىلىنى بۇزۇپ شەھەرنى ئېلىش قارارىغا كەلدى.
سەئىد سۇلتان ئەمىرلىرى بىلەن كېڭىشىپ، سۈبھى پەيتىدە يېڭىھىسسار سېپىلىغا شىددەتلىك ھۇجۇم باشلاشنى قارار قىلدى، بەش كېچە-كۈندۈز لەخمە قېزىش ئارقىلىق بىر ئېغىز ئاچتى، شەھەر سېپىلىنى ساقلاۋاتقان تۇرشاۋۇللارمۇ بۇ ئېغىزنى ئېتىۋېلىپ ھېچ كىرگىلى قويمايۋاتاتتى. بۇ ئارىدا سەئىد سۇلتان مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئوزايىنى بىلىشكە پايلاقچىلىرىنى يولغا سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە مىرزا ئابابەكرىمۇ يېڭىھىسسار تەرەپكە سەئىد سۇلتاننىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى بىلىشكە ئايغاقچىلىرىنى يولغا سالغان ئىدى، نەتىجىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئايغاقچى-پايلاقچىلىرى قىزىل، دەيدىغان بىر كەنتتە دوقۇرۇشۇپ قالدى ۋە تۇتۇشۇپ قالدى، ئاقىۋەتتە سەئىد سۇلتاننىڭ پايلاقچى چېرىكلىرى يەڭدى ۋە يېڭىھىسسار شەھىرىنى ساقلاۋاتقان تۇرشاۋۇل قوشۇننىڭ تۇرشاۋۇلى ئەمىن دارۇغاچنىڭ ئوغلى (阿里哈)ئەلى قارانى تۇتقۇن قىلىۋالدى. بۇ چاغدا سەئىد سۇلتاننىڭ ئەمىرلىرى بىردەك سېپىل بۇزۇشنى توختىتىپ ياركەنت شەھىرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان مىرزا ئابابەكرى بىلەن تۇتۇشۇشنى تەشەببۇس قىلىشتى، ئەمما سەئىد سۇلتان كۆپچىلىكنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلىپ مۇشۇ يەردە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ «مۇشۇ يەردىكى  يارداڭلىق ھاڭدا مىرزا ئابابەكرىنى كېلىشىنى ساقلايمىز، مېنىڭ ئاتقان ئوقۇم ھەم شەھەر سېپىلىنى تېشىشى ھەم مىرزا ئابابەكرىنى چىنىشى كېرەك، مەن جەڭدە ئۆلگىچە مۇشۇ يەردە بولىمەن. كىمەرسەكىم مەندەك جەڭ قىلىشنى خاھلىمىسا، ئۆزى خاھلىغىنىدەك قىلسۇن»○29 دېدى.
ناۋادا بىر ئادەم ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆلۈمدىن قورقۇپ قالاتتىمۇ؟ سەئىد سۇلتاننىڭ بۇ مەردانە سۆزلىرى ۋە ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان مەردانىلىقى بىلەن ئىرادىسى سەركەردە-چېرىكلەرگە ناھايىتى زور ئىلھام بولدى، شۇنىڭ بىلەن سەركەردە-چېرىكلەر قەتئىي ئىرادە بىلەن سېپىل بۇزۇش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. شۇنداق دەھشەتلىك ھۇجۇم بولدىكى، ئالتىنچى كۈنى سۈبھىدە سېپىل ساقلاۋاتقان تۇرشاۋۇل ئەمىن دارۇغاچ سەئىد سۇلتاننىڭ شەھەر پۇقرالىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىدە تەسلىم بولۇپ شەھەرنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەلچىسىنى چىقاردى. سەئىد سۇلتان بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى، ئەمى دارۇغاچ تەسلىم بولدى. شۇنداق قىلىپ يېڭىھىسسار شەھىرى سەئىد سۇلتاننىڭ كاشغەرگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئېرىشكەن تۇنجى شەھەر بولۇپ قالدى. بۇ غەلىبە سەئىد سۇلتاننىڭ «كاشغەرىيە خانىدانلىقىنى بويسۇندۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ»○30 بولۇپ قالدى.
سەئىد سۇلتان يېڭىھىسسار شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن، كاشغەرگە ھۇجۇم قىلىشنى رىجە قىلىۋاتاتتى. ئۇ جىددى جەڭ ھازىرلىقلىرىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، كاشغەر تۇرشاۋۇل لەشكىرىنىڭ شەھەرنى تاشلاپ قاچقانلىق خەۋىرى كەلدى. شۇنداق قىلىپ سەئىد سۇلتان بىر چېرىك مىدىرلاتماي تۇرۇپلا كاشغەر شەھىرىنىمۇ ئىلكىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ جەڭ ھازىرلىقىنى ياركەنتكە ھۇجۇم قىلىپ مىرزا ئابابەكرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا قاراتتى. بۇ چاغدا مىرزا ئابابەكرى ياركەنت شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئۆزىنىڭ يېڭىدىن توپلىغان لەشكىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتاتتى. مىڭ تەستە توپلىغان بۇ رەتسىز ئارىلشما چېرىكنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ «مۇشۇنداق بىر قوشۇن بىلەن بىرەر پالىز (ئوتياشلىق) نى بۇلاشمۇ مۇمكىن بولمىغىدەك»○31 دېدى. دەل شۇ ئەسنادا يېڭىھىسسار، كاشغەرلەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋىرى ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ ياركەنت شەھىرىگە بېرىپ ئوغلى جاھانگىرنى شەھەرنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئازغىنە ئادەملىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش، جاۋاھىراتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ خوتەن تەرەپكە قاچتى. ئاتىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە  ئوغلى جاھانگىرنى سەلتەنەت ئىشلىرىغا  ئارىلاشتۇرمىغان ئىدى، شۇڭا جاھانگىر يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈدىغان، قورقۇنچاق بولۇپ يېتىلگەن ئىدى. مانا ئەمدى دۆلەت ھايات-ماماتلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت مۇشۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋاتىدۇ، جاھانگىر قانداقمۇ بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسۇن؟ دېگەندەك، ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە، ئاتىسىنىڭ ۋەتەننى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا كەتكىنىنى ئاڭلىدى، ياۋ لەشكەرلىرىنىڭ يېقىنلاپ قىستاپ كەلگەنلىكى خۇسۇسىدا خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى، شۇڭا ئۇمۇ ۋەتەننى تاشلاپ كېتىش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى بايلىقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەركىم بايلىق، مال-دۇنيانى خاھلىغىنىچە ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، دېگەن يارلىقنى چۈشۈردى. نەتىجىدە پۈتكۈل ياركەنت شەھىرى مالىمانچىلىقتا قالدى، مال-دۇنيا بۇلاش، ئاشلىق بۇلاش ئەۋج ئالدى، شەھەر ئەسلىھەلىرىنى، ئاھالە تۇرالغۇلىرىنى بۇزۇش-كۆيدۈرۈشلەر توختىمىدى.
قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان قورقۇنچاق شاھزادە ياركەنت شەھىرىنى بۇ دۇنيادىكى دوزاخقا ئايلاندۇرۇۋېتىپ پەشنى قېقىپ كەتكەندىن كېيىن تۆتىنچى كۈنى  سەئىد سۇلتان ئىلغارلىرىنىڭ سەردارى خوجا ئەلى باتۇر ياركەنت شەھىرىگە كىردى. شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە سەئىد سۇلتانمۇ ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ياركەنتكە كەلدى.
سەئىد سۇلتان يانىڭ كىرىچىنى تارتماي تۇرۇپلا شەھەرگە كىرىپ ياركەنت شەھىرىنى ئىختىيارىغا ئالدى ۋە ئەمىرلىرىدىن ئەھمەدنى خوتەننى ئېلىشقا ئەۋەتتى، يەنە يەتتە نەپەر سەربازىنى مىرزا ئابابەكرىنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئەۋەتتى، ئارقىدىن لەشكەرلىرىنى ئىككى ئايغىچە تالان-تاراج قىلىشقا بۇيرۇق بەردى، نەتىجىدە ياركەنت شەھىرى ئىككىنچى قېتىم بۇلاڭ-تالاڭ، ئوت قويۇش، قىر-چاپ قىلىشقا ئۇچرىدى.
1514-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى (ھىجىرىيە 920-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى) غالىبلارچە گىدەيگىنىچە ياركەنت شەھىرىگە كىرىپ كەلگەن سەئىد سۇلتان تەنتەنە ئىچىدە، دوغلات  قاتارلىق قەبىلىلەر ئەمىرلىرىنىڭ ھېمايىسىدە خانلىق تەختىگە ئولتۇردى○32. تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنە-ئۇدۇمى بويىچە سەئىد سۇلتان ئابرويلۇق ئاقساقاللار بۇرجەكلىرىنى تۇتقان كىگىزگە ئولتۇرۇپ سۇلتان سەئىدخان بولدى (بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ تويىدا ھېلىھەم مۇشۇنداق ئادەت ساقلانماقتا). ئاقساقاللار كىگىزنىڭ چۆرىسىدىن كۆتۈرۈپ  سۇلتان سەئىدخاننى  خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. بارلىق ئەمىرلەر، ئاقساقاللار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى قىيقاس-چۇقان كۆتۈرۈشۈپ خاننىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەنتەنە قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ ياركەنت شەھىرى بۇ يېڭى  خانلىقنىڭ ئاستانىسى بولۇپ قالدى.

3. شان-شەرەپ، ئار-نامۇس، گۈللىنىش-زاۋاللىق، قايناق ھېسسىيات ۋە بوران-چاپقۇن
ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاستانىسى ياركەنت شەھىرى قەدىمقى يىپەك يولىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، غەربى كاشغەرگە، شەرقى خوتەنگە تۇتىشىدۇ، ياركەنت دەرياسى (زەرەفشان دەرياسىمۇ دېيىلىدۇ) جەنۇبتىن شىمالغا ئېقىپ، ئىككى قىرغاقتىكى مۇنبەت تۇپراقنى سۇغىرىپ، بۇ يەردىكى پۇقرالارنى مولھوسۇللىرى بىلەن بېقىپ بۇ زېمىننى روناق تاپقۇزۇپ كەلگەن. مىرزا ئابابەكرى ھككۈمرانلىق قىلغان دەۋردە پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئاندىن شەھەردە قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەشەم-دەرەم بىلەن ھەيۋەتلىك ئوردا-ساراي، قەسىر، مەدرىس، كۇتۇپخانا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى بىنا قىلدۇردى. ياركەنت شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا ناھايىتى پۇختا ھەم ئېگىز سېپىل-قورغانلارنى بىنا قىلدۇردى. ياركەنت دەرياسى (زەرەفشان دەرياسى) سۈيىنى ياركەنت شەھىرىگە باشلاپ نۇرغۇن باغ-باغچىلارنى بىنا قىلدۇردى. بۇ شەھەرگە يىراقتىن قارايدىغان بولسىڭىز بۈككىدە دەرەخلەرنى، ئۇچلۇق مۇنارلارنى، بىنا-ئىمارەتلەر ئۈستىدىكى قىزىل، سېرىق، يېشىل كاھىشلارنىڭ يالت-يۇلت چاقناتقان نۇرلىرىنى، بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەن ھەشەم-دەرەملىق قەسىرلەرنى كۆرەلەيسىز. شەھەر رەستىلىرىدە سودا قاينىغان، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تاۋارلىرى مول بولغان ئاۋات بازار مەنزىرىلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. ياركەن شەھىرى زامانىسىدىكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا مەەركىزى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئاۋات ئاستانەنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
سەئىد سۇلتان ياركەنت شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەمدىلا ئېرىشكەن ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش،  لەشكەرلىرىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق سەردار-چېرىكلىرىنى ئىككى ئاي تالان-تاراج قىلىشقا بۇيرۇدى. تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەندەك، سەئىد سۇلتان «ئادەملىرىنى تالان-تاراج قىلىشقا بۇيرۇپ تازا بۇزۇپ-چاچتى»○33، «ئىككى ئايدىن كېيىن سەردار-چېرىكلەر نۇرغۇن ئولجا-غەنىيمەتلەر بىلەن بارگاھلىرىغا قايتىشتى، ھەممىسى ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئولجا-غەنىيمەت بايلىقلىرىنىڭ ئاز-كۆپلىك نىسبىتى بويىچە خانغا سوۋغا-سالام بەردى. خان ئادەملىرىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئۈچۈن موغۇللارنىڭ قەدىمىي ئۇدۇمى بويىچە مال-دۇنيانى ئۇلارغا ئىنئام-تارتۇق، سۇيۇرغاللىق قىلىپ چېرىكلىرىگە تارقىتىپ بەردى». ىنئام-تارتۇق، سۇيۇرغاللىقلارغا ئېرىشكەن ئەمىرلەر، سەركەردە-سەردارلار ۋە چېرىكلەر كۆڭلىدىكىدەك قانائەت تېپىپ رازى بولۇشتى. سۇلتان سەئىدخان ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىختىيارىغا ئېلىش ۋە ھوقۇق-ئىمتىيازغا ئېرىشىشتە مۇشۇ لەشكەرگە تايانغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ لەشكەرلىرنىڭ ئۆزىگە سادىق بولۇپ سەلتەنەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەم كېيىن ئۆز سەلتەنەتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن لەشكەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇلارنى خۇشال قىلىش، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ تەدبىرنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى.
سۇلتان سەئىدخان ئۆزىگە زامانداش ھۆكۈمرانلار ئىچىدە ھەم قەھرى ھەم ھەيۋىسى زور باھادىر ھۆكۈمران ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە يىراقنى كۆزلەيدىغان سىياسىيئون ھەم قۇۋ، پەم-پاراسەتلىك سىپاھگەر ئىدى. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇ ئون ئىككى يېشىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ جەڭگاھلارغا كىرگەن، ئېغىر يارىلانغاندا دالىغا تاشلىۋېتىلگەن؛ كېيىن يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارا قاتراپ يۈرگەن، ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ زىندانغا تاشلانغان، تۆت قېتىم ئۆلۈم خەتىرىدىن قۇتۇلغان، تالاي جەڭلەرنى كۆرگەن، مۇشۇ رىيازەتلىرىدىن مول لەشكىرىي تەجرىبە ۋە سىياسىي تەجرىبە جۇغلىغان.
ئۇ ياركەنت خانلىقىنىڭ خانى بولغاندىن كېيىن بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، يەنى شۇ يىلى قىشتا ئامان خوجا سۇلتان («خەنزۇچە ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لۇغىتى»، 20-بەت) مەنسۇرخان يېنىدىن ئايرىلىپ ياركەنتكە ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەپ كەلگەن. سەئىدخان ئىنىسىنىڭ كەلگىنىدىن بەك خۇشال بولۇپ بەزمە قۇرۇپ كۈتۈۋالغان. بەزمىدە ئىنىسى سەئىدخانغا ئاكىسى مەنسۇرنىڭ ئۆز ئىنىسىگە زالىملىق قىلىپ خارلىغانلىقى خۇسۇسىدا دەرد تۆككەن. بەزمىگە داخىل بولغان مۈلكىي، لەشكىىرىي ۋەزىر-ۋۇزرالار بىردەك غەزەبلىنىپ مەنسۇرغا جازا يۈرۈشى قىلىپ جازالاشنى تەشەببۇس قىلىشقان. سەئىدخان ئىنىسىنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن «مەنسۇرخان دېگەن بىزنىڭ ئاكىمىز، سەھۋەنلىك ئىنى بولغۇچىدا، ھەرگىز ئاغا بولغۇچىدا ئەمەس»، «ئۇرۇغ-تۇغقان دېگەن ھەمدەمدە بولۇپ كۈچنى ئاشۇرىدۇ، ياۋ دېگەن پالاكەتكە ئىتتىرىپ ئۈمىدسىزلەندۈرۈدۇ. ناۋادا بىز ئۆم-ئىناق بولۇپ جەم بولالىساق غۇم-خۇسۇمەتنى چۆرۈپ تاشلاپ تاماشامىزنى كۆرۈۋاتقانلارغا قاتتىق تەستەك سالالىغان بولاتتۇق»○34 دېگەن. ئۇ يەنە مەنسۇرنىڭ نۇرغۇن ياخشى گېپىنى قىلغا ۋە مەنسۇرخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ قىممەتلىك سوۋغا-سالاملار يوللاپ، تۇغقاندارچىلىققا يارىمايدىغان بۇ ئاكىسىغا ياىشىلىق قىلىشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىلىرى توختىماي باردى-كەلدى قىلىپ تۇرغان ھەم ئاغا-ئىنى خانلارنىڭ ياخشى سائەتتە كۆرۈشۈش ئىشلىرى خۇسۇسىدا تەدبىر-رىجە قىلىشقان. بۇ جەرياندا سۇلتان سەئىدخان خانلىقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ تاشلاپ قويمىغان.
1515-يىلى ئەتياز پەسلىدە، تۆۋەندىكى ئىككى چوڭ ئىشنى رويابقا چىقاردى: بىرىنچىسى، ئىنىسى ئامان خوجا سۇلتاننى ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىقىغا قويدى؛ دوغلات قەبىلىسىدىكى سالىھ مىرزىنى ئامان خوجا سۇلتان ۋالىيغا ئۇلۇس بېگى قىلىپ  ئەۋەتتى؛ ئامان خوجا سۇلتان ئىككى ئەمىرىنى ئېلىپ ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن ئەۋۋەل ئۇرۇش مالامەتلىرىدە يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلەرنى يۇرتىغا قايتۇردى ۋە دېھقانلارنى دېھقانچىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى ھەمدە ئۇرۇشتا كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن شەھەر-قەسەبەلەرنى قايتىدىن قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئىككىنچىسى، 1516-يىل 2-ئايدا، سەئىدخان مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاتلاندى. سەئىدخان ياركەنتتىن يولغا چىقىپ كاشغەر، ئۇچتۇرپان، ئاقسۇدىن ئۆتۈپ، جامغا كېلىپ قارارگاھ قۇردى؛ خۇددى شۇ كۈنلەردە مەنسۇرخانمۇ تۇرپاندىن ئاۋاتقا كېلىپ قارارگاھ قۇردى؛ بۇ ئاغا-ئىنىلەر ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىشكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۇچرىشىدىغان جاي، لەشكىرىي كۈچلەرنى جايلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۇرغاقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كېڭىشىپ بېكىتتى، شۇنداق قىلىپ ئاغا-ئىنىلەر ئۇچراشتى. تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە «ئاغا-ئىنىلەرنىڭ يارىشىپ قېلىشى بىلەن ئاۋامنىڭ ئامانلىقى، تۇرمۇشى ئاسايىشلىققا ئېرىشىپ، ئىگىلىك روناق تاپتى، سودا جانلىنىپ بازارلار ئاۋاتلاشتى، ھەرقانداق ئادەم جۇڭگودىن قۇمۇلغا كېلەلەيدىغان، قۇمۇل بىلەن فەرغانە رايونىغا يالغۇز بېرىپ-كېلەلەيدىغان، سەپەردە ئوزۇق-تۈلۈك ئالمايمۇ ئۆتەڭلەردە قونالايدىغان، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى»○35.
تارىخىي مەنبەلەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، سۇلتان سەئىدخاننىڭ لەشكىرىي يۈرۈش كۈنتەرتىپى مۇنداق بولغان:
1517-يىلى سۇلتان سەئىدخان زور لەشكەر تارتىپ «غازات» قا ئاتلانغان، «غازات» نىشانى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان «سارىئۇيغۇرلار» بولغان؛ نەتىجىدە سۇلتان سەئىدخان لەشكەر تارتىپ خوتەنگە كەلگەندە بىتاپ بولۇپ قېلىپ ياركەنتكە قايتىپ كەتكەن.
1517-يىلى كۈزدە سۇلتان سەئىدخان يەنە لەشكەر تارتىپ مۇھەممەد قىرغىزغا (تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا) جازا يۈرۈشى قىلغان. ئىسسىقكۆل قىرغاقلىرىدا سۇلتان سەئىدخان كېچىدە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ مۇھەممەد قىرغىزنى ئەسىر ئالغان. تارىخ مەنبەلىرىدە «لەشكەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى، پادىلىرىنى ۋە تۆگىلىرىنى تارتىۋېلىپ نۇرغۇن ئولجا-غەنىيمەت ئالدى»، «ئاندىن زەپەر قۇچۇپ قايتقان»○36 دەپ خاتىرىلەنگەن.
1518-يىلى يازدا، سۇلتان سەئىدخان زور لەشكەر تارتىپ بەدەخشانغا ھۇجۇم قىلىپ، بەدەخشان ھۆكۈمرانى مىرزاخاننى مەغلۇب قىلغان. كېيىن لەشكەر چېكىندۈرۈپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبتىكى ھۇدۇدىنى تۇراقلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە بابۇرشاھ بىلەن دوستانە ئۆتكەن.
1520-يىلى يازدا، سۇلتان سەئىدخان ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، خانلىقنىڭ شەرقىي ھۇدۇدىنى تۇراقلاشتۇرغان.
1523-يىلى، سۇلتان سەئىدخان ئوغلى رەشىد سۇلتاننى قىرغىزلارغا جازا يۈرۈشىگە ئەۋەتكەن.
1527-يىلى سۇلتان سەئىدخان يەنە ئوغلى رەشىد سۇلتاننى زور لەشكەر بىلەن «كافىرلار ئېلى» بولورغا «غازات» قىلىشقا ئەۋەتكەن.
1529-يىلى كۈزدە، سۇلتان سەئىدخان ئۆزى لەشكەر تارتىپ ئىككىنچى قېتىم بەدەخشانغا كىرگەن.
1532-يىلى يازدا، سۇلتان سەئىدخان ئۆزى بىۋاسىتە زور لەشكەر بىلەن ئۈستىن تىبەت (تىبەت) كە ھۇجۇم قىلغان.
1532-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، سۇلتان سەئىدخان بالتىستانغا كىرىپ، كەشمىر جىلغىسىدىكى ياۋ لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان، تاكى سرىناگارغىچە باستۇرۇپ بارغان.
1533-يىلى يازدا، سۇلتان سەئىدخان لەشكىرىي كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، شۇ كەمگىچە ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان پادشاھ قىلالمىغان، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان «ئۇرساڭ (تىبەت ـــــ تەرجىمان) بۇدخانىسىنى چېقىۋېتىش» ۋەزىپىسىنى ئەمىرى مىرزا ھەيدەر كوراگان قانتارلىقلارغا تاپشۇردى○37. ئاندىن ئۆزى ياركەنتكە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. سەپەردە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئېگىزلىك كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقتىن، بالدۇرراق بۇ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ، سەل پەس ئېدىرلىققا كەلدى.
1533-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، «ئېگىزلىك كېسىلى ئانچە قوزغالمايدىغان يەر» گە ئۈچ فەرساخ يول قالغاندا، بىر ئۆمۈر جەڭگاھلاردا ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكەن، ئاجايىب قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ھۆكۈمران ئاخىرى نەپەستىن توختىدى، ئۇ تېخى ئەمدىلا قىرىق يەتتە ياشنىڭ قارىسىغا ئۇلاشقان ئىدى.
مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىشىچە، سۇلتان سەئىدخان دۆلەتنى «ناھايىتى ياخشى ئىدارە قىلغان، يۇقىرىدا ئەمەلدارلاردىن تارتىپ تۆۋەندە ئاددىي پۇقرالارغىچە غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ياستۇقنى قىرلاپ بىخارامان كۈن ئۆتكۈزگەن». بۇنداق خاتىرىلەر مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ كىتابلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، تارىخچىلار بۇ ھۆكۈمراننى شۇنداق چوڭ بىلگەن، ئۇنى رەھىمدىل، مەرد، ئەلەمدە كامالەتكە يەتكەن، باھادىر، شائىر، مۇزىكىغا ھېرسمەن، تۈرلۈك چالغۇلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالالايدۇ، دەپ تەسۋىرلەشكەن.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۇلتان سەئىدخان دانا پادشاھ ئىدى. ئۇ يېڭىدىن بەرپا قىلغان خانلىقنىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئىلگىرىكى ئەشەددىي رەقىبى بولغان ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا يارىشىپ، تىنچ-ئاسايىش مۇھىت يارىتىپ، تالاي ئەسىرلىك جەڭگى-جېدەل قىيامەتلىرىدە ھالىدىن كەتكەن پۇقرالارغا بېلىنى رۇسلىۋالغىدەك پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۇرۇش مالامەتلىرى ۋە رەقىبلەر جېدەللىرىنىڭ رىيازەتلىرىنى كۆپ تارتىپ ھالسىرىغان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئويغىنىش، گۈللىنىش ۋە راۋاجلىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردى. مۇشۇنداق يېڭى جەمئىيەت مۇھىتى خۇسۇسىدا، ئوردا ئەمىرى مىرزا ھەيدەر كوراگان شۇنداق يازىدۇ:
«بۇرۇن سودا كاراۋانلىرى قىيامەت سەپىرى، دەپ بىلىدىغان يوللار مانا ئەمدىلىكتە تىنچ يولغا ئايلاندى، شۇڭا كىشىلەر ‹ناۋادا بىر موماي بېشىغا بىر كومزەك ئالتۇن ئېلىپ بۇ يوللاردا ماڭسىمۇ ھېچكىم بۇلىمايدۇ»، «تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى ناۋادا بىر خاتۇن كىشى لىق بىر كومزەك ئالتۇننى ئېلىپ كېتىۋېتىپ ئىشى چىقىپ قالغان بولسا، ئالتۇننى يولغىلا تاشلاپ قويۇپ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ كەلسە ئالتۇن شۇ يەردە تۇرغان بولاتتى»○38. بۇ خاتىرىلەر گەرچە سۇلتان سەئىدخانغا بولغان خۇشامەت-مەدھىيە سۆزلىرى بولسىمۇ ئەمما سەلتەنەت بەرپا قىلغان سەئىدخاننىڭ ئاۋام تىرىكچىلىكى، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خارابلىشىشقا يۈزلىنىپ چېكىنىۋاتقانلىقىنى تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تەدبىر قىلىۋاتقانلىقىدەك تارىخىي پاكتتىن دېرەك بېرىدۇ.
سەلتەنەت بەرپا قىلغان خان كەتكەن بولسىمۇ خەلققە داۋاملىق تىرىكچىلىك كېرەك، شۇڭا خانلىق تەختىدە سەلتەنەتنى بىرى ئىختىيارىغا ئېلىشى لازىم ئىدى. كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشتى، چۈنكى سەلتەنەتنى ئىختىيارىغا ئېلىشقا بىر ئادەم لازىم ئىدى، ھالبۇكى تەختنى كۆزلەيدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى.
سەئىدخان ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەلىي ھوقۇق-ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەردىن سەئىد مۇھەممەد مىرزا ۋە ئۇنىڭ جىيەنى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر (مىرزا ھەيدەر كوراگان) قاتارلىقلار، يەنە سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى رەشىد سۇلتان، ئىككىنچى ئوغلى ئىسكەندەر سۇلتان قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سەئىدخان چوڭ ئوغلى رەشىد سۇلتانغا بەك ئىشىنەتتى. چۈنكى رەشىد سۇلتاننىڭ مىجەز-خۇلقى ئۆزىگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەشىد سۇلتاننىڭ كەچمىشلىرىمۇ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. شۇڭا، سەئىدخان ئۆزىنىڭ بىر قورساق ئىنىسى ئامان خوجىنىڭ ئورنىغا ئوغلى رەشىد سۇلتاننى ئالماشتۇرۇپ، رەشىد سۇلتاننى ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. چۈنكى، ئاقسۇ يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك يۇرت بولۇپ، خانلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق ماكانى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندىكى مۇزئارت سۈيى ۋادىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى رايونىغا تۇتىشاتتى، شۇنداقلا بۇ يول شىمالدىكى قەبىلىلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىكى بىردىنبىر ئۆتكەل ئىدى، بۇ يەرنىڭ ئورنى ھەقىقەتەن بەك مۇھىم ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن سەئىدخان بۇ رايوننى ئىدارە قىلىش، مۇداپىئە قىلىپ ساقلاشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى چوڭ ئوغلى رەشىد سۇلتانغا تاپشۇرۇشى ئەلۋەتتە ئالىي تەدبىر ئىدى.
مانا ئەمدى سۇلتان سەئىدخان  ئالەمدىن ئۆتتى، ۋەزىيەت تولا مۇرەككەپ ئىدى. بۇ چاغدا ئىقتىدارلىق بىر ئادەم لازىم ئىدى. ئەنسىز يىللار باھادىر تۇغۇدۇ، تەبىئىيكى بۇ باھادىر تارىخ سەھنىسىگە چىقىدۇ.
«تارىخىي رەشىدىي» دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، سەئىدخان جان ئۈزگەن ھامان خاننىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان يېقىن ئەمىرلىرىدىن مىرزا ئەلى تاغاي كۈيئوغلى يادىگار مۇھەممەدنى دەرھال ئاقسۇغا بېرىپ رەشىد سۇلتانغا مەلۇم قىلىشقا مەخپىي يولغا سالدى ھەم ئۇنىڭغا بىر پارچە «مەخپىي يارلىق» يەنى «ۋەسىيەت يارلىق» ئەۋەتتى، «ۋەسىيەت» تە «پەقىرنىڭ ئەسلىدە تىبەتكە غازات قىلىش نىيىتىم يوق ئىدى، سەئىد مۇھەممەد مىرزا بىلەن مىرزا ھەيدەر مېنى بۇ غازاتقا قىستىدى، ناۋادا ئوغلۇم ئابدۇلرەشىد بۇ ئىككى ئادەمنى دارغا ئاسمىسا ئۇ دۇنياغا كۆزۈم ئوچۇق كېتىمەن. بۇ تاغا-جىيەننى دارغا ئېسىپ ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئالغاي. ئۇ ئىككىسى بىر كۈن ھايات بولىدىكەن، سەلتەنەت بىر كۈن ئوغلۇمنىڭ ئىختىيارىغا تەگمەيدۇ»○39 دېيىلگەن ئىدى.
رەشىد سۇلتان «ۋەسىيەت يارلىق» نى كۆرگەندىن كېيىن شۈركىنىپ كەتتى. شۇ تاپتا (مەيلى بۇ «ۋەسىيەت يارلىق» راست ياكى ساختا بولسۇن) رەشىد سۇلتاننىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ: بىرى، دەرھال خان ئاتىسىنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىغا بېرىپ، شۇ پۇرسەتتە دوغلات ئەمىرلىرى ئىچىدىكى قارايۈز كاززاپ ۋەزىرلەر، ئەمىرلەرنى يوقىتىپ، تەختكە ئولتۇرۇپ سەلتەنەتنى ئىختىيارىغا ئېلىپ دانا خان بولۇش؛ يەنە بىرى، ئۇلارغا تىز پۈكۈپ، قورچاق بولۇش، ھەتتا تەختتىن قوغلىنىپ سەلتەنەتتىن ئايرىلىش، ھەتتا ئۆلۈم قىسمىتىگە يولۇقۇپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىش. رەشىد سۇلتان بىرىنچى يولنى تاللىدى. چۈنكى ئۇ دېگەن قېنى قىزىپ تۇرغان نەۋقىران ياش، شۇنداقلا كۆكسى-قارنى كەڭ ئىرادىلىك ئادەم، تالاي قانلىق جەڭگاھ كۆرگەن باھادىر ئىدى.
تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، ھىجىرىيە 939-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى (مىلادى 1533-يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى) رەشىد سۇلتان ياركەنت شەھىرىنىڭ سىرتىغا كەلدى. دېگەندەك، كاشغەرنى ساقلاۋاتقان «باش ۋەزىر» مۇ ئاللاقاچان رەشىد سۇلتاندىن بۇرۇن ياركەنت شەھىرىگە كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ رەشىد سۇلتاننىڭ  سېپىل قوۋۇقىغا كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رەشىد سۇلتاننىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، ئەمما ئۇنىڭغا «يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى چاھارشەنبە كۈنى شەھەرگە كىرمەسلىكى كېرەك، شۇڭا بۈگۈن كېچە شەھەر سىرتىدا قونمىقى لازىم، ئەتە پەيشەنبە، مۇھەررەم ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى سەھەردە، يەنى ھىجىرىيە 940-يىلى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى شەھەرگە كىرمىكى لازىم»○40 دەپ ئۇقتۇرۇلدى. قارىماققا ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنىدىغان دىنىي ئادەتنى باھانە قىلىپ رەشىد سۇلتاننىڭ شەھەرگە كىرىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ ئەمما رەشىد سۇلتان بۇ باھانىغا شۇملۇقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇ چاغدا ھەممىلا يەرنى ئۆسەك قاپلاپ كەتكەن  بولۇپ، رەشىد سۇلتان «ئالەمدىن ئۆتكەن خان ئاتىسىنىڭ يېنىدا ياتقىدەكمىش»○41 دېگەن مىش-مىش تارقالغان ئىدى. سەئىد مۇھەممەد دېگەندەك ئۆزىگە يېقىن ئەمىرلەرنى يېنىغا توپلاپ، رەشىد سۇلتاننىڭ خان ئاتىسىنىڭ قەبرىگاھىغا بارغاندا ئۇنى تۇتۇشنى قارار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەشىد سۇلتان ئەتىسى سەھەردە ئادەملىرىنى باشلاپ خان ئاتىسىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇ تولۇق تەييارگەرلىك بىلەن كەلگەن ئىدى.
رەشىد سۇلتان سەئىد مۇھەممەدنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن كېلىپ،  مەقبەرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆزىنى قارىشى ئالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. رەشىد سۇلتان ئاتتىن چۈشۈپلا ياساۋۇللىرىغا سەئىد مۇھەممەدنى تۇتۇشنى بۇيرۇدى ۋە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا كاللىسىنى ئالدى.
رەشىد سۇلتان خان ئاتىسىنىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا سەئىد مۇھەممەدنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئوردىغا قايتىپ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاندىن مىرزا ئەلى تاغاينى سەئىد مۇھەممەدنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، ئاندىن دەرھال كاشغەرگە بېرىپ، سەئىد مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىغدىن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا رەشىدخان يەنە ئۆزىنىڭ ئۇستازى (ئاتابەگ) مۇھەممەدنى ئەمىركەبىرلىككە (باش ئەمىر) تەيىنلىدى. سۇلتاننىڭ بۇ ئاتابېگى ئەسلىدە بارلاس ئەمىرلىرىدىن بولۇپ، بارلاس ئەمىرىنى باش ئەمىرلىككە تەيىنلەش ئارقىلىق دوغلات ئەمىرلىرى ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كاشغەر ۋالىيسى مىرزا ئەلى تاغاينىڭ ھوقۇقىنى چەكلىيەلەيتتى، بۇ باش ئەمىر ۋە ۋالىيلار بىۋاسىتە ئوردىغا بويسۇنماي قالمايتتى.
خانلىق تەختكە ئولتۇرغان رەشىدخان مۇنداق قارار چىقاردى:
ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بىلەن يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن لاساغا لەشكەر تارتىپ زەپەر قۇچماستىنلا لاداققا قايتقان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلاتىي ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ سەردارلىرىغا ئىككى پارچە كەچۈرۈم يارلىقى جاكارلىدى: بىرىنچىسىدە، لەشكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئىسكەندەر سۇلتان (رەشىدخاننىڭ ئىنىسى) تىبەتنى ئۆز ئىختىيارى تەۋەسىگە ئالسۇن؛ مىرزا ھەيدەر بىلەن مۇھەممەد مىرزا ئۆز جايىدا قېلىپ ۋەزىپە ئۆتىسۇن، دېيىلدى. ئىككىنچىسىدە، بارلىق لەشكەرلەرگە «تىبەتتە تۇرۇۋاتقان سىپاھ-سىپاھگەرلەر ئۇشبۇ يارلىق يېتىپ بارغان ھامان دەرھال تارقىلىپ ياركەنتكە قايتمىسا ئۇلارنىڭ خاتۇن-توقاللىرى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىردەك سېتىۋېتىلىدۇ، شۇڭا ئۇشبۇ يارلىق يېتىپ بارغان ھامان دەرھال تارقىلىپ ياركەنتكە قايتسۇنلار»○42 دېيىلدى. بىر ۋاراق قەغەزگە پۈتۈلگەن بۇيرۇق بەزىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن مۆجىزىلەرنى يارىتىشى مۇمكىن. جەڭگە ماھىر تەڭداشسىز لەشكەر گەرچە قوماندانلىرى ھەرقانچە كۈچەپ تەسەللىي بەرگەن بولسىمۇ كار قىلمىدى، بۇ قوشۇن مانا مۇشۇنداق قىلىپ پارچىلاندى، سەردار-چېرىكلەر ئىز قالدۇرماي تارقىلىپ كەتتى. ناۋادا بۇ لەشكەر رەشىدخاننىڭ ھېماتچى قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان بولسا قانلىق ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان بولاتتى، چۈنكى خانلىق لەشكىرىنىڭ  جەڭگىۋارلىقى ۋە ناچار شارائىتتا ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى مول بولغاچقا، خاننىڭ ھېماتچى قوشۇنىنى مەغلۇب قىلالايتتى، ئۇ چاغدا تارىختا رەشىدخان، دېگەن خان بولمىغان بولاتتى، ئەمما مۇشۇنداق بىر قۇدرەتلىك لەشكەر كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچىلىك ئۆزلىكىدىن پارچىلىنىپ تارقىلىپ كېتىشتى، مانا بۇ ئادەم قەلبىنىڭ مايىللىقى، يەنى تىنچلىق، ئائىلە لازىمكى، ئۇرۇش لازىم ئەمەس، قانلىق توقۇنۇش لازىم ئەمەس! بۇ ھەقتە مىرزا ھەيدەر كوراگان قاتتىق ئېچىنغان ھالدا «بۇ قۇدرەتلىك لەشكەر خۇددى سەھەردىكى يۇلتۇزلاردەك ئۈن-تىنسىز، ئىز-دېرەكسىزلا غايىب بولدى!» ○43دەپ يازدى.
رەشىدخاننىڭ يەنە بىر قارارىدا ئۇ چوڭ ئوغلى ئابدۇللەتىف سۇلتاننى ئاقسۇ بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىدى، تۆتىنچى ئوغلى سوفى سۇلتاننى كاشغەرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىدى؛ يەتتىنچى ئوغلى خۇراسان سۇلتاننى خوتەننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىدى. رەشىدخاننىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئوغلىنىڭ كۆپلىكىدىن تەيىنلەيدىغان شەھەر يېتىشمەي قالدى. نېمىلا دېگەن بىلەن رەشىدخان بىر فېئودال خان بولغاچقا ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاڭ-ئەقىل كۈتۈپ كەتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىكى خانلارنىڭ بىر سەھۋەنلىكى بولۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەيتتى. مۇشۇنداق تارىخىي مەنتىقە بويىچە رەشىدخاننىڭ يۇقىرىقى بىرقاتار ۋەزىپىگە تەيىنلەش خۇسۇسىدىكى يارلىق-قارارلىرى پۈتكۈل خانلىقنىڭ شەھەر-قەسەبە، قورغان-قەلئەلىرىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئكز ئىختىيارىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خان ئۇرۇقىدىن باشقىلارنىڭ يەرلىك سۇيۇرغاللىق كۈچ شەكىللەندۈرۈۋېلىشى ياكى خان ئىمتىيازىغا ئۆكتە قوپۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە، رەشىدخان بىرمۇنچە ئىشلارنى قىلىپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق تاشقى مۇھىت ھازىرلىدى.
بىرىنچى، 1537-يىلى 6-ئايدا (ھىجىرىيە 944-يىلىنىڭ بېشىدا)، رەشىدخان ئۆزبېكلەرنىڭ شەئىبانىلار خانلىقىنىڭ خانى ئۇبەيدۇللاخانغا ئەلچىسى ئارقىلىق جىددىي مەكتۇب ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئاقبوغۇز ئېغىزىدا پۈتۈشكەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ لەۋزىدە تۇرۇشنى، ھەمجەھەت لەشكىرى تەشكىللەپ، بىرلىكتە قازاقلارغا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىككىنچى، دەرھال خارجى سىياسىتىنى تەڭشىدى. سىرتقا قارىتا قوزغىغان ئۇرۇشى ئاتىسىنىڭكىدىن كۆپ ئازايغان بولسىمۇ ئەمما قىلغان جازا يۈرۈشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاتىسىنىڭكىدىن زور بولدى.
ئۈچىنچى، دائىم سودىگەر ياكى قەلەندەر سىياقىدا ياسىنىپ جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاۋامنىڭ دەرد-ھالىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئىچكىي سىياسەتنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئاۋام تىرىكچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلدى.
تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، رەشىدخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ياركەنت خانلىقى روناق تېپىشقا يۈزلەنگەن مەزگىل بولغان، رەشىدخان نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان دانا خان، دېيىلگەن، رەشىدخان ياركەنت خانلىقىنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن، جەمئىيەتنى تىنچ-ئاسايىش قىلغان، زېمىنىنى كېڭەيتكەن، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ كەڭ تارقاتقان، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈركىيلىشىش، ئىسلاملىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھىجىرىيە 967-يىلى (مىلادى 1559~1560-يىللار) ئۇ ئۈچىنچى قېتىم خوتەنگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا، قاشتېشى يىغىۋاتقان جايغا كېتىۋېتىپ جامادار كەنتىگە كەلگەندەد قەتست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن○44 (ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ ئۆلگەن، دېگەن گەپمۇ بار)، شۇ يىلى ئۇ 49 ياشتا بولۇپ، 27 يىل تەختتە ئولتۇرغان.
رەشىدخان تارىختا ئۆچمەس نام قالدۇرغان بۈيۈك خان، بۇ ئۇنىڭ تەختتىكى مەزگىلىدە نۇرغۇن بۈيۈك ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئەمەس، شۇنداقلا نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىپ يىراق-يىراقلارغا داڭقى كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر قىزنى بايقىغانلىقىدا.
1537-يىلى (ھىجىرىيە 925-يىلى) نىڭ مەلۇم بىر كۈنى رەشىدخان ئوۋغا چىقىپ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر توغراقلىققا كەلگەندە يىراقتىن كېلىۋاتقان يېقىملىق ناخشا ۋە مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارغىمىقىدىن چۈشۈپ، ئۈستىۋاشلىرىنى يەڭگۈشلەپ ناخشا چىققان تەرەپكە ماڭىدۇ. ئۇ توغراقلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كەپە ئالدىغا كەلگەندە توختاپ، كەپىدىن ئاڭلىنىۋاتقان كۈي ۋە ناخشا ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ تۇرۇپ قالىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۈي-ناخشىغا قانداقلارچە مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ قانچىلىك تۇرۇپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قالىدۇ. ئاخىرى تاقەت قىلالماي كەپىگە كىرىپ كۆرگىنى راۋاب چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان ئون  ئىككى-ئۈچ ياشلاردىكى بىر قىز بولدى. يېنىدا يەتمىشلەرگە تاقاپ قالغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئۇنىڭ راۋاب چېلىشى ۋە ناخشا ئېيتىشىنى تۈزىتىپ، ئۆگىتىپ ئولتۇراتتى. قىزنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى ۋە گۈزەل رۇخسارى رەشىدخان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تەسىرلەندۈرۈۋەتكەن ئىدى. رەشىدخان ئوۋنى توختىتىپ ئوردىغا قايتتى. ئەتىسى يارلىق چۈشۈرۈپ، بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ نەۋرە قىزىنى ئوردىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارغا خەلق ئىچىدىكى كۈي-ئۇسسۇللار ۋە كۈي سۆزلىرىنى رەتلەشكە ياخشى شارائىتلار ھازىرلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىز چوڭ بولۇپ رېسىدە بولدى، بۇ قىزدىكى لەتاپەت، مىسلىسىز گۈزەزل سىياق رەشىدخاننىڭ قەلب تارىنى تىترەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنى  ئۆزىگە بانۇ قىلىپ، ئۇنى «مۇقام» كۈيلىرىنى رەتلەشكە مەسئۇل قىلدى.
مۇقام سۆزى ئېتمولوگىيەلىك جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر كۈسەن-تۇخار تىلىدىكى «مەقەۋمە» - maka-yame سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، «چوڭ نەغمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «ئورۇن»، «دەرىجە» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە «مۇقام» سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا «مۇقام» بولۇپ ئۆزلەشكەن ۋە چوڭ ھەجىمدىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا–ئۇسۇللۇق مۇزىكا چۈشەنچىسىنى بېرىدىغان خاس ئىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇيغۇر مۇقامى قەدىمقى «كۈسەن كۈيى»، «سۇللاغ كۈيى (كاشغەر كۈيى)»، «ئۇدۇن كۈيى (خوتەن كۈيى)» قاتارلىق ئۇيغۇر قەدىمقى كۈيلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئەرەب، فارس، تۈرك قاتارلىق  مىللەتلەرنىڭ ئىسلامىي كۈي-مۇزىكىلىرى، چالغۇلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل يۈرۈشلۈك كۈي-مۇزىكىدىن ئىبارەت. ھەر بىر يۈرۈش مۇقام «چوڭ نەغمە»، داستان»، «مەشرەب» تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. تېكىستلىرى مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى، خەلق قوشاقلىرىدىن ئىبارەت.
بۇ «مۇقام» كۈي-مۇزىكىلىرىنىڭ  شەيداسى بولغان بانۇنىڭ نامۇ-شەرىفى ئاماننىساخان ئىدى. ئۇ ئېرى رەشىدخاننىڭ قوللىشى بىلەن خانلىقنىڭ جاي-جايلىرىدىكى  مەشھۇر سازەندە، كۈيچى ۋە شائىرلارنى تەشكىللەپ، خەلق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن «مۇقام» زور كۆلەمدە توپلاپ رەتلىدى.
ئاماننىساخان ئوردىنىڭ باش مۇزىكا ئۇستازى قېدىرخان ياركەندىنىڭ ياردىمىدە «مۇقام» كۈي-ئاھاڭلىرىنى زور كۆلەمدە توپلاپ رەتلىدى. ئەينى چاغدا، خانلىق تەسەررۇپىدا سوفىزم سۈلۈكىنىڭ تەسىرى بەك زور ئىدى. سوفى-ئىشانلار «مۇقام» نى سوفىزم سۈلۈكىنىڭ تەلىماتى بىلەن سىغىشالمايدۇ، دەپ قاراپ بار كۈچى بىلەن قارىشى تۇرغان. ئەمما، رەشىدخان بار كۈچى بىلەن قوللىغانلىقتىن، «مۇقام» نى توپلاش، رەتلەش ئىشلىرى ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان○45.
تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، ئابدۇلرەشىدخاننىڭ قوللىشى بىلەن رەتلەپ چىقىلغان «مۇقام» نىڭ ئون ئالتە يۈرۈش كۈي-ئاھاقى بولغان، بۇلار ئىچىدە ئاماننىساخان بىلەن قېدىرخان ياركەندى ئىجاد قىلغان بىر يۈرۈش كۈي-ئاھاڭمۇ بار ئىدى. ئاماننىساخان خېلىلا كامالەتكە يەتكەن شائىر بولۇپ، «نەفىسى» تەخەللۇسىدا نۇرغۇن شېئىر يازغان. يەنە «ئىشرەت ئەنگىز»، «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلىرى) قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان.
تارىخنىڭ تالاي ئەسىرلىك بوران-چاپقۇنلىرىدا، ئابدۇلرەشىدخاننىڭ نامى ئاماننىساخاننىڭ نامى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن، ئاماننىساخاننىڭ نامىنى بولسا «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دىن زىنھار ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تارىخ بىر بۈيۈك مۇزىكا ئۇستازى ياراتقان بولسا، بۇ مۇزىكا ئۇستازى بىر بۈيۈك خاننىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئابدۇلرەشىدخاننى تارىختا ئۆچمەس خانغا ئايلاندۇردى.
(بۇ يەرگە 17-رەسىم چۈشىدۇ، سۈرەتتە: ئاماننىساخاننىڭ ھەيكىلى (ياركەنت ناھىيەسىدە، مۇئەللىپ تارتقان)
نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى مەيلى تىنچ-ئاسايىشلىق تارىخىي تەرەققىيات مەزگىلى بولسۇن، مەيلى جاھاننى ئۇرۇش مالامەتلىرى قاپلىغان زۇلمەتلىك يىللار بولسۇن، «ئون ئىككى مۇقام» سەنئىتىگە بولغان شەيدالىقى ۋە ئىنتىلىشىدىن زادىلا ۋاز كەچمىگەن، «مۇقام» ئۇستاز-شاگىرتلىرى ۋارسلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. توي ئاخشىمى، مولھوسۇل كۈنلىرى، ھېيت-بايراملاردا مەھەللىۋىي مۇقامچىلار ئاز بولغاندىمۇ ئىككى-ئۈچتىن، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون، ھەتتا يۈزلەپ بىر يەرگە جەم بولۇپ سەتار، تەمبۇر، داپ، غىجەك، راۋاب-دۇتارلىرى بىلەن شادىيانە قىلىپ يېڭى تويى بولۇۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە بەخت تىلەپ، ھېيت-بايرام ئكتكۈزۈۋاتقان يۇرتداشلارغا شادلىق تىلەپ  ھاياتنىڭ بەختىيارلىقىنى مەدھىيەلەشكەن. ھەتتا، مۇقامچىلار جەم بولۇپ ئەنئەنىۋىي چېيت-بايراملارغا ئاتالغان كاتتا بەزمىلەر قۇرۇپ، ناغرىلارنى ياڭرىتىپ، سۇنايلىرىنى سايرىتىپ، تۈرلۈك چالغۇلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىشىپ ساما قىلىپ، «مۇقام» نى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشكەن.
ئاماننىساخان توپلاپ، رەتلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ بۈگۈنگە يەتكۈزگەن «مۇقام» ئون ئالتە يۈرۈش ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە جەھۋەرلىرى قايتا رەتلىنىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ئون ئىككىگە يىغىنچاقلاندى. بۇ مۇقاملارغا «راك»، «چەبىيات»، «مۇشاۋرەك»، «چاھارىگاھ»، «پەنجىگاھ»، «ئۆزھال»، «ئەجەم»، «ئۇشاق»، «بايات»، «نەۋا»، «سىگاھ»، «ئىراق» دەپ ناملار قويۇلدى○46.
تارىخنىڭ چەرخى 21-ئەسىرگە قەدەم باسقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ىدىن ئىبارەەت بۇ قەدىمىي ھەم يېڭى كلاسسىك يۈرۈشلۈك كۈي-مۇزىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسى، قىلىپ ئېتراپ قىلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنىۋىي بايلىقىغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقامى» ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ھاياتلىققا ئېرىشتى.

4. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى
1560-يىلى رەشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇلكەرىمخان تەختكە ۋارسلىق قىلدى.
تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، رەشىدخاننىڭ تەختكە ۋارسلىق قىلغان بۇ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىسلام روھانىيلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان، ئۇ نەقىشبەندىيە سۈلۈكىنىڭ ئىمام ئەزەمى  ئەھمەد كاسانىينىڭ (مەھدۇم ئەئزەم) ئوغۇللىرىدىن خوقا ئىسھاق ۋەلىينىڭ مۇرىتى بولغان. شۇڭا، خوقا ئىسھاق ۋەلىي رەشىدخاننىڭ ۋاپاتى خۇسۇسىدىكى مەخپىي  مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئابدۇلكەرىمگە بۇ «خۇش خەۋەر» نى يەتكۈزگەن○47.
ئابدۇلكەرىم سۇلتان دەرھال يېڭىھىسساردىكى ئادەملىرىنى جايىدا جايلاشتۇرۇپ ياركەنتكە بارغان ھەمدە يېقىنلىرى، ئەمىرلەرنىڭ ھېمايىسىدە ئوردىغا كىرىپ ئانىسى چۈچۈك خانىم بىلەن كۆرۈشكەن. خانىم ئانىسى ئەمىرلەر بىلەن كېڭەش قىلىپ بۇ ئوغلىنى تەختكە ئولتۇرغۇزغان.
ئابدۇلكەرىمخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. سەلتەنەتنى سەگەك يۈرگۈزۈپ، قانۇن-ياساقنى كۈچەيتكەن، ئىچكى جەھەتتە ئىگىلىكنى جانلاندۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. ئۇ ھككۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە خانلىق يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىپ، خانلىق تەسەررۇپى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن، قىرغىز، قازاقلار داۋاملىق ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن، ياركەنت خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى بولغان ئىسلام دىنىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. «تارىخىي رەشىدىي ـــــ زەيلى» نىڭ  مۇئەللىپى شاھ ماھمۇد جۇراس ئەسىرىدە ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ھەر ھەپتىدە مەخسۇس ئىككى كۈن ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئەرز-دادىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، بۇنداق قوبۇلغا قازى، مۇفتىلارنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئەمىر-ئۆمەرالارنىڭمۇ قاتنىشىپ مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل-تامام قىلىدىغانلىقىنى،  پۇقرالارنى قاقشاتقان جازانىخورلارنى  قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى، «خان ناۋادا دادگاھتا  ئەرز-شىكايەتلەرنى شەرىئەت بويىچە بىرياقلىق قىلغان بولسا، قازى-مۇفتىلارنىڭ پىكرىنى ئالغان، ناۋادا ئۆرپ-ئادەت بويىچە بىرياقلىق قىلغان بولسا ئەمىرلەرنىڭ بىرياقلىق قىلىشىغا قويۇپ بەرگەن»، ئاخىردا ۋەزىر، ئىشىكئاغا ۋە ئەمىرلەر ھۆكۈم چىقارغان، «بۇ چاغدا خان بىر چەتتە ئولتۇرۇپ زەڭ قويۇپ ئاڭلىغان، مۇشۇنداق چىقىرىلغان ھۆكۈمدە ئەزەلدىن سەھۋەنلىكلەر كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئەينى زاماندا مەككە مۇكەرەمەدە ھەرۋاقلىق نامازدىن كېيىن فاتىھە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادالەتلىك ئابدۇلكەرىمخاننىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن دۇئا قىلىنغان»○48 دەپ يازغان.
ئابدۇلكەرىمخان تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ تەختتىكى چاغدا مۇھەممەد ۋەلى سوفى ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى كۈچلۈك قوللاپ، ئىسلام دىنىنىڭ يەنىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە كىشىلەرنى مايىل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئابدۇلكەرىمخان ياركەنت خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد خانى بولۇش سۈپىتىدە ھەقىقى مۇسۇلمادارچىلىقنى جارىي ئەتكەن، ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل چاغاتاي نەسلىدىن بولۇشىغا قارىماي ھەقىقىي ئۇيغۇرلاشقان. ئۇيغۇرلار ھېچقاچان ئۇنى يات بىر مىلەلت كىشىسى، دەپ بىلمىگەن. چۈنكى ئۇ بۇرۇنقى موغۇل ئۇلۇسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقماستىن بەلكى ياركەنت خانلىقى  تەسەررۇپىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. نەتىجىدە ياركەنت خانلىقى ئاھالىسىنىڭ ئىسلاملىشىشى، تۈركلىشىشى، ئۇيغۇرلىشىشىنى تېزلەشتۈرگەن.
ئابدۇلكەرىمخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىككى كاتتا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى:
بىرىنچى، غەربىي شىمالدىكى يايلاق ۋە تاغلىق رايونلادىكى قازاق ۋە قىرغىزلارغا كۆپ قېتىم جازا يۈرۈشى قىلىپ، خانلىق ھۇدۇدىنىڭ تىنچ-ئەمىنلىكىنى قوغدىدى؛ ئىككىنچى، شەرقتىكى قۇمۇل بىلەن تۇرپاننى ياركەنت خانلىقى تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ، ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) شەرق-غەرب بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ياشاش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە تىنچ ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇلكەرىمخان 33 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ھىجىرىيە 1000-يىلى (مىلادى 1591~1592-يىللىرى) 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئابدۇلكەرىمخاننىڭ باشىنچى ئىنىسى مۇھەممەد سۇلتان چۇ دەرياسى، تالاس ئەتراپىدىكى جەڭگاھتىن ياركەنتكە قايتىپ كېلىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇردى.
مۇھەممەدخان 18 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ ھىجىرىيە 1018-يىلى (مىلادى 1609~1610-يىللىرى) 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
شاھ ماھمۇد جۇراس «تارىخىي رەشىدىي ـــــ زەيلى» دە «ياركەنت، كاشغەر، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچا، چالىش، تۇرپان، قۇمۇل ۋە خوتەن بىلەن سارقول قاتارلىق جايلاردا مۇھەممەدخاننىڭ نامىدا خۇتبە ئوقۇلاتتى ۋە پۇل قۇيۇلاتتى»، «مۇھەممەدخان پۇقرالارنى ئەتىۋارلاپ جازانىخورلارنى باساتتى»○49، «ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ياركەنت شەھىرى جەننەتنىڭ ئۆزى ئىدى»، دەپ يازغان. ئەلۋەتتە، مۇھەممەدخانمۇ بىر تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە خۇشامەتگۇي مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ مەدھىيەلىرىدىن خاھلىي بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، باشقا تارىخ مەنبەلىرىدىمۇ ئۇ ئوخشاشلا ئادىل باھا بىلەن تىلغا ئېلىنغان، مەسىلەن پورتۇگالىيەلىك دىن تارقاتقۇچى بېنتو دې گوئىس ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە مۇھەممەدخان ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە يارلىقنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە راۋان ئىكەنلىكىنى، قانۇن  تەرتىپلىك يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، ساياھەت سەپىرى خاتىرجەم، غەم-ئەندىشىسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئىمپېراتور ئەكبەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ياركەنت شەھىرىنى، بۇ شەھەردە سودىگەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى، تاپقىلى بولمايدىغان مال يوقلىقىنى، داڭلىق سودا سارايلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاۋات شەھەر ئىكەنلىكىنى○50 يازغان. بۇ ھەقىقەتەن بىر تارىخىي پاكت. مۇھەممەدخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ياركەنت خانلىقىنىڭ ئەڭ روناق تاپقان، تازا كۈچەيگەن دەۋرى بولغان.
مۇھەممەدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئەھمەد (شۇجائىددىن) تەختكە ۋارسلىق قىلغان. خوشنا قىرغىزلار مۇھەممەدخاننىڭ شۇڭقار بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ لەشكەر تارتىپ كېلىپ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغان. ئەھمەدخانمۇ لەشكەر تارتىپ چىقىپ قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. ئەمما، شۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزلار ياركەنت خانلىقىغا ئەشەددىي تەھدىد بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خانلىقنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىمۇ نىزا كۆرۈلۈپ مالىمانچىلىق بولۇپ تۇرغان.
ئىچكىي نىزا، خانلىق تەختىنى تالىشىش، بۆلۈنۈش پايدا قىلىش قاتارلىق بىرقاتار كۈرەشلەردە، تەرەپلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئادەملىرىنى ئەۋەتىشىپ تاشقى ياردەم تىلەپ تۇرغان. ئاساسلىقى قىرغىزلار، قازاقلار، ئويرات موڭغۇللىرى ۋە خوجا جەمەتىنىڭ كۈچلىرى خانلىقنىڭ ئىچكىي كۈرەشلىرىگە قاتنىشىپ تۇرغان. بۇلار ئىچىدە خوجا جەمەتىنىڭ تەسىرى بەك چوڭقۇر بولغان. ئەينى چاغدا، سەمەرقەندتىن كەلگەن ئىسھاقنىڭ ئوغلى خوجا شادى مۇھەممەدخاننىڭ قوللىشى بىلەن خانلىقنىڭ شەيخۇلئىسلامى (دىنىي داھىيسى) بولۇپ جاي-جايلارغا تەرەققىي قىلىپ كېڭەيگەن، خوجا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى «ئاقتاغلىقلار (ئاق تەقىيەلىكلەر)» بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خوجا ئىسھاقنىڭ ئىنىسى ئىشان كالان تۆتىنچى ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈفمۇ ماۋارائۇننەھردىن  ياركەنت خانلىقىنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۆز سۈلۈكىنى تارقىتىپ، ئۆز تەلىماتىنى تەرغىب قىلغان. بۇ بىر بۆلۈك خوجىلار «ئاقتاغلىقلار (ئاق تەقىيەلىكلەر)» بولۇپ شەكىللەنگەن (كېيىنكى بابتا بۇ ئىككى سۈلۈكنىڭ تارقىلىشى  ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز).
بۇ ئىككى سۈلۈك ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەزھەبلىرى بولۇپ قالدى. ياركەنت خانلىقى تەسەررۇپىدىكى بۇ ئىككى سۈلۈك ئەسلىدىكى سەلتەنەتنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن سەلتەنەتنىڭ ساھىبلىرىغا ئايلىنىپ، ئاخىردا ئۆزئارا چىقىشالمايدىغان ئەشەددىي  سىياسىي رەقىبلەردىن بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى سۈلۈك تىزگىنلەپ تۇرغان ياركەنت خانلىقىدا ئوردىدىن تارتىپ جايلارغىچە ئاشكارا-يوشۇرۇن كۈرەشلەر بارغانسېرى ئەدەب كەتتى، قالايمىقان ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمىدى. بۇ خانلىق پۇقرالىرىغا غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەننى ئاز دەپ، ئاخىرقى ھېسابتا خانلىق سەلتەنەتىمۇ بۇ سۈلۈكچىلەرنىڭ ئۆزئارا قىرغىنىدا ھالاك بولدى.
1638~1639-يىللار ئارىلىقىدا، ياركەنت خانلىقى ئوردىسىدا ئىچكىي مالىمانچىلىق يۈزبەردى، سۇلتان ئەھمەدخان سەلتەنەتنى تاشلاپ بەلخكە قېچىپ كەتتى. بۇ چادا ياركەنت خانلىقىنىڭ شەرقىدىكى ئىبراھىمخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللاخان لەشكەر تارتىپ كاشغەرگە ھۇجۇم قىلدى ھەم ئوردا ۋەزىرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئابدۇللاخان ئەسلىدە رەشىدخاننىڭ ئون ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، رەشىدخان ۋاپات بولغاندا ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قالغان، خان ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ ئاي ئكتكەندە تۇغۇلغان. ھىجىرىيە 1004-يىلى (مىلادى 1595~1596-يىللىرى) مۇھەممەدخان تەرىپىدىن تۇرپاننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئاشكارا قىلغان. ئۇ تەختنى قولغا كەلتۈرۈپ، خان ئاتىسى رەشىدخاننىڭ بەزى مىجەزلىىرىنى ئۆزىدە زاھىر قىلىپ، ئۇزاقتىن بېرى بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ياركەنت خانلىقىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن.
دەل شۇ چاغدا، خوقا جەمەتىنىڭ كۈچلىرى خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلىرىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. دىنىي داھىي ۋە خوجا جەمەتىدىكى خوجىلار خانلىقنىڭ ئالىي ئىمتىيازىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان.
ئابدۇللاخان ھىجىرىيە 1044-يىلى (مىلادى 1634~1635-يىللىرى) ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھايات چېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن «غەربتە ئاقسۇ، كورلا ئارىلىقىغا، شەرقتە جياگۈەنگىچە» تۇتاشقان بولۇپ، «ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن قىرىق يىل سەلتەنەت سۈرگەن» (ھىجىرىيە 1004-يىلىدىن 1044-يىلىغىچە)، 77 يېشىدا○51 ئالەمدىن ئكتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە توققۇز ئوغلى بار ئىدى، ئۇلار چوڭ-كىچىكلىك تەرتىپىدە مۇنۇلار ئىدى:
1.        ئابدۇللاخان
2.        ئابدۇل مۇھەممەدخان
3.        ئىبراھىم سۇلتان
4.        ئىسمائىلخان
5.        بابەكخان
6.        ئاپاق سۇلتان
7.        شاھسۇلتان
8.        مەنسۇر سۇلتان
9. بىچىن سۇلتان○52
بۇ خانزادە-سۇلتانلار كېلەچەكتىكى ياركەنت خانلىقىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ھىجىرىيە 1048-يىلى (مىلادى 1638~1639-يىللىرى) ئابدۇللاخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللاخان بىر تۈركۈم موللا، دەھموللا ۋە خوجىلارنىڭ ھېمايىسىدە تەختكە ئولتۇرۇپ سەلتەنەتنى ئىختىيارىغا ئالدى. سەلتەنەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىچكى-تاشقى جەھەتتە بىرقاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈپ، تارىخىي خاتىرىلەردە «قايتا گۈللەندۈرگۈچى» دەپ ئاتالدى.
ھىجىرىيە 1053-يىلى (مىلادى1643~1644-يىللىرى) خوجا شادى ئۆلدى. ئابدۇللاخان فەرغانەگە لەشكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلدى. ئۇ بۇ قېتىم تۆت تۈمەن چېرىكلىك لەشكەر تارتقاندا، مەشھۇر يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى  شەھەر-قەسەبەلىرىنىڭ ھاكىم-بەگلىرىمۇ جازا يۈرۈشىگە قاتناشتى.
ھىجىرىيە 1078-يىلى (مىلادى 1668-يىلى) ئابدۇللاخاننىڭ چوڭ ئوغلى يولبارس سۇلتان ئاق تەقىيەلىك (ئاقتاغلىق) خوجىلارنىڭ ھېمايىسىدە ئاقسۇدىكى قارا تەقىيەلىك (قاراتاغلىق) خوجىلارغا تەخت تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بۇ ئىككى سۈلۈك خوجىلىرىنىڭ كۈرىشىگە چات كېرىپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ سەلتەنەتىگە قول تىقىشنى باشلىدى.
ئەينى يىلى (1642-يىلى) ئابدۇللاخان قىرغىزلارغا قارىتىلغان «ئاقساي جازا يۈرۈشى» دىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىككى ئىنىسىنى «سۈرگۈن» قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى سۇلتان يەنى ئىبراھىم سۇلتان بىلەن ئىسمائىل سۇلتان ئاكىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ياركەنت خانلىقىنىڭ مەركىزىي رايونىدىن ئايرىلغان ئىدى. نەتىجىدە ئابدۇللاخان ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى يولبارس سۇلتاننى كاشغەر ۋالىيلىقىغا، ئىككىنچى ئوغلى نۇرىددىن سۇلتاننى ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. خانلىقنىڭ ئەتراپىدىكى قەسەبە-قەلئەلەرنى ئۆز ئىختىيارىدا تۇتۇشقا ئۇرۇنغان. ئەپسۇس، گالۋاڭ ئوغلىنىڭ سەلتەنەتنى تارتىۋېلىشقا ئۆكتە قوپۇدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ئاتا-بالا يۈز ئۆرۈشىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. 1668-يىلى، يولبارس سۇللتان ئاتىسىغا تىغ كۆتۈرۈپ كاشغەرگە ھۇجۇم قىلغانلىق خەۋىرى ياركەنتكە يېتىپ كەلگەندە، كۇچا ھاكىمى خوجا يارنىڭ ئابدۇللاخانغا قىلغان نەشتەردەك خىرىس سۆزلىرى ئابدۇللاخاننى ساراسىمىگە سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەتەننى تاشلاپ كېتىشنى قارار قىلدى. يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆزىگە تىغ كۆتۈرۈشى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈشى نەتىجىسىدە بۇ ھاكىممۇتلەق خان قول ئاستىدىكى قىرغىز لەشكەرلىرىنى ئۆز ئوغلى يولبارس سۇلتانغا قارىشى  تۇرۇشقا ئەۋەتتى، ئۆزى بولسا ئىچكىيلىرى ۋە يېقىنلىرىنى ئېلىپ ئوردىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھىندىستان ئارقىلىق مەككە مۇكەرەمەگە ماڭدى، يەنى مۇشۇنداق بىر ئۇسۇلدا تەختىدىن ۋاز كەچتى.
يولبارس سۇلتان ئاقتاغلىقلار، ھىدايەتۇللاھ ئىشان ھەم كاشغەر، ياركەنتلەردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزىنى خانلىقنىڭ  بۈيۈك خانى، دەپ جاكارلىدى. ئارقىدىنلا ئۇ قاراتاغلىقلارغا زەربە بېرىشكە باشلىدى، «ئۇ خوجا ماھمۇد ئابدۇللاغا ئەگىشىپ ئاقسۇغا بارغانلارنىڭ ياركەنتتە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خاتۇن-بالىلىرىغا قەتلىئام يۈرگۈزدى○53.
يولبارسخان ئاقسۇغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا جۇڭغار خانلىقىدىن زەڭگىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئاقسۇدا «ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خانلىقنى زەڭگىگە قوشقوللاپ تۇتۇپ بېرىپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلغىلى بېرىشنى قارار قىلغان»، ھەم مەككە مۇكەرەمەگە  ماڭماق بولۇپ «خانلىق سەلتەنەتىنىڭ تۈرلۈك سىمۋول بۇيۇملىرى» نى زەڭگىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى ياركەنتكە قايتتى.
يولبارسخان ياركەنتكە قايتقاندىن كېيىن مەككىگە بارمىدى، تەختتىنمۇ ۋاز كەچمىدى، بەلكى ئاقتاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى بىلەن قاراتاغلىق خوجىلارنى داۋاملىق باستۇردى. بۇ خۇنرىزلىكلەر ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. شۇڭا ئەركەبەگ ئويرات موڭغۇل لەشكەرلىرىنى باشلاپ ياركەنتكە يېتىپ كېلىپ، ئاتالىق مىرزا ئەلى شاھبەگنىڭ ئوردا قوۋۇقىنى بۇزۇپ باستۇرۇپ كىرىشىگە ياردەم بېرىپ، يولبارسخاننى قەتلى قىلىپ، يولبارسخاننىڭ ئوغلى ئابدۇللەتىفنى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
ھىجىرىيە 1080-يىلى زۇلقەددە ئېيىنىڭ 11-كۈنى (مىلادى 1670-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئىسمائىلخان قاراتاغلىق خوجا ماھمۇد ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە ياركەنتكە كەلگەندە داغدۇغىلىق قارىشى ئېلىندى ۋە ئۆزىنى ياركەنت خانلىقىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد خانى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇئەللىپى نامەلۇم «تارىخى كاشغەر» دېگەن كىتابتا «ئىسمائىلخان ئەدلۇ-ئادالەتلىك، باھادىر، ئەدەب-ئەردەملىك خان ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇ سەلتەنەتنى ئىختىيارىغا ئالغاندىن كېيىن دەرھال خوجا يار قاتارلىقلارنى كاشغەرگە ئەۋەتىپ، يولبارسخاننىڭ كاشغەردىكى ئوغۇللىرىنى قەتلى قىلىپ، ئاقتاغلىقلار سۈلۈكىدىكىلەرنى قانلىق باستۇردى. نەتىجىدە ئاقتاغلىق خوجىلارنىڭ كاتتىسى، «قۇتبىل ئەختاب» ھىدايەتۇللاھ ئىشان ـــــ ئاباق خوجا كاشغەردىن چىقىپ كەشمىرگە قېچىپ كەتتى. ئاندىن كەشمىردىن تىبەتكە كىرىپ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلدى. تارىخ مەنبەلىرىدە بۇ ۋەقە «ئۇ دالاي لامانىڭ ئىشەنچ-ئەتىۋارىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن دالاي لاما شىمالدىكى جۇڭغارلارنىڭ قۇنتەيجىسى غالدانغا مەكتۇب يېزىپ، بۇ مەكتۇبنى خوجا ئاباققا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى غالداننى ئىزدەشكە بۇيرۇدى. دالاي لاما مەكتۇبىدا غالداننىڭ خوجا ئاباقنىڭ كاشغەر ۋە ياركەنتتىكى ئورنىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى»○53 دەپ خاتىرىلەندى.
1678-يىلى، خوجا ئاباق دالاي لامانىڭ ئۆز قەلىمىدە پۈتۈلگەن مەكتۇبىنى ئېلىپ، چىڭخەي ئارقىلىق تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى غالداننىڭ چېدىرىغا كەلدى. غالدان دالاي لامانىڭ ئۆز قەلىمىدە يېزىلغان مەكتۇبنى كۆرگەندىن كېيىن، خوجا ئاباققا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، لەشكەر تارتىپ ياركەنتكە جازا يۈرۈشى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
ئەمەلىيەتتىمۇ، دەل شۇ چاغلاردا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بۇ جۇڭغارلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ياركەنتكە ھازىر ئېتىلىدىغان  قاپلاندەك ھومىيىپ تۇرغان ئىدى. غالدان دالاي لامانىڭ مەكتۇبىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت-باھانە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، 1679-يىلى بىر تۈمەن موڭغۇل چەۋەندازلىرىنى○55 باشلاپ، تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىپ ئۇدۇل ئاقسۇغا چۈشۈپ، ئۇچتۇرپان ئارقىلىق كاشغەر ۋە ياركەنتكە ئاتلاندى. غالداننىڭ بۇ چەۋەندازلىرى خوجا ئاباقنىڭ يول باشلىشى، مۇرىتلىرىنىڭ بار كۈچى بىلەن ماسلىشىشى ئارقىسىدا دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ياركەنت شەھىرىنى ئالدى، ياركەنت تۇرشاۋۇلى ئېۋەزبەگ ئۇرۇشتا شەھىد بولدى، ئىسمائىلخان بىلەن خان جەمەتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئەسىرگە چۈشۈپ ئىلىغا ئەۋەتىلدى. بۇ، يىلى 1680-يىلى بولۇشى كېرەك ئىدى○56.
مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە بۇ ۋەقە غالدان بۆشۈكتۇخان بويسۇندۇرۇلغان ياركەنت خانلىقىنى ئاقتاغلىقلارنىڭ كاتتىسى خوجا ئاباقنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى، خوجا ئاباق ھەر يىلى غالدانغا ئولپان تاپشۇرۇپ تۇردى، دەپ يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە، غالدان ياركەنتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، باباقنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلرەشىدخاننى ياركەنت خانى قىلىپ تىكلەپ، ئۆزى  شىمالغا قايتىپ كەتكەن. ئەمما، ئابدۇلرەشىدخان بىلەن خوجا ئاباق ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى تېزلا زىددىيەت كۆرۈلۈپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ ئوردىسىنى غەليانغا تولدۇرۇۋەتتى. ئابدۇلرەشىدخان  ئىلاجىسىز تاغقا كىرىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئىنىسى مۇھەممەد ئەمىن ياركەنتكە كېلىپ  قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۆزىنى خان، دەپ جاكارلىدى. كېيىن، خوجا ئاباقنىڭ سۈيقەستىدە بۇ يېڭى خان قەست بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، خوجا ئاباقنىڭ ئوغلى يەھيا خوجا ئۆزىنى خان، دەپ جاكارلىدى. ئارىدىن بىر يېرىم يىل ئۆتكەندە، خوجا ئاباق ياركەنتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى، ئارىدىن يەنە سەككىز ئاي ئۆتكەندە يەھيا خوجا ئويرات موڭغۇللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
يۇقىرىقى قەس-قىرغىنچىلىقلار تەخمىنەن 1680~1692-يىللار ئارىلىقىدا بولۇپ ئۆتتى. تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، ئاقتاغلىق خوجىلار ھككۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىل ئاران يىگرىمە ئالتە ئايغا سوزۇلدى. تەخمىنەن 1694-يىلى، ياركەنت بىلەن تۇرپاندىكى بەگلەر ئابدۇلرەشىدخاننىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى مۇھەممەد مۆئمىننى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقاردى. ئەمما، بۇنىڭغا كاشغەردىكى بەگلەر قايىل بولۇشماي سۇلتان ماھمۇدنى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇشتى. كاشغەردىكى بەگلەر قىرغىزلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ ياركەنتكە ھۇجۇم قىلدى ۋە مۇھەممەد مۆئمىنخاننى ئەسىر ئېلىشتى. ياركەنت مىرزا ئەئلەم شاھبەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ، ئاتالمىش «ئەڭ مۇقەددەس» قاراتاغلىقلار ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى.
1700-يىلى، يېڭى بىر ئەسىر كېلىپ، تارىختىن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى.
«تارىخى كاشغەر» دە خاتىرىلىنىشىچە، ياركەنت خانلىقىدا چىنگىزخان نەسلىدىن بولغان ئاتاقتىكى خانلارنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىدى. تارىخ يېڭى بىر تەرەققىيات مەزگىلىگە ۋە خوجىلار ئۆزئارا سەلتەنەت تالىشىش كۈرىشىگە كىرىدىغان دەۋرگە قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ تارىخىي دەۋر خۇسۇسىدا كىتابىمىزنىڭ كېيىنكى بابىدا مەخسۇس توختىلىدىغانلىقىمىزدىن، بۇ يەردە گەپنى ئۇزارتىپ ئولتۇرمايمىز.
ئومۇمەن، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل تىنچ تەرەققىياتتا بولغاندىن باششقا، ئىسلام دىنىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. ھەتتا ئىسلام دىنى ياركەنت خانلىقىنىڭ سىياسىي، لەشكىرىي ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇلار ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغىنى ئىسلام دىنىنىڭ شەرقتە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىي قىسىىمىغا ئىچكىرىلەپ، تۇرپان-قۇمۇل بوستانلىقلىرىغا تارقىلىپ بۇ يەردىكى ئاساسلىق دىن بولۇپ قالغانلىقىدا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېقىنقى زاماندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىپ، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدنىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ يەردە بىز ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى دىنىي ئەمەل-مەنسەب توغرىلىق توختىلىپ ئۆتۈشنى ئارتۇقچە، دەپ بىلمەيمىز، شۇڭا مەزگىلدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ياركەنت خانلىقى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىش جەريانى ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. دەسلەپتە، ئاساسەن موغۇل ئۇلۇسىنىڭ تۈزۈلمىسى قوللىنىلغان، يەنى چىنگىزخاننىڭ «ئالتۇن ئۇرۇق»ى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى سۈپىتىدە پۈتكۈل موغۇل پۇقرالىرىنى باشقۇرغان. ئەمما، ياركەنت خانلىقى تەرەققىيات داۋامىدا ئىسلام دىنىنىڭ مەزھەب كۈچلىرى سىڭىپ كىرىپ، موغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ يۇقىرى تەبەقىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، «ئالتۇن ئۇرۇق» مەدەنىيەتى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئاساسى ۋە قانداقشلىقىنى يوقاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە  يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەتى، تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رولى قوشۇلۇپ ياركەنت خانلىقى دەۋرىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ـــــ تۈرك (ئۇيغۇر)–ئىسلام بوستانلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلدى.
ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە، دىنىي خادىملار (روھانىيلار) ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا چىقتى، شۇنداقتىمۇ ياركەنت خانلىقى ئىسلام ئېتىقادىدىكى دەھرىي دۆلەت بولغاچقا، دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلغان، ھەرقايسىسى ئكز ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن. ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە دىنىي ئەمەل-مەنسەب تۆۋەندىكى نەچچە تۈرگە بۆلۈنگەن:
1. نەجىب. بۇ سۆز ئەرەبچە بولۇپ، مەناسى ناھايىتى كەڭ، ئوخشاشمىغان مەزگىلدىكى مەناسىمۇ ئوخشاش بولمىغان. ئەينى دەۋرگە ئائىت تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، خاننىڭ لەشكەرگاھقا ئەۋەتكەن لەشكىرىي نازارەتچىسى «نەجىب» دېيىلگەن، نەجىب خاس چېرىكلەر ئارىسىدا بولۇنغان جېدەل-ماجرالار، دېلولارنى قاراپ چىققان، نەجىبنىڭ مەنسەب-ھوقۇقى لەشكەردىكى قانۇن-ياساق ئىجراچىسىدىن يۇقىرى بولغان.
2. قازى. بۇ سۆز ئەرەبچە سوتچى، دېگەن مەنادا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسەن دېلوغا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەمەلدارنىڭ خاس نامى.
«تارىخىي رەشىدىي ـــــ زەيلى» دە قەيت قىلىنىشىچە، ئوردا قازىسى ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسەن ھۆكۈم پىكىرىنى بەرگەن، دىۋان مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغان. يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھىيەلەردە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان دادگاھ ئاخۇنلىرى «قازى-قۇززات» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇلار شەرىئەت ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغان.
ياركەنت خانلىقىنىڭ تارىخنامىلىرىدە بۇ ئەمەل نامى قەيت قىلىنغان. ئەمما كونكرېت تەپسىلاتلىرى خاتىرىلەنمىگەن. ئەمەلىيەتتە، قازىلارنىڭ دەرىجىسى كۆپ بولغان، دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ھوقۇق چەكلىمىسىمۇ ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن قازى كالان ئالىي سوتچى؛ قازى  رەئىس قازىلارنىڭ باشلىقى؛ قازى پەھلىۋان يۇقىرى دەرىجىلىك قازى قاتارلىقلار. ناۋادا «قازى» دېگەن سۆزلا ئىشلىتىلگەن بولسا، ئادەتتىكى قازى، يەنى «ياردەمچى قازى» بولۇپ قالغان بولاتتى○57.
3. مۇفتى. بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «سوتچى، باش سوتچى» دېگەن مەنادا. بۇ ۋەزىپىدىكى كىشى ئاساسلىقى ئىسلام قانۇنىنى شەرھلەيدۇ، تەفسىر قىلىدۇ. شۇڭا «ئىسلام قانۇنى تەفسىرچىسى» مۇ دېيىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ ۋەزىپىنى بىلىمى چوڭقۇر روھانىي ئۆتەيدۇ. ياركەنت خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇلكەرىمخان دەۋرىدە، «مۇفتى ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئەرز-شىكايەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈمگە پىكىر بېرەتتى».
4. مۆتىۋەللى. ئەرەبچە سۆز بولۇپ، دىنىي مۈلۈك (ۋەخفى) نازارەتچىسى، دېگەن مەنادا. ياركەنت خانلىقىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئىسلام دىنى ئۇزاققىچە تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى، ۋەخفىلەرمۇ كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن ئوردا مۆتىۋەللىلەرنى ئەۋەتىپ ۋەخفىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇردى، بۇ پايدىسى كۆپ مەنسەب بولغان، مۆتىۋەللىلەرنى تۆھپىكار ۋەزىرلەر ئىچىدىن خان بىۋاسىتە تاللاپ تەيىنلىگەن.
يەنە، مۇھتەسىب: دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلغۇچى؛ زەبت مەكتەب: مەدرىس نازارەتچىسى قاتارلىق مەخسۇس دىنىي ئەمەللەر بولغان.
ئالاقىدار ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ياركەنت خانلىقى فېئوداللىق دەھرىي خانىدانلىق بولۇش سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەرقايسى بوستانلىقلىرىدا كەڭ تارقىلىپ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، تازا گۈللەنگەن.
ياركەنت خانلىقىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئىسلام ئىدىيەسى ۋە تۈزۈمى تەدرىجىي رەۋىشتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىسلام شەرىئىتى ياركەنت خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئىجرا قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساس بولغان، دىنىي ئەھكاملار ئاۋام تۇرمۇشىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىغان، روھانىيلار تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئىمتىياز ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. بىز بۇ دەۋردىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگىنىمىزدە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز:
بىرىنچى، ياركەنت خانلىقى قوشۇنلىرىدا ئىسلام قانۇنى سوتچىسى، يەنى قازى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «چېرىكقازى» دەپ ئاتالغان. بۇ ئارقىلىق ئىسلام قانۇنى بىلەن قوشۇننىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىگەن، چېرىكلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغان. چېرىكقازىلىق مەنسىپىگە ئىسلام دىنىدا ئالىي مەلۇماتلىق، چوڭقۇر بىلىمى بار شەخسلەر تەيىنلەنگەن، ئۇلارنىڭ دەرىجىسى كاتتا بەگلەردىن يۇقىرى تۇرغان.
ئىككىنچى، ياركەنت خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى دىنىي جەھەتتە «مۇرشىد» تۈزۈمىنى كىرگۈزگەن، بۇ تۈزۈم ياركەنت خانلىقىدا دەھرىي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بىلەن يۇقىرى قاتلام ئىسلام كاتتىلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان؛ بۇ تۈزۈم ياركەنت خانلىقىدا ئالاھىدە بىر تۈزۈم بولۇپ، بۇ تۈزۈم سوفىزم سۈلۈكىنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى  بىر خىل «مۇرشىد-مۇرىتلارنىڭ ئۆزئارا تەلىم بېرىش-تەلىم ئېلىش» تىن ئىبارەت سۈلۈكنىڭ ئىچكىي قائىدىسىن كەلگەن. بۇ تۈزۈم ياركەنت خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۈچىنچى، مازار تاۋابچىلىقى ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كېيىنكىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى.
(بۇ يەرگە 18-رەسىم چۈشىدۇ، سۈرەتتە: ناماز ئكتەۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى)
بۇنىڭ ئىچىدە، دىنىي مۇرشىدلىق تۈزۈمى ياركەنت خانلىقىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن؛ ھالبۇكى مازار تاۋابچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت دۇنياسىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر رولىنى جارىي قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يەردە مۇشۇ ئىككى جەھەتتە قىسقىچە توختىلىشنى لايىق تاپتىم:
1.        دىنىي مۇرشىد تۈزۈمى
ئەرەب تىلىدىكى بۇ «مۇرشىد» سۆزى «يول باشلىغۇچى» دېگەن مەنادا، ھالبۇكى مۇرشىدقا ئەگەشكەن شاگىرت «مۇرىت» دېيىلىدۇ. «يول باشلىغۇچى» بولغان مۇرشىدلار چوڭقۇر دىنىي بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولغان، سوفىزمنىڭ سىرلىرىنى يېشىش ۋە ئۇنى تارقىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى شەرت بولۇپلا قالماستىن بەلكى «قانداشلىق نەسەبى ۋە تەرىقەتچىلىك نەسەبى جەھەتتە ساپ، مۇقەددەس» لىكى بولۇشى، يەنى ئۆزى بىلەن ئاللاھ، مۇھەممەدنى  بىرلەشتۈرەلىگەندىلا ئاندىن ئاۋامنى قايىل قىلالايدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن مۇرشىدلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى، دەپ جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى، نەسەبىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام، مۇھەممدنىڭ ۋارىسى ئەلى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى ئابابەكرىگە باغلايدۇ. دېمەك، مۇرشىدلار «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دېگەن سالاھىيەتكە ئېرىشسىلا تېخىمۇ نۇرغۇن مۇرىتلارنىڭ چوقۇنۇشى ۋە ئەگىشىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
بۇنداق «مۇرشىدلىق» تۈزۈمى ئەڭ بۇرۇن سوفىزم سۈلۈكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى «مۇرشىد-مۇرىتلارنىڭ ئۆزئارا تەلىم بېرىش-تەلىم ئېلىش» قائىدىسىدىن كەلگەن. سوفىزم سۈلۈكىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدە، سوفى بولۇشنى ئىستەيدىغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان  سوفىزمنىڭ سىرلىق تەلىماتى بىلىملىرىنى مۇكەممەل بىلىشى، «ئاللاھ بىلەن بىر تەن-بىرجان» بولۇشتىن ئىبارەت ئالىي پەللىگە يېتىشى لازىم. بۇ «ئەڭ ئالىي پەللە» گە يېتىش ئۈچۈن ئەۋۋەل مەلۇم بىر مەشھۇر سوفى مۇرشىدقا تېجىمەلىك قىلىپ، مۇرشىدنىڭ تەلىمى بىلەن سوفىزم سۈلۈكىنىڭ سىرلىق ئەقىدىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىش رەسىم-يوسۇنىنى تاماملايدۇ. ئالايلۇق، سوفىلار ئاللاھنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن چوقۇم بىرقاتار يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچلىرىنى، يەنى تەۋبە قىلىش، دەرۋىشلىك يولىنى تۇتۇپ بۇ دۇنيانى تەرك ئېتىش، شۈكرى-قانائەتچان بولۇش، پەقىرلىك يولى تۇتۇش، سەۋرچان بولۇش، ئاللاھقا سىغىنىش، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق تەن بېرىش؛ دىنىي تۇيغۇ جەھەتتە بىر خىل ھېيىقىش، ئۈمىدۋار بولۇش، ئاشق بولۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈش لازىم، دەپ قارايدۇ. ئىستىقامەت ئارقىلىق بىر خىل سېزىمگە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ بىلىدۇ○58.
ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ مۇرشىدى (پىرى) خوجا نۇرى، دېگەن زاد ئىدى. ئۇ 1525-يىلى كاشغەرگە كەلگەن. كېيىن مۇرشىدلىق ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىنىسى خوقا مۇھەممەد يۈسۈف خاننىڭ مۇرشىدى ئىدى. خوجا ۇھەممەد يۈسۈف ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، خوجا نۇرى خان مۇرشىدى بولغان. مىرزا ھەيدەر كوراگان بۇ ھەقتە توختالغاندا «سەئىدخان شۇنىڭدىن كېيىن بار زېھنىنى مۇقەددەس دىن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان» دەپ يازغان. بۇ تۈزۈم سۇلتان سەئىدخاندىن باشلىنىپ تاكى ياركەنت خانلىقى يىمىرىلگەنگە قەدەر داۋاملاشقان. ئىككىنچى ئەۋلاد خان ئابدۇلرەشىدخان مۇھەممەد شېرىفنى مۇرشىد تۇتقان؛ ئابدۇلكەرىمخان مۇھەممەد ۋەلىي (خوجا ئىسھاق ۋەلى) نى مۇرشىد قىلغان؛ مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ مۇرشىدى خوجا ئەرشىددىن ئەۋلادىدىن مۇھەممەد داموللا ئىدى. مۇھەممەدخان ئىسھاق خوجىنى مۇرشىد تۇتقان.
ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، خانغا مۇرشىدلىقى  ئاقتاغلىقلار بىلەن قاراتاغلىقلارنىڭ تالىشىشىدا قالدى، بۇ ئىككى سۈلۈك ھۆكۈمراننىڭ قوللىشى ئارقىلىق ئۆز تەسىر كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىشنى ئىستەيتتى، ھۆكۈمرانلارمۇ دىنىي كۈچلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىمتىيازىنى كۈچەيتىشنى ئىستەيتتى. شۇڭا ئىككى سۈلۈك ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش كۈرىشى تاكى خانلىق ھالاك بولغىچە داۋام قىلدى.

2. مازار تاۋابچىلىقى
مازار ئەسلىدە ئەرەبچە «يوقلاش»، «زىيارەت قىلىش» دېگەن مەنادا ئىدى، كېيىنچە «پەيغەمبەر قەبرىگاھى»، «مۇقەددەس يەر» نى يوقلاش، زىيارەت قىلىش، تاۋاب قىلىش مەنالىرىدا قوللىنىلغان. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا ئادەتتىكى قەبرىستانلىقلارمۇ «مازار» دەپ ئاتالغان. سوفىزم سۈلۈكىدە «مازار تاۋابچىلىقى» دېگەندە «ئۇلۇغلار قەبرىسى» نى تاۋاب قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان، يەنى قەبرىستانلىقلاردا تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلۇغلار يادلانغان○59. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار مازارلاردا كەتكەنلەرنى  ياد ئېتىپ ئۆتكۈزگەن دىنىي پائالىيەتلىرىنى  «قەبرە يوقلاش» دەپ ئاتىغان.
«قەبرە يوقلاش» مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ياد ئېتىشتىكى دىنىي پائالىيىتى، مۇئەييەن ۋاقتتا مازارغا بېرىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. بۇ ئادەت  مۇھەممەد پەيغەمبەردىن باشلانغان. «ھەدىس» تە ئىبنى ئابباسنىڭ بايان قىلىشىچە ئەبۇ ھۇرەيرە شۇنداق بايان قىلغانكى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆز ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغان، پەيغەمبەر يىغلىغاندا ئەتراپىدىكىلەرمۇ يىغلاشقان. مۇھەممەد پەيغەمبەر «مەن ئاللاھتىن ئانامنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلىشىمگە ئىجازەت سورىىدىم، ئاللاھ ئىجازەت بەرمىدى. مەن يەنە ئاللاھتىن ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلىشىمغا ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندۈم، ئاللاھ ئىجازەت قىلدى. شۇڭا سىلەرمۇ قەبرە يوقلاڭلار، چۈنكى قەبرە يوقلاش كىشىگە ئۆلۈمدىن ھوشيار تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ»○60 دېگەن.  
ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋابچىلىقى بىلەن ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىبىنىڭ «ئۇلۇغلار قەبرىگاھىنى تاۋاب قىلىش» ىغا ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭمۇ مەلۇم تارىخىي مەنبەسى بار. تارىخىي خاتىرىلەردە قەيت
(بۇ يەرگە 19-رەسىم چۈشىدۇ، سۈرەتتە: ئىسلام دىنىدىكى ئۇلۇغلار مازىرى، ھازىرقى كۇچا ناھىيەسى شەھەر سىرتىدا، سۈرەتنى مۇئەللىپ تارتقان)
قىلىنىشىچە، ئىسلام تارىخىدا، شىئە مەزھىبىدىكى نۇرغۇن ئىماملار ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، مۇرىتلىرى ئىچىدە تەدرىجىي يوسۇندا بىر خىل جاپاغا چىداش تۇيغۇسى ھەم چىدامچانلىق ۋە گۇناھدىن ساقت بولۇش ھېسسىياتى شەكىللەندى. مەزكۇر مەزھەبنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر مۇرىتلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ ئەلىيالارغا چوقۇنۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە قوغداپ، ئىمامنىڭ نوپۇزى ۋە داھىيلىق ئابرويىنى تىكلىدى. نەتىجىدە ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇش ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىسىگە چوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مەزھەب ئىمامنى ئىسلام ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغان ئەۋلىيا، دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ مەزھەب  مۇسۇلمانلار ھەج قىلىشتا بىردەك مۇقەددەس بىلىدىغان مەككە، مەدىنە ۋە قۇددۇس (ئېرۇسالىم) تىن باشقا يەنە نەجەف، كەربالا، قۇم، مەشھەدنىمۇ مۇقەددەس جاي، دەپ بىلىدۇ. ھەر يىلى بۇ يەرلەرگە  مىليونلاپ مۇسۇلمان ھەج تاۋابقا كېلىدۇ، ياشانغانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئىماملار بىلەن بىللە دەپنە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ۋەلىيلەرنى (ئەۋلىيالارنى) رەسمىي ئېتراپ قىلىش خۇسۇسىدا بەلگىلىمە يوق، دەسلەپكى ئەسلىيەتچى مۇسۇلمان ئەللامەلىرى ئەۋلىيالارغا ئاتاپ دۇئا قىلىش، ئەۋلىيالار مازىرىنى تاۋاب قىلىش كۆپ ئىلاھلىق دىننىڭ ساقىندىلىرى، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئىسلامنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدىكى سوفىزمنىڭ تەسىرىدە، ئەۋلىيالارنى ئۇلۇغلاش، ئەۋلىيالار مازىرىنى تاۋاب قىلىش ئىسلام دۇنياسىدا ئەۋج ئالغان. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئەۋلىيالارنى ئۇلۇغلاش، ئەۋلىيالار مازىرىنى تاۋاب قىلىش دەسلەپتە شىئەلەردە بارلىققا كەلگەن، 12-ئەسىردىن كېيىن، ئەنئەنىۋىي ئېتىقاد بىلەن سوفىزم ئوتتۇرىسىدىكى پەلەسەپەۋىي يارىشىش تۈپەيلىدىن بۇ خىل دىنىي مۇراسىم سۈننىي مەزھىبىدىمۇ تەدرىجىي يوسۇندا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەن ئېلىندى ۋە يۈرگۈزۈلدى. مۇسۇلمانلار ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر «كارامەت» (مۆجىزە) نىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەۋلىيالار ئۆزلىرىگە ناھايىتى يېقىن. شۇنداق قىلىپ بەزى مۇسۇلمانلار ئۆز يۇرتىدا ئۆتكەن ئەۋلىيالار ۋە ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى تاۋاب قىلىشنى ھەج قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېلىشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى زامانلاردا مەككىگە بارىدىغان يول بەك يىراق ھەم جاپالىق بولغاچقا، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ھەجگە بارالمايتتى. شۇڭا، سوفىزم سۈلۈكىدە ئەۋلىيالارنى ئۇلۇغلاش، ئەۋلىيالار مازىرىنى تاۋاب قىلىش بەكرەك ئەۋج ئالغان. شۇ ۋەجدىن بولسا كېرەك، ئۇيغۇرلاردا «مازارىم يېنىمدا تۇرسا مەككە مۇكەرەمەگە بېرىپ نە قىلاي» دېگەن مەزمۇندىكى ماقال-قوشاقلار بارلىققا كەلگەن.
تارىخ تەرەققىياتىغا، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلاردا «قەبرە يوقلاش» (مازار تاۋاب قىلش) سوفىزم سۈلۈكىنىڭ «ئەۋلىيالار قەبرىسى» نى تاۋاب قىلىشىدىن زور پەرقلەر بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلاردىكى «قەبرە يوقلاش» كۈندىلىك تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە سىڭىشىپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ياد ئېتىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ، يېقىنلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشتەك ئادەتلەرگە ئۆزگىرىپ كەتتى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «قەبرە يوقلاش» پائالىيىتى مۇنداق بىرنەچچە تەرەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ھەر پەيشەنبە كۈنى ئەرلەر بامداتتىن قايتىپ كىرىپ، ناشتىلىقىنى قىلىپ بولۇپ قەبرە يوقلاشقا بارىدۇ. قەبرە يوقلىغۇچى تۇغقان، دوستلىرىنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ«خەتمە قۇرئان» قىلىپ، «ئۇ دۇنياغا كەتكەن مۇسۇلمانلار، سىلەرگە ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمەن، ئاللاھ خاھلىسا بىزمۇ كەينىڭلاردىن بارىمىز، سىلەرگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن!» دەپ دۇئا قىلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار قەبرە يوقلاشتا ۋاقتقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىرىنچىدىن، ھىجىرىيە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى چوقۇم مازارغا بېرىپ قەبرە يوقلايدۇ. چۈنكى شۇ كۈنى بارات كېچىسى بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بارات كېچىسى ئاللاھ بەندىلەرگە ھايات-مامات، بەخت-ئامەت، بالا-قازا قارار قىلىدىغان  پەيت ئىكەن. شۇڭا، شۇ كۈنى قەبرە يوقلاپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، ئاللاھتىن جەننەتتىن ئورۇن بېرىشنى تىلەيدۇ. شۇ كۈنى كېچىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ. ئىسلام تارىخىدىن شۇنداق رىۋايەت باركى، مىلادى 620-يىلى دەل شۇ كېچىدە، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆزى يالغۇز مەدىنەگە بېرىپ، مەدىنەدىكى (بۈگۈنكى مەدىنە مۇنەۋەردىكى مەسجىدنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) 白格尔؟ نىڭ قەبرىسىدە دۇئا قىلغان، دۇئادىن كېيىن ئەۋلىيالارنىڭ شاگىرلىرىغا «بۇ كېچە ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەڭ يېقىن سەييارىگە چۈشۈپ: مۇسۇلمانلار بۇ كېچىدە چىن نىيەت بىلەن تەۋبە قىلىپ بەخت تىلىسە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىمەن، دەپ ئۇقتۇرغان» دېگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ بەزىلەر بۇ كېچىنى تەۋبە كېچىسى، دەپمۇ ئاتىغان. بۇ كېچە ئاللاھ جەننەتنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە كېلىپ بەندىلەرگە ھايات-مامات، بەخت-ئامەت، بالا-قازا قارار قىلىدىكەن.
ئىككىنچىدىن، روزى ھېيت (رامازان ھېيتمۇ دېيىلىدۇ)، قۇربان ھېيتتا جەم بولغاندىن كېيىن، ئەرلەر چوقۇم قەبرە يوقلايدۇ. ھەر قېتىم بارغىنىدا دەرەخ شېخىنى ئالغاچ بېرىپ قەبرە بېشىغا سانجىپ قويىدۇ ياكى پۇرۇچلارنى ئېلىپ بېرىپ دەرەخ شېخىغا چىگىپ قويىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆلۈپ كەتكۈچىگە تەزىيەسىنى بىلدۈرۈدۇ.
بۇ خىل مازار-قەبرىلەرنى يوقلاش پائالىيىتى ياركەنت خانلىقى زامانىدا پەيدا بولغان. مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، خوجا مۇھەممەد شېرىف ۋە ئۇنىڭ ئۇۋۋەيىسىيە سۈلۈكى ياركەنت خانلىقىدا مازار تاۋابچىلىقىنى ئەۋج ئالدۇرغان. ياركەنت خانلىقى تەۋەسىدىكى مازارلار ئىچىدە، خوجا مۇھەممەد شېرىف ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى (ئاتۇشتا) بەك ئۇلۇغلىغان. بۇ مازار خانلىق تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت  سورۇنى بولغانلىقتىن، بۇ مازارنىڭ كۆلىمىمۇ زورايتىلغا ھەم ھەيۋەت بېزەلگەن. بۇ مازارنى باشقۇرۇدىغان ئورگان  ۋە  مازارنىڭ  ئىقتىسادىي  ئورنىمۇ  داۋاملىق  ئۆرلەپ بارغان.
(بۇ يەرگە 20-رەسىم چۈشىدۇ، سۈرەتتە: ئالتۇن چىراق مازىرى، باي ناھىيەسى تەۋەسىدە، مۇئەللىپ تارتقان)
مازار باشقۇرغۇچى «شەيىخ» دەپ ئاتالغان؛ چوڭ مازارلاردا يەنە مەسجىد، دەرسخانا ۋە قازىخانا سېلىنغان، بۇنداق مازارلاردا ئىمام، مۇئەززىن، قازى، مۇددەرىس، تازىلىقچى ۋە باشقا خىزمەتكارلار بولغان؛ شەيىخ مازار يوقلاش پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپلا قالماستىن يەنە مازارنىڭ ۋەخفى ۋە باشقا مۈلۈكلىرىنى باشقۇرغان.
تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا نۇرغۇن مازارلار بولغان. مەسىلەن ساتۇق بۇغراخان مازىرى، ياركەنتتىكى ئالتۇنلۇق مازىرى، ئاباق خوجا مازىرى، ئالتۇن چىراق مازىرى قاتارلىقلار. مازار مەدەنىيەتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭدا 86 مازار بولۇپ○61، مۇسۇلمانلار ھېلىھەم بۇ مازارلارغا كېلىپ تاۋاب قىلىپ، قەبرە يوقلايدىكەن. بۇ مەلۇماتنىڭ تولۇقلىقىغا گۇمان بار، چۈنكى يەنە بەزى داڭلىق مازارلار مەلۇمات سىرتىدا قالغان○62. شۇنداقتىمۇ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسلىق مازارلار كىرگۈزۈلگەن.
ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پەيدا بولغان مازار تاۋابچىلىقى، يەنى قەبرە يوقلاش پائالىيىتى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، دىنىي پائالىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇنداق تەسىر ۋە مەنىۋىيەت دۇنياسىنىڭ پائالىيىتى بۈگۈنگە قەدەر ئۆز رولىنى جارىي قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرە يوقلاشقا بولغان تونۇشى مۇنۇ تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقىنىنى ياد ئېتىش. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر مازارغا بېرىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاتاپ «قۇرئان» ئوقۇش ئارقىلىق ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ياد ئېتىدۇ. قىرائەت قىلغاندا ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقىنىنى ئويلايدۇ، ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقىنىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىيماسى كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، خۇددى بۇ دۇنياغا قايتا تۇغۇلغاندەك تۇيغۇ تۇغۇلىدۇ.
2. ئاللاھتىن ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى، دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ جەننەتتىن ئورۇن بېرىشنى تىلەيدۇ.
3. تىرىكلەر قەبرىنى كۆرگەندە ھاياجقان تولۇپ ئىلھاملىنىپ كېتىدۇ. قەبرە يوقلىغۇچى تىرىكلىك ھەققىدە ئويلاپ ئاخىرى بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقتا مال-دۇنيانىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى، قىسقىغىنە ھاياتلىقتا ساۋاب ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ گۇناھدىن نېرى تۇرۇشنى، پەرزلەرنى ئادا قىلىپ روھىي تەسەللىي تېپىشنى، ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتككە كىرىشنى ئويلايدۇ.
4. قەبرە يوقلاشنىڭ تەقۋالىق ۋە دەھرىيلىك رولى. ئۇزاق مۇددەت مازار تاۋاب قىلىش، يەنى قەبرە يوقلاش داۋامىدا، نۇرغۇن ئەر-ئايال مۇسۇلمان مازارغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ سەجدە قىلىش، خەتمە قۇرئان قىلىش، دۇئا قىلىش قاتارلىق «تاۋاب» پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك بەختسىزلىكلىرىنى شىكايەت قىلىشىدۇ؛ كېسىلى بارلار ئەرۋاھلاردىن رەھمە ئەيلەپ ئۆزىنى ئاغرىق ئازابىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەيدۇ؛ ياش مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن ئۆزىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەيدۇ؛ يەنە بەزىلىرى ئاللاھتىن ئۆزلىرىنى ئامان-ئېسەن قىلىپ، بالا-قازادىن ساقلاشنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى، بەختىنى تىلەيدۇ، ۋەھاكازالار. يەنە، دەپنە مۇراسىمىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئامىللىرى ئەڭ كۆپ مۇراسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سەكراتقا چۈشكەندىن تارتىپ تاكى يەرلىكىدە قويۇپ قەبرە يوقلىغىچە بولغان جەريان ئاساسەن ئىسلام دىنى بويىچە بولىدىغان مۇراسىم. بۇ مۇراسىم ئېتىقادچىلارنى بىرلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قاراخانىيلار خانلىقى زامانىدا باشلانغان، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە ئەۋج ئالغان مازار تاۋاب قىلىش پائالىيىتى نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات ۋە داۋاملىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېتىقادچى ئاممىسىنىڭ روھىي دۇنياسىدا مىللەت-دىن، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئۆز ئارا ئايرىلمايدىغا گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئېتىقادچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قەبرە يوقلاش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىلاھىي دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ تىلەكلىرى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقنىڭ قىممىتىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، قەلبىگە تەسەللىي ۋە مەنىۋىيىتىگە مۇكەممەللىك تاپقان. شۇڭا، قەبرە يوقلاش ئادىتىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش قەبرە يوقلاشقا قاتناشقان ئېتىقادچىلارنى توغرا يېتەكلەش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇئەييەن رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھات:
○1 توختى مۇزئارت: «ئۇيغۇرنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىل نەشرى، 111-بەت.
○2 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 312-بەت.
○3 «چىڭ بۇزرۇگخانلىرىغا دائىر ئوردا خاتىرىلىرى» 82-جىلد.
○4 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 1-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 375-بەت.
○5 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 47-بەت.
○6 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 42-بەت.
○7 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 44-بەت.
○8 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 46-بەت.
○9 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 48-بەت.
○10 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 51-بەت.
○11 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 53-بەت.
○12 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 56-بەت.
○13 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 102-بەت.
○14 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 103~106-بەتلەر.
○15 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 103~106-بەتلەر.
○16 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 106-بەت.
○17 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 127-بەت.
○18 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 1-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 353-بەت.
○19 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 139-بەت.
○20 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 176-بەت.
○21 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 190-بەت.
○22 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 190-بەت.
○23 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 191-بەت.
○24 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 219-بەت.
○25 «جارىپ»، «ماتاگەز» فارسچە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى ئاتالغۇسى.
○26 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 220-بەت.
○27 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 220-بەت.
○28 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 238-بەت.
○29 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 235-بەت.
○30 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 245-بەت.
○31 [روسىيە] ئاكىمۇشكىن: «چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ھۆكۈمرانلار يىلنامىسى (تۇغلۇق تۆمۈر نەسلىدىكىلەر)». موسكۋا، 1984-يىل نەشرى.
○32 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 249-بەت.
○33 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 262-بەت.
○34 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 356-بەت.
○35 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 287~288-بەتلەر.
○36 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 428-بەت.
○37 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 256-بەت.
○38 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 434-بەت.
○39 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 435-بەت. يەنە ۋېي لياڭتاۋنىڭ «ياركەنت خانلىقى تارىخى تېزىسلىرى»، خېيلۇڭجياڭ مائارىپ نەشرىياتى 1998-يىل نەشرى، 76-بەتتىكى ○4 ئىزاھاتقا قاراڭ.
○40 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 435-بەت.
○41 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 448-بەت.
○42 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 449-بەت.
○43 لى جىنشىن: «شىنجاڭدىكى ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، دىنىي مەدەنىيەت نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى، 210-بەت.
     ○44 موللا ئىسمەتۇللاھ بىننى موللا نېئمەتۇللاھ مۆجىزى: «تارىخىي مۇسىققىيۇن»، چاغاتايچە قوليازما نۇسخىسىدىن نەشرگە تەييارلانغان، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى، 45~70-بەتلەر.
○45 «ئۇيغۇر 12مۇقامى» (1-12)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىل نەشرى، 26~57-بەتلەر.
○46 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 83-بەت.
○47W.Barthold, Sochinebiya, Vols.8, 1963~1965,p.175
○48 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 83-بەت.
○49 جاڭ شىڭلياڭ: «جۇڭگو-غەرب قاتناش تارىخى تېزىسلىرى مەجمۇئەسى» 1-توم، جۇڭخۇا كىتابخانىسى نەشرىياتى 1977-يىل نەشرى، 421-بەت.
○50 مۇئەللىپى نامەلۇم: «تارىخى كاشغەر» قوليازما نۇسخا، 85-بەت.
○51 «سۇلتان» تۈركىي تىللارغا ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز، «شاھزادە» مەنىسىدىمۇ قوللىنىلغان.
○52 مىرزا ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى» (خەنزۇچە نەشرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، 2-تۈزىتىلمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 83-بەت.
○53 Valikhanoff, Capt.,The Russians in Central Asia, Tr.by J.and R.Michel, London, 1905, p.165
○54 موللە يەئقۇب بىننى ئۆمەر روزى كاشغەرىينىڭ «تەزكىرەئى ھىدايەتۇللاھ (ئاباق خوجا تەزكىرىسى)»، چاغاتايچە قوليازما نۇسخا. يەنە توختى مۇزئارتنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىل نەشرى، 116-بەت.
○55 موللە يەئقۇب بىننى ئۆمەر روزى كاشغەرىينىڭ «تەزكىرەئى ھىدايەتۇللاھ (ئاباق خوجا تەزكىرىسى)»، چاغاتايچە قوليازما نۇسخا.
○56 «قازى» سۆزى ئەرەبچە «دىنىي سوتچى»؛ باسكوۋ: «خىۋە خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدىكى ئاتاق ۋە نام تەرتىپى».
○57 [مىسىر] شەھرىستانى: «مەزھەب ۋە ئەھكام» 1-توم، مىسىر، 1948-يىل نەشرى، 174~176-بەتلەر.
○58 A.J.Arberry, Introduction to the History of Sufism, London, 1942, pp.146~188.
○59 «ھەدىس» (1-قىسىم)، چېن كېلى تەرجىمىسى، 301-بەت.
○60 جەنۇبىي شىنجاڭ سەھرالىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرى. شىنجاڭدىكى 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسجىد ئىچىدە، مازارلىرى بىلەن يۈرۈشلەشكەن مەسجىد ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن.
○61 مەسىلەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ يۇرتى سايرام يېزىسى ئاناقىز كەنتىنىڭ شىمالىدىكى قاراسۇ دەرياسى قىرغىقىدىكى ئالتۇن چىراق مازىرى مەشھۇر ئەۋلىيا مازىرى بولۇپ، شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار تاۋاب قىلىدۇ. ئەمما، مازار تەتقىقاتىغا دائىر ماتېرىياللارغا بۇ مازار كىرگۈزۈلمىگەن.

0

تېما

7

دوست

2201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 666
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 19:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمان: ئەركمان

1

تېما

3

دوست

1602

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 20:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى نىمىشقا ھازىرغىچە نادىرلىمايسىلەر؟

0

تېما

2

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 21:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى ئەمنىيە   دە مۇنداق بىر ئابزازس جۇملە بار
ئىسمايىلخان 12يىل ھوكۇمرانلىق قىلىپ ئىلىغا سەپەر قىلدى،ھاكىيەت مۇھمەت ئىمىنخانىڭ قولىغا ئوتتى .بۇ چاغدا دانيال خوجا دىنى ئورندا ئىدى ،كىيىن ھاكىيەت ئىشغا ئارلاشتى ،خانلار تەڭ كىلەلمەي قالماق ‹‹مۇڭغۇللار››ھوكۇمرانلارنىڭ قوينىغا ئوزنى ئېتىپ ئۇلاردىن ياردەم سوردى .بۇنىڭ بىلەن خانلىقنىڭ چىرىغى ئوچۇشكە باشلىدى .مۇڭغۇللارنىڭ نەپسى يوغناپ نۇرغۇن چىرىك بىلەن يەتتە شەھەر خەلقنى بۇيسۇندۇرالمىدى .مۇڭغۇللار ئۇلارنىڭ خوجىلارغا بولغان ئىخلاسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتتە ھوكۇمرانلىق قىلىشقا پۇتۇشتى . شۇ بۇيچە ھوكىرانلىق يۇسۇپ خوجىغا كەلگەندە  مۇڭغۇللارنى يەتتە شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى ،كىيىن  ئامۇر سىنا  كاڭشى خانىڭ قېشىغا ئەرىز قىلىپ چىڭ قۇشۇنلىرنى باشلاپ  كەلدى  
دەپ يېزىلىپتۇ

0

تېما

7

دوست

2201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 666
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 21:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 20:34
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى نىمىشقا ھازىرغىچە نادىرلىماي ...

تېمىغا قوشۇلۇپ ئىنكاسمۇ نادىرلىنارمۇ-ھە ئازراق ئاقچا ئالسام

1

تېما

3

دوست

1602

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 21:47:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 21:42
تېمىغا قوشۇلۇپ ئىنكاسمۇ نادىرلىنارمۇ-ھە ئازراق ...

بۇرۇنلاردا مۇنبىرىمىزدا باھالاش سۇپىسى بار بۇلۇپ ھەر بىر ئىنكاسنى باھالىغىلى بولاتتى،كىيىنمۇنبەرنىڭ باھالاش ئىختىدارىمۇ يۇقالدى..

مۇنبەردىكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يازغان تەپەككۇرى كۈچلۈك،ياكىمول مەزمۇنلۇق ئىنكاسلارنىمۇ نادىر ئىنكاس دەپ باھا بىرىش ئارقىلىق شۇ ئىنكاسنى يازغان قېرىنداشلارغا تېخىمۇ زور ئىلھام بىرەتتۇق..

بۇ تىمىنى نادىرلىماسلىققا يەنە قانداق باھانەكىتىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )