ھاقارەتلەنگەن دىلنىڭ نىداسى
(بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ)
بۈگۈن رامىزانغا 3بولغان قۇتلۇق كۈندە،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقانلىغىغا ھەدەتسىز ھەمدى-سانا بولسۇن.رامىزاندىن كىرگەندىن بىرى ئازاتلىققا چىققاندەك ئەركىن بولۇپ ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىكى ھاردۇقلىرىم بىراقلا چىقىپ يىنىكلەپ قالغان ئىدىم.بېسىم بولمىسا بىر نەرسە يېزىشمۇ تازا خوش ياقمايدىكەن، جاراھەتلەنگەن دىللىرىمنى رامىزان باھانىسىدا-ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن داۋالاپ ساقايتىۋالماقچى بولۇپ،رامىزاننى بولسىمۇ جىم چىقىرىۋالاي دىسەممۇ تورداشلىرىم مىنى ئىختىيارىمغا قويمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئۈرۈمچىنىڭ ئەمگەك كوچىسىدا “ئاچچىق چىقىرىش كۇلۇبى”دەپ ،بىر ئورۇن قۇرۇلغىلى خېلى يىللار بولدى.بۇ خىلدىكى روھى بېسىم يىنىكلىتىش、 ئاچچىق چىقىرىش تۈرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، تەرەققى قىلغان چوڭ شەھەرلەردە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەن.بۇ ئاساسەن چىقىم-ھەققىنى تۆلەپ بىرىپ ئۆي-جاھازلارنى چېقىپ كۆڭلىنى ئېچىش、تىللاپ- ۋاقىراپ كۆڭلىنى ئېچىش 、 مۇشلاپ ھەركەت قىلىپ روھى بېسىمنى يىنىكلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ،ھازىرقى زامان كىشىللىرى دۈچ كىلىۋاتقان روھى –پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى داۋالاپ ساقايتىشنى مەقسەت قىلغان.دەۋەقە ھازىر ئادەملەر تۇرمۇش بېسىمىنىڭ يۇقۇرلىغىدىن بېسىم چىقىرىدىغان جاي تاپالماي،قالايمىقان خالىغان يەردە بولۇپمۇ توردا ئاچچىق چىقىرىۋېلىشنى، باھاسى ئەرزان ئىشەنچلىك ئۇسۇل دەپ قارىسا كىرەك.ھىس قىلىشىمچە ھىچگەپتىن-ھىچگەپ يوق زەھەردەك گەپلەر بىلەن، ئورۇنسىز باشقىلارنى چېقىۋالىدىغان ئەھۋال ئەتراپىمىزدا ئېغىرلاپ قالغاندەك قىلاتتى.بىر تورداش مۇنداق بىر ئىنكاس يوللاپتۇ،تۆۋەندە شۇ يوللانغان ئىنكاسنى ئەسلى مەزمۇنى بويىچە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:“ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، قانۇن ئەپەندىم ياخشمۇسىز ؟مۇشۇ توردا ئۇچۇردا ، چ چ دا ، تىلفۇندا باشقىلارنى ھاقارەتلىگەن كىشىلەرگە قانۇندا قانداق جازا قوللىنىدۇ ، مۇشۇنداق قەبىھ ئەھۋاللارغا ئۇچرىساق قايسى ئورۇنلارغا خەۋەر ھەم ئىنكاس قىلساق بولىدۇ . مۇشۇ توغرلۇق ئەتراپلىق بىر تېما ئەۋەتكەن بولسىڭىز ، يىقىندىن بۇيان مەۋھۇم دۇنيا بولغان ئىنتىرنىتتا ئادەمنىڭ يۇركى تىترۈگۈدەك ، ھەتتا زىمىن تىترۈگۈدەك باشقىلاردىن ھاقارەت ئاڭلاپ كەتتىم .ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم!”
مەن بۇ ئىنكاسنى كۆپ ئويلاندىم.بۇ قانۇن بىلەن ئەخلاقتىن ئىبارەت، ئىككى چوڭ كاتوگۇرىيەگە چېتىلىدىغان مەسىلە بولغاچقا ،قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى.شۇنداقتىمۇ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى رەت قىلغىم كەلمەي،قۇلۇمدىن كىلىشىچە تىرىشىپ جاۋاپ ئىزدەپ باقتىم.بۇ نىڭغا ئۇدۇللا بىرنىمە دىيىشكە توغرا كەلسە،تازا تولۇق ھەم ئۆلچەملىك بولمايتى.شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەخلاق نىمە؟ قانۇن نىمە؟دىگەننى يورۇتۇپ بىرىش كىرەك ئەلۋەتتە.ئەخلاق دىگىنىمىز -كىشىلەرنىڭ جەمىيەتتىكى ئىجتىمائى ھادىسىلەرگە بولغان ياخشى-يامان باھا-پىكرى بولۇپ،ئابروي-ئىناۋەت قاتارلىق ئىنساننىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش ھەركەت مىزانىنى بىز ئەخلاق دەپ ئاتايمىز.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەخلاق-ئىنسان ئۆزىنىڭ نۇرمال ھاياتى پائالىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ،ئىستىخىيىلىك يوسۇندا ئېلىپ بارغان ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەم يالغۇز بىر ئارالدا ھايات كەچۈرسە ئەخلاققا ئىھتىياجى چۈشمەيدۇ،پەقەت خوتۇن–باللىرى ئاۋۇپ ھەرقايسىنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات ئىھتياجى پەيدا بولۇشقا باشلاپ ،بىر-بىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئەخلاقنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
ئەخلاق مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ،قارىسا ئارىسىدىن بىتتى –يېرىم قۇلاق كەستىللىرى چىقىپ قېلىپ ،ئۇنى قاتتىقراق جازالىمىسا گەپ كار قىلماي قالدى.قانداق قىلىش كىرەك؟ شۇنىڭ بىلەن جازالايدىغان ئەسلىھەلەر مەيدانغا كىلىشكە باشلاپ،ئاۋال ئۇنى تاماق بەرمەي 、گۇناھىنى ۋاقىتلىق سولاپ قويۇپ 、توۋە قىلدۇرىدىغان سولاقخانا لازىم بولدى.كىيىن ئادەم ئاۋۇغانسىرى جازانىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى、ساقچى –ئەسكەر باقمىسا بولمىدى 、قۇراللار مەيدانغا كەلدى 、ھۆكۈمىرانلار پەيدا بولمىسا بولمىدى. شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ قانۇنغا ئىھتىياجى چۈشۈپ، قانۇن مەيدانغا كەلدى. قانۇن- ھۆكۈمىرانلار(كۈچلۈكلەر) بىكىتكەن، مەجبۇرلاش ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىجتىمائى يولدۇر.قانۇن دەسلىۋىدە پەقەت گەپ ئاڭلىمىغان پاتاڭ قۇلاقلارنى، ئۇچۇقداغ قويۇش ئۈچۈنلا مەيدانغا كەلگەن.
ئۇنداقتا قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى ئەخلاق ئۈنۈملىك چەكلىيەلمىگەندە،قانۇننىڭ چەكلەش رولى ئوتتورىغا چۈشىدۇ.ئىنكاستىكى ھاقارەت مەسلىسىگە كەلسەك:ئادەتتىكى ساغلام بىر ئادەمنى بىر ئىككى ئېغىز تىللاپ قويسىڭىز ،ھىچنىمە بولۇپ كەتمەسلىگى مۇمكىن. لىكىن تەلىيىڭىز ئوڭ كەلمەي قېلىپ ،ئۇقۇشماسلىقتىن بىرەر مەشھۇر ئەرباپنى ياكى داڭلىق چولپاننى ھاقارەت قىلىپ سېلىپ، يۈزىنى چۈشۈرۈپ قويسىڭىز باھاسى بەك يۇقۇرى بولۇپ كىتىپ تۆلىيەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن.ھاقارەت قىلغىنىڭىز ئويلىمىغان يەردىن ،ئاجىز –مېيىپ、 قان بېسىم、 يۈرىگى ئاجىز ئادەملەر بولۇپ قالسا ،ھاقارەتكە چىدىماي قىلىپ سالامەتلىگى ناچارلىشىپ دوختۇرغا كىرىپ قالسا،بارلىق دوختۇر چىقىملىرىنى باۋشاۋ(ئاتچوت)قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.ناۋادا مەن 《تۇخۇمنىڭ ھىكايىسى》دىگەن يازمامدا دىگەندەك ،ئادەتتىكى تۇخۇم مۇئەييەن شارائىتقا ئىگە بولسا يەنى 25 قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسە ئادەم ئۆلتۈرەلىگەندەك،ئادەتتىكىچە تۇيۇلغان بىر ئېغىز سۆز باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.ياق دىمەڭ!بۇ دۇنيادا مۇمكىن ئەمەس! دىگەن سۆز پەقەت دۆتلەرنىڭ ئاغزىدىنلا چىقىدۇ.ناۋادا شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئادەم ئۆلسە،قانۇن بويىچە خۇن داۋاسى بولۇپ قالسا ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى شۇ ھاقارەت قىلغۇچى نوچى ئۈستىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە.مەن توردا مەخپى تۇرسام دىمەڭ ، ئاللاھقا ھىچقانداق نەرسە مەخپى ئەمەس.بۇنداق ئىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! ئەگەر خۇن داۋاسى چىقىپ قالسا ،جاۋاپكارنى تاپماق بىردەملىك ئىش !
مۇنبەرگە يوللىنىدىغان ماقالە بەك مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ كەتسە ،قىزىق يېرى قالمايدىكەن .شۇڭا مۇشۇ يەردە توختاتسام ،قالغىنىنى ئورتاق تولۇقلاپ كەتسەك قانداق دەيسىلەر؟
|