قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 7

ھايات تەدبىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

120

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30014
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 20:19:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ھايات تەدبىرى
(ھىكايە)


  ئۆگۈنلۈككە ساۋۇت جۈيجاڭنىڭ كەنجى ئوغلىنىڭ تويى ئىدى،مانا ساۋۇت جۈيجاڭ ئەتتىگەندىن كەچكىچە پالاقلاپ ئۆي بىلەن بازار ئارلىقىدا چىپىپ يوقنى بار قىلىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى ئايالى رىسالەت ھە دەپ ئۆيگە كەلگەن مىھمانلارنى ئۇزىتىش دوستىخان قوبول قىلىش تاماق تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن بەنىد ئىدى ،ئۇلارنىڭ 2 – ئوغلى بولوپ چوڭ ئوغلى قەيسەرجان بىيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىدا ئوقوپ كىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەۋاتاتتى ،ئۇزاقى يىلى ئوغلىنى ئۆيلەپ قويوپ ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قىتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ يىنىپ كەلگەن ئىدى .
    مانا ئەمدى كەنجسنىڭ تويىنى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولوۋاتاتتى ، ساۋۇت جۈيجاڭنىڭ ئەسلى ئىسمى ساۋۇت ئەخمەت بولوپ ناھىمىزنىڭ 20 –كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر يىزىدا ئىدى ئايالى رىسالەت ھەدە ناھىيلىك تولوق ئوتتوردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى ، ساۋۇت جۈيجاڭ ناھىيمىزدىكى غوللۇق بىرئىدارىنىڭ رەھبىرى بولوپ ھوقوق سۈرگىلى مانا ھەش پەش دىگۈچە ئون بەش يىل بولوپ قالغانتى ئۆتكەن يىلى يۇقۇردىن ياشلاشتۇرۇش سىياسىتى كىلىپ ساۋۇت جۈيجاڭنى ياشىنىپ قالدى دەپ 2 – سەپكە يۆتكەپ ئورنىغا ياش بىر بالىنى يۆتكەپ كەلگەن ئىدى ، شۇ خاپىلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ساۋۇتكام ئىدارىگىمۇ بارمىدى ، بەلكىم ئۇنىڭ قورساق ئاغرىقىمۇ بولوشى مۇمكىن ئۇ دەۋىر سۈرگەن ئون بەش يىلدىن بىرى ئىدارىدىكى قايسى بىر ئىش ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتمىگەن قايسى بىر ئىشلارنى ئۇ ئۆزى بىر قوللوق بىجىرمىگەن ، جەميەتتىمۇ بىر كىشلىك ئورنى بار ئىدى ئەلۋەتتە ، مانا بىر يىل بولوپ قالدى ئۇ ئىدارەگىمۇ بارمىدى يىغىن بولوپ قالسا مىجەزىم يوق دەپ گەپ ئەۋەتتى، شۇنداقلا سىرىتقا چىقسا ئىدارىسنىڭ ئالدىدىنمۇ ئۆتمەيىتتى، ئۇنىڭ ئىددىيتىن ئۆتمىگەن يىرى شۇكى مەن تىخى ساغلام بىجاندىل تۇرۇپ ئورنۇمنى يىڭى كەلگەن بىر سويمىغا ئۆتكۆزۈپ بەردىم ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىدارىنىڭ ئوتىدا كۆيۆپ سۈيىدە ئىقىپ جاپالىق ئىشلەپ ئىدارىنى كۆكەرتىپ ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇپ مالىيەنى ياخشىلاپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكۈزسەم نەدىكى ئاتام كۆرمىگەن ئانام كۆرمىگەن ئىدارىگە بىر قىللىق تۆھپە قوشمىغان بىر نىمىنى ئەكىلىپ مىنىڭ ئورنۇمغا كىرىپ ئولتۇرسا بۇ ماڭا ئەلەم نۇمۇس بولمامدۇ ، نۇمۇس دىگەن ئادەم بىلەن بىللە بۇ خورلوقنى كۆتۈرۈپ نەگە بارىمەن دەپ ئىدارە بىلەن ئالاقىنى ئۈزدى ،ئىش ھەققى كارتىدا بولغاچقا بانكىدىنلا ئالاتتى زۆرۆر ئىشى بولوپ قالسا كەنجى ئوغلىنى ئەۋەتەتتى .
    نىمىلا دىگەن بىلەن ئادەمنىڭ ئالدى گۈل ئارقىسى تىكەن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ بۇرۇن ۋاي سا جۈيجاڭ دەپ ئون مىتىر يەردىن ئىگىلىپ پۈكۈلۈپ يەتتە تازىم قىلىپ يۈرگەن نىمىلەر ئەمدى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىپ كەينىنى قىلىپ يۈرسە ئادەمگە ئەلەم بولمامدۇ ، دىمىسىمۇ ئۆتكەندە بىر دوستىنىڭ تويىغا بارغاندا مەمۇر ئىشخانا جۆرۈنى سەمەت ئۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىپ كەينىنى قىلىپ كەتتىغۇ ،،شۇ خاپىلىقتا ئۇ دوستىلىرىنىڭ زورلىشىغا قارىماي ئۆيگە يىنىپ كىلىپ تاماقمۇ يىمەي ئىككى كۈن ئازاپلىنىپ ياتتى ، ئادەم دىگەن ياتتىن كۆرە تونوشتىن بەكراق كۆڭلى ئازار يەيدىغان ئىشكەن  مەمۇر ئىشخانىدىكى سەمەت ئەتتىگەن چۈش كەچلەردە ئۇنىڭ يىنىدىن كەتمەيىتتى ئۇنى سايىسى دىسەكمۇ بولاتتى ، ھىيت ئايەم توي تۆكۈنلەردە خۇددى شۇ ئۆينىڭ بالىسدەك ئۇۋلايىتتى پۈتۈن يۈگۈر يىتىم ئىشلارنى شۇ قىلاتتى ، كۆرگەنلەر ئۇنى مۇشۇ ئائىلىنىڭ مالىيمىكىن دەپ قالاتتى ، كۈندە بىر ئىككى ۋاخ ۋاي سا جۈيجاڭ پالانى يەردە يىڭى ئاشخانا ئىچىپتۇ بىرىپ كۆرۈپ كىلىلى ۋاي سا جۈيجاڭ پالانى يەردە يىڭى رىستۇران ئىچىپتۇ بىرىپ تامىقىنى يەپ كىلىلى دەپ ئۇنىڭ قىشىدىن پەرۋانىدەك كەتمەيىتتى . ساۋۇت ئەخمەتمۇ ئۇنى پۇت قولومغا يىقىن بولارمىكىن دەپ ھەم باشقىلارغا ئىقتىدارلىق دەپ تونوشتۇرۇپ مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىر قىلىپ ئۆستۆرگەن ئىدى مانا ھوقوقىمدىن ئايرىلغىلى بىر يىل بولا بولمايلا جۇۋىسنى تەتۈر كىيىپ بىراقلا يۈزسىزلىك قىلدىغۇ قارا يۈز بىر چاغلاردا دوسلۇرۇم ئادەمنىڭ ئالدى گۈل ئارقىسى تىكەن دىسە نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن مانا ئەمدى ئۆزۈمگە كەلدى ئۇ قايسى بىر شائىرنىڭ :

ئادەمنىڭ ئالدى گۈل ئارقىسى تىكەن
شۇڭلاشقا ئارقىڭدا كۆزلىرىڭ بولسۇن
دوسلارنى يۆلەشكە قوللۇرۇڭ بولسا
دۈشمەننى بوياشقا بويىقىڭ بولسۇن
    دىگەن  شىئىرنى ئەسكە ئالدى ئەجەپ جايىدا يىزىلغان شىئىركەن ئەمەسمۇ ھازىرقى ئادەملەر نىمانچە يۈزسىزلىشىپ ئىككى يۈزلىمە بولوپ كەتتى ھە دەپ ئاچچىق ھەسرەت چىكەتتى ، شۇ تۈپەيلدىن خۇددى ئون ياش قىرىپ كەتكەندەك ياشىنىپ قالغاندەك بىر ئىشلارغا كارغا كەلمەيدىغاندەك ھەممە ئادەملەرنى قارا يۈز يۈزسىز دەپ قارايدىغان بولوپ قالدى ، تولاسى ئۆيدىن سىرىتقا چىقماي ئۆز ئۆزىگە خۇرسىنىپ ئولتۇراتتى  ئايالى رىسالەت ھەدە تىخى پىنسىيە يىشىدا ئەمەس ئىدى ئەتتىگەندە ساۋۇت ئەخمەتكە چاي بىرىپ مەكتەپكە كىتىپ چۈشتە كىلىپ تاماق قىلىپ بىرەتتى ئوغلى ئەسقەر خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا كۈندۈزى كەچلىرى ئىش قوشوپ ئىشلەپ ئىككى ئۈچ كۈندە ئۆيگە كىلەتتى باشقا ۋاقىتتا ئىدارىسىكى ياتىقىدا ياتاتتى . ساۋۇت ئەخمەت بۇرۇن خۇش چاق چاق مۇلايىم كىلىشەڭگۈ سۇلۇق ئادەم ئىدى ، مانا ئەمدى ئىككى كۈندە بىر قىتىم ئۆيدە تاراڭ تۇرۇڭ قىيپىيشىپ ماي تارتىشىش شۇ تۈپەيلىدىن تاماق ئىتىلمەسلىك قاتارلىق ئىشلار يۈز بەردى تولاسى ساۋۇت ئەخمەت ئۆزى تىرىكىپ چىچىلىپ ئۇششاق ئىشلارغىمۇ بىھۇدە ئاچچىقلاپ رىسالەت ھەدىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرەتتى ، رىسالەت ھەدىمۇ ئۇنىڭ دەردىنى بىلگەچكە كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭغا يول قوياتتى ساۋۇت ئەخمەت بازاردىن ھارغىن ھالەتتە ئۆيگە كەلدى ۋە ياتاق ئۆيگە كىرىپ سافادا ئولتۇرۇپ بىر دەم كۆزىنى يۇمۇۋالدى ۋە كۆزىنى ئىچىپ شىرە ئۈستىدىكى بىر پاتمان باغاقچىنى كۆرۆپ ئىچى ئىچىشپ كەتتى ھەي ئەجەپ بىر زامان بولدىغۇ ئۇزاقى يىلى چوڭ ئوغلۇمنىڭ تويىنى قىلغان چاغدا ئىدارىدىكى چوڭ كىچىك ئەر ئايال ھەممەيلەن ئون كۈن بۇرۇن كىلىپ باغاقلارنى تالىشىپ قىزغىنىشىپ باغاقلارنى ئۆزى يىزىشىپ كىتىشكەنتى باغاق تارقىتىدىغان ئىشنىمۇ شۇلار بىجىرگەن ئىدى ، مانا ئەمدى ھەي.............
     باغاق يازىدىغان تارقىتىدىغان گۆش ئالدىغان يەل يىمىش ئالىدىغان ئىشلانى قانداق قىلساق بولار خەيىر . قەيسەرغۇ ماڭا قولومغا قول پۇتۇمغا پۇت بولوپ دىگەن يىرىمدىن چىقىۋاتىدۇ ، لىكىن ھەممىنى ئۇنۇڭغا ئارتىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ دە ئۇنىڭمۇ كۆرگەن بىلگەنلىرى دوس ئاغىنلىرى بار دە ئۇ بالىمۇ نەچچە كۈننىيانقى چارچاپ كەتتى ھازىرمۇ يەنە ئىدارىسىدىكلەرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ باغاقلىرىنى تارقاتقىلى كەتتى .
     ماۋۇ چوڭلارنىڭ باغاقلىرىنى دوس يارەنلەرنىڭ باغاقلىرىنى ئىدارەمدىكىلەرنىڭ باغاقلىرىنى قانداق قىلساق بولار ، ئەجەپ ئەسقەرنىڭ تويىدا ماڭا بىلىنمەپتىكەن ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا ئىشلار جايى جايىدا بىې قوللوق بىجىرلىپ كەلگەن ئەمەسمىدى ئۇ چاغدا ئالدىمدا يىگىرمە ئوتتوز ئادەم قول باغلاپ سا جۈيجاڭ نىمىش بار بىز قىلىلى ئۆزلىرىنى چارچاتمىسىلا دەپ ئالدى كەينىم دە ئەگىشىپ يۈرەتتى توي  كۈنى ئەتتىگەن دە، سەھەر كىلىپ مىھمانلارنى ئۇزىتىپ كەچكىچە خىزمەت قىلىپ پۇت قولۇمنى بوشاتقان ئىدى ئەمدى .....؟   
-     ۋوي دادىسى خىيال سۈرمەي بولسىلا ئۆيگە مىھمان كەلدى دىدى رىسالەت ھەدە ساۋۇت ئەخمەت ئىغىر خىيالدىن ئويغونۇپ خوش ياقمىغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى  ئۆيگە ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىنى خەۋەر ئالدىغان ھامۇت ئاكا كىرىپ كەلدى:
-     ساجۇيجاڭ نىمە قىلغانلىرى بۇتوي تۇكۇن دىگەندە جىق ئادەم ئازلىق قىلمايدۇ ئاز ئادەم جىقلىق قىلمايدۇ دىگەن گەپ با، سىللە بۇنچىلىك ئىشقا قانداق يىتىشىپ بولالايلا ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ ھايىت دەۋەتكەن بولسىلاباغاق تارقىتىدىغان بازا چاپىدىغان ئىشلانى مەن قىلىش پىرەتتېم ئەمەسمۇ تىخى چۇشتە خەۋەر تاپتىم شۇڭا
-     بۇرۇنراق كىلەي دەپ رۇخسەت سوراپ كىلىشىم دىدى.
-     ساۋۇت ئەخمەت ھامۇت ئاكىنى سافاغا باشلىدى ۋە چاي مەزەگە تەكلىپ قىلدى.
-     مەنمۇ خەۋەر قىلاي دىگەن ئەمما سىللىمۇ ئالدىراش ئىدارىنى تاشلاپ كىلەلمەسمىكىن دەپ قاپتىمەن دىدى ساۋۇت ئەخمەت سەل قىززىرىپ ۋە خىجىللىق ئىلكىدە
-     ھەي ساجۇيجاڭ بىز بىللە ئىشلىگىلى ئوتتۇز يىل بولۇپ قاپتۇ.ئىچەكىشىپ قاپتىكەنمىز ،ئۇرۇق تۇققاندەك بولۇپ قالغان ئۆزلىرنى بەك تاشلىۋەتمىسلە ،بەك ئىچىلىرگە ئىلىپ كەتمىسىلە سالامەتلىك مۇھىم ئۆزلىرنى ئاسىرىسلا ئۇزۇن بولدى ئىدارىغىمۇ كەلمىللە يوقلاپ كىلەي دىگەن، ھىلى ئىدارنىڭ ئىشى ھىلى ئۆينىڭ ئىشى.
-     ئۇنىڭ ئۇستىگە دوختۇرخانىغا كىرىپ قىلىپ ئىككى ئارلىقتا بولۇپ قالدىم. ئۆزۇممۇ كۆپ خىجىل بولمىسا بۇرۇنراق كىلەتتىم .
-     دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىرنى بىلگەن بولسام يوقلاپ كىلەتتىم ئەمەسمۇ سەت تۇرۇپتۇ. دىدى ساۋۇت ئەخمەت خىجل قىلغان ھالدا يەرگە قارىدى.
-     ھىچقىسى يوق ھىچقىسى يوق مانا بىر ئوبدان كۆرۇشۇپ ئولتۇرۇپ تۇققۇ توينىڭ تەييارلىقى قانداقراق؟
-     تەييارلىققۇ ئاساسى جەھەتتىن پۇتتى لىكىن مۇشۇ باغاق تارقىتىدىغان گۆش ئالدىغان ئىشلاغا تازا يىتىشەلمەي قانداق قىلسام بولدىكىن دەپ بىشىم قىتىپ ئولتۇرغان !
-     ھەي بۇئىشنى ماڭا قويۇپ بەرسىلە  باغاقلارنى ئوغلۇمغا ئايالىمغا بەرسەم بىردەمدە تارقىتىۋىتىدۇ گۆشنىڭ ئىشىنى مەن ئۇقۇشاي بىزنىڭ مەھەللىدە تونۇش بىر قاسساپ با گۆشنى شۇنىڭ دىن ئالايلى ئەتە ئەتتىگەن مەن قاسسساپنى ئىلىپ كىلىپ باھاسىنى يۇز تۇرانە دىيىشىپ گۆشنى توي بولدىغان رىستۇرانغا بىللە ئاپىرىپ ئاشپەزگە تاپشۇرۇپ بىرىپ قالدى كىتەرلىك نەرسىلەرنى مىنىڭ ئۇچ چاقلق موتسىكىلتىمغا بىسىپ جايى جايىغا ئاپىرۋىتىپ ئاندىن ئۇھ دەپ ئارام ئالمايلىمۇ،
-     خەيىر مەن ماڭدىم باغاقلارنى ئەكەلسىلە ۋاقتىدا تارقىتىۋىتەي ئەتە ئەتتىگەن سەھەردە كىلىمەن دەپ ھامۇت ئاكا باغاقلارنى ئىلىپ ماڭدى .ساۋۇت ئەخمەت رىسالەت ھەدىلەر ھامۇتكامنى ئۆينىڭ ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى ساۋۇت ئەخمەت ئۆيگە كىرىپ ھاياجان ئىلكىدە يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى ئەمما يۇزلىرى چىمىلداپ خىجىللىق بىسىپ پۇشايمان ھەسىرتى بىلەن ساھاغا ئۆزىنى ئىتىپ كۆزىنى يۇمغان  ھالدا ئۇچ يىل بۇرۇنقى ئىشلانى ئازاپ بىلەن ئەسلىمەكتە بۇ ئىشلا كىنو لىنتىستەك تۇنۇگۇن بولغاندەكلا بىلىنەتتى
-     ھامۇتكامنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ ئايالى ئائىلىدە ئىدى تۇرمۇش غوربەتتە بولۇپ بىر ئادەمنىڭ مۇئاشىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھامۇتكام كىسەلچان بولغاچقا تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىنىلاتتى. ئوغلى ھەربى سەپتىن قايتىپ كىلىپ ئىش كۇتۇپ تۇرغان ئۇنىڭ ئۇستىگە ھامۇتكام كۇندۇزى ئىدارىدە دىجۇرنىلىك قىلسا ئاخشىمى ئۇچ چاقلىق موتىسىكىلىت بىلەن كىرا قىلىپ ئائىلىسنى قامداپ كىلىۋاتاتتى. شۇ مەزگىللەردە ئىدارىگە يىڭدىن بىر ماشىنا ئالغان بولۇپ شوپۇر كەمچىل ئىدى ئۇنىڭ ئۇستىگە ھامۇتكامنىڭ ئوغلى ھەربى سەپتە شوپۇرلۇق ئۆگۈنۈپ كىنىشكە ئالغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامۇتكام بىر كۇنى ساۋۇت ئەخمەتنىڭ ئىشخانىسقا كىرىپ يىلىنغان ھالدا :
-     ساۋۇت جۇيجاڭ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالنى سىللە ئوبدان بىللا ئائىلىمىزدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق با ،ئاڭلىسام ئىدارىگە شوپۇر ئالغۇدەك بولسا بىزنىڭ مەمەتچاننى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىلا ئۇدۇنيا بۇدۇنيا سىلنىڭ ياخشىلىقلىرنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتىم، بىر ئائىلە كىشلىرى سىلدىن مىننەتدار بولغان بولاتتۇق، ئۇنىڭ ئۇستىگە بالامنى ئۆيلەيدىغان چاغمۇ بولۇپ قالدى، كىشىنىڭ ئۆيگە قىزنى سوراپ بارساق خىزمىتى بارمۇ  يوق نەدە ئىشلەيدۇ دەپ سورايدىكەن .بىز بىر قانچە يەرگە بىرىپ يۇزىمىزنى پولو قىلىپ خىجلچىلىقتا يىنىپ كەلدۇق. بىزنىڭ ئائىلىگە بىر ئاتىدارچىلىق قىلسىلا بەكمۇ خۇرسەن بولاتتۇق دىدى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
-     بۇ ئەھۋالنى مەن ئوبدان بىلىمەن بىز ئىدارە مەسئۇللىرى يىغىندا مۇزاكىرلىشىپ ھەل قىلايلى سىللە خاتىرجەم بولسىلا سىللىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز باللىرى ئۆيدە خەۋەر كۇتۇپ تۇرسۇن بىز ئۇختۇرۇش قىلىمىزدىدى،
-     ساۋۇت ئەخمەت ھامۇتكام خۇشاللىقىدا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا :رەخمەت سىللىگە خۇدايىم دۆلەتلىرنى زىيادە قىلغاي دەپ ئىشخانىدىن خۇشال ھالدا چىقىپ كەتتى.
-     ساۋۇت ئەخمەتمۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۇرۇپ :ھامۇتكامنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار بىر ئەدەمنىڭ مۇئاشى بىلەن بىر ئائىلنى باقماق ھەققەتەن تەس توختايدۇ بۇ ئىشنى چوقۇم ھەل قىلىش كىرەك دەپ ئويلىدى
-     تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى كىرىڭ دىدى ئىشىك ئىچىلىپ سەمەت مۇدىر كىرىپ كەلدى ئۇئىگلىپ ئىككى پۇكلۇنۇپ خوشامەت خۇيلىق بىلەن ھىجىيىپ :سالامەت تۇردىلىمۇ ساجۇيجاڭ ئۇستىغانلىرى يىنىڭ قوپلىمۇ ئەتتىگەن مۇبارەك جاماللىرنى  بىر كۆرەي دەپ كىرىشىم ھ  ھ ھ  دەپ يالاققا چۇشكەن ئىشتتەك كۇچۇكلۇنۇپ ئىككى قولىنى تەڭلەپ ساۋۇت ئەخمە ت بىلەن كۇرۇشتى
-     ھەئە سەمەت جۇرۇن ئەتتىگەندە ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خۇشالغۇ سىللە نىم بولدى ؟
-     ساجۇيجاڭ ئاڭلىسام ناھىمىزنىڭ سىرتىدا راھەت باغ دەپ بىر رىستۇران ئىچىپتۇ ئاغىنلەردىن ئاڭلىسام سەي تائاملىرى بەك ئوخشايدىكەن .كەشتە مۇبارەك قەدەملىرنى بىر تەككۇزۇپ بەرسىلە ئالەمچە سۆيۇنگەن بولاتتىم ھ ھ ھ . . . .
-     سىللىنىڭ مۇشۇ بۇرنۇڭلا بەك ئۆتكۇر جۇمۇ نەدە يىڭىلىق بولسا شۇ يەرنى تاپىدىغان.
-     ئۆزلىرنىڭ ھۆرمىتى جۇيجاڭ ئۆزلىرنىڭ ھۆرمىتى دەپ قوللىرنى ئۇۋلاپ كۆكسىگە قويۇپ ھىجايدى ،ئۇنىڭ قىلىقى ئىگىستىن سۆڭەك ئالغان ئىتتەك ئادەمنىڭ غىدىغىنى كەلتۇرەتتى ئۇبەللىرىنى ئەگكەن ھالدا يوغىلاپ مىڭىپ ساۋۇت ئەخمەتنىڭ ئىستىكانىغا چاي قۇيۇپ قويدى .
-     ھە بوپتۇ كەشتە ئىشتىن چۇشكەندە بارايلى سىللنى ئاۋارە قىلى ۋەرسەك قانداق بولىدۇ سەمەت جۇرۇن دىدى ساۋۇت ئەخمەت
-     ھىچقىس يوق ھىچقىسى يوق سىللە بىلەن تاماق يىيىشنى ئويلىسام ئۆزۇمنى ناھايتى خۇشال ھىس قىلىمەن ھ ھ ھ  . . .  
-     دەپ ئىگىلىپ كەينىچە مىڭىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى ،سەمەت جۇرۇن كەچتە دىگەندەك ساۋۇت جۇيجاڭ باشچىلىغىدىكى ئىدارىدىكى رەھبەرلەرنى ناھىيە سىرتىدىكى راھەتباغ رىستۇراندا كاتتا مىھمان قىلدى ئۇلار راسا ئىچىپ پەيزى قىلىۋاتقاندا سەمەت جۇرۇن ئاستا كىلىپ ساۋۇت جۇيجاڭنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى
-     سا جۇيجاڭ سىللىگە دەيدىغان بىر گپىم بار ئىدى .
-     ھە دەۋىرىڭلا قۇلۇقۇم سىللىدە دىدى ساجۇيجاڭ .
-     مۇنداق ئىشتى  مىنىڭ بىر ئىنىم بار ئىدى ھازىر ئىشى يوق بىكارچى بولۇپ قالدى .
-     ئاڭلىسام ئىدارىگە شوپۇر ئالدىغان ئۇقتۇرۇش كەپتۇ بولسا شۇ ئىنىمنى شۇ يەرگە گاچچىدە توغۇرلىساق مەن ھەرگىز قاراپ تۇرمايىتتم دىدى.
-     بۇ ئىشنى ئەتە ئىدارە رەھبەرلىكى  مۇزاكىرلىشىپ بىكىتەيلى قالدى گەپنى ئەتە دىيىشەيلى  دىدى ساۋۇت جۇيجاڭ .
-     بولىدۇ ساجۇيجاڭ سىللىدەك كەسكىن جۇيجاڭ با يەردە بىز ھەرگىز ئەنسىرمەيمىز دىدى .سەمەت جۇرۇن خوشەمەتلىك بىلەن ھىجىيىپ شۇنداق قىلىپ زىياپەت ھەشەمەت ئىسراپخورلۇق بىلەن ئاخىرلاشتى،
-     ئەتىسى ئەتتىگەندە سەمەت جۇرۇن سەھەردە بىر قوينىڭ گۆشىنى تاغارغا سىلىپ ساۋۇت جۇيجاڭنىڭ ئۆيگە ئاپىرىشقىمۇ ئۇلگۈرگەنتى .شۇنداق قىلىپ ئەتىسى يىغىن ئىچىلدى يىغىن دا ساۋۇت جۇيجاڭنىڭ بىكىتىشى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەمەت جۇرۇننىڭ ئىنىسى ئىدارىگە شوپۇرلۇققا قوبۇل قىلىندى .نىم ئامال ئىغىز يىسە يۇز ئۇيۇلدىغان ئىشتە ئەسلىدە ھامۇتكامنىڭ ئوغلىنىڭ شەرتى تامامەن چۇشكەن بولاتتى ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەربىلىكتىن قايتقانلارغا ئالدىدىن ئىتىۋار بولغاچقا شەكشۆبىسىز قوبۇل قىلناتتى كونىلارنىڭ قول ئارقىغا ئىگىلدۇ دىگەن تەمسىلى ھازىرمۇ كۇچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى بۇجاھاندا نەپسىدىن ئارتۇق بالا بولمىسا كىرەك .
-     نەپسى ئادەمنى ھەر كويغا سالدىكەن نەپسى ئادەمنى ئاچكۆز ۋىجدانسىز شەخسىيەتچى مەيدانى يوق ئادالەتسىز بىر مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويدىكەن ،خۇددى نەپسى دىگەن بالادۇر ھەر كويلاغا سالادۇر دىگەندەك ،نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەن ئادەم ئادىمىلىك ئەقىل پاراسەت ۋىجداننى تامامەن يوقىتىدىكەن .ئادەمدە ئادىمىلىك خىسلەت بولمىسا ئۇنىڭ ھايۋان بىلەن نىم پەرقى بولسۇن ئى ئادەملەر سىلەر قاچانغىچە نەپسىنىڭ ئاۋارىسى بولۇپ ئۇلۇغ ئەجداتلىرمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل قائىدە يۇسۇن ئۆرۇپ ئادەت ئىسىل ئەخلاق نىزاملىرمىز دىن يۇز ئۆرۇيسىلە قىنى بىزدىكى ئىنسانى بۇرۇچ قىنى بىزدىكى ئۇرۇق تۇققان خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى قىنى بىزدىكى مىھرى شەپقەت ئىسىل ئەنئەنىلەر . .. . . .  .!
-     دىگەندەك سەمەت جۇرۇننىڭ خۇپىيانى يول مىڭىش نەتىجىسىدە ھامۇتكامنىڭ ئوغلى قالدۇرلۇپ سەمەت جۇرۇننىڭ ئىنىسى ئىدارنىڭ شوپۇرلۇققا ئورۇنلاشتى .
-     بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامۇتكام ئۇنتۇنسىز جىمىپ قالدى .ئۇ ئادەتتە جىق گەپ قىلمايتتى ھازىر تىخىمۇ شۇنداق بولۇپ قالدى كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ھالدا
-     ھەسىرەتلىك تىناتتى ساۋۇت جۇيجاڭ گەرچە ھامۇتكامغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇئامالسز سەمەت جۇرۇننىڭ خوشەمىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ھەر قىتىم ھامۇتكامنى كۆرگەندە بىرخىل خىجىلچىلىقتا يەرگە قارۋالاتتى .ياكى ئۆزنى قاچۇرۇپ كۆرمەسكە سالاتتى. دىمىسىمۇ ھامۇتكامنىڭ ئۆيدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بار ئىدى. بۇنى ساۋۇت جۇيجاڭ بىلدىغان يەردە ئەلۋەتتە ھامۇتكاممۇ ساۋۇت جۇيجاڭنى ئىككىنچى قىتىم ئىزدىمىدى ۋە خجىلمۇ قىلمىدى ئەمما ساۋۇت جۇيجاڭ ئۆزى خجىلچىلىقتا قالدى .
-     ساۋۇت جۇيجاڭ ئىغىر خىيالدىن ئويغاندى.بەدىنى ئىتقۇسىز دەرىجىدە تىتىرەپ كەتتى كۆزلىردىن ياشلار تامچىلدى پۇتۇن بەدىنى ئوت بولۇپ كۆيەتتى ئۆتكەنكى ئىشلارغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى ئادەمدىگەن ھەقىقەتەن خامسۇت ئەمگەن بەندىكەن .
-     ئىككى خىل ئادەم ئىككى خىل ئەھۋال ساۋۇت ئەخمەتنى ئاجايپبىر تۇيغۇغا چۇمدۇدى
-     ئەينى چاغدىكى ئۆزگە كۇچۇگلۇنۇپ خوشامەت قىلغان ئادەم بىلەن ئۆزدىن رەنجىگەن
-     ئادەملەرنى سىلىشتۇرۇپ ھامۇت ئاكىغا بولغان چوڭقۇر مىھىرى مۇھاببىتى ھۆرمىتى
-     ئاشتى.ھامۇتكامنىڭ ئاددى ساددا ئاقكۆڭۇل مۇلايىم سىماسى بارغانسىرى گەۋدىلنىپ ساۋۇت ئەخمەتنىڭ ئادەم بولۇش يولىغا يىڭى بىر ئۇل ھازىرلاپ بەردى ساۋۇت ئەخمەت ئەتىگىمۇ قارىماي ھامۇتكامنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ بۇ ئاددى ئەمما ئىسىل خسلەتلىك ئىنساندىن كەچۇرۇم سورغىلى ئۇچقاندەك ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .      

    2014-6-8  
                  تارىم دەريا ۋادىسى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن:ئەنىۋەر رەخمەت                                    

5

تېما

4

دوست

2833

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 21:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قالتىس يېزىلغان ئەسەركەن...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

4

دوست

2833

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 21:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىپ ئىۋۇ ئارلىقتىكى « قول ئارقىغا ئىگىلمەيدۇ » دىمەكچىمىدۇ ياكى...

0

تېما

8

دوست

2233

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 20:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئەسەر تاماسى

1

تېما

4

دوست

2369

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 676
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 18:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغاندىن داڭلاپ ئۇچۇرمايمەن، ئەمما مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم بويىنچە ئېيتقاندىمۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ تېما .

0

تېما

8

دوست

2104

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 23:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

4

دوست

2369

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 676
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 15:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا ‹‹ تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ ›› دىگەن ھېكمەتلەر بار ،
بىز ھاياتقا قانداق قارىساق ھايات بىزگە شۇنداق قارايدۇ .

0

تېما

0

دوست

132

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30209
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 18:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )