قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1128|ئىنكاس: 11

تېمپراتورا مۇزاكىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

4

دوست

2819

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 663
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
تېمپراتورا مۇزاكىرىسى

   ئىيۇننىڭ ئاخىرى ۋە ئىيۇلنىڭ باشلىرى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ يازلىق ۋە كۈزلۈك يىغىم ۋاقتىغا ئوخشاش ناھايىتىمۇ ئالدىراش ۋاقتى. بۇ يىل گەرچە ياز كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن، يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بۇيان ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ كېتىپ، ۋىلايەت (قەشقەر)ۋە ناھىيىلىك (يوپۇرغا) مېترولوگىيە تارماقلىرى يۇقۇرى تېمپراتورا ھەققىدە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. ئەلۋەتتە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئادەملەرنىڭ ئىسسىقتىن مۇۋاپىق پاناھلىنىشى ۋە ئۆزىنى قوغدىشى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنسىز يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىسقىسى كونكېرت ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىنى، مال-مۈلكىنى  ئاسراش مەقسىدىدە چىقىرىلغان بولۇشى مۇقەررەر.
   بىر مەۋسۇم تۈرلۈك ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۈغۈللىنىپ چارچىغان، ئەمدىلىكتە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئىلمىي خۇلاسىسىنى ئىشلەش، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىش قىلىشقا تەشكىللىنىپ تالجىققان  ئوقۇتقۇچىلارغا بۇ يۇقۇرى تېمپراتۇرا خېلىلا ئېغىر چىلىقلارنى كەلتۈرگەن ئىدى. ئەسلىدىكى يازلىق مەشخۇلات ۋاقتى بويىچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئىككى چۈشتىن كېيىنلىك ئىشقا چۈشۈش ۋاقتى، شۇنداقلا بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقۇرى تېمپراتورا كۆرۈلىدىغان ۋاقىت ئىدى. شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزئارا پىكىرىمىزنى جەم قىلىپ، چۈشتىن كېيىنلىك مەشخۇلىيەت ۋاقتىنى بىر سائەت كەينىگە سۈرۈپ بېرىش ئىلتىماسىمىزنى مەكتەپنىڭ بىر مۇئاۋىن مۇدىرىغا ئېيتتۇق. بۇ مۇدىر ناھايىتىمۇ تەمكىنلىك بىلەن بۇ ئىشنى مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە ياچېيكىدا مۇزاكىرە قىلىپ، جاۋابىنى ئەتىسى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۈگۈن ئۇقساق بۇ قارار رەھبەرلىك بەنزىنىڭ قارارىدىن ئۆتمەپتىمىش.
   ئەمەلىيەتتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگەنگەن «ئىلمىي» رەھبەرلەر توردا، ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا كۆرگەن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، «ئاممىنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش» ۋەزىپىسى بولغان خەلقنىڭ چاكارلىرى باشلىقلىق ھەيۋىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پەقەت بىر سائەت كەينىگە سۈرۈلىدىغان مەشخۇلىيەت ۋاقتىغا قوشۇلسا، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ نۇرغۇن ئالقىشى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكەن، بۇندىن كېيىنكى ئابروي- ئىناۋىتى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى.
   بىز يەنە شۇ ئەسلىدىكى ۋاقىتتا كېلىپ ئىشلەۋەردۇق، ياخشى يېرى بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان باشلىقلىرىمىزغا گېپىمىز ئۆتمىگەن، ئۇلار بىزگە شۇنچىلىك بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن بىلەن، تەبىئەت يەنىلا رەھىمدىل ئوخشايدۇ، ئەتىدىن باشلاپ تېمپراتورا تۆۋەنلىگۈدەك، شۇنىڭغا ماس ھالدا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئوتلىرىمىزمۇ سەل تۆۋەنلىدى. چۈنكى تېمپراتورىغا ئامال يوقكەن ئەمەسمۇ؟  2014.7.2
مەنبە: قەلىمىم

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7328
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 14:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئاتقانغا ئۆلمەيدىغان چاپقانغا چىپلىمايدىغان، قىشتا سوغۇق ،يازدا ئىسق  تەسىر قىلمايدىغان ھەرسائەتتە نەچچە مىڭ خەتلىك خاتىرە  يازالايدىغان  باسما زاۋۇتىدىنمۇ قالتىس  كۇنىگە  نەچچە بەتلىك تەسىرات ماقالسى يىزىۋىتىدىغان  ھەرقانداق يازغۇچىدىمۇ يامان  ئاجايىپ  قالتىس ماشىنا ئادەملەر
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1177

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 15:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.

1

تېما

0

دوست

1177

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 15:54:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ رەھپەرلىكىنىڭ بۇ قىلمىشى « ئاممىۋى لۇشەن روھى » غا ئېغىر خىلاپ ، « ھەممىدە ئاممىنى ئويلاش ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ، ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش، ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش » دىگەنلەر قوڭىنىڭ بۇرجىكىگىمۇ كەلمەپتۇدە ؟ پارتىيىنى كۆزگە ئىلماپتۇ ! دېڭ شىياۋپىڭنىڭ « ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»دىگەن چاقىرىقنامىسىنى قەغەز يۈزىدىلا ئۆگىنىپتۇ-دە ؟ پۈتكۈل مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىردەك 62كۈن تەتىل بولۇپ ، مەكتىپىڭلارنىڭ باشقۇرۇش مەمورىيىتىدىكىلەرلا جۈملىدىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە سېكرىتارىڭلار ئۆزلىرى 62 كۈن « ئاممىۋى لۈشەن تەربىيىسى » نى قايتا ئۆگەنسە بولغۇدەك .

0

تېما

3

دوست

1796

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 16:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر شىنجاڭدا مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم كىيىنكى خىزمەتلەرنى  ئالدىرماي بىجىرۋالساق بولىدۇ

13

تېما

4

دوست

2819

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 663
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 09:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مانا بۈگۈن تەبىئەتنىڭ رەھمى كېلىپ، تېمپراتورا خېلىلا تۆۋەنلىدى، لېكىن بىر قېتىملىق ئىشەنچنى يەردە قويۇشنى ھېچقانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ-دە؟

11

تېما

0

دوست

2949

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11467
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 262
تۆھپە : 753
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 10:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما ئىكەن

2

تېما

0

دوست

1740

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 13:45:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقىڭىز مۇزاكىرىنى قىلالمايلا نەتىجىنى چىقاغان گەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )