- تىزىملاتقان
- 2014-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2161
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
5.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-3 14:04
tengrikut يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 02:59
تېما يازغۇچى بۇرادەر:
ۋىكىپىدىيە تورىدىكى پارىسچىە يا ...
گەرچە بۇ يازمىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى بولمىسىمۇ، ئەمما بەزى نۇقتىلىرىنى كۆپۈنچىمىز كەمدىن-كەم ئاڭلىغان ياكى ئاڭلاپ باقمىغان. بولۇپمۇ خوتەننىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى تارىخىنى كۆپىنچە ئوقۇمۇشلۇقلىرىمىز ئانچە تىلغا ئالمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ تارىخ ھەققىدە تۈزۈك چۈشەنچىسى يوقلارنىڭ تولىسى دەل خوتەنلىك قېرىنداشلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيارىمىز ھەققىدىكى ھەرخىل كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ باققۇلۇق. بۇنى يوللىغانلىق، مۇشۇنىڭغا ئىشىنىڭ؛ خاس مۇشۇلارلا ھەق. قالغانلىرى ئويدۇرما دېگەن گەپ ئەمەس. ئۆزىڭىزنىڭ مەۋقەسى بويىچە، بىلىۋالغىلى تېگىشلىكىنى بىلىۋېلىپ، پىكىر قىلدۇرىدىغانلىرىغا قارىتا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىشەنگۈڭىز كەلمىگەن يېرىگە ئىشەنمەسلىك ئۆزىڭىزنىڭ ھەققى. ياپوننىڭكىنى ئاڭلىدۇق، ئېنگىلزنىڭكىنى ئاڭلىدۇق، نېمىسنىڭكىنى ۋە يەنە ھەركىملەرنىڭكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. ئەجەب شۇلارنىڭكىنى بىرەرسى يەتكۈزسە گېپىڭىز يوقكەنۇ، پارسچە قاراشلارغا ھاياجانلىنىپ كېتىپسىز. خوتەن ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇمۇشلۇقلىرى ئىگە بولغانلىرى تېخى ئىنتايىن كەمچىل. خوتەننىڭكىلا ئەمەس، دىيارىمىزدىكى ھەرقدانداق يۇرت ھەققىدە ھېچقايسى تارىخچىمىز تېخى يەتكۈچە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. دىيارىمىزنىڭ تارىخىي مىراسلىرىمۇ ئانداق ئاسان يېتەرلىك بولغىلى، ئۇنچىۋالا ئازمۇ ھەم ئەمەس. دىيارىمىزنىڭكى ماددىي يادىكارلىقلىرىنىڭ نەچچە پىرسەنتىنىڭ قايسى ئەللەردە يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلەملسىز. گەرچە يۇرتىمىزنىڭ ئىراندىكى ماددىي يادىكارلىقلىرى مول بولمىسىمۇ، ئىران تارىخي يازمىلىرىدىن خېلى ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدۇ. ھەمدە پارس تىلىدىكى تارىخىي يازما بولسىلا، شۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ئۇچۇر ئىرانلىقلارنىڭ بايقىغان ئۇچۇرى بولماستىن، ئۇنىڭدا باشقا ئەللەرنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك باشقايلىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ. سىز تەتقىق قىلىپ ئېنىقلانغان ئىشەنچلىك مەزمۇن يوللىشىم ھەققىدە يارلىق بېرىپسىز. خوش، بۇ يازمىنىڭ قايسى بۆلىكى تەتقىقاتقا ئۇيغۇن ئەمەس، قانداق ئىشەنچسىز ئىكەن؟ ۋە شۇ ئىشەنچسىز، تەتقىقاتقا مۇخالىپ يېرىنىڭ ھەقىيقىي تەتقىقاتتىكىسى قانداق؟ ئىشەنچسىزلىكىنى نەدىن بىلدىڭىز؟ خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى مىڭ ئالتىنچى يىلىدىكى نوپۇسىنى سىزنىڭ قولىڭىزدىكى رۇيخەتتە نەچچە دەپ يېزىغلىق ئىكەن؟بولسا بۇنداق قىياسىي گەپنى قىلغۇچە، قولىڭىزدىكى رەسمىي ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار ئارقىلىق ئاشۇ بۇرمىلانغان يېرىنى كۆرسۈتۈپ بەرسىڭىز، ماقالىنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتەلەيتتىڭىز. |
|