قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2050|ئىنكاس: 26

قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 17:34:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   ئۈستىلىمدە شەنبە كۈنى بولىدىغان ئۈچ  چاينىڭ باغىقىغا بېسىلغان  چىرايلىق گۈل يۈزلۈكلەر  ‹‹چوڭراق ئاپارغىن جۇمۇ، چۈپەيلىك قىلما ....!›› دېگەندەك  كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ماڭا قارىشىۋاتاتتى.
-ۋايييەي،يەنە ئۈچ يەردىن باغاق كەپتۇ، قايسىبىرىگە بېرىپ بولارمەن؟نېمانداق كۆپ چاي –تويلار بۇ؟شەنبە –يەكشەنبە كېلىپ بولغۇچە ئىشىك ئالدىدا پوست تۇرغاندەك ئادەمنى ماراپ،بېقىپ تۇرغان بۇ باغاقلار،ئەجەب زېرىكتىم بۇ توي –چايلاردىن،نېمە بوپ كېتىۋاتقاندۇ بۇ خەقلەر ،قىزىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››دەپ يېڭى بىر چاي چىقىرىۋالغىنىنى ئەمدى....-باغاقلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمچە غودۇڭشۇدۇم.
  -شۇنى دەڭا،توي –چاي دېگەنلەرنىڭ تۈرىمۇ  ئەجەب ئاۋۇپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەردە،ئۇنىڭ ئۈستىگە  ‹‹ئەسسالام››دەپ خۇدانىڭ سالىمىنى قىلىشىپ قويىدىغانلارمۇ باغاق بېرىدىكەن ئادەمگە،-دېدى خىزمەتدىشىم رىسالەت.
    -تېخى تونۇمايدىغانلارمۇ ئىسمىنى ئۆزىدىن سوراپ ،شۇ ئەدەمنىڭ قېشىدا تۇرۇپ باغاققا ئىسمىنى يېزىپلا قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىكەن تېخى،-دېدى يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئاسىيگۈل.
  - تونۇمايدىغان كىشىلەرگە باغاق بېرەمدىكەن؟ توۋا دەڭا ، تونۇمايدىغان ئادەمگە قانداقمۇ باغاق بەرگىلى بولىدۇ،-دېدىم مەن.
-ۋاي راست دەۋاتىمەن،قايسى كۈنى يولدۇشۇم بىر تويغا كەتكەن ئىدى،تويدىن يېنىپ  ئىشىكتىن كۈلۈپلا كىرىۋاتىدۇ،كۈلكىسى ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس،  ‹‹ ئەجەب خوشقۇسىز؟››دەپ سورىسام،‹‹ ئەجەب ئىشلارنى كۆرىدىكەن ئادەم،تويدىن يېنىپ چىقىۋاتساق ،ئەخمەتنىڭ بىر تونۇشى ئۇچراپ قالدى،ئەدەب يۈززسىدىن مەنمۇ كۆرۈشۈپ قويدۇم، ئۇ كىشى ئەخمەتكە بىر باغاقنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ،مەندىن‹‹ئىسمىڭىز نېمىتى؟››دەپ سوراۋاتىدۇ،ئىسمىمنى دەپ بەرسەم شۇ يەردىلا بىر قۇرۇق باغاقنى ئېلىپ كۆزۈمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىسمىمنى يېزىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى،‹‹توۋا››دەپ قالدىم قاراڭ ››دەيدۇ،-دېدى ئاسىيگۈل
   -‹‹توۋا ››دەيدىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ كېتىپ ‹‹توۋا››دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى ھازىر،ئىلگىرىكى ئېسىل قائىدە –يوسۇنلىرىمىز يوقاپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان يېڭى قائىدە –يوسۇنلار چىققىلى تۇردى، توي –تۆكۈن،چاي –پايلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىپ كەتكىلى تۇردى، توي –چايلارنىڭ كۆپلىكىدىن باغاقنى كۆرسەممۇ ئاچچىقىم كېلىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى،-دېدى  يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئاينۇر،شۇنداق قىلىپ بىرسىمىز بىرنىمە ،يەنە بىرسىمىز بىرنىمىلەرنى دېيىشىپ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قائىدە –يوسۇن،توي –تۆكۈن، شەكلى ئۆزگەرگەن ھەر خىل چايلارنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ  پۇل تېپىشتىكى ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى توغرىسىدا قاينىشىپ، بۇرۇنقى ئېسىل توي –چاي مەدەنىيەتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ ھازىرقى ھەشەمەتچىلىك،ئابرويپەرەسلىك ئارىلىشىپ كەتكەن توي -چايلارنى بىر ھازاغىچە سۆكۈشتۇق.
  - بايام ‹‹قىزىنىڭ گۈل چېيى››دەپمۇ باغاق بېرىدىكەن دېدىڭىزما؟ئوغۇللىرى بارلار ‹‹ئوغلىمىزنىڭ سۈنئەت  تويى››دەپ باغاق بېرەتتى، ھازىر قىزلىرى بارلارمۇ زىيان تارتمايدىغان بوپتۇ -دە،  ئۇلارمۇ باغاققا ‹‹قىزىمىزنىڭ گۈل چېيى››دەپ  يېزىپ چاي قىلىۋېرىدىكەن، -دېدى ئاينۇر.
-مەنمۇ نەچچە دوستلۇرۇمنىڭ قىزلىرىنىڭ ‹‹ گۈل چېيى››غا قاتناشتىم،قىزلىرى بارلار  قىزلىرىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››قىلسا بولىدىكەن،-دېدى رىسالەت.
  -راست،سىزمۇ بىر يەرلەردىن قالمايسىز، بارغان يەرىلىرىڭىزمۇ كۆپ،‹‹سۈنئەت تويىنى قىلاي›› دېگىلى يا بالىلىرىڭىز ئوغۇل ئەمەس،سىزمۇ قىزلىرىڭىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟-دېدى ئاينۇر،
   -‹‹توۋا››دەڭا،خەق نېمە دەپ قالىدۇ،بىزنىڭ توي –تۆكۈن ئۆتكۈزۈش قائىدىمىزدە ئەزەلدىن‹‹گۈل چاي››دەپ يوق،سەت تۇرمامدۇ؟‹‹گۈل چاي››قىلىمەن دېسە – دېدىم مەن،ئاغزىمدا ئۇنداق دېگىنىم بىلەن ئاينۇرنىڭ رنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالغان ئىدىم،چۈنكى  مەنمۇ بىرنەچچە ‹‹گۈل چېيى››غا قاتنىشىپ باققان ئىدىم.
- ھازىر بۇرۇنقى يوق  توي –تۆكۈن قائىدىلىرى چىقىۋاتىدۇ،  ‹‹گۈل چېيى›› ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ كۆپ ھازىر،سەت تۇرسا ئۇلار ئۆتكۈزمىسە بولاتتى،سىزمۇ باشقىلارنىڭكىگە بېرىۋاتىسىزغۇ؟ قىزلىرىڭىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى قىلىڭە،يېتىشەلمىسىىڭز بىزمۇ ھە –ھۇ دېيىشىمىز،-دېدى ئاسىيگۈل.شۇنداق قىلىپ بىردەمدىلا ئىككى قىزىمنىڭ گۈل چېيىنى قايسى رېئوستىراندا ئۆتكۈزۈش،قانداق مۇراسىم كىيىمى  كىيىش مەسلەھىتىگە چۈشۈپ كەتتۇق،
     راستىنى ئېيتسام   ئىككى قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزۈش مەسلەھىتىنى بەرگەنلەر يالغۇز ئىشخانامدىكىلەرلار ئەمەس ئىدى، دوستلۇرۇمدىنمۇ  خېلى كۆپلىرى بۇ مەسلەھەتنى بەرگەن ئىدى،مەن ‹‹ئۇنداق قىلساق خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟ سەت تۇرمامدۇ ‹قىزىمىزنىڭ گۈل چېيى›دەپ باغاق تارقاتسا ››دەپ قوشۇلمىغان ئىدىم،تۇرۇپلا يېقىننىڭياقى بېرىۋاتقان توي –چايلار،كېتىۋاتقان داستىخان پۇللىرىغا ئىچىم ئېچىشىپ قالغان ئىدى. كۆڭلۈمدە‹‹باشقىلارنىڭكىگە ئاپىرىۋېرىمىزمۇ؟خەقمۇ قىلىدىكەن قىزلىرىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى،‹سۈنئەت تويىنى قىلىپ بېرەيلى دېگىلى› ئوغلىمىز بولمىغاندىكىن بىزمۇ قىلساق بولارمۇ يا؟››دېگەن خىيال كىرىۋالغان ئىدى.بىراق بۇ گەپلەرنى يولدۇشۇمغا قانداق دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدىم،بۈگۈنكى ئىشخانىدا بولۇنغان مەسلەھەتتىن كېيىن قورسۇقۇمغا يەنە بىر جىن كىرىۋالدى.
    شەنبە كۈنى يولدۇشۇم بىلەن ئىككىمىز ئىككى تەرەپلەپ مېڭىپ ئاران دېگەندە ئۈچ چاينىڭ قائىدىسىنى قىلىۋالدۇق،چايدىن يېنىپ كېلىپ چارچاپ  كەتكىنىمنى ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتىپتىمەن،ئەتىسى چۈشتە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى ئىشخانىدىكىلەرنىڭ بەرگەن ‹‹گۈل چېيى››قىلىش مەسلەھەتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ  باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان كىچىك قىزىم خۇشاللىقىدا چاۋاك چېلىپ  قوشۇلغانلىقنى ئىپادە قىلغان بولسىمۇ يولدۇشۇم بىلەن تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزىم‹‹خەق نېمە دەپ قالىدۇ،نەدىكى يوق قائىدىنى تېپىپ،بىزنىڭ  توي –تۆكۈن مەدەنىيىتىمىزدە ئەزەلدىن ‹‹گۈل چاي››دەپ يوق...››دەپ گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ پەقەتلا  قوشۇلمىدى،بىراق مەنمۇ بوش كەلمەي ئۆزىمىزنىڭ داستىخان كۆتۈرۈپ بارغان يەرلىرىمىز،قاتناشقان ‹‹گۈل چېيى››قاتارلىقلارنى بارمىقىم بىلەن بىر –بىرلەپ ساناپ بەردىم ۋە ‹‹باشقىلار قىلغاننى بىزمۇ قىلساق نېمە بوپتۇ،بىزمۇ باشقىلاردەك ئادەم بولغاندىكىن خەق قىلغاننى قىلىپ باقايلى..››دېدىم،چوڭ قىزىم گەپلىرىمنى  ئاڭلاپ ئۆزى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىرنەچچە قىزنىڭمۇ  ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى،
    قىزىمنىڭ گېپى ماڭا تېخىمۇ يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى،مەن كۆڭلۈمگە كىرىۋالغان ‹‹باشقىلارنىڭكىگە ئاپىرىۋېرەمسەن،سەنمۇ  ئاپارغاننى يىغىۋال....››دېگەن بىر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن نەچچە كۈنگىچە ئۇنى –بۇنى دەپ  ئەمىلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ كوتۇلداپ يۈرۈپ يولدۇشۇمنىمۇ قايىل قىلدىم،ئاندىن ئاتا –ئانام ۋە قېيىن ئاتا –ئانامنىمۇ  بۇ ئىشقا كۆندۈردۈم،رازى بولغان يېرىم قېيىن ئاناممۇ مېنى خېلى قوللىدى  ئىككى قىزىمىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزىدىغانغا.
     شۇنداق قىلىپ رېئوستىران بىلەن ئالاقىلىشى چاي ۋاقتىنى بېكىتتۇق،ئېغىزدا دېمەككە ئاسان بولغان  چاي ئۆتكۈزۈشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىكەن ، يولدۇشۇم بۇ چايغا نىسپەتەن تازا قىزغىن بولمىغاچقا چاي تەييارلىقىلىرى بىلەن خېلى ئالدىرىدىم،باغاققا ‹‹ھۆرمەتلىك  x x  ئەر –ئايالگە ،  x –ئاينىڭ x- كۈنى  ئۆتكۈزىلىدىغان قىزىمىز  گۈلناز بىلەن شاھنازنىڭ گۈل چېيىغا تەكلىپ قىلىمىز.
    ھۆرمەت بىلەن: ››دېگەن تەكلىپ سۆزلىرى گەۋدىلىك قىلىپ   بېسىلغان ئىدى، مانا  بۈگۈن ئىككى قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››.ئۇچامدىكى  چايغا ئاتاپ تىكتۈرگەن مۇراسىم كىيىملىرى  ئالاھىدە قىلىنغان گىرىملىرىم بىلەن تېخىمۇ جۇلالاپ تۇراتتى،ئىككى قىزىمنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››غا لايىق ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق ياساندۇرۇپ گۈلدەك قىلۋەتكەن ئىدىم.ئەتراپىمدا يانداش بولغان دوستلۇرۇممۇ بىر –بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرجىدە ئالاھىدە گىرىملەرنى قىلىشىپ ،پالدۇر –پۇلدۇر كىيىملەرنى كىيىشىپ مېھمانلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋەتكەن ئىدى.چاي مۇراسىمىنىڭ رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ  بىر –بىرىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك شوخ مۇزىكىلار قويىلىۋاتقاندا يانداش تۇرغان دوستلۇرۇم بىلەن بىرگە مېھمانلار ئولتۇرغان ئۈستەللەرگە بېرىپ ‹‹جاپا تارتتىڭلار، ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمىز....››دېگەندەك راست –يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ ،سوۋغا –سالاملارنى قوبۇل قىلىش ۋە رەسىمگە چۈشۈش دېگەندەك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغۇچە بەزى ئاياللارنىڭ يۈزلىرىدىكى مەسخىرە ئارىلاش  كۈلكە، قۇلاقلىرىنى يېقىپ پىچىرلاشلار كۆڭلۈمگە ‹‹مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ نېمە؟..››دېگەندەك بىر خىل گۇمانلارنى سېلىپ قويدى،شۇنداقتىمۇ يەنە زورىغا ھىجىيىپ تۇرۇپ ئۇلار ئەكەلگەن سوۋغاتلىقلارنى قوبۇل قىلدىم.شۇنداق قىلىپ  قىزلىرىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››مۇ تۈگىدى ،مانا تارتقان جاپاغا چۇشلۇق رېئوستىراننىڭ چىقىملىرى ۋە باشقا چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە قولىمىزغا خېلى كۆپ پۇل ئاشقان ئىدى.بۇنىڭغا قاراپ ‹‹گۈل چېيى››قىلغىنىمىزغا خېلى رازى بولدۇم كۆڭلۈمدە.
قىزلىرىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزۈپ بىرنەچچە ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى ئىشخانىغا كىرەي دەپ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كېلىشىمگە ئىشخانىدىن خىزمەتدىشىم ئاينۇرنىڭ:
-          شۇنى دەيمەن،ھازىر كىشىلەردە نومۇس قىلىش دېگەن نەرسىمۇ قالماپتۇ. ‹‹قانداق قىلىدۇ قېنى؟››دەپ ئىشخانىدا  قىزلىرىڭىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزۈڭ دەپ قويساق ،راستىنلا ئۆتكۈزدىغۇ، توۋا،-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
-          ئىشخانىدا شۇنداق دېيىشكەندە‹‹خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟بىزنىڭ توي –تۆكۈن قائىدىمىزدە ‹گۈل چېيى›دەپ يوق،سەت تۇرىدۇ ››دەۋاتاتتى،خەق ئۆتكۈزسە سەت تۇرۇپ ،گۈلزار خېنىم ئۆتكۈزسە سەت تۇرمايدىكەن-دە بۇ ‹‹گۈل چاي››دېگەننى....،-بۇ  ئاسىيگۈلنىڭ ئاۋازى ئىدى.گەپنىڭ ئۇرانىدى قارىغاندا  ئىشخانىدىكىلەرنىڭ  سۆزلىرى ئىككى  قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››ئۈستىدە بولىۋاتاتتى.ئىشخانىغا كىرمەي ئاستىلا ئارقامغا ياندىم.
‹‹توۋا،ئەجەب ئادەملەر بولىدىكىنا،ئۆزلىرى ‹گۈل چېيى›نى ئۆتكۈزۈڭ دەپ مەسلەھەت بېرىشىدۇ، ئاخىرىدا قوپۇپ غەيۋەت قىىلشىدۇ....››دەپ ئويلاپ كۆڭلۈمدە ئاچچىقىم كەلدى ئۇلارغا،تۇرۇپلا يەنە بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇمنىڭ دارىتمىلاپ تۇرۇپ‹‹ئەمدى قىزلىرى بارلار ئۆزلىرى  چىقارغان يېڭى قائىدە بويىچە ‹گۈل چېيى››ئۆتكۈزۈپ  ،باشقىلارغا ئاپارغانلىرىنى ياندۇرىۋالىدىغان بولدى –ھە....››دېگەن تەنىلىك سۆزلىرى ئېسىمگە كەچتى . يولدۇشۇممۇ ‹ ‹سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرىپ يۈزۈم پوق بولدى مېنىڭ،بىرنەچچەيلەن ‹يېڭىچە بىر توي –چاي مەدەنىيىتى بەرپا قىلدىڭ›مېنى  زاڭلىق قىلىشىپ كەتتى...››دەپ نەچچە قېتىم تاپا –تەنە قىلىپ بولغان ئىدى.بۇ خىل مەسخىرە ۋە تاپا –تەنىلەرنى بىرنەچچە قېتىم ئىشتكەندىن كېيىن  ئاچكۆزلۈك قىلىپ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ –ئادىتىمىزدە يوقلا بولغان بىر چاينى زورلاپ يۈرۈپ قىلغىنمغا كېيىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالغان ئىدىم.بۇ ئىشلارغا كۆڭلۈم بىلارام بولۇپ يۈرسەم بۈگۈن ما ئىشخانىدىكىلەرنىڭ  ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ تەسادىپي ئاڭلاپ قالغان سۆزلىرى يۈرىكىمگە تېخىمۇ تەگدى.
     كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ ،گۈللۈك ئالدىدا بىردەم تۇرۇپ ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىغا كىرىپ كېتەي دەپ مېڭىشىمغا يانفونۇم تۇيۇقسى سايرىدى.قارىسام ئىنىمنىڭ نومۇرى.تېلىفوننى ئېلىپ ھال - ئەھۋال سورۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئىنىم ئايالىنىڭ  ئۆزىگە ‹‹چوڭ قىزىنىڭ ‹گۈل چېيى›بىلەن كىچىك قىزىنىڭ ‹‹بۆشۈك تويى››نى بىرگە قىلايلى››دەپ مەسلەھەت سالغانلىقىنى،شۇڭا مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق مەسلەھەت بېرەرمىكىن دەپ تېلىفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى،بۇ گەپ بىلەن بايامقى كۆڭۈل ئاغرىقلىرىم يەنە قوزغالغاندەك بولدى ۋە ‹‹سەل تۇرۇپ تېلىفون قىلاي››دەپ تېلىفوننى قويىۋەتتىم.
‹‹ ‹قىلماڭلار ›››دېسەم ئاچام ئۆزى ئىككى قىزىنىڭ ‹گۈل چېيى›نى ئۆتكۈزىۋېىلپ بىزنى قىلماڭلار ›دېدى دەپ قالارمۇ،نېمە دېسەم بولار؟››دېگەن ئىككىلىنىشلىق خىيال كاللامنى چۇلغىۋالدى ۋە ئەڭ ياخشىسى ئاتا –ئانام بىلەن مەسلەھەتلەشىپ ئاندىن مەسلەھەت بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
  
ئەسكەرتىش: تېما مەزمۇنىنى تېما ئىگىسى بىلەن باغلاپ چۈشەنمىگەيسىز.

0

تېما

2

دوست

595

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22483
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 19:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا   ما جەمىيەت نىمە  بوپ كىتىپ  باردۇ   ھە   توۋا      
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

446

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24718
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 20:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە توي-تۈكۈننىڭ ھەممىسى ....پۇلغا بېرىپ تاقىشىدىكەن....مەقسەت نەلەردە قالدى   .....توۋا دەيمەن   ....ھەتتا تېخى بەزى دىننىي سورۇنلارمۇ  شۇ   ....  ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن...تويماس نەفىستىن  ساقلىسۇن....

ئۇ ئۇخلىمايدۇ ھەم ئۇخلاتمايدۇ

3

تېما

0

دوست

1392

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19483
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 13:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ كۇرۇپ بېقىڭلا ..
بىر كۇنى سەل بىكار بولغاندا تىما شەكىلدە يوللايمەن .
ئۇلارنىڭ قىلمىشى سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق .
http://v.youku.com/v_show/id_XNzI1NDgyNTIw.html

1

تېما

1

دوست

374

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16272
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 13:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئككى قىزىمنىڭ گۇل چېيىنى ئۆتكىزەيمىكىن دەپ ئويلىغان. يازمىڭىزنى كۆرۇپ بۇ ئويۇمدىن ياندىم. رەھمەت سىزگە!

15

تېما

1

دوست

1943

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17235
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 14:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
200   يۇۋەن  بەرگەن  بۇلسا  قۇيۇپ  بىرەتتى  ئۇ  بۇۋاينى ساقچىلار

0

تېما

3

دوست

1223

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21573
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 15:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل چىيى دىگەن ئاتالغۇنى ئەمدى ئاڭلىشىم،يىراق سەھرادىن بولغاچقا بۇنداق قائىدىلەردىن خەۋەرسىز قالىدىكەن ئادەم،ئىككى سىڭلىمنىڭ گۈل چىيىنى ۋاقتىدا بىرىۋەتمىسەك بولمامدۇ نىمە زاماننىڭ ئاخىرىدا قالمايلى

0

تېما

3

دوست

1223

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21573
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 15:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahkiqa يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 13:13
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ كۇرۇپ بېقىڭلا ..
بىر كۇنى سەل بىك ...

تىما شەكلىدە يوللىسىڭىزمۇ ئوخشاش،شۇ نەق مەيداندا كۆزلىرىنى پاقىرتىپ قاراپ تۇرغان ئەركەكلەردەك قاراپ تۇرىمىز شۇ،يا بىرەر ئېغىز قايناپ قويارمىز
ئۇلاردىن ئىنساپ كۈتۈش سۆگەتتىن ئامۇت تىلىگەندەكلا ئىش خالاس....................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )