قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2007|ئىنكاس: 52

ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

6

دوست

802

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 19:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش

      مەن باغداش مۇنبىرىگە يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرگەن مۇشۇ بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە بىرقانچە نادىر تېمىلارنى كۈرۈپ چىقتىم. بىرقانچە تېمىلارغا ئىنكاسمۇ يازغان بولدۇم.يازغان ئىنكاسلىرىمغا بەزى توراشلار ياخشى باھالارنى بەرسە بەزى تورداشلار تىللاپمۇ باقتى. لىكىن ياخشى پىكىرلەر كۆپ بولدى. بىرقانچە تورداشلار بىلەن كۈندە ئىنكاستا مۇنازىرلىشىپ زىرىكىپ كەتتىم. بۇ ئەھۋال مەندە ئويلىنىش پەيدا قىلدى. ئۇيغۇر جەمىيتىدە ھەقىقەتەن خىلمۇ خىل پىكىردىكى كىشىلەر مەۋجۈت. بۇ بىر ھېساپتا ياخشى ئەھۋال.كۆپ قاتلاملىق ئىدىيە بولغاندا رەڭدارلىق بولىدۇ.لىكىن بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن نادان كىشىلىرىمىزنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.شۇڭا مۇشۇ ھەقتە تورداشلار بىلەن ھەمسۆھبەت بۇلۇش ئۈچۈن بۇ تۇنجى تېمامنى يېزىشقا تەمشەلدىم.
       ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىجادچان،ئەقىللىق ،ھايالىق،تەرەققىيپەرۋەر مىللەت.تارىخ بەتلىرىنى ئاقتۇرىدىغان بولساق بۇ ھەقتە نۇرغۇن پاكىتلارنى تاپالايمىز. يەنى مەيلى تۇنجى  يېزىق ئىجاد قىلىش بولسۇن ،مەيلى تۇنجى قېتىم شەھەرلىشىش بولسۇن نۇرغۇن جەھەتلەردە تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئۇرۇندا مېڭىپ كىلىپتۇق.ھەتتا چىڭگىزخانمۇ كېڭەيمىچىلىك قىلغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇشمىغان ئىكەن.سەۋەبى ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارتېكىن ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا مۆلچەرلەپ چىڭگىزخانغا كۈيئوغۇل بولۇپ بىرسەپتە جەڭ قىلغان ئكەن.تاتاتۇڭادەك ئالىملار چىڭگىزخاننىڭ شاھزادىللىرىگە ئۇستاز بۇلۇپ مۇڭغۇل ئېمپىرىيسىدە مۇڭغۇللاردىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ ھۆرمەتلىك تائىپە بولغان ئىكەن. سەل ئالدىغا ئۆتسەك سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تۇنجى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ ئىلىم مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ سامانىيلار خانلىقىدەك قۇدرەتلىك خانلىقنى بويسۇندۇرۇپ قارخانىيلارنىڭ شۆھرىتىنى دۇنياغا تاراتقان ئىكەن.مەھمۇد قەشقەرىدەك ئۇلۇغ ئالىملار بارلىققا كەلگەن ئىكەن.ئىلىمگە ھېرىسمەن ئۇيغۇر خەلقى  ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تاينىپ ھەممىنى قايىل قىىلپ ئىلغار پىكىرلىكى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ھۈكۈمدار مۇڭغۇللارنى تۈركلەشتۈرگەن ئىكەن. سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغاندىن كىيىن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ ئىلىپ مەرىپەتكە ئەھمىيەت بىرىپ قاتتىق گۈللىنىش دەۋرىنى كۈتىۋالغان ئىكەن. لىكىن كىيىن سوپىزىم تەسىرىدە روھى چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قېلىپ مەدەنىيەت تەرەققىياتتا ئارقىغا مېڭىشقا يۈزلەنگەن. ئازكەم 300يىلغا يېقىن قاراڭغۇلۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ لىكىن بۇقاراڭغۇ دەۋرلەردىمۇ ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر كەم بولغان ئەمەس. 20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ ئېشەك ھارۋىسى بىلەن سانائەتنى يۇرتىمىزغا ئەكىرىپ سانائەتلىشىش قەدىمىنى باشلىغان. بۈگۈنكى تىنىچ ۋەزىيەتتە بولسا قۇدرەت ياقۇپ،پەخرىدىن قارلۇق،رادىل ئابلادەك ئوغلانلىرىمىز ھەممىنڭ ئۈلگىسى بۇلۇپ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتماقتا.بەس بەستە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىلىمگە ھېرىسمەن خاراكتىرىنى ئاشكارلاپ نۇرغۇن دوكتۇر،دوكتۇر ئاشتىلار توننىلاپ يىتىشىپ چىقماقتا. دۆلىتىمىزدە خەنلەردىن قالسىلا ھەممە ساھەدە ئەڭ تەرەققى قىلغان مىللەت بۇلۇپ شەكىللەنمەكتە.
       شۇنداق بولسىمۇ لىكىن بىرقىسىم كىشىلەر جەمىيئەتتىن قاقشاپ ،ئۇيغۇرنىڭ كامچلىلىقىنى تېىپىش بىلەن ئاۋارە ئىكەن. بۇ مىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرى ۋە ئېچىندۇردى.مىنڭچە بولغاندا ھەرقاندا ئىشتا ۋە ھەرقاندا نەرسىگە باھا بەرگەندە ياخشى تەرەپنى كۆرگۈلۈك.مىللىتىمگە باھار بەرگەندىمۇ ياخشى تەرەپنى كۆرگۈلۈك. كەمچىلىك ھەممە ئىنساندا بار،ھايۋاندىمۇ بار.ئۇنى سۆزلىگەننىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق. شۇنداق تەرەققىيپەرەر مىللەت تۇرۇپ ئازغىنە نادان كىشىلەرنى مىللەتكە ۋەكىللك قىلىپ پۈتكۈل مىللەتنى ئەيىپلەش توغرا ئەمەس. ئامرىكىلىقلار كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكىنى سۆزلەشنى بەك يامان كۆرىدىكەن،ئۇلارنىڭ قارىشىچە مۇشۇ ئىشقا كەتكەن زېھىنىنى ئىلغارلىققا يېڭىلىق يارىتىشقا سەرىپ قىلىش لازىمكەن. مىنىڭچە بۇ بەكمۇ توغرا.كەمچىلىك ھەممە ئىنساندا بار.ئەڭ توغرىسى ئارتۇقچىلىقنى كۆپ سۆزلەپ باشقىلارغا ئۈلگە قىلغۇلۇق. جەمىئەتتىن قاقشىغاننىڭ ئورنىغا مەن ئۆزەمنى قانچىلىك تەرەققىي قىلدۇرالىدىم ئائىلەمدىكىلەرنىچۇ،ئاندىن دوسلىرىمنچۇ؟دىگەننى كۆپرەك ئويلاش كېرەك.
     يەنە بىر ھېس قىلغىنىم بۈلۈنمچىلىك كەيپىيات ئېغىرراق ئىكەن.ئىشنىڭ سەۋەبىنى بەكلار بىرتەرەپلىمىلىك نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىكەن. مەسىلەن بىر تورداش ئىنكاستا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىشى موللىلارنىڭ سەۋەبىدىن دەپتۇ. بۇ بەكمۇ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. بۇ ئېتقاتقا ھۆرمەت قىلمىغانلىق. بەلكىم نادان مولىلار بۇلۇشى مۇمكىن لىكىن بۇلار ھەممەيلەنگە ۋەكىل بولالمايدۇدە. بۇيەردىكى مەسىلە مىنىڭچە نادان ئىنسان بىلەن ساپالىق ئىنساننىڭ پەرقى خالاس.ئۇندىن باشقا ئۆز مىللىتىنىڭ نۇرغۇن ئىسىل نەرسىللىرى تۇرسا باشقا مىللەتكە ھەۋە قىلىپ شۇنى تەتقىق قىلىپ زېھمىنى ئىسراپ قىلىدىغان ھەتتا بەزىلەر خەتقنىڭ نەرسىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈتكەن. ئەلۋەتتە بۇ ئۇمۇمىيۇزلۈك ئەھۋال ئەمەس ،لىكىن مىللىتىمىز ئىچدە مەۋجۈن ھادىسە .شۇڭائۆزلۈك ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مەسىللەرگە ئۇمۇمىيۈزلۈك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغان ياخشى.ئالدى بىلەن ئۆزىدىن بەكراق سۇئال سوراپ باققان ياخشى.ھەرقاندا مىللەت ئەقلىي كۈچلۈك مىللەت ۋە جىسمانىي كۈچلۈك مىللەت دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇرۇنقىنى دىمىگەندىمۇ ھازىرقى دۇنيادا پۈتۈن ئىشتا ئەقىلگە تايىنىمىز.جىسمانىكۈچكە تاينىپ دۇنيا سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئالغىلى بولمايدۇ. دۆلتىمىز مىلىيۇنلاپ ئايغوننى ئىشلەپ چىقارسىمۇ لىكىن كىشىلەر ئالما شېركىتىنى ماختايدۇ.چۈنكى كەشىپ قىلغۇچى ئەقىل ئىگىسى شۇلار ،دۆلتىمىز پەقەت جىسمانىي كۈچ چىقىرىپ ياساپ بەرگۈچى خالاس.شۇڭا ئۆز ئاراھۆرمەت قلىشنى باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنى،ئۆزەمنىڭلا توغرا دىمەي باشقىلارنى ئەينەك قىلىپ قايتا ئوبدان ئويلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىش كېرەك.
      سۆزلىسەم گەپ بەك جىق. شۇڭا بۇ ئويلىشىلار ئىچدە مەن ھېس قىلغان ئويغۇنىش يۇلى بولسا بىلىم ئېرپا ئۆگىنشى.پەن مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ساپانى يۇقىرى كۆتۈرپ ئەقلى كۈچلۈك مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىش.شۇندىلا دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايمىز. پەنتېخنىكىدايېڭىلىق يارىتىمىز دەيتىكەنمىز ئىرادىمىز بولسىلا پەن مائارىپقا ئەھمىيەت بەرسەك بۇنى چۇقۇم قىلالايمىز. مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ كىيىم كېچەك ،ئولتۇرغان ئۆيىمىزنىڭ ئىسىللىگى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ.بەلكى قوسىقىمىزدىكى ئۇمىچىمىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئېتقاد ۋە يۈرۈش تۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. كەلگۈسىدە مارىسقا چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەتلاس كۆينىكىمىزنى ،بادام دوپپىمىزنى كىيىپ ئالەم كېمىسىنى ھايداپ يەرشارىغا قاراپ نامىزىمىزنى ئۇقۇپ چىقساق بولىۋېرىدۇ. بۇيەردىكى مەسىلە پەن مائارىپقا كۈڭۈل بۈلۈش. كەچكىچە جەمىيئەتتىن قاقشىماي ،ئۆزىمىزدىكى تۇترۇقسىز كەمچىلىكنى سۆزلىمەي،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھەدىسە كۆپىرىپ ئۇلارغا ھەۋەس قىلپ تۇرماي،ئىككى قولىمىز مۆرىمىزنىڭ ئۈستىدە يوغان مېڭىمىز بولغاندىكىن تىرىشپ ئۆگەنسەك ئىشىنمەن بىر كۈنى بىزمۇ دۇنيا پەنتېخنىكىسنىڭ ئۆلچەم بېكىتكۈچىسى بولالايمىز. ئۆز مەدەنىيتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيمىز. ھەر مىنۇت ھەر سىكۇنتنى قەدىرلەپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ دوسلار ئارا كۈرۈشكەندە قاقشاشماي ئىلىم ئالماشتۇرۇپ ئۆتسەك نىمىدىكە ياخشى ھە.بۇ ئىنساننىڭ قىلىشقا تىگشلىك ئىشى.بۇدۇنيادا ھەقىقىي ياشايمەن دىگەن ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى.يەنەكىلىپ ساپالىق كىشىنىڭ ئېدقادىمۇ ساپ يۇرۇق بولىدۇ. شۇڭا روھىي چۈشكۈنلۈككە،نادانلىققا كىرىۋالماي زېھنىمىزنى پەن مائارىپقا ئىلىم ئېگەللەشكە قارىتايلى!تورداشلانىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشنى سورايمەن.

0

تېما

0

دوست

1465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29878
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 22:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pinsilin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 22:10  

بىر قسىىم پىكىرلىرىڭىز جايىدا.
لىكىن ھەممە گۇناھنى سوپىزىمغا يۈكلەپ قۇربانلىق قوي ئورنىدا سوپىزىمنى بارلىق پالاكەتنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىپسىز ، ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەسقۇ دەيمەن،، سوپىزىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۈق پەلسەپىۋى ئاساسلىرى بار، ھەتتا تېخى خېلى خېلى نەزەرىيەلەردىن مەنىۋى چۇڭقۇرلۇق ۋە تەپەككۈر يۈكسەكلىكى جەھەتتىن يۇقۇرى تۇرىدۇ.
شاھ مەشرەب، خىرقىتى، ئەلىشىر ناۋايى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارمۇ سوپى ئىدى، ئىشەنمىسڭىز ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا بىر ئوقۇپ چىقىڭ.
ئىشلار سىز دىگەندەك ئاددى بولسا جاھان ئاللا بۇرۇن باشقىچە بولاتتى.
كۆپرەك كىتاپ كۈرۈپ كۆپرەك تەپەككۈر قىلغايسىز.سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

3

دوست

1602

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 22:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئەلشىر نەۋائىينى سوپى دىگەن گىپىڭىزگە ئىشىنىشكە ئۆزۈمنى پەقەت قايىل قىلالمىدىم.

مىنىڭ بىردىن-بىر ئۈمۈت قىلىدىغىنىم مىللىتىمىز كىشىللىرى پەرزەنت تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا.

0

تېما

10

دوست

2753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 836
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 23:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تىما!

0

تېما

10

دوست

2753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 836
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 23:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pinsilin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 22:06
بىر قسىىم پىكىرلىرىڭىز جايىدا.
لىكىن ھەممە گۇناھنى سوپ ...

‹سوپى› دىگەن نىمە؟ تەپسىلى چۇشەنچە بەرسىڭىز ؟ يۇسۇپ خاس ھاجىپنى سوپى دەپسىز ،دەلىل بارمىدۇ؟

10

تېما

1

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 23:29:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى ۋە مىللىتى ئۈستىدە ئويلانغاندا،تەپەككۈر قىلغاندا ئاندىن ئويغانغىلى بولىدۇ...

تېمىڭىزنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى خېلى يۇقۇرى چىقىپتۇ...

0

تېما

0

دوست

99

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29918
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 00:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaysar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 01:11  

شۇڭا بۇ ئويلىشىلار ئىچدە مەن ھېس قىلغان ئويغۇنىش يۇلى بولسا بىلىم ئېرپا ئۆگىنشى.پەن مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ساپانى يۇقىرى كۆتۈرپ ئەقلى كۈچلۈك مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىش.شۇندىلا دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايمىز. پەنتېخنىكىدايېڭىلىق يارىتىمىز دەيتىكەنمىز ئىرادىمىز بولسىلا پەن مائارىپقا ئەھمىيەت بەرسەك بۇنى چۇقۇم قىلالايمىز.دەپلا .سىلە نىمە دىگەن ئۈرۇنلۇق گەپ قىللا : مىلەتنى تەرىقى قىلدۇرۇشنىڭ يولى پەقەتلام ئىلىم پەن . ئۈيغۇر مىللىتى ھەمىسى سىلە دىگەندىك قىلدىغان بولساق ھەر قانداق مىلەت ئاغزىنى ئېچىپ قالغان بولار ئىدى. نادانلىق ۋە خوراپاتلىق، ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ بىشىدا سايىگە ئوخشاش ئەگىپ يۈرگەن بولسىمۇ يەنىيلام ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە دىنى ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى تورۇتكىسدە [يەنى مۇھەمەت سالى دامولامنىڭ قۈرئاننى تەرجىمە قىلىشى ،  قەشقەردىكى ئابلىمىت دامولاملارنىڭ] ئاللاھنى تۇنتىشى يەنى ئاللاھقا شىرىك قىلماسلىقنى  ئۇيغۇرلارغا بىلدۇرۇش  تۇرۇتكىسدە 85-يىلدىن 95-يىلغىچە بولغان 10يىل ئىچدە ئاپاق غۇجامغا ئۆخشاش ئۇزنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ ، نادان خەلىقنىڭ پۇل مالنى خو تۇن قىزلىرنى ئالداپ ئىلۋالدىغان ئىشلارغا خاتىمە بەردى. بۇلارنىڭ ئىلمىنى ئاللاھ زىيادە قىلسۇن. سىلە دىگەندەك مىللەتنى سۇپزىملىق، مەزەپچىلىق، ئادەمگە چۇقنىشنى تەشەبۇس قىلدىغان تور مولىلىرى كالىسنى سىلكىۋەتمەي يەنىلام ئىختىلاپ تەرىساق بولماس.
ـ سۈرە ئەنبىيا مەككىدە نازىل بولغان، 112 ئايەت
  
ئۇلار (دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ) پىرقە ـ پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر [93]پىرقە- پىرقىگە بۇلنۇپ كەتكەنى ئاللاھ ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر  بىز ھىساپ ئالمىز دەۋاتسا ، نىمىشقا ئادەملەرنى ئاللاھنىڭ سۇزگە مۇخالىپ بولسىمۇ ماختاپ يۇرۇيمىز. نىمە ئۇچۇن مەزەپچىلىك ،سۇپزىمغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى خوراپىلىققا  نادانلىققا سۆرەيمىز. 1000يىل مابەينىدە ئىختىلاپ قىلشىپ تۆيمىدوقمۇ؟ مۇشۇ ئىختىلاپقا سەرىپ قىلغان ۋاقتىمىزنى ئىلىم -پەن ئۈگنىشكە سەرىپ قىلساق .300يىلدىىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلغان .سۇپزىمنى 10يىل ئىچدە چۇرۇپ تاشلىيالغان ئۇيغۇر ،يەنە ئىللىم -پەندە نەچە 10يىل سەرىپ قىلساق ،ئۇيغۇر مىللتى دونيادىكى مىللەتلەرنىڭ 4نىڭ بىرى بولمايدۇ دىيەلەمسىز؟يەنى نەچە مىڭ دوكتۇر چىقمايدىمۇ دىيەلەمسىز؟ئۇيغۇر مىللىتى نادانلىق خوراپاتلىقنى يەنە تەگىگەننىڭ ئورنىغا ئىللىم-پەن ئۈگەنسەك يەنىلام دۇنيادىكى مىلەتنىڭ 4نىڭ بىرى بۇلشىمىزدە گەپ يوق.bahadiryigit بەك توغرا  شەرىلەپ  مىلەتنىڭ قايسى يولدا ماڭسا بۇلدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قۇيۇپسىز رەھمەت سىزگە.

0

تېما

0

دوست

1465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29878
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 01:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaysar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 00:42
شۇڭا بۇ ئويلىشىلار ئىچدە مەن ھېس قىلغان ئويغۇنىش يۇلى  ...

ئۇيغۇر تىلىغا ھاقارەت قىلىۋاتاملا، نىماندا چالا، ئىملاسى خاتا يازمىلار بۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )