قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 10

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى-ئەزھەرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

809

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28113
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 20:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى
ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەقىلنىڭ ھاۋاسى. ئىسلام ھەزارىتىنى تىكلەش بىلىم مەرىپەت ئىگىلەش ۋە ئوقۇش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، مەرىپەت ھەزارەت قۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.
بارلىققا كەلگەن ھەزارەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئوقۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان، ۋەيران بولغان ھەزارەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلىم- مەرىپەت ۋە ئوقۇشنى تاشلاپ ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەنلىكتىن بولغان.
مانا ياپۇنىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پۈتۈن ۋەيران بولغاندا مەسئۇللاردىن بىرى كىشىلەرنى توپلاپ، ۋەيران بولغان كېرەكسىز تۆمۈرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ «ئوقۇڭلار» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغان ئىكەن. ياپۇنىيە ئوقۇپ ھەزارەت ياراتتى.
پايدىلىق كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ھايات مەرىپەت مېۋىلىرىنى ئۈگىلى بولىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت. ئۇلۇغ ئىنسانلار ۋە مۇتەپەككۇرلار كىتاب ئوقۇشتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.
ئىلىم-پەننىڭ غايىسى ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش ۋە ھاياتتا ئىنسانغا خىزمەت قىلىش. دىننىڭ مەقسىتى ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىش.
دىن ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ يولى، بىلىم- مەرىپەتمۇ ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ يولى. دېمەك، دىن بىلەن ئىلىم-پەن ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزى. دىن مەرىپەتنى ۋەھىي يولى ئارقىلىق بېرىدۇ. بىلىم مەرىپەت ئىزدىنىش، مۇلاھىزە ۋە تەجرىبە قىلىش ئالىدۇ. ئىسلام دىنى ئىلىم- پەنگە چاقىرىدۇ، ئىلىم-پەن ئىسلام دەۋىتىنى قوللايدۇ. (قۇرئان كىرىم بىلىم- مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچى)دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
  
(1)
ئۈنۈملۈك ئوقۇش
ئوقۇش، ئۆگىنىش، بىلىمگە ئىشتىياق باغلاش ۋە مەرىپەتكە ئامراق بولۇش، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش ۋە كىتابتىن ئايرىلماسلىق مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان ھەزارەت كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسى.
بۈگۈن ئارقىدا قالغان دەپ سۈپەتلەنگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ساغلام مەرىپەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولالماسلىقتا ئورتاق، شۇنداقلا ئەزالىرى ئارىسىدا كىتابقا قارىتا بىر خىل سوغۇقلۇق بار ۋە بىلىم ئېلىش ئۇسۇلىدا ئەيىب-نۇقسان مەۋجۇت.
  مەدەنىيەت قامۇسىدا بىرىنچى قېتىم چۈشكەن ئايەت«ئوقۇ، ئۆگەن»دەپ چۈشكەن بىر ئۈممەتنىڭ ئوقۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولىشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش!.
  
(2)
ئۆمۈر بويى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش لازىم
  
1.ئاللاھ ئىنساننى ئىزدىنىش، كەشىپ قىلىش ۋە مەرىپەتكە تويۇپ قالماستىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئاشۇرۇشقا ئامراق قىلىپ ياراتتى. بىلىم- مەرىپەتنىڭ ئۆزىمۇ ئىنساننى تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ مەرىپىتى ئاشقانسېرى بىلمەيدىغان دائىرىسى كېڭىيىپ بارىدۇ. ئىنساننىڭ ئىلمىي جەھەتتىن تەرەققى قىلىشى ئىنساننىڭ مەرىپەتكە قارىتا قاتتىق ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، چۈنكى مەرىپەت بۇلاقلىرىغا چۆكۈش يېڭى مەيدان ۋە ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېڭى تۇيغۇلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
2.مەدەنىيەت قىممەت قارىشى ۋە ھۆرمەت ئىززىتىنى ساقلىماقچى بولغان زىيالىينىڭ دائىم مەرىپىتىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. زىيالىي قاچانىكى ئەمدى بولدى، ئۆگەنگىنىم يېتىپ ئاشىدۇ، دەپ قارىغان زامان ئارقىغا چېكىنىشكە ۋە چۈشكۈنلىشىشكە قەدەم باسقان بولىدۇ. بىرەر ساھەدە مۇتەخسسىس بولغان بولسا ئىلمىي ئويغىنىش دولقۇنلىرى قىرغاققا ئېتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە مەيداندىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ. دېمەك، مەرىپەتنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بىلمەيدىغان دائىرە كېڭىيىپ بارىدۇ.
   بۇرۇنقى زامانلاردا بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشقا كۈچلۈك تۇيغۇ يوق ئىدى، لېكىن بۈگۈن شارائىت ئۆزگەردى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ساۋاتسىز ۋە ئوتتۇرىھال سەۋىيىلىك كىشىلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق سەۋەبىدىن تۇرمۇش يولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بىلىم-مەرىپەت سەۋىيىسىنى دائىم ئاشۇرۇپ تۇرمايدىغان مىللەت پەرزەنتلىرى ھەر قانداق سەۋىيىدە باشقا مىللەتلەر ئالدىدا باش بولالماي تەۋە خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.
   3.ھەزارەت ساۋاتسىزلىقى مۇسۇلمانلارغا بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى. ئىسلامنى تەرەققى قىلغان ھەزارەت قۇرۇلمىسى ساھەسىدە چۈشىنىشتىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈلمەكتە. بىلىم-مەرىپەت تەجرىبىسى ۋە يېتەكچى ھەزارەت ئېڭى بولمىسا ئىسلامنىڭ ھەزارەت قۇرۇلمىسى تولۇق نامايان بولمايدۇ. دېمەك، بىز دۈچ كېلىۋاتقان ئارقىدا قېلىش كېسىلى ئىسلام مېتودىنى ئۆز ھالىتىدە كۆرۈشكىمۇ توسالغۇ بولماقتا.
4.ئىنساننىڭ سەۋىيىسى ئاز، مەرىپەت مەنبەلىرى چەكلىك بولسا، تەسەۋۋۇر قىلىش دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ، كۆز قاراشلىرىدا ۋە نەمۇنە قىلغان كىشىلىرىدە يەرلىك مۇھىتقا باغلاپ قويىدۇ. كەڭرى دائىرىدە ئوقۇش، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش سېلىشتۇرۇش ۋە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ئارقىلىق ئاڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدۇ.

ئوقۇش ئۈچۈن
«ئوقۇش» مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا، مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ھەزارەت جەھەتتە تەرەققى قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا بىز  شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ئوقۇشنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان مەسىلە. مۇسۇلمانغا ۋە  مۇسۇلماننىڭ غايىسىگە لايىق مۇھتەرەم ھايات كەچۈرۈشنى خالايدىغان بولساق ئىستىلىمىز، ئادىتىمىز ۋە نىشانىمىزنى يېڭىلاپ تۇرۇشىمىز لازىم، بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق.
  
ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، يولنىڭ ئەڭ جاپالىق باسقۇچى دەسلەپكى باسقۇچ. شۇنى بىلىش كېرەك، ياخشى تەربىيىنىڭ باشلىنىشى دائىم ئائىلىدە باشلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلار تەبىئي مۇئەللىملەر سانىلىدۇ. ئاندىن كېيىن مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى باشلىنىدۇ.
  
  
ئابدۇراخمان  جامال  كاشىغەرى
(دوكتۇر ئاسپىرانتى)
2014- 7- 3 كۈنى
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.
  

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5699

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1416
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 13:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىلىرىگە رەھمەت .

مەن شۇنداق ئويلايمەن ، بۆشۈكتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئانا ، ياكى ئوماق بالىسىنى قوينىدا ئولتۇرغۇزۇپ كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئانا ، يەنى مېھرىبان ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ بىغۇبار قەلبىگە ئىلىمنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان كۆرۈنۈشى  نەقەدەر گۈزەل -ھە !؟ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە مۇشۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئومۇملاشسا ، ئىشىنىمەنكى ، يېقىن كەلگۈسىدە بىزدە كىتابخۇمار بىر توپ مەيدانغا كەلگەن بولاتتى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3374
توردىكى ۋاقتى: 800
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 16:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئۇستاز .
مۇمكىن بولسا داۋاملىق ماقالە يوللاپ تۇرسىڭىزكەن .
سىزنىڭ سۆز ئىشلىتىش قابىلىيىتىىزگە ئالاھىدە قول قۇيىمەن .

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3374
توردىكى ۋاقتى: 800
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 17:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز -
مۇمكىن بولسا نۇرچىلار توغۇرلۇق بىرەر ماقالە يىزىپ بىزلەرگە سۇنسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى ،
فەتھۇللاھ گۈلەن ھەم ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى ، تۇتقان يۇلى قاتارلىقلارنى بىلىۋالساق .
نۇرچىلارنى ناھايىتى ياخشى مۇسۇلمان دەپ قارايتىم ،
نۇرچىلار تۇغۇرلۇق ئۆتكەن يىلى تۈركىيەلىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ قالدىم ، ئۇ ماقالىدە نۇرچىلارغا تولىمۇ سەلبى باھالار بىرىلىپتۇ .
شۇنداق قىلىپ نۇرچىلارغا قانداق كۆز قاراشتا بۇلۇشنى بىلەلمەيلا قالدىم .

4

تېما

1

دوست

652

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29784
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 18:37:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ تەۋىسيە قىلغان بولسىڭىز؛

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29348
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 21:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش ئىنسانىيەتنى بەخىتكە ئىرىشتۇردۇ.ئوقماسلىق  يەنى نادانلىق ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە ئىلىپ باردۇ .رەھمەت تىيمىڭىزغا.

3

تېما

2

دوست

809

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28113
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 03:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبى كىتابلاردىن:

ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە- غەيرەتجان
ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا- ئابدۇقادىر جالالىدىن.
ئۆزلۈك ۋە كىملىك- د.ئەسەت سۇلايمان
ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

ئىنسان ۋە ھايات توغرىسىدا:
ئىمان ۋە ھايات- د. يۈسۈپ قەرزاۋى.
ئىسلامدا ئىبادەت- د. يۈسۈپ قەرزاۋى.
ئىسلام شەرق ۋە غەرب ئارىسىدا- ئەلى ئىززەت.
ئىمان ۋە ھايات- مۇھەممەت يۈسۈپ.
مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى- غەزالى.
بۇ كىتابلار توردا تېپىلىدۇ.


0

تېما

0

دوست

716

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25341
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 15:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھالەت ۋە نادانلىقنىڭ دورىسى ئوقۇش ئارقىلق قولغا كېلىدۇ. ھەقىقى ئوقۇش بىزنى ھەققە باشلايدۇ.  بىر مەسىلا بار : مۇشۇنىڭچە ئېسىل يازمىلار دائىمغىنا ئېلان قىلنىپ پەقەت تور يۈزىدە بىر قەۋەت كۆرۈلۈپ توختاپ قالىدۇ، تورغا چىققان قېرىنداشلىرىمىز كۆرىدۇ يۇ تورغا چىقش ئىمكانىيىتى يوقلار ياكى چىقمايدىغانلا يەنىلا خەۋەرسىز! شۇنىڭ كاساپىتىدە تەكشىسىز بىر رېئاللىق كۆزىنى قىسىپ بىزگە ھومىيىپ قاراپ تۇرىۋاتقان.
بۇ توغرىدا مۇنداق پىكىرگە كەلدىم:
1. ئېسل چىققان يازمىلارنى سالۇن ۋە مۇنبەر قۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئىزدەپ دېگۈدەك كۆپچىلىككە يەتكۈزۈشنى ئىستسىەك.
2. ئىلكىتاب قىلالايدىغانلىرىمىز تەرەدۇد قىلىپ باقساق.
3.كۆرگەنلەر كۆرمەي قالغانلارغا ، كۆرمەي قالغانلارنىڭ ئەتىراپىدىكىلەرگە مۇۋاپىق يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىزنى ئادا قىلىپ باقساق.
   ئەلۋەتتە بەزى مەسخىرىلەر بىزنى ماراپ تۇرىدۇ. ئېيىتىش كېرەككى ، مەسىىخرۋازلار  كېيىنچە پارتىلاپ چىققان كۈچنىڭ تەسىرىدە قوياغا ئۆزىگە جاي تاپالماي قالىدۇ.


قەلىبلەرنى بەرپا قىلغۇچى خىسلەت ئىگىسى ئۆزى ئەجىرلەر بەرسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )