- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7481
- نادىر
- 0
- يازما
- 406
ئۆسۈش
49.62%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا generall تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 12:15
seher يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 09:27
پەسىلسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار...
ۋەتەن سې ...
قۇشلار
ئاپتورى: ئادىل تۇنىياز
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.
غېرىپلىقتەك.
ئېگىز بىنا.
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
تام.
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت.
توي،
ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى،
قۇشلارنىڭ يېشى.
ئەينەك غېرىپلىق.
قول يەتمەس ئىشىك.
كارۋات.
قاچقان ئۇيقۇ.
ئوچۇق دېرىزىدىكى
ئاپئاق ساڭگىلاپ تۇرغان
ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى.
غەم تولغان كۈلدان.
ئايرۇپىلان.
دېڭىز،
قۇشلارنىڭ يېشى.
ھەممە يەردە يات ئادەم
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
مىليونېر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك-
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق.
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.
مەيلى سەن شاراپ ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دىگەن خەت.
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ ناۋادا،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
ۋەتەن، ئېھ ۋەتەن
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
چىرايلىقتۇر ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر، ئالمىدۇر، خۇشپۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
ئەيسادۇر، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولساڭ ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز يا تا گورنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن.
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
يات تۇپراقتا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن…
سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەتئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر |
|