ۋەتەن ، سىنى قانداق سۆيىمىز ؟
ئامۇ
گېرمانىيىدە تۇرۇپ قالغىلى شۇنچە يىل بولدى ، ھەر قېتىم گېرمانلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ، گېتلىرنىڭ پارىڭىدا توختىغاندا ياكى گېرمانىيىنىڭ سىياسىتىگە باھا بەرمەكچى بولغىنىمدا سۆھبەتتىدىشىم ئۆزىنى ئەپقاچماسىتىن سەمىمىيلىك بىلەن ئەجدادلىرىنىڭ ، گېرمانىيىنىڭ تارىختىكى خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ،ئۇلار مۇنداق دەپ تۇرغان يەردە مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن . نەچچە ئون يىلدىن بۇيان گېرمانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن گەپنى تىلغا ئېلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ كەلدى ، ھەتتا ئاۋام پۇقرا دېگەن سۆزلەرنى بەكمۇ ئاز ئىشلەتتى ، ھازىر گېرمانىيىدە پەقەت بىر ماشىنا ماركىسىلا" ئاۋام "دېگەن سۆزنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ، نېمىشقا ؟ چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلېر مۇشۇ سۆزدىن قاتتىق پايدىلىنىپ كەتكەن ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ، گېرمانلار بىر يەرگە يىغىلسا ۋەتەننى سۆيۈش توغرۇلۇق گەپلەر بەكمۇ ئاز بۇلۇنىدۇ ، 2009-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەندىلا گېرمانىيىنىڭ دۆلەت شېئىرى قايتىدىن مودا بولدى . ئۇنداقتا گېرمانلار ۋەتىنىنى سۆيمەمدۇ ؟ ياق ، ئۇلار ۋەتىنىنى سۆيىدۇ . ئەمما ئۇلار ۋەتەن سۆيگۈسىنى يۈزەكى ھادىسىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئادەتلەنمىگەن ، مەسىلەن سىز بىر گېرمانغا گېرمانىيە ، سىياسىي تۈزۈلمىسى ، ھۆكۈمىتى ، پۇقرالار تۇرمۇشى دېگەنلەرنى ناچار ئىكەن دېسىڭىز ئۇ ھەرگىز چاچراپ تۇرۇپ ياقىڭىزدىن ئالمايدۇ ، سىزگە گېرمانىيىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپمۇ ئولتۇرمايدۇ ، شۇ دېگەنلىرىڭىزگە ئەقلى يەتمەي ئازراق ھەيران قالىدۇ ، غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ . سىزنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ، سۇغۇرتا تۈزۈمى دېگەندەكلەرنى ئەيىبلەۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ ھەرگىز ۋەتىنىمنى ھاقارەتلىدى دەپ قارىمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ . بەزىدە سىز بىلەن تەڭ قوشۇلۇپ ھۆكۈمەتنىڭ غەيۋىتىنىمۇ قىلىدۇ تېخى . مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىسىز ، ئوقۇغۇچىلار مەن گېرمانىيىلىك ، گېرمانىيىنى سۆيىمەن دېگەن گەپلەرنى ئاساسەن دەپ يۈرمەيدۇ ، چوڭ يىغىلىشلاردا دۆلەت شېئىرى ئوقۇشقا توغرا كېلىپ قالسا ئىككى ئۈچ مىسرا غىڭشىپ قۇيىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ئۇ دېگەن گېرمانىيىلىك ، شۇڭا گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تەرتىپكە قاتناش قائىدىسىگە ۋە بارلىق قانۇن تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىش ، ۋەدىسىدە تۇرۇش ، ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىش ، ھەمكارلىققا ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ ، ئارىيان مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى ھەرقاچان ھەر زامان داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . گېرمانىيىنىڭ ھەممە شەھىرىدە دېگۈدەك بىتخوۋىن ، شىلى ، نېيتى ، شۇپىنخاۋېرنىڭ ھەيكىلىنى ئۇچرىتالايسىز چۈنكى بۇلار گېرمانلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ ، بۇلار ئارىيان مىللىتىنىڭ پەخرى . گېرمانلارنىڭ باللىرى مەكتەپتە ئىنگلىز ، فرانسۇز ، لاتىن ،ئىسپان تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ بىراق ھەرقانداق بىر گېرمانىيىلىكنىڭ نەزىرىدە گېرمان تىلى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىل چۈنكى بۇ تىل ماركىس ، گىيوتى ، ئېينىشتېين ،شوپىنخاۋېر ، نېيتى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ئالىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ، شۇڭا ئۇلار گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ . يۇقىرى پاراۋانلىق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان گېرمانلار ھۆكۈمەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ بىراق گېرمانىيىگە زىيانلىق ئىشنىمۇ قەتئىي قىلمايدۇ ، ھۆكۈمەتتە ئارازلىق كۆرۈنۈپ بۆلۈنۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ دەرۋازىسىنى چېقىپ يۈرمەيدۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەت دېگەن بىر خىل مۇلازىمەت ئاپپاراتى . بىراق ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ، باج دېگەندەك مەنپەئەتىگە تېگىپ قويدىمۇ بولدى ، ئۇلار كوچىغا چىقىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، مانا شۇ چاغدا چېقىش باشلىنىدۇ . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاچچىق مەغلۇبىيىتىنى تېتىغان گېرمانلار ئۆزىنى كۈچلەندۈرسىلا ۋەتەننى كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم بۇنى قىلالىدى . شۇڭا ئەزەلدىن ئىدراكلىق ئاتىلىپ كەلگەن گېرمانلار ۋەتەننى سۆيۈشكە كەلگەندە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتتى ، مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش . مىللەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە قەيسەرلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى. "ئالاھىدە نەزەرر " ژۇرنىلىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار نەشرىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى . |