قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1728|ئىنكاس: 10

يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىقلىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   80.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27875
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 01:47:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىقلىما
ئابدۇغېنى مامۇت


   ئىلاۋە:ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىنىڭ ئاجايىپ بىر گۈللىنىش مەنزىلىنى ياراتقان مەشھۇر خانلىق ــــ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى» نىڭ قۇرۇلغىنىغا دەل 500يىل بۇلغان قۇتلۇق پەيىتلەردە، ئەسلىدە بۇ خانلىقىنىڭ تارىخىي، بۇ خانلىق دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار توغرىسىداچوڭ ئىلىم مۇنبەرلىرىدە چوڭقۇر ئىلمىي مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈلۈپ، كاتتا پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ئىدى. لېكىن، ھازىرچە بۇنىڭغا ئىمكان بولمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ كىچىككىنە ئەمگىكىم ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ مەشھۇر خانلىق ـــــ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەيمەن.
   يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ــ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللاردىن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ 8-ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلىپ دەۋران سۈرگەن يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر يەرلىك ھاكېمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خانلىق ئۆزىنىڭ ئاز كەم 200 يىللىق سەلتەنەتلىك  تارىخىي مۇساپىسىدە ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ، شىنجاڭنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىنىڭ كەنجى گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتقانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.
   لېكىن، شۇنداق بىر مەشھۇر خانلىقنىڭ قۇرۇلغان يىل دەۋرى توغرىسىدا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە: «ھىجرىيە 920- يىلى، مىلادى 1514-يىلى قۇرۇلغان » دېگەن بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، قۇرۇلغان ئېنىق ئاي، كۈنلىرى توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەچچە خىل كۆز قاراش تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە.  مەسىلەن:
    تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەخەت داۋۇت يازغان «ئابدۇكېرىم خاننىڭ سۇيقەست بىلەن قەتلە قىلىنىشى» ناملىق ماقالىدە ۋە تەتقىقاتچى ئىبراھىم نىياز يازغان «تارىختىن قىسقىچە بايانلار » ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: « تارىختا مەشھۇر ‹يەكەن خانلىقى › ھىجرىيە 920-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى (مىلادى 1514-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ) قۇرۇلغان.» (1)
   مەشھۇر تارىخ ئالىمى ۋېي لياڭتاۋ يازغان «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» دا مۇنداق دېيىلگەن : «سۇلتان سەئىدخان ھىجرىيە 920-يىلى7 -ئاينىڭ13-كۈنى (مىلادى 1514-يىلى9-ئاينىڭ 30-كۈنى) خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، يەكەن خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.»(2)
ھاجى نۇر ھاجى  چېن گوگۇاڭ يازغان «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن : « 1514-يىلى ...5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەئىدخان دوغلات قەبىلىسى ئەمىرىنىڭ ھىمايىسىدە خانلىققا ئولتۇرۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلغان.»(3)
   ھاجى نۇر ھاجى يازغان «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «ھىجرىيە 920-يىلى (1514 ــ 1515) شەئىبان ئېيى (8-ئاي) دا سەئىدخان يەكەنگە تەنتەنە بىلەن كىرىپ ئورۇنلاشتى.»(4)
   ئەنۋەر بايتۇر  خەيرىنسا سىدىق يازغان « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» دا ۋە ياش تارىخ تەتقىقاتچىسى نۇرۇللا مۇئمىن يۇلغۇن يازغان «غەربىي يۇرت ـــ تارىخىمىزدىكى خاقانلار» دا ئوخشاشلا مۇنداق دېيىلگەن: «ھىجرىيىنىڭ 920- يىلى ماھى شەئباننىڭ (8-ئاينىڭ) 1-كۈنى (يەنى مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، سەيشەنبە كۈنىدە،) سەئىدخان ...ئۆزى رەئىسلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىدى. بۇ خانلىق تارىختا ‹يەكەن خانلىقى› ياكى ‹ سەئىدىيە خانلىقى› دەپ ئاتالدى.»(5)
    لى جىنشىن يازغان «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن : « مىلادىيە 1514-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ( ھىجرىيە 920-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى) سەئىدخان غەلىبە بىلەن يەكەن شەھىرىگە كىردى. ئۇ دوغلات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە خانلىق تەختكە  ئولتۇردى.»(6)
   ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن يازغان «خوجىلار جەمەتى ھەققىدە» ناملىق ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: «1514-يىلى9-ئاينىڭ3-كۈنى سەئىد ھەر قايسى ئەمىرلەرنىڭ يۆلىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىقىپ، يەكەننى پايتەخت قىلدى، بۇ خانلىق تارىختا ‹يەكەن خانلىقى› دەپ ئاتالدى.»(7)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشى، بولۇپمۇ ئەينى دەۋرگە تەئەللۇق ئىشەنچلىك مەنبەلەرنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىشى سەۋەپلىك، يۇقىرىدىكى ئېنىقسىز مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. بۇنىڭدا بىز، ئەينى دەۋردىكى مەشھۇر تارىخىي شەخس مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان يېزىپ قالدۇرغان «تارىخىي رەشىدىي» ناملىق ئەسەرنى كۆزدە تۇتىمىز-ئەلۋەتتە. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقا ئىلىملىرىدە مۇكەممەل يېتىلگەن ئالىملىرىدىن ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇ كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئەينى دەۋردىكى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان خان جەمەتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن،شۇنداقلا دۆلەت ئىشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلگەن مەشھۇر دوغلات جەمەتنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۈچىنچىدىن، ئۇ سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئەنجاندىن قوشۇن باشلاپ كېلىپ كاشغەر، يېڭىھىسار،ياركەند ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، تارىختا مەشھۇر «يەركەن سەئىدىيە خانلىقى» نى قۇرۇش ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىر بىۋاستە ئىشتىراك قىلغان شاھىتلاردىن ئىدى. تۆتىنچىدىن ، ئۇ يېزىپ قالدۇرغان «تارىخىي رەشىدىي» ناملىق ئەسەر، دەل شۇ « يەركەن سەئىدىيە خانلىقى » نىڭ قۇرۇلىشى ۋە دەسلەپكى يىللىرىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر بولۇپ، بارلىق تارىخشۇناسلىق ساھەسى بىردەك ئېتىراب قىلغان ئەينى دەۋر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە 1-قول مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ«تارىخىي رەشىدىي» گە مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا،بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى كىتابىدا بۇ ھەقتە: «تارىخنىڭ 920-يىلى باش باھار مەۋسۇمى ئىدى، بارلىق ئۆزبېك پادىشاھلىرى سان-ساناقسىز لەشكەر ۋە سىپاھلار بىلەن ئەندىجان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ كەلدى. (سەئىد)خان ئۇرۇش قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي ئۆزبېك لەشكەرلىرى فەرغانە ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلمەستە موغۇلىستان ( ھازىرقى شىنجاڭ ) تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. يەتتەكەندكە كەلگەندە ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ مىرزا ئابابەكر (ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانى) نىڭ ئىنىسى تاغام سەييىدمۇھەممەد مىرزىنى كاشغەرگە ئالدىن ئەۋەتتى. خانمۇ توختاۋسىز يېتىشىپ كېلىپ كاشغەردە ئۇرۇش قىلىپ، كاشغەر لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، كاشغەر لەشكەرلىرى شەھەرگە بېكىنىۋالدى. خان ياڭىھىسارغا چىقىپ ياڭىھىسار قەلئەسىنى ئۈچ ئاي قورشاپ ياتتى، ئاخىر ياڭىھىسار ئەھلى تاغام سەييىدمۇھەممەد مىرزىغا ئىلتىجا قىلىپ قەلئەنى ئېچىپ بەردى. بۇ خەۋەر كاشغەرگە يەتتى، كاشغەردىكى لەشكەرلەرمۇ شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. قاچقان لەشكەرلەر ياركەندكە ـــ مىرزا ئابابەكرنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. مىرزا ئابابەكرمۇ قېچىشنى ئىختىيار قىلىپ خوتەنگە كەتتى، خانمۇ توختاۋسىز قوغلاپ مىرزا ئابابەكرنىڭ كەينىدىن لەشكەر ئەۋەتتى، ئۇلار تاكى تىبەت تېغىغىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باردى. خان كاشغەر (يەركەن سەئىدىيە) تەختىگاھىدا ئولتۇرغان ۋاقىت تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەجەپ ئېيى ئىدى.»(8) دېگەن ئۇچۇرغا ئېگە بولىمىز.
     ئىككىنچى كىتابىدا بولسا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ: «(سەئىد)خان تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا (مىلادى 1514-يىلى 4-،5-ئايلاردا) سۆيۈنچەكخان تېخى فەرغانە ۋىلايىتى چېگرىسىغا يېتىپ كەلمەستە، ئەندىجاندىن چىقىپ موغۇلىستان يولى بىلەن كاشغەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.»(9) دەپ ئۇچۇر بەرگەن. ئاندىن يۇقىرىدا دېگەندەك، «كاشغەردە ئۇرۇش قىلىپ، كاشغەر لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، كاشغەر لەشكەرلىرى شەھەرگە بېكىنىۋالدى.  خان ياڭىھىسارغا چىقىپ ياڭىھىسار قەلئەسىنى ئۈچ ئاي قورشاپ ياتتى.». ئاندىن كېيىن، «تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 1-كۈنى (مىلادى 1514- يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئىدى. ياڭىھىسار ئەتراپى مۇلجار (ھەربى نىشان) قىلىپ تەقسىم قىلىندى.»(10) ھەمدە شۇ كۈندىن باشلاپ «بەش كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. ھەر قايسى ئەمىرلەر ئۆز مۇلجارلىرىنىڭ لەخمىسى ئۈچۈن پۈتكۈل ۋۇجۇدى، بار كۈچى بىلەن كىرىشىپ، بارلىق سايە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشتى.»(11) «ئالتىنچى كۈنى (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 6-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى) پەلەك پادىشاھى غالىبىيەت ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئالتۇن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالەمنى يورۇق-روشەن قىلدى.»(12) يەنى، ياڭىھىسار قەلئەسى سۈلھى يولى بىلەن سەئىدخان تەرىپىدىن ئشغال قىلىندى.  ياڭىھىسار قەلئەسى ئشغال قىلىنغاننىڭ «ئۈچىنچى كۈنى (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى) خەۋەرچى يېتىپ كەلدى-دە : ‹كاشغەر ئەھلى شەھەرنى تاشلاپ ھەممىسى تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتتى، شەھەر خالى قالدى› دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.»(13) دېمەك، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەر-ئالاقە سۈرئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سەئىدخان يېڭىسار قەلئەسىنى ئشغال قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 7-كۈنى، مىلادى 1514- يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى) بۇ خەۋەر كاشغەر شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئەتىسى (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 8-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى) « كاشغەر ئەھلى شەھەرنى تاشلاپ ھەممىسى تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كەتكەن، شەھەر خالى قالغان». ئاندىن بۇ خەۋەر ئۇنىڭ ئەتىسى (ياڭىھىسار قەلئەسى ئشغال قىلىنغاننىڭ «ئۈچىنچى كۈنى»، يەنى ھىجرىيە 920- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى) يېڭىساردىكى سەئىدخاننىڭ ھوزۇرىغا يەتكەن.
     ئەمدى، سەئىدخان ۋە مىرزا ئابابەكرنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش- پائالىيەتلىرىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى ھىسابلاپ كۆرگىنىمىزدە : يېڭىسار قەلئەسىنى قورشاپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان سەئىدخانغا قارشى لەشكەر توپلىغان «مىرزا ئابابەكر ياركەندتىن ئىككى فەرسەڭ يىراقتىكى يەرگە كېلىپ چۈشكەندىن كېيىن لەشكەرلىرىنى بىر ياسال قىلدۇرۇپ كۆرمەكچى بولدى... شۇ ئەسنادا (سەئىد) خاننىڭ ياڭىھىسارنى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرى ئاڭلاندى. كاشغەر خەلقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇلارمۇ كاشغەر قەلئەسىنى تاشلاپ كېتىپ قالغانىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالى قالمىدى.»(14) بۇ يەردىكى مىرزا ئابابەكرنىڭ يېڭىىسار قەلئەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كاشغەر قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىنى، مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگاننىڭ «كاشغەر ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ياركەند كاشغەردىن تۆت كۈنلۈك يىراقتا»(15) دېگەن ئۇچۇرى بىلەن، يۇقىرىدىكى يېڭىسار بىلەن كاشغەر ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەر-ئالاقە سۈرئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، يېڭىسار قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتى، ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادى 1514- يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ. كاشغەر قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتى بولسا، ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 12-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ. ئاندىن كېيىنكى ئىشلارنى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مۇنداق خەۋەر قىلىدۇ: «مىرزا ئابابەكر ئىشنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ۋە قېچىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى كۆردى. شۇ ھامان خەزىنىگە كىردى-دە، ئېسىل توقۇلما، نەپىس ماتا، گۆھەر-ياقۇت، پروزا قاتارلىق جاۋاھىرات، ئالتۇن-كۈمۈش، ھەر خىل نەق پۇل ۋە باشقا بايلىقلارنى ئېلىپ مەملىكەتتىن ئىبارەت بۇ كېلىنچەكنى ئۈچ تالاق قىلدى. ياركەند ۋىلايىتىنى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا تاپشۇرۇپ ئۆزى بەدەر كەتتى.» (16). ئەمەلىيەتتە، مىرزا ئابابەكرنىڭ يېڭىسار ۋە كاشغەر قەلئەلىرىنىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ياركەندتىن ئىككى فەرسەڭ يىراقلىقتىدىكى جايدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتىمىغان بولساق، شۇنداقلا ئۇنىڭ قاچقان ۋاقتىدا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ خەۋەردار قىلىشىچە «توققۇز يۈز قېچىر ياكى توققۇز يۈز قاتار قېچىر» (17) لىق مال-دۇنيانى ئېلىپ ماڭغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، مىرزا ئابابەكرنىڭ ياركەندتىن ئىككى فەرسەڭ يىراقلىقتىدىكى جايدىن قايتىپ كېلىپ،« توققۇز يۈز قېچىر ياكى توققۇز يۈز قاتار قېچىر» تەييالاپ، ئۇ قېچىرلارغا خەزىنىدىكى مال-دۇنيالارنى ئارتىپ، ئاش- ئۇزۇق، يەم-خەشەك، قورال-جابدۇك راسلاپ، بىللە قاچىدىغان ھەمراھلىرىنى تەيىنلەپ ياركەندتىن قوزغىلىشىغا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئىش ئۈنىمى ۋە خەۋەر-ئالاقە سۈرئىتى بويىچە ئېلىپ ئېىتقاندا، ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى كۈن كېتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، مىرزا ئابابەكرنىڭ ياركەند ۋىلايىتىنى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا تاپشۇرۇپ ياركەندتىن قاچقان ۋاقتى، ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ14-كۈنى، مىلادى1514-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ.
     ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېنىقلىغىنىمىزدا، مىرزا ئابابەكرنىڭ ياركەند ۋىلايىتىنى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا تاپشۇرۇپ ياركەندتىن قاچقاندىن كېيىن، «جاھانگىر مىرزا تەخىتنى بەش كۈنگىچە ساقلاپ تۇردى. ئاتىسىنىڭ خېلى يىراققا ئۇزاپ كەتكەنلىك خەۋىرى ۋە (سەئىد)خان لەشكەرلىرىنىڭ يېقىنلاشقانلىق داغدۇغىسى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ خەزىنىدىن قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە مال-ئەشيالارنى ئالدى-دە، كېتىشنى خالىغان كىشىلەر بىلەن بىللە قاچتى. »(18) بۇ ۋاقىت ھىجرىيە 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 19-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بولىدۇ. «جاھانگىر مىرزا كېتىپ تۆت كۈندىن كېيىن خاجە ئەلى باھادىر ئۈچ يۈز كىشى بىلەن ياركەندكە يېتىپ كەلدى.»(19) بۇ ۋاقىت ھىجرىيە 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 23-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ.
      ئەمدى، ئاخىرقى ۋاقىت ئېنىقلىمىسى، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ياركەندكە يېتىپ كەلگەن ۋاقتى ۋە خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ «يەركەن سەئىدىيە خانلىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدا بولۇپ، بۇ ھەقتە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مۇنداق ئىككى خىل ئۇچۇر بېرىدۇ. بىرى، ئەسەرنىڭ قىرىق يەتتىنچى بابىدا : « خاجە ئەلى باھادىر (ياركەندكە) كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن (سەئىد)خان يېتىپ كەلدى.» (20) دەپ. يەنە بىرى، ئەسەرنىڭ قىرىق سەككىزىنچى بابىدا : «(سەئىد)خان خاجە ئەلى باھادىردىن يەتتە كۈن كېيىن (ياركەندكە) يېتىپ كەلدى ۋە ئومۇم خالايىققا (مىرزا ئابابەكردىن قالغان مال- دۇنيانى) تالان-تاراج قىلىشقا ئىجازەت بەردى.»(21) دەپ. بىز بۇ ئىككى خىل ئۇچۇردىن كېيىنكىسىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمىز. چۇنكى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدا : «ئۇلار (سەئىدخان باشچىلىقىدىكى ئاساسىي قوشۇن يېڭىساردىن ئاتلىنىپ) قىزىلغا يېتىپ كەلگەنىدى ‹جاھانگىر مىرزا ياركەندنى تاشلاپ كەتتى،  خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىردى› دېگەن خەۋەر كەلدى» (22) دېيىلىدۇ. دېمەك، سەئىدخان يېڭىسارنىڭ قىزىل دېگەن يېرىدە (شۇ ۋاقىتنىڭ قاتناش-ئالاقە سۈرئىتى بويىچە بولغاندا، ياركەنددىن ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپە يىراقلىقتىكى جايدا) خاجە ئەلى باھادىرنىڭ ياركەندكە كىرگەنلىكى ھەققىدە، خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىرىپ ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ كۈندىن كېيىن خەۋەر تاپىدۇ. ھەمدە، ئالدىدىكى ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپنى بېسىپ (خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىرىپ بەشىنچى ياكى ئالتىنچى كۈنى ) ياركەند ئەتراپىغا يېتىپ كېلىپ، بىللە كەلگەن دوغلات،بارلاس، جۇراس قاتارلىق توققۇز قەبىلىنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن كونا ئەنئەنە بويىچە قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. قۇرۇلتايدا سەئىدخان خان قىلىپ تىكلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان سەئىد «خان شەھەرگە كىرىشتىن ئىلگىرى مىر دائىمئەلىنى ۋە بەگمۇھەممەدنى خوتەننىڭ ھۆكۈمىتىگە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ھاجى مىرزا، سۇلتانئەلى مىرزا . . .قاتارلىق يەتتە سەردارنى مىرزا ئابابەكرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئەۋەتىدۇ... خان بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن (خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىرگەن ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 23-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن ‹يەتتە كۈن كېيىن›، ھىجرىيە 920- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 30-كۈنى، مىلادى1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21- كۈنى) سائادەت ۋە غالىبىيەت بىلەن ياركەند شەھىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئەرككە چىقىدۇ.» (23) بۇ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئاخىرى خان ياركەندكە قەدەم تەشرىپ قىلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، سۇدەك سۈزۈك تىغلىرىنىڭ سۈيى بىلەن زۇلۇم ئوتىنى ئۆچۈردى. »(24) دېگەن ئۇچۇرى بىلەن بىردەك بولۇپ چىقىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «(سەئىد) خان خاجە ئەلى باھادىردىن يەتتە كۈن كېيىن (ياركەندكە) يېتىپ كەلدى ۋە ئومۇم خالايىققا (مىرزا ئابابەكردىن قالغان مال- دۇنيانى) تالان-تاراج قىلىشقا ئىجازەت بەردى.» دېگەن ئۇچۇرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا: بۇ كۈن، سۇلتان سەئىدخاننىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىغان، شۇنداقلا بۇ خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى قېتىم تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئومۇمىي خالايىققا تۇنجى پەرمان چۈشۈرگەن كۈنىدۇر.
      يۇقارقى بىر قاتار ئېنىقلىمىلارنى يىغىپ خۇلاسىلىگەندە، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللاردىن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ 8-ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلىپ دەۋران سۈرگەن يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر يەرلىك ھاكىمىيەت ـــ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئېنىق قۇرۇلغان ۋاقتى، ھىجرىيە 920-يىلى (توڭغۇز يىلى) رەجەپ ئېيى (7-ئاي) نىڭ 30-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى سىنتەبىر (9-ئاي) نىڭ 21- كۈنى بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ۋە تەرغىبات ئىشلىرىدا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاساس قىلىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈپ قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ـــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:
(1) «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى، 1988-يىلى 12-سان، 56-بەت. ئىبراھىم نىياز : «تارىختىن قىسقىچە بايانلار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىلى نەشرى، 271-بەت.
(2) ۋېي لياڭتاۋ : «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى، 79-بەت.
  (3) ھاجى نۇر ھاجى  چېن گوگۇاڭ : «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 213-بەت.
(4) ھاجى نۇر ھاجى: «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىلى نەشرى، 109-بەت.
(5) ئەنۋەر بايتۇر خەيرىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-يىلى نەشرى، 940-بەت.
(6) لى جىنشىن: «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى نەشرى، 340-بەت.
(7) ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن: « خوجىلار جەمەتى ھەققىدە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 178-بەت.
(8) مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان: « تارىخي رەشىدىي» (1)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 285-بەت.
(9) مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان: « تارىخي رەشىدىي» (2)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 615-بەت.
(10) يۇقارقى كىتاب ، 671-بەت.
(11) يۇقارقى كىتاب ، 672-بەت.
(12) يۇقارقى كىتاب ، 677-بەت.
(13) يۇقارقى كىتاب ، 693-بەت.
(14) (16) يۇقارقى كىتاب ، 687-بەت.
(15) يۇقارقى كىتاب ، 555-بەت.
(17) يۇقارقى كىتاب ، 698-بەت.
(18) (19) (20) يۇقارقى كىتاب ، 688-بەت.
(21) يۇقارقى كىتاب ، 696-بەت.
(22) (24) يۇقارقى كىتاب ، 694-بەت.
(23) يۇقارقى كىتاب ، 695-بەت.


بۇ ماقالە «يەكەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. تەھرىرنىڭ بۇ ئەسكەرتىشنى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

8

تېما

25

دوست

5102

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1516
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 08:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 10:24  

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزلىكىدىن ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئەنئەنسىگە ئىگە.
ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريان بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
يۇقۇردا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە جەريانى بايان قىلنىپتۇ،تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت،
تۆۋەندە سەئىديە خانلىقىنىڭ يىمىرلىش جەريانىنىڭ تۈپكى سەۋەبىنى مۇنداق يەكۇنلەش مۇمكىن :

1.سۇلتان سەئىدخان ناھايىتى ئادالەتلىك كىشى بولغان.
ھەرقايسى ئىتقاد،ھەرقايسى قەبىلە، كىشىلىرىگە ئورتاق ئادىل مۇئامىلە قىلغان.كىچىك چوڭ، باي كەمبىغەل قىرى ياشنى ئايرىماي ھەممە كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاۋالقى ئورۇنغا قويغان.مەسىللەرنى مۇقىم قانۇن تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلغان. دىمەك بىر ئادالەت بىر ھاكىميەتنى بەرپا قىلغان.ئادالەت ئاستىدا ئورناتقان قانۇن شۇ ھاكىميەتنى يۈرگۈزگەن. خانلىقنىڭ يىمىرلىشىدا قانۇننىڭ ئادالەتسىزلىشىپ كەتكەنلىكىنىمۇ يوق دىگىلى بولماس.

2.شۇ دەۋىردە(15-16.ئەسىر) پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئەۋج ئىلىپ كەتكەن تەرىقەت سۈلۈكى سىەئىديە خانلىقى تېرتوريەسىگە سىڭىپ كىرگەندە ئىككى بۆلەككە بۆلنۈپ كەتكەن.
شۇ دەۋىردىكى ئىسلام خەلپىلكى بولغان ئوسمان ئىمپىريىسىدە بولسا تەرىقەت سۈلكىنىڭ بۇنداق بۆلۈنمە ھالەت شەكىللىنىشىگە قەتئى يول قويمىغان. ھەزىرتى باھاۋۇددىن نەقىشبەندى  ھەزرەتلىرىنىڭ يولىنى تۇتقان ئەھلى تەرىقەت پىشىۋالىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشقىيەچى،ئىسھاقىيەچى بولۇپ شەكىللىنىشىپ ئىدولوگيەلىك بۆلۈنمىچىلىك ھاسىل قىلىشىنى سەئىديە خان سۇلتانلىرى نىمىشقا توسىيالمىغان بولغىيدى؟ ئەجەبا ھەر ئىككى سۈلۈك ئەھلى بىر تەرىقەت يولىنى تۇتىدىغان تۇرسا؟
بۇنىڭدىن كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى ھەرقانداق ئىدقاد نەپسانىيەتچى كىشىنىڭ قولىغا قالسا دىننى ئۆز نەپسى خاھىشى،ئىستەك ئارزۇلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ.
نەپسانىيەتچى دىندارلار توختىماي سۈلۈك تەرغىباتى يۈرگۈزۈپ سەئىديە خانلىقىنى بىر مەزھەپ دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.خەلقنىڭ رايى شۇ بولغاندىكىن خان پادىشالارمۇ ئامالسىز قالغان. ئەسلىدىكى ھەرخىل قەۋىم (ئۇيغۇر ،قىرغىز،قازاق،مۇڭغۇل،ھىندى،پارىسى) ھەرخىل ئىدقاد(ئاساسلىقى ئىسلام، تاغلىق رايۇنلىرلاردىكى شامان، كەشمىر رايۇنلىردىكى بۇددا ۋە براخمان دىنى)تىن تەركىپ تاپقان ئۇنۋېرساللاشقان سەئىديە خانلىقى، ۋە ئىلىم مەرىپەت ئەھلى ، ئەھلى سۇننەت ئالىملىرىدىن تەركىپ تاپقان خەلقى، نەتىجىدە مەزھەپ جەڭگە جىدىلىگە تولغان رايۇنغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق ئەلنى غالدان سىرىننىڭ قالماق لەشكىرى ھوجۇم قىلىپ مۇنقەرزى قىلمىسىمۇ ئۇزۇنغا بارماي مۇنقەرز بولىشى مۇمكىن ئىدى.

3.خەلق ئىدىئولوگيەلىك ئاجىزلاپ كەتكەن.
تەرىقەت سۈلۈكىنىڭ مەركەزى ئىدىيەسى زاھىتلىق يولى بولۇپ ئۇشبۇ زاھىتلىق يولىغا كىرگەن كىشى ئىش ھەركەت قىلمايدۇ،پۇل تاپمايدۇ،كىچە كۈندۈز پەرز ئىبادەت نەپىلە ئىبادەت،روزا تۇتۇش،زىكرى قىلىش،بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزدۇ.ئۆزىنى ئاچ قويۇش،يالغۇز ياشاش ئارقىلىق نەپسىنى تەربىيە قىلىدۇ ۋە ئاللاھ غا بولغان ساداقىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە ناھايىتى مۇمىن ئەھلى سالىھ مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.ئاللاھقا بولغان چىن ئەقىدىسىنىڭ، ۋە ئىمانىنىڭ پاكىزلىقىدۇر.لىكىن بۇيەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى:ھەرقاندا زاھىت ئۆزى تۇتقان يولىنى داۋراڭ قىلىپ باشقىلارنى ئۆزنىڭ يولىغا كىرىشكە ئۈندىمەيدۇ. پەقەت ئۆزىلا ئۆزى ئىشەنگەن بويۇنچە ئىبادەت قىلىپ ئۆتىدۇ.مۇقەددەس دىنىمىزدا ھەركىم ئۆز تۇتقان يولى ئارقىلىق ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكى باردۇر.ئەمما سەئىديە ئىلىدە ئەۋج ئالغان تەرىقەت سۈلۈكى نەپسانىيەتچى دىندارلىرى ئۆزىنى پىر ئۇستاز جاكارلاپ كىشىلەرنى بەيئەت قىلدۇرۇپ نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ پىر ئۇستازنى ئىلاھلاشتۇرۋىلشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. بۇ سىپى ئۆزىدىن باتىل ئىتقادتۇر. پىر ئۇستازنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان خەلق خان پادىشانىڭ ئەمىر پەرمانلىرغا پىسەنت قىلمايدۇ ئەلۋەتتە..

4. ئىشلەپ چىقىرىش سودا سانائەت ۋەيران بولغان.
دىندارلار ئىجات قىلغان  ‹بۇ 6 كۈنلۈك ئالەم،› ‹يازمايسەن ئوقۇيسەن،سۆزلىمەيسەن ئاڭلايسەن›  پەلسەپىسى نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ روھى چۈشۈپ،ئىشلەپ چىقىرىش،سودا سانائەتكە كۆڭۈل بۆلمىگەن.خەلق بارغانسىرى نامراتلىشىپ كەتكەن، مەدىرسە، كىتاپ رىسالە دىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلگىدەك ھالى قالمىغان.چۇنكى كىتاپ رىسالىنى سوپى ئىشانلار چەكلىمىگەن تەغدىردىمۇ كىشىلەر بەكلا نامرات بولغاندىكىن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىدەك ھالى قالمايدۇ. كىتاپسىز،ئوقۇمۇشسىز كىشىنىڭ كۆزىگە دۇنيا تار كۆرنىدۇ.
ئۆزى بىلەنلا ھەپىلشىپ جان بىقىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ قالىدۇ دە ئەل ۋەتەنگە كۆڭۈل بۆلەي دىسىمۇ بۆلگىدەك قابىلىيتى بولمايدۇ.بۇنىڭ تۈپكى مەنبەسى شۇ كەمبىغەلچىلىك.

5. ئاخىرقى پادىشا سۇلتان ئىسمائىلخان ئاپپاق غوجىنى ئوچۇق ئاشكارا قەتلى قىلالماي  سەئىديە تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرۋەتكەندە كەينىدىن مەخپى نۆكەر ئەۋەتىپ ئۇجۇقتۇرۋەتمىگىنى ناھايىتى غەلىتە بىر ئىش! ئىسمائىلخان شۇنچە ئاخماق پادىشا بولغىيمىدى؟ياكى بەك ئاقكۆڭۈل بولغىيمىدى؟ ئاخماقلىق قىلغان بولسىمۇ،ئاقكۆڭۈللىكىمۇ ئۆزىنىڭ بىشىغا چىقتى ئاخىر.
غوجىلار ھاكىمىيتى:
غوجىلار ساختاپەز مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارلاپ دۇئايى ئىبادەتتىن زىرىكىپ ئاخىرى سەئىديە ھاكىمىيتىنى قولىغا ئالدى.كىشىنىڭ دۇئايى ئىبادەت قىلالايدىغانلىقى ئۇنىڭ بىلىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ ئەلۋەتتە. بىلىمسىز خوجا ئىشانلار بىر پۈتۈن ئەلنى قانداقمۇ باشقۇرالىسۇن؟ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى تەرىقەت يولى بىلەن ئىبادەت قىلىش بولمىغاندىكىن ئەسلى مەقسىدى غەزىنە دۇنيا يىغىش بولغاندىكىن خەلق بىلەن نىمە كارى! ئۆزىنى بىيىتىش بەدىلىگە‹خەلق قانچە كەمبىغەل بولسا شۇنچە ئاسان باشقۇرغۇلى بولدۇ› دىگەن مۇتەئەسسىپ كۆز قاراش بىلەن باشقۇرغان. بۇنداق تۈزۈم مۇتەئەسسىپ ئىدىيەدىنمۇ  بەكرەك دۇشمەنلىك ئىدىيەسى بولۇپ ھىچقاچان خەلقنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان نەپسانىيەتچىلەر خەلقنى مۇشۇنداق ئىدىيە بىلەن باشقۇرۇش نەتىجىسىدە ،كەمبىغەل، ئوقۇمۇشسىز، قالغان خەلق تولا توپىلاڭ قىلىپ يەنە ئۆزىنىڭ بىشىغا چىقتى. غوجىلار ھاكىمىيتى خەلققە زىيانكەشلىك قىلدى، خەلق غوجىلارنىڭ ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۋەتتى. بۇ بىر دۇنياۋى  قانۇنىيەت مەنتىقىسى.

0

تېما

0

دوست

796

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25929
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 15:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ كىملىكىنى بىلگەن بولساق؟

  

8

تېما

2

دوست

2407

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 18:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Weliyop تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 18:05  

بۇتارىخنى بىلىپ قويغۇلۇقكەن.

14

تېما

0

دوست

2092

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 19:10:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئىنچىكە، قايىل قىلارلىق ئىزدىنپسىز،سۈيۈندۈم.
قەلەم ئىگىسى ۋە يوللىغۇچىغا تەشەككۈر!

0

تېما

0

دوست

607

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2970
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 173
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 13:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esilzad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-7 13:19  
tengrikut يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 08:52
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزلىكىدىن ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ۋ ...


1.سىزنىڭ بىلىم سەۋىيىڭىزگە قايىلمەن، ئەمما دىندارلار دېگەن سۆزىڭىز قۇلاققا مۇش بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىكەن.
2. ئاخىرقى پادىشاھ ئىسمايىلخان ئاپپاق خوجىنى ئوچۇق ئاشكارا قەتلە قىلسا ھەقىقەتەن ئەخمەق پادىشاھ بولاتتى، چۈنكى ئاپپاق خوجىنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى بولغاچقا ئىچكى نېزا پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن ھەم دىن قېرىنداشلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن. شۇ ۋاقتتا پادىشاھ ئىسمايىلخاننىڭ يېشى 80 ياشتىن ھالقىغان بولۇپ، ئېھتىمال يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى كۆڭلىنىڭ يۇمشاق بولۇشىغا ھەم ھۆكۈمەتچىلىك ئىشلىرىدا جانلىق بولالماسلىقىغا سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.
3.ئىشلەپچىقرىش سودا-سانائەتنىڭ ۋەيران بولىشىغا كەلسەك، ئۇ يالغۇز سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ قالماستىن ئەتراپتىكى تاشقى سودا مۇھىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، شەرقتە مىڭ سۇلالىسى تۈگىمەس ئىچكى نىزالارغا تولغان، شىمالدا جۇڭغار قەبىلىسى موڭغۇللىرى ھەدەپ غەرپكە كېڭىيىۋاتقان، غەرپ قوشنىلىرى چار پادىشاھ ۋە ئېنگىلىزلارنىڭ غەربى شىمال ۋە غەربى جەنۇپ تەرەپتىن تاجاۋۇز قىلىۋاتقان جاھاننى ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان بولغاچقا سودا مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا تاشقى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالمىغان.
مېنىڭچە تارىخى مەسلىنى مۇھاكىمە قىلغاندىمۇ ئۇنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىنى  مەجبۇرى ھالدا دىنغا ۋە دىن ئۆلىمالىرىغا ئارتىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق، قەلپتىكى ئۆچمەنلىك باشقا گەپ، ئىلمىي مۇھاكىمە باشقا گەپ.

0

تېما

9

دوست

2217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 22:30:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )