قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1337|ئىنكاس: 15

بىلىمخۇمار:بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1544
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 14:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
بىلىمخۇمار

2014-يىلى7-ئاينىڭ 4-كۈنى
   

  مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى «كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى» دېگەن ماقالىسىدە 45يىللىق تارىخقا ئىگە، بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىرقىسىم ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. يەنى ئۇنىڭدا مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغاكىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسىنى چۈشەندۈردۈم. ئاشۇ تور بەتتە يەنەئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ تەربىيىسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ئۇچۇرلار باربولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدىن باشلاپ شۇلارنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرىمەن. مەزكۇرماقالىنى مەن ھازىرغىچە تەييارلىغان، قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى، ۋەبۆشۈكنىڭ پايدا-زىيىنى تېمىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ داۋامى، دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ماقالىداتونۇشتۇرۇلىدىغىنى بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى تەۋسىيىلەردىن ئىبارەت [1].
1.بىر-ئىككى ياشلىق بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
     بالىڭىز يېڭىدىن ماڭغاندانۇرغۇنلىغان «تۇنجى قېتىم» لارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى تۇنجى قەدەمنى ئېلىش بىلەن تۇنجى سۆزنى دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.بالىڭىزنىڭ ئالدىنقى نەچچە ئاي جەريانىدا سۆزلەپ يۈرگەن قالايمىقان سۆز بوغۇملىرى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق سەمىمىي سۆزىگە تەرەققىي قىلىدۇ.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى ئايىغى چىققان بالا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 دانە يېڭى سۆزنى ئۆگىنىدۇ. بالا بىر يېرىم ياشلارغا كىرگەندە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك سۆزلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر سۆز ئىبارىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئوخشىمىغان بالىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
    يېڭى ماڭغان بالىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ شىددەتلىك ھالدا ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بالىڭىزنىڭ ھەرخىل قىياپەتلەرگە كىرىۋېلىشى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەرىكىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىڭىز بىر كىتابنى ۋاراقلاپ، ئۇنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇغان قىلىقنى قىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئۇنىڭ كىچىك يېشىدىلا ساۋات چىقىرىش تەرەپكە قاراپ ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر ياشلىق بالىلار ئۆزىنىڭ كىچىك دۇنياسىدا بىر مۇستەقىل ياشاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. مەسىلەن،ئۇلار پايپاق بىلەن ئاياغلىرىنى ئۆزلىرى كىيىپ، ئۆزلىرى سېلىۋېتىدۇ. ئائىلەجابدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرى چىقىپ، ئۆزلىرى چۈشىدۇ. ھەر خىل نەرسىلەرنى ئۆزلىرى ئېچىپ، ئۆزلىرى ياپىدۇ. بۇ يېڭىدىن بايقىغان ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا قىلىش جەريانى كىتاب ئوقۇشقىچە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سىز يېڭى ئايىغى چىققان بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئەگەر ئۇ كىتابنى ئۆزى تۇتماقچى بولسا، ياكىكىتابنىڭ يېڭى ۋارىقىنى ئۆزى ئاچماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران قالماڭ.
2.بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر
(1) كىتابئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان قىلىش
    بالىڭىز بىر ياشقا كىرىپ،ئايىغى يېڭىدىن چىققان مەزگىلدە، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ۋە ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەشكە ئامراق كېلىدۇ. ئاشۇنداق مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بەرسىڭىز،بالىڭىز يېڭىدىن بايقىغان مۇستەقىللىقلىرىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ. ئوقۇيدىغان كىتاببىلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ئورۇننى بالىڭىزنىڭ ئۆزى تاللىسۇن. ئەگەر بالىڭىز كىتابنىئۆزى تۇتۇپ بەرمەكچى، ۋە يېڭى بەتنى ئۆزى ئېچىپ بەرمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزھەيران قالماڭ.
    گەرچە بالىڭىز كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە كۈلۈمسىرەش، كۈلۈشۋە سۆزلەپ كېتىش ئىشلىرىنى قىلىپ كەتمىسىمۇ، بالىڭىزنىڭ ئوقۇش ماتېرىيالى بىلەنمۇشۇنداق ئۇچرىشىشى بىر ساغلام ئۆگىنىش جەريانى بولۇپ، ئۇ بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنىچىقىرىشقا قاراپ ئالغان دەسلەپكى قەدەملەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(2) كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق بالىنىڭ تۆۋەندىكى بىر بالداقتىن يۇقىرىدىكى بىر بالداققاچىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش
    كىچىك بالىلار بىر ياشقاكىرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى كىمنىڭ كۆتۈرۈۋاتقىنىغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەممابالا يېشىغا توشۇپ، يېڭىدىن مېڭىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئاپا-دادىسى يېنىدابولمىسا قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالىڭىزغا دادىسى ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا سالام قىلىدىغان، ئاپىسى ئىشقا ماڭغاندا ئۇنىڭغا«خەير-خوش» دەپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويىدىغان مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسىڭىز،بالىڭىز دادىسى ۋە ئاپىسىدىن مۇشۇنداق ۋاقىتلىق ئايرىلىشنىڭ بىر نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ.

(3)ھەرىكەتتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش: بىرىنچى قەدەم، بىرىنچى كىتاب
    ئايىغى ئەمدىلا چىققان بالىلار بىر جايدا يىقىلىپ كەتمەي ئارانلا تۇرالايدىغان، ئۆي جابدۇقلىرىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان، ھەمدە بىر نەرسىنى تۇتماي بىر قانچە قەدەمنى ئاران ئالىدىغان ھالەتتەبولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا بالىلار ھەرگىز بىر جايىدا جىم تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ.بۇنداق ۋاقىتتا بالىڭىز باسقان ھەر بىر قەدەم تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ماھارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بالىڭىز ئويغاق تۇرغان ھەر بىر پەيت بالىڭىزغايېڭىلىقلارنى ئۆگىتىدىغان پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چوڭلار ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئولتۇرۇپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىش، ئەمما بالىلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. يېڭى ئايىغى چىققان بالىڭىز كىتابنى ئۆرە تۇرۇپ ياكى مېڭىپ يۈرۈپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن بولۇپ، سىز بۇنىڭغا يول قويۇڭ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بالىڭىزنىڭ كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.
(4) بېرىپ ئېلىش: كىتابنى بىللە ئويناپ تۇرۇپ ئوقۇش
     بىللە ئويناش يېڭى ئايىغى چىققان بالىنى بېقىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ، بىللە ئويناپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش تېخىمۇ شۇنداق. كىتابتىكى سۆزنى بىر باشتىن ئوقۇپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، بالىڭىزنىكى تابتىكى مەزمۇنغا مەلۇم بىر ئىنكاس قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. كىتاب ئوقۇشنى پات-پات توختىتىپ، بالىڭىزدىن «نېمىشقا ماۋۇ ئىش بۇنداق بولغاندۇ؟» دەپ سوراپ تۇرۇڭ، ھەمدە بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قىسمىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ بېرىڭ. گەرچەبالىڭىز سىزگە سۆز بىلەن ئىنكاس قايتۇرالمىسىمۇ، ئۇ كۈلۈمسىرەش، كۈلۈش، كۆزئىشارىتى قىلىش، ۋە ئادەتتىكى سۆز بوغۇملىرىنى ئىشلىتىپ سۆزلەش ئارقىلىق سىز ئوقۇپ بەرگەن كىتابقا ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بېرىپ-ئېلىش ئۇسۇلى كىتاب ئوقۇشنى سىز بالىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەت ئەمەس، سىز بىلەن بالىڭىز بىللە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
(5) ئۆزىنىڭ كىتابى: بىر نەرسىگە ئىگە بولۇشنى ئۆگىنىش
       يېڭى ئايىغى چىققان بالىلارئۆزلىرىنىڭ بوشلۇقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نەرسىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بىر ياشلىق بالىڭىز ئۈچۈن بىر كىچىك كۇتۇپخانا ياساپ بېرىش بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بالىڭىزغا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن بىر توپ كىتاب ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق سىز ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇشنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر مۇھىم ۋە ھۇزۇرلىنارلىق قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويالايسىز.بۇنداق قىلىش بالىڭىزغىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىتابنى تاللاش ئەركىنلىكىنى ئاتاقىلىدۇ. يېڭى ئايىغى چىققان بالىڭىزغا بىر كىچىك كۇتۇپخانا قۇرۇپ بېرىش ئۇنچىۋالاتەس ئىش ئەمەس. ئەگەر بىرەر «كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى» غا ئەزا بولۇپ كىرسىڭىز، ھازىرئەڭ دەۋر سۈرۈۋاتقان كىتابلارنى بايقاش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز. سىزتۇغقانلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزغا، بالىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە بايرام كۈنلىرىدە سوۋغات ئۈچۈن بالىڭىزغا ئويۇنچۇق ئەمەس، كىتاب ئېلىپ بېرىشنى ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىدىكى مەزمۇنلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
3.ئاخىرقى سۆز
    مەزكۇر ماقالىدا تەۋسىيەقىلىنغان ئىشلار بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان، ۋە قىلىش خېلى تەس بولغان ئىشلار بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئاق تەنلىك ۋە يەھۇدىي تونۇشلىرىمنىڭ ئۆيىدە، شۇنداقلا بالىلار ئوينايدىغان مەيدانلاردا ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ يېڭى ئايىغى چىققان بالىلىرىغا يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى كۆپ قېتىم كۆردۈم. ئۇ ئاتا-ئانىلار كۆزلىرىنى ئۆزبالىلىرىدىن بىرەر مىنۇتمۇ ئايرىمايدۇ. بالىسىنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بالىسى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسا ئۇنى دەرھاللا تۈزىتىدۇ. بىرەر ئىشنى ياخشى قىلسا بالىسىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماختايدۇ. ئۆز يېنىدىن ھەرگىزمۇبالىلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان كىتابلارنى ئايرىمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن باشلاپلا قايسى ئىشنى قىلسا بولىدۇ، قايسى ئىشنى قىلسابولمايدۇ، دېگەننى ئىنتايىن ئېنىق بىلىپ چوڭ بولىدۇ. ھەمدە كىتاب بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەن بولغاچقا، ساۋاتى تېز چىقىدۇ، شۇنداقلا ئالدىنقى ماقالىلەردە تىلغائېلىنغان ئېغىزاكى ۋە يازما ئالاقىلىشىش ئىقتىدارلىرىغا باي چوڭ بولىدۇ. بالىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن چوڭ قىلىش مانا ئاشۇنداق ئەجىرلەرنى تەلەپ قىلىدىكەن. ياپونىيەۋە ئامېرىكىدىكى كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مانا شۇنداق تەربىيىلەيدىكەن.شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارغائىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، بولسا ئۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساپالىق يېڭى ئەۋلادلارنى مانا شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا تەربىيىلەپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
قوشۇمچە:«دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى
    مەن تېخىچە ئاڭلاپ باقمىغان قېرىنداشلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئالدىنقى ماقالىدىكى «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى بۇ يەرگە ئەينەن كۆچۈرۈپ قويدۇم.
    «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنى قۇرغانلار يالغۇز مۇھەررىرلەر بىلەن نەشرىياتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن [2]، ئۇلار كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار كىتابلىرى نەشرىياتى ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاساسىي نىشانى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ناھايىتىمۇھۇزۇرلىنارلىق كىتاب ئوقۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.
     «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنىڭ باش شىركىتى 1965-يىلى بىر ياش ئاخباراتچى تەرىپىدىن نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى باشلىشىغا ئۆزىنىڭ بىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىدىن ئەڭ ياخشى دەرىجىدە خەۋەر ئېلىش ئىستىكى تۈرتكە بولغان. ئۇ بىرگۇرۇپپا بالا تەربىيىسى (child development) مۇتەخەسسىسلىرىنى يىغىپ، ياش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن«بوۋاق كىتابى» (The Baby Book) دەپ ئاتالغان بىر قوللانمىنى نەشر قىلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىلار ئارقىلىق تۇنجى قېتىم پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلارغا تارقاتقان.ھازىر بۇ كىتابنىڭ 42-نەشرى بېسىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 1965-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ياۋروپادا نەشر قىلىنىپ كەلگەن. 45 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلىغان.45 يىلدىن بۇيان «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلاردىن «دوكتور سيۇس» (Dr. Seuss)، «دىسنېي» (Disney) ۋە «بوۋاق ئېينىشتېين» (Baby Einstein) قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن.
     «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بالىلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىمىز. بىز ئۇلارنى ئۇلار ئەڭ ياخشىكۆرىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ باغرىمىزغا بېسىپ، ئۇلارغا بىر خىل بىخەتەرلىكتۇيغۇسى ئاتا قىلىمىز. ئۇلار ئويناش مەيدانىدا كۆرسەتكەن سېركچىلىك ئويۇنلىرىغاچاۋاك چېلىپ، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىمىز. ئۇلار بىلەن بىر دولقۇنلۇق كۆلدە سۇ ئۈزۈپ، بىز ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلارغا بولغان ھەۋىسىنى قوزغايمىز. ئەمما، شۇنداق بىر سوۋغات باركى، ئۇ بالىلىرىمىزغا يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايدۇ. ئۇبولسىمۇ بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش سوۋغىتىدىن ئىبارەت. ھەر كۈنى بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش، بالىڭىزغا ئۇنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋە ئۇنى جەلپ قىلىدىغان كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىش، ھەمدە ئۆزىڭىز بىر كىتاب ئوقۇش ئۈلگىسى بولۇپ بېرىش ئارقىلىق، سىزبالىڭىز كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ساۋاتىنى چىقىرالايسىز. بالىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيسىز. «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتى سىزنى بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىياللاربىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز سىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىزنىڭ سىزگە ۋە ئۆمۈر-بويى كىتاب ئوقۇغۇچى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بالىڭىزغا قانداق ياردەمدە بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.»
     بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالەبارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1]Literacy Skills: Ages 1-2
https://www.earlymoments.com/Promoting-Literacy-and-a-Love-of-Reading/1-2-years-old-Child-Development-Tips/
[2]Early Moments – Our Story
https://www.earlymoments.com/Our-Story/

رەسىملەر: يېڭى ئايىغى چىققان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش


1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم

0

تېما

8

دوست

2285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 20:47:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق ئىلغار ئىدىيە  ئوي پىكىرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆگىنىش كېرەك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

7

دوست

6317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1652
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 23:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apandim111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 00:01  

بىلىمخۇمار ئەپەندىم،بۇ تېمنى يوللاپ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز.مەنمۇ  بالام تۇغۇلۇپ بىرەر ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن، بالىلارغا ئائىت ھەرخىل كىتاپلارنى ئىلىپ،بالامغا داۋاملىق تۈردە ئوقۇپ بەردىم.ھەقىقەتەن بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولدى.بالامنىڭ كىتاپقا بولغان قىزىقىشى تەدىرىجى شەكىللەندى.ھازىر بالام  ئۈچ ياش 10ئايلىق بولدى.تەڭ ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ.ھازىر ئۇيغۇرئېلىببەسىنىڭ 32ھەرىپنى پۇتۇنلەي ئىگەللەپ بولدى.1-100گىچە بولغان ساناق سانلارنى تونۇيدۇ. سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى،ئىز،يىللارغا جاۋاپ قاتارلىق شېئىر-قوشاقلارنى يادىقا ئىيتىپ بىرەلەيدۇ.قۇرئاندىن 10سۇرىنى(قىسقاسۈرىلەر) يادىقا ئىلىپ بولدى. بىزگە داۋاملىق كىتاپ ئوقۇپ بىرشنى تەلەپ قىلىدۇ.تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللەيتى لىكىن ئەتىۋاپتىكىلەر ۋە چوڭلارنىڭ كىچىككىنە بالىغا بۇنچە كۆپ نەرسنى بىلدۈرۈشنىڭ ھاجتى يوق.سالامەتلىگە زىيانلىق تەبئى چوڭ بولسۇن دىگەن گەپلىرى بىلەن سەل ئۆزەمنى بېسىۋالدىم. بولمىسا ئامالىكىن...(پەقەت ئۆز قىزىقىشى ،خوشالىقى بويچە بولدى ھەرگىز زورلىمىدۇق)بۇ يەردە مەخسەت بالامنى ماختاش ئەمەس بەلكى قېرىنداشلارنىڭ بالىلىرىغا كۆپىرەك ۋاقىت ئاجىرىتىپ كىتاپ ئوقۇپ بىرىشنى،كىتاپقا بولغان قىزىقىشنى ئاشۇرۇشنى ئۆمۈت قىلىش بىلەن بىرگەپەرزەنىتلىرنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قېلىشنىڭ  ئاچقۇچى كىتاپ ئىكەنلىكى بىلۋالسا دىمەكچى.يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغان ۋە پەرزەنتىلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان دوستلارغا تەۋسىيەرىم ‹‹كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى››دىگەن كىتاپنى بىر ئوقۇپ باقساڭلار.ئوقۇڭلار لىكىن ئىجادى پايدىلىنىڭلار.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 00:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى قانداق كىتابلارنى ئوقوپ بەرسەك توغرا بولىدۇ ؟
بالا نەچچە ئايلىقتىن باشلاپ ئوقوپ بەرسەك ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ ؟
كۈنىگە قانچىلىك ۋاقىت ئوقوپ بەرسەك مۇۋاپپىق ؟

0

تېما

3

دوست

272

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29536
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 11:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر دانا توختىماي قىلاتتى خىتاپ،
بىلىمسىز كىشىلەر ئەما ھەم بىتاپ.
سورىدىم ئەملەشنىڭ دورىسى نېمە؟
ئۇ دېدى كىتاپتۇر،كىتاپتۇر،كىتاپ.

كىتاپنى سۆيگەن بالىنىڭ يامان يولغا كىرىپ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشى يوقنىڭ ئورنىدا.

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29348
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 11:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايدىلا بۇ تىيمىلىرى  ياخشى تىيما ئىكەن.

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3362
توردىكى ۋاقتى: 797
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 11:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن .
مەزكۇر تېمىدا دىيىلگەن مەزمۇنلارغا ھەربىر ئاتا - ئانا بولغۇچى چۇقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك .
يۇقۇرى ساپالىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن كىچىكىدىن باشلاپ جاپالىق ئەجىرلەنى سىڭدۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ .
رەھمەت سىزگە بىلمخۇمار ئەپەندىم .

0

تېما

0

دوست

796

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25929
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 22:17:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز ئەكىن ئەپەندىم. خۇش بولدۇق!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )