قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1036|ئىنكاس: 5

[قانۇن]مىراس بۆلگەندە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:32:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9a504fc2d5628535a9caddce91ef76c6a7ef6332.jpg

مىراس بۆلگەندە  دىققەت قىلىدىغان  مەسىلىلەر
مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ،ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى يۈز بىرىدۇ.مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقوقى باركىشى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا ،مىراس بۆلۈشۈش مەسىلىسى يۈزبىرىدۇ،شۇڭا مىراس بۆلگەندە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك:
1.        مىراس دائىرسىنى چوقۇم ئىنىق بىكىتىش كىرەك.مىراس بىلەن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۈلۈك دائىرسىنى ئايرىشقا دىققەت قىلىش لازىم.ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ 26-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن : مىراسنى بۆلگەندە، ئەر-خوتۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە تاپقان ئورتاق مال-مۈلۈكنىڭ پۈتۈن بارلىرىدىن باشقىلىرىنى بۆلۈشكە توغرا كەلسە، ئاۋۋال ئورتاق تاپقان مال-مۈلۈكنىڭ يېرىمى جورىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن، قالغىنى مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ مىراسى بولىدۇ.مىراس ئائىلىنىڭ ئورتاق مال-مۈلكىگەئارىلاش بولسا، مىراس بۆلۈش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن باشقىلارغا تەئەللۇق قىسمىنى ئايرىۋىتىش كېرەك.
2.        مىراس بۆلۈشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ۋەسىيەت ۋە ۋەسىيەت بىلەن ھەدىيە قىلىش –بىقىش كىلىشىمى قالدۇرغان –قالدۇرمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كىرەك.ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ 5-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ؛ ۋەسىيەت قىلىنغان بولسا، ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە قىلىش ۋەسىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ. ۋەسىيەت بىلەن ھەدىيە قىلىش يار-يۆلەك بولۇش كېلىشىمى بولسا، كېلىشىم بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ، ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مىراسنىڭ شۇنىڭغا ئالاقىدار قىسمى قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
(1) ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىقتىن ۋاز كەچسە ياكى ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچسە؛
(2) ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان بولسا؛
(3) ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋە ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى كىشى ۋەسىيەت قىلغۇچىدىن ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتسە؛@
(4) ۋەسىيەتنىڭ كۈچكە ئىگە بولمىغان قىسمىغا دائىر مىراسلار؛
(5) ۋەسىيەتتە بىر ياقلىق قىلىنمىغان مىراسلار.
3.        مىراس بۆلۈش ۋاقتىدا ھامىلىگە تىگىشلىك مىراس ئۈلۈشى ساقلاپ قويۇشى كىرەك ،ھامىلە ئۆلۈك تۇغۇلسا ،ساقلاپ قويغان مىراس ئۈلۈشى قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
4.        مىراس بۆلۈشۈش ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىھتىياجىغا پايدىلىق بولۇش ،مىراسنىڭ ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كىرەك .بۆلۈش ئەپسىز بولغان مىراسلارنى باھاغا سۇندۇرۇپ ،لايىقىدا ھەق بىرىش ياكى ئورتاق مۈلۈك قىلىپ قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.:
5.        بىر رەتتىكى ۋارىسلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراس ئۈلۈشى ئومومەن تەڭ بولۇشى كىرەك ،تۇرمۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىق بولغان ،ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ۋارىسلارغا مىراس بۆلگەندە ئىتىبار بىرىشى كىرەك.مىراس قالدۇرغۇچى ئالدىدا ئاساسلىق بىقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى مىراس قالدۇرغۇچى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋارىسلارغا مىراس بۆلگەندە كۆپرەك بۆلۈنسە بولىدۇ.بىقىش شارائىتى ۋە بىقىش ئىقتىدارى تۇرۇپمۇ بىقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋارىسلارغا مىراس بۆلگەندە بۆلۈنمىسىمۇ ياكى ئازراق بۆلۈنسىمۇ بولىدۇ.ۋارىسلار كىلىشىپ پۈتۈشسە تەڭ بۆلۈنسىمۇ بولىدۇ.ئورۇن باسار ۋارىسلىق دىگەندە:مىراس قانۇنىنىڭ 11-ماددىسىدا ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ پەرزەنىتلىرى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ،شۇ پەرزەنىتنىڭ بىۋاستە قانداش ئەۋلادلىرى ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلغۇچى بولىدۇ.ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئادەتتە ئۆزئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ۋارىسلىق ھوقوقى بولغان مىراس ئۈلۈشىگىلا ۋارىسلىق قىلالايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك تۆت شەرت ھازىر لىنىشى كىرەك:
1.ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىنغۇچى جەزمەن ۋارىسلىق باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى كىرەك.بولمىسا ئورۇن باسار ۋارىسلىق مەۋجۇت بولمايدۇ.
2.ئورۇن بىسىلغۇچى چوقۇم ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ پەرزەنتى بولۇشى كىرەك،«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغۇرسىدىكى پىكىرى»نىڭ 26-ماددىسىدا ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ بىقىۋاتقان پەرزەنىتلىرى ۋە بىقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي پەرزەنىتلىرىنىڭ تۇغقان پەرزەنىتلىرى ئورۇن باسار ۋارىس بولىدۇ،ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزپەرزەنىتلىرىنىڭ بىقىۋالغان پەرزەنىتلىرى ئورۇن باسار ۋارىس بولسا بولىدۇ.ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ بىقىۋالغان پەرزەنىتلىرىنىڭ بىقىۋالغان پەرزەنىتلىرى ئورۇن باسار ۋارىس بولسا بولىدۇ، ۋارىسلىق قىلىنغۇچى بىلەن بىقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي پەرزەنىتلەرنىڭ بىقىۋالغان پەرزەنىتلىرىمۇ ئورۇن باسار ۋارىس بولسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
3.ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلغۇچى جەزمەن ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ بىۋاستە تۇغقىنى بولۇشى شەرت.«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغۇرسىدىكى پىكىرى»نىڭ 25-ماددىسىدا:ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئوغۇل تەرەپ نەۋىرلىرى،قىز تەرەپ نەۋىرىلىرى ۋە ئوغۇل تەرەپ ئەۋلادلىرى،قىزتەرەپ ئەۋلادلىرى ئورۇن باسارۋارىسلىق قىلغۇچى بولسا بولىدۇ.ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىش بوغۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ دەپ بەلگلەنگەن.
4.ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ ئورۇن باسارلىق ھوقوقى ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ۋارىسلىق ھوقوقى ئاساسىدا شەكللنىدۇ،ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ۋارىسلىق ھوقوقىدىن مەھرۇم بولسا ،ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلىش ھوقوقىمۇ شەكىللەنمەيدۇ

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 22:07:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتىمۇ ياخشى يېزىپسىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

9

دوست

2217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 21:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپ تۇ
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 14:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى چۈشنىشلىك قلىپ ئىپادىلەپسىز  . .

0

تېما

0

دوست

494

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29049
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 15:30:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قلېڭزغا دەت بەرمېسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )