ئىلىدىكى رىۋايەتلەر ۋە نوزۇگۇم ئىبرەت
ئىلىدا تۇغۇلۇپ، ئىلىدا ئۆسۈپ، ئىلىدا خىزمەت قىلىپ، ئاخىرى ئىلىدا ئالەمدىن ئۆتكەن مەرھۇم ئابدۇساتتار ناسىرى ئاكا ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن، ئەدەبىيات، تارىخ ساھەسىدە ئاز ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ساز ئىشلىگەن، تارىختىكى پىنھان مەسىلىلەرنى ئىخچام، تېتىملىق قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەن، رەنجىش ۋە رەنجىتىشتىن خالىي قەلەم ساھىبلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇ قەدىمىي كىتابلاردىكى بىرەر جۈملە سۆزدىن چوڭ بىر تارىخىي ئىشلارنىڭ ئۇچۇر دەرۋازىسىنى ئېچىشقا تولىمۇ ماھىر ئۇستازلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قەلبى شائىر، ئۆزى ئۆتكۈر كۆزلۈك سەزگۈر تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلا مۇڭداشقان ئادەم نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىپ قالاتتى. ئۇنىڭ قىسقا ھەم ئاز يازغان شېئىرلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرسە، تىرەن مەنىگە ئىگە تارىخىي ماقالىلىرى ئوقۇغان كىشىنى ئويغا سالاتتى.
ئابدۇساتتار ناسىر ئاكىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ "شەجەرەئىي تۈرك" ناملىق دۇنياغا مەشھۇر ئۇلۇغ ئەسىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ئەلگە سۇنۇشى ئەلنى سۆيۈندۈرىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ بىرى.
ئابدۇساتتار ناسىر ئاكا ئادەملەرگە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان، ھەسەت قىلمايدىغان، تۆر تالاشمايدىغان، كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەرنىڭ ئەجىر مېۋىلىرىدىن ئالەمچە سۆيۈنىدىغان، كەڭ قورساق، خۇش مىجەز، شائىرانە ئادەم ئىدى. ئاخىرى خەيرلىك بولغاي.
ئابدۇساتتار ناسىرى ئاكىغا تۆۋەندىكى ھېكمەت بىلەن ئەڭ توغرا باھا بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن:
نەپسىنى بىلگەن ئۆزىنى بىلىدۇ. ئۆزىنى بىلگەن ھەددىنى بىلىدۇ. ھەددىنى بىلگەن رەببىنى بىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بىر قانچە غايىپ بار، مەسىلەن: دىدار غايىپ، رىزقى غايىپ، نىكاھ غايىپ. بۇلارغا ئابدۇساتتار ئاكا شائىرلىقتا ئىلھام غايىپ دەپ قوشۇپ قويغانىدى. بىز بىر يۇرتتا ئابدۇساتتار ناسىر ئاكا بىلەن قەدىردانلىق قىلىپ، مۇڭدىشىپ، سىردىشىپ يەنە شۇنداقلا ئابدۇساتتار ئاكىنىڭ قىززىق-قىززىق گەپلىرىگە كۈلۈشۈپ ئۆتكەن ئادەملەر. ئەنە شۇ ئابدۇساتتار ئاكا بىزلەرگە نوزۇگۇم ۋە ئۇنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ قوشاقلىرى شۇنداقلا قەبرىسى ھەققىدە نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. شۇنداق ئىزدىنىشلىق سۆھبەت، ئەنجۈمەنلەر ئىلىدا ئىككى داڭلىق كىشىدىن ئىككى ئەسەرنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى. ئۇنىڭ بىرى شائىر ئابلىز ھوشۇر ئاكا يازغان "نوزۇگۇم" داستانى، يەنە بىرى مەمتىمىن ھوشۇر يازغان "نوزۇگۇم" ناملىق پوۋېست. ئىلىدا موللا بىلالدىن كېيىن نوزۇگۇم ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن شائىر-يازغۇچىلىرىمىزدىن ئابلىز ھوشۇر بىلەن مەمتىمىن ھوشۇر ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. شۇنداقلا بۇ تارىخىي ئەسىرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشىدا ئىلىدىكى تارىخچى تېيىپجان ھادى بىلەن ئابدۇساتتار ناسىرىلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىنىڭ زورلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئابدۇساتتار ناسىر ئاكا ھايات چېغىدا بىر سۆھبىتىمىزدە شۇنداق دېگەن ئىدى: ــــ دۇنيادا بۇنداق مۆجىزىلىك ئادەملەر ئىنسانىيەت ئارىسىدىن كەم تېپىلىدۇ، قانداق ئادەملەر دېسەڭلار، ئۆز ھاياتىنى ۋە شۇ دەۋرنىڭ يارقىن كارتىنىسىنى ئۆزى ئېيتقان ناخشىلار بىلەن ھەم ئۆزى توقۇغان قوشاقلار بىلەن مەتبۇئات بولمىغان ئەھۋالدا خەلق قەلبىگە ئۆچمەس سىياھلار بىلەن يېزىپ قالدۇرغان كىشىلەر. مانا بىزدە نوزۇگۇم، سادىر پالۋان، سېيىت نوچى، ئېلاخۇن كۆككۆز قاتارلىق تارىخىي سىمالار تارىخنى قوشاقلىرى بىلەن، ناخشىلىرى بىلەن يېزىپ كەتكەن تارىخىي سىمالاردۇر. يەنە بىر قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە ئابدۇساتتار ئاكا گەپ ئارىلاپ نوزۇگۇم ۋە ئۇنىڭ ئىلىدىكى كەچۈرمىشى ھەققىدە سۆزلەپ: ــــ نوزۇگۇم قاتارلىق ئىلىغا پالانغان كىشىلەر ئاخىرى كېلىپ موڭغۇلكۈرەدە توختىغان. سەۋەب، ئىلىدىكى قۇل سېتىش بازىرى ئەينى چاغدا موڭغۇلكۈرەدە ئىدى. شۇ موڭغۇلكۈرە قۇل بازىرىدىن سېتىلغان نوزۇگۇم ھازىرقى بايىنغۇلىن تەۋەسىدىكى يۇلتۇز دېگەن يەرگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىلگەن ھەم شۇ يەردىن پۇرسەت تېپىپ كۈنەسكە قاراپ قاچقان. نوزۇگۇم كۈنەس تەۋەسىگە كېلىپ بىر تاغنىڭ ئۆڭكۈرىگە كىرىۋېلىپ پاناھلانغان ۋە ئۆڭكۈر ئىچىدىن كەپتەردىن ئۈچنى تۇتۇپ باغرىغا بېسىپ يېتىۋالغان، چۈنكى نوزۇگۇم يۇلتۇزدا تۇرغان ئاز مەزگىل ئىچىدە موڭغۇللارنىڭ قاچقان قۇللارنىڭ ئارقىسىغا ئىزچى سېلىپ تۇتۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، شۇڭا ئىزچى ئۆڭكۈر ئالدىغا كېلىپ قالسا قولىدىكى كەپتەرلەرنى قويۇپ بېرىپ ئۆڭكۈر ئىچىدە ئادەم يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. راست دېگەندەك ئىزچىلار نوزۇگۇمنى قوغلاپ كېلىپ ئۆڭكۈر ئالدىغا كەلگەن، ئەمما ئۆڭكۈر ئىچىدىن ئۇچۇپ چىققان ئۈچ كەپتەر ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ ئۆڭكۈردە ئادەم يوقكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويغان، نوزۇگۇم بولسا تۇنجى قېتىم رەقىبى بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ ئاجايىپ زېرەكلىكى بىلەن قۇتۇلۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۈنەس تەۋەسىدىكى ئاشۇ ئۆڭكۈر ئۈچ كەپتەر دەپ ئاتىلىپ قالغان، ئۇ يەرنى ھازىرمۇ ئۈچ كەپتەر دەپ ئاتايمىز، ــــ دەپ بەرگەنىدى. ئۇستاز ئابدۇساتتار ئاكىنىڭ بۇ گەپلىرى ئەينى ۋاقىتتا بىزگە تۇرۇپ رىۋايەتلەردەك، تۇرۇپ ئەپسانىلەردەك ۋە ياكى تارىخىي ۋەقەلەردەك تۇيۇلغان بولسىمۇ نوزۇگۇمنىڭ ئىسىم-سىماسى بىلەن قوشۇلۇپ قەلبىمىزدە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. مانا ھازىر قاچانلا نوزۇگۇمنىڭ تەرىپ-تەۋسىپلىرى بولسا كۈنەس ئۈچ كەپتەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئابدۇساتتار ئاكا سۆز ئارىسىدا يەنە: ـــــ ئىلىدا قەھرىمان قىزلىرىمىزدىن، مايمىخاننىڭ مازىرى دادامتۇ يېزىسىغا تەۋە چۆلباغ دېگەن يەردە ئىدى، نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئىلىدا بولسىمۇ تا ھازىرغىچە تېپىلمىدى. "نوخېنىم" دېگەن مازارنىڭ ئۇچۇرى بولسىمۇ قەيەردىلىكى ئېنىق ئەمەس. رىزۋانگۈلنىڭ مازىرى سۈيدۈڭدە. مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندە قىزلىرىمىزغا شەرمى-ھايانىڭ ئۈلگىسى، ئەھدۇ-ۋاپانىڭ نەمۇنىسى، ئەل ۋە تەن سۆيگۈسىنىڭ نامايەندىسى، جان پىدالىقنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە بىزلەرگە تىرىك دەرس بېرىپ تۇرۇپتۇ. راست، ئىناق-ئىتتىپاقلىق، ھەمدەملىك ۋە مېھرىبانلىق، راستچىللىق، سەمىمىيلىك، ئىپپەت ۋە شەرمى-ھايا تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ نوزۇگۇم ئانىمىزنىڭ مەقبەرىسىنىڭ تېپىلىشى ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۈچۈن كاتتا ئەخلاق دەرسلىكى ئەلۋەتتە.
غۇلجىدا 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چارشەنبە يامغۇرلۇق بىر كۈن بولدى. تومۇز ئايلىرىدىكى مۇنداق سالقىن ھاۋا كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. شۇ كۈنى ئالدىنقى ماقالىمىزدە تىلغا ئالغان ساتتار ئاكىنى يوقلاپ قويۇش ئۈچۈن بۇلاقبېشىغا چىققان ئىدۇق. ساتتار ئاكىنىڭ كۆلىگە يېقىنلاپ كېلىشىمىز بىلەن يىراقتىكى نوزۇگۇم مەقبەرىسى ئەتراپىدا بىر نەچچە قىز-چوكانلارنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. قورۇدا ساتتار ئاكىنىڭ كېلىنى بار ئىكەن، ساتتار ئاكا كۆرۈنمەيتتى، بىز سوئال نەزىرىمىز بىلەن ساتتار ئاكىنىڭ كېلىنىگە قارىغان چېغىمىز، كېلىن تارتىنىپراق قولىنى ئۇۋۇلاپ: ــــ كۈندە ماشىنىلىق كىشىلەر ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ، باياتىن بىر قانچە ماشىنا چىققاندەك قىلغان كىرىپ كەتتى بولغاي، ئاۋۇ قىزلار باياتىن چىققان ئايلىنىپ قايتماپتىغۇ تاڭ، ــــ دەپ بىزگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى. بىز ئۇنىڭدىن ساتتار ئاكىنى سورىغاندىن كېيىن قەبرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. راست دېگەندەك، چىرايلىق ياسانغان بىر قانچە قىز-چوكان نوزۇگۇم مەقبەرىسىنى ئايلىنىپ، كۆل بويىدا قوللىرىنى يۇيۇشۇپ بۇ يەرنى سەيلى قىلىۋاتاتتى، مەن ئۇلار بىلەن سالاملاشقاچ: ـــــ سىلەر بۇ قەبرىگە قانداق چىقىپ قالدىڭلار؟ ـــــ دەپ سوراپ باقتىم، قىزلار ئارىسىدىكى ئورۇق، ئېگىز كەلگەن بىر قىز تارتىنىپراق ماڭا قاراپ: ــــــ بۇ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى، مۇشۇ ئەتراپتىكى يۇرتلاردىن ئۈزۈلمەي مۇشۇنداق قىز-يىگىتلەر كېلىپ، يانلىرىدىن پارچە-پۇرات پۇللىرىنى چىقىرىپ سەدىقە بېرىپ كېتىدۇ، ــــ دەپ ھېلىقى قىزنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى. ــــــ مەن دېمەكچى،ــــــ دېدىم مەن مەقسىتىمنى چۈشەندۈرۈپ، ــــــ بىز ئۆتكەندە نوزۇگۇم قەبرىسىنى ئاز-تولا يېزىپ تورغا چىقارغان ئىدۇق، سىلەرنى شۇنى كۆرۈپ كەلدىمىكىن دەپ قاپتىمەن، ــــــدېيىشىمگە، ئاقپىشماق، چىرايلىق بىر قىز گەپ ئېچىپ: ــــــ توردىنمۇ كۆردۇق، ئۇندىن بۇرۇنمۇ بىلەتتۇق بىز، ــــــ دېدى. ــــــ شۇنداقمۇ؟ ــــــ دېدىم قىزغا جاۋابەن. راست دېگەندەك، قەبرە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان دەپتەر، قەغەزلەردە بۇندىن ئوننەچچە يىللار بۇرۇن، نوزۇگۇم مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ نوزۇگۈم قەبرىسى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان خاتىرە خەتلىرى ۋە ئىمزالىرى ساقلانغان ئىدى. قىزلار بىزدىن ئۇيالدى بولغاي، بىردەمنىڭ ئىچىدە قۇمۇشلۇقلار ئارىسىدا غايىپ بولدى. بىز سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇردىن يوپۇرماقلىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئورمان ۋە تىپتىنچ قۇمۇشلۇقلارنى ئارىلاپ ساتتار ئاكىنىڭ كۆل بويىدىكى قورۇسىغا يېتىپ كەلگەندە ساتتار ئاكىمۇ قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ــــــ ھە، چىقىپ قالدىڭلار؟ــــــ دېدى ساتتار ئاكا ئالدىرىماي سۆز قىلىپ بىزنى بۈگۈلىكىگە باشلاپ. بىز ئولتۇرۇپ بىر پەس ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن: ــــــ قىز-ئاياللارمۇ جىق چىقىدىكەن ھە ساتتاركا؟ــــــ دەپ سورىدىم. ساتتاركام ماڭا قاراپ كېتىپ: ــــــ ئەزەلدىن شۇنداق. بىزلەر بالا چاغلاردىمۇ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى دەپ ئۈزۈلمەي ئادەملەر چىقاتتى. ئۇ چاغلاردا قەبرىنىڭ ئالدىدا ئېتىكاپخانا دەپ ياغاچ بىلەن كۆركەم سېلىنغان چوڭ بىر ئۆي بار ئىدى، ئالدى تەرەپ ئوچۇق. شۇنىڭ تۈۋرۈك، تاملىرىغا نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىگە كەلگەنلەر تالاي خەتلەرنى يېزىپ، ئويۇپ قويغانلار جىق ئىدى. ھازىر ئۇ ئۆيلەرنى ئۆرۈپ، قەبرە تاملىرى بۇزۇلۇپ ئۇ خەتلەر نەلەرگە كەتتى. ــــــ ھازىرمۇ قەبرە ئىچىدىكى بىر كونا دەپتەرگە شۇنداق خەتلەر يېزىلغانىكەن دېدى ئارىمىزدىكى بىرى. ساتتار ئاكا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ: ــــــ ئۇ دەپتەردىكىسى يېقىنقى زاماندىكى گەپلەر. گۈمبەزنىڭ ئىچىدىكى تام-تورۇسلاردىمۇ جىق خەتلەر يېزىقلىق ئىدى. ھېلىقى ساراڭ ھە دېسە لاي چاپلاپ، سۇۋاۋېرىپ ئۇنىمۇ يوق قىلدى. سىلەرگە دەپ بەرسەم، نوزۇگۇم ھەققىدە ئىككى گەپ بار، بىرسى مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش، يەنە بىرسى مۇشۇ تۆڭگۈرەكتە ھەممە بىلىدىغان بىر ئاڭلىغان گەپ، ــــــ دېدى. ــــــ قېنى، قېنى ئاڭلايلى، نوزۇگۇمنىڭلا گېپى بولسا ئاڭلايلى،ــــــ دېيىشتۇق ساتتاركامنىڭ ئاغزىغا قاراپ. ساتتاركام ئۆزىنى رۇسلاپ: ــــــ ئاڭلىغان گەپ، قايسى ئاي قايسى كۈنلەركىن مۇشۇ گۈمبەز ئىچىدىن چىلەك كۆتۈرۈپ قىزىل كۆينەكلىك بىر چوكان چىقىدۇ دەيدۇ خەقلەر، ئەمما مەن كۆرۈپ باقمىدىم. يەنە بىرى، مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش، ئۇزۇن يىللار بوپ كەتتى، مېنىڭ خەرسەن دەيدىغان بىر ئاغىنەم بار ئىدى، ئۇ بىر قانچە قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، بۇ كۆلدىن ئۆردەك ئېتىۋالسام دەپ ماڭا ناھايىتى باش ئاغرىقى قىلغان ئىدى، بوپتۇ ئاتساڭ ئات، دېدىم بىركۈنى. ئەمما كۈندۈزى ئاتمايسەن كېچە كېلىپ ئات، دەپ رۇخسەت بەرگەن ئىدىم. بىر كۈنى كەچ مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ مۇنۇ گۈمبەز تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولدى. بىز ئاش-تامىقىمىزنى يەپ، دەم ئېلىپ ئۇنتۇپلا كېتىپتۇق. بىر ھازادا قارا دېگەندەك قىلدى، قارىساق پۈتۈن ئۈستى-بېشى سۇغا چىلىشىپ كەتكەن خەرسەن ئۆيگە ئۆزىنى ئېتىپ كىرىپ، سۇپا قىرىغا ئاران ئۆزىنى ئالدى. زۇۋانى گەپكە كېلەر ئەمەس، يۈزلىرىگە سۇ چاچقان بولدۇق، بىر پەستىن كېيىن ئاغزى ئاران گەپكە كېلىپ، «ئۆدەك ئاتاي دەپ قوناق شاخلاردا كەپە ياساپ ئەمدى يوشۇرۇنۇپ ئولتۇرسام، ئۆدەك كەلگەندەك قىلدى، ئىككى قېتىم ئاتساق تەگمەي قالدى. ئۈچىنچى قېتىم ئاتاي دەپ تۇرۇشۇمغا يېنىمدىكى كۆلنىڭ قىرىغا بىر ئايال كېلىپ ماڭا يېنىنى قىلىپ توختىماسمۇ، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئاخىرى ئۆزۈمنى كۆلگە قانداق ئېتىۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن، ئاران دېگەندە سېنىڭ ئۆيۈڭگە ئۆزۈمنى ئالدىم» دېدى. مانا مۇشۇ مېنىڭ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش،ــــــ دېدى ساتتار ئاكا سۈرلۈك ھېكايىسىنى توختىتىپ بىزلەرگە تەكشى قاراپ. «ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك» دېگەن مانا مۇشۇ. ئەل ئىچىگە ئېگىلسەڭ قۇرۇق قول يانمايسەن، ئەل ئىچىدىن ئەپسانىلەرنى، ئەل ئىچىدىن رىۋايەتلەرنى، ئەل ئىچىدىن چۆچەك ۋە تارىخىي ئۇچۇرلارنى خۇددى ئەسەر-ئەتىقە قېزىۋالغاندەك قىممەتلىك گۆھەرلەرنى يىغىۋالالايسەن. مويسىپىتلىرىمىز ئامان بولسۇن! مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
|