- تىزىملاتقان
- 2014-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2161
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
5.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 17:03
كاشغەر تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
كاشغەر (قەشقەر) شەھىرى، بىر سەھرا بوستانلىغى شەھىرىدۇر. ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھىرىستانلىرىدىن بىرى بولغان كاشغەر شەھىرىستانىنىڭ مەركىزىدۇر. كاشغەر چىننىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن سانىلىدۇ. ۋە ھەم يىپەك يولى مەرۋايىدى دېگەن نامى بار. بۇ شەھەرنىڭ كۆلەمى يىگىرمە توققۇز مىڭ تۆت يۈز يىگىرمە بىر كىۋادرات كىلومېتىر. شەمسىيە بىر مىڭ ئۈچ يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى (مىلادىيە ئىككى مىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى يىلىلار) دىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەرنىڭ جەمئىيەتى ئۈچ يۈز ئەللىگ بىر مىڭ سەككىز يۈز يەتمىش تۆت تەن ئىكەن. كاشغەر خەلقىنىڭ تىلى ئۇيغۇر تۈركىي تىلى ھېسابلىنىدۇ.
تارىخ
جۇڭگوچە يازمىلاردا دېيىلىشىچە، مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى ئىككىنچى ئەسىردە، كېيىنچە ئاراغا ئاينىغان سەك (ساك) لېكسىكىسى ئىشلىتىلگەن ئىكەن. بۇ مەنبەلەردىكى يازما بويىچە، ساكا (ساك) لار كاشغەرنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان. گويا سەكايى قەبىلەلىرى مىلادىيە يۈزۈنچى يىللاردىن تاكى يۈز يىگىرمىنچى يىللار ئارىسىدا، چىن تۈركىي رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ياقلىرىغا ئېغىشقان. ھەم ئۇلاردىن بىر تارمىغى خوتەن ۋە كاشغەرغە يول ئالغان.
شاپۇر (ساسانىي شاھلىرىدىن بىرى بولۇپ، شاپۇر بىرىنچىنى بىلدۈرىدۇ) ساسانىي، زەرتوشت (زورو ئاستېر، ياكى ئاتاشپەرەست) كەئبەسىنىڭ ئويما خەتلىرىدىكى، ئۆزىنىڭ كەڭ ئېمپىرىيەسىنى تەسۋىرلەيدىغان جايىدا، كاشغەر ھەم سوغد (بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلار ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىن بولۇپ، گاھىدا ئۇنى سوغدىيانامۇ دېيىشىدۇ ) ، چاچ (تاشكەند) ۋە مەركەزى سېنا بولغان ئەبەرشەھر (خوراساننىڭ قەدىمىي نامى) ناملىرىنىڭ يېنىدا بولغان بولۇپ، ئۆز دائىرىسىدىكى شەھەرلەرنىڭ سانىدا نام كەلتۈرىدۇ. گويا شاپۇر ساسانىي سۇلالىسىدىن، كاشغەر ھۆكۈمرانلىقىغا كىشى ئەۋەتمەگلىك ۋە شاھى كۇشان ئۇ دىياردا مۇستەقىل پەرمان يۈرگۈزۈگلۈگ ئىكەن. ۋە پەقەت ئىران شاھىغا خەراجگوزار (خىراج تۆلەر) بولغان ئىكەن. كاشغەر تۇنجى قېتىم، خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىغى دەۋرىدە چىنغا باغلانغان.
كاشغەردىكى ئىسلام
كاشغەر جۇڭگودىكى ئىسلامىي مەدەنىيەت مەركەزى ئۇنۋانى بىلەن تونۇلىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بۇ شەھەرنىڭ توقسان سەككىز پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، كاشغەردە ئون مىڭغا يېقىن مەسجىد مەۋجۇد.
مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%DA%A9%D8%A7%D8%B4%D8%BA%D8%B1
|
|