- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2190
- نادىر
- 0
- يازما
- 92
ئۆسۈش
6.33%
|
ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر قىپسىز ، قېرىندىشىم . ماقالىڭىزنى ئوقۇپ بىر ئىش ئسېىمگە كەپ قالدى .قەشقەر دىيارىدىن كەمىنە يۈسۈپقارى 14 يىلنىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپ ئىتىھانىدىن ئۆتۈپ ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كەلدىم ، ياندۇرقى يىلى 5 - ئايلارنىڭ ئوتتۇرلىرىغۇ دەپمەن ، بىر نەچچە ياتاقداشلىرىم بىلەن كونسول كوچىسى ئەتراپىنى ئايلىنىۋىتىپ ، قارىسىام بىر كىشى ھارۋىدا بىر نەرسە سىتىۋىتىپتۇ ، ئەتراپىغا نۇرغۇن خىرىدارلار ئولىشىۋاپتۇ ، يىقىن بىرىپ ئۇنىڭ ئۈجمە (تۇرپان تەرەپلەردە جۈجەم دەمدىكىن) سىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق ھەيران قالدىم .چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا جەنۇپ تەرەپلەردە بىرسى بازاردا ئۈجمە سىتىپتۇ دىسە ، خالايىق چوقۇم شۇ كىشىنىڭ كاللىسىدا دەردى باركەن دىيىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ، مەن تۇغۇلغاندىن بىرى ئەزەلدىن بازاردا ئۈجمە ساتقانلىقىنى كۆرمەپتىكەنمەن ، بۇ ئىشتىن قاتتىق ھەيران قىلىپ ، يىنىمدىكى ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىمغا :توۋا ، ئۈرۈمچىدە ئۈجمىنى پۇلغا ئىلىپ يەيدىكەن ھە ، جەنۇپ تەرەپلەردە دىھقانلارنىڭ ئىشك ئالدىدا ئاساسىي جەھەتتىن دىگۈدەك بىر تۈپتىن ئۈجمە بار ، بىز خالىغان چاغدا يىزىغا چىقىپ ، خالىغان بىر دىھقانغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلىپ ، ئۆيىگە كىلىپ ئۈجمە يىسىەك ھەرگىز ياق دىمەيدۇ ، ھەتتا دوسقانلىرىنى ئىلىپ چىقىپ ، بىزگە ئۈجمە ئىغىتىپ بىرىدۇ دىسەم ، ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىسىم : ماڭاۋا ، نەدىمۇ ئۈجمىنى بىكارغا يەيدىغان ئىش بار دەپ مەندىن بەكرەك ھەيران قالغان . شۇ ئىشلار ھىلىمۇ ئىسىمدە .
شۇنداق دەپ كىلىپ ، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بىزنىڭ بۇ كىچىك يۇرتتىمۇ 5 - ئايلارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ، بىر توپ قىرى ياشانغان بوۋاي - مومايلار يول بويىدا ئولتۇرۋىلىپ ، ئۈجمە ساتىدىغان بولدى ، ھازىر يىزىلارغا چىقساق ، يىقىن تۇنۇش بۆلۈشلەر بولمىسا ، خالىغانچە ئۈجمە يەيدىغان ئىش يۇق ، يىزىلاردا يول بوىدىكى ئۈجمە دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ ، ياڭاق تىكىش مودا بولىۋىدىكى ، ھەممەيلەن ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي دىگەندەك بارلىق ئۈجمە دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلىدى ، كىچىك چاغلىرىمدا بارلىق دىھقانلار مەجبۇرىي پىلە باقاتتى ، ھازىر ھىچكىم پىلە باقمايدۇ ،دىمەك پىلە باقمىغاندىكىن دىھقانلارنىڭ ئۈجمە دەرىخىگىمۇ ھاجىتى چۈشمەيدۇ ، ئۈجمە ھازىر ساتقىلى بولىدىغان تاۋارغا ئايلانغان تۇرسا ، بىزنىڭ قانداقمۇ ھەقسىز يىۋالغىمىز كىلىدۇ دەيسىز . بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالامغا : بالام ، بىز بۇرۇن يىزىلارغا چىقىپ ، ھەقسىز ئۈجمە تىرىپ يەيتۇق دىسەم ، بالام قاتتىق ھەيران قىلىپ ، نەچچە كۈن ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قىلىشى مۇمكىن . ھەي مەمۇرچىلىق............ ھەي مەمۇرچىلىق .................................................... |
|