قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2126|ئىنكاس: 32

مائارىپقا بىر قانچە تەكلىپ (ئەنۋەر داۋۇت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

794

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24844
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 09:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش سېتارىگىيىسىدىن
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە قاراشلىرىم
ئەنۋەر داۋۇت

   دۆلەتنى،جەمئىيەتنى،مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا،مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ئوقۇتقۇچىلاردا.شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتتە.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ،رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى پارتىيە مەركىزى كوممىتىتى ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش سېتىراتىگىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدەياخشىلاندى . ئاساسى مائارىپنى ئاساس قىلغان ، باشقا مائارىپلار تەڭكەش راۋاجلانغان ئومومىي خەلق مائارىپ ئەندىزىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى . ئالى مائارىپنى نىشان، كەسپى مائارىپنى بۆسۈش ئېغىزى قىلغان، قوش تىللىق ئوقۇتۇش كېڭەيگەن، چوڭلارۋە يەسلى مائارىپى بىرقەدەر كۆلەملەشكەن، ئالاھىدە مائارىپ ياخشىلانغان، مائارىپ بىلەن باشقا كەسىپلەرئۆز- ئارا گىرەلەشكەن ھالەت شەكىللىنىپ، ئەنئەنىۋى مائارىپتىن ساپا مائارىپىغائۆتۈش، كونا دەرىسلىكتىن يېڭى دەرسلىككە ئالمىشىش، نوقتىلاردا سىناق قىلىنىشتىن دائىرىگە ئۆتۈش جەھەتلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى . مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىشىشى، زامانىۋىلاشقان ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ دەرىسخانىلەرگە كىرىشى مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىمىزنىياخشى تەرەققىيات ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشلەر ئېلىپ بىرىلىپ، زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.
      ئومومەن ئالغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇشتەك مۇھىم ئىتىراتىگىيىلىك قاراشنىڭ تۈرۈتكىسىدە كىشىنى خوشال قىلارلىق تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، قانائەتلىنىپ كىتىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ،چۈنكى، ئالدىمىزدا توققۇز يىللىق مەجبورى مائارىپ نەتىجىلىرىنى تېخىمۇمۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوموملاشتۇرۇش، ئالاھىدەمائارىپنى ياخشىلاش، كەسپى مائارىپنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش، ئالىي مائارىپنى تېخىمۇقاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىش، رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارنى كېڭەيتىش، مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭدا ھەربىرىمىزنىڭ، بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا جەمئىيەت پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز بار، مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ20نەچچە يىللىق خىزمەت ھاياتىم، جەمئىيەتنى كۈزىتىش ئارقىلىق ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ھەققىدەتۆۋەندىكىدەك قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يولداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچى:
      1 )ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە پارتىيە مەركىزى كومموتىتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇزىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدەھەر قايسى سەپلەر ئىچىدە « مائارىپ ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ » دەيدىغان ئىدىيىۋىي قاراش يەنىمۇ كۈچلۈك ھاسىل قىلىنسا ۋە بۇ قاراش يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىمىزدەھەربىر پۇقرادا، رەھبىرى كادىرلار ئىچىدە ئومومىي قارىشىغا ئايلاندۇرۇلسا ؛ تۈرلۈك ئىشلاردا ، بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرىدا « يېتەكچى ئىدىيە مەنىۋى تۈرۈك ، رەھبەرلىك ئاچقۇچ، ھەرىكەتكە كىلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ھاياتى كۈچ » دەيدىغان ئىدىيەئومومىيۈزلۈك شەكىللەنسە؛ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومومىي جەمئىيىتىگەقارىساق، ئوتتۇرا ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورونلىرىدا خىلى كۆپ رەھبەرلىكنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە ئاساسىي زىھنى باشقا ساھەلەردىكى ئىشلارغا سەرىپ قىلىۋاتىدۇ، بەزى جايلاردا مائارىپقا مەسئول بولۇپ ھوقوق يۈرگىزىۋاتقان رەھبەرلەر ئىچىدە مائارىپ كەسىپ ئەھلى ئەمەس رەھبەرلەرمۇ بار، مائارىپنى مەمورىي جەھەتتىن باشقۇرۇش كۈچلۈك ئەمما كەسپى جەھەتتىن يېتەكلەش يېتەرلىك ئەمەس، نۇرغۇن رەھبەرلەردەيۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كەلسە ھەرىكەتكە كېلىش بار، ئەمما ئۆزلىكىدىن ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىش ئاز، ئەگىشىپ مېڭىش ئوموملىشىپ، « سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇش، سۇ كەلگەندە تۇغان تۇتۇش»قا ئۆزگىرىپ قالغان. شۇڭا مائارىپ مەمورى ئورۇنلىرىغا چوقۇم مائارىپ سىپىدا ئىشلىگەن كەسىپ ئەھلىلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش كىرەك.
      2)ھەر دەرىجلىك مائارىپ مەمورى ۋە كەسپى ئورۇنلارنىڭ ئۆزى باشقۇرىۋاتقان ھەر خىل،ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى دەۋىر روھىغا ماس قەدەمدەباشقۇرۇش ئىشلىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، ئەمماتەلەپتىن يەنىلا يىراق بولىۋاتىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇلۇشى تەكشىسىز، مائارىپ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك ۋە ئورتاق پايدىلىنىش جەھەتلەردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەش،قىسقارتىش، قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردەئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن يېڭى دەۋىردىكى «سولچىللىق » ئەكىس ئالغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. مۇشۇ سەۋەپتىن ناھىيە ۋە شەھەر مەركەزلىرىگە يىراق ئايرىم يىزا بازار مەيدانلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ياتاقلاشقان يىراق جايلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش تەس، ئوقۇسىمۇ ئوقۇش داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولىۋاتىدۇ،بۇنداق بالىلار قۇرامىغا يەتمەيلا ئائىلىگە ،جەمئىيەتكە چىقىپ كىتىۋاتىدۇ.مەن بۇيەردە مەكتەپلەرنى ،بولۇپمۇ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىقوشۇش، قىسقارتىش ئىشىدا ئالدىراپ بىر تاياقتا ھەيدىمەي ، مۇۋاپىق بولغان ئىخچاملاش، يولى تۇتۇلۇشى، خىزمەتلىرىمىز شۇجاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشسا ،پارتىيىمىزنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش ئەنئەنىسى جارى قىلدۇرۇلسا دەيمەن.
       3) مائارىپ يۈكسەلدۈرۈلگەن ئەللەردە مائارىپ ئىشلىرى ياخشى باشقۇرۇلۇش، ياخشى تەشكىللىنىش بىلەن بىرگە پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان ھەرخىل مائارىپ ئىلمىي جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇيۇشمىلىرى كەڭ دائىرىدە قۇرۇلىدىكەن،بۇنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن، مانا مۇشۇ نوقتىدىن ئۆزىمىزنىڭ رايونىغاقارىساق گەرچە رايونىمىزدا ھەرخىل مائارىپ ئىلمىي جەمئىيەتلەر دەسلەپكى قەدەمدەبارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەنلەردە بۇخىل خىزمەتكە ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەھۋاللار بار، رولىنى جارى قىلدۇرۇشمۇ ياخشى ئەمەس، ئىسمى ۋە جىسمى بولغان بىلەن ھەقىقى تۈردە رولىنى جارى قىلدۇرمايۋاتىدۇ. مائارىپ تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ، ئىلمىي مۇھاكىمە قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇقاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىشكە توغرا كىلىدۇ.
    4)ھازىر مەكتەپلەرنى قانون- تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش ئومومىيۈزلۈك تەكىتلىنىۋاتىدۇ،شۇڭا بۇ جەھەتتە يېڭىچە يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ،تۈرلۈك مەكتەپلىرىمىزنى يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە دىموكراتىك ، ئاشكارا ، جەمئىيەتكەيۈزلەنگەن ھالدا باشقۇرۇش تېخى ئومومىيۈزلۈك ئىشقا ئاشمىدى، بىر قىسىم مەكتەپلەردەبولۇپمۇ ئاساسى قاتلامدىكى مەكتەپلەردە ئەمەلىيەتكە، قانون- نىزاملارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ، تازا ئىلمىي بولمىغان باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ھىلھەم مەۋجۈت، بۇخىل ئەھۋال مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى بوغۇپ ، ماھىيەتتە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەكتەپلەردەئەقلىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بىرىلىپ ئەخلاقى ، جىسمانى ، گۈزەللىك جەھەتتىكى تەربىيىگەسەل قاراۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاساسى جەھەتتىن ئىمتىھان نەتىجىسىگەقاراپ باشقۇرۇلىۋاتىدۇ شۇڭا مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋەباھالاش جەھەتتە قەتئىي ھەرىكەتكە كىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
    5) جەمئىيەتنىڭ مائارىپنى قوللاش، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە ئىلگىركىدىن ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس .ھەرخىل قانون ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلىرىنىڭ ئىجدىمائىي، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ،پەن- تىخنىكا ئورۇنلىرىنىڭ ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىمىزغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كىلىدۇ.
    مائارىپ ھەققىدىكى تەشۋىقات تەربىيەخىزمىتى يېتەرلىك ئەمەس ، مائارىپنى قوللاش جەھەتتىكى ئىلغار تىپلار ۋە مائارىپسىپىدە مەيدانغا كەلگەن ئۈلگىلەرنىمۇ كۆپ تۇرغۇزۇپ ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىپ مائارىپ ساھەسىدىمۇ «داڭلىق ماركا » ئارقىلىق ، يىتەكلەش خىزمىتىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق كىرەك . جەمئىيەتتە ، كوچا رەستىلەردە مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىلىرنى ، ۋەرەقلىرىنى باشقا ساھەدىكى ئىشلارنى تەشۋىق قىلغانغا ئوخشاشئ ۇچىرتالمايمىز ھەم مۇنداق مەنىۋى مۇھىت شەكىللەنمىگەن ، شۇڭا مەن پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئۇزۇن مۇددەت ، ئىزچىل مائارىپ ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى مۇھىم دەپ قارايمەن . شۇنداقلا رەھبەرلەرنىڭ ئۆزجايىنىڭ يىزا-ئىگىلىكى ، سانائەت، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەردە «كۈچلۈك، كۆلەملەشكەن» دىگەنگە ئوخشاش سۆزلىرى ئىچىگەمائارىپنىمۇ ئەنە شۇنداق ئاتايدىغان دائىملىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈشنى ۋە ئەمەلىيەتتەكۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
   6) مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۈمۈدى بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومومىي ساپاسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قاتلاممۇ – قاتلام تۈرلۈك تەربىيەلەش يوللىرى ئارقىلىق ئومومىي گەۋدىلىك ياخشىلىنىش بولدى ، بۇنىڭدايۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار كۆپ كۈچ چىقاردى ، ئەمما ئايرىم ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئېڭى يەنىلا تۆۋەن ، ئۆزىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بىغىشلاش روھىمىز كەمچىل،خىزمەت پوزۇتسىيىسى ۋە شان-شەرەپ قارىشى كۈچلۈك ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارغا كىتاۋى بىلىملەرنى كۆپرەك بېرىپ ، ئۇلارغا ياشاشنىڭ، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىتىش تېخى ئاجىز،سوغۇق قانلىق بىلەن ئېيتقاندا ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزدا كەسپى ئەخلاق رېئايە قىلمايدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولمايدىغان، يامان تەسىر بىرىۋاتقان،مائارىپىمىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارھەم رەھبىرى ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا مەۋجۈت.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كىلىدۇ.
      7)ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋىتىش نەتىجسىدە، يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگىرىش، كەسكىن رىقابەت ، تاللاش ۋە شاللاش ئوتتۇرسىدىكى جەڭ گەرچە دۆلىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،رايونىمىزدەك تەرەققىياتتا بىر قەدەر ئارقىدا قالغان شەھەرلىشىش،بازارلىشىش،خۇسۇسلىشىش يەنىلا تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرىۋاتقان جايلارغا نىسبەتەن، ئۆرلەپ ئوقۇش،ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ يەنىلا مەۋجۈت. بۇ ئەھۋاللار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆرلىتىپ ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى تۆۋەن بولۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقى تۆۋەن بولۇشتەك «قوش تۆۋەن» بولۇش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم بالىلار تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قىلىۋاتىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپلا، مەكتەپتىن ھەتتا ئائىلىدىن ئايرىلىپ جەمئىيەتكە چىقىپ «بالا دىھقان،بالائىشچى،بالا كۈتكۈچى،بالا تىجارەتچى ۋە بالا باققۇچى» قاتارلىق «جەمئىيەت بالىلارتوپى »نى پەيدا قىلدى. بۇ بالىلار توپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئۇلارنى ئىللىق ئائىلىگە ۋە كۆڭۈللۈك مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلىشتەك جاپالىق ئەمماشەرەپلىك ئىش كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا . بۇ جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ لىكىن سالمىقى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، بولسىمۇ ئىزچىل ئەمەس. بۇ ئىشتاتۈرلۈك تەربىيە تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ھەرىكەتكە كىلىپ چوڭ بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ، بولۇپمۇرەھبەرلىكنىڭ ، قانون ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋەيوليورىقى بويىچە ھەرىكەتكە كىلىپ قول سېلىپ ئىشلىشىنىڭ ئۈنىمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.
       8)ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومومى گەۋدىلىك يۈكسىلىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى كۈتىۋالغان بولسىمۇ ئەمما، تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىت، يېڭى ۋەزىيەتنى كۈتىۋالغان بولسىمۇ ئەمما، تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىت، رايونىمىزنىڭ ئومومىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەكشىسىز، مائارىپ سىپىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى تەكشى بولمىغان ،شەھەر-بازارلاردا ئوقۇتقۇچىلاركۆپ، چەت يىراق جايلاردا ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك،يىزا-قىشلاقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار شەھەر-بازارلارغا ئىقىپ كىتىش كونىلار بىلەن يېڭىلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش تەس بولۇشدەك ئەھۋاللارساقلانماقتا.مەن بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنىڭ ۋە ئىشتات ئاپاراتلىرىغا ئىشتات تەقسىم قىلىشتا مائارىپ ساھەسىنى ھەرگىزمۇ قىسىپ قويماسلىقىنى،زۆرۈر بولسا مەلۈم جاينىڭ ئومومىي ئىشتاتىنى ساقلاش ئاساسىدا كەسىپلەر ئارا مۇۋاپىق تەڭشەشنى بولۇپمۇبولۇپمۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىشتاتىنى بەكلا قىسىۋالماسلىقىنى ئۈمۈدقىلىمەن . يەنە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى چوڭلار بىلەن يېڭىلارنىڭ ئالمىشىش ھەققىدەچارە تەدبىر ئىلىپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە دەيمەن.
       9) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوبلاست، ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان «ئىككى ئاساسەن خىزمىتى»دە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتاخوشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلدى ئەمما ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن بوشىشىپ كىتىدىغان، ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. مەن ھەر قايسى جايلارنىڭ بۇ خىزمەتنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي بولۇپ، يالغانچىلىق ، كۆزبويامچىلىقلاردىن خالى بولغان ھالدا ئىشلىشىنى، مەجبورىيەت مائارىپنىڭ «مەجبورلاشكۈچى»نى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبورى مائارىپ خىزمىتىنى مۇپەتتىش قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ھەردەرىجىلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇپەتتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى تىخىمۇئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىزمەتتە مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىش خىزمىتىنى مۇمكىن بولسا ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتكوم،ھۆكۈمەتلىرى خۇددى مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە مەكتەپلەرنى تەكشۈرگەندەك تەپسىلى تەكشۈرۈش، مۇپەتتىش قىلىش تۈزۈمى ئېلىپ چىقىلسا، ناھىيە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھەردەرىجىلىك مۇپەتتىشلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاستە ھالدا تىك لىنىيە بويىچە باشقۇرۇلسا ۋە تەيىنلىسە ئۇھالدا مائارىپ مۇپەتتىش ئورۇنلىرىنىڭ رولى ھەقىقى جارى بولارمىكىن دەپ قارايمەن.
        10) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئونۋېرسال دۆلەت كۈچنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىغا سالغان مەبلىغى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ، بۇ جەھەتتە دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزغا سىياسەت ۋە مەبلەخ جەھەتتىن زور ئىتبارلارنى بىرىپ«توققۇز يىللىق مەجبورىيەت مائارىپى»نى ئوموملاشتۇرۇش، كەسپى مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش،ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرنى ھەقسىزلەشتۈرۈش، ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىشلىرىغا نۇرغۇن مەبلەخ ئاجراتتى، نەتىجىدەنۇرغۇن ياخشىلىنىشلار بارلىققا كەلدى . ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىساق تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا بولۇپمۇ مەبلەخ جەھەتتە كۈچەيتىشكە توغرا كىلىدۇ.
      نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا مەجبورىيەت مائارىپىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدەئوموملاشتۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا، كەسپى مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈشتەئومومىي خەلققە يۈزلەندۈرۈش، بولۇپمۇ دېھقان-چارۋۇچىلارنىڭ ، شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە تۈرلۈك ئالىي مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇش تەس ۋە داۋاملىق ئوقۇتۇش تەس ، يىتىم-يىسىرلارنى تولۇق مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش قاتارلىقلار زور بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.بۇ مەسىلىنى پەقەتلا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونغا تايىنىپ ھەل قىلىش ھازىرچە قىيىن،بىزدە «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، تاما-تاما كۆل بولار» دەيدىغان گەپ بار. مەن بۇ يەردەنۆۋەتتە يولغا قويىلىۋاتقان يىزا-قىشلاقلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئارقىلىق پۇخرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەس،ئاغرىقنى داۋالاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلغانغا ئوخشاش، مائارىپىمىزدىمۇ «يېڭىچە ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلسا دۆلەت ،يەرلىك،ئائىللەر ۋە پۇقرالار ھەمكارلاشقان زورئوقۇتۇش مەبلىغى جۇغلىنىپ دۆلەتنىڭ بىر تەرەپتىن يۈكىنى يەڭگىللىتىپ ،يەنە بىرتەرەپتىن دېھقان-چارۋۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىۋاستە نەپكە ئېرىشىپ غايەت زورئجدىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ ، دۆلىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتۇنوم رايونىمىزنىڭ ئومومىي خەلق مائارىپ ئىشلىرى يەنىمۇ تىز يۈكسىلىدۇ دەپ قارايمەن.


ماقالە ئاپتورى:
غۇلجا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەنۋەر داۋۇت
           2007-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

0

تېما

0

دوست

796

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25929
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 13:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرىدا « يېتەكچى ئىدىيە مەنىۋى تۈرۈك ، رەھبەرلىك ئاچقۇچ، ھەرىكەتكە كىلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ھاياتى كۈچ » دەيدىغان ئىدىيەئومومىيۈزلۈك شەكىللەنسە؛ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومومىي جەمئىيىتىگەقارىساق، ئوتتۇرا ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورونلىرىدا خىلى كۆپ رەھبەرلىكنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە ئاساسىي زىھنى باشقا ساھەلەردىكى ئىشلارغا سەرىپ قىلىۋاتىدۇ،

پۈتۈن ماقالىدە بىر جىددى ھەل قىلىدىغان تۇتقا يوقتەك ھىس قىلدىم. يۇقرىقى بىر ئابزاس سۆزنىڭ ھەل بولىشى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يونىلىش ئۆزگەرتىشىدۇر بەلكىم.
يوغان ھوكۈملۈك جىق ، ئىسپاتلاشقا كۈچ يوق .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

796

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25929
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 13:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلاردىن بىز يەنە نېملەرنى كۈتىشىمىز مۇمىكىن، قانداق تەلەپلەرنى قويىشىمىز مۇمكىن؟ مەجبۇرلاشقا مايىل مائارىپ تەربىيەسىدە ، يېڭىلىق يارىتىشتىن مەھرۇم ھالدا بارغانچە زەھەرلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى جەھەتتىكى بىسىم ۋە ئازابلىرىنى پۇتكۈل جەمئىيەت قانچىلىك ئويلىشىپ كۆردى. زامانىمىز تەرەققىيات زامانى دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن  تەرەققىياتنىڭ نېمىلىگى توغرىسىدا ئويلىشىپ باقمىغان بىر تۈركۈم تەرەققىيات ئاڭقاۋلىرى ھەقىقى مەنىدىكى تەرەققىياتنى ئىزدەشكە ماغدۇرسىز كەلگىنىدەك، ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۆزىگە ئاداقىلىش بۇيرۇقى قىلغان بىر تۈركۈم «تەربىيە بەرگۈچى»، ئىجرا قىلغۇچى زاتلار چىن نوقتىدىكى  مۇ ئارىف ئۇسۇلىنى ئىشقا سىلىشقا دەرمانسىز كەلدى.
     ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈمىدنىلا كۈتۈپ ، كۆڭۈل بۈلۈشكە سەل قاراش ياخشى ئەھۋال ئەمەس. سان جەھەتتە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك بىر قانچە نەپەرنىڭ تاسددىپ ھالدا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ قىلىشى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرما بولسىمۇ، سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئۇلار يەنىلا بەك ئازلىق قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئاناتىل خىرىسىغا بەكمۇ تېنىچ ئەمما ئاجايىپ ۋەھشىلەرچە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا تىل ئۆتكىلىدىن ئۈتۈش يەنە قوشلاپ بىسىم ۋە مەجبۇرىيەت ئارتىپ بەردى. ( ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «دۆلەت»تىلى ئىشلىتىلىدۇ، ئاسپىراتلىق، دوكتۇرلۇق، تولۇق كۇرۇس ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلى نەتىجىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ). مۇشۇنداق ئەھۋالدا مائارىپنىڭ نەرىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىنكى؟ قانداقلا بولسۇن نېمىنىڭ موھىملىقى ئېىنىق ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ئىش ھېلىمۇ كىچىكىپ بىر يەرگە باردى. سۇنىڭ بېشى لاي بولغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان تۇرۇقلۇق بىزنىڭ مائارىپ رەھبەرلىرى دەپ ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەشنىڭ قانچىلىك پايدىسى باركىن ؟

0

تېما

1

دوست

2259

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 16:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چوڭ ماۋزۇ ئاستىدا بىر تالاي قۇرۇق گەپ.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5739

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1428
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 18:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتا يېڭى يۈكسىلىشلەرنى كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى .

0

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29994
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 19:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
boran99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 13:24
ئوقۇغۇچىلاردىن بىز يەنە نېملەرنى كۈتىشىمىز مۇمىكىن، ق ...

پاھ دىگىنىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق ھەقىقى ئوقۇتقۇچىكەنسىزھە.
مەجبۇرى مائارىپنىڭ پايدىلىق تەرىپى بولغىنىدەك يەنە پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار.بىز ئوقۇغاندا نەتىجىمىز لاياقەتلىك بولمىساسىنىپ قالاتتۇق شۇنىڭدىنمۇ بۇلسا قوقۇپ ياخشى ئوقۇيىتتۇق،ھازىر بارلىق پەندە 0 نۇمۇر ئالىسمۇ ئوخشاش سىنىپ ئاشىدۇ.بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئارتۇق دەرىس ئازتى ئۈگىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى ئۈگەنگەن ھازىر دەرىسنىڭ بىسىمى ئىغىر،تاپشۇرۇق تىخمۇ ئىغىر بىزنىڭ ناھىيەدە 5سائەت دەرىسكە ھەرخىل بولۇپ 10قىتىم تاپشۇرۇق يۈكلەندى،ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە 35سائەت دەرىس ئۈچۈن 70قىتىملىق تاپشۇرۇق ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ،يەنەكىلىپ ھەرخىل پەنلەرنىڭ تاپشۇرۇقى ئوخشىمايدۇ.بىزنىڭ بۇيەر يىزا بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن مال باقىدۇ،ئىتىز ئىرىق ئىشلىرىغا قارىشىدۇ،تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ۋاقىت يوق ئەلۋەتتە بەزى تىجارەتچى-كادىرلارنىڭ بالىلىرىدىن باشقىلار. ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئۈلگۈرتەممەي دەرىستە تاپشۇرۇق ئىشلىتىپ ئۆزى تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك لىكسىيلەرنى يازغۇزىدۇ. سىياسغا مۇناسۋەتلىك دەرىسلەر ئارتۇق،مائارىپتا شەكىلۋازلىق ئىغىر ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ماۋسۇم بىشىدا باھالاش قىلىمىز دەپ بىرلا دەپ قويسا شۇلار چىقىپ بولغىچە ئوقۇغۇچى بىچارىلار ئەتتىگەن كەچتە مۇزاكىرىنى تاشلاپ چوڭ تازلىق قىلىدۇ.ئەلۋەتتە تازلىق قىلىش ياخشى لىكىن بۇ يىزا يىرىدە كۈندە ھەممە يەرنى ئەينەكتەك تۇتىمەن دىسە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇۋال بولىدۇ.ئالدىنقى يىلى بىزنىڭ مەكتەپتە ‹‹باھالاش››نى ئىككى ماۋسۇم ساقلىدۇق ئىدارە رەھبىرى ئەمەس ئىشىك باقىدىغانلىرىمۇ چىقىپ قويمىدى بىچارە بالىلار 1يىل چوڭ تازلىق ئىشلىدى.
دەپ كەلسەم گەپ جىق،قىسقىسى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرىتمەي،مەمۇرى ئورۇنلار مۇلازىمەت ئورنىغا ئالماشماي رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرىۋەرسە،بىزگە ئادەم تەربىلەيدىغان دەرىسلىك ۋە تاپشۇرۇقلارنى بەرمەي،ئالىم تەربىلەيدىغان تاپشۇرۇقلارنى بىرىۋەرسە،ئائىلىدىن ئىقتىسادى بىسىمىنى كۆتىرىۋىتىپ سىياسى بىسىمنى قىلىۋەسە بىزنىڭ مائارىپىمىز قەتئىلام تەرەققى قىلمايدۇ.مەن تىخى بۇيەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىسىمى ۋە جاپاسىنى دىمىدىم.
يۇقارقىلار بىزنىڭ ناھىيدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى باشقاجايدىكىلەرنىڭكىنى ئۇقمايمەن ئوخشىمايدىغان تەرەپلەر بولسا پىكىرلەشسەك بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29994
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 19:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hayat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 16:26
بەك چوڭ ماۋزۇ ئاستىدا بىر تالاي قۇرۇق گەپ.

ھاھاھاھاھاھاھ!@#$!@$%#@!%$#%@$#@^%$#^
قىززىقچىكەنسىز
ئوقۇتقۇچى ئوخشىمامسىز.

1

تېما

4

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 20:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )