- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1179
- نادىر
- 0
- يازما
- 117
ئۆسۈش
17.9%
|
بۇ ساختا تەرجىمىكەن. نېمانداق قاملاشمىغان ئادەم بۇ؟ يەركەن مىلادى 1- ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكەن دەپتۇغۇ؟ تازا تارخىتىن خەۋىرى يوق نېمىكەن بۇ. بۇنداق ماقالىنى ئۆچىرىۋىتىڭلا. يەركەن مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ساك قەبىلىسىنىڭ پايتەختى بولغان شۇڭا ‹‹ساكارائۇل›› دەپ ئاتالغان. 1514-يىلى سەئىدخان قۇرغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان( مىلادى 1514-1678-يىلىغىچە) ئاماننساخان ۋە ئابدۇرىشىتخانلار ئۇيغۇر‹‹ 12مۇقام›› نى رەتلەپ ئەلگە تاراتقان. 1678-يىلى ئافاق خوجا غالداننىڭ جۇڭغار موڭغۇللىرىنى باشلاپ كېلىپ بۇ مۇقەددەس خانلىقنى ئاغدۇرۋىۋەتكەن. مۇشۇنداق شانلىق تارىخلارنى بىلمەي تۇرۇپ بىلجىرلاپ يۈرگنىنى دەيمەن. يەكەننىڭ نوپۇسى قەشقەر ۋىلاىتيىتى بويىچە ئەڭ كۆپ ناھيە بولۇپ ھازىرقى نوپۇسى 900مىڭغا يىقىنلىشىدۇ. ۋىلايەت بويىچە ئەڭ ئەلۋەك. باياشات زىمىن ھېساپلىنىدۇ. مۇقامچىلىق ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چاقناۋاتقان جاي بۇ . قەدىمدە شەھەر كۆلىمى قەشقەر شەھىدىن چوڭ بولغاچقا ئەل ئارىسىدا‹‹16مىڭ قەشقەر، 32مىڭ يەركەن›› دېگەن سۆز تارقالغان . بۇ دېگنى يەركەننىڭ نوپۇسى قەشقەردىن كۆپ دېگەنلىكتۇر. موللا مۇسا سايرامىنىڭ‹‹ تارىخىي ھەمىدىيە›› ۋە روسيېلىك ئېكىس پىدىتسىيەچى ئا. ن. كورىپاتىكىننىڭ‹‹ قەشقەرىيە›› ناملىق كىتاپلىرىدا ‹‹ يەركەنىڭ نوپۇسى 50مىڭدىن ئاشىدۇ. دەرھال 16مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلاشقا بولىدۇ بولىدۇ›› دېگن ئىبارىلەر بار. تارىخنى بىلمەيدىغانلا ئاغىزىغا كەلگەنچە سۆزلەۋەرسە بولمايدۇ-دە |
|