قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1400|ئىنكاس: 43

[تەرجىمە ماقالە] ياركەند (يەكەن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 23:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياركەند
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش



     ياركەند (يەكەن) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەر ۋە ناھىيەدۇر.

     بۇ شەھەر ئۈچ يۈز يەتمىش ئۈچ مىڭ تۆت يۈز توقسان ئىككى تەنلىك نوپۇسى بىلەن(2003-يىلى)، تەكلىماكان باياۋانى ۋە تارىم دەريا ھەۋزىسىغا جايلاشقان ياركەند شەھىرىستانى، كاشغەر ۋىلايەتىدىكى ئون بىر شەھىرىستاندىن بىرىدۇر.

     ياركەند قەدىمدە، يىپەك يولى جەنۇبى تارمىغىدىكى قەدىمىي بۇددا پادىشاھلىقلىرىدىن بىرىنىڭ پايتەختى ئىدى.

     ياركەند مۇنبەت سەھرا بوستانلىغى، شىمالدىكى كۇنلۇن (پىياز تېغى مەنىسىدە) كۇھىستانىدىن قۇيۇلىدىغان ياركەند دەرياسى تەرىپىدىن سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ بوستانلىق نۋەتتە ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز ئون كىۋادرات كىلومېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە. ئەمما ئېھتىمالغا يېقىن كى، قەدىمقى چاغلار ۋە مىلادىيە ئۈچۈنچى ئەسىردىن باشلانغان باياۋان جانلىنىشىدىن ئىلگىرى، يەنىمۇ زورراق كۆلەمگە ئىگە ئىدى.

     نۆۋەتتىكى ياركەند، ئاساسەن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك شەھەردۇر. بۇ بوستانلىقنىڭ سۇغۇرۇلغان ئېكىنزارلىقلىرىدىن پاختا، بۇغداي، قوناق، ئانار، نەشپۈت، ئۆرۈك ۋە ياڭاق ئېلىۋېلىنىدۇ. قوتاز ۋە قوي ياركەند چۆرىسىدىكى كۇھىستانلىق رايونلارىنىڭ ئەسلىي چارۋالىرىدىندۇر. بۇ رايوننىڭ مەدەنلىرى نېفىت، گاز، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، ئاليۇمىنا، گىرانىت ۋە تاشكۆمۈردىن ئىبارەت.


ئۆتمۈشتە
     ياركەند رايونىدىن، تۇنجى بولۇپ «كېيىنكى خەن تارىخى» (كېيىنكى خەننامە) كىتابىدا شاچې (قەدىمقى چىن تىلى - سايكا) نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن كى، بۇ ئېھتىمالەن مۇشۇ رايوننىڭ ئىرانىي ئۇرۇغلۇق خەلقى، يەنى سەكا (ساك) لار نامى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.

     ياركەند دائىمىي تۈردە، ئۆزىنىڭ ھەمسايەسى بولغان خوتەن، تۇرفان، كۇچا، شانشانغا ئوخشاش پادىشاھلىقلار بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر جەڭدە بولغان. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە بۇ كىچىك پادىشاھلىقلارنىڭ بارچىسى موڭغۇللارنىڭ خەراجگوزارى (خىراج تۆلەر) بولغان ئىدى.

     ياركەند مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئىسلامغا ئەگەشكەن. ئېھتىمالغا يېقىن كى، ئۇنىڭ يازمىلاردا ئون بىرىنچى ئەسىردىن تارتىپ كۆرۈۋارقان بۈگۈنكى نامى، ئېھتىمالغا يېقىن كى يار (تۈركىيدە قورام تاش ۋە قىيساڭ مەنىسىدە) ۋە كەند (پارسىي سۆز تۈپى بولۇپ، شەھەر مەنىسىدە) دىن تەركىبتۇر.

     فارسىي يازمىلاردا ئۇنىڭ نامىنى گاھى ھەم يارقەند سۈرەتىدە يېزىغلىق. «ئانەندراج» دا خوتەن ۋە ياركەند ھەققىدە مۇنۇلار كەلتۈرۈلگەن كى:

     خوتەن ھۆكۈمرانى سەلتەنەتىنىڭ مەركەزى ۋە دارولمولك (پايتەخت) شەھەرىنىڭ نامىدۇر. خۇيى ئوبدان خەلققە ۋە ئۇز قىزلارغا ئىگە بولۇپ، كاشغەر قىزلىرىغا ئوخشاش ھۆسنۇ-جامالۇ-ئەڭلىكۇ-جىلۋەسى بىلەن كوچايۇ-بازاردا ئېچىلىپ-يايرىغان ھالدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ھەر كىشى بىرەر قىز بىلەن قېتىلىش تەلەبدارىدا بولسا، ۋە شۇ جاي بەلگىلىمىسى بويىچە  ئۇ (يەكەن) نىڭ ۋەكىلى ۋە مەنسۇبى (غوجا، ئىگە) ئۇنى قوبۇل قىلسا، ئازغىنە تويلۇق مېلى بىلەن ئۆز ئارا قوشۇلالايدۇ. ئەمما ئەرى ئۇنىڭ كېتىشىنى خاھلىسا، تالاق بەرمىكى لازىم. ئەركەك ئەۋلادى ئاتىسىنىڭ، چىشىسى ئانىسىنىڭ بولار. ۋە بۇلار، يەنى ئۇ جاينىڭ غوجىسى خەتا خاقانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىگلىك ۋە ھۆكۈمى خوتەننىڭ ھەممە جايىدا راۋا بولار.
           ___ كەنت: ياركەند.

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%DB%8C%D8%A7%D8%B1%DA%A9%D9%86%D8%AF


تاشكۇرگان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
                                          تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش





     تاشكۇرگان (ئۇيغۇرچە تاشقورغان ياكى تاشقۇرغان، تاجىكچە Йенги Тоҷик Тошкйрғон) تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، نامى تاش قەلئە دېگەن مەنىدە بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كاشغەر شەھرىستانىنىڭ ناھىيەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگراداشتۇر.


تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
كۆلەمى     : 52400 كىۋادرات كىلومېتىر
جەمئىيەتى : 27800 نەپەر
تور بېكىتى : http://www.tashkurgan.cn/


جۇغراپىيە
     بۇ ناھىيەنىڭ مەركەزى تاشكۇرگان شەھىرى، ناھىيەنىڭ شەرقىدەدۇر. بۇ ناھىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا؛ پامىر تاغلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئۈچ مىڭدىن تاكى ئۈچ مىڭ ئۈچ  يۈزمېتىرغىچە ئارلىقتىكى ئېگىزلىكتىكى پامىر تاغلىرىدا قارارلاشقان. بۇ شەھەر پاكىستان ۋە جۇڭگو ئارىسىدىكى قاراقۇرۇم ئىستىراتېگىيەلىك يولى بويىغا جايلاشقان ۋە پاكىستان چېگرا پوسخانىسى ئۇنىڭ جەنۇبىدا، خونجەراب (قونجىراپ) ئۆتكەلىنىڭ كەينىدە قارارلاشقان. بۇ شەھەرنىڭ چۆرىسىنى ئېگىز-ئېگىز تاغلار ۋە تەبىئىي مۇزلۇقلار مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرغان. ۋە تاشكۇرگان دەرياسى ئۇنىڭدىن جەنۇب-شىمال يۆلىنىش بىلەن ئاقىدۇ. (شەرقۇ-غەرب ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يىپەك يولى زېمىنى لىنىيەلىرى 344، 421، 425، 540، 544، 566-بەتلەر)


تارىخ  (بۇ ئابزاسىدا مەخسۇس مىلادىيە كالېندارى قوللىنىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەزىلىرى ئىزاھلاپ قويۇلدى)
     مۇسۇلمانلار ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى يىللىرىدا تاشكۇرگانغا يېتىپ كېلىشكەن. تۆتىنچى ئەسىردە بۇ شەھەر ئىلخانلار ھۆكۈمەتىنىڭ قارىمىغىدا بولغان ھەمدە شۇلارنىڭ تىرىشىشى ۋە بازارچىلارنىڭ تەرەددۇتىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى شۇ جايدا كەڭەيدى. ئۇ جاينىڭ ئاھالىسى بەشىنچى ئەسىر (مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىر) دە ئىسمائىلىيە (شىئە مەزھىبى ئىچىدىكى تارماق مەزھەب) ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ شۇ جايغا كىرىشى ۋە ناسىر خۇسرەۋ قۇبادىيانىي  (مىلادىيە 1004-يىلىدىن 1088-يىلىغىچە ياشىغان) نىڭ رەئىسلىگىدە، ئىسمائىلىيەگە ئەگەشكەن. تاشكۇرگان يەتتىنچى ئەسىردە موڭغۇللار ئېمپىرىيەسى ھۆكۈمرانلىغىدا بولدى ۋە مۇسۇلمان سەرۋازلارنىڭ بۇ قەۋمگە ھەمراھلىققا كىرىشى بىلەن، ئىسلام ئۇنىڭدا قانات يايدى. ئون ئۈچۈنچى ئەسىردە، ئاغاخان مەھەلاتىي (ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ ئەڭ يۈكسەك كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئۆلگەن يىلى - 1299) نىڭ ھىندىستاندىن ماڭدۇرغان موبەللېغ (دىن تارقاتقۇچى) لىرىنىڭ نوپۇزى تاشكۇرگان ئىسمائىلىيلىرىنىڭ «خاجەۋىي» تارمىقىغا مايىللىقىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە. تاشكۇرگان شۇ ئەسىرلەردە، شىنجاڭنىڭ بۆلەك زېمىنلىرى بىلەن بىللە، بىر مەزگىل يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ) نىڭ رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەتتە بولغان بولۇپ، ئەمما كېيىن قايتىدىن چىنغا باغلانغان. (لى-شىنخۇا 475-بەتتىن 486-بەتكىچە، ما-تۇڭ 48-بەتتىن 50-بەتكىچە)
   
تاشكۇرگاننىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن، جەنۇبىي يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى، تاش ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان قەدىمىي قەلئە بار.

.
خەلق
     تاشكۇرگاننىڭ جەمئىيەتى، بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان بەشىنچى يىلدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، يىگىرمە يەتتە مىڭ سەككىز يۈز نەپەر ئەتراپىدا ئىكەن. تاشكۇرگان ئاھالىسى پامىرىي قەۋم (مۇناسىۋەتلىك پارسىي ماقالىدە، بۇلارغا قارىتا سەل-پەل ئۆزگىچە پىكىر مەۋجۇد بولۇپ، ئۇنىڭدا «پامىرىيلار ئۆز تىلىدا ئۆزلىرىنى پامىرىي ياكى بەدەخشانىي دەپ ئاتايدۇ. ئەمما تاجىكىستاندا تولاراق ئۆزىنى بەدەخشان تاجىكى؛ ئافغانىستان ۋە جۇڭگودا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرىدۇ» دېيىلگەن ئىكەن) لەردىن بولۇپ، جۇڭگودا تاجىك ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان پامىرىيلىرى بىلەن ئوخشاش. ئۇلار تاجىكىي تىل بىلەن سۆزلەشمەيدۇ. ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىلى سەرىكالىي (ياكى سەرىقۇل تىلى) تىلى؛ ۋە ئاز بىر قىسمىنىڭ تىلى ۋەخىي (ۋاخان تىلى) تىلى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى شەرقىي ئىرانىي تىل تارمىقىدىكى، پامىرىي تىللىرى گورۇھىدىن ھېسابلىنىدۇ.


ئىقتىساد
     تاشكۇرگان ئىقتىسادىي نۇقتىدىن، نىسبەتەن نامىرات رايونلار قاتارىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى دېھقانچىلىقنى؛ بولۇپمۇ دانلىق زىرائەت ۋە چارۋىچىلىق (قوي-كالا بېقىش) نى ئاساس قىلىدۇ. تاشكۇرگاننىڭ ئىقتىسادى ئاخىرقى ئون يىللاردا، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قوللۇنىشى (شەمسىيە 1359\ مىلادىيە 1980-يىللار)؛ ۋە شەمسىيە 1372-1379 \مىلادىيە 1993-2000 يىللاردىكى پىلان بويىچە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونى ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئېتىبارىغا ئېرىشىشى سەۋەبى بىلەن روناق تېپىغلىق.

تاشكۇرگاننىڭ پوچتا كودى         :- 845250
تېلېفون رايون نومۇس                :- 998 (0)  89+
ماشىنا تاختىسىنىڭ باش نومۇرى  :- شىن Q


مەنبە:
./forum.php?mod=post&action=edit&fid=15&tid=25798&pid=301617&page=1
  
  ئەسكەرتىش : ئاپتور بۇنى ئىككى تېما قىلىپ يوللىغان بولۇپ ، تېمىلارنىڭ يىغىنچاقلىقى ئۈچۈن ئىككى تېمىنى بىرلەشتۈرۈپ قويدۇق ،توغرا چۈشەنگەيسىلەر

0

تېما

2

دوست

970

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23607
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەننىڭ   نۇپۇسى  1مىليونغا  يىقىنلىشىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

463

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   81.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21586
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن نوپۇسى خاتا ئېلىنىپ قالدىمۇ قانداق؟

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ئاۋۇ ۋىكىپىدىيەدىكى ئەسلى ئادرىسقا بەكرەك كۆز يۈگۈرتۈڭ.
این شهر با جمعیت ۳۷۳٬۴۹۲ (سال ۲۰۰۳)

بۇ يەردىكى سان خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قاپتۇ، دېگەندەك شەھەر ئاھالىسى 2003- يىلى مۇشۇ ۋىكىپىدىيەدىكى بىلەن ئۇيغۇنلىشىشى مۇمكىن، پۈتۈن يەكەننىڭ نوپۇسى بولسا 830مىڭ ئەتراپىدا .

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 12:28:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 12:29  
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 11:52
بۇرادەر ئاۋۇ ۋىكىپىدىيەدىكى ئەسلى ئادرىسقا بەكرەك كۆز ...


خاتالىق تەرجىمىدە ئەمەسكەن. ئۇشبۇ ماقالىنىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخىسىدىمۇ پارسچىدىكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش 373492 نەپەر نوپۇسقا ئىگە دەپتۇ. پەقەت شۇ سىتاستىكا يىلى چۈشۈپ قاپتۇ. ئەمما خەنسۇچە نۇسخىسىدا بولسا 650 مىڭ دەپتۇ. ئېھتىمال چەتئەللىكلەر كۆزدە تۇتۇۋاتقان يەركەننىڭ دائىرىسى ئۇنىڭ ھازىرقى مەمۇرىي بۆلۈنۈشىدىن پەرقلىق بولسا كېرەك. يەنى مەلۇم بىر تارىخى باسقۇچتىكى دائىرىسىنىڭ نوپۇس سانىنى، شۇ يىلقى سىتاستىكىدىن ئايرىپ چىقىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

باشقۇرغۇچىلار ماقالىنىڭكى «ياركەند» بۆلىكىدىكى، نوپۇسى دېگەننىڭ كەينىگە «2003» يىلى دېگەننى قېتىپ قويىڭىزلەر. ئۆزەم قىلار دېسەم تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن.

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 12:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 13:13  

مەن ئەسلى مەنبەدىكى  كونىچە ئەرەب رەقىمى بىلەن يېزىلغان ساننى  ماتىماتىكا قائىدىسى بويىچە سولدىن ئوڭغا  ئوقىۋاپتىمەن.شۇنداقتىمۇ ئەسلى مەنبەگە قايسى يەرنىڭ سىتاستىكىسى ئاساس قىلىندى. بىلگىلى بولمىدى، مەيلى 2003- يىلىدىكى پۈتۈن يەكەن ئاھالىسىنىڭ سانى بولسۇن ياكى ھازىرقى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سانى بولسۇن بۇ سانغا ئازراقمۇ ئۇيغۇنلاشمايدۇ، يەكەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ 2014- يىلىدىكى سىتاستىكىسى 120مىڭ ئەتراپىدا، پۈتۈن ناھىينىڭ نوپۇسى 800مىڭدىن ئارتۇقراق، 2003- يىلىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سانىمۇ 100مىڭدىن ئاشمايدۇ. پۈتۈن ناھىيە نۇپۇسى 700مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 13:30:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 12:58
مەن ئەسلى مەنبەدىكى  كونىچە ئەرەب رەقىمى بىلەن يېزىلغا ...

ئېنگىلىزچە-پارسچە نۇسىىلىرىدا 2003-يىلقى ھازىرقى دەۋردىكى يەكەننىڭ دائىرىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىن تارىختىكى يەكەن ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىنىڭ نوپۇسىنى ئايرىپ چىقاغان بولۇشى مۇمكىن.

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 13:44:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ماقالە ئىمىش
ياركەنت بىلەن تاشقورغاننى ئەمدى پارىسلارغا سوۋغا قىلماقسىكەنسىزدە.ئىرانلىقلار بەردىمۇ بۇ ۋەزىپىنى ياكى كىم بەردى؟
(بۇ ئېھتىمالەن مۇشۇ رايوننىڭ ئىرانىي ئۇرۇغلۇق خەلقى، يەنى سەكا (ساك) لار نامى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.)
ياركەنت بىلەن تاشقورغاندا تۇنجى قىتىم پارىس تىللىقلار ياشىغان بولسا نىمىشقا ئۇ يۇرتلارنىڭ ئىسمى پارىسچە ئەمەس؟ ياركەنت دىگەن بىزنىڭ ئۇيغۇر تۈركىي تىلدا يار-يارغولدىكى يار.كەنت دىگەن شەھەر دىگەن گەپ.تاش قورغان بولسا تاش - بىز بىلدىغان تاش،قورغان - قەلئە دىگەن گەپ. بۇنىڭدىن كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى ئاتا بوۋمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى بۇ يۇرتتا ياشاۋاتىدۇ. سىز بولسا پارىسلارنىڭ ئەجدادى ياشىغان دەپسىز. ساك قەبىلىسىمۇ بىۋاستە پارىسقا تۇتاشمايدۇ.
ئاستا ئاستا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مىڭىسىگە بۇيەر ئەسلى پارىسلارنىڭ يىرى ئىدى دىگەن ئۇقۇمنى سىڭدۇرمەكچىكەنسىزدە؟ لىكىن بۇنداق سۈيقەست ھازىر ئاقمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )