بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل مۇقەددەم گۈزەل ئىلى ۋادىسىغا بىر قېتىم قەدەم باسقانتىم. ئاشۇ سەبىي دەملىرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلاپ داھىيسى مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى باغچىسىدا ئۇنىڭ سۈكۈتكە تولغان قەبرىسىنى ئۈن-تىنسىز زىيارەت قىلىپ قايتقان ئىدۇق. بىراق، سادىر پالۋان بوۋامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىم قانماي تۇرۇپ بۇ گۈزەل زىمىندىن كۆزۈم قىيالماي ئايرىلغانتىم. يىللار ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ بۇ ئارمانىمغىمۇ يېتىدىغان پۇرسەت كەلدى.
2014-يىلى6-ئاينىڭ21-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلى ناھىيسىدە (جىلىليۈزى) شىنخۇا ئاگېنتلىقى توختاملاشقان فوتوسۈرەتچىلەر تەربىيىلىنىش كۇرسى ئاچماقچىكەن، ماڭىمۇ قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى كەپتۇ. ئاشۇ كۈنلەردە مەن ئۈرۈمچى جەنۇبىتاغ يازغۇچىلار ئىجادىيەت مەركىزىدە ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋاتقانتىم. 19-چىسلا قومۇلدىن چىققان ئىككى نەپەر فوتوسۈرەتچى بىۋاستىلا جەنۇبىتاغقا مېنى ئالغىلى كەپتۇ، بىز بىللە غۇلجىغا قاراپ ئاتلاندۇق. يول بويى بالىلىقىمنىڭ ئەسلىمىلىرىدە قېلىپ قالغان ئەستىلەك ئەينەكلىرى قەلىب چوڭقۇرلىرىمدا چاقنايتتى. ھېلىمۇ ئىسىمدە شۇ يىللىرى يول ياقىسىدا يۈز نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان پايانسىز يۇلغۇنلۇق بار ئىدى. يۇلغۇن- مەن ئىز رومانىنى تۇنجى ئوقۇغان كۈنۈمدىن باشلاپ يۈرىكىمنىڭ تومۇرلىرىغا تۇتۇشۇپ كەتكەن خاسىيەتلىك ئۆسۈملۈك. شۇ چاغدا يۇلغۇنلار قىپقىزىل ئوتقاشتەك چېچەكلەپ كېتىپتىكەن. ئەپسوس، بۇ قېتىم مەن كۆرگەن يۇلغۇنلۇق تامامەن قۇرۇپ كېتىپتۇ...ھېلىمۇ ئىسىمدە، سايرام كۆلى، مەن بالىلىقىمدا ھەم ھاياتىمدا كۆرگەن تۇنجى ئەڭ يوغان، ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ گۈزەل، سىرلىق بىر كۆل ئىدى. نىمىشقىكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ساھىلىدىن ئۆتكىنىمدە خۇشال بولالمىدىم...ئۇ بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كەتكەندەك، جىمجىتلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
سايرام كۆلى -ئەركىم
سايرام كۆلى كۆڭلۈم يېرىم باقسام ساڭا، لېكىن يېشىم تاشالمىدى قاراقىمدىن. دولقۇنلىرىڭ يۈرۈكىمگە ئۇرۇلسىمۇ، قارچۇقىمدىن ئاشالمىدى ئازاپلىرىم...
سېنى بەزلەپ ياتقان بۈيۈك تاغ-داۋانلار، سېنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ بەردى ئاسمانلىرىڭ. ئاقماقتىمەن ئىلى تامان تەلكە، كەڭساي، دىلدا زىكرى قەھرىمانلىق داستانلىرىڭ...
سايرام كۆلى قۇيىلىسەن ئۆز-ئۆزەڭگە، سىڭگەن كەبى كۆز ياشلىرىم يۈرۈكىمگە...
2014-يىلى6-ئاينىڭ20 كۈنى
سەپەر داۋاملاشماقتا...بالىلىقىمنىڭ گۈدەك ھېس-تۇيغۇلىرى شۇقەدەر غۇۋا ھالەتتە كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتىۋاتىدۇ. مەن ئىلىغا كەلگەن زامانلاردا ئاتا-ئانام ياش ئىدى. شۇ قېتىملىق سەپەرداش چوڭلاردىن نۇرغۇنلىرى كېتىپ قالدى. ئاتا-ئاناممۇ ياشاندى، قاپقارا بوستان چاچلىرى ئاقاردى، يىللارنىڭ رەھىمسىز يالدامىلىرى يۇمران يۈزلىرىنى ئۆمۈچۈك تورىدەك قاپلىدى. ئاشۇ زامانلاردا ئاغزىدىن سۈت ھىدى كەتمىگەن مەنمۇ چوڭ بولدۇم...شۇ يىللىرى ئىلى دەرياسىدا چۆمۈلگىنىم تۆنۈگۈنكىدەكلا ئىسىمدە، ئىلىنىڭ سۈينى ئىچىپ، قۇلىقىمدىكى مەرەز جاراھەتمۇ ساقىيىپ كەتكەنتى. گەرچە بۇ قېتىم ئىلى دەرياسى ۋە ھەيۋەتلىك ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكىنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ ئۇنىڭ تارمىقى بولغان قاش دەرياسىنى بولسىمۇ كۆرگەن بولدۇم. بىراق، قاش دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقان تۇرقىدىنلا ئىلىنىڭ قىسمىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى...
2014-يىلى6-ئاينىڭ21-كۈنى ئىلى ناھىيە مېھمانخانىسغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 100 گە يېقىن فوتوسۈرەتچى جەم بولۇپ(بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر فوتوسۈرەتچى كەلگەن ئىكەنمىز، بىرى مەن يەنە بىرى ئۇستازىم پولات نىياز...)، مولتوختىيۈزى ئەتىراپىدىكى ئۈستىقۇددۇس گۈللىكىگە قاراپ ئاتلاندۇق. شۇ كۈنىدىن باشلاپ پائالىيەت بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا تاكى پائالىيەت ئاياغلاشقۇچە باشقا ھېچقانداق بىرەر ئىشقا ۋاقىت ئاجىرىتالمىدىم. ئىلىنىڭ توغراسۇ، ياڭغۇزقارىغاي، تاشقورا يايلاقلىرىدا ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، توغرا سۇ سەپىرىدە سادىر پالۋاننىڭ ئەۋلادىدىن بىر بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. مولتوختىيۈزى ئارائۆستەڭدىكى تەبىئىي پۇتبول مەيدانى، يۇقىرى تايىر يۈزىدىكى مەشرەپلەر تازا ئەۋجىگە چىققىنىدا ئۆزەمنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ يۇرتلىرىدا يۈرگەنلىكىمنى بىلەلمەپتىمەن...
پۈتۈن ئەس يادىم بىرەر پۇرسەت چىقىرىپ 20 نەچچە يىل بۇرۇن بارالمىغان بىر مۇقەددەس تۇپراقنى ئىزلەيتتى. ئۇدۇم قىلساڭ ئۇلىشىسەن دېگەندەك، بۇ پۇرسەتمۇ ئۆگىنىش كۇرسى تۈگىگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن كەلدى. تۆگە مىنىپ تۆگە ئىزلەپتۇ، دېگەندەك مەن ئىزلەۋاتقان سادىر پالۋان بوۋامنىڭ قەبرىسى مېھمانخانىدىن 2-3كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. تاكسى توسۇپ ئىنتايىن تېزلا مەنزىلگە يەتتىم. يولنىڭ ياقىسىغىلا جايلاشقان بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى سادىر پالۋاننىڭ زىيارەتگاھىنىڭ ئالدىدىن كۈندە ئىككى قېتىم ئۆتكەنلىكىمنى بۇ يەرگە كەلگىنىمدىلا بىلدىم. باغچىنىڭ ئالدىغا بىر تاش ئابىدە تىكلەنگەن ئىكەن.
بۇ مەڭگۈ تاشنى 2006-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورناتقان ئىكەن. مەن تاكسىچى يىگىت بىلەن باغنىڭ ئىچىگە ھاياجان ئىلكىدە قەدەم باستىم. باغ ئىچىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال كېلىش مەقسىتىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن بىر ئادەمگە ئون يۈەن ھەق ئالىدىغانلىقىنى دىدى. ھەقنى تۆلەپ بولۇپ ئۇدۇل زاتى مۇبارەكنىڭ قەبرىسىگە قاراپ يول ئالدىم، يولنىڭ ئىككى تەرپى ئۆرۈك، ئالما دەرەخلىرى بىلەن تولغان ئىدى. 5-10مېتىر ئارلىق قويۇلۇپ تاختايلارغا سادىر پالۋاننىڭ قوشاقلىرى يېزىلىپتۇ.
قەبرىگە كېتىۋېتىپ باش-ئاخىرى يوق خىياللارغا، چەكسىز ھاياجانلار دېڭىزلىرىغا غەرق بولدۇم. نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا توردىن سادىر پالۋان قەبرىسىنىڭ مۇڭلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولغانتى. ئۆز يۇرتىنىڭ، مىللىتىنىڭ، ۋەتتەننىڭ ھۆرلۈك قەھرىمانلىرىنى ئۇنتۇش ئەڭ چوڭ مۇناپىقلىقتۇر. ھۆرلۈك يولىدا قان تۆككەن، جان بەرگەن نىلىغان ئارىسلانلىرىمىز قەبرىسىز قالدى، قەبرىلىرى بارلارنىڭ قەبرىلىرى نىمە سەۋەبلەردىندۇر يوقۇلۇپ كەتمەكتە. مەسلەن : قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ سەردارى تۆمۈر خەلپىنىڭ قەبرىسى ئىزناسىز يوقالدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۆتكۈر ئەپەندىم تەرپىدىن مەڭگۈ يىقىلماس ، يۈتمەس ئەسەر << ئىز>> تۆمۈر خەلپە ئۈچۈن مەڭگۈتاش بولۇپ تىكلەندى. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ بۇ ئۆلمەس ئەسىرىنىڭ قىممىتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ كېتىش تەس. مانا مەن ھازىر سادىر پالۋان قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىۋاتىمەن. بۇۋىمىزنىڭ قەبرىسى مەسئولىيەتچان يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن تەرپىدىن قايتىدىن ئوڭشىلىپتۇ. تۇرسۇن ياسىن 1999-يىلىدىن باشلاپ ئىزچىل سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسىنى قوغداپ كېلىۋاتقان ھەقىقى ئىلى ئوغلانىدۇر. ئىلى ئوغلانلىرىلا بولىدىكەن پالۋانىمىزنىڭ قەبرىسى مەڭگۈ مۇڭلانمايدۇ...
قەبرىنى زىيارەت قىلىپ، ياۋۇز دۈشمەنگە بىر ئۆمۈر تېز پۈكمەي، رەھىمسىز دۈشمەننىڭ ئوقىدا ئەمەس، ئۆز ئەجىلى بىلەن كۆز يۇمغان قەھرىمان بوۋامنىڭ روھىغا ئاتاپ ياخشى تېلەك، دۇئالار ئوقۇپ قايتاي دەپ تۇرسام ئۈستۈمدىن بىر مۈشۈك ياپىلاق ئۇچۇپ ئۆتۈپ قەبرىنىڭ ئاياق تەرپىدىكى قارغايغا قوندى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ئەتىراپنى جەڭگىۋارلىق بىلەن كۈزەتمەكتە. توساتتىن بۇ زۇلمەتلىك كېچىدىكى ئۇچقۇر ئوۋچىنىڭ بۇ باغقا كەلگەنلىكىدىن خۇش بولدۇم...چۈنكى، باغچىدا ئۇ بولىدىكەن ئوغرى چاشقان، شەپەرەڭلەر ئەمدى ئەركىن -ئازادە يايلىيالمايدۇ، ئەلۋەتتە...
2014-يىلى7-ئاينىڭ8-كۈنى قومۇل
|