ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
«ئاۋام قاشاڭ كېلىدۇ، مەتبۇئات ئۇنى يېتەكلىشى كېرەك» دېگەنىكەن بىر پەيلاسوپ. بەرھەق، تارىختىن بۇيان ئاۋامنى يېتەكلەشتە مەتبۇئاتلارنىڭ رولى ئالتۇندىن ئارتۇق بولۇپ كەلدى، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە زامان تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولمىش توردىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنمەس سېھرىگەر ئىنسانىيەتنىڭ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش شەكلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. تور دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا تالاي تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يېپەك يولىنىڭ تۈگىنى بولغان دىيارىمىزغا يېتىپ كەلدى ۋە يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى تور ئارقىلىق ئۇچۇر – ئالاقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، زامانىۋىيلىقنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە ئانچە چىقىپ كەتمەيتتىم، چىقىپ قالسام «ULINIX.CNئۇلىنىش سىن» غا چىقىپلا بولدى قىلاتتىم. ئويلاپ باقسام ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى كۇتۇپخانىلاردا كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ھەر ۋاقىت مۈرەمگە ئېسىپ يۈرىدىغان سومكامغا دائىم كىتاب سېلىۋېلىپ، بىكار بولساملا ئوقۇپ يۈردۈم، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ كەلگەن دوستۇم ئابدۇۋەلى ئالىم ئويتاغ بىلەن ئىلمىي مۇنازىرىدە بولۇپ قالدىم، مۇنازىرە جەريانىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ خېلىلا كەڭلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن:
ـــ سىز شۇنچىۋالا كۆپ بىلىملەرنى قەيەردىن بىلدىڭىز،ـــ دەپ سورىدىم.
ـــ مۇنبەرلەردىن بىلدىم، مېنىڭ كىتاب ئوقۇشتىن سىرتقى بىرىنچى قىزىقىشىم مۇنبەر كۆرۈش، بولۇپمۇ «باغداش مۇنبىرى» گە ئەڭ كۆپ چىقىمەن، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلاردىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خادىمى، ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى، ئۇيغۇر ئالىمى قەيسەر مىجىت، ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ئويغاق زىيالى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئامېرىكا جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ماتېماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى قاتارلىقلارنىڭ، شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىلاردىن ئەزىز ئەيسا، ئابدۇرېھىم ئابلەتخان، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قاتارلىقلارنىڭ نادىر يازمىلىرى بېرىلىدۇ، مەن شۇلاردىن مەنىۋى ئۇزۇق ئېلىپ، بىلىم دائىرەمنى مۇكەممەللەشتۈرىمەن،ـــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
ئويتاغنىڭ سۆزلىرى مېنى چۇڭقۇر ئويلاندۇردى، شۇ كۈندىن باشلاپ مۇنبەر ئارىلايدىغان بولدۇم، دېگەندەك مۇنبەرلەردە تولىمۇ ياخشى مەزمۇنلار باركەن. بولۇپمۇ «باغداش مۇنبىرى» مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۈندە دېگۈدەك باغداش مۇنبىرىگە چىقىدىغان، گاھىدا ئۆز يازمىلىرىمنى مۇنبەرگە يوللايدىغان بولدۇم، شۇ جەرياندا باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، سەگەك ياش ئەكبەرجان ئەسەت باغداش بىلەنمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم، ئۇ 2008 – يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، باغداش تورىنى 2006 – يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا قۇرغانىكەن. بۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈن ئەكبەرجان ئەسئەتتىن توربەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئىشلارنى سورىدىم.
ـــ بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن مېنى ئالاھىتەن ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلىدى، پاراڭ ئارىلىقىدا ئەركىنجان تۇراخۇن ماڭا «مەن دائىم باغداش تورىدىكى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن» دېدى ۋە تورىمىزغا يۇقىرى باھا بېرىپ، تورىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇ قېتىملىق كۆرۈششتە ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ماڭا زور ئىلھام بولدى. مانا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خېلى كۆپ ئۇيغۇر رەھبەرلىرى تورىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر خانىم ئىشلىرىمىزغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ يەردە مەن ئۇنىڭغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى، دوكتۇر ئارسلان ئابدۇللا تەھۇرمۇ توربېتىمىزگە ھەر ۋاقىت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بىز بۇلتۇر شىنجاڭ باغداش ئېلېكتىرون پەن – تېخنىكا شىركىتى بولۇپ قۇرۇلغانىدۇق، يېقىندا شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەبلەغ بىلەن قوللىشى ئاستىدا باغداش تورى ئەپ دېتالىنى ئىشلەپ، ھەقسىز تارقاتتۇق. نۆۋەتتە شىركىتىمىزدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ھەمدە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستوتىنىڭ تولۇق كۇرۇس ۋە ئاسپىرانتلىقىتدا ئوقۇۋاتقانلاردىن بولۇپ مۇقىم ۋە پىراكتىكانت 10 دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار. بىز ئالدىمىزدا شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن – تېخنىكا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە بىر قانچە تور تۈرلىرىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز،ـــ دېدى ئەكبەرجان ئەسەت باغداش .
باغداش قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان خەلق تورىدا زىيارەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئېنتېرنىت تور كەسپى 2000 – يىلىدىن باشلانغان. مانا ھازىر خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت، پەخرىدىن قارلۇققا ئوخشاش ئۇچۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە توردىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنالايدىغان 2 – چوڭ ئۇچۇر گەۋدىسىگە ئايلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ ئېنتېرنېت تور كەسپىگە ئائىت قانۇنلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تور ئالدامچىلىقى، توردا تۆھمەت قىلىش، توردا پىتنە – ئىغۋا تارقىتىش، توردا ئەخلاقسىزلىق ۋە چۈشكۈنلىككە ئۈندەش قاتارلىق قىلمىشلار قانۇن بويىچە تۈزۈملەشتۈرۈلدى. لېكىن، بىر قىسىم ئەخلاققا ياتىدىغان نۇقتىلاردا يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەۋھۇم ھالەتتىكى سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن سۆز - چۆچەك تارقىتىدىغان، ئىلمىي ئەمگىكىگە باھا بەرمەي، خۇسۇسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆز – چۆچەك تارقىتىدىغان قىلمىش ئەۋجىگە ئالدى. مەن ئۇشبۇ يازمام بانىسىدا مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ پۇشتى بولغان ھەربىرىمىزنىڭ توردىن ئىلمىي پايدىلىنالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتور باغداش شىركىتىدە زىيارەتتە
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزدىن كۆپ ساندىكىلىرى ئابسىتىراكىت سۆيگۈدىن چىقىپ، مىللەتنى كونكىرىت سۆيۈشكە قەدەم بېسىپ، ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە ئەسەر بېرىۋاتقان، شۇنداقلا ساغلام ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قىسىملىرى مۇنبەر ئارىلىمايۋاتىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ساداسىغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇلار ئابدۇكېرەم ئابلېز «تىرىك بولساڭ توردا تىللايدۇ، ئۆلۈپ قالساڭ گۆردە تىللايدۇ» دېگەندەك مۇنبەرلەرنى پەقەت ئادەم تىللىنىدىغان، ئەخلەت ئىنكاسلار يوللىنىدىغان ئورۇن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىشىنىمۇ خاتا دەپ كېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بىر قىسىم تور ئەخلاقىغا دىققەت قىلمايدىغان، چۈپرەندە كىشىلەر تورنىڭ ئوبرازىنى بۇلغىدى، مۇنبەرلەرنى ياغلىق قاپاق قىلىپ قويدى، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ئويغاق پىكىرلىك تورداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا ئۇتۇقلار مەيدانغا كەلگۈسى. ئۇيغۇر تورچىلىقى دىيارىمىزدىن چەتئەللەرگە چىقىپ مۇساپىر بولۇۋاتقانلار بىلەن دىيارىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرىدىغان ھەقىقىي كۆۋرىكى، كىملا كىرسە ئىلىم جاۋاھىراتلىرىنى سۈزەلەيدىغان بىپايان سۈزۈك دېڭىزغا ئايلانغۇسى!!!
ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھەقىقىي سەركىسى بولغان باغداش تورى ـــ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالىڭنىڭ تېخىمۇ پارلاق، ئىشلىرىڭنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. زىيالىلىرىمىزنىڭ جەمگاھىسەن، ياشلىرىمىزنىڭ مۇڭباغىسەن، يازمىلىرىمىزنىڭ ئەلگەكىسەن، مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ غەمخانىسەن!!!
2014.7.8 شەھىرى ئۈرۈمچى
يازما ئاپتورى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي تېمىلار مۇلاھىزىچىسى، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى.
|