ھاياتلىق بولسا بىر مۇرەككەپ ئىمتىھان سۇئالى. ھاياتىڭدىكى ھەر بىر ئادەم بولسا سەن ھەل قىلدىغان مەسلە. بەزى سۇئاللارنىڭ نۇمىرى بەك ئاز، ئىشلىمەك تولىمۇ ئاسان. چۈنكى ئۇلار بىردەمدە غايىپ بولىدۇ. دېمەك ئۇ نۇمۇر ئېتىبارسىز، لېكىن سەن ئۇنىمۇ چوقۇم ئېلىشىڭ كېرەك، يەنە بەزى سۇئاللار سەل قىيىن ئۇنىمۇ ھامان ئىشلىيەلەيسەن، ئۇ سۇئال تۇرمۇشتىكى يېقىن ئادىمىڭدۇر! سەن ئۇلارغا بىرئۆمۈر ئىگە بولىسەن. يەنە بەزى سۇئال بەك تەس سەن ئۇنى چوقۇم خاتا ئىشلەيسەن، ئۇلار دەل ھاياتىڭغا خاتا كىرىپ قالغانلار، سەن چوقۇم ئۇ نۇمۇردىن ۋاز كېچىشىڭ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلشىڭ كېرەك، مۇشۇنداق ياشىساڭ، ئاخىرى غەلبە ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ دەل سەن ئىزدەۋاتقان بەخىت
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
ھەر قېتىم ئۈيىڭىزدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ شۇ قىزرىپ پىشقان ئاق نان، گىردەك نانلارنى يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، شۇ ناننىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئۇ نان سىز ئويلىغاندەك ئاسان قولغا كەلمىگەن. ئۇ بىر دېھقاننىڭ جاپا تارتىپ تېرىشى، پەرۋىش قىلىشى، سۇغۇرىشى، ئوتىشى، ئاخىرىدا ئىسسىقتا جاپالىق ئۇرىشى بەدىلىگە، تۈگمەنچىلەرنىڭ جاپالىق شارائىتتا ئۇنغا ئايلاندۇرىشى بەدىلىگە، ناۋايلارنىڭ شۇ قوللارىنى نەچچە يۈز گىرادوسلۇق تۇنۇرغا تېقىپ پىشۇرشى بەدىلىگە كەلگەن. شۇڭا ناننى قەدىرلەڭ ئىسراپ قىلماڭ، خارلىماڭ
ھەقىقىي مۇھەببەت ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە، ئېسىل ماشىنىلاردا، قىممەتلىك كىيىملەردە بولماستىن، بەلكى نامرات بولسىمۇ بىر-بىرىگە ھەقىقىي كۆيگەن، بىر-بىرىنى ھەقىقىي سۆيگەن كۆڭۈللەردە بۇلىدۇ. مەيلى باشقا قانداق كۈن كەلسۇن، ئۇلار مەڭگۈ بىللە بۇلىدۇ، بىر- بىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر!
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
توۋا، بۇ ھايات دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن دېسە. قاچاندىدۇر بىر كىتابدىن :« شەيتان ۋە نەپسىمدىن باشقا دۈشمىنىم يوق » دەپ ئۇقىغان ئىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇنىڭ قىلىغماس ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالمىدىم...
نەپىس ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەتەن چوڭ دۈشمەن ئىكەن نەپىس ئادەمنى شان شۆھرەت، ھۇقۇق ئابروي ئۈچۈن ھەرتەقدىر پۇتۇڭنى سۇندۇرۇۋەتسە ،
ئۇ يەنى ساڭا ئاقساپ مېڭىشنى ئۇگتىدۇ .مانا بۇ ھايات.قانداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلايتىكەن، ئادەم ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوسلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ قۇيدىكەن. ھەي ھايات نېمىدىكەن رەزىل، نېمىدىگەن يىرگىنىشلىك!
ئەي قۇدرەتلىك تەڭرى، نەپىسنىڭ، شان-شۆھرەت ھۇقۇق ئابروينىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىغايسا نەپىسنىڭ قۇل قىلىشىدىن يىراق قىلغايسە....
ئابدۇخېلىل قۇتتېكنن
بۇ دۇنيا قۇنالغۇ ھەممىمىز مېھمان،
كېتىمىز دۇنيادىن بىر كۈنى ھامان.
ياشايلى دۇنيادا مۇھەببەت بىلەن،
چۈنكى بىز ھېسياتچان مېھىرلىك ئىنسان.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
ھەرقانداق بىر ئەر چوقۇم ئۆز كۆڭلۈدە بىر ئايالنى ياخشى كۈرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمسە ياخشى كۈرۈش دېگەن نېمە؟ ياخشى كۈرۈش ھەرقانداق بىر كىشى ئۈزى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن تاغدەك يۈلەنچۈك بۇلالىشى، ئۈزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ياخشى كۈرۈشى، ئۇنى قوللىشى، ئۇنى تەرەققى قىلىدۇرۇشى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئەركەكنىڭ ياخشى كۈرۈش ئۇسۇلى بۇلىشى كېرەك.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
بەزىدە سىز ئارزۇ قىلغان بەخىت ، مۇھەببەت سىزگە تەئەللۇق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۇسۇلىڭىز توغرا بولمىغان مۇمكىن. مۇھەببەت ئاجاىىپ ئۇلۇغ بىر نەرسە، بەزىدە سىز ئۇنى توغرا كونتىرول قىلالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاخىرى ئۇ سىزنى ھالاك قىلىشى مۇمكىن. مۇھەببەت ئەسلىدە شۇنچىلىك ساپ،ھالال بۇلىشى، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ، ساپ ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەي خار-زار بۇلىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەت. مانا بۇ تەقدىر بىلەن ئويناشقانلىقىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى. ھەر قانداق بىر ئىش چېكىدىن ئىشىپ كەتسە، باشقا بالا بۇلىدۇ.
شۇڭىلاشقا ئۈزىمىز ئارزۇ قىلغان مۇھەببەتكە، بەخىتكە توغرا يول بىلەن ئىرىشەتلى.. تەغدىرىمىنى ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئۆزگەرتەيلى..!
قۇتتېكىن ئەبجەش خىياللىرى
ھەر قېتىم باشقىلارغا تۆھمەت قىلىپ، مال-دۇنيا ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۈزىنى بۇياپ، مەنپەئەت ئۈچۈن قۇل بولغان ۋاقتىڭىزدا بۇ دۇنيادا ھەقىقەتتىن ئىبارەت ئادالەت تارازىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئاجىزلارنى ھۇقىقىڭىز ئارقىلىق مەغلۇپ قىلىپ ئۇلارنى ئۈلۈم گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويغان ۋاقتىڭىزدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ كۈن مېنىڭ بېشىمغا كەپ قالسا قانداق قىلارمەن دېگەننى ئويلاپ قۇيۇڭ، بىلىپ قۇيۇڭ بۇ دۇنيادا ھەقىقەت ھامان پۇتتۈرەپ تۇرىدۇ. مال-دۇنيا، نام -شۆھرەت سىزنى ئۈزىگە قۇل قىلغاندا، سىز بىلىپ بىلمەي ھالاكەت يۇلىغا كىرىپ قالىسىز! مال-دۇنيا، ھۇقۇق ئابروي ، نام شۆھرەت سىزنى قۇل قىلسا، سىز بەلكىم يېقىن ئادەملىرىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ قۇيىشىڭىز مۇمكىن!
قۇتتېكىن ئەبجەش خىياللىرى
ياغە يامغۇر ياغە.....
ياغە يامغۇر ياغە، زېمىن ئۈستىدىكى مەينەتچىلىكتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كەتسۇن!....
ياغە يامغۇر ياغە، ئېچىڭدىكى بارلىق دەرىتلىرىڭ مۇشۇ يامغۇر ئارقىلىق پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتسۇن !
ياغە يامغۇر ياغە،يۈرىكى يالغانچىلىق دەستىدىن قارا بۇلۇپ كەتكەنلەر ، ئەسلى يۈرەكنىڭ قىپقىزىل گۆش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتسۇن! ...
ياغە يامغۇر ياغە، سېنىڭ شۇ پاك، ھېچقانداق خىمىيىلىك ماددىلار ئارلاشمىغان خىسلەتلىك سۈيۈڭ ھەممە كىشىنى پاكىز يۇيۇپ قويسۇن!
ياغە يامغۇر ياغە، مەن سېنىڭ شۇ خىسلەتلىك تامچىللىرىڭ ئاستىدا بارلىق ئازابلىرىم پاكپاكىز تۇق كەتسۇن! مەن ئەتىدىكى پارلاق قۇياش نۇرىدا چىرايلىق ھەسەن ھۈسەنلىرىڭنى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلاي!
مەنبە: قۇتتېكىن تەپەككۇر جەۋھەرلىرى