موھەممەد يەئقۇب بىگ
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
تەۋەللۇدى : 1820
پېسكەنت ۋاپاتى : 1877
كاشغەر
لەقەب : ئەمىرى كاشغەرىيە
موھەممەد يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ) - ئەتالىك غازىي نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، مەۋقەيى كاشغەرىيە پادىشاھلىقىغا يەتكەن تاجىك تەۋەككۇلچىدۇر.
ھاياتنامە
ئۇ مىلادىيە بىر مىڭ سەككىز يۈز يىگىرمىنچى يىلى خوقەند خانلىغىنىڭ پېسكەنت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، زادگاھى (تۇغۇلغان جايى) بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتىگە جايلاشقان. ئۇ خوقەند خانلىغى لەشكەرىي كۈچلىرى ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئالغا باستى. بىر مىڭ سەككىز يۈز قېرىق يەتتىچى يىلىدىكى ئاق مەسجىدنىڭ روسلار قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن بىرئاز ئىلگىرى، شۇ جاي قەلئەيىنىڭ قوماندانى بولغان ئىدى. ئاندىن كېيىن بوخاراغا باردى. بىر مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش بەشىنچى يىلى، مەۋقەيى كوكەند (خوقەند قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا يەتتى. خۇي (خۇيزۇ) لارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى توستى ۋە كاشغەر ھەم ياركەندنى چىنلىقلار قولىدىن تارتىۋالدى. بىر مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش يەتتىنچى يىلغا كەلگەندە بۆلەك رايونلار، جۈملىدىن ئاكسۇ (ئاقسۇ) ۋە كۇچا شەھەرلىرى ھەم، ئۇنىڭ قارىمىقىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزىنى، پايتەختى كاشغەر بولغان كاشغەرىيە ھۆكۈمرانى قىلدى. ئۇنىڭغا ‹ئەتالىك غازى› لەقەبىنى بېرىشكەن زامانلار مۇشۇ ئىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ (كاشغەر) نىڭ ئىلگىرىكى ئۆز رەئىسى شەيخ بوزورگ خان (جاھانگىر خاجەدىن قەپقالغان تەنھا نەقشبەندىي شەيخ) نى ئىستىسنا قىلدى ۋە ئۆزىنى ئەمىر ئاتىدى. نەچچە يىل خوقەند خانلىغى كوللېكتىۋىدا بولدى. ئەمما ئاخىرىدا ئۆز ئىگىدارلىغىنى ئېلان قىلدى. يەئقۇب بىگنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلىغى، ‹كاتتا ئويۇن› (بېرىتانىيە ۋە چار روسىيەدىن ئىبارەت ئىككى كاتتا ئېمپىرىيەنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە لەشكەرىي رىقابەتىگە بېرىلگەن نامدۇر) نامى بىلەن شۆھرەتكە ئىگە، مۇستەملىكىچى چار روسىيە، بېرىتانىيە ۋە، چىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى كونتىرول قىلىشى ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان چاغلىرى بىلەن ھەمزامان (زامانداش) ئىدى. يەئقۇب بىگنىڭ كاشغەرىيەسى بارا-بارا كەڭەيدى. ۋە ھەم، تاكى ئۇرۇمچى(ئۈرۈمچى) ۋە تۇرپانغا قەدەر يەتتى. يەئقۇب بىگ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كۈچلىرىنى چىنىي مۇسۇلمانلار بىلەن جەڭلەشتۈردى. يەئقۇب بىگ چىنىي مۇسۇلمانلار بىلەنكى جەڭ ئۈچۈن قوشۇن ياللايتتى. ئۇ روسىيە ئېمپىرىيەسى ۋە بۈيۈك بېرىتانىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتىيۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئارقا تېرەك قىلىپ، چىن ئېمپىراتۇرلۇغىنىڭ مۇقابىلىدا تۇرغىلى مۇۋەپپەق بولالمىدى. ئاخىرىدا چىنىي كۈچلەر، گېنېرال سۈي ۋە گېنېرال خۇانىڭ رەھبەرلىگىدە، يەئقۇب بىگ لەشكەرىنى تارمار قىلدى. يۇقۇرى سېلىق ۋە قوپال دىنىي قانۇلار، يەئقۇب بىگنىڭ تۈرك پۇقرالىنى يەئقۇب بىگدىن تولىمۇ نارازى قىلغان ئىدى.
يەئقۇب بىگنىڭ ئۆلۈمى
ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى نائېنىقتۇر. لوندون تايمىس گېزىتى ۋە روسىيە تۈرك گېزىتى، ‹يەئقۇب بىگ قىسقىغىنە بىر بىيمارلىقتىن كېيىن تۈگەپ كەتتى› دەپ خەۋەر بەرگەن. ئۇنىڭ بىلەن ھەمئەسىر (ئەسىرداش) لىك تارىخ پۈتۈكچى شەرھ بەردى كى، ئۇ بىر مىڭ سەككىز يۈز يەتمىش يەتتىنچى يىلى كورلادا، ياركەندنىڭ سابىق ھاكېمى نىياز ھاكېم بىگنىڭ قولىدا زەھەرلەنگەن ئىدى. ئەلبەتتە ھاكېم بىگ بۇ ئىشنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنى ‹ئۆلۈۋالدى› دېگەن مۇددەئىيدە بولدى. زەھەرلىنىش نەزەرىيەسى كۆپىنچە مۇسۇلمان تارىخ پۈتۈكچىلىرى تەرىپىدىن مۇھاكىمىدە بولغان ۋە ئۆلۈۋېلىش نەزەرىيەسى چىنىي قوماندانلار تەرىپىدىن. ئەمما بۈگۈنكى تارىخ بىلەرلەرنىڭ تولاراقىنىڭ نەزەرى ‹تەبىئىي ئۆلۈم› دەدۇر. يەئقۇب بىگ ۋە فەرزەندى ئىشانە بىگنىڭ جىنازەسىنى، ئۇلارنىڭ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى ئۈچۈن كۆيدۈرۈۋېتىشكەن ئىدى. ھەم ئۇنىڭ بۆلەك فەرزەندلىرى ۋە خوتۇنلىرى ياكى ئۆلتۈرۈلگەن، ياكى چىنلىقلارغا ئاسارەت بولغان ئىدى.
يەئقۇب بىگ مىراسى
يەئقۇب بىگنىڭ ئۆلۈمى بىلەن، كاشغەرىيە تېز سۈرئەتتە پارچە-پارچە بولدى. ئۇنىڭ پايتەختى كاشغەرىيە دەسلەپتە چىن ئېمپىبىراتۇرلۇغىنىڭ ، ۋە ئاندىن چىن جۇمھۇرىيەتىنىڭ قولىغا ئۆتتى. بىر قىسىم مەنبەلەر شۇ ئىشەنچتە ئىكەن كى، يەئقۇب بىگ مەقبەرەسى كاشغەر شەھىرىدە قارارلاشقان ۋە چىنلىقلار قولى بىلەن يەر بىلەن يەكسان بولغان ئىكەن.
ۋاسىتەلىق مەنبە:
ۋىكىيپېدىيا ئىشتىراكچىلىرى؛ ‹yaqub beg› ئېنگىلىزچە ۋىكىيپېدىيايى
بىۋاسىتە مەنبە :
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D9%85%D8%AD%D9%85%D8%AF_%DB%8C%D8%B9%D9%82%D9%88%D8%A8_%D8%A8%DB%8C%DA%AF
|